شەمس سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى
سۈرە بىرىنچى ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان « قوياش » مەنىسىدىكى « شەمس » كەلىمىسى بىلەن ئاتالغان.
« قوياش ۋە ئۇنىڭ نۇرى بىلەن قەسەمكى، قوياشقا ئەگەشكەن ئاي بىلەن قەسەمكى! » ( 1 – 2 ).
رەھمان سۈرىسىدە قوياشنىڭ سەجدە قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنىدۇ. بۇنىڭ مەقسىتى، قوياشنىڭ يارىتىلىش مەقسىتىگە ماس ھالدا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەش بولۇپ، بىرىنچى ئايەتتە قوياشنىڭ شاھىتلىقى تىلغا ئېلىماقتا. ئەلۋەتتە، قوياش ئالدى بىلەن، نازىل بولۇش مۇھىتىدا ئۆزىنى ئىلاھلىق سۈپىتى بىلەن سۈپەتلىگەنلەرنىڭ زىيىنىغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ. ئاندىن، ھەر كۈنى تۇغۇلغاندىن كۈن پاتقىچە بولغان ئارىلىقتىكى ھەر نەرسىگە گۇۋاھچى بولىدۇ. قوياش ۋە ئاينىڭ شاھىت بولىشى، كېچە ۋە كۈندۈزنىڭ شاھىت بولىشى دېگەنلىكتۇر. كېچە ۋە كۈندۈزنىڭ شاھىت بولىشى، ئۇلارنىڭ ئىنسانلارنىڭ ھەر قىلمىشىغا شاھىت بولىدۇ دېگەنلىكتۇر.
يىغىنچاقلىغاندا، ھېچكىم ئاللاھتىن بىر نەرسىنى يوشۇرالمايدۇ.
مەزكۇر سۈرە، بۇخارىدا بىرىنچى ئايىتى بىلەن ئاتالغان.
قۇرئاندا، يەر يۈزىدىكى ھاياتنىڭ ئەڭ مۇھىم ئامىلى بولغان « قوياش » نىڭ ئىسىمى بىلەن ئاتالغان بىر سۈرىنىڭ بولىشى كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. قوياش كۆيدۈرگۈچى ھارارىتى ۋە زەھەرلىك نۇرلىرى بىلەن جەلال سۈپەتلىرىنىڭ، ھاياتنىڭ مەنبەسى بولىشى بىلەن جەمال سۈپىتىنىڭ ئورتاق تەجەللىسى بولۇپ، نۇر ۋە نار ( ئوت )مۇ ئۆزىنى ئۇنىڭدا بىرلىكتە نامايەن قىلىدۇ.
سۈرە مەككىدە نازىل بولغان. سۈرىنىڭ مەزمۇن پۈتۈنلىكىگە قارىغاندا بىر قېتىمدىلا نازىل بولغان بولىشى مۇمكىن. سەمۇد قەۋمىنىڭ ھالاكىتىگە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار بېرىلگەن ئاخىرقى بۆلىكى، ئۆز ۋاقتىدىكى مەككىلىك ئىنكارچىلارنىڭ مۇسۇلمانلارغا قاراتقان ئەزىيىتى ۋە زۇلۇمىنىڭ باشلانغان مەزگىلىنى ئىما قىلماقتا. بۇ مەزكۇر سۈرىنىڭ رىسالەتنىڭ 3 – 6 – يىللىرى ئارىسىدىكى دارۇل ئەرقەم يىللىرىدا نازىل بولغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا مەزكۇر سۈرە پەيغەمبەرلىكنىڭ 4 – يىلىدا نازىل بولغان بولىشى مۇمكىن. مەزكۇر سۈرە، دەسلەپكى مەزگىللەردىكى قۇرئان نازىل بولۇش تەرتىۋىدە بۇرج سۈرىسىنىڭ ئالدىغا تىزىلغان.
سۈرىدە فەجر ۋە بەلەد سۈرىلىرىدە بايان قىلىنغاندەك ھەزرىتى ئىنسان، ئۇنىڭ ئەبەدىي سائادىتى ۋە پالاكىتى بايان قىلىنغان.
سۈرىنىڭ قوياش ۋە نۇرىنى قوياشتىن ئالىدىغان ئاي شاھىت قىلىنغان ھالدا باشلىنىشى ( 1 – 2 )، بىر مەنىدە ئاللاھ ۋە ۋەھىينى سىمۋول قىلماقتا. قوياش ماددىي ھايات ئۈچۈن نۇر ۋە ھاياتلىق مەنبەسى بولغاندەك، ئاللاھ ۋە ۋەھىيمۇ مەنىۋىي ھايات ئۈچۈن نۇر ۋە ھايات مەنبەسىدۇر. كېچىسى ۋە كۈندۈزى بىلەن يەر يۈزى قوياش ۋە ئايغا شاھىت بولغاندەك، ئىنسان فىترىتىدىكى فۇجۇر ۋە تەقۋاسى بىلەن ئاللاھقا ۋە ۋەھىيگە شاھىتتۇر ( 3 – 8 ) . بۇ ئايەتلەر بۆلىكىنىڭ ئاخىرقى ئايىتى مۇنداق ئاخىرلاشقان:
« كىمكى ئۆز نەپسىنى پاكلاپ گۇناھلاردىن يىراقلاشسا، ئۇ چوقۇم ئەبەدىي سائادەتكە ئېرىشىدۇ؛ كىمكى ئۆز نەپسىنى ئىختىيارىغا قويۇپ بەرسە ( ئىچىدىكى ياخشىلىق ئۇرۇقىنى بىخلاندۇرماي ) چېرىتسە، ئۇ چوقۇم زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىدۇ » ( 9 – 10 ).
بۇ بۆلەكتە قوياش، قوياش نۇرى، ئاي، كۈندۈز، كېچە، ئاسمان، زېمىن ۋە ئىنساندىن ئىبارەت سەككىز نەرسىگە قەسەم قىلىنغان.
بۇ سەككىز نەرسىنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى شۇكى، گەرچە بۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى يارىتىلغان نەرسىلەر بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئىنسانىيەت تارىخىدا ئوخشاش بولمىغان ماكان ۋە زامانلاردا بۇلارغا « ئىلاھ » لىق سۈپىتى بېرىلىپ چوقۇنۇلغان. بۇ ئارقىلىق بۇلاردىن ئالدىنقى ئالتىسى ئىنساننىڭ ئەمرىگە ( خىزمىتىگە ) بېرىلگەنلىكى ئەسلىتىلىدۇ. خىزمىتىگە بېرىلگەن نەرسىلەرگە ئاللاھتىن مۇستەقىل ھالدا بىر « ئىلاھ » لىق سۈپىتى بېرىشى، خۇددى چاكىرىنىڭ خىزمەتكارى بولغان ئەقىلسىز خوجايىن بولغاندەك بىر ئىش، خالاس.
سۈرىنىڭ ئاخىرقى بۆلىكىدە، « زىيان تارتقۇچىلار كىملەرگە ئوخشايدۇ؟ » دېگەن سۇئالغان، سەمۇد قەۋمى دۇچار بولغان ئاقىۋەت مىسال قىلىنىش ئارقىلىق روشەن ھالدا جاۋاپ بېرىلگەن ۋە خىتاپ قىلىنغۇچىلار ئاگاھلاندۇرۇلغان. دەسلەپكى مەزگىلدە نازىل بولغان فەجر سۈرىسىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلگەن سەمۇد قەۋمىنىڭ ئاقىۋىتى بۇ سۈرىدە بىر قەدەر تەپسىلى بايان قىلىنغان. ئۇلار، ۋەھىيگە ئوخشاش ئىلاھى نۇر ئېلىپ كەلگەن بىر ئاللاھ رەسۇلىنى يالغانغا چىقىرىپ ئىنكار قىلغانىدى. نەتىجىدە، ئۇلار ئۆزلىرىنى زۇلمەتكە مەھكۇم قىلىپ، ئەبەدىي زىيان تارتقۇچىلاردىن بولدى ( 11 – 15 ).
« قۇرئان سۈرىلىرىنىڭ قىسقىچە مەزمۇن » ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى