كىرىش سۆز 

بارلىق مەدھىيەلەر ئاللاھقا، سالات ۋە سالام ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا، ئۇنىڭ كەرىم دوستلىرىغا، ئەھلى بەيتىگە ۋە ئىزىدىن ماڭغانلارغا بولسۇن.

پەيغەمبەرلەر تارىخى ھەققىدە ئىزدەنگەنلەر بىلىدۇكى، ئاللاھتىن ئالغان ۋەھينى ئىنسانلارغا يەتكۈزگەن بارلىق رەسۇللار ۋە ئۇلارنىڭ تەبلىغ قىلغان دىنى، ئىككى تۈرلۈك خەتەرگە، يەنى پەيغەمبەر ھايات ۋاقتىدا دۇچ كەلگەن خەتەرلەر ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن دۇچ كەلگەن خەتەرلەرگە دۇچ كەلگەن.

بىرىنچى تۈرلۈك رەددىيە ۋە خەتەرلەر، يەنى ئاساسەن دېگۈدەك پەيغەمبەرنىڭ شەخسىيىتىگە قارىتىلغان خەۋپنى تۆۋەندىكىدەك تۆت تۈرگە يىغىنچاقلاش مۇمكىن:

  1. كۆرمەسكە سېلىش، ئۇنتۇلۇشقا مەھكۇم قىلىش.
  2. كەمسىتىش، ئىناۋىتىنى تۆكۈش، ئۇنى ۋە رىسالىسىغا ھاقارەت قىلىش.
  3. سۈرگۈن ۋە ئۆلۈم بىلەن تەھدىت قىلىش، كەيپىنى ئۇچۇرۇپ، ۋاز كەچكۈزۈش.
  4. ئەمەلىي ھۇجۇمغا ئۆتۈش، قىيناش، ھاياتىغا قەست قىلىش.

پەيغەمبەرلەر تەبلىغ قىلغان دىنىغا نىسبەتەن كېلىدىغان ئىككىنچى تۈرلۈك خەتەر –  ۋەھىينى  ئۆزگەرتىۋېتىش، ئۇنىڭدىن ئېلىۋېتىش ياكى قوشۇپ قويۇش، دىننى ھاياتنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇش، دۇنيا – ئاخىرەت، زاھىر (ئاشكارە )  –  باتىن ( يۇشۇرۇن )، تۇيغۇ – چۈشەنچە، ئىبادەت – سىياسەت، ئەقىل – نەقىلغا ئوخشاش بىر – بىرىنى تولۇقلايدىغان ئۇنسۇرلارنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ساقلىغان ۋەھىي تەركىبلىرىنى بىر – بىرىدىن ئايرىپ تاشلاپ، دىننى پارچىلاش، دىننىڭ ئۆزگىرىشچان ۋە ئۆزگەرمەيدىغان يەرلىرىنى بىر – بىرىگە ئارىلاشتۇرۇۋېتىش بولۇپ، يىغىنچاقلىغاندا، ۋەھىينى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىش ۋە بۇزۇپ تاشلاشتىن ئىبارەت.

پەيغەمبەر ئېلىپ كەلگەن ئىلاھىي ۋەھىيگە قارىتىلغان ئىككىنچى تۈرلۈك خەتەر، پەيغەمبەرنىڭ ئۆزىگە قارىتىلغان بىرىنچى تۈرلۈك خەتەردىن تېخىمۇ قورقۇنچلۇق ۋە تېخىمۇ خەتەرلىك ئىدى. بۇ ئىككى تۈر خەتەر ئارىسىدا سان ۋە سۈپەت جەھەتتىن پەرق بار. بىرىنچى تۈرلۈك خەتەر تاشقىرىدىن كەلگەن بولسا، ئىككىنچى تۈرلۈك خەتەر ئىچكى تەرەپتىن كېلەتتى.  بىرىنچىسىنىڭ ئوبىيكتى ۋەھىي ئېلىپ كەلگۈچى؛ ئىككىنچىسىنىڭ بولسا، بىۋاسىتە ۋەھىي ئىدى. بىرىنچىسى ئوچوق  ۋە روشەن؛ ئىككىنچىسى، يوشۇرۇن ۋە ئوڭاي پەرق قىلغىلى بولمايدىغان شەكىلدە ئىدى. مانا بۇ سەۋبتىن، پەيغەمبىرىمىزمۇ باشقا پەيغەمبەرلەرگە ئوخشاش بىرىنچى تۈر خەتەردىن بەكراق ئۆزىدىن كېيىن، يەتكۈزگەن دىنىغا يېتىدىغان ئىككىنچى تۈرلۈك خەتەردىن قورققان ۋە ئۈممىتىنى بۇ خەتەردىن ئاگاھ بولۇشقا چاقىرغان ئىدى. ھىجرەت كېچىسى ھاياتى ئۈچۈن، بەدر كۈنى جامائىتى ئۈچۈن، خەندەك كۈنى دۆلىتى ئۈچۈن ھېس قىلمىغان ئەندىشىنى، ۋاپاتىدىن كېيىن تەبلىغ قىلغان دىنى ۋە قالدۇرۇپ كەتكەن ئۈممىتى ئۈچۈن ھېس قىلغان ئىدى. بۇ ئەندىشىسىنى ھەر قېتىم تىلغا ئالغىنىدا بەرگەن ئۆرنەكلىرى ئوخشاش ئىدى: ئىسرائىل ئوغۇللىرى…
ھەزرىتى پەيغەمبەر قۇرئاننىڭ 700 دىن كۆپرەك ئايەتتە، ھەم مەككە ھەم مەدىنىدە، ۋەھىي نازىل بولغان تۇنجى كۈندىن ئاخىرقى كۈنگىچە قەدەر تەكىتلەپ تۇرغان ئىسرائىل ئوغۇللىرىنىڭ يەھۇدىلىشىش قەدەم باسقۇچىنىڭ، ئۈممىتىنىڭمۇ بېشىغا كېلىش  ئېھتىمالى بولغان خەتەر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان ئىدى. بۇنى، قۇرئاننىڭ «يەھۇدىيلىشىش خەتىرى» ھەققىدە ئۆزى ۋە ئۈممىتىنى ھەمىشە ئاگاھلاندۇرۇش ئېھتىياجى ھېس قىلىىشىدىن بىلىپ يەتكەن بولۇپ، مۇھەممەد ئۈممىتىنىڭمۇ ئىسرائىل ئوغۇللىرىغا ئوخشاش يەھۇدىيلىشىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، ھەر پۇرسەتتە بۇ مەسىلىنى تىلغا ئالغان. مەلۇم بولغىنىدەك، يەھۇدىيلىشىشتىن بۇرۇن، ئىسرائىل ئوغۇللىرىمۇ قۇرئان تەكىتلىگەندەك مۇسۇلمان ئۈممەت ئىدى.

يەھۇدىيلىشىش ھەققىدىكى قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ تەپسىلىي تەھلىللىرىنى ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ مەسىلىگە ئائىت قايغۇسىنى ئەكس ئەتتۈرگەن ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنى مۇناسىۋەتلىك بۆلۈملەردە ئۇچرىتىسىز. بۇ مەسىلىنى نېمە ئۈچۈن «يەھۇدىيلىشىش مايىللىقى» دېگەن ماۋزۇ ئاستىدا قەلەمگە ئالغانلىقىمىزنى ئېيتىشقا توغرا كەلگەندە:

«يەھۇدىيلىشىش مايىللىقى» نى تەھلىل قىلغان ۋاقتىمىزدا ئالدىمىزغا ئۈچ تۈرلۈك ئۇقۇم چىقىدۇ:

  1. يەھۇدىيلىك
  2. يەھۇدىيلىشىش
  3. يەھۇدىيلىشىش مايىللىقى.

ھەممىگە مەلۇم بولغىىدەك، يەھۇدىيلىك قوش مەنىگە، يەنى ھەم مىللىي، ھەم دىنىي مەنىگە ئىگە ئۇقۇم. تەبىئىتى نۇقتىسىدىن، ھەم «ئىسرائىل ئوغۇللىرىغا مەنسۇپ بولۇش» مەنىسىدە مىللىي كىملىكنى ئىپادىلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئىسرائىل ئوغۇللىرىنىڭ دىنى بولغان «مۇسەۋىلىككە مەنسۇپ» بولۇش مەنىسىدە دىنىي كىملىكنى ئىپادىلەيدۇ.

يەھۇدىيلىشىش بولسا، مىللىي ۋە دىنىي تەۋەلىك ئىتىبارى بىلەن، گەرچە ئۆزى يەھۇدىيلىككە مەنسۇپ بولمىسىمۇ، ئۇلارغا ئوخشاش بولۇش، ئۇلارغا ئوخشىۋېلىش، ئۇلارنىڭ پوزىتسىيە ۋە مۇئامىلىسىنى ئۆزىگە سېڭدۈرۋېلىش مەنىسىنى ئىپادىلەيدىغان بولۇپ، نېمە ئۈچۈن بۇ ئۇقۇمنى تاللىغانلىغانلىقىمىزنى، قۇرئان ۋە سۈننەتتىن دەلىل كەلتۈرگەن ھالدا مەركۇز كىتابتا بايان قىلدۇق.
يەھۇدىيلىشىش مايىللىقى، جەمىئىيەت خاراكتېرلىق بولۇشتىن زىيادە، يەككە «يۈزلىنىش» بولۇپ، ھەر ئىنساندا يوشۇرۇن ھالەتتە تېپىلىشى مۇمكىن. بۇ خىل مايىللىق ھەر كىشىدە مەۋجۇت. ۋۇجۇت ئىممۇنت كۈچىنى يوقاتقاندىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقىدىغان يۇقۇملۇق ۋىروسقا ئوخشايدىغان بولۇپ، ئۇ مۇۋاپىق مۇھىتتا پوزىتسىيە ۋە مۇئامىلە ئايلىنىپ ئۆزىنى نامايەن قىلىدۇ، يۇقۇشچان خۇسۇسىيىتى بىلەن جەمىئىيەتتە ئاممىۋى پالاكەتكە ئايلىنىدۇ.

«يەھۇدىيلىشىش» بىلەن «يەھۇدىيلىشىش مايىللىقى» ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى ئايرىۋېلىش ئۈچۈن، بىرىنچىسىنىڭ ئىجتىمائىي خاراكتېرلىق، ئىككىنچىسىنىڭ يەككە خاراكتېرلىق ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىشىمىز كېرەك. يەھۇدىيلىشىش مايىللىقلىرى بىردىن بىردىن بىر يەرگە جەم بولغاندا يەھۇدىيلىشىش مەيدانغا كېلىدۇ. بۇنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىقتىكى ئۆرنىكىنى، 2. دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئىتالىيەدىكى فاشىزمنىڭ تەبىئىتنى تەتقىق قىلغان ئادورنونىڭ ئەسەرلىرىدىن تاپالايسىز. ئادورنو فاشىزمنىڭ بىر سېستىما بولۇپ پەيدا بولۇشىنى تەتقىق قىلىش جەريانىدا، بەزى كىشىلەردە ئورتاق بولغان مايىللىقلارنى بايقايدۇ. بۇلار كەڭ تارقالغان، لېكىن يوشۇرۇن ئاڭ ھالىتىدە مەۋجۇت بولغان مايىللىقلار بولۇپ، تەتقىقاتچى بۇنى «فاشىزم مايىللىقى» دەپ ئاتىغان. ئادورنونىڭ قارىشىچە، ئەتراپىدىكىلەرنىڭ بېسىمى، مەجبۇرىي تېڭىلغان مائارىپ، مۇستەبىت ئائىلە، ھۆكۈمران دادا دېگەندەك ھەرخىل سەۋەبلەر نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن بۇ ئېزىلگۈچى مايىللىقنىڭ، شەرت – شارائىتى پىشىپ يېتىلگەندە، ھەر بىر كىشىدە توساتتىن مەيدانغا كېلىشى، بىر سېستىما شەكلىدە «فاشىزم» نى مەيدانغا كەلتۈرگەن.

گەرچە ئىسمى قويۇلمىغان بولسىمۇ، يەھۇدىيلىشكەن جەمىئىيەتنى ياكى سستېمىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن نەرسە، ئوخشاشلا ئايرىم – ئايرىم شەخسىلەردىكى يەھۇدىيلىشىش مايىللىقى بولسا كېرەك.
يەنە بىر باشقا مەسىلىمىز، يەھۇدىيلىشىش مايىللىقىغا ئۇچرىغان مۇسۇلمانلاردىن تەشكىل تاپقان بىر توپلۇم / جەمئىيەت، يەنى «ئاڭسىز يەھۇدىيلىك» ئوتتۇرىغا چىقماقتا. بۇ يەردە، تارىختا تۇنجى قېتىم يەھۇدىيلەشكەن ئىسرائىل ئوغۇللىرىنىڭ، شۇ زامانلاردا بېشىغا كەلگەن سۈرگۈن، قىرغىنچىلىق ۋە خارلىنىشنى ئىچىگە سىڭدۈرۈپ، ئۇنىڭغا مايىل بولۇپ قالغانلىقى نەزەردە تۇتۇلماقتا. بۇ ئۆزلەشتۈرۈش، ئاڭلىق ھالدا يەھۇدىيلىشىشنى مەيدانغا كەلتۈرگەن. خەلق دائىما دۇچ كەلگەن خورلۇق ۋە پەسكۆرۈلۈش نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن «نەپرەت» نى، «دىن» غا ئايلاندۇرغان. بۇ «نەپرەتكە تولغان دىن» ياكى «دىنغا ئايلانغان نەپرەت»، «مۇقەددەس قوۋم» مۇتەئەسسىپلىكىنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ مۇتەئەسسىپ چۈشەنچىگە چىڭ يېپىشقان يەھۇدىيلار دىنىنى، كىتابلىرىنى، پەيغەمبەرلىرىنى ۋە ھەتتا ئىلاھلىرى (يەھوۋا) نى مىللىيلەشتۈرۈپ ئىچىكى بېكىنىشكە باشلاپ، يەھۇدىيلىك بىر يېپىق ھاۋازا دىنىغا، يەھۇدىيلەرمۇ بېكىنمە مىللەتكە ئايلانغان. بېكىنمىچىلىك ئىچىدە ياشىغان خەلقلەر / جامائەتلەر ئىجتىمائىيلىققا ئىگە بولالمايدىغانلىقى ئۈچۈن، يەھۇدىيلەرمۇ ئىجتىمائىيلىققا ئىگە بولالمىدى. ئۇلار بۇنىڭ دەردىنى تارىخ بويىچە تارتىپ كەلدى.

ھالبۇكى، ئىسلامنىڭ ئالەمشۇمۇل قۇرۇلمىسى، قاتتىق مىللىيەتچىلىكىنى شەكىللەندۈرمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇسۇلمانلارنىڭ تارىخىدا «نەپرەت» قوزغايدىغان مىللىي سۈرگۈن ۋە ياكى قىرغىنچىلىق بولغان ئەمەس. بولۇپمۇ، قۇرئاننىڭ رەببى مەرھەمەتلىك ئاللاھتۇر؛ ئاللاھ، ئۆزگەرتىۋېتىلگەن تەۋراتنىڭ يەھوۋاسىغا ئوخشاش قىساسكار، پەقەت ياخشى كۆرمەيدىغان، ھەمىشە ئازارلايدىغان ئىلاھ ئەمەس، ئەكسىچە « مېھرى – شەپقەتلىك » ئىلاھ.

ئۆزلىكىدىن يەھۇدىيلەشكەن ئىسرائىل ئوغۇللىرىنىڭ بۈگۈنكى دۇنيامىزدا كەلگەن نۇقتىسى بىلەن، ئاڭسىز شەكىلدە يەھۇدىيلەشكەن مۇسۇلمانلار كەلگەن نۇقتا ئارىسدا چوڭ پەرق بار. ئاڭلىق يەھۇدىيلىك دۇنيانى قانچىلىك بەدەل تۆلەشتىن قەتئىينەزەر سۈمۈرۈشنى، ھەم «ياتلار»، ھەم «كاپىر» مەنىسىدىكى «گوئىم» نى، يەنى ئۆزىدىن بولمىغان بارلىق قوۋم ياكى خەلقنى ئۆز ئەمەللىرىگە خىزمەت قىلدۇرۇشنى، ھەر تۈرلۈك ساختىپەزلىكنى مۇباھ كۆرۈپ، يەر يۈزىنىڭ تىزگىنىنى قولىغا كىرگۈزۈشنى غايە قىلغان بولسا؛ ئاڭسىز يەھۇدىيلەشكەن مۇسۇلمانلار، بۇ دۇنيانى ھەمدە ئۇ دۇنيانى قولدىن بېرىپ قويماقتا.

ئىسرائىل ئوغۇللىرىنىڭ قانداق قىلىپ يەھۇدىيلەشكەنلىكىنى بىلىش، ئۇلارنىڭ تارىخىنى پىششىق بىلىش بىلەنلا مۇمكىن بولىدۇ. شۇڭا، ئىسرائىل ئوغۇللىرىنىڭ يەھۇدىيلىشىش جەريانىنى قولىمىزدىن كېلىشىچە ئىخچام قىلىپ چۈشەندۈرۈشكە تىرىشتۇق. بۇنىڭ بىلەنلا كۇپايىلەنمەستىن، بۇ نەسىلنىڭ ئەرەبىستان يېرىم ئارىلىغا كېلىش ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ۋاپاتىغىچە قەدەر بولغان تارىخىنىمۇ نەقىل قىلدۇق. ئەسرى سائادەتتىكى مۇسۇلمان – يەھۇدىي مۇناسىۋەتلىرىنى ئىلاجى بار ئىشەنچلىك مەنبەلەرگە ئاساسلىنىپ بايان قىلىشقا تىرىشتۇق.

بارلىق تەتقىقاتىمىز نەتىجىسىدە شۇنى قورقماي ئېيتالايمىزكى: يەھۇدىيلىشىش بۇ ئۈممەتنىڭ قىيامىتىدۇر. بۇنى بىز ئەمەس، بەلكى پەيغەمبىرىمىز مۇشۇنداق تەرىپلىگەن بولۇپ، ساھابىلەرمۇ مۇشۇنداق چۈشەنگەن. ئۇنداقتا ئۈممەتى مۇھەممەدنىڭ قىيامىتى بولغان يەھۇدىيلىشىشنىڭ ئالامەتلىرى نېمە؟ دەل ئەشۇ نۇقتىلارنى ئايرىم – ئايرىم تېما ئاستىدا بىر – بىرلەپ تەتقىق قىلدۇق. كۈنىمزدىكى مۇسۇلمانلار بىلەن ئەسرى سائادەت يەھۇدىيلىرى، ھەتتا قەدىمكى ئىسرائىل ئوغۇللىرى ئارىسىدىكى پوزىتسىيە ۋە مۇئامىلە پاراللېللىقىنى كۆرسىتىپ بېرىشكە تىرىشتۇق.

بۇ تېمىنى تەتقىق قىلغاندا، ئەڭ باشتا قۇرئان، 9 مەشھۇر ھەدىس كىتابىنىڭ ھەممىسىنى، تەۋرات، ئىنجىللەرنى، ئىبنى ھىشامنىڭ «سىيرا» سى ۋە ئىبىن ھازمنىڭ «ئەلفاسىل» ىغا ئوخشاش، تېمىمىزغا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئانا مەنبەلەرنىڭ ھەممىسىنى باشتىن – ئاخىر تەپسىلىي تەتقىق قىلدۇق. بۇ كىتابتا تىلغا ئېلىنغان ئايەتلەرنىڭ مەنە تەرجىمىسىنىڭ كۆپىنچىسى بىزگە ئائىت. بۇ سەۋەبتىن، ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ، قوللىرىدىكى مەنە تەرجىمەلەر بىلەن ئوخشىمايدىغان تەرجىمىلەرنى ئۇچرىتىشى تولىمۇ تەبىئىي.

كىتابىمىزدا قوللانغان بارلىق ھەدىسلەرنىڭ مەنبەسى «ئەلمۇئجەمۇل مۇفەخرەس لى ئەلفازىل ھەدىس» دىن ئېلىنغان. ئەمما، 9 ھەدىس كىتابىنىڭ ئوخشىمىغان نۇسخىلىرىدىن ئالغان بەزى ھەدىسلەرنى، ئىزدەنگەن بولساقمۇ، مەزكۇر ئەسەردىن تاپالمىدۇق، بۇلارنىمۇ ئىزاھاتتا ئەسكەرتىپ ئۆتتۇق. بولۇپمۇ تەۋرات ئايەتلىرىنى، تۈركچە تەرجىمىسىنى ئەرەپچە تەرجىمىسىگە سېلىشتۇرۇپ تەمىنلىدۇق. تۈركچە تەرجىمىدىكى ئىپادە خاتالىقى بىزنى بۇنىڭغا مەجبۇر قىلىپ قويدى.

زۆرۈر دەپ قارىغان مۇھىم ۋە نازۇك نەقىللەرنىڭ پەقەت تەرجىمىلىرىنى بېرىش بىلەنلام چەكلىنىپ قالمىدۇق، ئەھلىنىڭ پايدىلىنىپ قېلىشى مەقسىتىدە تېكىستلىنىمۇ ئىزاھاتلاردا تەمىنلەشكە تىرىشتۇق.

ئوقۇرمەنلىرىمىزنى كىتاب بىلەن يەكمۇ يەك قويۇش بىلەن بىرگە، ئىسرائىل ئوغۇللىرىنىڭ ۋە ئۈممەتى مۇھەممەدنىڭ بىر – بىرىگە ئوخشاپ كېتىدىغان يەھۇدىيلىشىش جەريانى، بۇ كىتابنىڭ يېزىلىش مەقسىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بۇ قۇرئان ئايىتىنى قايتا ئەسلىتىشىمىزنى تەقەززا قىلىدۇ: «بىر توپلۇق / قوۋم ئۆز نەپسىدە بولغاننى ئۆزگەرتمىگىچە، ئاللاھمۇ ئۇ توپلۇق / قوۋمنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ».

يەھۇدىيلىشىش مايىللىقى، يەھۇدىيلەردىنمۇ بەكرەك خەتەرلىك. چۈنكى، بۇ ئۈممەت يەھۇدىيلىشىشتىن ئۆزىنى ساقلاپ قالسا، يەھۇدىيلەر ئۈستىدىن غالىپ كېلەلىشى مۇمكىن. 6 مىليون نوپۇس بىلەن 250 مىليۇن نوپۇسلۇق ئامېرىكىنى، شۇنداقلا دۇنيانى باشقۇرۇۋاتقان يەھۇدىيلەردىنمۇ بەكرەك خەتەرلىك بولغان نەرسە، بۇ ئۈممەتنىڭ يەھۇدىيلىشىپ كېتىشى. بۇ ئۈممەت، ئالدى بىلەن يەھۇدىيلەر بىلەن ئەمەس، يەھۇدىيلىشىشكە قارشى كۈرەش قىلىشى كېرەك.

بۈگۈن، ئۆز نەپسىمىزدە بولغان «يەھۇدىيلىشىش مايىللىقى» سەۋەبىدىن ئۈممەتچە كېلىپ قالغان قورقۇنچلۇق ھالىمىز ھەممىگە مەلۇم. ئۈممەتنىڭ قيامىتى، يەھۇدىيلىشىش نەتىجىسىدە قايىم بولدى. ئۈممەت جۇغراپىيەسىنىڭ ھەر رايونلىرىدىن كېلىۋاتقان ئاھۇ – پىغانلار بۇنىڭ ئاچچىق خەۋەرچىسى. ھەر قىيامەتكە بىر «بەئسۇل بەئدەل مەۋت / ئۆلۈمدىن كېيىنكى قايتا تېرىلىش» كېرەك. ئەگەر ئۆز نەپسىمىزدە بولغان «يەھۇدىيلىشىش مايىللىقى» نى تورمۇزلاپ، ئۇنى «مۇسۇلمانلىشىش مايىللىقى» غا ئۆزگەرتەلىسەك، ئۇ ۋاقىتتا چۆلدە سەرەپقا ئالدىنىپ ئېزىپ يۈرگەن ئاۋارە ئىسرائىل ئوغۇللىرىدەك، نېمە قىلىشىمىزنى بىلەلمەي قالغان شۇ زامان چۆلىدىن «چىقىش» قا قادىر بولۇپ، «ۋەدە قىلىنغان تۇپراقلار» غا ئەمەس، بەلكى قۇرئاندا «ۋەدە قىلىنغان نىجاتلىق» قا ئېرىشەلەيمىز.

