ئەسسالامۇئەلەيكۇم قېرىنداشلار، بۈگۈن سىلەرگە 2014 – يىلى 7 – نويابىردا قاتناشقان قۇرئان سۆھبىتىدىن ئالغان خاتىرىلىرىمىزنى سۇنماقچىمىز.

image

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئېزىز قۇرئان سەۋدالىرى

بۇ ئاخشام ئورۇنلاشتۇرۇلغان « قۇرئان ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىمىز » تېمىسىدىكى سۆھبىتمىزنى مۇبارەك قۇرئاننىڭ نەھىل سۈرىسى 98 – ئايىتى بىلەن باشلايمەن. ئايەت مۇنداق:

« سەن قۇرئان ئوقۇماقچى بولغىنىڭدا، قوغلاندى شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىدىن ئاللاھ قا سېغىنىپ پاناھ تىلىگىن ».

قۇرئاننى ئۆز ئېتىقادىنىڭ مۇقەددەس كىتابى دەپ بىلگەن بىر مۇئمىندىن، قۇرئاننى ياخشى كۆرەمسەن؟ دەپ

سورىساق، ياق، ياخشى كۆرمەيمەن، دېمەيدىغانلار يوق.

ئۇنداقتا قۇرئاننى تونۇمسەن؟ دەپ سورىساق، بۇنىڭغا « ھەئە » دەپ جاۋاپ بېرىدىغانلار ناھايىتى ئاز چىقىدۇ.

مەسىلەن: نەھل سۈرىسىنىڭ ئىسمى، مەزكۇر سۈرىدە تىلغا ئېلىنغان ھەسەل ھەرىسىدىن ئېلىنغان.

سۈرىدە ئاساسىي تېمىسى نېمە؟ ئۇنىڭدا نېمە بايان قىلىنغان؟ دېگەندە، جاۋاپ بېرەلەيدىغانلارنىڭ سانى چەكلىك. مەزكۇر سۈرە 128 ئايەتتىن تەركىپ تاپىدۇ. سۈرىدە ھەسەل ھەرىسىگە مۇناسىۋەتلىك پەقەت ئىككى ئايەت بار. يەنى 68 ۋە 69 – ئايەت.

يەنە مەسىلەن: بەقەرە سۈرىسى. بەقەرە – كالا دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ سۈرە 286 ئايەتتىن تەركىپ تاپىدۇ، كالا ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك ئايەت سانى يەتتە ( 67 – 73 – ئايەتلەر ).

بىز يىللاردىن بېرى قۇرئان سۈرىلىرى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئانا تېمىدىن يىراق ھالدا، كىچىك مەسلىلەرگە غەرق بولۇپ ياشاپ كەلدۇق، بۇ سۈرىلەرنىڭ بىزگە نېمە دەۋاتقانلىقى ھەققىدە ئىزدەنمىدۇق.

قۇرئان ھاياتىمىزغا مۇناسىۋەتلىك ھەر مەسىلىنى بۇ سۈرىلەردە بايان قىلىدۇ. مەسلىلەرنى پارچە ھالدا ئەمەس، بىر پۈتۈن گەۋدە ئىچىدە تەھلىل قىلىشنى، قاراشنى ئۆگىنىشىمىز كېرەك.

ئاراڭلاردىن قانچە كىشى، ھەر كۈنى ھاياتقا كۆز ئاچقاندا، « كۈنىمنى نېمە بىلەن باشلاپ، نېمە بىلەن ئاخىرىلاشتۇرىمەن؟ »، « قۇرئان مەن ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ مەندىن نېمىنى تەلەپ قىلىدۇ؟ »، « قۇرئان ھاياتىمدا قانچىنىچى ئورۇندا تۇرىدۇ؟ ھاياتىمنىڭ مەركىزىدىن ئورۇن ئالالىدىمۇ؟ » دېگەن سۇئالنى ئۆزىدىن سوراپ باقتى.

بىز قۇرئاننى ياخشى كۆرىمىز، ئەمما تونۇشقا قىزىقمايمىز. تونۇماي تۇرۇپ قانداق ياخشى كۆرىمىز؟ تونۇمىغانلىقتىن، قۇرئان ھاياتىمىزغا كىرمەيدۇ. بۇ ئەھۋالدا بىز پەقەت ئۇنى كۆتۈرۈپ يۈرگۈچى بولىمىز خالاس. بۇ مەسىلىنى ئاللاھ مۇبارەك قۇرئاننىڭ جۈمە سۈرىسى 5 – ئايەتتە مۇنداق بايان قىلىدۇ:

« تەۋراتنى كۆتۈرۈشكە ( يەنى ئەمەل قىلىشقا ) تەكلىپ قىلىنغان، ئاندىن ئۇنى كۆتۈرمىگەنلەر ( يەنى تەۋرات بېرىلگەن ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشقا تەكلىپ قىلىنغان بولسىمۇ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىغان ۋە ھىدايەتتىن پايدىلانمىغان يەھۇدىيلار ) خۇددى كىتاپ يۈكلەنگەن ئېشەككە ئوخشايدۇ ( يەنى پايدىلىق چوڭ – چوڭ كىتاپلارنى ئۈستىگە ئارتىۋالغان، چارچاشتىن باشقا، ئۇلاردىن ھېچقانداق پايدىلىنالمىغان ئېشەككە ئوخشايدۇ )، ئاللاھ نىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان قەۋمنىڭ مىسالى نېمىدېگەن يامان! ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ.

نېمە ئۈچۈن قۇرئان ئوقۇيمىز؟ قۇرئاننى ئۈستۈن قىلىش قايسى ئۇسۇل بىلەن بولىدۇ؟

بىز كۈندىلىك ھاياتىمىزدا قۇرئاننى ساۋاپ ئۈچۈن ئوقۇيمىز، ئۇنى چۈشۈنۈپ، ئۇنىڭدىن ئۆگىنىپ، ئۆگەنگەنلىرىمىزنى ھاياتىمىزدا تەدبىقلاش ئۈچۈن ئوقۇيدىغانلىرىمىز ناھايىتى ئاز. قۇرئاننى كۈندىلىك ھاياتىمىزنىڭ ئىچىگە ئېلىپ كىرەلىگەندە ئۇنى ئوقۇغان بولىمىز، دۇچ كەلگەن مەسلىلەرگە ئۇ كۆرسەتكەن بويىچە مۇئامىلە قىلغاندا، ئۇنى ئوقۇغان ۋە ئەمەل قىلغان بولىمىز. ئەكسىچە، مەنىسىنى ئىتىبارغا ئالماستىن ئوقۇغىنىمىز، بىر خىل تەلەپپۇزدىن ئىبارەت. رەسۇلۇللاھ ۋە ئۇنىڭ ئەسھابى قۇرئاننى ئۆگىنەتتى ۋە ئۇنى ھاياتىغا تەدبىقلاش بىلەن ئالىي قىلاتتى.

قۇرئان ئۆيىمىزدە تورۇسقا يېقىن يەرگە قويۇلىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئۇنى مۇقەددەس بىلگەنلىكىمىزنى، ئۇلۇغلىغانلىقىمىزنى ئىپادىلەيمىز. قۇرئاننىڭ بىزنىڭ ئۇلۇغلىشىمىزغا ئىھتىياجى يوق، ئۇ ئەسلىدىنلا ئۇلۇغدۇر، مەجىيدۇر. ئۇ بىزنى ھۆرمەتلىك قىلىش ئۈچۈن كەلگەن كىتاپ. بىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن قوراللىنىپ ئۆزىمىزنى ھۆرمەتلىك قىلىشقا ئىھتىياجىمىز.

بۇ نوقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، قۇرئان تەكچىدە ئەمەس، قولىمىزدا، يۈرىكىمىزدە، ھاياتىمىزنىڭ مەركىزدە بولىشى كېرەك. ئائىلىدە بەلگىلىك قۇرئان سائىتىڭىز بولسۇن، ئائىلە بويىچە ئولتۇرۇپ قۇرئان ئوقۇڭ، ئايەتلەرنى مۇلاھىزە قىلىڭ. ئۆيىدە قۇرئان ھاكىم بولمىغان كىشىنىڭ، مەھەللىسىدە، شەھىرىدە، يۇرتىدا قۇرئان ھاكىم بولىشى بىر خىيالدۇر، خالاس.

قۇرئاننى ھاياتىمىزنىڭ ئىچىگە ئېلىپ كىرگەن ۋاقتىمىزدا ھاياتىمىز قۇرئانى ھاياتقا ئايلىنىدۇ، قۇرئانى ھايات بىزنى جەننەتكە ئېلىپ بارىدۇ.

قۇرئان يەسرىبنى قانداق مەدىنىگە ئايلاندۇرغان بولسا، بۈگۈن ئۆزىڭىزنى مۇسئاب بىن ئۇمەييىر دەپ بىلىشىڭىز ۋە قۇرئان كىرمىگەن يەسرىبىڭىزنى مەدىنىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىڭىز لازىم.

قۇرئان كېچىدە نازىل بولۇشقا باشلىغان. بۇنىڭدىن چىقىدىغان يەنە بىر مەنە شۇ، زۇلمەت باسقان قاراڭغۇ كېچىنى ئايدىڭلىتىدىغان كىتابتۇر. جاھالەت باسقان بىر جەمىئىيەتنى، توغرا يولغا باشلايدىغان يېتەكچىدۇر. سىزنىڭ بىر قەدىر كېچىڭىز بولۇپ باقتىمۇ ھاياتىڭىزدا؟ بىر كېچىڭىزنى قەدىر كېچىسى قىلىپ باقتىڭىزمۇ؟ قۇرئان ئايىتى زۇلۇمەت باسقان قەلبىڭىزنى ئۆزىنىڭ نۇرى بىلەن يورۇتۇپ باقتىمۇ؟ كۈندۈزىدىكى ئەمەللىرىڭىزنىڭ تەسبىھقا ئايلىنىشى، كېچىنىڭ قۇرئان بىلەن ئىھياسىدىن باشلىنىدۇ.

