زەلزەلە سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى
سۈرە بىرىنچى ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان « يەر تەۋرەش » دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان « زەلزەلە » كەلىمىسى بىلەن ئاتالغان:
« زېمىن تۇيۇقسىز قاتتىق تەۋرىتىلگەندە » ( 1 ).
بۇ يەر تەۋرەش بىر شەھەر، بىر رايون ياكى بىر قىتئە ئەمەس، بەلكى پۈتۈن يەر شارى خاراكتېرلىق بولۇپ، بۇ قۇرئاندا « ئاخىرقى ۋاقىتتىكى يەر تەۋرەش » دەپ ئاتالغان. بۇ سۈرىدىن باشقا، قۇرئاندا قىيامەت ۋە ئاخىرقى سائەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر قانچە سۈرە بار. قۇرئاندا ئىسمى ئىلاھى بارلىققا كېلىش ۋە بۇزۇلۇش ھەقىقىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دۇخان، جاسىيە، ۋاقىئە، ھاققا، قىيامەت، نەبە، تەكۋىر، ئىنفىتار، ئىنشىقاق، غاشىيە، فەجر، زەلزەلە، قارىئە ۋە فەلەق قاتارلىق 14 سۈرە بار.
مۇسھابلاردا ۋە دەسلەپكى قۇرئان تەپسىرلىرىدە « زەلزەلە » ياكى « زىلال » ئىسمى بىلەن ئاتالغان.
بۇخارى ۋە تىرمىزىدا يەر ئالغان رىۋايەتلەردىن ساھابىلەرنىڭ « ئىزا زۇل زىلەت » دەپ ئاتىغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.
مەزكۇر سۈرە مەككىدە نازىل بولغان. سۈرىنىڭ ئۇسلۇبى ۋە تېمىسى بۇنى ئېنىق كۆرسەتمەكتە. ئىبن مەسئۇد، ئىبن ئابباس، مۇجاھىت، قاتادە ۋە داھھاق قاتارلىق ساھابىلەر مەككىدە نازىل بولغان دەيدۇ. بەغاۋى، ئىبن كەسىر ۋە نىسابۇرى قاتارلىق مۇپەسسىرلەرمۇ مۇشۇنداق قارايدۇ.
سۈرىدە ئاخىرەت بايان قىلىنغان. مەزمۇن جەھەتتىن بۇ سۈرىنى مەزكۇر سۈرىگە ئوخشايدىغان قارىئە، زارىئات، تەكۋىر، ئىنفىتار، ئىنشىقاق، غاشىيە، تەكاسۇر، ئادىيات، فەجر، نازىئات، مۇرسەلەت، نەبە، قىيامەت، مەئارىج، ھاققا ۋە ۋاقىئە سۈرىلىرى بىلەن ئوخشاش بىر كاتىگورىيىگە قويۇشقا بولىدۇ.
مەزكۇر سۈرىنىڭ مەدىنىدە نازىل بولغانلىقى ھەققىدىكى قاراش، ئەبۇ سەئىد ئەل – خۇدرى ۋەقەسىنى ئاساس قىلماقتا. بۇ ساھابە رەسۇلۇللاھتىن « قىلغان چوڭ – كىچىك ھەممە ئىشلىرىمنى كۆرەمدىم؟ » دەپ سورىغاندا، رەسۇلۇللاھ « شۇنداق » دەپ جاۋاپ بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ: « ۋاي مېنىڭ ھالىمغا! » دېگەن. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا مائىدە سۈرىسىنىڭ 9 – ئايىتى بىلەن تەسەللى بەرگەن ( ئىبن ئەبۇ ھاتەم ).
بۇ رىۋايەت مەزكۇر سۈرىنىڭ نازىل بولۇش ۋاقىتىنى كۆرسەتمەيدۇ. ئەكسىچە، مەزكۇرسۈرىنىڭ ئەبۇ سەئىدنىڭ ئېڭىغا نازىل بولغان ۋاقىتىنى، ھەتتا ساھابىنىڭ قۇرئانغا ئىزچىل نازىل بولۇپ تۇرغان ئىلاھى خەۋەر سۈپىتىدە قارىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
گەرچە مەزكۇر سۈرىنىڭ قاچان نازىل بولغانلىقىنى ئېنىق شەكىلدە كۆرسەتكىلى بولمىسىمۇ، دەۋەتنىڭ 4 – يىلىدا نازىل بولغان دېيىشكە بولىدۇ.
سۈرىدە ئاخىرەت ۋە ئىلاھىي ئادالەت ئاساسىي تېما قىلىنغان بولۇپ، خۇددى « ئەي ئىنسان! ئاللاھ تىن ھېچقانداق نەرسىنى يوشۇرالمايسەن! يەر يۈزىنىڭ ئىچىنى تېشىغا ئۆرۈشكە قادىر بولغان ئاللاھ تىن بىر نەرسىنى يوشۇرالمايسەن! زېمىننى زۇۋانغا كەلتۈرۈپ ئۇنىڭغا ھەقىقەتنى بايان قىلدۈرغان ئاللاھ نىڭ كۈچ – قۇدرىتىنى بىر تەسەۋۇۇر قىلىپ باق! » دەيدۇ.
« زېمىن تۇيۇقسىز قاتتىق تەۋرىتىلگەندە، زېمىن قوينىدىكى بارلىق نەرسىلەرنى چىقارغاندا، ئىنسان ئۇنىڭغا ( يەنى زېمىنغا ) نېمە بولدى؟ دېگەندە، مانا بۇ ئېغىر كۈندە زېمىن زۇۋانغا كېلىپ ئۆزىنىڭ خەۋەرلىرىنى ( يەنى ئۇنىڭ ئۈستىدە ئىشلەنگەن ياخشى – يامان ئىشلارنى ) مەلۇم قىلىدۇ. رەببىڭ ئۇنى شۇنداق قىلىشقا ئەمر قىلغان. مانا بۇ ئېغىر كۈندە بارلىق كىشىلەر قىلغان ئەمەللىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن توپ – توپ بولۇپ تارىلىپ كېتىدۇ » ( 1 – 6 ).
يۇقىرىدا بايان قىلىنغانلار نەزەردە تۇتۇلغاندا، شۇ ھەقىقەتنى تېخىمۇ ياخشى چۈشەنگىلى بولىدۇ:
« كىمكى زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرىدۇ. كىمكى زەررىچىلىك يامان ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ » ( 7 – 8 ).
سۈرە گەرچە قىسقا بولسىمۇ سەككىز نوقتىنى تەكىتلەيدۇ. بۇ قۇرئاننىڭ بالاغەتنىڭ تىپىك ئۆرنەكلىرىدىن بىرى. ۋەھىينىڭ مەقسىتى ناھايىتى ئېنىق، بەشەر تىلىنىڭ بارلىق ئىمكانلىرىنى خىتاپ قىلىنغۇچىنىڭ ھىدايىتى ئۈچۈن سەپەرۋەر قىلىش. بۇ ئىلاھىي شەپقەت ئالدىدا بىز ئىنسانلار قىلىشقا تېگىشلىك بىر ئىش بار. يەنى:
ئى مەرھەممىتى چەكسىز بولغان رەببىم! ساڭا لايىق شەكىلدە شۈكۈر قىلىشتا ئاجىزمىز، شۈكرىمىزنى قوبۇل قىلغىن!
« قۇرئان سۈرىلىرىنىڭ قىسقىچە مەزمۇن » ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى