2 – باب

تەۋرەش

ئا ق ش – جىھادچىلار ئۇرۇشى

ئامېرىكا دەۋرى سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغان 1991 – يىلىدىن تارتىپ باشلاندى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى بىلەن ئا ق ش دۇنيادىكى بىردىنبىر دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچكە ئايلاندى. 21 – ئەسىر، 2001 – يىلى 11 – سېنتەبىردىن باشلاپ ھەقىقىي رەۋىشتە باشلاندى. سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ ئون يىلدىن كېيىن، ئايروپىلانلار دۇنيا تىجارەت مەركىزىگە ۋە پېنتاگون ( بەش بۇرجەكلىك بىنا )غا سوقۇلدى. بۇ ئامېرىكا دەۋرىنىڭ تۇنجى رەسمىي ئېمتىھانى بولدى. بۇ ئۇرۇشنىڭ ئا ق ش بىلەن جىھاد تەرەپتارلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش بولۇپ – بولمىغانلىقىنى مۇنازىرە قىلىشقا بولىدۇ. لېكىن بۇنىڭ ھەقىقەتەن ستىراتېگىيلىك مەقسەتكە ئىگە زەربە ئىكەنلىكى ئېنىق. بۇ پۈتۈن ئۇرۇشلارغا ئوخشاش ئۆزىنىڭ گورىنى ئۆزى كولىغان بىر ئۇرۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
كىشىلەر « ئۇزۇن بىر ئۇرۇش »تىن سۆز قىلىشماقتا ۋە ئا ق ش بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ بىر ئەسىر بويىچە ئۇرۇش ئىچىدە بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت چۈشەنچىگە ئىگە. بۇ يەردە ئېنىق بولغان نەرسە شۇكى، بۇنىڭ ئۆتكۈنچى بىر مەزگىل ئىكەنلىكى. يىگىرمە يىللىق بىر نوقتىدىن قارىغاندا، توقۇنۇشلار داۋام قىلىشى مۇمكىن، لېكىن ستىراتېگىيلىك كۆرەشتە ئامېرىكا كۈچلىرى بىر نەتىجىگە ئېرىشىدۇ. ئەل قائىدە ( بازا تەشكىلاتى ) مەقسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا مەغلۇب بولدى. ئا ق ش جۇغراپىيلىك سىياسەت نوقتىسىدىن قارىغاندا، رادىكال ئىسلامچىلارنى مەغلۇپ قىلىشتا كۆڭۈلدىكىدەك بىر نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى. شۇنداقتىمۇ 21 – ئەسىر قارىماققا بىر مەغلۇبىيەت ۋە سىياسىي خىجالەت بىلەن، ئەمما ئىنچىكىلىك بىلەن قارىغاندا ئامېرىكا زەپەرى بىلەن باشلىدى.
ئەل قائىدىنىڭ 2001 – يىلىدىكى مەقسىدى ئا ق ش غا ئادەتتىكىدەك بىر زەربە بېرىش ئەمەس. ئۇنىڭ مەقسىتى ئامېرىكىنىڭ ئاجىزلىقىنى كۆرسىتىش ۋە ئەل قائىدىنىڭ كۈچىنى تونۇتىدىغان بىر ئەمەلىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش ئىدى. ئەل قائىدە ئامېرىكىنى ئاجىز كۆرسىتىپ، ئىسلام دۇنياسىنىڭ ھاكىميەتلىرىنى ئۆزى تەرەپكە تارتىشنى مەقسەد قىلغان بولۇپ، مىسىر، سەئۇدى ئەرەبىستان، پاكىستان ۋە ھىندونېزىيىگە ئوخشاش دۆلەتلەرنىڭ ھاكىمىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىش ئۇلارنىڭ بىرىنچى مەقسىتى ئىدى.
سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىشىنىڭ خەلقئارا تەرتىپكە بولغان تەسىرى چوڭ بولدى. بۇ ھەقىقەتەن ھەيران قالارلىق بىر ئۆزگۈرۈش ئىدى. كۈچلۈك سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ئا ق ش خەلقئارا سىستېمىدا تەڭپۇڭلۇق شەكىللەندۈرگۈچى دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچلەر ئىدى. بولۇپمۇ ھەر تەرىپى ئۇرۇش پارتىلاش ئېھتىماللىقى بىلەن قورشالغان سوۋېت ئىتتىپاقى ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئەڭ كىچىك بىر ھەرىكەت ئۇرۇش چىقىشىغا سەۋەب بولالايتتى. بۇ سەۋەپتىن مەيلى سوۋېت ئىتتىپاقى بولسۇن، مەيلى ئامېرىكا بولسۇن بۇنداق بىر ھەرىكەتكە يول قويمايتتى. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىىنىڭ ئەڭ قىزىقارلىق ئالاھىدىلىكى، ئەسلىدە يۈز بەرمىگەن پۈتۈن ئۇرۇشلار مەنىسىنى ئىپادىلىشى بولۇپ، گىرمانىيە سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنمىغان، باسرا قولتۇقىدا ھېچقانداق بىر توقۇنۇش بولمىغانىدى. ھەممىدىن مۇھىمى ئاتوم بومبىسى بىلەن قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلمىغان.
كېيىنكى يىگىرمە يىلنى ئەستايىدىللىق بىلەن تەتقىق قىلىش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇلار كېيىنكى بىر ئەسىردە ئوتتۇرىغا چىقىدىغان ۋەقە – ھادىسىلەرنىڭ ئاساسلىرىنى شەكىللەندۈرمەكتە. بۇ بابتا كەلگۈسىنىڭ ئورنىغا ئۆتمۈش ھەققىدە كۆپرەك توختىلىشىمنىڭ سەۋەبى بۇ. ھەيۋەتلىك ئارغامچا مۇسابىقىسىدە بىر تەرەپنىڭ ئارغامچىسىنىڭ تۇيۇقسىز ئۈزۈلۈپ كەتكەنلىكىنى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلانغانلىقىنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈڭ. ھازىرغىچە ئارغامچىدا تۇرىۋاتقان تەرەپ غەلىبە قىلىدۇ. لېكىن، ئۇ تەڭپۇڭلىقىنى يوقۇتۇپ قويغانلىقتىن، ئۇنىڭ زەپىرى چوڭ مالىمانچىلىق ۋە قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىدۇ. ھەر ئىككى تەرەپتىن پۇختا باغلانغان ئارقان بوشاپ كەتكەن بولۇپ، ئارقانلار تەخمىن قىلغىلى بولمايدىغان شەكىلدە ھەرىكەت قىلىشقا باشلىدى. يەنى ئىككى لاگىرغا ئايرىلغان دۆلەتلەر ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت قىلىشقا باشلىدى.
بەزى ئۆزگۈرۈشلەر تىنچلىق ئېلىپ كېلىدۇ. گىرمانىيە قايتىدىن بىرلىككە كەلدى، ئۇكرائىنا ۋە بىلروسيە قاتارلىق بالتېق دېڭىزى بويىدىكى دۆلەتلەر يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىقتى. چېخىسلوۋاكىيە چېخ ۋە سلوۋاكىيىدىن ئىبارەت ئىككىگە بۆلۈندى. باشقا ئۆزگۈرۈشلەر تېخىمۇ قاتتىق بولدى. رۇمىنىيە داۋالغۇشلۇق بىر ئىنقىلابنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى، يۇگوسلاۋىيە پۈتۈنلەي پارچىلاندى.
ھەقىقەتەن سوۋېت ئىتتىپاقى تەسىر دائىرىسى ئىچىدىكى دۆلەتلەر ئارىسىدا ئەڭ سۈنىئى ھالدا شەكىللەندۈرۈلگەن دۆلەت يۇگوسلاۋىيە ئىدى. ئۇ بىر مىللىي دۆلەت ئەمەس بولۇپ، ئۇ ئوخشىمىغان، بىر – بىرىگە دۈشمەنلىك قىلىدىغان مىللەتلەر ۋە دىنلار يىغىلغان بىر يەر ئىدى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى غالىپلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان يۇگوسلاۋىيە، ياۋروپادىكى ئەڭ ئەشەددىي دۈشمەنلەرنىڭ بەزىلىرىنى بىر قەپەسكە سولاپ قويغاندەكلا بىر دۆلەت ئىدى. ئۇرۇش غالىپلىرى بالقانلاردا باشقا بىر ئۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ھەر تەرەپتىن بەلگىلىك مىقداردا زېمىن بېرىلگەن بىر دۆلەت شەكىللەندۈرۈش نەزەرىيىسىنى تەدبىقلىغانىدى. بۇ غەلىتە بىر نەزەرىيە ئىدى. يۈگوسلاۋىيە، قەدىمكى ئىستىلالار ئاساسىدا قۇرۇلغان، ھازىرغىچە ئۆز كىملىكلىرىگە مەھكەم ئېسىلغان، مىللىي كىملىكلىرى شەكىللىنىپ بولغان مىللەتلەرنىڭ ئارخىئولوگىيىلىك قېزىلمىسىدىن ئىبارەت.
تارىخ نوقتىسىدىن قارىغاندا، بالقانلار ياۋروپادىكى يانار تاغ ئىدى. بۇ يەر رىملىقلارنىڭ ئوتتۇرا شەرىققە، تۈركلەرنىڭ ياۋروپاغا چىقىش يولى بولۇپ، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى بالقانلاردا باشلىغانىدى. ھەر بىر ئىستىلا، ئارقىسىدا بىر – بىرىدىن نەپرەت قىلىدىغان بىرەر مىللەت ياكى بىرەر دىنى قالدۇرغانىدى. ھەر بىر گورۇپ رەقىبىگە قارشى ئىرقى قىرغىنچىلىققا بارغۇدەك دەرىجىدە ئاداۋەت تۇتقان ۋە بۇ قەتلىئاملار خۇددى تۈنۈگۈن بولغاندەك ئۇنتۇلمىغانىدى. بۇ يەردە بىر – بىرىنى ئەپۇ قىلىش ۋە ئۆتمۈشنى ئۇنتۇش مەۋجۇت ئەمەس.
يۈگوسلاۋىيە ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە پارچىلانغانىدى. خىرۋاتلا گىرمانىيە تەرەپتە، سىرىپلار ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر تەرەپتە تۇرغانىدى. كېيىن ھەر قايسى تەرەپلەر جوسېف تىتونىڭ كوممۇنىستىك تۈزۈمى ئاستىدا قايتىدىن بىرلىككە كەلتۈرۈلدى. يۈگوسلاۋىيە ئىدىئولوگىيە جەھەتتىن ماركسىزمچى بولسىمۇ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى ئىدى. بۇ دۆلەت سوۋېت تەسىرى ئاستىدا تۇرۇشنى خالىمىغان بولۇپ، ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلاشقانىدى. ناتو ( شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ) بىلەن ۋارشاۋا ئەھدى تەشكىلاتى ئارىسىدا قالغان بىر كۈچ سۈپتىدە مەۋجۇدلىقىنى ساقلاپ كەلگەنىدى.
1991- يىلى بۇ قۇرۇلما پارچىلاندى. بۇ چوڭ يەر تەۋرەش سەۋەب بولغان گىئولوگىيلىك دەز( چاك )گە ئوخشايتتى. ئۈستى يېپىپ قويۇلغان ۋە ئۇخلۇتۇپ قويۇلغان مىللەتلەر تۇيۇقسىز ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت قىلىدىغان مەيدانغا ئىگە بولدى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇرۇن ئاڭلاپ باقمىغان ئىسىملار، يەنى سىربىستان، خىرۋاتىستان، قاراتاغ، بوسنا – ھەرسەك، ماكىدونيا، سولوۋىنىيە قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھەر بىرسىنىڭ ئىچىدىكى باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر ئومۇمىييۈزلۈك ھالدا بۆلۈنۈپ چىقىشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، بۇ رايونلارنى توقۇنۇشلار قاپلىغانىدى. بۇ مەزگىل 21 – ئەسىرنىڭ بالدۇر شەكىللىنىشىدىكى مۇھىم بىر دەۋر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
يۇگوسلاۋىيە ئۇرۇشى ئادەتتىكى رايون خاراكتېرلىك بىر ۋەقە سۈپتىدە خاتا بىلىنمەكتە. ماھىيىتى بۇلار بىلەن چەكلىك ئەمەس. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشىغا بېرىلگەن تۇنجى ۋە ئەڭ باشتىكى ئىنكاس بولۇپ، ئەللىك يىل بويىچە بېسىم ۋە دېكتاتۇرلۇق بىلەن مەۋجۇدلىقىنى ساقلاپ كەلگەن تۈزۈم سۇ يۈزىگە چىقتى. تاقىلىپ قالغان چىگرالارنىڭ ئېچىلىشى نەتىجىسىدە يەر شارى خاراكتېرلىق ئۆزگۈرۈش مەيدانغا كەلدى.
يۇگوسلاۋىيىدىكى ئۇرۇش شۇنداقلا يۈز بەرگەن بىر ۋەقە ئەمەس. بۇ پەقەت ۋە پەقەت دەسلەپكى يېرىق بولۇپ، بۇ چاك شىمالغا قاراپ داۋاملىشىپ شىمالىي ئافغانىستان ۋە پاكىستاننى قورشاپ تۇرغان ھىندۇقۇش تاغ تىزمىلىرىغىچە كېڭىيىدۇ. يۇگوسلاۋىيىدە پارتىلىغان ۋولقان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى بىلەن باشلانغان چوڭ بىر تەۋرەش ئۈچۈن بىر باشلانغۇچ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.