2 .دەۋرى
1.2. ئىسلام تەپەككۇرىنىڭ بارلىققا كېلىشى
ھەسەن ئەلبەسرى ياشىغان دەۋرنى، « ئىسلام تەپەككۇرىنىڭ بارلىققا كېلىش دەۋرى » دېيىشكە بولىدۇ. تەرجىمىھالىنى بايان قىلغان ۋاقتىمىزدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن شۇ دەۋردىكى مۇھەممەد بىن ئەلىنىڭ « مەدىنە مەكتىۋى »دىن قالسىلا، ئەلبەسرىنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى « بەسىرە مەكتىۋى » كەلمەكتە. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مەككە مەكتىۋى ۋە كۇفە مەكتىۋىنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش كېرەك.
مەدىنە مەكتىۋىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇھەممەد بىن ئەلى (81 / 700 ) بولۇپ، ھەزرىتى ئەلىنىڭ بۇ جاپاكەش ئوغلىنىڭ ھاياتى ئاچچىق قىسمەتلەر بىلەن تولغان. دەسلىۋىدە دادىسى ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كۆزى ئالدىدىلا شېھىت قىلىنغان، كېيىن ئاكىسى ھەسەننىڭ زەھەرلىنىپ ئۆلتۈرۈلىشىگە شاھىت بولغان، ئەڭ ئاخىرىدا يەنە كۆز ئالدىدا ئاكىسى ھۈسەيىن (61/681) قەتلى قىلىغانىدى. ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئوغلى ھەسەننىڭ، ئۇمەييە ئوغۇللىرى ئۈچۈن ھاكىميەتتىن ۋاز كېچىشى مۇھەممەت ۋە باشقىلارنى ئۈمىتسىزلەندۈرگەنىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارمۇ سىياسەتتىن قول ئۈزۈپ، ئۆزلىرى قۇرغان مەكتەپلەردە بارلىقىنى ئىلىم – ئېرپان ئىشلىرىغا ئاتىغان.
مۇھەممەت بىن ئەلىنىڭ ئىككى ئوغلى ھەسەن ۋە ئەبۇ ھشام، ھەزرىتى ھەسەننىڭ ئىككى نەۋرىسى ئابدۇللاھ ۋە ھەسەن، ئابدۇللاھنىڭ ئىككى ئوغلى مۇھەممەت ۋە ئىبراھىم، ئۇنىڭدىن باشقا ئەبۇ زەرنىڭ تالىپى مابەد ئەلجۇھەنى، ئۇنىڭ تالىپى غەيلان بىن مۇسلىم ئەد دەمەشىقى، ئابدۇراھمان بىن ئەۋفنىڭ نەۋرىسى سائىت بىن ئىبراھىم، ساد بىن ئەبى ۋاققاسنىڭ نەۋرىسى ئىسمائىل بىن مۇھەممەت، ئەرەپ تىلىدا تۇنجى زىر – زىۋەرنى تۈزگەن ئەبۇ ئەسۋەد ئەد دۇئەلى قاتارلىقلار مۇھەممەت بىن ئەلى قۇرغان « مەدىنە مەكتىۋى »نىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى كىشىلىرى ئىدى. بۇلار ئىسلام تارىخىدىكى تۇنجى تەپەككۇر مەكتىۋىنىڭ مەنسۇپلىرى ئىدى. ئىمام زەينەلئابىدىن (ئەلى بىن ھۈسەيىن )، ئەبۇ جافەر ئەلباقىرنىمۇ بۇ مەكتەپنىڭ بىر ئۇقۇغۇچىسى دەپ ھېساپلايمىز.
ئەھلى بەيت ( رەسۇلۇللاھنىڭ ئائىلىسى )كە ۋەكىللىك قىلىدىغان بۇ مەكتەپ ئىسلامى زۇھتى ( دۇنيا سۆيگۈسىنى قەلىپتىن چىقىرىۋېتىش ) نىڭ ئانا مەنبەسى بولۇش بىلەن بىرگە، ئىسلام تەپەككۇرىنىڭ تۇنجى مەركىزى سىستېمىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. ئىسلامدا پەلسەپە تەپەككۇرىنىڭ مەيدانغا كېلىشى ھەققىدە ئىككى جىلىت چامىسىدا بىر ئەسەر يازغان ئەلى سامى ئەننەششار، بۇ مەكتەپنىڭ مەنسۇپلىرىنى « ئەركىن ئىرادىلىكلەر » دەپ ئاتىغان (نەششار، 2-جىلىت، 63-82 ).
« مەدىنە مەكتىۋى » دەپ ئاتاشقا بولىدىغان بۇ مەكتەپ قۇرۇلغان ۋاقىتتا، ھەسەن ئەلبەسرى مەدىنىدىن ئايرىلغان ئىدى.
تۈنجىسىغا ئوخشاش سىستېمىلاشمىغان بولسىمۇ، ئىككىنجى بىر مەدىنە مەكتىۋىنىڭ مەۋجۇدلىقىدىن سۆز ئېچىشقا بولىدۇ. بۇ مەكتەپنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تۇتاشتۇرغان ھالقا ھەزىرتى ئۆمەر ئىدى. ئۇنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھ بىن ئۆمەر، سائىت بىن ھۈسەيىن، ئىمام مالىك قاتارلىق ئالىملارمۇ بۇ مەكتەپنىڭ ۋارىسلىرى بولدى. ھەسەن ئەلبەسرىنى بۇ مەكتەپنىڭ بەسىرەدىكى سىستېمىلاشتۇرغۇچىسى دەپ قاراشقا بولىدۇ. بۇ ۋەجىدىن ئەلبەسرىنىڭ بەسىرە مەكتىۋىنى ھەزىرتى ئۆمەر ئارقىلىق ئاللاھ رەسۇلىغا تۇتاشقان ئىككىنجى مەدىنە مەكتىۋى دېيەلەيمىز. بۇ مەكتەپ ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ تەھقىقچى ( دەلىل – ئىسپاتقا تايانغان ھۆكۈم ) ۋە دىرايەتچى ( يىراقنى كۆرەلەيدىغان ) ئىزىدىن، ئۇنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھ ئارقىلىق رىۋايەتچى تەرەپكە قاراپ يۈزلەندى ۋە بۇرالدى. بىزنىڭچە ھەسەن ئەلبەسرى بۇ مەكتەپنى تەھقىقچى ۋە دىرايەتچى يۆنىلىشكە قايتۇرۇپ كەلگەن كىشىدۇر.
ئابدۇللاھ بىن ئابباس يېتەكچىلىك قىلغان كۇفە مەكتىۋى، مۇجاھىد بىن جەبر، ئاتا بىن ئەبى راباھ، تەۋۇس بىن قەيسان، سائىد بىن جۇبەير، ئىكرىمە قاتارلىق ئىزباسار ئىماملارنى يېتىشتۈرۈپ چىققانىدى. بۇ مەكتەپمۇ تەھقىق ۋە تەفەققۇق ئەھلىنىڭ مەكتىۋى ئىدى.
ئابدۇللاھ ئىبن مەسئۇد يېتەكچىلىك قىلغان كۇفە مەكتىۋىنىڭ ۋارىسلىرى ئەلقامە، ئىبراھىم ئەننەھائى، ھامماد ۋە ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنىفە بولۇپ، بۇ مەكتەپ ئىسلام مەكتەپلىرى ئىچىدە « رەي مەكتىۋى » دەپ نام چىقارغانىدى. بۇ مەكتەپمۇ تۇنجى ئۇقۇغۇچىللىرىدىن تارتىپ ئىمام ئەبۇ ھەنىفىگە قەدەر ھاكىميەتنىڭ زۇلۇمى ۋە بېسىمىغا دۇچ كەلدى. ئىبن مەسئۇد تېخى ھەزىرتى ئوسماننىڭ خىلاپىتى دەۋرىدىلا، ھاكىميەتنىڭ خاتالىقلىرىغا كۆز يۇممىغانلىقى ئۈچۈن قارنى يېرىپ تاشلىنىپ، ئۈچەيلىرى ئېلىپ تاشلاندى. ئىبراھىم ئەننەھائى ۋە ھامماد دائىم بېسىم ئاستىدا ياشىدى. ئەبۇ ھەنىفە ھەم ئەمەۋىلەرنىڭ ھەم ئابباسىلار خاندانلىقى زۇلۇمغا ئۇچرىدى ۋە ئەڭ ئاخىرى ئەبۇ جەفەر مەنسۇر تەرىپىدىن زىندانغا تاشلىنىپ قامچىلاندى، ئاقىۋەتتە زەھەرلىنىپ ئۆلتۈرۈلدى ( بۇ ئېھتىمال كۈچلۈك ).
