IMG_2635.PNG

ھەسەن ئەلبەسىرنىڭ قەدەر رىسالىسى ۋە شەرھىسى

مۇستافا ئىسلام ئوغلى

تەرجىمە قىلغۇچى : ھېيتاخۇن

Kader Risalesidin ariye – Mustafa İslamoğlu Uyguhurqe (Low)

ھىلسىنكى فېنلاندىيە

 

 

كىرىش سۆز

 

‘Kader’miş, öyle mi? Hâşâ, bu söz değil doğru

Belanı istedin, Allah da verdi, doğrusu bu

Kader, şerâiti mevcut olup da meydanda

Zuhura gelmesidir mümkinâtın a’yanda
قەدەرمىش، شۇنداقمۇ؟ توۋا، توغرا ئەمەس بۇ سۆز،

مۇسىبەتنى تىلىدىڭ، ئاللاھ ئاتا قىلدى، توغرىسى بۇ.

قەدەر، شەرىئىتى ( قانۇنىيىتى / سەۋەبى ) مەۋجۇت بولۇپ ئوتتۇرىدا،

ۋۇجۇدقا چىقىشىدۇر مۇمكىنىچىلىكنىڭ ئەينىكىدە.
مەھمەت ئاكىف

 

ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا، يارىتىلغان مەخلۇقاتلارنىڭ سانىدەك ھەمدىلەر بولسۇن.

ئۇ ھەممىنىڭ ياراتقۇچىسىدۇر. ئۇ پەقەت ياراتقان « خالىق » بولۇپلا قالماستىن، يەنە « داۋاملىق يېڭىدىن يارىتىدىغان ۋە ياراتقانلىرىغا ھەر ۋاقىت مۇداخىلە قىلىپ تۇرىدىغان < خەللاق >تۇر ». ئاللاھ ھېچقانداق بىر شەيئىنى قەدەرسىىز / ئۆلچەمسىز ياراتمىدى. ياراتقان ھەرنەرسىىگە بىر قەدەر / ئۆلچەم بەلگىلىدى. ئىرادىسىز مەۋجۇداتلارنى « سۈننەتۇللاھ » دەپ ئاتالغان « ئىلاھى قانۇن – مىزان »غا تەۋە قىلدى. كۆرۈندىغان – كۆرۈنمەيدىغان ئىرادىلىك مەۋجۇدىيەت بولغان ئىنسان ۋە جىننى، ئىرادە ( تاللاش قابىليىتى )، ئەقىل ۋە ۋىجدان بىلەن جابدۇدى. ئىنساننى ھەقنى باتىلدىن، ياخشىنى ياماندىن، ئادالەتنى زۇلۇمدىن، ئىماننى كۇپۇردىن، توغرىنى خاتادىن، چىرايلىقنى سەتتىن ئايرىيالايدىغان بەسىرەت ( ئىقتىدار )،  قابىليەت بىلەن قۇراللاندۇردى. تاللاش قابىليىتى بېرىلگەنلەرگە ۋەھىيلىرى ۋە نەبىلىرى ( ئەلچىلىرى ) ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلدى. ئاللاھ، تاللاش قابىليىتى ئاتا قىلغان ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە ھەممدىن ئاۋۋال ئۆزى ھۆرمەت قىلدى. بۇ سەۋەپتىن ئىنساننى قىلمىشلىرىغا مەجبۇر ئەمەس، قىلغان ئىشلىرىنىڭ نەتىجىسىگە مەسئۇل قىلدى. شۇڭا، ھېساپ كۈنىنى تەقدىر قىلىپ، ھەر قىلمىشىدىن جاۋاپكارلىققا تارتىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. ياخشىلىقىغا مۇكاپات، يامانلىقلىرىغا جازا بېرىشنى بەلگىلىدى. بۇ ئارقىلىق ئىنساننى، ھاياتنى، ئۆلۈمنى، دۇنيانى ۋە ئاخىرەتنى مەنىگە ۋە قىممەتكە ئىگە قىلدى.

سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزگە سالاتۇ – سالاملار بولسۇن. بارچە قوللىشىمىز ئونىڭغا پىدا بولسۇن. دۇئايىمىز ئۇنىڭ دۇئاسى، ئۇنىڭ داۋاسى داۋامىز(غايىمىز) بولسۇن. ئۇ شۇنداق شانۇ -شەۋكەتلىك نەبى ئىدىكى، بىزگە ھەقىقىي رەۋىشتە ئاللاھ قا بەندە بولۇشنى ۋە ئىمان ئېيتىشنى، ئاتا – بوۋىلارنىڭ ئىزىدىن ئەمەس، ئاللاھ كۆرسەتكەن يولىدىن مېڭىشنى ئۆگەتتى. ۋەھىي ئالغان بىرىنچى كۈنىدىن تارتىپ ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىغىچە ياشىغان ئۈلگىلىك ھاياتى، « بىز ھەر ئىنساننىڭ قەدرى ( تەقدىرى )نى ئۆز تىرىشچانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك قىلدۇق »  (17:13) ۋە « ئىنسان پەقەت ئۆزىنىڭ ئىشلىگەن ئىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ » ( 53:39 ) دېگەن ئايەتلەرنىڭ مۇكەممەل تەپسىرى ئىدى. مۇشىرىكلارنىڭ « ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى بىز ۋە ئاتا – بوۋىلىرىمىز شېرىك قوشماستۇق » ( 6:146 ) دېگەن مۇشىرىك ئەقىدىسىنىمۇ ئاللاھ قا ئارتىپ قويۇپ، ئۇنىڭغا بۆھتان چاپلىغان قەدەرپەرەست بىر ئۆرۈپ – ئادەتكە قارشى تۇرۇپ، « ھەر ئىنسان قىلمىشلىرىنىڭ نەتىجىسىگە مەھبۇستۇر » (74:38) دېگەن قۇرئان شۇئارىنى ياڭراتتى. ئاللاھ قا ئىشىنىپ يانپاشلاپ يېتىشنى ئەمەس، ئاللاھ قا تايىنىپ ئەمەل قىلىشنى ئۆگەتتى. ئۇ ۋەھىينىڭ يېتەكچىلىكىدە شۇنداق بىر ياخشىلىق بىرىكتۈردىكى؛ ئۇ ياخشىلىق ئۆزىدىن كېيىنكى ئەسىرلەر داۋامىدا ياخشىلارنىڭ قوللىرىدا خېمىر تۇرۇچ، يولىنى يورتۇپ بەرگۈچى نۇر، قەلبلىرىدە ئۈمىت بولدى.

ھۆرمەتلىك كىتاپخانلارغا سالام بولسۇن، رەھمەت بولسۇن، بەرىكەت بولسۇن، ھېكمەت بولسۇن. ھەممىدىن زىيادە، « تەقۋادارلارنىڭ پىشىۋاسى » ھەسەن ئەلبەسىرنىڭ « قەدەر رىسالىسى » ۋە  ئۇنىڭغا يازغان شەرھىمىز، ئەقلىنى ئىشلىتىدىغان قەلىبلىرىگە شىپا بولغاي.

ئارىدا 13 ئەسىرلىك دەۋر پەرقى بولىشىغا قارىماي، قۇرئان ئارىفى ھەسەن ئەلبەسرى بىلەن قۇرئان شائىرى مەھمەت ئاكىفنى ئۇچراشتۇرغان، ئەلبەسىرنىڭ قەدەر رىسالىسى بىلەن ئاكىفنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان شېئىر مىسرالىرىنى كېسىشتۈرگەن بىر توغرا يول بار. بۇ يولدا ھاسىل بولغان بىر ساغلام ئەقىل بار. بۇ ئەقىلدىن ئۇرغۇپ چىققان زوق ۋە ئىشتىياق بار. ھەمدە بۇ ساغلام ئەقىلنى پەيدا قىلغان توغرا بىر ئىمان بار. بۇ ئىماننى روياپقا چىقارغۇچى بولسا، رەسۇلۇللاھقا ئەخلاق ۋە ئۇستاز بولغان قۇرئاندىن باشقىسى ئەمەس.

دىن سوسيولوگىيسىنىڭ پىشىۋاسى ماكس ۋەبەر (Max Weber) ئېتىقاتنىڭلا ئېتىقات قىلغۇچىلارنى مەيدانغا كەلتۈرۈپلا قالماستىن، ئېتىقات قىلغۇچىلارنىڭمۇ ئېتىقاتنى شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان قاراش. لېكىن، بۇ سۆز خىرىستىيانلىق دىنىغا نىسبەتەن %100 توغرا باھادۇر. چۈنكى، خىرىستىيانلىق پاۋلۇس باشچىلىقىدىكى كىشىلەر تەرىپىدىن ئىجات قىلىنغان بىر ئېتىقاتتۇر. مۇسۇلمانلارنىڭ ئەنئەنىۋىي دىن چۈشەنچىسى نوقتىسىدىن  ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ سۆز قىسمەن توغرا. چۈنكى، بەزى مۇسۇلمانلار خىرىستىيانلاشقانلىقى نىسبىتىدە دىنلىرىنى شەكىللەندۈرۈشكە قاراپ يۈزلەنگەن. بىراق، ئىسلام دىنى ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا %100 خاتادۇر. چۈنكى، ئىسلام دىنى ئاللاھ نىڭ دىنىدۇر. ئاللاھ بۇ دىننى قۇرئان ئارقىلىق پەقەتلا دۇشمەنلىرىدىنلا ئەمەس، بەلكى ئېتىقاتچىللىرى ( مەنسۇپلىرى )نىڭمۇ شەررىدىن ساقلىغان.

قۇرئان ھەر زامان مۆجىزە بولۇش سۈپىتى بىلەن، نازىل بولغان كۈنىدىكىدەكلا ساپ ھالدا قولىمىزدا بولىدىكەن، مۇسۇلمانلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتىدا، ئېڭىدا مەيدانغا كەلگەن ۋە كېلىش  ئېھتىمالى بولغان قېيىپ كېتىش، ئەگىپ كېتىش، ھەتتا ئۆزگەرتىشلەر ( چۈشەندۈرۈش جەھەتتىن ) تۈپەيلىدىن ئۈمىتسىزلىنىشنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى، بۇنداق ئەھۋال ئورنىنى تولدۇرىۋالغىلى بولىدىغان زىيان قاتارىدىن. زامانىمىزدىن 13 يېرىم ئەسىر ئىلگىرى يېزىلغان « قەدەر رىسالىسى »نى نەشىر قىلىش ۋە شەرھىيلەشنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبىمۇ دەل بۇ.

قولىڭىزدىكى بۇ ئەسەر ئۈچ بۆلۈمدىن تەركىپ تاپقان.

بىرىنجى بۆلۈم، « قەدەر رىسالىسى »نىڭ ئاپتۇرى ھەسەن ئەلبەسرىگە ئايرىلدى. مۇئەللىپ ھەسەن ئەلبەسرى ساھابىلەردىن كېيىن كەلگەن ئەۋلاتلار ئارىسىدىكى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئالىملاردىن بىرسى. ئۇ ئۆز دەۋرىنىڭ ئەڭ مەشھۇرلىرى قاتارىدىن ئۇرۇن ئالغان. ئۇ تېخى ھايات ۋاقتىدىلا داڭقى چىقىپ « مۇتتەقىلەرنىڭ پىشىۋاسى » دەپ نام ئالغان. ئسلام تارىخىدىكى رەي ( چۈشەنچە، كۆز قاراش ) ئەھلى ۋە تەھقىق ئەھلى ( ھەقىقەتنى دەلىل ۋە پاكىتتىن ئىزدەيدىغانلار )نىڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرغۇچىلىرىدىن ئىدى. بۇ بۆلۈمدە ئىمام ئەلبەسىرنىڭ ھاياتى، ياشىغان دەۋرى، تۇتقان ئورنى، كۆرەش ئۇسلۇبى ئوخشىمىغان كىچىك تېمىلار ئاستىدا بايان قىلىندى.

ئىككىنجى بۆلۈم، ھىجىرىيەنىڭ 86 – 75 يىللىرىدا خەلىپە بولغان ئابدۇلمەلىك بىن مەرۋان يازغان بىر مەكتۇپقا، ھەسەن ئەلبەسرى جاۋاپ سۈپىتىدە قەلەمگە ئالغان « قەدەر رىسالىسى »گە ئايرىلدى.

ئەمەۋىلەرنىڭ ھاكىمىيىتى ئارقىلىق « رەسمى دىن » دەپ قوبۇل قىلىنغان جاھىلىيەت قەدەر چۈشەنچىسىگە قارشى كۆرەش قىلغانلارنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا ھەسەن ئەلبەسرى تۇراتتى. ئۇنىڭ ئېلىپ بارغان كۆرىشى، بۇ يولدا قانخورلارچە ئۆلتۈرۈلگەن ئۇستازلىرى، سەپداشلىرىغا ۋە شاگرىتلىرىغا ئوخشاش ئاغزاكى بولۇپلا قالماستىن، ئىسلام تارىخىدا تاكى زامانىمىزغا قەدەر يېتىپ كەلگەن، تۇنجى قوليازما ماتېرياللاردىن بىرى بولغان بىر رىسالە سۈپىتىدە روياپقا چىقتى.

مانا بۇ سەۋەپتىن، ھەسەن ئەلبەسىرنىڭ « قەدەر رىسالىسى » بىباھا غەزىنىگە ئوخشايدىغان بىر يازما ئەسەردۇر. بۇ ئەسەرنىڭ قىممىتى پەقەت تارىخىي ماتېرىيال بولىشىدىنلا ئىبارەت ئەمەس. گەرچە بۇ يازما ئەسەر « قەدىمىي » رىسالە بولسىمۇ، ئۇنىڭدا بايان قىلىنغان تېما « تارىخىي » خاراكتېرىگە ئىگە ئەمەس، ئەكسىچە ھەر دەۋردە ئالدىمىزغا چىقىدىغان مەسلىلەردىن بىرى. بۇ تېما، دەۋرىمىزدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ زېھنىدە مۇجمەل بولغان « قەدەر ( تەقدىر ) » يەنى « قازا ۋە قەدەر » تېمىسىدۇر. كۈنىمىزدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ قەدەر چۈشەنچىسنى، قۇرئاندىن باشقا ھەر خىل مەنبەلەر شەكىللەندۈرگەندەك قىلىدۇ. بۇ رىسالىنىڭ ئەھمىيىتىمۇ دەل بۇ نوقتىدا ئۆزىنى نامايەن قىلماقتا.

بۇ بۆلۈمدە رىسالىنىڭ نۇسخىللىرى، رىسالىنىڭ ئىسلام ئىلىم ۋە تاللانمىلىرى تارىخىدىكى قىممىتى، رىسالىنىڭ ئىشەنچلىكلىكى، ئۇنىڭ ئىشەنچىلىكلىكىگە قارىتا مەزھەپ مۇتەئەسسىپلىگىدىن كېلىپ چىققان شۈبھە قوزغاش مەقسىتىدىكى خىرىسلار ۋە بۇلارنىڭ ئاساسسىزلىقى، بۇنىڭغا ئوخشىغان شۈبھىلەرنى تىلغا ئېلىپ كەلگەن مىلەل- نىھال ۋە فىراك يازغۇچىللىرىدىن كېلىپ چىققان مەسىلىلەر بايان قىلىندى.

ئۈچىنچى بۆلۈمدە، « قەدەر رىسالىسى »نىڭ دۇنيادا بايقالغان بىردىنبىر نۇسخسى بولغان قوليازما نۇسخىسى ئاساس قىلىنغان ھالدا، ئەرەپچە نەشىرى ۋە شەرھىسىگە ئورۇن بېرىلدى. سۇلايمانىيە كۇتۇپخانىسىنىڭ كۆپرۈلۈ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بۆلۈمىدە ساقلانغان، بۇ نۇسخنى شەرىقشۇناس نىمىس ھېلموت رىتتەر بايقىغان ۋە  1933- يىلى نەشىر قىلدۇرغان بولۇپ، ئارىدىن 80 يىل ئۆتتى. بىراق كۈنىمىزگە قەدەر بۇ قوليازما ئەسەر ئىكىنجى قېتىم نەشىر قىلىنماپتۇ.

رىتتەر قىلدۇرغان نەشىرىنىڭ لۈتفى دوغان ۋە ياشار قۇتلۇئاي تەرىپىدىن ئىشلەنگەن تۈرۈكچە تەرجىمىسى 1954 – يىلى ئەنقەرە ئۈنىۋېرسىتى ئىلاھىيەت فاكولتىتىدا نەشىر قىلدۇرۇلغان ئىكەن. 60 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، بۇنىڭ باشقا تەرجىمە نۇسخسى روياپقا چىقمىغان. بىز قوليازمىنىڭ يېڭى نەشىرىنى، شۇنداقلا يېڭى بىر تەرجىمىسىنى ئىشلەشكە تىرىشتۇق. بۇنىڭغا ئىھتىياج بار ئىدى، سەۋەپلىرىنى مۇناسىۋەتلىك باپتا ئىزاھلاشقا تىرىشتۇق.

كۆپرۈلۈ نۇسخىسىدىن باشقا يەنە ئاياسوفىيا نۇسخىسىمۇ بار بولۇپ، بۇ نۇسخىدىكى مەزمۇنلاردىن مەلۇم بولغىنىدەك، ئۇ قەدەر رىسالىسىنىڭ ئۆزگىچە بىر نۇسخسىمۇ ئەمەس. بۇ نۇسخا ئەينى ۋاقىتتىكى ئىراق ۋالىسى ھاججاجنىڭ شەپقەتچىسى « ئابدۇلمەلىك » كە يېزىلغان رىسالىدۇر. بۇنىڭدا « قەدەر رىسالىسى »دىن تۆتتە بىرىچىلىك مەزمۇنى نەقىل قىلىنغان. بۇ رىسالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاياسوفىيا نۇسخىسى، كېيىن نەشىر قىلىنغان پارچە نۇسخا بولسىمۇ، ئانا نۇسخا بولغان كۆپرۈلۈ قوليازمىسىدىن بەكرەك كەڭ تارقالغان. سەۋەبى كلاسىك ۋە يېڭى زاماندىكى بەزى مۇئەللىپلەرنىڭ ئۇنى ئەلبەسىرنىڭ « قەدەر رىسالىسى»نىڭ ئۆزگىچە بىر نۇسخىسى دەپ قارىغانلىقىدۇر.

ھەسەن ئەلبەسىرنىڭ « قەدەر رىسالىسى»نى يېڭىدىن نەشىر ۋە تەرجىمە قىلىش، ئىلىم ئالىمىمىزگە قوشۇلغان بىر ئۈلۈش ھەسسە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. رىسالىنى شەرھى قىلىشىمنىڭ، يېڭى تەرجىمە ۋە نەشىر نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن ئەمگەككە يەنە نېمىلەرنى قوشىدىغانلىقىغا مەن ئۆزەم باھا بېرەلمەيمەن. ئىسلام ئىلىم ۋە تاللانمىلىرى تارىخىدىكى تۇنجى قوليازما ئەسەر بولغان بۇ رىسالىنىڭ شەرھىيلىنىشى، ھېچ بولمىغاندا يېڭىدىن تەرجىمە ۋە نەشىرىچىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارىمىغان بولسام، بۇ ئىشقا تۇتۇش قىلمايدىغانلىقىم ھەممىگە مەلۇم.

قەدەر رىسالىسى ئىسلام ئىلىم ۋە تاللانمىلىرى تارىخىدىكى تۇنجى قوليازما ئەسەرلىرىدىن بىرى. بىراق، رىسالىنىڭ ئەھمىيىتى بۇنىڭدىنلا ئىبارەت ئەمەس. ھىجىرىيە بىرىنچى ئەسىردە قەلەمگە ئېلىنغان رىسالىنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ، نازۇك تېما ئۈستىدە توختالغانلىقى ۋە شۇنداقلا قەدەر مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلىش ئۇسلۇبىدا ئىكەنلىكى مەلۇم بولماقتا.

قولىمىزدىكى بۇ قەدەر رىسالىسى:

  1. قۇرئاننىڭ قەدەر توغرىسىدىكى ئاساسى چۈشەنچىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
  2. قۇرئان قەتئى قارشى چىققان ۋە يىمىرىپ تاشلىغان « جاھىلىيەت قەدەر چۈشەنچىسى » نى پاش قىلىدۇ.
  3. جاھىلىيەت قەدەر چۈشەنچىسىنى كىملەرنىڭ نېمە مەقسەتتە قايتىدىن كۆتۈرۈپ چىققانلىقىنى يېشىپ بېرىدۇ.
  4. ئەلبەسىرنىڭ شەخسىيىتىدە ۋھىي بەرپا قىلغان ئەقىلنىڭ، قانداق ئىشلىگەنلىكىگە شاھىتلىق قىلىدۇ.

ھەسەن ئەلبەسىرى ئېيتىدۇكى:

« ئاللاھ نىڭ كىتاپىدىن بىر ھۆججەتكە ئاساسلانمىغان ھەر قانداق كۆز – قاراش زالالەتتۇر ».

مەقسىتىمىز، كالامى بىر قوليازمىنى مۇھاكىمە قىلىش ئەمەس، بەلكى تۆۋەندىكى سۇئاللارغا جاۋاپ تېپىشتىن ئىبارەتتۇر:

  1. قۇرئان ئارقىلىق قانداق ئىنسان بولغىلى بولىدۇ؟
  2. قۇرئان ئىنشا قىلغان ئەقىل قانداق ئىشلەيدۇ؟
  3. قۇرئاننىڭ قەدەر توغرىسىدىكى چۈشەنچىسى نېمە؟

« قەدەر رىسالىسى » ئۈستىدە تەر تۆكۈش جەريانىدا، ئاللاھ نىڭ ھەر قانداق بىر ئەمگەكنى زايا قىلىۋەتمەيدىغانلىقىغا بولغان ئىمانىم يەنە بىر قېتىم يېڭىلاندى. چۈنكى، بۇندىن 1350 يىل بۇرۇن يېزىلغان بىر رىسالىنى، ئۇنىڭغا قارشى قۇتۇپتىكىلەرنىڭ شۇنچىۋالا يوق قىلىۋېتىشكە ئۇرۇنۇشلىرىغا قارىماي، زامانىمىزغا قەدەر يەتكۈزگەن ئاللاھتائالا بىزگە بىشارەت بەرمەكتە. ئۇ بىشارەتنى ئاللاھ نىڭ كىتاۋىدىنمۇ تاپالايمىز. قۇرئان كەرىم لوقمان ھەكىمنىڭ تىلىدىن، لوقماننىڭ زامانىمىزدىكى ئوغۇللىرىغا مۇنداق نىدا قىلىدۇ:

« ئى ئوغۇلچىقىم، قىلمىشىڭ قىچا چاغلىق نەرسە بولۇپ، ئۇ ئۇيۇلتاشنىڭ ئىچىدە (ئەڭ مەخپى جايدا ) يا ئاسمانلارنىڭ قېتىدا ياكى زېمىننىڭ ئاستىدا بولسىمۇ، ئاللاھ ئۇنى ھازىر قىلىدۇ ( ھېسابىنى ئالىدۇ ). ئاللاھ ھەقىقەتەن ئىنچىكە كۈزەتكۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر » ( لوقمان، 16 ).

بۇ ئايەتتە ئىپادىلەنگەن ئىلاھىي ھەقىقەت ھەقىقەتەن ئەمىليلەشتى. « قەدەر رىسالىسى »، ئاللاھ ئۇيۇلتاشنىڭ ئىچىدە ۋە يەرنىڭ ئاستىدا ساقلاپ ھايات بەخىش ئەتكەن بىر سالىھ ئەمەلگە ئوخشاش زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلدى. « قەدەر رىسالىسى »گە قارشى ئېلىپ بېرىلغان شۇنچە كۆرەشلەرگە قارىماي، ھازىرمۇ قولىمىزدىكى رىسالىنىڭ ئەسلى قوليازما نۇسخىسىنىڭ مەۋجۇت بولىشىنىڭ بۇنىڭدىن باشقا بىر ئىزاھاتى يوق. رەسمى كالام ئېقىمىغا مۇخالىپ كىتاپلاردىن نۇرغۇنلىرى، ئۆزىگە قارىتىلغان سىستېمىلىق يوقۇتۇش ھەرىكىتىدىن قۇتۇلالماي « ئىسمى بار جىسمى يوق » ھالغا چۈشۈپ قالغان. ئىبن نەدىمنىڭ « ئەل – فىھرىسىت »ناملىق ئەسىرىگە شۇنداقلا بىر نەزەر تاشلىساق، بۇ ئېچىنىشلىق رىئاللىقنى كۆرىۋالالايمىز.

« قەدەر رىسالىسى »نىڭ كۆپرۈلۈ كۇللىياتتا مەۋجۇت بولغان قوليازما نۇسخىسىنىڭ بىر كۆپەيتىلگەن سۈرىتىنى بۇ ئەسەرنىڭ ئاخىرىدا كۆرىسىز. بۇ ئارقىلىق ھەم قوليازما نۇسخىسىغا ئېرىشمەكچى بولغان ئىلىم ئەربابلىرى ھەمدە رىسالىنى ئەسلى نۇسخسىدىن ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان تالىبۇل ئىلىملەرنىڭ ئىشى تېخىمۇ ئاسانلىشىدۇ.

بۇ خىزمەتتە ئىشلىتىلگەن تىلنىڭ ئۆز دەۋرىنىڭ خاراكتېرىغا ئۇيغۇن بولىشىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىندى. مەسىلەن، « قەدەر رىسالىسى » يېزىلغان دەۋردە كالامى مەزھەپلەر تېخى ئىسىملىرى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقمىغان ئىدى. بۇ سەۋەپتىن ھەسەن ئەلبەسىرنىڭ ئەسىرى ئۈستىدە قەلەم تەۋرەتكىنىمدە، كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە رىسالە يېزىلىپ بولغان دەۋردىن كېيىن، كېڭىيىپ تارقالغان قەدەرىييە، جەبەرىييە، مۇتەزىلە، مۇرجىئە، ئەھلى سۈننەت قاتارلىق مەزھەپ ئىسىملىرىنى قوللانماسلىققا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدۈم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇ چاغدا تېخى ئىسلامى پرىنسىپلار مەيدانغا كەلمىگەن ئىدى. شۇڭا، بۇ رىسالە يېزىلغان ئۇ دەۋردە تەفسىر ئىلمى، كالام ئىلمى، فېقىھ ئىلمى ۋە ھەدىس ئىلمى قاتارلىقلاردىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ. بۇ سەۋەپتىن، ئەسەرنى شەرھى قىلغاندا دەۋىرنى ئالماشتۇرۇپ قۇيۇشقا سەۋەپ بولىدىغان بۇنداق ئاتالغۇلارنى ئىشلىتىشتىن ئۆزىمىزنى تارتتۇق.

ھەسەن ئەلبەسرى ئېيتىدۇكى:« ئۆزەڭلارنى قۇرئانغا سېلىپ بېقىڭلار! ».

ئۆزىمىزنى، بولۇپمۇ ئىمانىمىزنى قۇرئانغا سېلىپ تەكشۈرتۈپ باقايلى. چۈنكى، قۇرئانى كەرىم تەستىقلىغان ئىمان، ئاللاھ تەستىقلىغان ئىماندۇر. ئاللاھ تەستىقلىمىغان ئىمان، قەلبىمىزگە يۈك بولۇپلا قالماي، بەلكى ئۇنىڭ تۈپەيلى ھېساپقا تارتىلىدىغان بىر ۋابالدۇر.

تىرىشچانلىق بىزدىن تەۋپىق ۋە ئىنايەت رەببىمىزدىندۇر، ئۇ بىزنى تەۋفىقىغا يار قىلغاي.
مۇستافا ئىسلامئوغلى

                                                                      ئىستانبۇل

1443مۇھەررەمنىڭ 10 – كۈنى

                                                   2011 – يىلى  5 – دېكابىر