قۇرئان بىزدىن نېمىنى تەلەپ قىلىدۇ؟

 

1. قۇرئانغا ئىمان ئېيتىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ.

« ئى مۇئمىنلەر! ئاللاھ قا، ئاللاھ نىڭ پەيغەمبىرىگە ۋە ئاللاھ نازىل قىلغان كىتاپقا ( قۇرئانغا ) ۋە ئىلگىرى ئاللاھ نازىل قىلغان كىتاپلارغا ئىمان كەلتۈرۈڭلار…» ( 4:136 ).

« پەيغەمبەر رەببى تەرىپىدىن ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان كىتاپقا ئىمان كەلتۈردى، مۆئمىنلەرمۇ ئىمان كەلتۈردى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ قا ۋە ئاللاھ نىپ پەرىشتىلىرىگە، كىتابلىرىغا ۋە پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان كەلتۈردى » ( 2:285 ).

مۇئمىن قۇرئاندىكى ھەممىگە ئىمان ئېيتقان كىشىدۇر ۋە ئۇنى شەرتسىز قوبۇل قىلغان كىشىدۇر.

مەسىلەن: بىرسىنىڭ چىقىپ ئايال كىشىنىڭ ئاللاھ كۆرسەتكەن دائىرىدە ئەۋرىتىنى يېپىشىنى، بۈگۈن دەۋرىمىزگە ماس كەلمەيدۇ دېيىشى، رەت قىلىشى ئۇنى ئىماندىن چىقىرىدۇ. قۇرئاندىن بىر ھەرىپنى ئىنكار قىلىش كىشىنى ئىماندىن چىقىرىپ تاشلايدۇ.

كۈنىمىزدە ئەڭ كۆپ دۇچ كېلىۋاتقان ۋە كەڭ دائىرىدە يامراۋاتقان ئۆسۈم مەسىلىسى. ئۆسۈمنىڭ ھەر خىل ھارام. بۇنى يوق دېيىش ياكى دەۋر شارائىتىغا ماس كەلمەيدۇ دېيىش كىشىنى ئىماندىن چىقىرىپ تاشلايدۇ.

ئىنكار قىلىش بىلەن، بەلگىلىك سەۋەپلەر تۈپەيلى ئادا قىلالماسلىق ئارىسىدا چوڭ پەرق بار. بىرى ئىماندىن چىقىرىدۇ، يەنە بىرى گۇناھكار قىلىدۇ.

مۇسۇلمان ئاللاھ بىلەن بازارلىق قىلىدىغان ئادەم ئەمەس. كىتابۇللاھ قا ئىمان پۈتۈنلەي تەسلىمىيەتنى تەلەپ قىلىدۇ.

« ئىنكار قىلغۇچىلارغا ئىتائەت قىلمىغىن. ئۇلار سېنىڭ ( ئۆزلىرى بىلەن ) مادارا قىلىشىڭنى، شۇنىڭ بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ( سەن بىلەن ) مادارا قىلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ » ( 68:8،9 ).

 

2. قۇرئان بىزدىن شەرتسىز ھالدا ئۇنىڭغا ئىشىنىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇ توغرا يولنىڭ بىردىنبىر يېتەكچىسى.

« بۇ قۇرئان ھەقىقەتەن بىردىنبىر توغرا يولغا باشلايدۇ، … » ( 17:9 ).

« ( ئۇ مۇھەممەد! ) ساڭا ۋەھىي قىلىنغان قۇرئانغا چىڭ ئېسىلغىن، سەن ھەقىقەتەن توغرا يولدىدۇرسەن. قۇرئان ساڭا ۋە سېنىڭ قەۋمىڭگە ئەلۋەتتە ( ئۇلۇغ ) شەرەپتۇر، سىلەر كەلگۈسىدە ( بۇ نېمەت ئۈستىدە ) سورىلىسىلەر » ( 43:43،44 ).

قۇرئان خاتىرجەملىك يولىغا باشلايدىغان، زىددىيەتتىن خالىي، ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىدىغان كىتاپ ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشىمىز كېرەك.

« ئاللاھ شۇ كىتاپ ( يەنى قۇرئان ) ئارقىلىق رازىلىقىنى تىلىگەنلەرنى سالاامەتلىك يوللىرىغا يېتەكلەيدۇ،… » ( 5:16 ).

« ئۇلار قۇرئان ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزمەمدۇ؟ ئەگەر قۇرئان ئاللاھ تىن غەيرىنىڭ تەرىپىدىن نازىل بولغان بولسا، ئەلۋەتتە، ئۇنىڭدىن نۇرغۇن زىددىيەتلەرنى تاپقان بولاتتىڭ » ( 4:82 ).

قۇرئاندا بىر – بىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغان ( مەنسۇق قىلىدىغان، بولسا ئاللاھ ئۆزى بايان قىلىدۇ ) مەسىلە يوق.

« ( ئى مۇھەممەد! ) بىز كىتاپنى ( يەنى قۇرئاننى ) پەقەت سېنىڭ كىشىلەرگە ئۇلار ( دىنىدىكى ) دەتالاش قىلىشقا نەرسىلەرنى بايان قىلىپ بېرىشىڭ ئۈچۈن، ئىمان ئېيتىدىغان قەۋمگە ھىدايەت ۋە رەھمەت بولسۇن ئۈچۈنلا نازىل قىلدۇق » ( 16:64 ).

قۇرئاننىڭ ھايات بېغىشلىغۇچى كىتاپ ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشىمىز كېرەك.

« ئى مۇئمىنلەر! ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى سىلەرنى تىرىلدۈرىدىغان ئىمانغا دەۋەت قىلسا، ئۇنى قوبۇل قىلىڭلار… » ( 8:24 ).

بۇ نوقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، قۇرئان بىلەن ئۇچرىشىش، ھايات بىلەن ئۇچرىشىش دېگەنلىكتۇر. روھ بەدەندە قانداق رول ئوينايدىغان بولسا، قۇرئانمۇ مۇئمىن ھاياتىدا شۇنداق رول ئوينايدۇ.

 

3. قۇرئان ھەقىقەتكە دەۋەت قىلىدىغان كىتاپ.

« ئەلىف، لام، را. ( بۇ قۇرئان شۇنداق ) كىتاپتۇركى، ئۇنى ساڭا كىشىلەرنى رەببىڭنىڭ ئىزنى بىلەن قاراڭغۇلۇقتىن ( كۇفرىدىن ) يورۇقلۇققا ( يەنى ئىمانغا ) چىقىرىش ئۈچۈن، غالىپ، ( ھەممە تىللاردا ) مەدھىيىلەنگەن ئاللاھ نىڭ يولىغا ( باشلىشىڭ ئۈچۈن ) نازىل قىلدۇق » ( 14:1 ).

« ئېيتقىنكى، ئەگەر ئازسام ئازغانلىقىمنىڭ زىيىنى ئۆزەمگىدۇر، ئەگەر ھىدايەت تاپقان بولسام ( بۇ ) رەببىمنىڭ ماڭا ۋەھىي قىلغان قۇرئانىنىڭ سەۋەبىدىندۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، يېقىندۇر » ( 34:50 ).

قۇرئاندىن يىراقلاشقانلار ھەققىدە ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:

« ئۇلار نېمىشقا ۋەز ( يەنى قۇرئان )دىن يۈز ئۆرۈيدۇ. گويا ئۇلار يولۋاستىن قاچقان ياۋايى ئېشەكلەردۇر » ( مۇدەسسىر، 49-51 ).

ياۋايى ئېشەكلەرنىڭ يولۋاستىن قېچىشى ئۆلۈمدىن ھاياتقا قاچقانلىقتۇر، بۇ ئۇلارنىڭ فىترىدە بار. ئىنساننىڭ قۇرئاندىن قېچىشى ھاياتتىن ئۆلۈمگە قاچقانلىقتۇر.

 

4. قۇرئان بىزدىن ئۇنىڭغا مەنسۇپ بولىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ.

« بۇ مېنىڭ توغرا يولۇمدۇر، شۇ يولدا مېڭىڭلار، ناتوغرا يوللاردا ماڭماڭلار، ئۇلار سىلەرنى ئاللاھ نىڭ يولىدىن ئايرىۋېتىدۇ، ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە بۇ ئىشلارنى تەۋسىيە قىلىدۇ » ( 6:153 ).

« بۇ بىز نازىل قىلغان ( قۇرئان ) مۇبارەك كىتاپتۇر، ئاللاھ نىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلغۇچىلاردىن بولۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار، ( ئۇنىڭغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتىن ) ساقلىنىڭلار » ( 6:155 ).

« ( ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ) ئېيتقىنكى، ئەگەر سىلەر ئاللاھ نى دوست تۇتساڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلاركى، ئاللاھ سىلەرنى دوست تۇتىدۇ، ( ئۆتكەنكى ) گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر » ( 3:31 ).

« ئۇلار ئەلچىگە ـ ئۈممى پەيغەمبەرگە (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) ئەگىشىدۇ، ئۇلار ئۆز ئىلكىدىكى تەۋرات، ئىنجىللاردا ئۇنىڭ (سۈپىتىنىڭ) يېزىلغانلىقىنى كۆرىدۇ. ئۇ ئۇلارنى ياخشى ئىش قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىش قىلىشتىن توسىدۇ، ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنى ھالال قىلىدۇ، ناپاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئېغىر يۈكىنى يېنىكلىتىدۇ، ئۇلارنى سېلىنغان تاقاق، كويزا ـ كىشەنلەردىن بوشىتىدۇ (يەنى ئۇلارغا يۈكلەنگەن ئېغىر ۋەزىپىلەرنى ئېلىپ تاشلايدۇ)، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتقانلار، ئۇنى ھۆرمەتلىگەنلەر، ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەنلەر، ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان نۇر (يەنى قۇرئان) غا ئەگەشكۈچىلەر بەختكە ئېرىشكۈچىلەردۇر. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئى ئىنسانلار! مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ھەممىڭلارغا اﷲ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئەلچىمەن، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى اﷲ قا خاستۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، اﷲ تىرىلدۈرىدۇ ۋە ئۆلتۈرىدۇ، اﷲ قا ۋە اﷲ نىڭ سۆزلىرىگە ئىمان كەلتۈرىدىغان ئەلچىسى ئۈممى پەيغەمبەرگە ئىمان كەلتۈرۈڭلار، ھىدايەت تېپىشىڭلار ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار» ( ئەئراف 157-158 ).

رەسۇلۇللاھ نېمىگە مەنسۇپ / تابى ئىدى؟ تەبىئىيكى قۇرئانغا. بۇنى تۆۋەندىكى ئايەتتىن كۆرىۋالالايمىز:

« ئەگەر ئۇ بىزنىڭ نامىمىزدىن يالغاننى توقۇيدىغان بولسا، ئەلۋەتتە ئۇنى قۇدرىتىمىز بىلەن جازالايتتۇق. ئاندىن ئۇنىڭ ئاساسى قىزىل تومۇرىنى كېسىپ تاشلايتتۇق، سىلەردىن ھېچبىر ئادەم ئۇنى قوغداپ قالالمايتتى » ( ھاققا، 44 – 47 ).

« ئى پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ساڭا نازىل قىلىنغان ئەھكاملارغا ھەممىسىنى يەتكۈزگىن، ئەگەر تولۇق يەتكۈزمىسەڭ، اﷲ تاپشۇرغان ۋەزىپىنى ئادا قىلمىغان بولىسەن. اﷲ سېنى كىشىلەرنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلايدۇ. اﷲ ھەقىقەتەن كاپىر قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ » ( 5: 67 ).

ھەزرىتى پەيغەمبەر ئاللاھ تىن نازىل بولغانلارنى ئىجرا قىلىدىغان ئۆرنەك ئىنساندۇر.

بۇ كىتاپقا ئەگىشىڭ ۋە شۇنىڭ بىلەن مۇتتەقى بولۇڭ.

« كاپىرلار ئۈچۈن تەييارلانغان دوزاختىن (يەنى دوزاخقا كىرىشكە سەۋەب بولىدىغان يامان ئىشلاردىن) ساقلىنىڭلار. سىلەرگە رەھمەت قىلىنىشى ئۈچۈن، اﷲ قا ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار. پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ مەغپىرىتىگە ۋە تەقۋادارلار ئۈچۈن تەييارلانغان، كەڭلىكى ئاسمان ـ زېمىنچە كېلىدىغان جەننەتكە ئالدىراڭلار » ( ئالئىمران 131 -133 ).

ۋەھىيدىن يىراق قالغانلار، گۇمراھلىق ئىچىدە يۈرىيدۇ. ئەگەر بىر ئىنسان ۋەھىيدىن يىراق بولمىسا،

« ئېيتقىنكى، «مەن (اﷲ ئىنسانلارنى تەۋھىدكە دەۋەت قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن) تۇنجى پەيغەمبەر ئەمەسمەن، (مەندىن ئىلگىرىكى نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر ئېلىپ كەلگەن ۋەھيى بىلەن كەلدىم، نېمىشقا مېنى ئىنكار قىلىسىلەر؟) ماڭا ۋە سىلەرگە نېمە قىلىنىدىغانلىقىنى ئۇقمايمەن (چۈنكى اﷲ نىڭ تەقدىرىنى ئالدىن ئۇققىلى بولمايدۇ)، مەن پەقەت ماڭا ۋەھيى قىلىنغان نەرسىگىلا ئەگىشىمەن، مەن پەقەت (سىلەرنى اﷲ نىڭ ئازابىدىن) ئوچۇق ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن» ( ئەھقاف 9 ).

ئاللاھ ساڭا مۇتتەقى دېمىسە باشقىلارنىڭ نېمە دېيىشىنىڭ نېمە پايدىسى؟

« ئى مۆمىنلەر! ئەگەر اﷲ تىن قورقساڭلار، اﷲ سىلەرگە ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىيدىغان ھىدايەت ئاتا قىلىدۇ، گۇناھىڭلارنى كەچۈرىدۇ، سىلەرگە مەغپىرەت قىلىدۇ. اﷲ كاتتا پەزل ئىگىسىدۇر » ( ئەنفال 29 ).

تەقۋادار كىشىلەر شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىگە ئۇچرىسا، اﷲ نى ئەسلەيدۇ ـ دە، ھەقىقەتنى كۆرۈۋېلىپ، (شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىدىن) خالاس تاپىدۇ ( ئەئراف 201 ).

ۋەھىيدىن يىراق قالغانلار، گۇمراھلىق ئىچىدە يۈرىيدۇ. ئەگەر بىر ئىنسان ۋەھىيدىن يىراق بولسا، ھەقىقەتتىن شۇنچە يىراق بولىدۇ. ئەگەر بىر كىشى ۋەھىي بىلەن شۇغۇللانسا، ئەھقاف سۈرىسىنىڭ 9 – ئايىتى تۇرغان يەردە، بىزنىڭ جامائەتكە، تەرىقەتكە كەلسەڭ توغرا يولدا بولىسەن، شەيخىمىزنى سېنى جەھەننەم ئازابىدىن ساقلاپ قالىدۇ دەمدۇ؟

« ئېيتقىنكى، « مەن (اﷲ ئىنسانلارنى تەۋھىدكە دەۋەت قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن) تۇنجى پەيغەمبەر ئەمەسمەن، (مەندىن ئىلگىرىكى نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر ئېلىپ كەلگەن ۋەھيى بىلەن كەلدىم، نېمىشقا مېنى ئىنكار قىلىسىلەر؟) ماڭا ۋە سىلەرگە نېمە قىلىنىدىغانلىقىنى ئۇقمايمەن (چۈنكى اﷲ نىڭ تەقدىرىنى ئالدىن ئۇققىلى بولمايدۇ)، مەن پەقەت ماڭا ۋەھيى قىلىنغان نەرسىگىلا ئەگىشىمەن، مەن پەقەت (سىلەرنى اﷲ نىڭ ئازابىدىن) ئوچۇق ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن» ( ئەھقاف 9 ).

رەسۇلۇللاھ ۋاپاتىدىن بۇرۇن قىزى پاتىمىگە نېمە دېدى؟

« قىزىم پاتىمە، سالىھ ئەمەللىرىڭ بىلەن ئۆزەڭنى ئاللاھ نىڭ ئازابىدىن قۇتقۇزغىن، مەھشەر كۈنىدە مەن سەن ئۈچۈن ھېچبىر ئىش قىلالمايمەن » دېمىدىمۇ؟

« ھەر قاچان ئۇلارغا: » ئاللاھ نازىل قىلغان نەرسىگە ( ۋەھىيگە / قۇرئانغا ) ئەگىشىڭلار» دېيىلسە، ئۇلار: » ياق، ئاتا – بوۋىمىزدىن قالغان دىنغا ئەگىشىمىز» دېيىشىدۇ. ئەگەر ئاتا – بوۋىلىرى ھېچنەرسىنى توغرا چۈشەنمىگەن ۋە توغرا يولدا بولماي قالغان بولسىچۇ؟ يەنە ئۇلارغا ئەگىشەمدۇ؟ » ( بەقەرە 170 ).

« ئۇلارغا ئاللاھ نازى قىلغان ھۆكۈمگە، پەيغەمبەر بايان قىلغان ھۆكۈمگە ئەمەل قىلىڭلار دېيىلسە، ئۇلار: » ئاتا – بوۋىلىرىمىزنىڭ دىنى بىزگە كۇپايە » دەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئاتا – بوۋىلىرى ھېچ نەرسە بىلمەيدىغان ۋە ھىدايەت تاپماق قالغان بولسىچۇ؟ » ( مائىدە 104 ).

بۇ نوقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھەر زامان ئىزدىنىش ئىچىدە بولۇڭ، ھاياتىڭىزغا ئاللاھ نىڭ كىتابىنى يېتەكچى قىلىڭ. قارىغۇلارچە ئەگەشمەڭ.

« بۇ كىتاپتا ( يەنى قۇرئاندا ) ھېچ شەك يوق، ( ئۇ ) تەقۋادارلارغا يېتەكچىدۇر » ( بەقەرە 2 ).

 

5. ھەممىمىزنىڭ قۇرئانغا چىڭ ئېسلىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. قۇرئان دوستلىرىڭىز بولسۇن.

« ھەممىڭلار اﷲ نىڭ ئاغامچىسىغا (يەنى اﷲ نىڭ دىنىغا) مەھكەم يېپىشىڭلار، ئايرىلماڭلار (يەنى سىلەردىن ئىلگىرى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار ئىختىلاپ قىلىشقاندەك، دىندا ئىختىلاپ قىلىشماڭلار) » ( ئالئىمران 103 ).

« مەن پەقەت ماڭا ۋەھيى قىلىنغان نەرسىگىلا ئەگىشىمەن، مەن پەقەت (سىلەرنى اﷲ نىڭ ئازابىدىن) ئوچۇق ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن» ( ئەھقاف 9 ).

« ئاللاھ نىڭ ئارغامچىسى قۇرئاندۇر » ( ھەدىس شەرىف ).

رەسۇلۇللاھ پەيغەمبەر بولغاندىن تارتىپ، كىشىلەرگە بۇنى ئاڭلىتىپ كەلدى، ئۆزىمۇ ئاللاھ نىڭ دىنىغا چىڭ يېپىشتى.

 

6. قۇرئان بىزدىن تەدەببۇر ( ئوقۇش، تەپەككۇر قىلىش، چۈشۈنۈش بىرىلىكتە ئېلىپ بېرىلغان ئوقۇش ) نى تەلەپ قىلىدۇ.

« شۈبھىسىزكى، سىلەرنى چۈشەنسۇن دەپ، ئۇنى ئەرەپچە قۇرئان ( ئۆز تىلىڭلاردا ) قىلىپ نازىل قىلدۇق » ( يۈسۈف 2 ).

« روشەن كىتاپ بىلەن قەسەمكى، سىلەرنى ( ئۇنىڭ مەنىسىنى ) چۈشەنسۇن دەپ، بىز ئۇنى ھەقىقەتەن ئەرەپچە قۇرئان قىلدۇق » ( زۇخرۇف 2- 3).

« ( بۇ ) ئۇلارنىڭ ئايەتلەرنى تەپەككۇر قىلىشلىرى ئۈچۈن، ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ ۋەز – نەسىھەت ئېلىشلىرى ئۈچۈن بىز ساڭا نازىل قىلغان مۇبارەك كىتاپتۇر » ( ساد 29 ).

ئەقلىنى ئىشلەتمەسلىك بىلەن ئىمان ئېيتماسلىق ئوخشاش بولۇپ، ئاللاھ ئەقلىنى ئىشلەتمىگەنلەرنى گۇمراھلىق ئىچىدە قالدۇرىدۇ.

« ( ئاللاھ نىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە ) پىكىر يۈرگۈزمەيدىغانلارنى ئاللاھ ئازاپقا گىرىپتار قىلىدۇ » ( يۇنۇس 100 ).

مۇقابىلە- قۇرئاننى ئەڭ ئاز ئىككى تەرەپ جەم بولۇپ، بىر ئوقۇپ بەرسە، يەنە بىرى توغرا – خاتالىقىغا قاراپ بېرىش بولۇپ، رەسۇلۇللاھ ھەر يىلى رامىزاندا، شۇ مەزگىلگىچە نازىل بولغان قۇرئاننى جىبرائىلغا ئوقۇپ بېرەتتى، جىبرائىل توغرا – خاتالىقىنى تەكشۈرەتتى. بۇ ئىككى تەرەپ ئوقۇلىۋاتقان قۇرئاننىڭ مەنىسىدىن ( نېمە دېيىلىۋاتقانلىقىدىن ) خەۋەردار ئىدى، چۈشىنەتتى.
كۈنىمىزدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ پائالىيەت مۇقابىلە ئەمەس، مۇقا، يەنى بىر- بىرىگە تىلاۋەت قىلىپ بېرىش بولۇپ، كۆپىنچە ئوقۇپ بەرگۈچىمۇ، ئاڭلىغۇچىمۇ ئوقۇلىۋاتقان ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىدىن، مەنىسىدىن بىخەۋەر. مۇقابىلە كۈنىمىزدە بىر خىل تەلەپپۇز ھەرىكىتىگە ئايلىنىپ قالدى.
‏ئوقۇغان ۋە ئوقۇلغان ئايەتلەرنىڭ مەنىسىدىن بىخەۋەر ئىنسان، ئۇ ئايەتلەرنى ھاياتىغا تەدبىق قىلالامدۇ؟
مەنىدىن ئايرىلغان ئوقۇش ئوقۇش بولامدۇ؟
‏شۇڭا قۇرئان ئوقۇغاندا، ئەرەبچە بىلمىگەنلەر ئانا تىلىدىكى مەنا تەرجىمىلىرىنىمۇ قوشۇپ ئوقۇشى كېرەك، شۇندىلا قۇرئان ھاياتىمىزنىڭ مەركىزىدىن ئورۇن ئېلىشقا باشلايدۇ.
‏مانا بۇ قۇرئاننىڭ ئەۋەتىلىش مەقسىتىگە ئەڭ مۇۋاپىق بولغان ئوقۇش شەكلىدۇر.

مەن 30 يىلدىن بېرى ئۆمرۈمنى بىر ئادەمنىڭ بولسىمۇ ئاللاھ نىڭ كىتابىنى توغرا شەكىلدە چۈشۈنۈپ ئاخىرەت سائادىتىگە ئېرىشىشى ئۈچۈن سەرپ قىلدىم. چۈنكى، مەن بىر ئىنساننىڭ قۇتۇلۇشىغا ۋەسىلە بولغانلىقنىڭ، پۈتۈن ئىنسانىيەتنى قۇتقۇزغان بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى ئاللاھ نىڭ كىتابىدىن ئۆگەندىم ۋە بۇ غايە ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمەن.

 

7. قۇرئان بىزدىن ھەقىقەتلەرنى يوشۇرماسلىقىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ.

قۇرئان تىلى بىلەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھەقىقەتنىڭ ئۈستىنى يېپىپ قويۇش، يەتكۈزمەسلىك كۇپۇردۇر، كاپىرلىقتۇر.

« قولىدا اﷲ نازىل قىلغان دەلىل ـ ئىسپات تۇرۇپ ئۇنى يوشۇرغان ئادەمدىن زالىم كىم بار؟ اﷲ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر » ( بەقەرە 140 ).

« بۇ كىتابتا (يەنى تەۋراتتا) كىشىلەرگە توغرا يولنى ئېنىق بايان قىلغىنىمىزدىن كېيىن، بىز نازىل قىلغان روشەن دەلىللەرنى ۋە توغرا يولنى يوشۇرىدىغانلارغا اﷲ لەنەت قىلىدۇ (يەنى رەھمىتىدىن يىراق قىلىدۇ)؛ لەنەت قىلغۇچىلار (يەنى پەرىشتىلەر ۋە مۆمىنلەر) مۇ ئۇلارغا لەنەت قىلىدۇ. پەقەت تەۋبە قىلغانلار، (ئەمەلىنى) تۈزەتكەنلەر، يەھۇدىيلارنىڭ تەۋرات ئەھكاملىرىدىن يوشۇرغانلىرىنى) بايان قىلغانلارلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئەنە شۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىمەن، مەن تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىدۇرمەن. ناھايىتى مېھرىباندۇرمەن. شۈبھىسىزكى، كاپىر بولۇپ، كاپىر پېتى ئۆلگەنلەر بار، ئەنە شۇلار چوقۇم اﷲ نىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ لەنىتىگە ئۇچرايدۇ. ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، ئۇلاردىن ئازاب يېنىكلىتىلمەيدۇ، ئۇلارغا بېرىلىدىغان ئازاب كېچىكتۈرۈلمەيدۇ » ( بەقەرە 159 – 162 ).

« اﷲ كىتابتا (يەنى تەۋراتتا) نازىل قىلغان نەرسىلەرنى يوشۇرىدىغان ۋە ئۇنى ئازغىنا پۇلغا ساتىدىغانلارنىڭ قارنىغا يېگىنى پەقەت ئوتتۇر (چۈنكى ئۇلارنىڭ يېگەن شۇ ھارام مېلى ئۇلارنى دوزاخقا ئېلىپ بارىدۇ)، قىيامەت كۈنى اﷲ ئۇلارغا (ئۇلارنى خۇشال قىلىدىغان) سۆز قىلمايدۇ، ئۇلارنى (گۇناھلىرىدىن) پاكلىمايدۇ، ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ [174]. ئەنە شۇلار ھىدايەتنى گۇمراھلىققا، مەغپىرەتنى ئازابقا (يەنى جەننەتنى دوزاخقا) تېگىشتى، ئۇلار دوزاخ ئازابىغا نېمىدېگەن چىداملىق! » ( بەقەرە 174 – 175 ).

« اﷲ قا بەرگەن ئەھدىنى ۋە قەسەملىرىنى ئازغىنا بەدەلگە تېگىشىدىغانلار ئاخىرەتتە (اﷲ نىڭ رەھمىتىدىن) ھېچقانداق نېسىۋىگە ئېرىشەلمەيدۇ، قىيامەت كۈنى اﷲ ئۇلارغا (ئۇلارنى خۇش قىلىدىغان) سۆز قىلمايدۇ، ئۇلارغا (رەھمەت كۆزى بىلەن) قارىمايدۇ، ئۇلارنى (گۇناھلىرىدىن) پاكلىمايدۇ، ئۇلار قاتتىق ئازابقا قالىدۇ » ( ئالئىمران 77 )

« ئۆز ۋاقتىدا، اﷲ كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار) دىن كىتابنى (يەنى كىتابتىكى اﷲ نىڭ ئەھكاملىرىنى) كىشىلەرگە چوقۇم بايان قىلىپ بېرىشكە ۋە يوشۇرماسلىققا ئەھدە ئالدى، لېكىن بۇنى (يەنى ئەھدىنى) ئۇلار ئارقىسىغا چۆرۈۋەتتى ۋە ئۇنى ئازغىنا بەدەلگە (يەنى دۇنيانىڭ ئەرزىمەس نەرسىسىگە) تېگىشتى. ئۇلارنىڭ تېگىشىپ ئالغىنى نېمىدېگەن يامان! » ( ئالئىمران 187 ).

سىزمۇ بىر ئەھلى كىتاپ، يەنى كىتاپ بېرىلگەنلەر قاتارىدىن، شۇڭا ئاللاھ تىن كەلگەن ھەقىقەتنى يوشۇرماي توغرا شەكىلدە يەتكۈزۈش ھەر مۇسۇلماننىڭ ۋەزىپىسى.

سىز ئاللاھ نىڭ دىنىغا ياردەم قىلسىڭىز، ئاللاھ مۇ سىزنىڭ ئاياقلىرىڭىزنى مۇستەھكەم قىلىدۇ.

سۆھبىتىمىز ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن بۈگۈن مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن.

ياقتۇرۇپ ئاڭلىغانلىقىڭلار ئۈچۈن كۆپ رەھمەت. ئاللاھ ھەممىمىزنى قۇرئانغا تالىپ بولغان، قۇرئاننى ھاياتىنىڭ ئىچىگە ئېلىپ كىرگەن، قۇرئان ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىنى ئاڭقىرىپ يەتكەن مۇسۇلمانلاردىن قىلغاي.

لېكسىيە سۆزلىگۈچى پروفېسسور دوكتور مەھمەت ئوقۇيان

7 – نويابىر باشاق شەھىر ئەمىن ئىنانچ ئىمام – خاتىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى پائالىيەت زالى.

خاتىرلىگۈچى ئابدۇلئەزىز بەشتوغراق، باتۇر قاراخانلې