بۇ مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسى قۇرۇلغان رايۇنلارنى بىرەر ئوچۇق ئالىي بىلىم يۇرتىغا ئايلاندۇرغان ئىدى. ئۇ ۋاقىتلاردا پەرەز قىلغىنىمىزدىنمۇ جانلىقراق بولغان بىر ئىلىم ۋە تەپەككۇرغا تولغان ھايات بار ئىدى. ھوقوق تاماسىدا كۆزى كور بولغان سىياسىئۇنلارنىڭ قانلىق قوللىرى بۇ ھۆر تەپەككۇر مۇھىتىغا سوزۇلمىغان بولسا ئىدى، ئىسلام تارىخىنىڭ يۆنىلىشى باشقىچە رەۋىشتە تەرەققىي قىلغان بولاتتى.
بۇ مەكتەپلەرنىڭ ئىچىدە بەلكىم ئەڭ رەڭدار بولغىنى « قەدەر رىسالىسى »نىڭ مۇئەللىپى ھەسەن ئەلبەسرىنىڭ مەكتىۋى ئىدى. ئۇنىڭ مەكتىۋى ھەر خىل دەرسلەر ئۆتۈلگەن ئالىي مەكتەپ فاكولتېتلىرىنى ئەسلىتەتتى. دەرىسلەرنىڭ مەلۇم يېرىدە زىرەك ۋە تەھقىق ئەھلى تالىپقا، قۇرئاننى قانداق چۈشۈنۈپ ھاياتقا تەتبىقلاشنى ئۇگەتسە، باشقا بىر يېرىدە سورالغان بىر سۇئال ئارقىلىق، بىر فېقىھ مەسىلە ئۈستىدە قانداق مۇلاھىزە قىلىش ئۆگىتىلەتتى. دەرس ھالقىلىرىغا قاتناشقۇچىلار ئىچىدە ئۇنىڭدىن ھەدىس ئۆگىنىشكە تىرىشۋاتقانلار بولغاندەك، پەتىۋا سورايدىغانلارمۇ بار ئىدى. ئۇ بەزىدە ئەرەپ تىلىنىڭ ۋە بالاغىتىنىڭ ئىنچىكە نوقتىلىرى ھەققىدە دەرس بەرسە، بەزىدە ئىسلام قانۇنى ۋە مەھكىمەئى شەرئى ئۈستىدە توختىلاتتى. بۇ دەرسلەر جەريانىدا ئۇ يەردىكى خەلقتىن ئۇنىڭغا ئەقىدە قىلىدىغانلارغىمۇ ۋەز – نەسىھەت قىلاتتى.
ھەسەن ئەلبەسرىنىڭ رىۋايەتچى ئەمەس، دىرايەتچى، تەفەققۇق ۋە تەھقىق ئەھلىدىن بولغان بىر ئالىم ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭغا نىسبەت بېرىلگەن بۇ ئىپادە ناھايىتى يارقىن ھالدا ئىپادىلەپ بېرىدۇ: « ئاللاھ، پەقەت ئىلمى بولغانغا ئەمەس، كەڭ دائىرىلىك چۈشەنچە ۋە چۈشۈنۈش قابىلىيىتى بولغانلارغا ئىتىۋار بېرىدۇ ». ئۇنىڭ يېنىدا بىر كىشىنىڭ سالىھ ۋە ياخشى بىر ئادەم ئىكەنلىكى تەرىپلەنسە، ئۇ دەرھال : « كاللىسى ئىشلەمدۇ ( ئەقلىنى ئىشلىتەمدۇ )؟ » دەپ سورايتتى.
ئىمام ئەلبەسرى دەرس بېرىش ئۈچۈن بەسىرە مەسچىتىنى مەكتەپكە ئايلاندۇرغان ئىدى. ئۇ مەسچىتتە دەرس بېرىۋاتقاندا تالىپلىرى ھالقىلار شەكىللەندۈرۈپ ئولتۇراتتى. ئاساسلىق ھالقىدا ئۇ ئۆزى بىۋاستە دەرس بېرىۋاتقان تالىپلار ئولتۇراتتى، ئاندا – ساندا دەرسكە قاتنىشىدىغانلار ياكى ئاڭلاش ئۈچۈنلا كېلىدىغانلار ئۇ ھالقا ئەتراپىدا ھالقا شەكلىدە ئورۇن ئالاتتى. بىر قېتىم ئۇ رىۋايەتنى ھەقىقەتتىن ئۈستۈن تۇتىدىغان ۋە بۇ سەۋەپتىن سەھىھ – زەئىپ دېمەستىن ھەر رىۋايەتكە مەھكەم ئېسىلۋالىدىغان، تاپالمىغاندا ئۆزى توقۇپ چىقىرىدىغان ئۆلۈك مەلۇمات بىرىكمىسى يىغىشقا ھېرىسمەن تەقلىتچىلەرنى ئىما قىلىپ، « بۇلارنى ھالقىنىڭ سىرتىغا چىقىرىۋېتىڭلار » دېگەن ئىدى. بۇ ۋەقەدىن كېيىن بۇ خىل كىشىلەر « ھاشۋىيە » دەپ ئاتالغان. ھاشۋىيە ئىلىمنى زاماسكا ئورنىدا ئىشلىتىپ، ئوبىيكىتنىڭ ماھىيت ( مېغىزى )نى تاشلاپ قويۇپ شاكىلى بىلەن مەشغۇل بولىدىغان، كېرەكسىز ئىلىمنى يىغىپ ھە دەپ بازارغا سالىدىغانلارنى »، ئىخچاملىغاندا « ئۆلۈك ئىلىم ھەۋەسكارلىرى » دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
ھاشۋ ئەھلى، قۇرئاندا ھېچ بىر ئاساسى يوق، مۇنازىرىگە ئوچۇق تېمىلارنى دىنغا سۆرەپ كىرىش بىلەن ئاۋارە ئىدى. ئېقىپ يۈرگەن ئەھلى كىتاپ مەدەنيىتىنى پەدازلاپ مۇسۇلمانلار ئىچىگە ئېلىپ كىرىپ، « شىبىھ (ئۇنىڭغىمۇ بۇنىڭغىمۇ ئوخشاپ كېتىدىغان) دىن » پەيدا قىلاتتى. بەئەينى كۈنىمىزدىكى قارا پۇل ( ئەتكەسچىلىكتىن تاپقان ھارام پۇل ) ئاقلىغۇچىلارغا ئوخشاش، ئۇ دەۋرىدىمۇ « ساپ بولمىغان مەلۇمات( ئىلىم )نى ئاقلايدىغانلار » بار ئىدى. بۇ خىل كىشىلەر ئانالىز ۋە نەقىل قىلغان سۆزلىرىنى چۈشۈنۈش قابىليىتىدىن مەھرۇم ئىدى. « ئاللاھ، ئادەمنى ئۆزىنىڭ شەكلىدە ياراتتى »، « ئاللاھ ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ لېيى ( تېينەت )نى ئۆز قولى بىلەن قىرىق كۈن يۇغۇردى »، « جەببار ئايىغىنى جەھەننەمنىڭ ئۈستىگە باسىدۇ »، « ئەرىشتە ئولتۇرىشى يېڭى تىكىلگەن توقامغا ئولتۇرغانغا ئوخشايدۇ، ھەر تەرەپتىن توت بارماق سىرىتقا چىقىپ تۇرىدۇ » دېگەندەك رىۋايەتلەر ئۇلار كۆتۈرۈپ يۈرگەن ئۆلۈك مەلۇماتلاردىن پەقەت ئۈچ ئۆرنەك. بۇ خىل ئېقىمدىن ئوزۇقلانغانلار پەيدا قىلغان ئۆلۈك ئىلىم، خىلمۇ – خىل ئېقىملار ۋاستىسى بىلەن كۈنىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن. بۇ تارىختىن خېلى كېيىن ئۆتكەن مۇھەممەت بىن كەررام ( 255 / 869 )غا نىسبەتەن قىلىنغان كەررامىيە، بۇ ئېقىملاردىن پەقەتلا بىرسى، خالاس.
تەخمىن قىلىنغىنىدەك ھاشۋ ئەھلى ئەسەبىي قەدەرچىلىكتە چىڭ تۇردى. ھەسەن ئەلبەسرى رىسالىسىدە « جاھىللار ( نادانلار ) » دەپ ئاتىغانلار ئىچىگە بۇ كاتىگورىيدىكى كىشىلەرنىڭمۇ كىرىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلالايمىز.