imageتىن سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

سۈرە بىرىنچى ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان لەبزەن « ئەنجۈر / ئەنجۈر دەرىخى » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « ئەت – تىن » كەلىمىسى بىلەن ئاتالغان:

« ئەنجۈر دەرىخى ۋە زەيتۇن دىيارى شاھىت بولسۇن! » ( 1 ).

ئەنجۈر ئۇرۇقى كۆپ، زەيتۇن بىر ئۇرۇقى بار مېۋە. بۇ، بىرىنچىسى يارىتىلغاننىڭ كۆپلىكى، ئىككىنجىسى ياراتقۇچىنىڭ تەك ئىكەنلىكىنى ئىشارەت قىلماقتا. ئۇنىڭدىن باشقا ئەنجۈر ۋە زەيتۇن، ئارقىدا كەلگەن ئايەتلەر دالالەت قىلغاندەك ئىككى ماكاننى سىمۋول قىلماقتا. ئەنجۈر بىلەن ھەزرىتى نۇھنىڭ توپان دىيارى بولغان شام دىيارىنى، زەيتۇن بىلەن ھەزرىتى ئىسا ۋەھىي ئالغان پەلەستىن دىيارى ئىما قىلىنغان بولسا كېرەك.

سۈرە ئىسمى بولغان ئەنجۈر، بىر مېۋە ئىسمى بولۇشتىن زىيادە سىمۋوللۇق مەنىگە ئىگە بولسا كېرەك.

تىرمىزىدا « ئەت – تىن » ئىسمى بىلەن، بۇخارىدا « ۋەت – تىن » ئىسمى بىلەن ئاتالغان.

سۈرە مەككىدە نازىل بولغان.

دەسلەپكى قۇرئان سۈرىلىرى تەرتىۋىنىڭ ھەممىسىدە بۇرۇج ۋە قۇرەيىش سۈرىسىنىڭ ئارىسىغا تىزىلغان. قۇرەيىش سۈرىسىنىڭ بۇرۇج سۈرىسىدىن كېيىنكى ئورۇنغا تىزىلىشى بىزنىڭچە توغرا ئەمەس. چۈنكى، قۇرەيىش سۈرىسىدە ئىما قىلىش نوقتىسىدىن بولسىمۇ ئىنكار قىلغۇچىلارغا قارىتا بىر ئىشارەت يوق بولۇپ، ناھايىتى سىيلىق بىر ئۇسلۇپتا ئۇلارنى « كەبىنىڭ رەببىگە » ئىبادەت قىلىشقا دەۋەت قىلغان. قۇرەيىش سۈرىسىنىڭ بۇ ئۇسلۇبى ئۇنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدە نازىل بولغان سۈرىلەر ئارىسىغا قويىشىمىزنى تەقەززا قىلماقتا.

بۇرۇج سۈرىسى نىسبەتەن كېيىنرەك مەزگىلدە نازىل بولغان بىر سۈرىدۇر.

بىزنىڭچە بولغاندا، سۈرىنىڭ تىزىلىشقا تېگىشلىك ئەڭ مۇۋاپىق يېرى بۇرۇج – زەلزەلە سۈرىسىنىڭ ئارىسى. بۇنداق بولغاندا، سۈرە پەيغەمبەرلىكنىڭ 4 – يىلدا نازىل بولغان بولسا كېرەك.

سۈرە ئىنسان ۋىجدانى ئىلاھى ۋەھىي بىلەن ھەرىكەتكە كەلتۈرۈلگەن تۆت جاي ئىما ۋە لەبزى شەكىلدە تىلغا ئېلىنىپ باشلانغان:

« ئەنجۈر دەرىخى ۋە زەيتۇن ( دىيارى ) شاھىت بولسۇن! مۇبارەك سىنا تېغى شاھىت بولسۇن! بۇ ئەمىن ( تىنچ ) شەھەر شاھىت بولسۇن! » ( 1 – 3 ).

  1. ئەنجۈر ياكى ئەنجۈر دەرىخى ۋەياكى چۆل ئەنجۈرى: ھەزرىتى ئىبراھىم ۋەھىي ئالغان مۇبارەك جاينى سىمۋول قىلىدۇ. ھەزرىتى نۇھ ۋە مۇسا ئوخشاش بىر ماكاندا ۋەھىي ئالغان ( ئەنبىيا، 71؛ ئەئراف، 137 ).
  2. زەيتۇن تېغى، زەيتۇن ياكى زەيتۇن دەرىخى: سۇلايمان مەبەدى بىنا قىلىنغان تاغ ۋە ھەزرىتى ئىسا ۋەھىي ئالغان مۇبارەك ۋە مۇقەددەس قىلىنغان جاينى سىمۋول قىلىدۇ ( مائىدە، 21 ). ھەزرىتى ئىبراھىممۇ ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ماكاندا ۋەھىي ئالغانىدى ( ئىسرا، 1 ).
  3. سىنا تېغى: ھەزرىتى مۇسا ۋەھىي ئالغان ۋە ئىككى قېتىم مۇبارەك قىلىنغان ماكاندۇر ( قاساس، 30؛ تاھا، 12؛ نازىئات، 16 ). ئەگەر سىنا مۇستەقىل ھالدا تىلغا ئېلىنمىغان بولسا، مۇئمىن سۈرىسى 20 – ئايەتنىڭ دالالىتى بىلەن سىنا « زەيتۇن » دىيارى دائىرىسىگە كىرەتتى.
  4. تىنىچ شەھەر: ھەزرىتى مۇھەممەد ۋەھىي ئالغان مۇبارەك جايدۇر ( ئالئىمران، 96 ).

شاھىت قىلىنىپ، قەسەم قىلىنغان بۇ ماكانلارنىڭ ھەممىسى قۇرئاندا « مۇبارەك » ۋە « مۇقەددەس » دەپ تىلغا ئېلىنىدۇ. بۇلار ماكانلارنىڭ بەرىكىتى ۋە مۇقەددەسلىكى ئۆزىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇ دىيارلاردا بولغان ۋەقەدىن كېلىپ چىقماقتا. بۇ جايلار « زېمىننىڭ ئەڭ شەرەپلىك جايلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ شان – شەرىپى ئۇ ماكانلاردا بولغان ۋەقەنىڭ شان – شەرىپىدىن كېلىپ چىقماقتا ». بۇ دىيارلارنىڭ تىلغا ئېلىنىپ قەسەم قىلىنىشىنىڭ سەۋەبىمۇ، خىتاپ قىلىنغۇچىنىڭ زېھنىنى ماددى نەرسىدىن مەنىۋى نەرسىگە ئاغدۇرۇش بولۇپ، بەئەينى « ئەي خىتاپ قىلىنغۇچى! نازىل بولغان دىيارنى بۇنچە بەرىكەتلىك قىلغان ۋەھىي، ئەگەر سېنىڭ ھاياتىڭغا نازىل بولسا ساڭا قىممەت قوشماسمۇ؟ سېنىڭ ئىززىتىڭنى يۇقىرى كۆتۈرمەسمۇ؟ » دېمەكتە. مانا بۇ سەۋەپتىن ۋەھىي، ئەقىلگە مىراج قىلدۇرۇش ئۈچۈن نازىل بولغان.

بۇ مۇبارەك خىتاپتىن كېيىن سۆز زېمىننىڭ روھى بولغان ئىنسانغا كېلىدۇ. تۆۋەندىكى ئايەتتە بايان قىلىنغان ھەقىقەتنى ئىنسانغا پەقەت ياراتقۇچىلا بايان قىلىپ بېرەلەيدۇ:

« بىز ئىنساننى ئەڭ چىرايلىق شەكىلدە ياراتتۇق، ئاندىن دەسلەپكى ھالىتىگە قايتۇردۇق » ( 4 – 5 ).

بۇ تاكاممۇللىشىش سەپىرىنى ئاخىرىلاشتۇرۇشنى ئارزۇ قىلىۋاتقان، بۇنىڭ ئۈچۈن يولدىن چىقىپ كەتمەسلىككە تىرىشىۋاتقان، يولدا سەبىر بىلەن مېڭىۋاتقان، يولنىڭ ئىگىسىگە ئىشەنگەن / ئىمان ئېيىتقان كىشىلەرگە خىتاپ قىلىدۇ:

« ( تاكاممۇللىشىش سەپىرىدە ) ئىماندا مۇستەھكەم تۇرغان ۋە ئۇ ئىمانىغا ماس ئەمەللەرنى قىلغۇچىلارغا چەكسىز مۇكاپات بېرىمىز » ( 6 ).

سۈرىنىڭ ئاخىرىدىكى خىتاپ ئىنسان بولۇشنى داۋا قىلغۇچى ھەر كىشىگە قارىتىلغان بولۇپ:

« ئۇنداقتا ( ئى ئىنسان ) پۈتۈن بۇ ھەقىقەت ( روشەن دەلىلەر بايان قىلىنغان )دىن كېيىن ساڭا ھېساپ كۈنىنى ئىنكار قىلغۇزىۋاتقان نەرسە نېمە؟ ( ئى ئىنسان ) ئاللاھ ئەڭ ئادىل ھۆكۈم قىلغۇچى ئەمەسمۇ؟ » ( 7 – 8 ).

« قۇرئان سۈرىلىرىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى » ناملىق ئەسەردىن ئېلىندى