ئىنسان سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى
مەخلۇقاتنىڭ ئەڭ ھۆرمەتلىكى بولغان « ئىنسان » ئىسمى بىلەن ئاتالغان بۇ سۈرە، ئىسمىنى مەزكۇر سۈرىنىڭ بىرىنچى ئايىتىدىن ئالغان:
« ئىنسان تارىخ سەھنىسىگە چىققىچە بولغان ئارىلىقتا، نامەلۇم ۋە ئۇزۇن بىر ۋاقىت بېشىدىن ئۆتمىدىمۇ؟ ئۇ بۇ مۇددەت ئىچىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىگۈدەك مەخلۇق ئەمەس ئىدى » ( 1 ).
قۇرئاندا ئىنسان ئىسمى بېرىلگەن بىر سۈرىنىڭ بولىشى ھەقىقەتەن كىشىنى ئويغا سالىدۇ.
بۇخارىدىكى بىر رىۋايەتتىن، مەزكۇر سۈرىنىڭ رەسۇلۇللاھ دەۋرىدە « ھەل ئەتا ئەلەل ئىنسان » سۈرىسى دەپ ئاتالغانلىقىنى بىلەلەيمىز. بەزى مۇسھابلاردا « بارلىق دەۋرلەر » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « دەھر » ئىسمى بىلەنمۇ ئاتالغان.
سۈرە مەككىدە نازىل بولغانمۇ ياكى مەدىنىدە نازىل بولغانمۇ؟ بۇ ھەقتە ئۆلىمالار ئارىسىدا ئوخشاش بولمىغان قاراشلار مەۋجۇت. ئىبن ئابباس، ئىبن ئەبى تەلھە، قاتادە ۋە مۇقاتىل مەككىدە نازىل بولغان دېگەن. ھافاجى بۇ قارىشىنى جۇمھۇر ئۆلىمالاردىن ئالغانلىقىنى ئىما قىلغان.
مۇجاھىد ۋە باشقىلار مەزكۇر سۈرىنىڭ مەدىنىدە نازىل بولغانلىقىنى ئېيتقان. مەدىنىدە نازىل بولغان دېگۈچىلەر، 8 – ئايەتتىكى « ئەسىران » كەلىمىسىنى « ئۇرۇش ئەسىرى » دەپ چۈشەنگەن ۋە ئەنسارلاردىن كەلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن نۇزۇل سەۋەبى رىۋايەتلەرنى ئىتىبارغا ئالغان. شۇنىڭ بىلەن قولىمىزدىكى مۇسھابلاردا سۈرە مەدىنىدە نازىل بولغان تالاق سۈرىسىنىڭ ئالدىغا تىزىلغان.
ھالبۇكى، ساھابىلەر بەزىدە بىر ئايەت ياكى بىر بۆلەك ھەققىدە نازىل بولۇپ نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن مەدىنىدە يۈز بەرگەن بىر ۋەقەنى نۇزۇل سەۋەبى دەپ كۆرسەتكەن. بۇنىڭ ھەيران قالغۇچىلىكى يوق. چۈنكى ساھابىلەر بۇ ئارقىلىق قۇرئانغا بىر قېتىم نازىل بولۇپ تۈگىگەن تېكىست نەزىرى بىلەن بىلەن ئەمەس، ئەكسىچە تېكىستى بىر قېتىم نازىل بولغان، مەنىسى چەكسىز نازىل بولىدىغان جانلىق بىر خىتاپ نەزىرى بىلەن قارىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان.
سۈرىنىڭ ئۇسلۇبى، مەزمۇنى ۋە بالاغىتى شۈبھىسىز مەككىدە نازىل بولغانلىقىنى، ھەتتا دەسلەپكى مەزگىللەردە نازىل بولغانلىقىنى ئىپادىلىمەكتە. سۈرە ئىبن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇسھابىدا قىيامەت سۈرىسىنىڭ ئالدىغا تىزىلغان. بۇ، رەسۇلۇللاھنىڭ ئىنسان ۋە قىيامەت سۈرىلىرىنى نامازدا بىرگە ئوقۇغانلىقى رىۋايىتىنى كۈچلەندۈرمەكتە ( ئەبۇ داۋۇد ). سۈرە پەيغەمبەرلىكنىڭ 5 – يىلىدا نازىل بولغان بولسا كېرەك.
