ئىمامەت ( يېتەكچىلىك ) نىڭ سەلتەنەتكە ئايلىنىشى

  ھەسەن ئەلبەسرى ياشىغان دەۋر، پەقەت ئىسلام تەپەككۇرى بارلىققا كەلگەن دەۋر بولۇپلا قالماستىن، نەبەۋى ئىمامەت ئۈستىگە قۇرۇلغان ئىسلام سىياسىتىنىڭ ماھىيىتىدە ئۆزگۈرۈش بولۇپ، ئورنىنى سەلتەنەت ئىدىئولوگىيىسىگە ئالغان بىر دەۋر ئىدى.

ھەر قانداق ھەرىكەت بىر چۈشەنچىدىن تۇغۇلىدۇ. ئۇنداقتا بىر ھەرىكەت ياكى مۇئامىلىنى توغرا تەھلىل قىلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ پەردە ئارقىسىدا ياتقان چۈشەنچىنى مۇلاھىزە قىلىپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەمەۋى سەلتەنەت ئىدىئولوگىيسىنىڭ پەردە ئارقىسىدا ياتقان چۈشەنچىنى بىلىش ئۈچۈن، شام ۋالىسى مۇئاۋىيەنىڭ ھەزرىتى ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەۋرىدىلا كۆزگە چېلىققان مال – مۈلۈك چۈشەنچىسىگە نەزەر تاشلاشقا توغرا كېلىدۇ.

رەسۇلۇللاھ بەرپا قىلغان سىياسىي قۇرۇلمىدا، ئۇممەتكە ئائىت مال – مۈلكىنىڭ ئىسمى ئېنىق ئىدى. يەنى، بەيتۇ مالىل مۇسلىمىن ( مۇسۇلمانلارنىڭ / ئاۋامنىڭ مۈلكى ) ئىدى. دەسلەپكى ئىككى خەلىپە دەۋرىدە بۇ رەسۇلۇللاھ كۆرسەتكەن پېتى داۋاملاشتى. بىراق، ھەزرىتى ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەۋرىگە كەلگەندە، شام ۋالىسى مۇئاۋىيە تۇنجى بولۇپ باشقا مۇقامدىن تولاشقا باشلاپ، « مۇسۇلمانلارنىڭ مېلى » دېيىشنىڭ ئورنىغا « ئاللاھ نىڭ مۈلكى » دەپ ئاتاشقا باشلىغانىدى.

بۇ سېمانتىك ( پۇتۇن گەۋدىنىڭ ئىسمىنى بىر ئەزاغا قۇيۇش ) بۇزغۇنچىلىق ۋە كېيىن يۈز بېرىدىغان چوڭ سىياسى بۇزغۇنچىلىقنى دەسلىۋىدىلا كۆرۈپ يەتكەن كىشى ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بولدى. ئەبۇ زەر ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قەيەرگە بېرىپ توختايدىغانلىقىنى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا پەرەز قىلغان بولسا كېرەك، « مال مۇسۇلمانلارنىڭ » دەپ ئەمىر مۇئاۋىيەنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. ئەبۇ زەرنى بۇ مەسىلىدە بېشىغا كېلىدىغان بارلىق پالاكەتلەرگە پىسەنت قىلماي، قوللاپ قۇۋۋەتلىگەنلەرنىڭ ئەڭ ئالدىدا مەدىنەنىڭ ھەسەن ئەلبەسرىسى مابەد ئەل جۇھەنى بار ئىدى.

مۇئاۋىيەنىڭ « مۇسۇلمانلارنىڭ مېلى » دېيىشنىڭ ئورنىغا نېمە ئۈچۈن « ئاللاھ نىڭ مۈلكى » دەپ چىڭ تۇرۇۋالغانلىقىنىڭ ھەقىقىتى ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئايدىڭلاشتى. ئۇ، ئاۋامنىڭ مۈلكىنى خالىغانچە بۇزۇپ – چېچىش ھەققى يوق ئىكەنلىكىنى سەمىگە سېلىۋاتقانلارنىڭ ئاغزىنى، مۇشۇنداق سۆز ئويۇنى ئارقىلىق تۇۋاقلىيالايمەن دەپ ئويلايتتى. ئۇنىڭچە بولغاندا، « مال – مۈلۈك ئاللاھ نىڭ ئىدى، ئاللاھ ئۇنى خالىغان بەندىسىگە بېرەتتى. مانا ئەمدى ئاللاھ مۈلكىنى ئەمەۋى ئائىلىسىگە بېرىشنى ئىرادە قىلغان بولۇپ، بۇنىڭغا باشقىلارنىڭ ئارلىشىشى ھەققى يوق ئىدى ».

مۈلكىيەت چۈشەنچىسىدىكى بۇ خىل ئېزىشقا، قەدەر / تەقدىر ھەققىدىكى ئېزىش ئەگەشتى. ھاكىميەتنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك يوللارغا مۇراجەت قىلغان مۇئاۋىيە بىن ئەبۇ سۇفىيان، ئەڭ ئاخىرى مۇرادىغا يەتتى. بىراق، ئۇنىڭ لاياقەت ۋە ئەھلىيەت ( مۇناسىپ بولۇش ) بىلەن ئەمەس، بېسىم ۋە زۇلۇم بىلەن تۇتۇپ تۇرىۋاتقان ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ھۆكۈمرانلىق تەبىئىتىگە مۇناسىپ بىر ئىدىئولوگىيە كېرەك ئىدى. مانا بۇ نوقتىدا ئەمەۋى جەبىر ئىدىئولوگىيسىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، قەدەر مەسىلىسىنى پەيدا قىلدى.

مۇئاۋىيە، ئەمەۋى ئائىلىسى ھاكىميىتىنىڭ ئاللاھ نىڭ قازا ۋە تەقدىرى ئىكەنلىگىنى، ئۆزىگە قارشى چىقىشنىڭ ئاللاھ نىڭ قازا ۋە تەقدىرگە قارشى چىققانلىق بولىدىغانلىقىنى ئېيتاتتى ۋە ئاخىرى بۇ نەزىرىيەنى دۆلەتنىڭ رەسمى قارىشىغا ئايلاندۇردى.

 

***

قوشۇمچە

ئىسلام تارىخنىڭ بۇ ئەڭ نازۇك دەۋرى ھەققىدە ئادىل ۋە بىتەرەپ ھالدىكى يەكۈنلەش ئېلىپ بېرىش تەشەببۇسى، كېيىنكى مەزگىللەردە پەيدا قىلىنغان بىر مۇداپىئە سېپىلىغا دۇچ كېلىشكە مەھكۇم قىلىنغانىدى. بۇ سېپىلنىڭ ئۈستىگە « سېنى ياخشى كۆرمىگەن ئۆلسۇن! » لەۋھەسى يېزىلغان ئىدى. بۇ سېپىلنىڭ قانداق بىر سېپىل ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن بىر مىسال يېتىپ ئاشىدۇ: « سۇنەن » ناملىق ھەدىس كىتاۋىنىڭ ئىمامى نەسائى، ھەدىس كىتاۋىدا مۇئاۋىيە بىن ئەبى سۇفىياننىڭ فەزىلىتى توغرىسىدا ھەدىس نەقىل قىلمىغان ئىدى. بۇ ھەقتە دۇچ كەلگەن تۆھمەت ۋە بېسىملارغا قارىتا ئۇ: « مەن، ئاللاھ مۇئاۋىيەنىڭ كۆزىنى توپا بىلەن تويغۇزسۇن! سۆزىدىن باشقا بىر ھەدىس بىلمەيمەن » دېگەن ئىدى. مانا بۇ سەۋەپتىن مەزكۇر مۇھەددىس نەسائى جامىدىن ئېلىپ چىقىلىپ، پۇتلىرى تاش بىلەن يەنچىلىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.

بۇ سېپىلنىڭ ئەڭ قېلىن يېرىنى « ساھابە ئۇقۇمى » تەشكىل قىلىدۇ. ئۇنداقتا مەزكۇر تېما ئۈستىدە توختالغاندا، كالامچىلار پەيدا قىلغان « ساھابە » ئۇقۇمىنىڭ قۇرئان، رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلەرنىڭ « ساھابە » ھەققىدىكى ئىزاھاتىدىن خېلىلا پەرقلىق ئىكەنلىكى ئۈستىدە بىر ئاز توختىلىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ.

