IMG_2936.PNG

قەدەر رىسالىسى ۋە شەرھىدىن ئارىيە:

 https://yuzlen.net/wp-content/uploads/2015/01/Kader-Risalesidin-ariye-Mustafa-İslamoğlu-Uyguhurqe-Low.mp4

بىر دەرسنىڭ ئاخىرىغا كەلدۇق ئۇستاز قىلىدىغان باشقا سۆزىڭىز بارمۇ؟

بار

ئۇنداقتا ئۇنى ئاڭلايلى

بار، ئادىتىم بولمىغان بىر ئىشنى قىلىمەن. ئاخىرقى سۆزۈم سۈپتىدە ” قەدەر رىسالىسى ۋە شەرھىسى “دىن بىر پارچە ئوقۇيمەن.

سۆزلەر ئاللاھنىڭ سۆزىدۇر، پانىيلەرنىڭ سۆزى پەقەت ۋە پەقەت باقىي بولغان ئاللاھنىڭ سۆزىنىڭ ئاستىغا يېزىپ قۇيۇلغان ئىزاھاتقا ئوخشايدۇ. ئۇلۇغ ئاللاھ «خالىغانلىرىم ئىمان ئېيتىدۇ،خالىمىغانلىرىم كاپىر بۇلىدۇ » دېمىدى. خالىغان ئىمان ئېيتسۇن، خالىغان كاپىر بولسۇن، دېدى. ئۇلۇغ ئاللاھ»ھىدايىتىڭىز ۋە زالالىتىڭىز پىشانىڭىزگە يېزىلغانغا باغلىقدۇر » دېمىدى. كىم ھىدايەتكە ئېرىشسە ئۆز پايدىسىغا، كىم ئازسا ئۆز زىيىنىغا ئازغان بۇلىدۇ، دېدى. ئۇلۇغ ئاللاھ «خالامسىز- خالىمامسىز بەرىبىر، نېمە يازغان بولسام شۇ بولىدۇ » دېمىدى. مەندىن تەلەپ قىلىڭكى ،ئىجابەت قىلاي، دېدى. ئۇلۇغ ئاللاھ»سىلەر مەن  پۈتىۋەتكەن ئىستىقامەتتە مېڭىشقا مەجبۇر «دېمىدى. خالىغان كىشى توغرا يولنى بويلاپ ماڭسۇن،  دېدى. ئۇلۇغ ئاللاھ»بېشىڭلارغا كەلگەنلەر مەن سىلەرگە پۈتىۋەتكىنىمدىن، دېمىدى. ئۈزەڭلار ئۆتكۈزگەن خاتالىق سەۋەبىدىن، دېدى. ئۇلۇغ ئاللاھ»بىز ھەر ئىنساننىڭ تىرىشچانلىقىنى ئۆز تەقدىرىگە باغلىق قىلدۇق» دېمىدى. دەل ئەكسىچە»بىز ھەر ئىنساننىڭ تەقدىرىنى ئۆز تىرىشچانلىقىغا باغلىق قىلدۇق «دېدى. ئۇلۇغ ئاللاھ «مەن ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ سىلەر ئۆزگەرتەلمەيسىلەر» دېمىدى. ئۇلۇغ ئاللاھ»مەن تەقدىرىگە ئىمان  ۋە سالىھ ئەمەل يېزىۋەتكەنلىرىم نىجاتلىققا ئېرىشتى»دېمىدى. ئىمان ئېيتقان ۋە سالىھ ئەمەللەرنى قىلغانلار نىجاتلىققا ئېرىشتى ، دېدى. بەزىلەر ئاللاھنىڭ بىر سۆزىگە ئىشىنىپ، يەنە بىر سۆزىگە ئىشەنمەيدۇ. ئاللاھنىڭ ھەر نەرسىنى پۈتىۋەتكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ. ئەمما، ئاللاھ خالىغىنىنىنى ئۆچىرىۋېتىدۇ. دېگەن سۆزىگە ئىشەنگۈسى كەلمەي تۇرىۋالىدۇ. ئۇنىڭ يېزىش قۇدرىتىگە ئىشىنىدۇ، ئەمما يازغانلىرىنى ئۆچىرىۋېتىش قۇدرىتىگە ئىشەنمەيدۇ. بەزىلەر ئاللاھنى يازغانلىرىنىڭ مەھكۇمى دەپ قاراپ، ھۆكۈمنىڭ ھاكىمى دەپ قارىيالمايدۇ. بەزىلىرى تەقدىرنى ئاللاھنىڭ ئىلمى دەپ چۈشەندۈرىدۇ، بۇنداق قىلغانلار ئاللاھنى ئۆز ئىلمىگە مەھكۇم قىلىۋەتكەنلىكىنىمۇ بىلىشمەي قالىدۇ. ئاللاھ ئۆز زاتىنى تۇنۇشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ. ئۇ بولسا خەللاقۇل ئەليىم (ياراتقۇچى)، ھەمىشە ئۆزلۈكسىز ياراتقۇچىدۇر. ۇنىڭ ھەر نەرسىنى بىلىدىغان ئەلىم ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ  پەقەت ھەر ۋاقىت ياراتقۇچى ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيدۇ. بەزىلەر ئۇنىڭ ھەر نەرسىنى بىلىدىغان ياراتقۇچى ئىكەنلىكىگە ئىشەنسىمۇ، لېكىن،  ھەر ۋاقىت يارىتىپ تۇرغۇچى خەللاق ئىكەنلىكىگە پۈتۈنلەي ئىشەنمەيدۇ. خەللاق «يارىتىش ئىشىدىن ھېچ قۇلىنى تارتماسلىق»دېگەنلىكتۇر. خەللاق، يارىتىش ئىشىنى ئۆزىگە كەسىپ قىلماق دېگەنلىكتۇر. خەللاق، ئىنسان ئەسلىنى ھەر ۋاقىت يېڭىدىن ياراتقانلىقىنى ئىنسانغا بىلدۈرۈپ قۇيۇش دېگەنلىكتۇر. ئىنساننىڭ ئۆزىنى ئۆزگەرتىش ئىقتىدارىنى ئېسىگە  سېلىپ قۇيۇش دېگەنلىكتۇر. ئىنساننى بۇ ئىقتىدارىنى قوللىنىشقا دەۋەت قىلىش دېگەنلىكتۇر. ھەزرىتى نەبى «ئىككى كۈنى ئوخشاش بولغان زىيان ئىچىدە «دېگەن ئەمەسمۇ ؟ سۆزى خەللاق ئىسمىنىڭ دىتىغا ۋاقىپ بولغان ئەقىلنىڭ مېۋىسىدۇر. ئاللاھنىڭ خەللاق ئىكەنلىكىگە ئىمان ئېيتىش، ئۇنىڭ ھەر نەرسىنى يېزىپ قۇيۇپ تۆرگە چىقىۋېلىشىنى قۇبۇل قىلماسلىقتۇر. ھەقىقەتەن ئۇ ھەر ۋاقىت ھاياتقا  ۋە  مەۋجۇدىيەتكە ئاكتىپ ئارلىشىدۇ. ئاللاھ ھەر كۈنى بىر ھالەتتەدۇر (رەھمان سۈرىسى 29 – ئايەت ) ئاللاھنىڭ خەللاق ئىكەنلىكىگە ئىمان ئېيتىش، ئۇنىڭ، ئىرادە، ئەقىل، ۋىژدان  بەرگەن ئىنساننىڭ  ھاياتنىڭ نەق ئىچىدە ئىكەنلىكىگە ئىمان ئېيتىشتۇر. بۇنىڭغا ئىمان ئېيتىش بولسا، بەندە ئىرادىسىنىڭ يەنى ئەمەلىنىڭ، خەللاق بولغان ئاللاھنىڭ بىر كېيىنكى يارىتىلىشىغا سەۋەپ تەشكىل قىلىدىغانلىقىغا ئىمان ئېيتىش  دېگەنلىكتۇر.  بۇنىڭغا ئىمان ئېيتىش، شۇ ۋاقىتقا مەھكۇم بولماسلىقتۇر. بۇ  ۋاقىت، مەيلى ئۆتمۈش، مەيلى  بۈگۈنگە ،مەيلى  كەلگۈسى بولسۇن ھېچ بىرىگە مەھكۇم بولماسلىقتۇر. نەفسىڭگە قاراپ، ئەي نەپسىم، ئەگەر سەن قىلساڭ، خەللاق بولغان ئاللاھ سېنىڭ قىلغىنىڭغا ئۇيغۇن بىر يارىتىش بىلەن ھاياتقا ئارلىشىپ يارىتىشىنى يېڭىلايدۇ، دەپ ئىشىنىشتۇر. ھەقىقەتەن ئۇ، ئىرادە ۋە ئەقىل بىلەن ئىمتاھان قىلغان ئىنسانىيەتنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلغۇچىدۇر. ئىنسان ئۈچۈن پەقەت  تىرىشچانلىقىغا لايىق مۇكاپاتى باردۇر. ئەي ئىنسان، ئاللاھ  ساڭا ئامانەت قىلغان ئىرادىگە ھۆرمەت قىلىدۇ ھەمدە سېنىڭ ئەمگىكىڭنى تەقدىرلەيدۇ. سەنمۇ ئۆز ئىرادەڭگە ھۆرمەت قىل ،ئۆز ئەمگىكىڭگە ھۆرمەتسىزلىك قىلما. شۇنداق قىلمىغىنكى ،نەمرۇتلارغا ،پىرئەۋىنلەرگە ،ئەبۇ لەھەبلەرگە،قىسقىسى زالىملارغا  ۋە جەبەلۇت ھۆكۈمرانلارغا، پۇرسەت بولمىسۇن. ئەمگىكىڭگە ھۆرمەتسىزلىك  قىلساڭ، ئاللاھقا ھۆرمەتسىزلىك قىلغان بولىسەن، چۈنكى، سەن ئاللاھنىڭ ئەجىر مېۋىسىسەن. رەھمەت.