يىللارچە ئېلىپ بېرىلغان تەييارلىق نەتىجىسىدە، بۇ ئەسەرنىڭ ھازىرلىنىشىغا ئەجرى سىڭگەن ھۆرمەتلىك ئەلى قابانغا، ئىنگىلىزچە تېكىستلەرنىڭ تەرجىمىسىدە تۆھپىسى بولغان فاتىمە ئۆزتەن خانىم ئەپەندىمگە رەھمەت ئېيتىشنى ئۆز بۇرچۇم دەپ بىلىمەن.

غەيرەت بىزدىن، تەۋپىق ۋە ئىنايەت رەببىمىزدىن.

مۇستافا ئىسلامئوغلى

1995 – يىلى يانۋار، كۈچۈككۆي

 

  1. باب

 

قۇرئان ۋە يەھۇدىيلىشىش مايىللىقى

 

  1. «يەھۇدىيلىشىش» ئۇقۇمى ھەققىدە

 

  • لۇغەت تەھلىلى

بىزنىڭچە ئىسرائىل ئوغۇللىرىنىڭ قۇرئاندا بايان قىلىنغان «يولدىن ئادېشىپ كېتىش جەريانى» نى ئىپادىلەيدىغان ئەڭ مۇۋاپىق ئىسىم «يەھۇدىيلىشىش» تىن ئىبارەت.

ئەلۋەتتە بۇ ئۇقۇم ئاساسلانغان تارىخى سەۋەبلەر بار بولۇپ، بۇ سەۋەبلەرنىڭ نېمىلەر ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن «يەھۇدىي» ئۇقۇمىنىڭ مەنبەسىگە قاراپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ.

بۇ ئۇقۇمنىڭ مەنبەسى ۋە سۆز يىلتىزى ھەققىدىكى قاراشلار تۆۋەندىكىچە:

  1. يەھۇدى ئۇقۇمىنىڭ مەنبەسىنىڭ ئارامىيچە ياكى ئىبرانىيچە ئىكەنلىكى ھەققىدە ئىككى خىل قاراش بار. بۇ سۆز ئىبرانىيچە ۋە ئەرەبچىدىكى «ئەھمەد» سۆزىنىڭ «ماختالغان، مەدھىيلەنگەن» دېگەن مەنىلىرىنى بىلدۈرىدۇ[1]. بۇ سۆز ئارامىي تىلىدا «ساختا»، «ساختىپەزلىك»، «ھىيلىگەرلىك» دېگەن مەنىلەرنىمۇ بىلدۈرىدۇ.
  2. يەھۇدا ئىسمى، لەقىمى «ئىسرائىل» بولغان ھەزرىتى ياقۇبنىڭ رەپىقىسى راھەلدىن تۇغۇلغان تۆتىنچى ئوغلىغا قويۇلغان ئىسىم بولۇپ، دەسلەپتە ئۇنىڭ نەسەبىدىن بولغانلار بۇ ئىسىم بىلەن ئاتالغان بولسا، كېيىن بۇ ئىسىم پۈتۈن ئىسرائىل ئوغۇللىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن[2].
  3. بۇ ھەزرىتى ياقۇبنىڭ ئوغلىنىڭ ئىسمى ئەمەس، بەلكى لەقىمى. بۇ لەقەم ئۇنىڭغا ھەزرىتى يۈسۈپنى قۇدۇققا تاشلىۋېتىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى سەۋەبىدىن بېرىلگەن[3].

بۇ قاراشنىڭ داۋامى مۇنداق بولۇپ، ئۇنىڭ نەسلىدىن كەلگەن يەھۇدا ئايمىقى 12 ئىسرائىل ئايمىقى ئىچىدە ھەممىدىن بەك دىندىن يېنىۋالغان، ئەڭ كۆپ خىيانەت قىلغان، ھەممىدىن بەك ئادېشىپ كەتكەن ۋە ئازدۇرغان، پەيغەمبەرلەرنى ئەڭ كۆپ ئۆلتۈرگەن ئايماق. يەھۇدا ئايمىقى يەنە ھەزرىتى سۇلايمان قۇرغان ئادالەت دۆلىتىنى، ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 931 – يىلىدا پارچىلىۋەتكەن. بەزى تارىخچىلار ھەزرىتى ئىيسانى رىملىقلارغا چىقىپ قويغان ھاۋارىسى ئىسكاريوتنىڭ «يەھۇدا» دەپ ئاتىلىشىنىڭ سەۋەبىنى، ئۇنىڭ ھەم بۇ ئايماقتىن بولۇشى، ھەم ھەزرىتى ئىيساغا خىيانەت قىلىشىدىن بولغان دەپ ئىزاھلايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئىسرائىل ئوغۇللىرى ئىچىدە مەيلى شەخس ياكى جامائەت شەكلىدە كىم خىيانەت قىلسا، ئۇ «يەھۇداغا ئوخشاش خائىن» دېگەن مەنىدە «يەھۇدىي» دەپ ئاتالغان. مەشھۇر «Redhouse» لۇغىتىدە «يەھۇدى» سۆزىنىڭ مەنىسى «ھەمراھلىرىغا خىيانەت قىلغان كىشى»[4] دەپ ئىزاھلانغان.

  1. بەزىلەر بۇ سۆزنى ئەرەبچە دەپ قاراپ، «تەۋبە قىلىش، ھىدايەتكە ئېرىشىش» مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان «ھ و د» سۆز يىلتىزىدىن كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. بۇنى يەھۇدىيلارنىڭ پىرئەۋندىن قۇتۇلغاندىن كېيىن، ئاللاھقا شۈكۈر قىلىشنىڭ ئورنىغا خىيانەت قىلىپ موزايغا چوقۇنۇشى ۋە بۇنىڭ سەۋەبىدىن بېرىلگەن قاتتىق جازانى كۆرۈپ، «تەۋبە قىلىپ، توغرا يولغا ئېرىشىكەنلىكى» بىلەن ئىزاھلىغان.

 

2) ئىستىلاھى تەھلىلى

 

مۇسەۋىلەرنىڭ «يەھۇدىيلىشىش جەريانى»، ئەلۋەتتە ئەقىدىنى بۇزۇش ۋە خىيانەت قىلىش جەريانى بولۇپ، بىز «يەھۇدىيلىشىش ۋە خىرىستىيانلىشىش» شەكلىدە ئىپادىلىگەن بۇ ئۇقۇم، قۇرئانى ئىستىلاھلاردىن بىرى. قۇرئاندا تىلغا ئېلىنغان مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردىن بۇنى روشەن ھالدا كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. مەسىلەن:

«يەھۇدىيلىشىڭلار ياكى خرىستىيانلىشىڭلار، شۇنداق قىلساڭلار ھىدايەت تاپىسىلەر.

ئېيتقىنكى: ياق، ئۇنداق ئەمەس. بىز ئىبراھىمنىڭ ھەنىف دىنىغا ئەگىشىمىز. ئۇ مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى »[5].

بۇ ئايەتتىن بىز چۈشەنگەن ھەقىقەت مۇنداق:

بۇ ئايەتتە بىز «يەھۇدىيلىشىش» ياكى «خرىستىيانلىشىش» دەپ تەرجىمە قىلغان سۆزلەرنى «يەھۇدىي بولۇڭلار»، «خرىستىيان بولۇڭلار» شەكلىدە تەرجىمە قىلىش مۇمكىن. لېكىن، بۇ تەرجىمە ئايەتنىڭ مەقسىتىگە ئانچە مۇۋاپىق كەلمەيدۇ. چۈنكى:

  1. بۇ ئايەتتە ئەھلى كىتاب مۇسۇلمانلارنى تەۋراتقا ياكى ئىنجىلغا ئىمان ئېيتىشقا دەۋەت قىلمايۋاتىدۇ. چۈنكى، تەۋراتقا ۋە ئىنجىلغا ئىمان ئېيتىش مۇسۇلمان بولۇشنىڭ شەرتلىرىدىن بىرى. كىتابلارغا ئىمان ئېيتىش، ئىمان شەرتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، قۇرئان قايتا – قايتا بۇنىڭغا دەۋەت قىلغان.
  2. بۇ ئايەتتە يەھۇدىيلار ۋە خرىستىيانلارنىڭ مۇسۇلمانلارغا چاقىرىقى ھەزرىتى مۇسا ياكى ئىيساغا ئىمان ئېيتىش ئەمەس. چۈنكى، ھەزرىتى مۇسا ۋە ئىيسا قۇرئان تەستىقلىغان ۋە مۇسۇلمانلار ئىمان ئېيتقان ئىككى پەيغەمبەر. ئۇلاردىن بىرسىنى ئىنكار قىلغۇچى مۇسۇلمان بولالمايدۇ. بۇ ھەقىقەتنى يەھۇدىيلار ۋە خرىستىيانلار بىلىدۇ.
  3. ئەھلى كىتاب مەزكۇر چاقىرىقنى ھەزرىتى مۇسا ياكى ھەزرىتى ئىيساغا «ئەگىشىش» ئۈچۈن قىلمىغان. چۈنكى، قۇرئان ھەزرىتى مۇھەممەدنى «ئۇلارنىڭ يولىغا ئەگىشىش» كە بۇيرۇغان. قۇرئان يۇقىرىدىكى ئايەتتىن كېيىنكى ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان 18 پەيغەمبەر ئىچىدە ياقۇب، داۋۇد، سۇلايمان، يۈسۈپ، مۇسا، ھارۇن، زەكەرىيا، يەھيا ۋە ئىيسادىن ئىبارەت 9 نەپەر بەنى ئىسرائىل پەيغەمبىرىگە ئورۇن بەرگەن بولۇپ، باشقا بىر ئايەتتە ئاللاھ رەسۇلىغا مۇنداق خىتاپ قىلماقتا:

«مانا بۇلار ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىلەردۇر، ئۇلارنىڭ يولىغا ئەگەش»[6].

ئاللاھ رەسۇلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆزىدىن ئىلگىرىكى ئەلچىلىك ئەنئەنىسىنىڭ ئاخىرقى ۋەكىلى بولغانلىقى ئۈچۈن، جىمى ئىنسانىيەتكە نەبى قىلىپ ئەۋەتىلگەن. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەڭ باشتا يەھۇدىي ۋە خرىستىيانلار، ئۇنىڭدىن قالسا بارلىق ئىنسانلارغا تۆۋەندىكى چاقىرىقنى قىلىشقا بۇيرۇلغان:

«ئېيتقىنكى: ئەي ئىنسانلار، مەن سىلەرگە ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئەلچى»[7].

مەلۇم بولغىنىدەك، ئىسلام بارلىق زامان ۋە ماكانلارنىڭ «توغرا يولى» غا قۇرئان تەرىپىدىن بېرىلگەن ئىسىم. «مۇسۇلمان» ئىسمى بولسا، بارلىق زامان ۋە ماكانلاردا بۇ يولغا ئەگەشكەنلەرگە ئىرىق، شەرىئەت، پەيغەمبەر، جۇغراپىيلىك ئورۇننىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزە ئۇلارغا بېرىلگەن ئورتاق ئىسىم. ئىسلام، ئۇزۇن يىللىق ئىنسانىيەت داستانىنىڭ «بىردىنبىر، شۇنداقلا ئۆزگەرمەس ئورتاق قەدىر – قىممەت سىستېمىسى» نىڭ ئىسمى. بۇ ھەقىقەت «يەھۇدىيلىشىش جەريانى» بىلەن ۋاستىلىك مۇناسىۋىتى بولغان نەمل سۈرىسىدە ئەڭ يارقىن شەكىلدە بايان قىلىنغان.

بۇ سۈرىدە ئالدى بىلەن قۇرئاننىڭ مەنبەسىنىڭ ۋەھىي ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ، ئاندىن مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭمۇ ئەنە شۇ مەنبەدىن ئوزۇق ئالغانلىقى تەكىتلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ۋەھىي ئەنئەنىسىنىڭ يەنە بىر ئەزاسى بولغان سۇلايمان ئەلەيھىسسالام تىلغا ئېلىنىپ، سەبە مەلىكىسىگە «مۇسۇلمان» بولدۇق دېگۈزۈلىدۇ[8].

قۇرئان مۇسۇلمان بولۇشنى «ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە ئۆزىنى تاپشۇرۇش» دەپ ئىزاھلايدۇ[9]. يەنە قۇرئان تەۋراتنىڭ «ھىدايەت ۋە رەھمەت سۈپتىدە»[10] ھەزرىتى مۇساغا بېرىلگەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ. بۇنىڭغا قارىغاندا ئىسرائىل ئوغۇللىرى يەھۇدىيلەشكەنسېرى تەۋراتتىن ۋە ھەزرىتى مۇسادىن، يەنى ھىدايەت ۋە رەھمەتتىن، خۇلاسە قىلغاندا، «مۇسۇلمانلىق» تىن يىراقلاشقانىدى.

ئەگەر يەھۇدىيلار ۋە خرىستىيانلار تەۋرات ۋە ئىنجىلغا، ھەزرىتى مۇسا ۋە ئىيساغا ئىمان ئېيتىشقا، ھەزرىتى مۇسا ۋە ئىيسانىڭ يولىغا ئەگىشىشكە چاقىرمىغان بولسا، – بۇلارغا ئىمان ئېيتماستىن مۇسۇلمان بولغىلى بولمايدۇ – ئۇنداقتا ئۇلار نېمىگە چاقىرماقتا؟ نېمە ئۈچۈن قۇرئان ئۇنى رەت قىلىپ، ھەزرىتى ئىبراھىم ئۈچۈن «ئۇ مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى» دېيىش ئارقىلىق، ئۇلار چاقىرغان نەرسىنى «شېرىك» دەپ تەرىپلىمەكتە؟

بۇ ئەھۋالدا ئۇلار دەۋەت قىلغان نەرسە شۈبھىسىز «ئىسلام»، «ئىمان» ۋە «شەرىئەت» ئەمەس.

مانا بۇ سەۋەبتىن، ئۇلار دەۋەت قىلغان نەرسىنى بىز «يەھۇدىيلىشىش» ۋە «خرىستىيانلىشىش» دەپ تەرىپلەيمىز. ئۇلار مۇسۇلمانلارنى «غەزەپكە ئۇچرىغانلارنىڭ» ۋە «ئېزىپ كەتكەنلەرنىڭ» يولىغا چاقىرماقتا ئىدى. ئاللاھ فاتىھە سۈرىسىدە مۆمىنلەرنى «غەزەپكە ئۇچرىغان ۋە ئىزىپ كەتكەنلەرنىڭ يولىغا ئەمەس، توغرا يولغا، نېمەت بېرىگەنلەرنىڭ يولىغا» چاقىردى.

بۇ مىسالغا ئاساسەن يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ئايەتتە «يەھۇدىيلىشىش» ۋە «خرىستىيانلىشىش» دەپ ئاتىغان ئۇقۇملارنىڭ، قۇرئاندا بېرىلمەكچى بولغان ساۋاقنى يارقىن شەكىلدە ئىپادىلىگەنلىكى روشەن ئايان بولماقتا. بۇ ئەھۋالدا قۇرئان تەرجىمىلىرىدە «يەھۇدىيلار» ۋە «خرىستىيانلار» دەپ تەرجىمە قىلىنغان بەزى ئايەتلەرنىڭ توغرا ۋە مۇۋاپىق تەرجىمىسىنى گرامماتىكىلىق قائىدىگە ماس كېلىدىغان شەكىلدە «يەھۇدىيلىشىش» ۋە «خرىستىيانلىشىش» دەپ ئىپادىلەشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ ئايەتلەر ئىچىدە تېكىست پۈتۈنلىكى نەزەردە تۇتۇلغان ھالدا پېئىل بولغان «الَّذِينَ هَادُواْ» شەكلىدىكى ئايەتلەر ئەڭ باشتا كەلمەكتە[11].

قۇرئاندا يەھۇدىلار يۇقىرىدىكى پېئىل بىلەن ئىپادىلەنگەندەك ئىسىم شەكلى بىلەنمۇ ئىپادىلىنىدۇ. ئىسىم بولۇپ «الْيَهُودُ» ۋە «يَهُودِيًّا»[12] شەكلىدە كەلگەندە، بۇنى «يەھۇدىيلار» دەپ تەرجىمە قىلىش كېرەك. لېكىن، يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەندەك پېئىل شەكلىدە كەلگەن بەزى ئايەتلەردە «يەھۇدىيلار» دەپ ئىپادىلەشنىڭ ئورنىغا «يەھۇدىيلەشكەنلەر» دەپ ئىپادىلەش، ھەم تىل، ھەم مەقسەت جەھەتتىن مۇۋاپىق بولىدۇ. مەسىلەن: نىسا سۈرىسى 46 – ئايەتتىكى «الَّذِينَ هَادُواْ» ئىبارىسىنى «يەھۇدىيلار» شەكلىدە ئەمەس، «يەھۇدىيلەشكەنلەر» دەپ تەرجىمە قىلىش، يەھۇدىلارنىڭ دەسلەپتە مۇسۇلمان ئىكەنلىكى، كېيىن بۇزۇلۇپ «يەھۇدىيلەشكەنلىكى» دىن ئىبارەت ھەقىقەتنى تەكىتلەش[13] نۇقتىسىدىن توغرا ۋە مۇۋاپىق بولغان تەرجىمىدۇر[14].

 

  • تارىخى تەھلىل

يەھۇدىيلىشىش ئۇقۇمى تارىخىي ۋەقەلەرگىمۇ ماس كېلىدۇ. بۇنى ھەم ئىسرائىل ئوغۇللىرى تارىخىدىن، ھەم سائادەت ئەسرىدىكى يەھۇدىيلاردىن مىساللار كۆرسىتىش ئارقىلىق ئىسپاتلاش مۇمكىن. ئالدى بىلەن قەدىمكى ئىسرائىل ئوغۇللىرى تارىخىغا قاراپ باقايلى:

تەۋراتنىڭ ھۆكمى بىلەن ئېنىقكى، دەسلەپتە ئۇلارغا كالا قاتارلىق تۇياقلىق ھايۋانلارنىڭ گۆشى ھالال ئىدى[15]. قۇرئاندىكى بايانلاردىن كېيىنكى مەزگىللەردە كالا قاتارلىق تۇياقلىق ھايۋانلارنىڭ ھارام قىلىنغانلىقىدىن خەۋەردار بولدۇق[16]. بۇ نېمەتلەرنىڭ ئىسرائىل ئوغۇللىرى مۇسۇلمان ۋاقتىدا ھالال بولۇپ، كېيىن ھارام قىلىنىشىنىڭ ئەسلىدە ئۇلارنىڭ «يەھۇدىيلەشكەنلىكى» سەۋەبىدىن بولغانلىقىنى يەنە قۇرئاندىن بىلدۇق:

«يەھۇدىيلەشكەنلەرگىمۇ بۇنىڭدىن ئىلگىرى ساڭا بىلدۈرگەنلىرىمىزنى ھارام قىلغانىدۇق (بۇلارنى ھارام قىلىش بىلەن) بىز ئۇلارغا زۇلۇم قىلمىدۇق. لېكىن ئۇلار (يەھۇدىلىشىپ) ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلدى »[17].

ئەسرى سائادەت دەۋرىدىكى يەھۇدىيلارغا كەلسەك:

مەدىنەدىكى يەھۇدىيلارنىڭ مىللىي مەنبەسى ھەققىدە تارىخچىلار ئارىسىدا كۆپ دەتالاش بولغان. گەرچە بەزى تارىخچىلار مەدىنەدىكى يەھۇدىيلارنىڭ ئىسرائىل ئوغۇللىرىغا تەۋە ئىكەنلىكىنى ئېيتقان بولسىمۇ، لېكىن بۇلارنىڭ قاچان، نېمە سەۋەبتىن بۇ يەرگە كەلگەنلىكى ھەققىدە ئىنىق بىر نەرسە دېيەلمىگەن.

بۇ ھەقتىكى باشقا بىر قاراش بولسا مەدىنە يەھۇدىيلىرىنىڭ «يەھۇدىيلەشكەن ئەرەبلەر» ئىكەنلىكى بولۇپ، بۇنىڭ بىرىنچى دەلىلى ئاز ساندىكىدىن باشقا بارلىق يەھۇدىي قەبىلىلىرىنىڭ ئىسمى ئىبرانىيچە ئەمەس، بەلكى ئەرەبچە سۆزلەردىن تەركىب تاپقان.

مەدىنەدىكى يەھۇدىي ئىسىملىرى ئىچىدە لەفتيون، شاس، شايا، شەموئىل، رافىئى، ئەدا، فىنھاس، ئەشىيا… دېگەندەك ئىبرانىيچە ئىسىملار بولسىمۇ، لېكىن بۇلار ناھايىتى ئاز ساننى ئىگىلەيدۇ. ئومۇمىي جەھەتتىن كەڭ دائىرىدە ئىشىلىتىلگەن ئىسىملار ۋە ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ ئىسىملىرى كۆپ ئۇچرىمايدۇ. بۇ دەۋردىكى يەھۇدىي ئىسىملىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقى ئەرەبچە.

ئەرەبىستان يەھۇدىيلىرى، ئىسرائىل ئوغۇللىرىدىن كەلگەن يەھۇدىيلارنىڭ ئەكسىچە يەھۇدىيلىقنىڭ پەقەت بەلگىلىك بىر قوۋمگە خاس (ئىسرائىل ئوغۇللىرى) دىن سۈپىتىدە قارىمايدىغان بولۇپ، بۇ جەھەتتە يەھۇدىي ئەقىدىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم شەرتلىرىنى رەت قىلىدۇ. ئەرەبىستان يەھۇدىيلىرى پۈتۈن كۈچى بىلەن مەزكۇر رايوندىكى كىشىلەرنى يەھۇدىي قىلىشقا تىرىشماقتا ئىدى[18]. ئەرەبىستان بىلەن يەمەن ئارىسىغا جايلاشقان نەجراندىكى زۇ-نۇۋاس ئىسىملىك ئەرەب پادىشاھنىڭ مەزكۇر رايوندا يەھۇدىيلىقنى تۇنجى بولۇپ دىن سۈپىتىدە قوبۇل قىلغان ئەرەب ئىكەنلىكى ئېيتىلماقتا.

يەھۇدىيلەشكەن ئەرەبلەرنىڭ بارلىقىغا مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر دەلىل بولسا، ئۇ دەۋردىكى ئەرەب ئادىتى بولۇپ، پەرزەنت كۆرەلمىگەن مەدىنەلىكلەر ئەگەر ئاللاھ ئۆزىگە پەرزەنت ئاتا قىلسا، بۇ بالىنى يەھۇدىيلارغا ئاپىرىپ بېرىدىغانلىقى ھەققىدە قەسەم قىلاتتى. مەدىنەدە بۇ شەكىلدە يەھۇدىيلىشىپ كەتكەن بىر تۈركۈم ئەرەب ئۆسمۈرلىرى بار ئىدى. ھەتتا بەنۇ نادىر يەھۇدىيلىرى مەدىنەدىن چىقىپ كېتىدىغان ۋاقىتتا بۇ بالىلارنى ئېلىپ كەتمەكچى بولغان بولۇپ، بالىلارنىڭ ئاتا – ئانىسى رەسۇلۇللاھقا مۇراجىئەت قىلغان ۋاقىتتا، رەسۇلۇللاھ «دىندا مەجبۇرلاش يوق» دېگەن قۇرئان ھۆكۈمى سەۋەبىدىن تەرەپ تۇتۇشنى رەت قىلغان، بالىلار بولسا يەھۇدىي ئائىلىلەر بىلەن بىرگە كەتكەنىدى[19]. ھامىدۇللاھ، تەيماننىڭ مەشھۇر پادىشاھى ساماۋەل ب. ئادىيانىڭمۇ يەھۇدىيلەشكەن ئەرەب بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتماقتا[20].

 

  1. يەھۇدىيلىشىش ۋە قۇرئان

 

بىر كىتابنىڭ مەركىزى ئىدىيىسىنى تەشكىل قىلغان «يەھۇدىيلىشىش» ئۇقۇمى، بۇنىڭدىن ئىلگىرى سىنالغان ئوخشىمىغان قۇرئانى پوزىتسىيەنىڭ نامايەندىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بەقەرە سۈرىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىسرائىل ئوغۇللىرى ۋە ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرلىرى ھەققىدە مەلۇماتلار بېرىلگەن باشقا سۈرىلەرگە مۇپەسسىرلەر ئاساسەن دېگۈدەك «بىز – ئۇلار» شەكلىدە مۇئامىلە قىلغان.

ئەھۋال مۇشۇنداق بولغاندا مەسىلىگە تەبئىي ھالدا «ئۇلار شۇنداق قىلغانىكەن» مەنتىقىسى ئاساسىدا مۇئامىلە قىلىنغان. گەرچە بۇ سۈرىلەردە ئىسرائىل ئوغۇللىرىنىڭ ئىسلام ئۈممىتى ئۈچۈن بىرەر ئىبرەت ئۆرنىكى ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن بولسىمۇ، بۇ ئىبرەت دەرسى «بىز ئۇلارغا ئوخشىمايمىز» دېگەن مەنتىقە بىلەن ئۆزىنىڭ ئەھمىيىتىنى يوقتىپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۈممىتىگە تەسىر قىلمىغان.

بۇ خاتا چۈشەنچىگە ئىسرائىل ئوغۇللىرىنىڭ «غەزەپكە ئۇچرىغان مىللەت» ئىكەنلىكى چۈشەنچىسىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، مەزكۇر ئايەتلەرنىڭ بىۋاسىتە بىزگە خىتاپ قىلمىغانلىقى توغرىسىدىكى قاراش ئۆزىگە ئەڭ چوڭ يۆلەكنى تاپقان.

ئەگەر ئىسرائىل ئوغۇللىرى بۇ ئۈممەت بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولمىسا، ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن قۇرئاندا بۇ مەسىلىگە يۈزلەرچە ئايەت ئايرىلىدۇ؟

قۇرئاندا ھېچقانداق بىر قوۋم ۋە دىن مەنسۇبى توغرىسىدا ئىسرائىل ئوغۇللىرى ھەققىدە توختالغاندەك كەڭ دائىرىدە بايانلار بېرىلمەيدۇ. يىغىنچاقلىغاندا، قۇرئاندا ئىسرائىل ئوغۇللىرىنىڭ يەھۇدىيلىشىش جەريانىنى بايان قىلغان ئايەتلەرنىڭ سانىنى ئېنىقلاپ چىققان ۋاقتىمىزدا، بۇ تېما بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنىڭ 712 ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز[21].

ھەزرىتى ئىبراھىم ۋە ھەزرىتى ئادەم قىسسەلىرىنىڭ نازىل بولۇش سەۋەبى يەھۇدىيلار بولۇپ، ئىسرائىل ئوغۇللىرىغا ئەۋەتىلگەن ھەزرىتى ياقۇب، يۈسۈپ، زەكەرىيا، يەھيا پەيغەمبەرلەرنىڭ قىسسىلىرى، كەھف سۈرىسىدىكى مۇسا ۋە «بىر بەندە» ھېكايىسى، مەزكۇر سۈرىدىكى يەھۇدىيلارنىڭ بىر سوئالى سەۋەبىدىن نازىل بولغان زۇلقەرنەين قىسسەسى، ئەنبىيا سۈرىسىدىكى ھەزرىتى داۋۇت ۋە سۇلايمان ھەققىدىكى ئايەتلەر، نەمل سۈرىسىدىكى ھەزرىتى سۇلايمان -– بىلقىس قىسسەسى، ھەزرىتى سۇلايماننىڭ نەبە سۈرىسىدىكى قىسسەسى، ساد سۈرىسىدىكى ھەزرىتى داۋۇت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر شۇنداقلا «يەھۇدىيلىشىش جەريانى» بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولمىغان، ئەمما يەھۇدىيلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەر يۇقىرىدىكى سانلىق مەلۇماتنىڭ ئىچىدە ئەمەس.

يەھۇدىيلىشىش جەريانى بىلەن ۋاستىلىك ھالدا مۇناسىۋىتى بولغان بۇ ئايەتلەرنىمۇ نەزەرگە ئالغان ۋاقتىمىزدا، بۇ رەقەم ئەڭ ئاز ئىككى ھەسسە ئاشىدۇ. مەزكۇر مەسىلە بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولغان 712 ئايەت، قۇرئان ئايەتلىرى ئومۇمى سانىنىڭ ئوندەن بىرىدىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدۇ.

ئوتتۇزغا يىقىن سۈرىدە، 700 دىن ئارتۇق ئايەت بىلەن قايتا – قايتا چۈشەندۈرۈلمەكچى بولغان ۋەھىي ھەقىقىتىنى، پەقەت تارىختا ياشاپ ئۆتكەن بىر قەۋمنىڭ ھېكايىسى دەپ قاراش، مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ قۇرئانغا تۇتقان «قەدىمكى مەسەللەر» چۈشەنچىسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.

قۇرئاننىڭ مەزكۇر مەسىلىگە بۇنچە كەڭ دائىرىدە ئەھمىيەت بېرىشىنىڭ ھازىرغىچە قىلىنغان تەپسىرلەردە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلگەن سەۋەبلەردىن باشقىچە ئىزاھاتى بولسا كېرەك. قۇرئاندا باشقا مەسىلىلەر بۇنچە كەڭ دائىرىدە ئورۇن ئالمايدۇ.

بۇنىڭ سەۋەبى، پەقەت ئۆتمۈشتىكى بىر قوۋمنىڭ ھېكايىسىنى بايان قىلىش ياكى مەدىنەدە ئايماقلار ھالىتىدە ياشاۋاتقان ۋە ئاللاھ رەسۇلى بىر قانچە يىل ئىچىدە مەدىنەدىن ھەيدەپ چىقارغان يەھۇدىي قەبىلىلىرى بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى، «يەھۇدىيلىشىش جەريانىغا كەڭ دائىرىدە ئورۇن بەرگەن سۈرىلەر مەدىنەدە ئەمەس، بىرمۇ يەھۇدىي ياشىمايدىغان مەككەدە نازىل بولغان».

ئەلۋەتتە، بۇلار قۇرئاندىكى ئىسرائىل ئوغۇللىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنىڭ نازىل بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئامىللاردىن پەقەت بىر قانچىسى. بىزنىڭچە ئىسرائىل ئوغۇللىرىغا قۇرئاندا بۇنچە كەڭ دائىرىدە ئورۇن بېرىلىشىنىڭ سەۋەبى، بۇ ئۈممەتنى كېلەچەكتە كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان «يەھۇدىيلىشىش خەۋپى» گە دىققەت نەزەرنى ئاغدۇرۇش، مۇھەممەد ئۈممىتىنى «يەھۇدىيلىشىش خەۋپى» دىن ياكى «ئەھلى كىتابلىشىش خەۋپى» دىن ساقلاپ قېلىشتىن ئىبارەت بولسا كېرەك.

 

  1. قۇرئاننىڭ ئىككى مۆجىزىسى

 

مۆمىنلەر ئادا قىلىۋاتقان بەش ۋاقىت نامىزىنىڭ ھەر رەكىتىدە ئوقۇغان فاتىھە سۈرىسى ئارقىلىق «يەھۇدىيلىشىش ۋە خىرىستىيانلىشىش» بالاسىدىن پاناھ تىلەپ ئاللاھقا سېغىنىدۇ.

ھەر مۇسۇلماننى بۇنچە زىچ ھالدا يەھۇدىيلىشىش ۋە خرىستىيانلىشىش خەۋپىگە قارشى ئاگاھلاندۇرغان فاتىھە سۈرىسى، قۇرئان سۈرىلىرىنىڭ رەت تەرتىۋىدە بىرىنچى قاتاردا ئورۇن ئالىدۇ.

گەرچە «بەقەرە سۈرىسى» نازىل بولۇش تەرتىۋى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، خېلى كېيىنكى دەۋرگە توغرا كەلسىمۇ، ۋەھىي يېتەكچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلغان تىزىلىشتا فاتىھە سۈرىسىدىن كېيىنلا ئىككىنچى ئورۇنغا تىزىلغان بولۇپ، بۇ سۈرىنىڭ قۇببىسىنى شەكىللەندۈرگەن 80 ئايەتتە بايان قىلىنغان «بەنى ئىسرائىل ئوغۇللىرىنىڭ يەھۇدىيلىشىش جەريانى» دىققەت نەزرىمىزنى فاتىھە سۈرىسىنىڭ ئاخىرىدىكى ئايەتتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىگە ئاغدۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن كەلگەن ئالىئىمران سۈرىسى بولسا سابىق مۇسۇلمانلارنىڭ «خرىستىيانلىشىش جەريانى» نى بايان قىلىدۇ.

بۇ ئىككى سۈرە فاتىھە سۈرىسىدىكى «غەزەپكە دۇچار بولغانلار» ۋە «ئېزىپ كەتكەنلەر» ئىبارىسىنىڭ چۈشىنىشلىك تەپسىرىگە ئوخشاپ قالىدۇ.

شۇنداق ئەمەسمۇ، ھەر كۈنى نەچچە ئون قېتىم ئوخشاپ قېلىشتىن پاناھ تىلەپ ئاللاھقا سېغىنغان «غەزەپكە دۇچار بولغانلار» ۋە «ئېزىپ كەتكەنلەر» كىم؟

ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكى نېمە؟

ئۇلارنى قانداق تونۇيمىز؟

ئۇلارغا ئوخشاش غەزەپكە ئۇچرىماسلىق ۋە ئېزىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن نېمىلەرگە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك؟

قۇرئان مانا بۇ سوئاللارغا 700 دىن ئارتۇق ئايەتتە تەپسىلىي جاۋاپ بەرمەكتە.

قۇرئاننىڭ بۇ مەسىلە ئۈستىدە قايتا – قايتا توختىلىشىنىڭ سەۋەبى پەقەت ئۈچ – بەش يىل ئىچىدە مەدىنەدىن قوغلاپ چىقىرىلغان يەھۇدىيلار ئەمەس. چۈنكى، قۇرئاندا ئاساسەن دېگۈدەك ئىسرائىل ئوغۇللىرىنىڭ يەھۇدىيلىشىش جەريانىنى بايان قىلىش ئۈچۈن ئايرىلغان تاھا ۋە ئەئراف سۈرىلىرى مەدىنەدە ئەمەس، بەلكى بىرمۇ يەھۇدىي ياشىمايدىغان مەككەدە نازىل بولغان. ھەتتا، قۇرئاننىڭ بارلىق سۈرىلىرى ئىچىدە يەھۇدىيلار ھەققىدە توختالغان ئايەت سانى جەھەتتە (90 ئايەت) بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان تاھا سۈرىسى ھەزرىتى ئۆمەر مۇسۇلمان بولۇشتىن ئىلگىرى، يەنى قۇرئان دەۋىتىنىڭ 5 – يىلىدا نازىل بولغان.

قۇرئاننىڭ مەككەدە نازىل قىلىنغان 86 سۈرىسى ئىچىدە تاھا سۈرىسىدىكى ھېكايە تۈسى بىلەن كەلگەن بىر خىتاپتىن باشقا، «ئى ئىسرائىل ئوغۇللىرى» شەكلىدە كەلگەن بىرەر خىتاپنى ئۇچراتمايمىز.

قۇرئاندا دەسلەپتە نازىل بولغان ئۈچ سۈرىدىن بىرى بولغان مۇززەممىل سۈرىسىدىكى ئىككى ئايەتتە ھەزرىتى مۇسا بىلەن پەيغەمبىرىمىز، مىسىر پىرئەۋنلىرى بىلەن مەككە مۇشرىكلىرى ئوخشاش سەپلەردە تىلغا ئېلىنغان:

«شۈبھىسىزكى، بىز پىرئەۋنگە بىر رەسۇل (ئەلچى) ئەۋەتكەندەك، سىلەرگىمۇ گۇۋاھچى بولۇش ئۈچۈن بىر ئەلچىنى ئەۋەتتۇق. پىرئەۋن ئەلچىگە قارشى چىقتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنى قاتتىق جازالىدۇق»[22].

مەككەدە نازىل قىلىنىپ، ئىسرائىل ئوغۇللىرىنىڭ يەھۇدىيلىشىش جەريانىنى بايان قىلغان ئۈچ يۈزگە يىقىن ئايەتتە، پەقەت ئۈممەتى مۇھەممەدتىن ئىلگىرى ئىنسانىيەتكە خەلىپە قىلىنغان ئىسرائىل ئوغۇللىرى پەيغەمبەرلىرىنىڭ قىسسەلىرى بايان قىلىنىدۇ ۋە ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن بۇ ئەلچىلەرنىڭ كىشىلىك ئالاھىدىلىكى ۋە پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىگە داغ چۈشۈرىدىغان بىر جۈملىمۇ ئۇچرىمايدۇ.

بىرمۇ يەھۇدىي ياشىمايدىغان مەككەدە، قۇرئان دەۋىتىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا تەۋراتنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن پالاكەتلەرنىڭ بىرمۇ بىر بايان قىلىنىشى، مۇسۇلمانلارنىڭ دىققەت نەزرىنى «ۋەھىي» ھەققىدىكى « يەھۇدىيلىشىشقا » ئاغدۇرۇش ئۈچۈن ئىدى. شۇنداق ئەمەسمۇ، مەتبەئە بولمىغان، كىتابلار قول بىلەن يېزىلىدىغان دەۋردە تەۋراتنىڭ بارلىق نۇسخىلىرى ئىككى قېتىم كۆيدۈرۈلۈپ يوق قىلىنغان بولۇپ، يۈز يىللار ئۆتكەندىن كېيىن بىر زات (ئۇزەير) ئوتتۇرىغا چىقىپ، يادقا ئالغانلىرى ئاساسىدا تەۋراتنى قايتىدىن يېزىپ چىققان.

مۇسۇلمانلارنىڭ دىققىتى تەۋراتنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن بۇ قورقۇنچلىق ۋەقەلەرگە ئاغدۇرۇلۇش ئارقىلىق، قۇرئانغا ئىگە چىقىشى، ئىسرائىل ئوغۇللىرىغا ئوخشاش «يەھۇدىيلىشىپ كەتمەسلىكى» تەكىتلەنگەنىدى.

يەنە مەككەدە نازىل قىلىنغان بۇ ئايەتنىڭ مەزمۇنىغا قاراپ باقايلى:

«يەھۇدىيلەشكەنلەرگە توم تۇياقلىق ھايۋانلارنىڭ ھەممىسىنى ھارام قىلدۇق. ئۇلارغا كالا ۋە قويلارنىڭ دۈمبىسىدىكى ۋە ئۈچەيلىرىدىكى ياغلار بىلەن سۆڭەككە چاپلاشقان ياغلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. بۇ ئۇلارنىڭ ئازغۇنلىقى سەۋەبىدىن بېرىلگەن جازادۇر. ئەلۋەتتە بىز ۋەدىگە ۋاپا قىلىمىز»[23].

بۇ روشەن ھالدا «ئى مۇسۇلمانلار! يەھۇدىيلەشمەڭلار، بولمىسا سىلەرمۇ يەھۇدىيلەشكەن ئىسرائىل ئوغۇللىرى دۇچار بولغان جازاغا ئۇچرايسىلەر» دېگەنلىك بولىدۇ.

يەنە مەككە دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە نازىل بولغان بىر ئايەت، تەۋراتتا ھارام قىلىنغان تۆگە، توشقان، تۆگە قۇشى گۆشىنى[24] تىلغا ئالىدۇ:

«يەھۇدىيلەشكەنلەرگە ئىلگىرى ساڭا بايان قىلغان نەرسىلەرنى ھارام قىلدۇق. بۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارغا زۇلۇم قىلمىدۇق، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلدى»[25].

مەككە دەۋرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا نازىل قىلىنغان نەمل سۈرىسىنىڭ تېمىسىمۇ ئىسرائىل ئوغۇللىرى قىسسەسى بولۇپ، بۇ قىسسەدە ھەزرىتى سۇلايمان ۋە خانىش بىلقىسنىڭ «مۇسۇلمان» بولۇشى تەكىتلىنىدۇ. بۇ ئۇسلۇبى ئارقىلىق قۇرئان ھەق بىلەن باتىلنىڭ، بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش بىلەن ئەسلىگە قايتۇرۇلۇشنىڭ، بولۇپمۇ ئەڭ چوڭ بۇزغۇنچىلىق بولغان «يەھۇدىيلىشىش» مەنتىقىسىنىڭ ھەر دەۋردە ئوخشاش ئىكەنلىكىنى ئىما قىلىدۇ. قۇرئان كەرىم قۇرئان دەۋىتىنىڭ باشلانغۇچ دەۋرىدە ئىسرائىل ئوغۇللىرىنى، پەيغەمبەرلىرىنى، سالىھلىرىنى، ساختىپەزلىرىنى، بۇزغۇنچىلىرىنى ئىسلام ئۈممىتىگە ئۈلگە ۋە ئىبرەت نەمۇنىسى سۈپتىدە سۇنغانىدى.

قۇرئاندا يەھۇدىيلار ھەققىدە نازىل قىلىنغان ئايەتلەرنىڭ ئاز كەم يېرىمى مەككەدە نازىل قىلىنغانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلساقمۇ، قۇرئاندا بۇ مەسىلىگە بۇنچە كەڭ ئورۇن بېرىشنىڭ سەۋەبىنى مەزكۇر رايوندا يەھۇدىيلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى بىلەن ئىزاھلاش توغرا ئەمەس. ئەگەر شۇنداق قاراشتا بولساق، كىتابنىڭ ئوندەن بىرىدىن ئارتۇق ھەجىمنى ئىگىلەيدىغان قىسمىنى دەۋر خاراكتېرلىق ئايەتلەر دەپ، ئۇلارنى ئۆز دەۋرىدە رولىنى جارى قىلدۇرۇپ بولغان دەپ قاراشقا توغرا كېلىدۇ.

بۇ قاراشنىڭ يۈزلەرچە قۇرئان ئايىتىنى ئۆچۈرۈپ تاشلاشتىن پەرقى يوق.

بۇ پوزىتسىيە، قۇرئاننى بەشتىن ئۈچ قىسمى تارىخىي رولىنى جارى قىلدۇرۇپ ئەمەلدىن قالغان «مۇقەددەس تېكىست» دەپ ئېلان قىلىپ، تارىخنىڭ ئەخلەتخانىسىغا تاشلىۋېتىش نۇقتىسىغا ئېلىپ بارىدۇ.

قۇرئاندىكى «يەھۇدىيلىشىش جەريانى» غا قارىتا شەكىللەنگەن كلاسسىك «لەنەتلىك قوۋم» چۈشەنچىسىمۇ يۇقىردىكىگە ئوخشاش ناتوغرا پوزىتسىيە بولۇپ، ئالدىمىزدىكى بابلاردا بۇ ھەقتە توختىلىپ ئۆتىمىز. قۇرئاننىڭ زامان ۋە ماكان چەكلىمىسىدىن ھالقىغان تەلىماتىنى كىچىكلىتىپ، رايون خاراكتېرلىك ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇش ئارقىلىق، ئۇنى تارىخقا مەھكۇم قىلىپ قويماقچى بولغان ئىسلام دۈشمەنلىرىنىڭ ئىشىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدىغان بۇنىڭدىنمۇ ياخشى نۇقتىئىينەزەر بولمىسا كېرەك.

ئەمدى قۇرئاننىڭ «يەھۇدىيلىشىش» كە بۇنچە كەڭ ۋە ئەتراپلىق مۇئامىلە قىلىشىنىڭ قايسى تەرەپلەردىن مۆجىزە ئىكەنلىكىنى ئىزاھلاپ ئۆتىمىز.

  • يەھۇدىيلار نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا:

قۇرئان، نازىل بولغان مەزگىلدە ھېچقانداق تەسىرى بولمىغان، يەر يۈزىدە ھېچقانداق مۇستەقىل دۆلىتى بولمىغان، ئارقىمۇ ئارقا قىرغىنچىلىققا ئۇچراپ، مىللەت سۈپتىدە سۈرگۈن قىلىنىش نەتىجىسىدە غەربى شىمالى ئافرىقىدىن ئوتتۇرا ياۋروپاغا، ماراكەشتىن يەمەنگىچە خۇددى ئۇۋۇسى چۇۋىتىلگەن چۈمىلىگە ئوخشاش خار ۋە زەبۇن ھالدا ھەر تەرەپكە چېچىلىپ كەتكەن بۇ «ئۇلۇغ ئىرق» نىڭ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئىنسانىيەتكە بالا بولىدىغانلىقىنى ئالدىن بىلدۈرگەن ئىدى.

بابىل ۋە رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئارقىمۇ ئارقا قانلىق ھۇجۇمىغا ئۇچراپ دۆلىتى ئەبەدىي مۇنقەرز بولغان، مۇقەددەس شەھىرى قۇددۇس – ئېروسالىم بىر قانچە قېتىم خانىۋەيران قىلىنغان يەھۇدىيلار، قۇرئان قۇياشى دۇنيانى يورۇتقان مەزگىلدە ھەقىقەتەن كىشىنىڭ ئىچىنى سىرىيدىغان دەرىجىدە خارلىق ئىچىدە بولۇپ، ئەرەبىستان يېرىم ئارىلىدا سىياسى كۈچىنى رىم ۋە پارس ئىمپېراتۇرلىرىنى دىنىغا دەۋەت قىلغۇدەك دەرىجىدە كۈچلەندۈرگەن بىر پەيغەمبەر ئۈچۈن، خەۋپ تەشكىل قىلغۇدەك كۈچكە ئىگە ئەمەس ئىدى. بۇ ھەقىقەتنى تارىخىي ۋەقەلەرمۇ ئىسپاتلىماقتا.

مەدىنەدىكى يەھۇدىيلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن تۈزگەن كېلىشىمگە خىيانەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، زىيىنىغا بېرىلگەن ھۆكۈمگە قارشى چىقالمىغان، ھەتتا ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، خارلىق ئىچىدە مەزكۇر رايوننى پۈتۈنلەي تاشلاپ چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانىدى.

ئۇ دەۋردە مانا مۇشۇنداق ئاجىز ھالەتتىكى يەھۇدىيلار، زامان ۋە ماكان چەكلىمىسىدىن ھالقىغان ئالەمشۇمۇل تەلىماتلار كىتابى بولغان قۇرئاننىڭ مەزكۇر مەسىلىگە بەرگەن ئەھمىيىتىنى ئىزاھلاشتا كۇپايىسىز قالماقتا. ئۇنداقتا بۇنى «قۇرئاننىڭ بىر مۆجىزىسى» دەپ قاراش كۈنىمىز رېئاللىقىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ.

قۇرئاننىڭ بۇ مۆجىزىسىنى، دەۋرىمىزدىكى ئۆزگۈرۈشلەرنى ۋە بۇ ئۆزگۈرۈشلەردە يەھۇدىيلار ئوينىغان رولنى بىلىپ يېتىشى مۇمكىن بولمىغان مۇپەسسىرلەرنىڭ بايقىيالماسلىقىنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ. لېكىن، بۇ مۆجىزە دۇنيادىكى بارلىق ئۇچۇر – ئالاقە ۋاسىتىلىرىنى تىزگىنى ئاستىدا تۇتقان تاراتقۇ ھەمكارلىقى؛ دۇنيا تىجارىتىنىڭ ھالقىلىق نۇقتىلىرىنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋالغان كاتتىۋاشلىرى؛ ماسۇنلۇق ۋە ئۇنىڭ ئارقا باغچىسى بولغان لىئونس، روتارىغا ئوخشاش ئاشكارە ۋە يوشۇرۇن تەشكىلاتلىرى؛ ئىسرائىل ئوغۇللىرىنىڭ ئاتىسى دەپ قوبۇل قىلىنغان بىر پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى بىلەن قۇرۇلغان تېررور ۋە ئىشغال دۆلىتى؛ بىلىم، تىخنىكا، مەدەنىيەت ۋە سەنئەت ساھەسىدە يېتىشتۈرۈپ چىققان مەشھۇر كىشىلىرى ئارقىلىق ئۆمۈچۈك تورىغا ئوخشاش دۇنيانىڭ ھەممە يېرىنى قاپلىغان «يەھۇدىي ھەقىقىتى» گە كىشىنىڭ دىققەت نەزرىنى ئاغدۇرماقتا.

قۇرئان بىلدۈرگەن بۇ ھەقىقەت دەۋرىمىزدە ئۆزىنى ئايان قىلماقتا. ئىككى مىڭ يىلدىن بۇيان دۇنيانىڭ ھەر تەرىپىدە چېچىلىپ ياشىغان ۋە ۋەتەنسىزلىك سەۋەبىدىن ھەر جايدا خارلانغان يەھۇدىيلار، ئەمدى ئۈچ مىليون نوپۇسقا ئىگە ئالقانچىلىك كېلىدىغان دۆلىتى ئارقىلىق دۇنيانىڭ سىياسەت، ئىقتىساد ۋە ئىلىم–- پەن ساھەسىدە تۆردىن ئورۇن ئالماقتا. ھەتتا ئالتە مىليون نوپۇسى بىلەن 250 مىليون نوپۇسقا ئىگە ئامېرىكانى، شۇنداقلا «دۇنيانى باشقۇرماقتا».

 

  • يەھۇدىيلىشىش مايىللىقى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا:

 

قۇرئاننىڭ بۇ مەسىلىگە بۇنچە ئەھمىيەت بېرىشىنىڭ ئىككىنچى سەۋەبى بولسا، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان يەھۇدىي خەۋپىدىنمۇ بەكرەك خەتەرلىك بولغان «ئىسلام ئۈممىتىنىڭ يەھۇدىيلىشىش خەۋپى» دىن ئالدىن بىشارەت بېرىشى ئىدى.

بۇ خەۋپ ئاللاھ رەسۇلى ھايات ۋاقتىدا ئۆزىنى كۆرسىتىشكە باشلىغانلىقىنى ھەر تۈرلۈك ئۇسلۇبتا كۆرسىتىپ ئۆتكەن قۇرئاننىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى، ئۈممەت تەرىپىدىن يېتەرلىك دەرىجىدە تونۇپ يېتىلگەنمىدى؟

كېيىنكى بابلاردا ئۈستىدە تەپسىلىي توختالماقچى بولغان تۆۋەندىكى ئايەتلەرنىڭ مەنىسىگە قاراپ باقايلى:

«بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن، نېمەت بەرگەنلىرىڭنىڭ يولىغا. غەزەپ ئۇچرىغانلارنىڭ (يەھۇدىيلارنىڭ) ۋە ئېزىپ كەتكەنلەرنىڭ (خرىستىيانلارنىڭ) يولىغا ئەمەس»[26].

«تەۋراتنى كۆتۈرۈشكە تەكلىپ قىلىنغان، ئاندىن ئۇنى كۆتۈرمىگەنلەر خۇددى ئۈستىگە كىتاب ئارتىلغان ئېشەككە ئوخشايدۇ. ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان قوۋمنىڭ ھالى نېمە دېگەن يامان! ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ».

«بىر تىجارەت ياكى تاماشانى كۆرگەندە سېنى يالغۇز تاشلاپ قويۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بەند بولۇپ كېتىشىدۇ. ئېيتقىنكى: ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكىلەر تاماشا ۋە تىجارەتتىن ياخشىدۇر. ئاللاھ رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر»[27].

«بىلمەيدىغانلار: <ئاللاھ نېمە ئۈچۈن بىز بىلەن سۆزلەشمەيدۇ؟ ياكى نېمە ئۈچۈن بىزگە بىرەر ئايەت ئەۋەتمەيدۇ؟> دېيىشىدۇ. ئۇلاردىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرمۇ شۇنداق سۆزنى قىلغانىدى. ئۇلارنىڭ دىللىرى بىر – بىرىگە ئوخشايدۇ. چىن دىلىدىن ھەقىقەتنى بىلمەكچى بولغانلارغا ئايەتلىرىمىزنى روشەن ھالدا كۆرسەتتۇق»[28].

«ئۇلارنىڭ دىنىغا كىرمىگىچە خرىستىيانلار ياكى يەھۇدىيلا سەندىن ھەرگىزمۇ رازى بولمايدۇ. ئېيتقىنكى: <توغرا يول پەقەت ئاللاھ كۆرسەتكەن يولدۇر>. ساڭا ئىلىم كەلگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشىغا ئەگىشىدىغان بولساڭ، قەسەمكى ئۆزەڭگە بىر دوست ياكى مەدەتكار تاپالمايسەن»[29].

«مۆمىنلەرنىڭ دىللىرى ئاللاھنىڭ زىكرى ۋە نازىل بولغان ھەقىقەتكە ئېرىيدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلمىدىمۇ؟ ئۇلار ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەردەك بولمىسۇن، زاماننىڭ ئۇزىرىشى بىلەن ئۇلارنىڭ دىللىرى قېتىپ كەتتى، ئۇلارنىڭ نۇرغۇنى ئېزىپ كەتكۈچىلەردۇر»[30].

ھەر مۆمىن ھەر كۈنى نەچچە ئون قېتىم «غەزەپكە ئۇچرىغانلارنىڭ ۋە ئېزىپ كەتكەنلەرنىڭ يولىغا باشلىمىغىن»[31] دەپ دۇئا قىلىشىنىڭ سەۋەبى، قۇرئاننىڭ بۇنچە ئەھمىيەت بېرىپ ئاگاھلاندۇرغان خەۋپنىڭ نەقەدەر چوڭ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان يەنە بىر ئىشارەت.

فاتىھە سۈرىسىنىڭ ئاخىرىدىكى بۇ ئايەتنى ھەر قېتىم ئوقۇش، «ئاللاھىم، بىزنى يەھۇدىيلەشتۈرمىگىن! ئاللاھىم، بىزنى خرىستىيانلاشتۇرمىغىن!» دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ.

بۇ دۇئانىڭ نامازنىڭ ھەر رەكىتىدە تەكرارلىنىشى، يەھۇدىيلىشىش خەۋپىنىڭ نەقەدەر چوڭ ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىدۇ. بۇنىڭ مەنىسى، ئاڭنى دائىم سەگەك تۇتۇشتىن ئىبارەت. يەھۇدىيلىشىشقا قارشى ئۆزىگە ئىمان ئېيتقۇچىلارنى ئىزچىل سەگەك تۇتۇۋاتقان قۇرئان، تارىخنىڭ قايتىلانماسلىقى ئۈچۈن ئىسرائىل ئوغۇللىرىنىڭ يەھۇدىيلىشىش جەريانىنى ئىبرەت ھېكايىسى سۈپتىدە كۈنتەرتىپتە تۇتقان.

ئۈممەت بۇنداق شەكىلدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرغان يەھۇدىيلىشىشنىڭ نامايەندىسى ۋە ئالامەتلىرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بۇ كىتابنىڭ ئاخىرقى بابىدا تارىخىي ۋە جانلىق مىساللار بىلەن كۆرۈپ ئۆتىمىز. مەزكۇر بابنى ئوقۇغان ۋاقتىمىزدا قۇرئاننىڭ بۇ ئاگاھلاندۇرۇشىغا بەكمۇ مۇھتاج ئىكەنلىكىمىزنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىپ يېتىمىز.

 

  1. «غەزەپكە ئۇچرىغانلارنىڭ يولىغا ئەمەس (غَيْرِ الْمَغْضُوبِ عَلَيْهِمْ)»

 

  • قۇرئاننىڭ بۇ ئايەتنى تەپسىرى

فاتىھە سۈرىسىنىڭ ئاخىرىدىكى «غەزەپكە ئۇچرىغانلارنىڭ يولىغا ئەمەس» ئىبارىسىنى قانداق چۈشىنىش كېرەكلىكى ھەققىدە ئالدى بىلەن قۇرئانغا مۇراجەت قىلىشىمىز، بۇ ئايەتنىڭ باشقا ئايەتلەر بىلەن تەپسىر قىلىنىپ – قىلىنمىغانلىقىغا قاراپ چىقىشىمىز كېرەك.

قۇرئاندا «غەزەپكە ئۇچرىغانلار» ئىپادىسى يەھۇدىلەردىن باشقا جايلاردىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن:

«كىمكى بىر مۆمىننى قەستەن ئۆلتۈرىدىكەن، ئۇنىڭ جازاسى جەھەننەمدۇر، ئۇ جەھەننەمدە مەڭگۈ قالىدۇ. ئۇ ئاللاھنىڭ غەزىپىگە دۇچار بولىدۇ»[32].

ئايەتتىن بىلىپ تۇرۇپ سادىر قىلىنغان ئىسيان ۋە ئىنكارنىڭ «ئاللاھنىڭ غەزىپى» گە سەۋەپ بولىدىغانلىقى مەلۇم بولماقتا.

يۇقىرىدىكى ئايەتتە بىر مۇئمىننى قەستەن ئۆلتۈرگۈچىمۇ « غەزەپكە ئۇچرىغانلار » قاتارىغا كىرمەكتە.

يەنە بىر ئايەتتە جەڭدىن قاچقانلارمۇ «غەزەپكە ئۇچرىغۇچىلار» قاتارىغا كىرمەكتە:

«كىمكى قايتا جەڭ قىلىش ياكى باشقا بىر قوشۇنغا قوشۇلۇشنى مەقسەت قىلماستىن، دۈشمەندىن قاچسا، ئۇ ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرايدۇ»[33].

يەھۇدىلارنىڭ «پىياز، سامساق تەلەپ قىلغانلىقى» نى بايان قىلغان ئايەتتە ۋە باشقا ئايەتتە مۇنداق دېيىلگەن:

ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرىدى[34].

ئۈستى – ئۈستىگە غەزەپكە ئۇچرىدى[35].

ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرىدى[36].

ئاللاھ لەنەت قىلغان ۋە غەزەپ قىلغان كىشىلەردۇر[37].

بۇ ئايەتلەر فاتىھە سۈرىسىدىكى «غەزەپكە ئۇچرىغانلارنىڭ يولى» دىن مەقسەتنىڭ «يەھۇدىيلارنىڭ يولى» ئىكەنلىكىنى ئىزاھلاپ بېرىدۇ.

«ئېزىپ كەتكەنلەر» نىڭ كىملەر ئىكەنلىكىنىمۇ يەنە قۇرئاندىن بىلەلەيمىز. خىرىستىيانلىقنىڭ ئازغۇن ئەقىدىسىنى رەت قىلغان ئايەتلەر ئىچىدە يەر ئالغان بىر ئايەتتە مۇنداق دېيىلمەكتە:

«شۈبھىسىزكى، كاپىر بولغانلار ۋە ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقانلار قاتتىق ئېزىپ كەتتى»[38].

خىرىستىيانلار ھەققىدە نازىل بولغانلىقى ئىنىق بولغان تۆۋەندىكى ئايەت بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ:

«ئېيتقىنكى: ئى ئەھلى كىتاب! دىنىڭلاردا ھەقسىز رەۋىشتە چەكتىن ئېشىپ كەتمەڭلار. ئىلگىرى ئۆزلىرى ئازغان ۋە نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇرۇپ، ئاللاھنىڭ توغرا يولىدىن ئاداشقان قەۋمنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمەڭلار»[39].

قۇرتۇبى بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە بىر قانچە خىل قاراشنى بايان قىلغاندىن كېيىن مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەرنىڭ تەپسىرى ھەممىسىدىن ياخشى ۋە توغرىدۇر»[40].

ئىبن كەسىر، يەھۇدىلارنىڭ مۇشۇنداق ئاتىلىشىنىڭ سەۋەبىنى «ئەمەلنى يوقۇتۇپ قويۇش»، خىرىستىيانلارنىڭ ئېزىپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى بولسا «ئىلىمنى يوقۇتۇپ قويۇپ، جاھالەتكە پېتىپ قېلىش» دەپ كۆرسەتكەن[41].

  • رەسۇلۇللاھنىڭ مەزكۇر ئايەت ھەققىدىكى تەپسىرى

«بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن، نېمەت بەرگەنلىرىڭنىڭ يولىغا. غەزەپكە ئۇچرىغان ۋە ئېزىپ كەتكەنلەرنىڭ يولىغا ئەمەس»[42].

ئايەتتە « ئۈچ يول » بار. يەنى:

  1. نېمەت بېرىلگەنلەرنىڭ يولى.
  2. غەزەپكە ئۇچرىغانلارنىڭ يولى.
  3. ئازغۇنلارنىڭ يولى.

«يول» يەنە تىلىمىزدا «ئۇسۇل، مېتود»، «بارىدىغان جاي»، «تۇرمۇش ئۇسۇلى»، «دۇنيا قارىشى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

ئەسكى ئادەم ئۈچۈن «ئۇ يامان يولدا» دېيىلىدۇ.

ياخشى ئادەم ئۈچۈن «ئۇ توغرا يولدا» دېيىلىدۇ.

بىراۋنىڭ يولىغا ئەگىشىش دېگەنلىك ئۇنى دوراش، قىلغان ئىشىنى قىلىش، ئۇلارغا ئوخشاش ھەرىكەت قىلىشتىن دېرەك بېرىدۇ.

قۇرئاننىڭ ئەڭ ئۇلۇغ مۇپەسسىرى بولغان پەيغەمبىرىمىز، فاتىھە سۈرىسىنىڭ ئاخىرقى ئايىتىدىكى «غەزەپكە ئۇچرىغان ۋە ئېزىپ كەتكەنلەرنىڭ يولى» نى «يەھۇدىيلار ۋە خىرىستىيانلارنىڭ يولى» دەپ شەرھلىگەنىدى.

ئادىي بىن ھاتەمدىن:

«مەن رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا كەلدىم. ئۇ مەسچىتتە ئولتۇراتتى. ئۇ يەردىكىلەر: <بۇ ئادىي بىن ھاتەمدۇر> دېيىشتى. مەن ئامانلىق ۋە بىخەتەرلىكىم ئۈچۈن كاپالەت ئالماستىن كەلگەنىدىم. مەن ئۇنىڭغا يۈزلەندىم، ئۇ مېنىڭ قولۇمنى تۇتتى. ئۇ ئىلگىرى مەن ئۈچۈن <ئاللاھتىن (ئۇنىڭ) قولىنى قولۇمغا قويۇشى (بەيئەت قىلىشى) نى تىلەيمەن> دەپ دۇئا قىلغانىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئورنىدىن تۇردى، بالىسى بار بىر ئايال ئۇنىڭ بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ: بىز ھاجىتىمىزنى تىلەپ كەلدۇق، دېدى. ئۇ ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىنى راۋا قىلىش ئۈچۈن ماڭدى. ئۇ مېنىڭ قولۇمنى تۇتتى، بىز ئۇنىڭ ئۆيىگە بىللە كەلدۇق. ئايال بالىسىنىڭ قولىنى قويۇپ بېرىپ، كارىۋاتتا ئولتۇردى. مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئولتۇردۇم. ئاللاھقا ھەمدۇ سانا ئېيتقاندىن كېيىن مۇنداق دېدى:

<سېنى لا ئىلاھ ئىلاھ دېيىشتىن نېمە توسۇپ قويدى؟ ياكى ئاللاھتىن باشقا ئىلاھنى بىلەمسەن؟> دەپ سورىدى.

  • ياق، دېدىم. ئاندىن ئۇ بىر ئاز سۆز قىلدى:

  • <سېنى پەقەت ئاللاھ ئۇلۇغ (ئاللاھۇ ئەكبەر) دېيىشتىن نېمە توسىدۇ؟ ياكى ئاللاھتىنمۇ ئۇلۇغ بىرىنى بىلەمسەن؟>.

  • ياق، دېدىم. ئۇ:

<دەرۋەقە، يەھۇدىيلار غەزەپكە ئۇچرىغانلاردۇر، خىرىستىيانلار ئېزىپ كەتكۈچىلەردۇر>[43] دېدى. مەن <مۇسۇلمان بولۇپ كەلدىم> دېيىشىم بىلەن تەڭ، ئۇنىڭ چىرايىدا خۇشاللىق يۈگۈرگەنلىكىنى كۆردۈم. ئاندىن ئۇ مېنى ئەنساردىن كەلگەن بىر كىشىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇشقا بۇيرۇدى. مەن ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە ئۇنىڭغا يېنىغا كېلەتتىم. بىر كۈنى كەچتە، مەن يەنە ئۇنىڭ يېنىدا ئىدىم. يۇڭ كىيىملەرنى كەيگەن، تېرىسى چۆل ئىسسىقتا قورۇلۇپ كەتكەن بىر توپ كىشىلەر كەلدى. رەسۇلۇللاھ ئورنىدىن تۇرۇپ ناماز ئوقۇدى ۋە ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: <مەيلى بىر كەمچەن ياكى يېرىم كەمچەن بولسۇن، مەيلى بىر چاڭگال ياكى بىر خورما ۋەياكى يېرىم خورما بولسۇن (سەدىقە قىلىڭلار)، ھەر كىم بۇ ئارقىلىق يۈزىنى دوزاخ ئوتىدىن ساقلىسۇن> ».

«ئاراڭلاردىن بىرى ئاللاھقا مۇلاقەت بولغاندا، ئۇ بۇ سۆزلەرنى قىلىدۇ: مەن ساڭا كۆز، قۇلاق بەرمىدىممۇ؟ ئۇ: ھەئە، (بەردىڭ)، دەيدۇ. (ئاللاھ:) مەن ساڭا مال – مۈلۈك ۋە پەرزەنت بەرمىدىممۇ؟ ئۇ: ھەئە، دەيدۇ. ئاندىن (ئاللاھ:) ئۇنداقتا ئۆزەڭ ئۈچۈن نېمە تەييارلىدىڭ؟ دەيدۇ. ئۇ ۋاقىتتا، كىشى ئالدىغا، ئارقىسىغا، ئوڭ ۋە سول تەرىپىگە قارايدۇ، يۈزىنى دوزاخ ئوتىنىڭ ھارارىتىدىن قوغدايدىغان نەرسە تاپالمايدۇ. يېرىم خورما بولسىمۇ، ئۇنىڭغا قۇربىتى يەتمىسە بىر ئېغىز تاتلىق سۆز بىلەن بولسىمۇ، ھەر كىم يۈزىنى ئوتتىن ساقلىسۇن. چۈنكى مەن ئەمدى سىلەرنىڭ موھتاجلىققا چۈشۈپ قېلىشىڭلاردىن ئەنسىرىمەيمەن. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەرگە شۇنداق بىر زەپەر ئاتا قىلىدۇكى، بىر ئايال تەقدىرۋان بىلەن مەدىنىدىن يولغا چىقىپ خىرەگە سالامەت بارالايدۇ. سىلەر دۇچ كېلىدىغان خەتەرنىڭ ئەڭ چوڭى ئۇلىغىڭلارنىڭ ئوغرىلىنىپ كېتىشىدىن ئەندىشىسىدىن ئىبارەت، (خالاس)»[44].

3) يۇقىرىدىكى ھەدىس ھەققىدە مۇھاكىمە

تىرمىزى بۇ ھەدىسنىڭ «ھەسەن – گارىب» ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇنىڭ گارىب / غەلىتە بولۇشىدىكى سەۋەب بولسا، ھەدىسنى رىۋايەت قىلغۇچىلار ئارىسىدىكى سەمماك بىن ھەرب[45] ئىدى. رىۋايەت قىلغۇچىلارنىڭ ھاياتى تەسۋىرلەنگەن كىتابلاردا بۇ كىشىنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئالجىپ قالغانلىقى خاتىرىلەنگەن. بۇ ھەدىس ھەققىدىكى تەنقىدلەرنىڭ بىردىنبىر تايانچى مانا بۇنىڭدىن ئىبارەت. قانداقلا بولمىسۇن، مەزكۇر ھەدىسنىڭ باشقا سەنەت بىلەن كەلگەنلىكى بۇ ھەدىسكە قارىتىلغان بارلىق تەنقىدلەرنى ئىناۋەتسىز قىلىدۇ. ئىبنى ھىببان بۇ سەنەتنى دەلىل قىلىپ، مەزكۇر ھەدىسنى «ھەقىقىي ھەدىس» دەپ باھالىغان[46].

ھاتەم بىن ئادىي ھەدىسىنىڭ تىرمىزىدىكى ۋارىيانتى «يەھۇدىيلار مەغزۇبى ئەلەيھىمدىندۇر»؛ ئەھمەد ب. ھەنبەلنىڭ مۇسناد ناملىق ئەسىرىدىكى ۋارىيانتى بولسا «مەغزۇبى ئەلەيھىم- يەھۇدىيلاردۇر» شەكلىدە.

بىرىنچى ۋارىيانت بىلەن ئىككىنچىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى چوڭ پەرق بار. بىرىنچى رىۋايەتتە، يەھۇدىيلار ۋە خىرىستىيانلار «غەزەپكە ئۇچرىغانلار» ۋە «ئېزىپ كەتكەنلەر» نىڭ مىسالى سۈپىتىدە كۆرسىتىلگەن. قانداقلا بولمىسۇن، غەزەپكە ئۇچراش ۋە ئېزىپ كېتىش پەقەت بۇ ئىككى دىننىڭ ئەگەشكۈچىلىرىگىلا خاس ئەمەس. ئىككىنچى رىۋايەتتە، «غەزەپكە ئۇچراش» ۋە «ئېزىپ كېتىش» يەھۇدىيلار ۋە خىرىستىيانلارغا خاسلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ توغرا ئەمەس.

بۇ ھەدىسنى چۈشىنىشنىڭ ئورنىغا رەت قىلىشنى يولىنى تاللىغان بەزى «زامانداش» ئالىملار ئىلمىي جەھەتتىن ئەمەس، بەلكى ھېسسىي نۇقتىدىن چىقىش قىلغان.

ئالدى بىلەن، يۇقىرىدا بايان قىلغىنىمىزدەك، ھەدىسكە سەنەت نۇقتىسىدىن قارىتىلغان تەنقىد ئىككىنچى سەنەت تەرىپىدىن رەت قىلىنغان بولۇپ، ھەدىسنى نەقىل قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئىشەنچلىك كىشىلەر.

ئىككىنچىدىن، قۇرئان رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ تەپسىرىنى تەستىقلايدۇ. باشقىچە ئېيتقاندا، ئايەتنى ئايەت بىلەن تەپسىر قىلغان ۋاقىتتىمۇ ئوخشاش نەتىجە چىقىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ مەسىلە ھەدىستىن ئەمەس، بەلكى ئايەتنى ياخشى چۈشەنمەسلىكتىن كېلىپ چىققان.

فاتىھە سۈرىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئايەتنى يەنە بىر قېتىم ئوقۇپ باقايلى:

«بىزنى غەزەپكە ئۇچرىغانلارنىڭ ۋە ئېزىپ كەتكەنلەرنىڭ يولىغا ئەمەس، بەلكى سەن ئىنئام قىلغانلارنىڭ يولىغا باشلىغىن».

بۇ ئايەتنىڭ ھالقىلىق نۇقتىسى «يول» بولۇپ، ئۇ، 1) ئىنئام قىلىنغان كىشىلەرنىڭ يولى. 2) غەزەپكە ئۇچرىغانلارنىڭ يولى. 3) ئېزىپ كەتكەنلەرنىڭ يولىدىن ئىبارەت.

بىرىنچى يول تەستىقلانغان، ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى يول بولسا رەت قىلىنغان يوللاردىن ئىبارەت.

ئۇنداقتا، بىز جاۋاب تېپىشىمىز كېرەك بولغان سوئال تۆۋەندىكىچە: ئايەت دىققىتىمىزنى تۆۋەندىكى ئىككى خۇسۇستىن قايسىسىغا ئاغدۇرىدۇ؟ يەنى:

  1. غەزەپكە ئۇچرىغانلارنىڭ كىملەر ئىكەنلىكىگىمۇ؟
  2. غەزەپكە ئۇچرىغانلارنىڭ يولىغىمۇ؟

بۇ سوئالنىڭ جاۋابى ناھايىتى ئېنىق:

بۇ ئايەتنىڭ دىققىتىمىزنى تارتماقچى بولغان نوقتىسى «يول» بولۇپ، تارىخىي كىملىك ​​ۋە كونكرېت مىساللار بۇ يولنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىشنىڭ ۋاسىتىسى، خالاس. بۇ يول «يەھۇدىيلار ۋە خىرىستىيانلار ئېغىپ كەتكەن يول» بولۇپ، بۇ يولدا ماڭغانلار «يەھۇدىيلىشىپ كەتكەن» ۋە «خىرىستىيانلاشقان»، يەنى «ئەھلى كىتابلىشىپ كەتكەن» بولۇپ قالىدۇ.

 

  1. بەقەرە سۈرىسى ۋە يەھۇدىيلىشىش

 

بىزمۇ قوشۇلىدىغان كۆپ سانلىقلارنىڭ قارىشىغا ئاساسلانغاندا، قولىمىزدىكى قۇرئان كەرىمنىڭ تىلاۋەت قىلىش تەرتىپى تاسادىپىي ئەمەس، بەلكى ئىلاھىي بولۇپ، بۇ تەرتىپ جىبرىئىلنىڭ نازارىتى ئاستىدا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەرىپىدىن تۈزۈلگەن.

بۇ تەرتىپتە، چۈشۈش (نۇزۇل) تەرتىپى نەزەرگە ئېلىنمىغان. ئۇنداقتا نەزەردە تۇتۇلغان ئامىل نېمە ئىدى؟ ئەگەر بۇ تەرتىپ تاسادىپىي تەرتىپ بولمىسا، ئۇنداقتا بىز ئۇنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى ھېكمەتنى ئىزدىشىمىز كېرەك.

مەۋجۇت تەرتىپ مەلۇم ھېكمەتنى ئاساس قىلغان ھالدا تىزىلغان. بۇ ھېكمەتنى تېپىپ چىقىش، ئۇنىڭ ھەققىدە تەپەككۇر قىلىش قۇرئاننى چۈشىنىش ئۈچۈن زۆرۈر. قۇرئاننى ياخشى ۋە توغرا چۈشىنىش، ئايرىم بۆلەكلەر (ئايەتلەر) ھەققىدە تەپەككۇر قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇ ئايەتنىڭ مەنسۇپ بولغان پۈتۈن گەۋدە (سۈرە) نى ۋە ئۇ گەۋدىنىڭ قۇرئان ئىچىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئورنىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق بىلەن مۇمكىن بولىدۇ.

قۇرئان مىسلىسىز شەھەرگە ئوخشايدۇ. بۇ شەھەردە سەيلە قىلغۇچىلارنىڭ قۇرئاننىڭ خەرىتىسى دەپ ئاتاشقا بولىدىغان تىزىلىش تەرتىپىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقى، بۇ خەرىتىدە مەزكۇر شەھەرنىڭ ئولتۇراقلىشىش نۇقتىلىرى بولغان سۈرىلەرنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلىشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە بۇ ئولتۇراق رايونلارنى تەشكىل قىلىدىغان قۇرۇلمىلارنىڭ ئايەت ئىكەنلىكىنى ۋە سۆزلەرنىڭ قۇرئان شەھىرىنىڭ ھۇجرىلىرى ئىكەنلىكىنى، بەزىدە بارلىق مەخپىيەتلىكىنى ئۆزىدە ساقلىغان 40 – نومۇرلۇق سىرلىق ھۇجرىنى ئەسلىدە بۇ سۆزلەر ئارىسىدىن ئىزدەش كېرەكلىكىنى، ئاخىرىدا بۇ غايەت زور شەھەرنىڭ تۈۋرۈكلىرىنىڭ «ئەلىف – لام – مىم» غا ئوخشاش ئادەتتىكى ھەرپلەر ئىكەنلىكىنى بىلىشى كېرەك.

قۇرئان شەھىرىنى كۆرگىلى كەلگەنلەرنى ئالدى بىلەن قارشى ئالىدىغان شەيئى، بۇ شەھەرنىڭ بارلىق ئالاھىدىلىكلىرى، ھەيۋىتى ۋە ئىلاھلىقىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان غايەت زور ۋە كۆزنى قاماشتۇرىدىغان دەرۋازا بولۇپ، بۇ دەرۋازا فاتىھە سۈرىسىدىن ئىبارەت. كىشى فاتىھە دەرۋازىسىدىن كىرگەندە، ئۇ ناھايىتى چوڭ بىر سەھنىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىبرەتلەر ۋە جانلاندۇرۇلغان تارىخى كۆرۈنۈشلەرنى ئۇچرىتىدۇ. «بەقەرە سۈرىسى» بۇ سەھنىنىڭ دەل ئۆزى.

بۇ غايەت زور سەھنىدە ئەڭ كۆپ كۆرگەزمە قىلىنغان شەيئى ئىسرائىل ئوغۇللىرىنىڭ ئامانەتكە خىيانەت قىلىش بولۇپ، ئۇلار بىر زامانلاردا خۇددى ئىسلام ئۈممىتىگە ئوخشاش كىشىلەر ئارىسىدىن تاللانغان ۋە بەخت – سائادەتنىڭ يەنە بىر ئىسمى بولغان ۋەھىينى ئىنسانىيەتكە يەتكۈزۈش ۋەزىپىسى (ئامانەت) بېرىلگەنىدى. بۇ سەھنىدە، يەنە خۇدا بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىگە ئەمەل قىلمىغان ئىسرائىل ئوغۇللىرىنىڭ ئاقىۋەت قانداق جازاغا ئۇچراپ، بالايىئاپەت دۇچار بولغانلىقىنىڭ جانلىق ئىسپاتى كۆرگەزمە قىلىنماقتا.

بەقەرە سۈرىسىدىكى تارىخى كۆرۈنۈشلەرنى كۆرگەندە خۇددى مۇزېينى زىيارەت قىلغاندەك «ئۇلار شۇنداق ئىدى» لوگىكىسى بىلەن نەزەر تاشلىماسلىقىمىز ئۈچۈن، پات – پات كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان كارتېنىلار، بۇ ئىبرەتتىن ساۋاق ئېلىشنى خالىمايدىغان بىپەرۋا زىيارەتچىلەرگە بۇ خەتەرنىڭ ئۇلارنىمۇ كۈتۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان ئاگاھلاندۇرغۇچى ئالامەتلەر قويۇلغان بولۇپ، مۇشۇنداق بولۇشىغا قارىماي، نەسىھەت ۋە ساۋاق ئالماستىن خۇددى بەنى ئىسرائىلغا ئوخشاش «يەھۇدىيلىشىش» باسقۇچىغا قەدەم باسقۇچىلارنى قانداق تەقدىرنىڭ كۈتۈۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

قۇرئان شەھىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ۋە ھەر مىللىمېتىر ئىقتىسادچانلىق بىلەن ئىشلىتىلگەن بۇ شەھەردە ئەڭ چوڭ ئورۇن تەسىس قىلىنىپ، «يەھۇدىلىشىش» جەريانى ئىنچىكىلىك بىلەن بايان قىلىنغان بەقەرە سۈرىسىنىڭ، نېمە ئۈچۈن كىتابنىڭ ئەڭ بېشىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ھەققىدە ئويلىنىش كېرەك، ئەلۋەتتە.

بەقەرە سۈرىسىنىڭ ئالدىنقى يىگىرمە ئايىتى ئىنسانلارنىڭ ھەقىقەت ئالدىدا مۆمىن، كاپىر ۋە مۇناپىق دەپ ئۈچ گۇرۇپپىغا ئايرىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، بۇ گۇرۇپپىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. 29 ~ 21 – ئايەتلەر ھىدايەتكە ئەگىشىشكە، ئاللاھقا تەسلىم بولۇشقا ۋە ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشكە ئىشىنىشكە چاقىرىدۇ. 39 ~ 30 – ئايەتلەردە ئىنسانىيەتنىڭ سەرگۈزەشتىسى، ھەزرىتى ئادەمنىڭ يارىتىلىشى ۋە ئۇنىڭ خۇددى بىر ئايەتكە ئوخشاش يەر يۈزىگە چۈشۈشى بايان قىلىنىدۇ. بۇ ئايەت گۇرۇپپىسىدىكى ئاساسلىق ئىدىيە: ئىسلام ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ، ئىزچىل داۋاملىشىدۇ.

بۇلاردىن كېيىنكى 80 ئايەت، يەنى 40 – ئايەتتىن 120 – ئايەتكىچە بولغان بۆلەك ئىسرائىل ئوغۇللىرىنىڭ يەھۇدىيلىشىش جەريانىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ۋەھىي سىزىقىدىن چەتنەپ كېتىشنى سىمۋول قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلەك، يەنى 121 – ئايەتتىن 152 – ئايەتكىچە بولغان بۆلەكتە يەھۇدىيلار «ئاتا يەھۇدىي» دەپ ئاتىغان ھەزرىتى ئىبراھىمنىڭ بەيتى (ئۆيى) نىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ قىبلىسى بولۇش توغرىسىدا قانداق زىددىيەتلىك ھالغا چۈشۈپ قېلىپ، ئۇنى رەت قىلغانلىقى بايان قىلىنغان.

قىبلىنىڭ قۇددۇستىن كەبىگە ئۆزگەرتىلىشى، ئامانەتنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئۇنىڭغا خىيانەت قىلغان يەھۇدىيلارنىڭ قولىدىن ئېلىنىپ مۇسۇلمانلارغا بەرگەنلىكىنىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىش مۇراسىمى ئىدى. 251 ~ 153 – ئايەتلەردە يەھۇدىيلارنىڭ ئورنىغا خەلىپە قىلىپ تەيىنلەنگەن مۇسۇلمانلار رىئايە قىلىشى زۆرۈر بولغان دىنىي، ئەخلاقى ۋە سىياسىي ھۆكۈملەر بايان قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ شەخسىي ۋە ئىجتىمائىي ساھەدىكى ۋەزىپىلىرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن. يەنى، ناماز، روزا، زاكات، ھەج ۋە جىھاد پەرز قىلىنىپ، ئەخلاقى جەھەتتە ئىتائەت، ئادالەت، ئامانەتكە خىيانەت قىلماسلىق، كېلىشىمگە سادىق بولۇش، ئىنفاققا قاتارلىق شەخسىي ۋە ئىجتىمائىي پرىنسىپلارنى، تالاق ۋە مىراسقا ئوخشاش ھەق – تەلەپ دەۋالىرىغا مۇناسىۋەتلىك پرىنسىپلارنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇلارغا قارشى، ئىنسانىيەتنىڭ دۈشمىنى بولغان ھاراق، قىمار، جازانە، زۇلۇم، ھەق – ھوقۇقىنى قوغداشتا قورقۇنچاقلىق قىلىشقا ئوخشاش رەزىللىكلەرنى ئەيىبلەيدۇ ۋە چەكلەيدۇ.

260 ~ 252 – ئايەتلەر يەھۇدىيلىشىشنىڭ ئىپادىلىرىگە كىشىنىڭ دىققىتىنى ئاغدۇرۇش ئارقىلىق تەۋھىدكە چاقىرىدۇ. يەنى، مال – مۈلۈكتە تەۋھىد ۋە بۇ تەۋھىدنىڭ شېرىك ئەمەلى بولغان جازانىنى رەت قىلىش،  ئاللاھقا، ۋەھىيگە، ئاخىرەتكە، مال – مۈلۈك، ھايات – ماماتلىقنىڭ ئاللاھنىڭ ئىلىكىدە ئىكەنلىكىگە ئىمان ئېيتىش مەسىلىسى بايان قىلىنىدۇ.

283 ~ 261 – ئايەتلەر ئىسرائىل ئوغۇللىرىنىڭ يەھۇدىيلىشىش مۇساپىسىنى تېزلەتكەن ئىنفاق، جازانە، قەرز ئېلىش ۋە سودىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ھۆكۈملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

286 ~ 284 – ئايەتلەردە، ۋەھىينىڭ يېڭى ۋارىسى بولغان مۇھەممەد ئۈممىتىگە تەۋھىدنىڭ ئاساسىي پرىنسىپلىرى ۋە ئىمان شەرتلىرى ئەسلىتىلگەن بولۇپ، ئۇلاردىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ يولىغا ئەگىشىپ ئېزىپ كەتمەسلىكنىڭ بىخەتەر ئۇسۇلىنى ئوچۇق – ئاشكارە كۆرسىتىپ بېرىلگەن.

بەنى ئىسرائىل تارىخىدىكى ۋەقەلەر قۇرئاندا تەپسىلى بايان قىلىنغان سۈرە بەقەرە سۈرىسى ئەمەس، بەلكى ئەئراف سۈرىسى بولۇپ، بۇ سۈرىنىڭ 171 ~ 103 – ئايەتلىرىدە، ئىسرائىل ئوغۇللىرىنىڭ يەھۇدىيلىشىشتىن بۇرۇنقى سەرگۈزەشتىلىرى بايان قىلىنغان. «بەقەرە» سۈرىسىدە بولسا، ئەئراف سۈرىسىنىڭ ئەكسىچە، ئىسرائىل ئوغۇللىرىنىڭ ئىسلامدىن يۈز ئۆرۈپ قانداق قىلىپ «يەھۇدىيلىشىپ» كەتكەنلىكى بايان قىلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ يەھۇدىيلىشىپ كەتكەن نۇقتىلىرىغا ئىسلام ئۈممىتىنىڭ دىققەت – نەزىرى ئاغدۇرۇلغان. يەھۇدىيلىشىشنىڭ ئىپادىسى بولمىغان ۋە بۇ مۇساپىدە ئورۇن ئالمىغان قىسسەلەر بەقەرە سۈرىسىگە كىرگۈزۈلمىگەن.

بۇنىڭ ئەڭ يارقىن مىسالى فىرئەۋننىڭ سېھىرگەرلىرىنىڭ «مۇسۇلمان بولۇش» ۋەقەسى بولۇپ، گەرچە بۇ ۋەقە تۆت ئايرىم سۈرىدە[47] بايان قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما بەقەرە سۈرىسىدە بۇ ۋەقە ئەسلا تىلغا ئېلىنمايدۇ. بىزنىڭچە، بۇنىڭ سەۋەبى بۇ ۋەقەنىڭ يەھۇدىيلىشىش جەريانى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى يوق. بەقەرە سۈرىسىدىكى 80 ئايەتنىڭ ھەممىسى يەھۇدىيلىشىش جەريانىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۈممىتىنى بۇ مەسىلىدە ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، بۇ سۈرە سۈرىلەرنىڭ تىزىلىش تەرتىپىدە ئەڭ باشقا تىزىلغان.

رەسۇلۇللاھ ئىسرائىل ئوغۇللىرىنى كۈن تەرتىپتە تۇتۇشنى ۋە ئۇلار باشتىن كەچۈرگەن ئېزىپ كېتىش جەريانىنى يەتكۈزۈشكە بۇيرىغانىدى:

«ئىسرائىل ئوغۇللىرى ھەققىدە سۆزلەڭلار. بۇ توغرىلىق سۆزلىسەڭلار بولىدۇ»[48].

1) «ئۇلارنىڭ دىللىرى بىر – بىرىگە ئوخشايدۇ»

«بىلمەيدىغانلار: <ئاللاھ نېمە ئۈچۈن بىز بىلەن سۆزلەشمەيدۇ؟ ياكى نېمە ئۈچۈن بىزگە بىرەر ئايەت / مۆجىزە كەلمەيدۇ؟> دەيدۇ. ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرمۇ شۇنداق سۆزنى قىلغانىدى. چۈنكى (توغرا يولدىن ئادىشىپ كەتكەنلەرنىڭ) دىللىرى (ھېس – تۇيغۇ ۋە چۈشەنچىلىرى) بىر – بىرىگە ئوخشايدۇ. بىز ھەقىقەتنى ئېنىق بىلىشنى خالايدىغانلارغا ئايەتلىرىمىزنى / مۆجىزىلىرىمىزنى ئېنىق كۆرسەتتۇق»[49].

بىز بۇ ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان «بۇرۇن ئۆتكەنلەر» نىڭ كىم ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ھېس – تۇيغۇ ۋە چۈشەنچىلىرىنىڭ مەركىزى بولغان دىللىرىنىڭ كىملەرگە ئوخشاپ قالغانلىقىنى كېيىنكى ئايەتتىن بىلىۋالالايمىز:

«سەن يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارنىڭ دىنىغا ئەگەشمىگۈچە ئۇلار سەندىن رازى بولمايدۇ. ئېيتقىنكى، <ھەقىقىي توغرا يول ئاللاھ كۆرسەتكەن يولدۇر>. ساڭا ئىلىم كەلگەندىن كېيىن، ئەگەر سەن ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگىشىدىغان بولساڭ، ئاللاھتىن ساڭا دوست ياكى ياردەمچى بولمايدۇ»[50].

«ئۇلارنىڭ دىللىرى بىر – بىرىگە ئوخشاپ قالدى» ئىبارىسى ھېس – تۇيغۇ ۋە چۈشەنچىنىڭ ئۆز-ئارا ئوخشاشلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ بىز «يەھۇدىيلىشىش مايىللىقى»، «لەنەت قىلىنغان قوۋم يوق، قارغىشلىق چۈشەنچە، ئاڭ بار» دەپ خۇلاسىلىگەن تېزىسىمىزنىڭ قۇرئان تىلىدىكى ئەڭ ياخشى ئىسپاتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

چۈنكى كېيىنكىلەرنىڭ قىلغانلىرى بىلەن ئالدىنقىلارنىڭ قىلغانلىرى ئوتتۇرىسىدا مەيلى شەكىل، مەيلى مەزمۇن جەھەتتىن بولسۇن ئوخشاشلىق بار. ئىسرائىل ئوغۇللىرى: «ئى مۇسا! ئاللاھنى ئېنىق كۆرمىگۈچە ساڭا ئىشەنمەيمىز»[51] دېگەنىدى. ھالبۇكى، ئۇلار ئاللاھنىڭ ياردىمىغا ئېرىشكەن بولۇپ، دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىدىن يېرىلغانلىقىنى، تاغنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئۈستىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىنى، مەن ۋە سەلۋانىڭ ئۆزلىرىگە چۈشۈرۈپ بېرىلگەنلىكىنى كۆرگەنىدى. بۇلار ئاللاھنىڭ بارلىقىنىڭ ۋە بىر ئىكەنلىكىنىڭ ئوچۇق دەلىلى ئىدى. لېكىن، ئۇلار بۇ دەلىللەرگە رازى بولماستىن، ئاللاھنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرمىگىچە ئىمان ئېيتمايدىغانلىقىنى ئېيتىش ئارقىلىق، ئەمەلىيەتتە ئۇ (ئاللاھ) ئەۋەتكەن ئەلچىگە، يەنى ئاللاھقا قارشى چىققانىدى.

كېيىنكىلەرمۇ بۇ سوئالنى ئوخشاش چۈشەنچە بىلەن سوراپ، «يەھۇدىيلىشىش خاھىشى» نى نامايەن قىلغانىدى. بۇ سەۋەبتىن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ يەھۇدىيلىشىپ كەتكەن ئىسرائىل ئوغۇللىرىغا ئوخشاش ھېس – تۇيغۇ ۋە چۈشەنچە بىلەن ھەرىكەت قىلىشىنى «دىللىرى بىر – بىرىگە ئوخشايدۇ» ئىبارىسى بىلەن بايان قىلغان.

سۆز بىلەن ئىش – ھەرىكەتنىڭ بىردەك بولۇشى، چۈشەنچە ۋە ھېس – تۇيغۇنىڭ ئوخشاش ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلى. ئىنساننىڭ سۆزى ۋە ھەرىكىتى ئۇنىڭ ھېس – تۇيغۇسى ۋە ئىدىيىسىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دىل / ئەقىلدىن كېلىپ چىقىدۇ. دىل / ئەقىلنىڭ بۇ يۈزلىنىشى «مايىللىق» بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر بۇ يۈزلىنىشنىڭ نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن سۆز ۋە ھەرىكەتلەر يەھۇدىيلارنىڭكىگە ماس كەلگەن بولسا، ئۇنداقتا يەھۇدىيلىشىش خاھىشى ھەققىدە سۆزلەش توغرا بولىدۇ.

ئەمەلىيەتتە، بۇ ئاگاھلاندۇرۇشنىڭ دائىرىسىگە ساھابىلەرنىڭمۇ كىرگەنلىكىنى بىز قۇرئاننىڭ يەھۇدىيلىشىشنىڭ نامايەندىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويغان كونكرېت بىر ۋەقەدىن كېيىن چۈشكەن تۆۋەندىكى ئايەتتىن ئۆگىنىمىز:

«ئۇلار ئىلگىرى مۇسادىن سوئال سورىغاندەك، سىلەرمۇ پەيغەمبىرىڭلاردىن سوئال سورىماقچى بولامسىلەر؟ كىمكى ئىماننى كۇفرىغا تېگىشسە، ئۇ ھەقىقەتەن توغرا يولدىن ئازغان بولىدۇ»[52].

بۇ ئايەت رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە بەزى سوئاللارنى سورىغاندا خۇددى سوراققا تارتقاندەك سوراش ياكى ئىسرائىل ئوغۇللىرىنىڭ ئۆز پەيغەمبەرلىرىدىن توغرا بولمىغان نەرسىلەرنى سورىغىنىدەك، ئۇلارنىڭمۇ سورىشى سەۋەبىدىن نازىل بولغان. ھەممىگە قادىر ئاللاھ بۇ قىلمىشنى يەھۇدىيلارنىڭ ھەزرىتى مۇساغا قىلغان مۇئامىلىسىگە ئوخشىتىپ مۆمىنلەرنى ئاگاھلاندۇرغان. ئىش – ھەرىكەت، مۇئامىلىنىڭ بىر – بىرىگە ئوخشاپ قېلىشى «دىللارنىڭ بىر – بىرىگە ئوخشاپ قېلىش» خەۋپىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، «دىللارنىڭ بىر – بىرىگە ئوخشاپ قېلىشى» بولسا ئوخشاش قىلمىشنى سادىر قىلىشقا ئېلىپ بارىدۇ. بۇ «مايىللىق» بولۇپ، ئەگەر ئۇنىڭ ئالدىنى ئالمىسا، يەھۇدىيلىشىش خەۋىپى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.

«دىللارنىڭ بىر – بىرىگە ئوخشاپ قېلىش» خەۋىپىنى پەيدا قىلىدىغان ئەڭ چوڭ ئامىل يەھۇدىيلار ۋە خىرىستىيانلار ئۆزىگە دوست قىلىۋېلىش بولۇپ، «ئۆرۈك ئۆرۈككە قاراپ ئال بولىدۇ». يەھۇدىيلار ۋە خىرىستىيانلار بىلەن دوستلىشىش «يەھۇدىيلىشىش» نى تېزلىتىدىغان ئامىللارنىڭ ئەڭ ئالدىدا ئورۇن ئالىدۇ.

2) كىتاب ئەھلىنى دوست تۇتۇش

«ئى مۆمىنلەر، سىلەردىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەردىن دىنىڭلارنى مەسخىرە قىلغۇچىلارنى دوست تۇتماڭلار. ئەگەر مۆمىن بولساڭلار ئاللاھتىن قورقۇڭلار».

ئۇلار دىنىنى ئويۇن – تاماشاغا ئايلاندۇرغاندىن كېيىن، سىلەرنىڭ دىنىڭلارنىمۇ ئويۇنچۇققا ئايلاندۇرىدۇ. ئەگەر ئۇلار بىلەن دوست بولساڭلار، سىلەرمۇ خۇددى ئۇلارغا ئوخشاش دىنىڭلارغا سەل قاراشقا، ئۇنىڭ بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلىرىگە بولغان سەزگۈرلۈكىڭلارنى يوقىتىشقا باشلايسىلەر. تەۋرات ۋە ئىنجىل بېرىلگەنلەر بۇ كىتابلارغا نىسبەتەن قانداق بىپەرۋا بولغان بولسا، سىلەرمۇ قۇرئانغا پەرۋاسىز بولۇشقا باشلايسىلەر.

ئەنە شۇ ۋاقىتتا سىلەر يەھۇدىيلىشىش ۋە خىرىستىيانلىشىش خەۋىپىگە دۇچ كېلىسىلەر. باشقىچە ئېيتقاندا، سىلەر «ئەھلى كىتاب» بولۇپ قالىسىلەر.

ئەھلى كىتابمۇ ئەسلىدە سىلەرگە ئوخشاش تەۋھىد ئەھلى ئىدى. ئۇلارغا ۋەھىينى يەتكۈزۈش ئامانەت قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار كىشىلەر ئارىسىدىن تاللىنىپ بۇ ۋەزىپە تاپشۇرۇلغانىدى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئۇلار بۇزغۇنچىلىق قىلىش باسقۇچىغا كىردى. ئۇلار كىتابلىرىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقانلىقى ئۈچۈن بۇ پاتقاقتىن چىقالمىدى. خۇددى قۇرئان خەۋەر قىلغىنىدەك:

«مۆمىنلەرگە ئۇلارنىڭ دىللىرى ئاللاھنىڭ زىكرىگە ۋە نازىل بولغان ھەقىقەتكە ئېرىيدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلمىدىمۇ؟ ئۇلار ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەردەك بولمىسۇن، زاماننىڭ ئۇزىرىشى بىلەن ئۇلارنىڭ دىللىرى قېتىپ كەتتى، ئۇلارنىڭ نۇرغۇنى ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر»[53].

  1. لەنەتلەنگەن قوۋم بولمايدۇ، لېكىن قارغىشلىق چۈشەنچە / ئىدىيە بولىدۇ

«لەنەتلەنگەن قوۋم» چۈشەنچىسى، مۇسۇلمانلارنىڭ قۇرئاندا شۇنچە كۆپ ئورۇننى ئىگىلەيدىغان ئىسرائىل ئوغۇللىرىنىڭ يەھۇدىيلىشىش جەريانىنى چۈشىنىشى ۋە ئۇنىڭدىن ساۋاق ئېلىشىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئەسىرلەر بويى ۋەز – نەسىھەت ۋە ئېرشاد كىتابلىرى، ۋە مەسچىت مۇنبىرىدە ئېغىر سالماقنى ئىگىلىگەن «لەنەتلەنگەن قوۋم» ئالدامچىلىقى، قۇرئاندىكى يەھۇدىيلىشىش خاھىشىنى توغرا باھالىيالماسلىقتىن كېلىپ چىققان بولۇپ، قۇرئاننىڭ بايانىغا، قۇرئاننىڭ روھىغا زىت چۈشەنچە ئوتتۇرىغا چىقىرىلغانىدى.

نېمە ئۈچۈن بۇنداق قىلىنغان؟

لەنەتلەنگەن قوۋم چۈشەنچىسى، قۇرئاندا يۈزلەرچە ئايەت بىلەن زور سالماقنى ئىگىلىگەن غايەت زور ئىنسانىيەت تەجرىبىسىنى پەقەت «يەھۇدىيلارغا خاس» قىلىپ قويۇپ، مەزكۇر ئايەتلەرنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلىش ئىدى. «ئىسلام ئۈممىتىنىڭ يەھۇدىلىشىش خەۋپىگە قارشى» ئاگاھلاندۇرۇشى بولغان بۇ ئايەتلەرنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلىرى توغرا ئىدراك قىلغان ھەمدە دىققىتىنى ئاغدۇرغانىدى.

لەنەتلەنگەن قوۋم چۈشەنچىسى ناھايىتى ئاددىي مۇداپىئە ئۇسۇلى بولۇپ، بۇ ئەسەردە مۇھاكىمە قىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، قۇرئاننىڭ بەقەرە، مائىدە ۋە جۈمە سۈرىلىرىدە بايان قىلىنغان ساھابىلەرنىڭ بەزى قىلمىشلىرى سەۋەبىدىن، ئىسرائىل ئوغۇللىرى بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىنى سېلىشتۇرۇش، ئەمەلىيەتتە بۇ مەسىلىگە قانداق قارىشىمىز كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئىلاھىي رەھبەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. لېكىن، بۇ مەسىلىگە بىز مەزكۇر ئىلاھىي قوللانمىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئەمەس، تەرەپۋازلىقى روشەن بىلىنىپ تۇرىدىغان «لەنەتلەنگەن قوۋم» نۇقتىئىينەزىرى بىلەن قارىغان ۋاقتىمىزدا، ئىشنىڭ بېشىدىلا ئۆزىمىزنى بۇ مەسىلىدىن خالىي تۇتىدىغان «ھوشيارلىق» نى نامايان قىلاتتۇق. بۇنداق بولغاندا، قالغان ئىشلار ناھايىتى ئوڭاي ئىدى. يەنى، «ئۇلار» شۇنداق قىلغان ئەمەسمۇ؟ بۇ سەۋەبتىن ئۇلار لەنەتلىنىشكە لايىق، «خوپ بوپتۇ» دەيتتۇق، شۇنداق ئەمەسمۇ؟

ھالبۇكى، « لەنەتلەنگەن قوۋم» چۈشەنچىسى، قۇرئاننىڭ روھىغا ۋە ئاللاھنىڭ دىنىغا زىت چۈشەنچە ئىدى. بۇ چۈشەنچە قۇرئانغا بىر پۈتۈن قاراش بىلەن ئەمەس، بەلكى ئايەتلەرنى ۋەھىي روھىدىن ئايرىپ تاشلاش ۋە خاتا شەرھلەش نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەنىدى.

ئالدى بىلەن بۇ خاتالىققا ئاساس قىلىنغان ئىككى ئايەتنى كۆرۈپ باقايلى:

«ئۇلار ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، بىز ئۇلارغا لەنەت قىلدۇق ۋە ئۇلارنىڭ دىللىرىنى قاتۇرۇۋەتتۇق»[54].

بۇ ئايەتنى چۈشىنىش ئۈچۈن بېرىلگەن ۋەدىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىش كېرەك. بۇ ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان مەزكۇر ۋەدە بۇنىڭدىن تەخمىنەن 1500 يىل ئىلگىرى، ئىسرائىل ئوغۇللىرىنىڭ ئېرىخادا ياشايدىغان بۇتپەرەس كەنئانلىقلارغا قارشى كۈرەش قىلىپ ئۇلارنى قوغلاپ چىقىرىدىغانلىقى ۋە ئۇ دىياردا شەرىئەت (تەۋرات) نى يولغا قويىدىغانلىقى[55] توغرىسىدا بەرگەن ۋەدە ئىدى.

ئىلگىرىكى مۇپەسسىرلەر بۇ ئايەتتىكى لەنەتنى ئومۇمغا خاس دەپ قارىمىغانىدى. ئايەتتىكى «بىز لەنەت ئوقۇدۇق» ئىبارىسىنى، ئاتا «رەھىم – شەپقىتىمىزدىن يىراقلاشتۇق»، ھەسەن ۋە مۇقاتىل «مەسھ قىلدۇق، شەكلىنى ئۆزگەرتتۇق»، ئىبن ئابباس «خارلىققا مەھكۇم ئاز سانلىق مىللەت قىلىپ، زەبۇن قىلدۇق» دەپ چۈشەنگەن[56].

«يەھۇدىيلار: <ئاللاھنىڭ قولى باغلانغان (بېخىل)> دېدى. ئۇلارنىڭ قوللىرى باغلاندى (بېخىل بولۇپ قالدى). ئۇلارغا بۇ سۆزلىرى سەۋەبلىك لەنەت قىلىندى / ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق قىلىندى»[57].

بۇ ئايەت دادىسىنىڭ قىلمىشى سەۋەبىدىن بالىلىرىنى ئەيىبلەشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىدىغان دەرىجىدە ناھايىتى روشەن. ئايەتتە لەنەتلەنگەنلەر مەزكۇر سۆزنى قىلغان كىشىلەر  بولۇپ، ئۇلار تەۋە قوۋم، قەبىلە، جەمەت ياكى ئايماق ئەمەس.

ئىسلامغا تۈپتىن خىلاپ بولغان «لەنەتلەنگەن قوۋم» چۈشەنچىسى يەنە ئۆز ئىچىدىنمۇ زىددىيەتلىك. يەنى:

ئەگەر «لەنەتلەنگەن قوۋم» ئىبارىسى بىلەن ئىسرائىل ئوغۇللىرى نەزەردە تۇتۇلغان بولسا، بۇ يەھۇدىيلارنىڭ مەشھۇر «مۇقەددەس ئىرق» چىلىق چۈشەنچىسىنىڭ ئەكسىنى قىلىشتىن دېرەك بېرىدىغان بولۇپ، مەزكۇر چۈشەنچىنى ئىسلام مۇتلەق رەت قىلىدۇ. ئەگەر ئۇ قوۋمنىڭ ئەزاسى بولۇش «لەنەتلەنگەن» دېگەنلىك بولسا، ئۇنداقتا ئەسرى سائادەت دەۋرىدىن تارتىپ بۈگۈنچىگە ئۆتمۈشتە يەھۇدىي بولۇپ كېيىن ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان نۇرغۇن ئىسرائىل ئوغۇللىرىنى قانداق قىلىمىز؟ مەسىلەن، بۇنىڭ ئىچىدە سابىق يەھۇدىي ئالىمى ئابدۇللاھ بىن سالام بار بولۇپ، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ ھەققىدە «ھايات ۋاقتىدا جەننەت ئەھلىدىن بىرىنى كۆرمەكچى بولغانلار شۇ زاتقا قارىسۇن» دېگەن. يەنە ئۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن سابىق يەھۇدىي ساھابىلەر ۋە تابىئىنلار بار. دەۋرىمىزدە بولسا ئەسلىي يەھۇدىي بولسىمۇ، كېيىن ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان مەريەم جەمىل ۋە مۇھەممەد ئەسەد قاتارلىق ھۆرمەتكە سازاۋەر ئىسىملارنى ساناپ چىقالايمىز. دېمىسىمۇ، قۇرئان كەرىم مەزكۇر «لەنەت» نىڭ ماھىيىتىنى تۆۋەندىكىدەك ئىزاھلايدۇ ئەمەسمۇ:

«ئاللاھنىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ لەنىتىگە ئۇچراش ئۇلارغا بېرىلگەن جازادۇر. ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ. ئۇلاردىن ئازاب يېنىكلىتىلمەيدۇ، كېچىكتۈرۈلمەيدۇ. پەقەت تەۋبە قىلغانلار ۋە توغرا يولغا قايتقانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر»[58].

بۇ ئايەتلەرنىڭ چۈشۈش سەۋەبى نەزەرگە ئېلىنغاندا، مۇنداق ئىككى ھەقىقەت ئوتتۇرىغا چىقىدۇ:

  1. ھەم يەھۇدىيلار، ھەم مۇسۇلمانلار بۇ ئايەتلەرنىڭ چۈشۈش سەۋەب سۈپىتىدە كۆرسىتىلگەن. يەنى، 1) بۇ ئايەتلەر يەھۇدىيلارنىڭ دىنى ۋە كىتابلىرىغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى ئۆزىنىڭ دىنىغا قىلىپ، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈگەن مۇسۇلمانلار[59] ھەققىدە نازىل بولغان. 2) ئۆز پەيغەمبەرلىرىگە قىلغاننى، ئوخشاش بىر لىنىيەنىڭ داۋامى بولغان پەيغەمبىرىمىزگە قىلىش ئارقىلىق باشتا ئىمان ئېيتىپ، كېيىن يېنىۋالغان مەدىنەدىكى يەھۇدىيلار ھەققىدە نازىل بولغان[60]. قىلمىشنىڭ كىم تەرىپىدىن سادىر قىلىنغانلىقىغا قارىماستىن، ۋەقەلەرنىڭ ماھىيىتىگە نەزەر تاشلىغان قۇرئاننىڭ يەھۇدىي قىلمىشىغا ئوخشايدىغان مۇسۇلمان قىلمىشىنى ئوخشاش ماۋزۇ ئاستىدا كۆرسىتىپ بېرىشى، بۇ يەردە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
  2. ئىسلامدا «مۇقەددەس قوۋم» ياكى «لەنەتلەنگەن قوۋم» يوق بولۇپ، بۇ چۈشەنچە يەھۇدىيلاشقان ئىسرائىل ئوغۇللىرىنىڭ چۈشەنچىسى. لېكىن، بۇ چۈشەنچىنى ئىسرائىل ئوغۇللىرىنىڭ بۇرمىلانغان كىتابلىرىدىن تاپقىلى بولىدۇ: «مەن سىلەرگە مەڭگۈلۈك نومۇس ۋە ئەبەدىي خارلىق ئېلىپ كېلىمەن»[61]. ئىبنى مەسئۇد رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ بۇ چۈشەنچىنى قەتئىي رەت قىلغان:

رەسۇلۇللاھتىن مايمۇن ۋە چوشقا توغرىسىدا «ئۇلار يەھۇدىي نەسەبىدىنمۇ؟» دەپ سورىدۇق. رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېدى: «شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھېچقانداق بىر قوۋمغا لەنەت قىلمىدى»[62].

ئەگەر مۇسۇلمانلار يەھۇدىيلارنىڭ بۇ «مۇقەددەس ئىرقچىلىقى» غا ئوخشاش كاتىگورىيىدە ئىنكاس قايتۇرسا، ئۇلارمۇ يەھۇدىيلىشىش قىلتىقىغا چۈشۈپ قالىدۇ. ھالبۇكى، ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ھەر بىر ئىنسان پۇرسەت جەھەتتە باراۋەر بولۇپ، ئەۋزەللىك پەقەت تەقۋادا. «كىمكى ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىپ، ياخشى ئەمەللەرنى قىلسا، ئۇنىڭغا قورقۇنچ يوقتۇر»[63]. «كىمكى كاپىر بولسا، كۇفرىنىڭ جازاسىنى ئۆزى تارتىدۇ»[64]. بۇ كىشىلەرنىڭ قايسى قوۋم، قايسى ئىرق، قايسى قەبىلە، قايسى ئۈممەت، قايسى مەدەنىيەت ۋە كۈلتۈرگە تەۋە بولۇشى، ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ ئالدىدىكى ئورنىنى بەلگىلەيدىغان ئامىل ئەمەس.

  1. ناتوغرا لەنەتلەنگەن قوۋم چۈشەنچىسى «غەزەپكە ئۇچرىغانلار»، «ئاللاھنىڭ غەزىپىگە دۇچار بولدى» قاتارلىق ئىبارىلەرنى ئاساس قىلغان بولسا، شۇنى بىلىش كېرەككى، مەزكۇر ئىبارىلەر ئوخشىمىغان گۇرۇپپىلارغىمۇ ئىشلىتىلگەن. مەسىلەن، تۆۋەندىكى ئايەتتە ئاللاھنىڭ غەزىپى ۋە لەنىتىگە ئۇچرىغان مۆمىن قېرىندىشىنى قەستەن ئۆلتۈرگەن مۇسۇلمانىدى:

«كىمكى بىر مۆمىننى قەستەن ئۆلتۈرىدىكەن، ئۇنىڭ جازاسى دوزاختۇر، ئۇ دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ۋە لەنىتىگە دۇچار بولىدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭغا قاتتىق ئازاب تەييارلايدۇ»[65].

تۆۋەندىكى ئايەتتە «ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرىغانلار» ۋە «لەنەتلەنگەنلەر» مۇناپىقلار ئىدى:

«ئاللاھ ئۇلارغا غەزەپ قىلدى، ئۇلارغا لەنەت ئوقۇدى ۋە ئۇلارغا دوزاخ تەييارلىدى»[66].

  1. «لەنەتلەنگەن قوۋم» چۈشەنچىسىدىن قويۇق ئەسەبىيەت / تەرەپۋازلىق ئايان بولۇپ تۇرسا، ھەتتا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم «ئەسەبىيەتكە چاقىرغان كىشى بىزدىن ئەمەس» دېسە، ئۇنداقتا بىز بۇ مەسىلىنىڭ ئىسمىنى توغرا قويۇشىمىز كېرەك.

بۇ توغرا ئىسىم «لەنەتلەنگەن قوۋم» ئەمەس، بەلكى «قارغىشلىق چۈشەنچە / ئىدىيە» بولۇشى كېرەك.

شۇنداق، ئاللاھ، پەرىشتىلەر ۋە ئىنسانلار تەرىپىدىن لەنەت قىلىنغانلار مەلۇم قوۋم ياكى مەلۇم قوۋمغا تەۋە كىشىلەر بولماستىن، بەلكى مۇئەييەن پوزىتسىيە، مايىللىق، ھەرىكەت ۋە بۇلارغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئىدىيە – چۈشەنچىدىن ئىبارەت.

گەرچە ئاللاھ ئىسرائىل ئوغۇللىرىنى ئەھلى جاھان ئىچىدىن تاللاپ، ئۇلارغا ۋەھىي ئامانىتىنى ئۈستىگە ئېلىش نېمىتىنى بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار بۇ لەنەت قىلىنغان پوزىتسىيە / چۈشەنچىگە پېتىپ قېلىپ، يەھۇدىيلاشتى.

ئەگەر ئۈممەت ياكى ئۈممەت ئىچىدىكى ھەرقانداق بىر گۇرۇپپا ئوخشاش پوزىتسىيە / چۈشەنچىگە پېتىپ قالسا، ئۇنداقتا بۇ ئۇنىڭ «لەنەتلەنگەن چۈشەنچە» گە گىرىپتار بولغانلىقى، يەھۇدىيلىشىش مايىللىقىغا دۇچار بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئاللاھ خەلىپىلىك ئامانىتىنى بۇ باسقۇچقا كىرگەن جامائەتلەرنىڭ قولىدىن خۇددى يەھۇدىيلاشقان ئىسرائىل ئوغۇللىرىدىن ئامانەتنى ئالغاندەك تارتىۋالىدۇ:

«ئى مۆمىنلەر، سىلەردىن كىمكى ئاللاھنىڭ يولىدىن يۈز ئۆرۈسە، شۇنى بىلىسۇنكى، ئاللاھ ئۇلارنى دوست تۇتىدىغان، ئۇلارمۇ ئاللاھنى دوست تۇتىدىغان،… بىر قوۋمنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرىدۇ»[67].

«ئى ئىنسانلار، سىلەر ئاللاھقا موھتاج، ئاللاھ (ھەممىدىن) بىھاجەتتۇر، مەدھىيەگە لايىقتۇر. ئەگەر ئاللاھ خالىسا، سىلەرنى ھالاك قىلىپ، (ئورنۇڭلارغا) يېڭى بىر خەلقنى پەيدا قىلىدۇ»[68].

ئۇنداقتا، بىز «بۇ بىزگە دېيىلگەن ئەمەس» جاھىللىقىدىن ۋاز كېچىپ، قۇرئاندىكى نەچچە يۈز ئايەتتە تەسۋىرلەنگەن يەھۇدىيلىشىش مۇساپىسىگە ساغلام تەپەككۇر بىلەن نەزەر تاشلىشىمىز كېرەك. ئۆزىمىزگە ئېلىش – ئالماسلىقىمىزدىن قەتئىينەزەر، بۇ ئۇنىۋېرسال ئۇچۇر بىزگە ۋە بارچىغا خىتاب قىلىدۇ. خۇددى قۇرئاندا دېيىلگىنىدەك: «پەقەت ئەقىل ئىگىلىرىلا ساۋاق ئالىدۇ».

قۇرئانغا «ھايات كىتابى» دەپ ئىشىنىش بۇنى تەقەززا قىلىدۇ. بولۇپمۇ قۇرئان كەرىمنىڭ جۈمە سۈرىسىدىكى مىسالنى كۆرگەندىن كېيىن …

 

  1. ئۈممەتنىڭ يەھۇدىيلىشىش مايىللىقىغا بىر مىسال: جۈمە سۈرىسى

 

ئاللاھنىڭ راھمان، رەھىم بولغان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.

ئاللاھقا ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر تەسبىھ ئېيتىدۇ. ئاللاھ (مۇتلەق) پادىشاھتۇر، (ھەممە نۇقسانلاردىن) پاكتۇر، غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.

ئاللاھ ئۇممىيلەرگە ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئۇلارغا ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئوقۇپ بېرىدىغان، ئۇلارنى پاكلايدىغان، ئۇلارغا كىتابنى ۋە ھېكمەتنى ئۆگىتىدىغان بىر رەسۇل ئەۋەتتى. ھالبۇكى، ئۇلار ئىلگىرى ئوچۇق گۇمراھلىقتا ئىدى.

ھەمدە تېخى ئۇلارغا قوشۇلمىغان باشقا ئىنسانلارغىمۇ ئەۋەتتى، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.

مانا بۇ ئاللاھنىڭ پەزلىدۇركى، ئۇنى خالىغان ئادەمگە بېرىدۇ، ئاللاھ ئۇلۇغ پەزل ئىگىسىدۇر.

تەۋراتنى كۆتۈرۈشكە تەكلىپ قىلىنغان، ئاندىن ئۇنى كۆتۈرمىگەنلەر خۇددى كىتاب يۈكلەنگەن ئېشەككە ئوخشايدۇ. ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان قەۋمنىڭ مىسالى نېمىدېگەن يامان! ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ.

ئېيتقىنكى، «ئى يەھۇدىيلەشكەنلەر! ئەگەر سىلەر باشقىلارنى ئەمەس، پەقەت ئۆزۈڭلارنىلا ئاللاھنىڭ دوستلىرى دەپ دەۋا قىلىدىغان بولساڭلار، ئۇنداقتا ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلىپ بېقىڭلار، ئەگەر راستچىل بولساڭلار».

ئۇلار قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن، ئۆلۈمنى ھەرگىز ئارزۇ قىلمايدۇ، ئاللاھ زالىملارنى بىلگۈچىدۇر.

«سىلەر قاچىدىغان ئۆلۈم چوقۇم سىلەرگە يولۇقىدۇ، ئاندىن سىلەر غەيبنى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچى (ئاللاھ) نىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر، ئاللاھ سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ» دېگىن.

ئى مۆمىنلەر! جۈمە كۈنى جۈمە نامىزىغا ئەزان ئېيتىلسا، ئاللاھنى ياد ئېتىشكە ئالدىراپ بېرىڭلار، ئېلىم ـ سېتىمنى قويۇپ تۇرۇڭلار، ئەگەر بىلسەڭلار بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر.

ناماز ئوقۇلۇپ بولغاندا كېيىن زېمىنغا تارىلىپ، ئاللاھنىڭ پەزلىدىن تەلەپ قىلىڭلار، مەقسىتىڭلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئاللاھنى كۆپ ياد ئېتىڭلار.

ئۇلار بىرەر تىجارەتنى ياكى تاماشانى كۆرسە، سېنى ئۆرە تۇرۇپ (خۇتبە ئوقۇۋاتقان) پېتىڭ تاشلاپ، ئۇنىڭغا يۈگۈرىدۇ. ئېيتقىنكى، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى نەرسە تاماشادىن ۋە تىجارەتتىن ياخشىدۇر، ئاللاھ رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر[69].

  1. ئىبرەت – ساۋاقلار

جۈمە سۈرىسى مۇسۇلمانلارنىڭ قۇرئاندا بايان قىلىنغان بەنى ئىسرائىلنىڭ يەھۇدىيلىشىش مۇساپىسىگە قانداق قاراش كېرەك؟ دېگەن سوئالغا ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەن جاۋاب بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بۇ سۈرە، يەھۇدىلىشىشنىڭ پەقەت ئىسرائىل ئوغۇللىرى ۋە ھەزرىتى مۇسا ئۈممىتىگە خاس ھادىسە ئەمەسلىكىنىڭ ۋەھىي تىلىدا ئىپادىلىنىشى بولۇپ، ھەر قانداق ئەقىللىق كىشى سۈرىنى پۈتۈن ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن چىقىرىدىغان يەكۈن مۇنداق بولىدۇ: قۇرئاندا تەسۋىرلەنگەن يەھۇدىيلىشىش خاھىشى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتى ئۈچۈنمۇ كۈچكە ئىگە بولۇپلا قالماي، بۇ ئۈممەتنى ساقلاۋاتقان ئەڭ چوڭ خەتەردىن ئىبارەت.

بىز ئاقىۋەت خۇلاسىلەپ چىقىرىدىغان يەكۈننى بۇ تېمىنىڭ بېشىدا ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، جۈمە سۈرىسىنىڭ بىزنىڭ ھۆكۈمىمىز ئۈچۈن قانداق دەلىل بولالايدىغانلىقىنى ماددىلارغا بۆلۈپ تىزىپ چىقايلى:

  • پۈتۈن ئۈممەت ئايەتلەرنىڭ سۈرىلەرگە تىزىلىشى ۋەھىي يولى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلغانلىقى توغرىسىدا ئورتاق تونۇشقا ئىگە[70]. م. ئابدۇللا دىراز ئېيتقاندەك، قۇرئاننىڭ تۈزۈلۈشى «ئايەتۇل كۇبرا، يەنى كاتتا مۆجىزە». بىزگە قۇرئاننىڭ ئايەت بۆلەكلىرى چۈشۈشتىن ئىلگىرى، ھەتتا ئۇلارنىڭ چۈشۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ۋەقەلەر يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى، بۇ بۆلەكلەرنىڭ ئورنىنىڭ بېكىتىلگەنلىكى ۋە ھەر نازىل بولغان بۆلەكنىڭ ئەتراپلىق ۋە تەپسىلىي پىلان بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى بىزگە ئۇقتۇرۇلغان[71]. ئۇلۇمۇل قۇرئان ئۆلىمالىرى بۇ ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ ئەزەلى ئىلىم بويىچە بولغانلىقى، ئىنسان ئەسەرى بولماستىن ئىلاھىي بولغانلىقىدا ھەمپىكىر[72].

بىر قاراشتىلا، رەسۇلۇللاھنىڭ ۋەھىينىڭ يېتەكچىلىكىدە تۈزگەن بۇ سۈرىنىڭ ئالدىنقى 8 ئايىتى بىلەن ئاخىرقى 3 ئايەت ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق مۇناسىۋەت يوقتەك قىلىدۇ. يەنى، ئالدىنقى سەككىز ئايەت ئۇلۇھىيەت ۋە نۇبۇۋۋەت (پەيغەمبەرلىك) بىلەن مۇناسىۋەتلىك. تۆتىنچى ئايەتتىن كېيىن، سۆز يەھۇدىيلارغا بۇرۇلۇپ، تەۋراتنى ئوقۇغان / ئاڭلىغان، ئەمما ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىغانلار «كىتاب ئارتىلغان ئېشەك» دەپ تەسۋىرلىنىدۇ. جۈمە ئايىتى بىلەن باشلانغان ئاخىرقى ئۈچ ئايەت بىر ۋەقەنى تەسۋىرلەش بىلەن ئاخىرلىشىدىغان بولۇپ، بۇ ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىدىن بىز ھەدىس مەنبەلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولدۇق.

قىسقىچا ئېيتقاندا، بۇ ۋەقە تۆۋەندىكىچە:

مەدىنەدە ئاچلىق ۋە قىممەتچىلىك ھۆكۈم سۈرگەن قۇرغاقچىلىق يىللىرىنىڭ بىرى ئىدى. دېھيە بىن خەلىپە ئەل – كەلبى مۇسۇلمان بولۇشتىن ئىلگىرى، دەمەشىقتىن يولغا چىققان سودا كارۋىنى بىلەن مەدىنەگە كىردى. مەدىنە خەلقى ئادىتى بويىچە، كارۋاننى داپ ۋە سۇناي بىلەن كۈتۈۋالدى. ئۇ ۋاقىتتا رەسۇلۇللاھ مەسچىتتە جۈمە خۇتبىسى سۆزلەۋاتاتتى. ئەرلەردىن 12 كىشىدىن باشقا، پۈتۈن جامائەت پەيغەمبەرنىڭ خۇتبىسىنى تەرك قىلىپ كارۋانغا قاراپ يۈگۈردى. رەسۇلۇللاھ بۇ ئەھۋالغا قاتتىق ئاچچىقلىنىپ مۇنداق دېدى:

«ئەگەر مەسچىتتە ھېچكىم قالمىغان بولسا، بۇ ۋادىنى ئوت يالقۇنى قاپلىغان بولاتتى»[73].

سۈرىنىڭ يەھۇدىيلار ھەققىدە بىرىنچى بۆلىكى بىلەن جۈمە نامىزى ۋە جۈمە خۇتبىسىدە رەسۇلۇللاھنى تاشلاپ قويۇپ كارۋانغا يۈگۈرگەن كىشىلەر ھەققىدە سۆزلەنگەن ئىككىنچى بۆلەك ئوتتۇرىسىدا مۇناسىۋەت بار ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، سۈرىنىڭ بىرىنچى بۆلىكى بىلەن ئىككىنچى بۆلىكىنىڭ ئوخشىمىغان ۋاقىتتا نازىل بولغانلىقىنى كۆزدە تۇتقاندا[74]، ۋەھىينىڭ يېتەكچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلغان تۈرگە ئايرىشتا بۇ ئىككى ئايەتنىڭ نېمە ئۈچۈن ئوخشاش بىر سۈرىدە جەم قىلىنغانلىقىنىڭ ھېكمىتى ئايان بولىدۇ.

بۇ ئىلاھىي تۈرگە ئايرىشتىن يەكۈنلەشكە بولىدىغان ساۋاقنى مۇنداق دېيىشكە بولىدۇ: قۇرئان، خۇتبە ئوقۇۋاتقاندا رەسۇلۇللاھنى تەرك ئېتىپ، دۇنيا نېمەتلىرىگە بېرىلىپ كەتكەن مۆمىنلەرگە ئىسرائىل قوۋمىنى ۋە ئۇلارنىڭ يەھۇدىيلىشىش جەريانىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان كىتابنى ئوقۇپ / ئاڭلاپ ئۇنىڭغا ئەمەل قىلماسلىقىنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىپ، مەزكۇر مۇسۇلمانلارنىڭ پوزىتسىيىسى بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ پوزىتسىيىسىنىڭ ئوخشاشلىقىغا كىشىنىڭ دىققىتىنى ئاغدۇرغان. يەنى، تۇنجى مۇسۇلمانلارنىڭ دىققىتىنى يەھۇدىلىشىش ماھىللىقىغا ئاغدۇرۇش ئارقىلىق، ئۇلارغا «يەھۇدىيلىشىشتىن ساقلىنىڭلار» دېيىلگەن.

2) ئۈممەتى مۇھەممەدنىڭ يەھۇدىيلىشىش خاھىشىغا دىققەتنى ئاغدۇرىدىغان يەنە بىر ئىلاھىي ئىما بولسا، جۈمە سۈرىنىڭ بىرىنچى ئىبارىسىدىكى زامان رايى بولۇپ، «يُسَبِّحُ» كەلگۈسى زاماننى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭرى زامان پېئىلى. «تەسبىھ قىلىدۇ / قىلىۋاتىدۇ / قىلماقتا» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان بۇ سۆز، قۇرئاندا جۈمە سۈرىسىنىڭ ئالدىدىكى سەپ سۈرىسىدە، ئۇنىڭ ئالدىدىكى ھەشر ۋە ھەدىد سۈرىسىنىڭمۇ بىرىنچى ئىبارىسى بولۇپ كېلىدۇ. ھالبۇكى، مەزكۇر كەلىمە بۇ سۈرىلەرنىڭ ھەممىسىدە ئۆتكەن زامان رايى بولغان «سەبباھا» شەكلىدە كەلگەن. لېكىن، بۇ سۈرىدىن كېيىن كەلگەن تەغابۇن سۈرىسىدە قىيامەت تىلغا ئېلىنغانلىقى ئۈچۈن، جۈمە  سۈرىسىدىكىگە ئوخشاش كەڭرى زامان شەكلىدە كەلگەن.

بىز بۇ نۇقتىنى چىقىش قىلىپ، باشلىنىشىدا كەلگۈسى زامان ئىشلىتىلگەن بۇ سۈرە ئۈممەتنىڭ كەلگۈسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر ۋەقەدىن ئالدىن بېشارەت بېرىدۇ، دېگەن يەكۈننى چىقىرالايمىز.

بۇ كىچىك ئىنچىكە ھالقىلار ساھابىلەر باشتىن كەچۈرگەن بىر ۋەقە ئارقىلىق، جۈمە سۈرىسىدە تىلغا ئېلىنغان يەھۇدىيلىشىش خاھىشىنى كەلگۈسىدە ئۈممەتنى كۈتۈۋاتقان زور خەتەرنىڭ ئالامىتى دەپ قاراشقا بولىدۇ.

3) ئەگەر بىز ئۈممەتنىڭ يەھۇدىي بولۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلغان ھالدا ئوقۇساق، ئۇنداقتا 6 – ئايەتتىكى «تەۋرات» سۆزىنى «قۇرئان» كەلىمىسى بىلەن ئالماشتۇرۇپ ئوقۇشىمىز كېرەك. ئەگەر ئۈممىتى مۇھەممەدمۇ قۇرئانغا خۇددى ئىسرائىل ئوغۇللىرىنىڭ تەۋراتقا تۇتقان مۇئامىلىسىدەك مۇئامىلىدە بولۇپ ئۇنى ياشاشقا تېگىشلىك «ھايات كىتابى» بولۇشتىن چىقىرىپ تاشلاپ، پەقەت مۇبارەك كېچىلەردە، مۇراسىم ۋە نەزرە – چىراغ، ئۆلۈم – يېتىم ئىشلىرىدا مېيىتلار ئۈچۈن ئوقۇلىدىغان ئۆلۈكلەرنىڭ كىتابىغا ئايلاندۇرسا، ئۇنداقتا بۇ ئايەتنىڭ خىتاب ئوبيېكتى بىۋاسىتە ھالدا بۇ ئىشلارنى قىلغۇچىلار بولىدۇ. بۇ ئەھۋالدا، بىزنىڭ بۇ ئايەتنى تۆۋەندىكىدەك چۈشىنىشىمىزمۇ قۇرئاننىڭ تەقەززاسىغا ئايلىنىدۇ: «قۇرئان بېرىلگەن، ئاندىن ئۇنى ھاياتىغا تەدبىقلىمىغانلارنىڭ / ئەمەل قىلمىغانلارنىڭ ئەھۋالى قىممەتلىك كىتاب ئارتىلغان ئېشەككە ئوخشايدۇ».

ئاللاھ بۇ خىل ئەھۋالنى «ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىش» دەپ تەسۋىرلەپ، قۇرئاننى يادلىغان، ئۆگەنگەن ۋە ئۆگەتكەن، ئەمما ئۇنى ھاياتىغا تەتبىقلىمىغانلارنىڭ «ھىدايەت قىلىنمايدىغان زالىملار» ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. بىزدىن ئىلگىرىكى كىشىلەرمۇ بۇ ئايەتلەرنى بىزگە ئوخشاش چۈشەنگەن بولۇپ، تۆۋەندىكى قۇرلار ئۇلاردىن بىرى: «بۇ ئايەت گەرچە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان ئېيتىپ كىتابنى ئۈستىگە ئالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدا نېمە بارلىقىنى بىلمەيدىغانلارنىڭ ھالىنىڭ ئېشەككە ئوخشايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. مەنە ئەھلى دەيدۇكى: بۇ مىسال قۇرئاننىڭ مەنىسىنى چۈشىنىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىغانلار ئۈچۈنمۇ كۈچكە ئىگە»[75]. «سۈرىنىڭ ئالدىنقى سەككىز ئايىتى بىلەن ئاخىرقى ئۈچ ئايەتنىڭ مۇناسىۋىتىگە كەلسەك، يەھۇدىيلار دۇنيا ماللىرىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۆلۈمدىن قاچاتتى، مۆمىنلەر بولسا دۇنيا ماللىرىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئىبادەتتىن قاچتى»[76].

سەلەف ئالىملىرىنىڭ مۆتىۋەرلىرىدىن مەيمۇن بىن مىھران «كىتاب ئارتىلغان ئېشەك» دېگەن ئايەتنى تەپسىر قىلغاندا: «ئېشەك، دۈمبىسىگە ئارتىلغان نەرسىنىڭ كىتاب ياكى خورجۇن ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ» دېگەن. قۇرتۇبى: «يەھۇدىيلار شۇنداق ئىدى. بۇ ئايەت قۇرئان يەھۇدىيلارنى ئەيىبلىگەن ئوسال ئەھۋالىغا چۈشۈپ قالماسلىق ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىشكە مەسئۇل بولغانلارغا بېرىلگەن ئىلاھىي ئاگاھلاندۇرۇشىدۇر» دەيدۇ[77].

4) «يەھۇدىيلارنى كۈن تەرتىپتە تۇتۇڭلار» دېگەن رەسۇلۇللاھ، مۇسۇلمانلارنى يەھۇدىيلىشىشتىن ئاگاھلاندۇرىدىغان بۇ سۈرىنى تولۇق نازىل بولغاندىن كېيىن، ھەر جۈمە كۈنى دېگۈدەك ئوقۇغان. بۇ ئارقىلىق، بارلىق مۇسۇلمانلارن ئۈچۈن ساھابىلەرنىڭ دىققىتىنى ئۇلارنى ساقلاۋاتقان خەتەرگە ئاغدۇرۇپ، يەھۇدىيلىشىش خاھىشى دەپ قاراشقا بولىدىغان ۋە ئۇلار ئۈچ قېتىم باشتىن ئۆتكۈزگەن پاجىئەلىك ھادىسىنىڭ خەۋىپىنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئېڭىدا جانلىق تۇتقان. ئۇ بۇنى مەزكۇر ۋەقەدىن «ئەگەر مەسچىتتە ھېچكىم قالمىغان بولسا ئىدى، ئوت يالقۇنى بۇ ۋادىنى قاپلايتتى» دېيىش ئارقىلىق، مۇسۇلمانلارنىڭ دىققەت – نەزرىنى ئىسرائىل ئوغۇللىرى ھەر قېتىم ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغاندا، دۇچار بولغان – سىناي تېغىنى ئۈستىگە تىكلەپ قويۇشقا ئوخشاش – مۇسىبەتلەرگە ئاغدۇرغان.

تابەرانىنىڭ «ئەل – ئەۋسات» ناملىق ئەسىرىدە ئەبۇ ھۇرەيرە ئارقىلىق كەلگەن بىر رىۋايەتتە مۇنداق دېيىلگەن: «جۈمە نامىزىنىڭ بىرىنچى رەكىتىدە رەسۇلۇللاھ جۇمە سۈرىسىنى ئوقۇپ، مۆمىنلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ رىغبەتلەندۈرتتى، ئىككىنچى رەكەتتە بولسا مۇنافىقۇن سۈرىسىنى ئوقۇپ مۇناپىقلارنى ئەيىبلەيتتى». مۇنافىقۇن سۈرىسىنىڭ بۇ سۈرىدىن كېيىنلا نازىل بولۇشى، بولۇپمۇ تىزىلىشتا بۇ ئىككى سۈرىنىڭ يانمۇ يان تىزىلىشى، ئۈممەت ئىچىدە يەھۇدىيلىشىپ كەتكەنلەرگە قۇرئان تەرىپىدىن «مۇناپىق» دېگەن ئىسىمنىڭ مۇۋاپىق دەپ قارالغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

5) سۈرىدە مۇلاھىزە قىلىنغان ئىككى گۇرۇپپىدىن ئىبرەت سۈپىتىدە بايان قىلىنغان يەھۇدىيلار ئۆزلىرى ئۈچۈن ئۇلۇغ كۈن بولغان شەنبە كۈنىدە ئاللاھ بېكىتكەن بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلەرگە قۇلاق سالمىغانلىقتىن ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرىغانىدى[78].

سۈرىنىڭ ئىككىنچى بۆلىكىدە، مۇسۇلمانلار ئىسرائىل ئوغۇللىرىنىڭ شەنبە كۈنىگە ئوخشاش مۇسۇلمانلارغا بېرىلگەن جۈمە كۈنى ۋە شۇ كۈنگە خاس بولغان ئىبادەتكە بەنى ئىسرائىلغا ئوخشاش پوزىتسىيەدە بولماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇلغان. ئاللاھنىڭ بۇ تەلىماتىنى ناھايىتى توغرا ئىدراك قىلغان پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم، مۇسۇلمانلارنىڭ يەھۇدىيلىشىش مايىللىقىنىڭ بارلىق ئىپادىلىرىگە قارشى ھۇشيار تۇرۇشى ئۈچۈن، ھەر نامازدا ئوقۇشقا بۇيرۇغان فاتىھە سۈرىسىنىڭ ئاخىرقى ئايىتىنى «يەھۇدىيلارنىڭ ۋە خىرىستىيانلارنىڭ يولىغا ئەمەس، سەن ئىنئام قىلغانلارنىڭ يولىغا باشلىغان» دەپ شەرھلىگەن.

رەسۇلۇللاھ يەنە يەھۇدىيلارنىڭ ئىبادەت كۈنى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئىبادەت كۈنى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى مۇنداق بايان قىلغان: «گەرچە بىز ئەڭ ئاخىرقى ئۈممەت بولساقمۇ، قىيامەت كۈنى بىز ئالدىدا بولىمىز. يەھۇدىيلارغا كىتاب بىزدىن بۇرۇن بېرىلدى. ئاندىن ئۇلار پەرز قىلىنغان بۇ كۈنلەر ھەققىدە تالاش – تارتىش قىلدى. ئاللاھ بىزنى بۇ ئىشتا توغرا يولغا يېتەكلىدى. يەھۇدىيلار كۈنى شەنبە، خىرىستىيان كۈنى يەكشەنبە. ئاللاھ بىزگە جۈمە كۈنىنى بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئۆتكۈزدى ۋە ئۇلارنى بىزگە بويسۇندۇردى»[79].

6) ئىسرائىل ئوغۇللىرى يەھۇدىيلەشكەندىن كېيىن، جازاغا ئۇچرىدى. رەسۇلۇللاھ ئەگەر مۇسۇلمانلارنىڭ يەھۇدىيلارنىڭ يولىغا ئەگىشىپ، ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەن كىتابنى ھاياتىغا تەدبىقلىمىسا، جۈمە خۇتبىسىدە رەسۇلۇللاھقا قىلغىنىدەك ئامانەتنى تەرك قىلىپ دۇنيا ماللىرىنى قوغلاشسا، ئويلىمىغان بالايىئاپەت ۋە مۇسىبەتلەرگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى «ئەگەر مەسچىتتە ھېچكىم قالمىغان بولسا ئىدى، ئوت يالقۇنى بۇ ۋادىنى بىر ئالاتتى» ياكى «بېشىڭلارغا ئاسماندىن تاش ياغاتتى» دېگەن ئاگاھلاندۇرۇش بىلەن ئىپادىلىگەنىدى.

  1. 7. 6 – ئايەتتىكى «ئى يەھۇدىيلەشكەنلەر! ئەگەر سىلەر باشقىلارنى ئەمەس، پەقەت ئۆزۈڭلارنىلا ئاللاھنىڭ دوستلىرى دەپ دەۋا قىلىدىغان بولساڭلار، … » دېگەن جۈملىدە يەھۇدىيلارنىڭ «تاللانغان مىللەت» ئەقىدىسى رەت قىلىنغان. ئۇزۇندىن بۇيان ئەرەبلەرنى ئۇممىيلىك (2-ئايەت)، كىتابى بولماسلىق، ساۋاتسىزلىق بىلەن ئەيىبلىگەن يەھۇدىيلارغا، مۇشرىك ئەرەبلەر بىلەن ئۆزلىرى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقىنىڭ ماھىيەت جەھەتتە ئەمەس، بەلكى ئارتىلغان يۈكتە ئىكەنلىكى ۋە ئۇممىي قوۋم بولغان مۇشرىك ئەرەبلەرنىڭ «كىتابسىز ئېشەك»، ئۇلارنىڭ بولسا «كىتاب ئارتىلغان ئېشەك» ئىكەنلىكى ئىما قىلىنغان. بۇ نۇقتىنى چىقىش قىلغان قۇرئان، مۇسۇلمانلارغا يەھۇدىيلار پېتىپ قالغان ئەسەبىيەت (ئۈستۈن مىللەت) پاتقىقىغا پېتىپ قالماسلىقى، ئۆزىنى تەۋە بولغان گۇرۇپپا / مىللەت بىلەن ئەمەس، بەلكى قىلغان ئەمەللىرى بىلەن ئۆزىنى تونۇتۇشى ۋە نىجاتلىققا ئېرىشتۈرۈشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن. 10 – ئايەتتە: «نىجاتلىققا ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھنى كۆپ ياد ئېتىڭلار» دېگەن.

ئەمەلىيەتتە، ئايرىم ماۋزۇدا مۇھاكىمە قىلىش كېرەك بولغان جۈمە سۈرىسىگە ئوخشايدىغان يەنە بىر سۈرە بار بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ ئىسرا سۈرىسى.

مەلۇم بولغىنىدەك، ئىسرا سۈرىسىنىڭ بىرىنچى ئايىتىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر كېچىدە مەسچىتى ھەرەمدىن مەسچىتى ئەقساغا قىلىنغان يۈرۈش مۆجىزىسى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىدۇ. ئەگەر بۇ ئايەتتىكى «ئەل – مەسجىدۇل – ئەقسا» ناھايىتى مەشھۇر بولغان ئىسرائىل ئوغۇللىرىنىڭ مۇقەددەس شەھىرى ئېرۇسالېم بولسا، بۇ يەردە مۇنداق بىر سوئال تۇغۇلىدۇ: ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئەڭ چوڭ مۆجىزىلىرىدىن بىرى بولغان ئىسرا ھادىسىسدە نېمە ئۈچۈن باشقا يەرگە ئەمەس، بەلكى ئېرۇسالېمغا ئېلىپ كېلىندى؟ بۇ ئارقىلىق نېمە دېيىلمەكچى؟

بۇ مۆجىزە ھەققىدىكى ئايەت ئىسرا سۈرىسىنىڭ بىرىنچى ئايىتى بولۇپ، بۇ ھەقتە ئۇنىڭدىن باشقا ئايەت يوق. دەماللىققا بۇ ئايەت بىلەن كېيىنكى ئايەتلەر ئوتتۇرىسىدا روشەن مۇناسىۋەت يوقتەك كۆرۈنىدۇ. چۈنكى، بۇ ئايەتتىن كېيىن كەلگەن ئايەتلەر ئىسرائىل ئوغۇللىرىنىڭ يەھۇدىيلىشىش جەريانىنى بىۋاسىتە بايان قىلىدۇ. مەسىلەن، سۈرىنىڭ ئىسرا ھادىسىسى ھەققىدىكى ئايەتتىن كېيىنكى ئىككىنچى ئايەت تۆۋەندىكىچە:

«مۇساغا كىتابنى ئاتا قىلدۇق شۇنداقلا <مەندىن غەيرىنى ھامىي (يەنى رەب) قىلىۋالماڭلار!> دەپ كىتابنى ئىسرائىل ئەۋلادىغا يېتەكچى قىلدۇق» (ئىسرا سۈرىسى 2 – ئايەت).

بۇ ئايەتتىن كېيىنكى ئايەتلەردە، ئىسرائىل ئوغۇللىرىنىڭ يەر يۈزىدە قىلغان بۇزۇقچىلىقلىرى ۋە بۇ سەۋەبتىن ئۇلارنىڭ قانداق جازاغا ئۇچرىغانلىقى بىر – بىرلەپ خەۋەر قىلىنغان.

نېمە ئۈچۈن ئىسرائىل ئوغۇللىرىنىڭ يەھۇدىيلىشىش سەرگۈزەشتىسىنى تەسۋىرلەيدىغان بۆلەكنىڭ بېشىدا ئىسرا مۆجىزىسىنى خەۋەر قىلىدىغان بىر ئايەت قويۇلغان؟ بۇ ئايەتلەر ئارقىلىق دېيىلمەكچى بولغان مەقسەت بىلەن رەسۇلۇللاھنىڭ ئىسرا ھادىسىسىدە مەسجىدى ئەقساغا ئېلىپ بېرىلىشى ئوتتۇرىسىدا بىرەر پاراللېللىق بارمۇ؟

ئىسرا مۆجىزىسى ۋە ئىسرا سۈرىسى توغرىسىدىكى بۇ سوئاللارنىڭ ھەممىسىگە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان ئەڭ چوڭ خەتەر «يەھۇدىيلىشىش» نى نەزەردىن ساقىت قىلىش ئارقىلىق توغرا جاۋاب بەرگىلى بولمايدۇ. بىزنىڭچە، جۈمە سۈرىسىدىكىگە ئوخشاش ئىسرا مۆجىزىسى ۋە ئىسرا سۈرىسىدىمۇ كىشىنىڭ دىققىتى ئىسرائىل ئوغۇللىرىنىڭ يەھۇدىيلىشىش مۇساپىسىگە ئاغدۇرۇلۇش ئارقىلىق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىگە «سىلەرمۇ ئۇلارغا ئوخشاش يەھۇدىيلەشمەڭلار» دېگەن ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلمەكتە.

  1. 2. خۇلاسە

خۇلاسىلەپ ئېيتقاندا، جۈمە سۈرىسى:

1) ئوخشىمىغان دەۋر ۋە مۇھىتتا ئوخشىمىغان ئىككى تارىخى دەۋردە يۈز بەرگەن، ئوخشىمايدىغان ئىككى ئۈممەت ھەققىدە توختالغان ئىككى بۆلەك ئايەت ۋەھىينى ئاساس قىلغان تىزىلىشى نەتىجىسىدە بىر سۈرىدە جەم قىلىنىش ئارقىلىق، ئىككى ۋەقەنىڭ ئوخشاشلىقىغا كىشىنىڭ دىققىتى ئاغدۇرۇلغان.

2) گەرچە ئىلاھىي ئامانەت بولغان تەۋرات ئۆزلىرىگە بېرىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئامانەتنى كۆتۈرۈشتىن قاچقان، ھەتتا ئۇنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقان ئىسرائىل ئوغۇللىرىنىڭ يېتەكچىلىرى مىسال قىلىنىش ئارقىلىق، ئۆزلىرىگە ئەڭ ئاخىرقى ئىلاھىي تەلىمات قۇرئان ئامانەت قىلىنىشىغا قارىماستىن، دۇنيا ماللىرىغا مايىل بولغان مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ ئىسرائىل ئوغۇللىرىنىڭ قىلمىشىنى ئەسلىتىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ رەھبەرلىرى ئاگاھلاندۇرۇلغان.

3) ئىسرائىل ئوغۇللىرىنىڭ دىنىي كۈنى بولغان شەنبە كۈنى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي كۈنى بولغان جۈمە ئوتتۇرىسىدا باغلىنىش ھاسىل قىلىش ئارقىلىق، «يەھۇدىيلىشىش» خەۋىپىنىڭ ھەر ۋاقىت مۇسۇلمانلارنى كۈتۈۋاتقانلىقىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان قۇرئان مىسالى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

[1] «يەنە ھامىلدار بولۇپ قالدى ۋە بىر ئوغۇل تۇغدى. بۇ قېتىم مۇنداق دېدى: رەببىم، ھەمد ئېيتىمەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىسمىنى يەھۇدا (مەدھىيلەنگەن) قويدى». تەۋرات، تەكۋىن، 29 – باب 35 – جۈملە.

[2]  تەكۋىن، 29 – باب 35 ~ 31 – جۈملىلەر.

[3]  تەۋراتتا بۇ ئىما قىلىنغان بۆلۈمگە مۇراجەت قىلىڭ، 38 – باب 27 ~ 26 – جۈملىلەر.

[4]  Redhouse, Judas md. P 311.

[5]  بەقەرە سۈرىسى، 135 – ئايەت.

[6]  ئەنئام سۈرىسى، 90 – ئايەت.

[7]  ئەئراف سۈرىسى، 158 – ئايەت.

[8]   نەمل سۈرىسى، 42 ~ 1 – ئايەتلەر.

[9]   ھەج سۈرىسى، 78 – ئايەت.

[10]  قەسەس سۈرىسى، 43 – ئايەت.

[11]  ئەنئام سۈرىسى 146، نەھل سۈرىسى 118، بەقەرە سۈرىسى 62، نىسا سۈرىسى 46، 160؛ مائىدە سۈرىسى 41،44، 69 – ئايەتلىرىدە پېئىل شەكلىدە كەلگەن ۋە تولۇق تەرجىمىسى «يەھۇدىي بولغان ياكى يەھۇدىيلەشكەن كىشىلەر» شەكلىدە ئىپادىلىنىشى مۇۋاپىق بولغان ئايەتلەردۇر.

بۇ شەكىلدە كەلگەن سۆزلەرنى تۈركچىگە «يەھۇدىيلار» دەپ تەرجىمە قىلىش كۆپىنچە ۋاقىتتا گرامماتىكا جەھەتتىن مۇۋاپىق ئەمەس. مەسىلەن تەپسىرشۇناسلار «الَّذِينَ هَادُواْ» شەكلىدە كەلگەن جۈملىلەرنى تەپسىر قىلغاندا «هَادُواْ» دېگەنلىك «يەھۇدىيلەشكەنلەر دېمەكتۇر» شەكلىدە تەپسىر قىلغان (رازى، مەفاتىھۇل غەيب، 30 /7، جۈمە سۈرىسى 6 – ئايەتنىڭ تەپسىرىگە قاراڭ). ئۇنىڭدىن باشقا «ھەر بالا فىترەت ئۈستىدە تۇغۇلىدۇ، ئۇنى ئاتا – ئانىسى يەھۇدىيلەشتۈرىدۇ» دېگەن ھەدىستىكى «يھودانە» پېئىلى بۇنىڭغا دەلىل بولالايدۇ. «يھودانە» يەھۇدىيلىشىش دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇخارى (جەنائىز، 80،93؛ قەدەر، 3)، مۇسلىم (قەدەر، 22، 25)، تىرمىزى (قەدەر، 5)، مۇۋەتتا (جەنائىز، 52) دا تىلغا ئېلىنغان تېكىستتە مۇشۇنداق يېزىلغان.

[12]  بۇ شەكلى ئۈچۈن بەقەرە سۈرىسى 113، 120؛ ئالىئىمران سۈرىسى 67؛ مائىدە سۈرىسى 18، 51، 64، 82؛ تەۋبە سۈرىسى 30 – ئايەت.

[13]  مەۋدۇدى بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە بۇ قاراشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. تەفھىمۇل قۇرئان، 1 / 325.

[14]  قۇرئاندا 9 ئورۇندا «الْيَهُودُ» ۋە «يَهُودِيًّا» شەكلىدە كەلگەن بولۇپ، 1. يەھۇدىيلار: «خرىستىيانلار توغرا يولدا ئەمەس» دېيىشتى (بەقەرە، 113). 2. خرىستىيانلارمۇ: «يەھۇدىيلار توغرا يولدا ئەمەس» دېيىشتى (بەقەرە، 113). 3. «سەن ئۇلارنىڭ دىنىغا كىرمىگىچە يەھۇدىيلار ۋە خرىستىيانلار سەندىن ھەرگىز رازى بولمايدۇ» (بەقەرە، 120). 4. يەھۇدىي ۋە خرىستىيانلار «بىز ئاللاھنىڭ ئوغۇللىرى ۋە دوستلىرىدۇرمىز» دېيىشتى ( مائىدە، 18 ). 5. «ئى ئىمان ئېيتقانلار! يەھۇدىي ۋە خىرىستىيانلارنى دوست تۇتماڭلار» (مائىدە، 51 ). 6. يەھۇدىيلار: «ئاللاھنىڭ قولى باغلاقتۇر» دېيىشتى. ئۆزلىرىنىڭ قولى باغلاندى ۋە بۇ سۆزلىرى سەۋەبلىك لەنەتلەندى (مائىدە، 64 ). 7. ئىنسانلار ئىچىدە يەھۇدىيلار ۋە مۇشرىكلارنىڭ ئىمان ئېيتقانلارغا ھەممىدىن بەك دۈشمەن ئىكەنلىكىنى كۆرىسەن (مائىدە، 8 ). 8. يەھۇدىيلار: «ئۈزەير ئاللاھنىڭ ئوغلىدۇر» دېيىشتى (تەۋبە، 30). 9. «ئىبراھىم يەھۇدىي ياكى خرىستىيان ئەمەس ئىدى» (ئالىئىمران، 67). مەزكۇرئىبارە قۇرئاندا پېئىل شەكلىدە يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەندەك ئون ئورۇندا تىلغا ئېلىنىدۇ.

[15]  لاۋىيلار،  22 – باب 30 ~ 29 – جۈملىلەر

[16]  ئەنئام سۈرىسى، 146 – ئايەت.

[17]  نەھل سۈرىسى، 118 – ئايەت.

[18]  ھامىدۇللاھ، « ئىسلام پەيغەمبىرى »، 559/1.

[19] «دائىم ئۆلۈك بوۋاق تۇغىدىغان بىر ئايال بار ئىدى. ئۇ، ئەگەر بالىسى ھايات قالسا ئۇنى يەھۇدىي قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئۆز ئۆزىگە ۋەدە بەردى. نادىر ئوغۇللىرى سۈرگۈن قىلىنغاندا، ئەنسارنىڭ ئوغۇللىرىدىن بەزىلىرى مانا بۇ يول بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەنىدى. ئۇلار «بالىلىرىمىزنى تاشلىۋەتمەيمىز» دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ: «دىندا مەجبۇرلاش يوق…» دېگەن ئايەتنى نازىل قىلدى (ئەبۇ داۋۇد، جىھاد، 116، نومۇرى: 2682. ئۇنىڭدىن باشقا، ئىبن كەسىر، 310/1؛ ئىبنۇل-ئارابى، ئەھكام، 333/1).

[20] ھامىدۇللاھ، «ئىسلام پەيغەمبىرى»، 559/1.

[21] بەقەرە سۈرىسى 259، 251 ~ 243، 214 ~ 211، 177 ~ 174، 150 ~ 132، 123 ~ 40، 26؛ ئالىئىمران سۈرىسى 199، 187، 120 ~ 110، 91 ~ 33، 25 ~ 19؛ نىسا سۈرىسى 173 ~ 171، 165 ~ 153، 68 ~ 60، 57 ~ 44؛ مائىدە سۈرىسى 82 ~ 77، 71 ~ 59، 46 ~ 43، 36 ~ 32، 26 ~ 18، 16 ~ 12؛ ئەنئام سۈرىسى 146، 91؛ ئەئراف سۈرىسى 178 ~ 103؛ تەۋبە سۈرىسى 35 ~ 29؛ يۇنۇس سۈرىسى 93 ~ 75؛ ھۇد سۈرىسى 99 ~ 96؛ رەئىد سۈرىسى 8 ~ 5؛ ئىسرا سۈرىسى 104 ~ 101؛ مەريەم سۈرىسى 53 ~ 51؛ تاھا سۈرىسى 98 ~ 9؛ مۇئمىنۇن سۈرىسى 49 ~ 45؛ شۇئەرا سۈرىسى 68 ~ 10؛ نەمل سۈرىسى 14 ~ 7؛ قەسەس سۈرىسى 82 ~ 76، 55 ~ 3؛ ئەنكەبۇت سۈرىسى 47 ~ 39؛ ساففات سۈرىسى 122 ~ 120؛ غافىر سۈرىسى 54 ~ 23؛ زۇخرۇف سۈرىسى 66 ~ 46؛ ھەدىد سۈرىسى 29، 16؛ سەپ سۈرىسى 14، 6 ~ 5؛ جۇمۇئەئ سۈرىسى 8 ~ 5؛ تەھرىم سۈرىسى 12؛ نازىئات سۈرىسى 25 ~ 15؛ بۇرۇج سۈرىسى 11 ~ 4؛ بەييىنە سۈرىسى 6 ~ 5، 1 – ئايەتلەر.

[22] مۇززەممىل سۈرىسى 16 ~ 15 – ئايەتلەر.

[23] ئەنئام سۈرىسى 146 – ئايەت.

[24] تەسنىيە، 14 – باب 15 ~ 7 – جۈملىلەر

[25] نەھل سۈرىسى 118 – ئايەت

[26] فاتىھە سۈرىسى 7 ~ 6 – ئايەتلەر.

[27] جۇمۇئە سۈرىسى 11، 6 – ئايەتلەر.

[28] بەقەرە سۈرىسى 118 – ئايەت.

[29] بەقەرە سۈرىسى 120 – ئايەت.

[30] ھەدىد سۈرىسى 16 – ئايەت.

[31] غير المغضوب عليهم ولا الضالين فاتىھە سۈرىسى 7 – ئايەت.

[32] نىسا سۈرىسى 93 – ئايەت

[33] ئەنفال سۈرىسى 16 – ئايەت

[34] بەقەرە سۈرىسى 61 – ئايەت

[35] بەقەرە سۈرىسى 90 -–ئايەت

[36] ئالىئىمران سۈرىسى 112–- ئايەت

[37] مائىدە سۈرىسى 60 – ئايەت

[38] نىسا سۈرىسى 167 – ئايەت

[39] مائىدە سۈرىسى 77 – ئايەت

[40] قۇرتۇبى، تەپسىر، 1 – جىلد، 150 – بەت

[41] ئىبن كەسىر، تەپسىر [مۇختاسار] )، 1 – جىلد، 24 – بەت

[42] فاتىھە سۈرىسى 7 ~ 6 – ئايەتلەر

[43] فإن اليهود مغضوب عليهم و ان النصارى ضلال

[44] تىرمىزى، «سۇنەن»، كىتابۇ تەفسىرىل – قۇرئان، 1/1 (2953.) تىرمىزى بۇ ھەدىس ئۈچۈن ھەسەن -گارىب دېگەن. بۇ ھەدىسنىڭ ئەھمەد بىن ھەنبەلنىڭ «مۇسنەد» ناملىق ئەسىرىدىكى ۋارىيانتى مۇنداق: «رەسۇلۇللاھ ھاتەمدىن سورىدى: سېنى لا ئىلاھ ئىلاھ دېيىشتىن نېمە توسىدۇ؟ ياكى ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ بارمۇ؟ ئاللاھۇ ئەكبەر دېيىش سېنى توسقان نېمە؟ ياكى ئۇنىڭدىنمۇ چوڭ شەيئى بارمۇ؟ خاتەم مۇنداق دېدى: مەن مۇسۇلمان بولدۇم. رەسۇلۇللاھنىڭ چىرايىنىڭ خۇشاللىق بىلەن چاقناپ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇ: <غەزەپكە ئۇچرىغانلار يەھۇدىيلاردۇر، ئېزىپ كەتكەنلەر خىرىستىيانلاردۇر> دېدى». ئەھمەد بىن ھەنبەل، «مۇسنەد»، 379 ~ 378 / 4.

[45] تىرمىزى، سۇنەن، 204 / 5.

[46] جامىئۇل ئۇسۇلنىڭ مۇئەللىپى ئىبنۇل ئەسىر ئەل – جەزەرى بۇ ھەدىس ھەققىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى بېرىدۇ: بۇ ھەدىس تابەرىدە 194 ۋە 208 – نومۇرلۇق ھەدىس سۈپىتىدە بايان قىلىنغان. ھەدىسنى رىۋايەت قىلغۇچىلارنىڭ بىرى ئابباد بىن جايش ئەل كۇفى توغرىسىدا توختالغان. لېكىن، ئىبن ھىببان بۇنى «ئىشەنچلىك» دېگەن. تىرمىزى ھەدىسنى «ھەسەن» دەپ باھالىغان. ئىبنى ھىببان ھەدىسكە 1715 دەپ نومۇر قويغان بولۇپ، سەھىھ دەپ باھالىغان. تىرمىزى ھەدىسنى رىۋايەت قىلغۇچىلار ئىچىدە «سەمماك بىن ھەربتىن كەلگەن باشقا ھەدىسلەرنى بىلمەيمىز» دەپ، ھەدىسنى ھەسەن دەرىجىسىدە قالدۇرۇپ، «سەھىھ» دەرىجىسىگە كۆتۈرمەسلىكى، يەنە مەزكۇر ھەدىسنىڭ تابەرى تەرىپىدىن 193 ۋە 207 – نومۇر بىلەن رىۋايەت قىلىنغان ئادىي بىن ھاتەم، شابى، ئىسمائىل بىن ئەبى خالىد زەنجىرى ئارقىلىق كەلگەن ۋارىيانتى ھەدىسنىڭ سەھىھ بولۇشىغا قارىتىلغان تەنقىدلەرنى رەت قىلىدۇ. «جامىئۇل – ئۇسۇل فى ئەھادىسىر – راسۇل»، 7 / 2، 1 – نومۇرلۇق ئىزاھات.

[47] ئەئراف سۈرىسى 116؛ يۇنۇس سۈرىسى 81؛ تاھا سۈرىسى 73؛ شۇئەرا سۈرىسى 34 – ئايەت.

[48]  بۇخارى، ئەنبىيا 50، 154 / 4؛ ئەبۇ داۋۇد، ئىلىم، 3662 / 11؛ تىرمىزى، ئىلىم 13، 2669 – نومۇر؛ دارىمى، مۇقەددىمە، 548 / 46؛ ئەھمەد بىن ھەنبەل، 159 / 2؛ ئىبنى ھاجەر، «فەتھۇل – بارى» ناملىق ئەسىرىدە بۇ ھەدىسنى شەرھلىگەندە، بىر – بىرىگە زىت كېلىدىغان نۇرغۇن تەپسىر ۋە شەرھنى نەقىل قىلغان. ئەپسۇسكى، بۇ شەرھلەر ئىچىدە ھېچكىم مەزكۇر ۋەقەنى «يەھۇدىيلىشىش مايىللىقى» غا دىققەت – نەزەرنى ئاغدۇرۇش نۇقتىسىدىن مۇلاھىزە قىلمىغان. (فەتھۇل – بارى، 576 ~ 575 / 6).

[49] بەقەرە سۈرىسى 118 – ئايەت.

[50] بەقەرە سۈرىسى 120 – ئايەت.

[51] بەقەرە سۈرىسى 55 – ئايەت.

[52] بەقەرە سۈرىسى 108 – ئايەت.

[53] ھەدىد سۈرىسى 16 – ئايەت.

[54] مائىدە سۈرىسى 13 – ئايەت.

[55] مائىدە سۈرىسى 12 – ئايەت.

[56] تابارى، «جامىئۇل – بەيان»، 495 / 4.

[57] مائىدە سۈرىسى 64 – ئايەت.

[58]  ئالىئىمران سۈرىسى 89 ~ 87 – ئايەتلەر.

[59] ئىبنى ئابباس بۇ ئايەتنىڭ نازىل بولۇشىدىكى سەۋەب سۈپىتىدە، ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈگەن، ئاندىن تەۋبە قىلغان بىر گۇرۇپپىنى تىلغا ئالغان. ئوخشاش مەنبەدىن كەلگەن باشقا بىر رىۋايەتتە، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئىسىممۇ بېرىلگەن. بۇنىڭغا ئاساسەن، بۇ ئايەتلەرنىڭ نازىل بولۇشىغا سەۋەب بولغان كىشى ئەنسارلاردىن ئەل – ھارس بىن سۇۋەيد ئىدى. رازى، تەپسىر، 111 / 8؛  قۇرتۇبى، 129 / 4.

[60] يۇقىرىدىكى ئىزاھات بىلەن ئوخشاش.

[61] تەۋرات، يەرەميا 40 / 23.

[62]  سألنا رسول صلى الله عليه وسلم عن القردة والخنازير أهى من نسل اليهود فقال رسول الله صلى الله عليه و سلم ان الله لم يلعن قوما قط، ئەھمەد بىن ھەنبەل، 421، 379، 395 / 1.

[63] مائىدە سۈرىسى 69 – ئايەت.

[64] رۇم سۈرىسى 44 – ئايەت.

[65] نىسا سۈرىسى 93 – ئايەت.

[66] فەتىھ سۈرىسى 6 – ئايەت.

[67] مائىدە سۈرىسى 54 – ئايەت.

[68] فاتىر سۈرىسى 16 ~ 16 – ئايەتلەر.

[69]  جۈمە سۈرىسى 11 ~ 1 – ئايەتلەر.

[70] ئايەتلەرنىڭ تىزىلىشىنىڭ ۋەھىي ئاساسىدا ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلى ئۈچۈن قاراڭ: زەركەشى، «ئەل – بۇرھان»، 256 / 1؛ سۇيۇتى، «ئەل – ئىتقان»، 105 ~ 104 / 1؛ ئۇنىڭدىن باشقا، بۇخارى، تەپسىر، 18 – باب؛ «كىتابۇل – ئەھكام»، 97 – باب؛ ئەھمەد بىن ھەنبەل، «مۇسنەد»، 120 / 3 ۋە 371 / 4.

[71] ئەھمەد بىن ھەنبەل، «مۇسنەد»، 57 / 1؛ نەۋەۋى، «شەرھۇ مۇسلىم»، 57 / 11.

[72] سۇيۇتى، «ئەل – ئىتقان»، 176 ~ 172 / 1؛ زەركەشى، «ئەل – بۇرھان»، 236 / 1؛ زەركانى، «مەناھىلۇل – ئىرفان»، 350 ~ 346 / 1.

[73] باشقا بىر رىۋايەتتە مۇنداق تېكىست بار: «مۇسۇلمانلارنىڭ ئۈستىگە تاش ياغاتتى». قاتادەگە كۆرە، نەبى خۇتبە ئوقۇۋاتقاندا ئۇنى تەرك قىلىش ئۈچ قېتىم يۈز بەرگەن. بۇ ۋەقە ھەققىدە قاراڭ: رازى، 10 / 30؛ مەسچىتتە قالغانلارنىڭ ئىسىملىرى ئۈچۈن قاراڭ: قۇرتۇبى، 110 / 18؛ نازىل بولۇش سەۋەبى ئۈچۈن قاراڭ: بۇخارى، تەپسىر، 61 – باب، 63 / 6؛ مۇسلىم، «سەھىھى مۇسلىم»، جۈمە، 11 – باب، 37 – نومۇر، 590 / 1؛ تىرمىزى، تەپسىر، 62 – باب، 3311 – نومۇر، 414 / 5.

[74] بۇ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق مەنبەلەر سۈرىنىڭ ئالدىنقى 8 ئايىتى بىلەن ئاخىرقى 3 ئايەتنىڭ ئوخشىمىغان ۋاقىتتا نازىل بولغانلىقىدا بىردەكلىككە ئىگە. لېكىن، بۇ ئايەتلەرنىڭ قاچان نازىل بولغانلىقى، ئىككى بۆلەك ئارىسىدا قانچىلىك ۋاقىت بارلىقى، قايسى بۆلەكنىڭ ئالدى بىلەن نازىل بولغانلىقى قاتارلىقلار مەسىلىلەردە ئىختىلاپ بار. يەنى، بۇ ھەقتە بۇخارى، مۇسلىم، تىرمىزى ۋە نەسائى ئوخشىمىغان قاراشقا ئىگە. ئەبۇ ھۇرەيرەنىڭ «بۇ ئايەتلەر بىز رەسۇلۇللاھنىڭ ھۇزۇرىدىكى چېغىمىزدا نازىل بولغان» دېگەن سۆزىگە قارايدىغان بولساق، ئالدىنقى سەككىز ئايەت ھىجرەتنىڭ 7 – يىلى خەيبەرنى پەتھى قىلىش مەزگىلىدە، كېيىنكى ئۈچ ئايەتنىڭ بولسا ئۇلاردىن خېلى بۇرۇنلا، يەنى ھىجرەتتىن كېيىنكى كۈنلەردە نازىل بولغان. ئىبنى ماجەدىكى سەنەتى ئاجىز جابىر ھەدىسكە ئاساسلانغاندا، جۈمەنى تەرك قىلغۇچىلار ئازارلانغاندا ئىشلىتىلگەن «ئۇلارنىڭ نامىزىمۇ، زاكاتىمۇ ، ھەجىمۇ يوق» (ئىقامەتى سالاھ، 78) جۈملىلەرنى نەزەرگە ئالساق، بىز بۇ ۋەقەنىڭ ئەڭ بالدۇر بولغاندا ھىجرەتنىڭ 6 – يىلىدا يۈز بەرگەنلىكىنى، شۇڭا بۇ ئايەتلەرنىڭ بۇ يىلدا نازىل بولغانلىقىنى قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك. چۈنكى، گەرچە ئىختىلاپ مەۋجۇت بولسىمۇ، لېكىن ھەج ئىبادىتى ئەڭ بالدۇر بولغاندا ھىجرەتنىڭ 6 – يىلى پەرز قىلىنغان.

[75] رازى، 6 / 30.

[76] رازى، 8 / 30.

[77] قۇرتۇبى، «تەپسىر»،  94 / 18.

[78] يەھۇدىيلارنىڭ بۇ پوزىتسىيىسى ئۈچۈن قاراڭ: ئىبنى ھاجەر، فەتىھ، 414 ~ 413 / 2.

[79] بۇخارى، «سەھىھى بۇخارى»، كىتابۇل – جۇمە، 1 – باب 212 / 1؛ نەسائى، «سۇنەن»، ھەدىس نومۇرى: 1366، 87 ~ 85 / 3.