مۇئاۋىيە، ئاۋامنىڭ مېلىغا قارىتا تۇتقان مۇئامىلىسىنى تەنقىت قىلغان ساھابە ئۇبادە بىن سابىتقا مۇنداق دەيدۇ: « مەن بىلەن مۇھەممەتنىڭ ساھابىسى ئوتتۇرىسىدا، ئۇلارنىڭ كەچۈرۋېتىشىدىن ئارتۇق ياخشى بىر نەرسە كۆرەلمەيمىز » ( تەزھىبۇ تارىخى ئىبن ئاساكىر، 7-جىلىت 215 ). بۇ سۆزدىن كۈرۈۋېلىشقا بولىدىكى، مۇئاۋىيە ئۆزىنى « مۇھەممەتنىڭ ساھابىسى قاتارىدىن » دەپ ھېساپلىمىغان. سائىت بىن مۇسەييىپ، رەسۇلۇللاھ زامانىسىدا ياشىغان بىر مۇسۇلماننىڭ ساھابە ھېساپلىنىشى ئۈچۈن، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام بىلەن بىر قانچە يىل بىللە ياشىغان بولىشى، شۇنداقلا ئۇنىڭ بىلەن غازاتلارغا قاتناشقان بولىشىنى شەرىت قوشقان.

يۇقىرىدىكى ساھابە ھەققىدىكى ئىزاھات، دەسلەپكى مەزگىللەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ « جان دوستلىرى (ئەڭ يېقىن كىشىلىرى) »نى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. كالامچىلار ھىجىر 3 – ئەسىردىن كېيىن، ئاتالغۇنىڭ مەنىسىنى مەزكۇر ئاتالغۇغا لايىق بولمىغان شەكىلدە كېڭەيتتى. رەسۇلۇللاھنى قانداقلا بولمىسۇن بىرەر قېتىم كۆرگەن ھەر قانداق كىشىنى بۇ ئاتالغۇنىڭ دائىرىسى ئىچىگە كىرگۈزدى. ھالبۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەسھابى بولۇش ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئوخشاش بىر دەۋىردە ياشاش بىر – بىرىدىن تۈپتىن پەرقلىنەتتى. بولۇپمۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزى بۇ ھەقتە ئېنىق چەك قويۇپ، « ئەسھابىلىرىمغا ( ھەمراھلىرىمغا ) تىل ئۇزارتماڭلار! ئىچىڭلاردىن بىرى ئۇھۇد تېغىدەك ئالتۇن نەفىقە قىلغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرسىنىڭ بىر ئۆلچەم مىقدارىدا ھەتتا ئۇنىڭ يېرىمىچىلىك بولسىمۇ نەفىقە قىلغۇچىنىڭ پەزىلىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ » ( بۇخارى ۋە مۇسلىم )، « ئەسھابىم ھەققىدە ئاللاھ تىن قورقۇڭلار! ئاللاھ تىن! » دېگەنىدى ( بۇخارى ۋە مۇسلىم ). بۇ ھەدىسلەردە رەسۇلۇللاھنىڭ « ئەسھابىم » دەپ ئاتىغانلىرىمۇ، « ئاللاھ تىن قورقۇڭلار! » دەپ خىتاپ قىلغان كىشىلىرىمۇ بۇ سۆزىگە شاھىت بولىۋاتقان كىشىلەر ئىدى. بۇنىڭدىن رەسۇلۇللاھنىڭ ھەر دەۋردىشىنى « ئەسھابىم » دەپ قارىمىغانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ.

يەنە، رەسۇلۇللاھ ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋف بىلەن خالىد بىن ۋەلىد ئوتتۇرىسىدا مەيدانغا كەلگەن جىدەلدە، خالىد بىن ۋەلىدنىڭ تېخى ساھابە ھېساپلانمايدىغانلىقىنى ئوچۇق ئىپادىلىگەنىدى. كېيىن، خالىد بىن ۋەلىد كۆرسەتكەن ساداقەت ۋە خىزمەتلىرى بىلەن ساھابىلىك سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن.

ساھابىلارمۇ بۇ ئاتالغۇغا رەسۇلۇللاھ قارىغان نوقتىدىن قارايتتى. ئىبن سالاھنىڭ نەقىل قىلىشىچە، ئەنەس بىن مالىكتىن « رەسۇلۇللاھنىڭ ئەسھابىلىرىدىن سىزدىن باشقا ھاياتتا قالغان كىشى بارمۇ؟ » دەپ سورالغاندا، مۇنداق جاۋاب بەرگەن: « رەسۇلۇللاھنى كۆرگەن بەزى بەدەۋىلەر ( چۆل ئەرەبلىرى ) ھازىرمۇ ھايات، لېكىن ئەسھابىدىن ھېچكىم قالمىدى ».

 

***

 

ئەمىر مۇئاۋىيە، لاياقەت پىرىنسىپىغا ئاساسلانغان نەبەۋى سىياسەتنىڭ ئورنىغا، زورلۇق -زۇمبۇلۇققا ئاساسلانغان سەلتەنەتنى تىكلىگەنلىكىنى ئۆزىمۇ ئېتراپ قىلىدۇ. ئىبن كەسىر مۇنداق نەقىل قىلىدۇ: « ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ھاكىميەتنى قولۇمغا ئالغان ۋاقىتتا بۇنىڭدن خۇرسەن بولمىدىڭلار، بۇنى بىلىمەن. ھەتتا، بۇ ھەقتە كۆڭلۈڭلاردا نېمىلەرنى ئويلاۋاتقىنىڭلارنىمۇ بىلىمەن. بىراق، مەن بۇ تەختنى قىلىچىمنىڭ كۈچى ئارقىلىق قولغا كەلتۈردۈم » ( ئەلبىدايە، 8 – جىلد، 135 ). دەرۋەقە، ئۇ بىر ئاز قىلىچىنىڭ كۈچى بىلەن، بىر ئاز يالتىراپ تۇرغان ئالتۇنلىرىنىڭ كۈچى بىلەن قولغا كەلتۈرگەن ئىدى.

ھەقىقەتەن ئەھۋال شۇنداق ئىدى. لېكىن، بۇ ھەقىقەت ھېچكىمنى قايىل قىلالمايتتى. ئاۋام توغرىغا ئەمەس، ۋىجدانلىرىغا تەسەللى بولىدىغان يالغانلارغا ئىشىنىشكە بەكرەك مايىل ئىدى. بۇ ھەقتە ئېھتىياج تۇيۇلغان يالغان، جاھىلىيەت دەۋرىدە ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققان، ئەمما قۇرئان ئاللىقاچان يىغىشتۇرىۋەتكەن ۋە كېيىنكى مەزگىللەردە « جەبرىييە » ئىسمى بىلەن مەزھەبكە ئايلانغان « قەدەرچىلىك »نىڭ دەل ئۆزى ئىدى.

ئەمىر مۇئاۋىيە، « مەن بۇ مەنسەپنى قىلىچىمنىڭ كۈچى ئارقىلىق قولغا كەلتۈردۈم » دېگەن ئەمەسمىدى؟ ئۇنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈنلا ئەمەس، قوغداش ئۈچۈنمۇ قىلىچقا تاياندى. ھۇجر بىن ئادى ۋە سەپداشلىرىنىڭ قەتلى قىلىنىشى بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ. مۇئاۋىيە ھۇجر بىن ئادى ۋە سەپداشلىرىنى، قازى شۇرەيىھنىڭ « قانلىرى ۋە جانلىرى ھارامدۇر » دېگەن پەتىۋاسىغا قارىماي، پەقەت ئۆكتىچى بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئۆلتۈرگۈزگەن ئىدى. مۇئاۋىيە، ئەگەر ھەزرىتى ئەلىگە لەنەت ئوقۇسا بىر قوشۇق قېنىدىن كېچىدىغانلىقىنى ئېيتتى، لېكىن ھۇجر « مەن رەببىم رازى بولمايدىغان بىر سۆزنى ئاغزىمغا ئالمايمەن » دېگەن ئىدى. سەبداشلىرى بولغان شەرىق بىن شەددات ئەلخادرامى، سەيفى ئەششەيبانى، قەبىسە بىن دۇبەي ئەلئابسى، مۇھرىز بىن شىھاب ئەلمىنكارى، قىدام بىن ھەييان ئەلئانزى قاتارلىقلارمۇ ھەزرىتى ئەلىگە لەنەت ئوقۇش تەلىۋىنى رەت قىلدى ۋە بۇ سەۋەپتىن دەرھال ئۆلتۈرۈلدى. ھەزرىتى ئائىشە، مۇئاۋىيەنى كۆرگەن ھامانلا غەزەپتىن ئالدىغا ئېتىلىپ بېرىپ: « ئەي مۇئاۋىيە! ھۇجرىنى ئۆلتۈرگەن ۋاقتىڭدا ئاللاھ تىن قورقمىدىڭمۇ؟ » دەپ ئېتىراز قىلغان ئىدى. ئىبنى ئەسىرگە كۆرە، ھۇجرىنىڭ شېھىت قىلىنىشى ھەزرىتى ئەلىنىڭ شېھىت قىلىنىشىدەكلا قاتتىق تەسىر قوزغىغان ئىدى.

بۇنىڭدىن تېخىمۇ ئېچىنىشلىق ۋەقەلەرمۇ يۈز بەرگەن ئىدى. ھەزرىتى ئەلىنى لەنەتلەشكە ئۇنىمىغانلار ئىچىدىن ئابدۇراھمان بىن ھاييان، مۇئاۋىيەگە « ئاللاھ تىن قورق » دەپ ۋاقىرغان ئىدى. مۇئاۋىيە ئۇنى بەسىرە ۋالىسى زىياد بىن ئەبىھىگە « جازاسىنى جۈملە ئالەمگە ئىبرەت بولىدىغان شەكىلدە بەر » دەپ يارلىق بىلەن ئەۋەتتى. زىياد، ئابدۇراھمان بىن ھايياننى تىرىك پېتى كۆمۈۋەتتى. بۇ بەسىرەدىكى ئۆكتىچىلەرگە قىلىنغان ئىبرەت ۋە بىشارەت ئىدى.

تابارىنىڭ نەقلىگە قارىغاندا، مۇئاۋىيە بىر كۈنى ئاتارمەن – چاپارمەنلىرىدىن بىرىگە مۇنداق دېگەنىدى: « ئى ئىبن مەسئەدە! ئاللاھ  ئەبۇ بەكرىگە رەھمەت قىلسۇن. نە ئۇ دۇنيانى سۆيدى، نە دۇنيا ئۇنى ياخشى كۆردى. ئۆمەرنى دۇنيا ئىستىدى، بىراق ئۇ دۇنيانى ياقتۇرمىدى. ئوسمانغا كەلسەك دۇنيا ئۇنىڭغا چىقتى، ئۇمۇ دۇنياغا نائىل بولدى. بىراق بىز … بىز دۇنيانىڭ ئىچىدە بۇلغاندۇق، دۇنيانىڭ چاڭ – توزانلىرىغا پاتتۇق ». ئەڭ ئاخىرىدا پۇشايمانغا تولغان بىر كەيپىياتتا دېدىكى: « ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بۇ، ئاللاھ نىڭ بىزگە بەرگەن سەلتەنىتى » ( تارىخ، 5 – جىلد، 334 ).

مۇئاۋىيەدىن كېيىن تەخىتكە چىققان يەزىد، دادىسىغا ۋارىسلىق قىلدى ۋە كەربالادىكى قەتلىئام بىلەن تارىخنىڭ قارا بەتلىرىدىن ئورۇن ئالدى. يەزىدنىڭ ئائىلىسىنىڭ چوڭلىرى، بەدىردە مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنىدى. مۇئاۋىيەنىڭ بوۋىسى ئۇتبە بىن رابىئا، تاغىسى ۋەلىد بىن ئۇتبە، ئېنىسى ھانزالا بەدىردە ھەزرىتى ئەلى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنىدى.

بەزى رىۋايەتلەر، بەدىردىن قالغان ئەلەم ۋە ئاداۋەتنىڭ ئەمەۋى ئائىلىسى ئىچىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقانلىغىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. مۇپەسسىر ئالۇسى « روھۇل مەئانى » ناملىق ئەسىرىدە، نەمىل 23 – ئايەتنىڭ تەپسىرىنى بايان قىلىپ، ئۆزىدىن ئىلگىرىكى مەنبەلەردىن مۇنداق بىر رىۋايەتنى نەقىل قىلغان: ھەزرىتى ھۈسەيىننىڭ كېسىلگەن بېشى بىلەن بىرلىكتە، ئەھلى بەيتنىڭ ھاياتتا قالغان ئەزالىرى يەزىتنىڭ سارىيىغا ئېلىپ كېلىندى. ئەھلى بەيت ئاياللىرى مىندۈرۈلگەن ئۇلاغلىرىغا چەمبەر – چەس باغلانغان ۋە بويۇنلىرىدىن بىر – بىرىگە چېتىلغان ھالدا ئېلىپ كېلىنگەن بولۇپ، ئۇلارنى خورلاش مەقسىتىدە ئەتەي شۇنداق قىلىنغان ئىدى. بۇلارنىڭ خارلانغان ھالدا ئېلىپ كېلىنىشىنى تاماشا قىلىش مەقسىتىدە چىققان يەزىد، ئۇ ئەسنادا بىر قارغىنىڭ قاقىلدىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۇۋەندىكى مىسرالارنى ئوقۇغان:

بىر قارغا قاقىلدىدى، ئاڭا « خالىساڭ قاقىلدا،خالىساڭ قاقىلدىما » دېدىم،

شۇنىسى ئېنىقكى، مەن رەسۇلدىن ئالىدىغىنىمنى قايتۇرۇۋالدىم.

يەزىدنىڭ دادىسى مۇئاۋىيە ۋە بوۋىسى ئەبۇ سۇفىيان، رەسۇلۇللاھ  « تۇلەقا (قۇيىۋېتىلگەنلەر) » دېگەن كىشىلەرنىڭ ئىچىدە ئىدى. مەككە فەتىھ بولغان كۈنى كەبىنىڭ ھويلىسىدا غەمگە پېتىپ، ئۆزلىرى ھەققىدە ئېلان قىلىنىدىغان ھۆكۈمنى تېڭىرقاش ئىچىدە تەققەززالىق بىلەن كۈتۈپ تۇرغانلارغا، رەھمەت پەيغەمبىرى: « ئىزھەبۇ!  فە ئەنتۇم تۇلەقا – بېرىڭلار! سىلەر قويۇپ بېرىلدىڭلار! » دېگەن ئىدى. رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ ئىپادىسىگە ئاساسەن ئۇلار « تۇلەقا – قويۇپ بېرىلگەنلەر » دەپ ئاتالغانىدى.

يەزىدنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن بەيئەت قىلىنغان / تەختكە چىققان 2 – مۇئاۋىيە، مۇتتەقى ئۇستازى ئامر ئەل مەقسۇسنىڭ نەسىھەت ۋە تەۋسىيەسى بىلەن زولۇق – زۇمبۇلۇق ۋە كەيىپ -ساپا ئۈستىگە قۇرۇلغان سەلتەنەتنىڭ ئورنىغا، ئادالەت ئۈستىگە قۇرۇلغان نەبەۋى سىياسەتنى بەرپا قىلىشقا تىرىشتى. بىراق خەلىپىلىك تەختىگە ئولتۇرۇپ ئالتە ئاي ئۆتكەندە شۈبھىلىك شەكىلدە ۋاپات بولدى. خانىدانلىق ئىچىدىكى بەزىلەر تەرىپىدىن سۈيقەسىت بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. بوۋىسى ۋە دادىسىنىڭ ئادالەتسىز قىلمىشلىرىنى تەنقىد قىلىپ كەلگەن 2 – مۇئاۋىيەگە، داۋاملىق ئادالەتپەرۋەرلىكنى تەۋسىيە قىلىپ كەلگەن ئۇستازى ئامر ئەل مەقسۇس ( 63 / 680 ) 2 – مۇئاۋىيەنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن، ئۇمەييە ئوغۇللىرى تەرىپىدىن تىرىك كۆمۈپ تاشلانغان بولۇپ، ئامر ئەل مەقسۇس ھۆر ئىرادە مەكتىۋىنىڭ تۇنجى شېھىتلىرى بىرى بولدى.

2 – مۇئاۋىيەدىن كېيىن تەختكە چىققان مەرۋان ۋە بالىلىرى دەۋرىدە، بېسىم تېخمۇ ئەۋجىگە چىققان. بولۇپمۇ ئابدۇلمەلىك بىن مەرۋان دەۋرى، پۈتۈن ئۈممەت ئۈچۈن، ھەم  « قەدەر رىسالىسى » مۇئەللىپى ئۈچۈنمۇ ئېغىر بىر زامان بولغانىدى. بۇ دەۋىردە يېقىن سەپدىشى ۋە ئىرادە ئەركىنلىكنىڭ ھارماس بايراقتارى مابەد ئەل جۇھەنى قەتلى قىلىنغان ( 80 / 699 ). رىسالە يېزىلغان ۋاقىت بۇ پاجىئەلەر يۈز بەرگەن يىللارغا توغرا كېلىدۇ.

ئەمەۋىلەر قانداق قىلىپ ئىمامەتكە قارشى سەلتەنەتنى؛ ئەركىن ئىرادىگە قارشى قەدەرچىلىكنى يۇقىرى ئورۇنغا قويغان بولسا، تەقۋا ئاساس قىلىنغان ئۈستۈنلۈك چۈشەنچىسىگە قارشى ئەرەپچىلىكنى ( ئارۇبە ) يۇقۇرى كۆتۈرگەنىدى. راغىپ ئەل ئىسفاھانى مۇنداق بىر ۋەقەنى نەقىل قىلغان: « ھەججاج، باسرادىكى ۋالىيغا، ناباتلىق مەۋالىلەرنى ( ئەرەپلەردىن بولمىغانلارنى ) پالاشنى ئەمىر قىلغان. ۋالىي » قۇرئان ئوقۇغانلار ۋە دىندا خېلى يۇقىرى سەۋىيەدە ئىلىم تەھسىل قىلغانلاردىن باشقا قانچىلىك ناباتلىق بولغان بولسا، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى پالىۋەتتىم » دەپ مەكتۇپ يازدى. ھەججاج ئۇنىڭغا: » بۇ مەكتۇبىمنى ئوقۇغان ۋاقتىڭدا ئەتراپىڭدىكى ھەكىم / تىۋىپلارنى چاقىر. سەندە ناباتلىق بىر تومۇرنى تاپسا، ئۇنى دەرھال كېسىپ تاشلىسۇن » دەپ مەكتۇپ يازغان » ( مۇھادارا، 1 – جىلد، 218 ).

بۇنىڭدىن ھەججاجنىڭ ناباتلىق ئالىملارغا چىقىلماسلىقنىمۇ قوبۇل قىلالمىغانلىقى مەلۇم بولماقتا.

بۇ دەۋر ھەققىدە ئەسەر يازغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى ۋەقەلەرگە ۋە كىشىلەرگە ھاكىمىيەت نەزەر تاشلىغان نوقتىدىن تۇرۇپ قارىغان. بۇ سەۋەپتىن ھەققىنى ھىمايە قىلىش كۆرەشلىرىگە، ھاكىمىيەت بەرگەن « پىتنە » ئىسمىنى بېرىپ كەلگەن، بۇنىڭدا بىر ھەقسىزلىق بارلىقىنى نەزەرگە ئالمىغان. ھاكىمىيەت تەرىپىدىن زۇلۇم قىلىنغان ۋە قەتلى قىلىنغان ئۆكتىچىلەر ئۇچرىغان زۇلۇمنى قارغاشنىڭ ئورنىغا، ئۇلارنىڭ زىت پىكىر ۋە چۈشەنچىلىرىنى ئەيىپلەپ، ئۇلارنى زالالەت، بىدىئەت ۋە ھەتتا زىندىقلىق بىلەن ئەيىپلەشتە بەسلەشكەن. بۇ سەۋەپتىن مابەد ئەل جۇھەنى، غەيلەن بىن مۇسلىم ئەد دەمەشقى، جەھم بىن ساففانغا ئوخشاش ھاكىمىيەتنىڭ، دىن چۈشەنچىسىگە ۋە چۈشەندۈرۈشىگە قارشى چىققانلارنى رەھىمسىزلىك بىلەن ئۆلتۈرگەنلىكىنى ۋاستىلىق ھالدا يوللۇق قىلىپ كۆرسەتكەن.