بۇرۇج سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

سۈرە بىرىنچى ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان « بۇرۇج» كەلىمىسى بىلەن ئاتالغان:

« بۇرۇجلار بىلەن تولغان ئاسمان شاھىت بولسۇن! ».

بۇرۇج كەلىمىسى ئەندۇلۇس ئارقىلىق خىرىستىيان ياۋروپاغا ئۆتكەن. يەنى، بۇرژۇئا –  بۇرۇجلاردا ئولتۇرغان بايلار تەبىقىسىنىڭ ئىسمىدۇر. بۇرژۇئازىيە –  بۇ تەبىقە ھاسىل قىلغان سىنىپىي تۈزۈمنىڭ ئىسمى. ياۋروپادىكى چوڭ شەھەرلەرنىڭ كۆپ سانلىقىدا بۇ ئىسىم ئىشلىتىلمەكتە. لۇگسىمبۇرگ، ھامبۇرگ، دىسبۇرگ، ستارازبۇرگ بۇلاردىن بىر قانچىسى.

بۇ سۈرە ساھابىلەردىن كەلگەن رىۋايەتلەردە بىرىنچى ئايەت بىلەن تولۇق ئاتالغان. مۇسھابلاردا، ھەدىس ۋە تەپسىر كىتاپلىرىدا بۇرۇج ئىسىمى بىلەن ئاتالغان.

سۈرە مەككىدە نازىل بولغان بولۇپ، مەزمۇنىدىن مۇئمىنلەرگە قارىتىلغان زۇلۇم ۋە ئەزىيەتلەر باشلانغان بىر مەزگىلدە نازىل بولغانلىقى مەلۇم. بۇ نەجمدىن كېيىن ۋە ھاققا سۈرىسى نازىل بولۇشتىن ئىلگىرىكى مەزگىلگە، يەنى دەۋەتنىڭ 4 –  ياكى 5 –  يىلىغا توغرا كەلمەكتە.

ساھابىلەر تىزغان دەسلەپكى سۈرە تەرتىۋىدە شەمس ۋە تىن سۈرىسىنىڭ ئارىسىغا تىزىلغان.

سۈرىدە ئېتىقادقا قارىتىلغان تەشكىللىك بېسىم چۆرىدەلگەن ھالدا قانچىلىك زۇلۇم قىلىشتىن قەتىئىينەزەر، كۈچ –  قۇۋۋەت تىلىنىڭ سۆزنىڭ كۈچىنى بويسۇندۇرالمايدىغانلىقى بايان قىلىنغان. ھەرقانداق بىر زالىم ياققان زۇلۇم گۈلخانى ئىماننى كۆيدۈرەلمەيدۇ.  ئىماننىڭ ئىززىتى ھەر دائىم قېيىن –  قىستاق ۋە زۇلۇمدىن غالىپ كېلىدۇ. ئىمانغا قارشى ئوت بىلەن تولغان ئورەكلەر تەييارلىغانلار، بۇ قىلمىشىنىڭ جازاسىنى ئاخىرەتتىكى ئوت بىلەن تولدۇرۇلغان ئورەكلەردە تارتىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەت بايان قىلىنغان.

مۇپەسسىرلەر سۈرىنىڭ ئالدىنقى بۆلىكىنى تارىخى بىر رىۋايەتلەر ئاساسىدا چۈشەندۈرگەن. بىزنىڭچە تارىخى بىر ۋەقە ئىما قىلىنغان ئايەتلەر 7 –  8  –  ئايەتلەردۇر.

« ئۇلارنىڭ مۇئمىنلەرگە قىلغانلىرى ئۆزلىرىنىڭ بېشىغا كەلدى. ئۇ ( زالىملار ) پەقەت غالىب، مەدھىيىگە لايىق ئاللاھقا ئىمان ئېيىتقانلىرى ئۈچۈنلا  مۇئمىنلەرنى يامان كۆرگەنىدى » ( 7 –  8 ).

بۇ ئايەتلەرنىڭ ئالدىدىكى 1 –  6 –  ئايەتلەر، پەقەت ئاللاھقا ئىبادەت قىلغانلىقى ئۈچۈنلا مۇئمىنلەرگە زۇلۇم قىلىپ، ئۇلاردىن ئۆچ ئالماقچى بولغانلارنىڭ ئاخىرەتتىكى ئەھۋالى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك. چۈنكى، مەزكۇر سۈرنىڭ، بۇ مەزگىلدە نازىل بولغان باشقا بىر قانچە سۈرىگە ئوخشاش قەسەم ۋە جاۋاپتىن تەشكىل قىلىنغان ئالتە ئايەتلىك بۆلىكىنىڭ ئانا تېمىسى ئاخىرەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

سۈرە ئىماننى كۆيدۈرمەكچى بولغان ھەر دەۋرنىڭ زالىملىرىنى تەۋبە قىلىپ، پۇشايمانلىق ھېس قىلمىسا، ئاخىرەتتە جەھەننەم بىلەن جازالىنىدىغانلىقى بىلەن ئاگاھلاندۇرماقتا:

« مۇئمىن ئەرلەر ۋە مۇئمىن ئاياللارغا زىيانكەشلىك قىلغاندىن كېيىن كۇفرىدىن قايتمىغانلار، شۈبھىسىزكى، جەھەننەمنىڭ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ، ئۇلارغا ئوت بىلەن ئازاپ قىلىنىدۇ » ( 10 ).

ئېتىقادقا قاراتقان بېسىم ۋە زۇلۇمنى تەرك قىلىپ، ياخشىلىققا يۈزلەنگەنلەرگە جەننەت بىلەن خوش بىشارەت بېرىلگەن ( 11 ). بۇ ئايەتلەر ئاللاھنىڭ مەرھەممىتىنىڭ ناھايىتى چەكسىز ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ. بۇ مەرھەمەتنىڭ تېگىدە ياتقان ئاساسىي ئامىل، ئاللاھنىڭ « ھەم دوست تۇتقۇچى ھەم دوست تۇتۇلۇشنى خالايدىغان » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « ئەل ۋەدۇد » ئىسمىدۇر.

« ئۇ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، دوست تۇتقۇچىدۇر ۋە دوست تۇتۇلۇشنى خالىغۇچىدۇر » ( 14 ).

سۈرىنىڭ ئاخىرىدا سۆز قۇرئان ۋەھىي بىلەن ئاخىرىلاشقان بولۇپ، سۈرىنىڭ مەقسىتىنىڭ تارىخى بىر ۋەقە ئارقىلىق ھەر بىر خىتاپ قىلىنغۇچىنىڭ « ھازىرقى ۋاقىت ۋە شۇ جاينىڭ ئۆزىدىكى » رىئاللىقنى بايان قىلىش ئىكەنلىكى مەلۇم بولماقتا:

« بۇ شانۇ –  شەۋكەتلىك بىر خىتاپتۇر، لەۋھۇلمەھپۇزدا ساقلانغاندۇر » ( 21 – 22 ).

« قۇرئان سۈرىلىرىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى » ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى.