4 – پاراگراف
ھەسەن ئەلبەسرىنىڭ ئەسەرلىرى
ھەسەن ئەلبەسرىگە نىسبەت قىلىنغان نۇرغۇن كىتاپ بار. لېكىن، بىز بۇ يەردە ئۇنىڭغا نىسبەت قىلىنغان ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ تىزىملىگىنى تىلغا ئېلىپ ئولتۇرمايمىز. بۇلارنىڭ ئىچىدە ناھايىتى ئاز بىر قىسمىلا بىزگىچە يېتىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ قوليازما ئەسەرلەرنىڭ ئىچىدە « قەدەر رىسالىسى » ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.
ئۇنىڭدىن بىزگە قەدەر يېتىپ كەلگەن يەنە باشقا بىر كىتاپ « فەدائىلۇ مەككە » بولۇپ، مەككە ۋە كەبىنىڭ تارىخى ۋە پەزىلەتلىرى ئاساسىي تېما قىلىنغان. بۇ ئەسەر ئىسلام ئىلىم ۋە تارىخى ئەسەرلەر تارىخىدا بىزگە قەدەر يېتىپ كەلگەن تۇنجى يازما يادىكارلىقلاردىن بىرى بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە ( بۇ ئەسەر كۈنىمىزدە نەشىر قىلىنغان. ئەبۇ سائىد ئەل ھەسەن بىن يەسار ئەلبەسرى، فەدائلۇل مەككە، مەكتەبەتۇل فەلاھ، ئەل كۇۋەيت ، 1400 ).
ھەسەن ئەلبەسرىنىڭ ۋاپاتىدىن ئاز ئەۋۋەل كىتاپلىرىنى كۆيدۈرىۋەتكەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان ( ھەسەنگە ئوخشاش كىتاپلىرىنى كۆيدۈرىۋەتكەن ئالىملىرىمىزدىن بىرسى ئەبۇ ھاييان ئەت – تەۋھىدى بولۇپ ( 414 / 1023 )، ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: « كىتاپنى كۆيدۈرۈش مەسىلىسىدە ماڭا ئۆرنەك بولغان ئۇستازلار بار. ئۇلار ئەگىشىشكە لايىق بولغان، يول كۆرسىتىشىگە مۇراجەت قىلىنغان، ئىزىدىن مېڭىشقا بولىدىغان كىشىلەردۇر ». ئۇلاردىن بىرى، ئەبۇ ئامىر بىن ئەل ئالا ( 154 / 771 )، تەقۋالىق بىلەن تونۇلغان چوڭ ئالىمدۇر. كىتاپلىرىنى كۆمۈۋەتكەن ۋە ئۆزىدىن كېيىن ھېچقانداق بىر ئەسەر قالدۇرمىغان. سۇفيان ئەسسەۋرى ( 161 / 777 )، مىڭ جىلد كىتاپىنى يىرتىپ تاشلىغان. داۋۇد ئەت تائى ( 165 / 781 )، زاھىد ۋە فاقىھ بىر زات ئىدى. ئۇنىڭغا تاجۇل ئۇممە دەپ لەقەم بېرىلگەن بولۇپ، ئۇ كىتاپلىرىنى دېڭىزغا تاشلىۋەتكەن. يۈسۈپ بىن ئەسبات ( 192 / 807 )، كىتاپلىرىنى بىر تاغنىڭ چوققىسىغا ئېلىپ چىقىپ، ئۇ يەردىكى بىر غارنىڭ ئىچىگە قويۇپ ئاغزىنى ئېتىۋەتكەن. ئەبۇ سۇلايمان ئە دارانى ( 215 / 830 )، بارلىق كىتاپلىرىنى بىر تونۇرغا تاشلاپ كۆيدۈرىۋەتكەن ۋە: « ئەگەر سەن ماڭا مۇسىبەت ئېلىپ كەلمەيدىغان بولساڭ، مەن سېنى ھەرگىزمۇ كۆيدۈرىۋەتمەيتتىم » دېگەن. – رەسائىل 409 – 410 ). بىراق ئۇنىڭ كىتاپلىرىنى كۆيدۈرۈۋەتكەنلىكى توغرىسىدىكى رىۋايەتلەرگە شۈبھە بىلەن مۇئامىلە قىلىشىمىز ۋە مەزكۇر رىۋايەتنىڭ قايسى كىملەر تەرىپىدىن سۈيئىستىمال قىلىنغانلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك. بەزىدە رەسمىي ۋە تەسىر دائىرىسى كۈچلۈك مەزھەپ تەرەپدارلىرى، ئۆزلىرىنىڭ كۆز قارشىغا زىت ۋە مۇخالىپ دەپ قارىغان ئەسەرلەرنى كۆزدىن يوقىتاتتى. بۇ يولنىڭ كېيىنكى ۋارىسلىرى يۇقىرىقى قىلمىشنى يۇشۇرۇش ئۈچۈن، ئۇ زاتنىڭ ئۆز ئەسەرلىرىنى كۆيدۈرۋەتكەن دېگەن توقۇلمىنى پەيدا قىلغان.
ئىمام ئەلبەسرىنىڭ مۇجاھىت ۋە ئىكىرمەگە ئوخشاش تابىئىن نەسلىنىڭ مۇپەسسىرلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىدە ھېچقانداق شۈبھە يوق. ئىبنى نەدىم « ئەلفىھرىسىت » ناملىق ئەسىرىدە ئەلبەسرىنىڭ « تەفسىرۇل قۇرئان » ناملىق بىر تەفسىرى بارلىقىنى قەيت قىلغان. كېيىنكى زامانلاردا قېلىپلاشقان « تەفسىر » ئىسمىنىڭ ئۆزىدىن چىقىپ تۇرغىنىدەك بۇ قاراش ئانچە توغرا بولمىسا كېرەك. خۇددى ئىبن ئابباس ۋە مۇجاھىدغىمۇ بىردىن يازما تەفسىر نىسبەت قىلىنغاندەك، ھەسەن ئەلبەسرىگىمۇ مۇشۇنداق رەۋىشتە بىر تەفسىر نىسبەت قىلىنغان بولىشى مۇمكىن.
ئۇنىڭ تەفسىرگە مۇناسىۋەتلىك كۆز قاراشلىرى مۇتەزىلەرنىڭ ئىماملىرىدىن دەپ قارالغان ئامىر بىن ئۇبەيد ئارقىلىق كېيىنكى نەسىللەرگە تارقالغان. مۇپەسسىر ئابدۇراھمان ئەس سەئالىسى ( 875 / 1470 ) تەفسىرىنى يېزىۋاتقاندا، بۇ رىۋايەتلەر يېزىلغان بىر نۇسخىدىن پايدىلانغان بولىشى مۇمكىنلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەك. لېكىن، ئۇنىڭغا نىسبەت بېرىلگەن بارلىق يازما تەفسىرلەر، ئۇنىڭدىن يېتىپ كەلگەن تەفسىر رىۋايەتلەرنىڭ جۇغلانمىسىدۇر. فىروز ئابادىنىڭ ( مىلادى 817 ) مەنبەلەردە رىۋايەت قىلىنغان ئىبن ئابباسقا ئائىت تەفسىر رىۋايەتلىرىنى جەملەپ، « تەنۋىرۇل مىقباس مىن تەفسىرى ئىبن ئابباس » نامىدا كىتاپلاشتۇرۇلغانلىقى بۇنىڭ بىر تىپىك مىسالىدۇر.
خۇددى ھەسەن ئەلبەسرى تەفسىرىدىن سۆز ئېچىلغاندەك، بىر ھەسەن ئەلبەسرى فېقىھسىدىنمۇ سۆز ئاچقىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ تەفسىرى ئۆزىدىن كېيىن قانداق جەملەنگەن بولسا، فېھقىسىمۇ ۋاپاتىدىن كېيىن ئوخشاش ئۇسلۇبتا توپلانغان. ئەندولۇس مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىپتىخارلىق ئۆتمۈشىنى تېما قىلغان ماققارى، ھەسەن ئەلبەسرى فېھقىسىنىڭ جەملىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان مۇنداق قىممەتلىك مەلۇماتنى نەقىل قىلغان: « قازى مۇھەممەت بىن يۇمن بىن مۇفەررىجنىڭ ھەسەن ئەلبەسرىنىڭ فېقىھقا مۇناسىۋەتلىك يەتتە جىلىتلىق بىر ئەسىرى ۋە زۇھرىنىڭ فېھقىسىنى جۇغلىغان كۆپلىگەن كىتاپلار باردۇر » (نەفھۇت تىب 3 / 170 ).
بىزنىڭچە ھەسەن ئەلبەسرىنىڭ بىزگە قەدەر يېتىپ كەلگەن ئەڭ مۇھىم ئەسىرى، قولىڭىزدىكى « قەدەر رىسالىسى »دۇر. چۈنكى، بۇ رىسالىدە ئۇنىڭ بىلىمىنىڭ مەنبەلىرى، كەڭ دائىرلىك تەپەككۇرى، چوڭقۇر ئىلمى ئۇسۇلى ۋە ئۇسلۇپلىرى مۇجەسسەملەنگەن.