سۈرە ئۆتمۈشى، بۈگۈنى ۋە كېلەچىكى بىلەن ئىنسان ۋە ئىنسان ئىرادىسىنىڭ بەلگۈلىگۈچى رولى ھەققىدە توختالغان.
سۈرە تاكامۇللىشىش قانۇنى ئىما قىلىنغان ھالدا باشلانغان بولۇپ، مەخلۇقاتلارنىڭ ئەڭ ھۆرمەتلىكى بولغان ئىنساننىڭمۇ تاكامۇللىشىش قانۇنىيىتىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئىما قىلغان ( 1- ئايەت). ئاندىن ئىنسان ئەۋلادىنىڭ « نۇتفە ( ئەر – ئايال مەنىسىنىڭ بىرلەشمىسى ) » دىن يارىتىلغانلىقى بايان قىلىنغان.
« ئىنسان ئەۋلادىنى ئارىلاشما مەنىيدىن بىز ياراتتۇق. ئۇنى ئېمتىھان قىلىشنى ( خالىدۇق )، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى ئاڭلايدىغان ۋە كۆرىدىغان قىلىپ ياراتتۇق » ( 2 ).
ئىلاھى تاكامۇللىشىش قانۇنىيىتىگە تەۋە بولغان ئىنساننى پەقەت بىرلا تەقدىرى بار، يەنى « تاللاش ». مانا بۇ ھەقىقەتنى تۆۋەندىكى ئايەت جاكارلىماقتا:
« ئەلۋەتتە بىز ئۇنىڭغا ( ۋەھىي ۋە پەيغەمبەر ئەۋەتىش ئارقىلىق ياخشى – يامان ) يولنى كۆرسەتتۇق. ئىمان ئېيتىپ شۈكۈر قىلغۇچى بولۇش ياكى ئىنكار قىلىپ كۇپۇرلۇق قىلغۇچى بولۇشنى ( ئۇنىڭ ئىختىيارىغا بەردۇق ) » ( 3 ).
ھەر نەرسىنىڭ روھى بولغاندەك، ئاخىرەتمۇ بۇ دۇنيانىڭ روھىدۇر. ئىنسان ئاخىرەتتە بۇ دۇنيادىكى تاللاشلىرىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ. جازا ياكى مۇكاپات، ئىنساننىڭ ئۆز ئەمەللىرى بىلەن قولغان كەلتۈرگەن نەتىجسىدۇر ( يەنى قازاندا نېمە بولسا، چۆمۈچكە شۇ چىقىدۇ. نېمە تېرىسىڭىز، شۇنى ئالىسىز ) ( 4 – 22 ).
سۈرىنىڭ ئاخىرىدا بىۋاستە ھالدا رەسۇلۇللاھقا، ۋاستىلىك ھالدا مۇئمىنلەرگە قارىتىلغان خىتاپ ئارقىلىق، كۇپۇرغا قارشى مۇستەھكەم تۇرۇش ئېڭىنى كۈچەيىتكەن ( 23 – 28 ). ئۇنىڭدىن كېيىن ئىرادە ھەققىدە توختىلىپ، ئىنساننىڭ خالىشى ( تاللىشى )نى ئاللاھ نىڭ ئىرادە قىلغانلىقى بايان قىلىنغان:
« بۇلار ( ئايەتلەر ) بىر ۋەز – نەسىھەت ۋە ئاگاھلاندۇرۇشتۇر. ئۇنداقتا ( بۇ ۋەز – نەسىھەتتىن پايدىلىنىشنى ) خالىغان ئادەم رەببىگە يەتكۈزىدىغان يولنى تۇتسۇن. ئەگەر ئاللاھ ( تاللىشىڭلارنى ) خالىمىغان بولسا ئىدى، سىلەر ھەرگىزمۇ تاللىيالمايتتىڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. ئۇ رەھمەتكە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلغۇچىنى رەھمەت دائىرىسىگە كىرگۈزىدۇ. ئاللاھ زالىملارغا قاتتىق ئازاپ تەييارلىدى » ( 29 – 31 ).
كىشىنىڭ دىققىتىنى ئىرادىگە بۇرىغان ھالدا باشلانغان سۈرە، يەنە ئىرادىگە كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىش بىلەن ئاخىرىلاشقان.
« قۇرئان سۈرىلىرىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى » ناملىق ئەسەردىن ئېلىندى