ئابباسىلار دەۋرى

ئىمام ئەزەم ئەمەۋىلەر سەلتەنەتى گۇمران بولغىچە مەككىدە تۇردى. بۇ يەردە بىر تەرەپتىن تائەت – ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئىمام مالىكقا ئوخشاش داڭلىق ئالىملار بىلەن تونۇشۇپ پىكىرلىشەتتى. ئىبنى ئابباس، ھەزرىتى ئۆمەر ۋە ھەزرىتى ئەلىنىڭ فىقھىنى ئۇلارنىڭ ۋارىسلىرىدىن ئۈگەندى. بىر تەرەپتە ئىمام مۇھەممەد باقىر ۋە ھەسەنۇل مۇسەننادىن دەرس ئالسا، يەنە بىر تەرەپتىن پېشىنى قويۇپ بەرمىگەن ئىقتىدارلىق تالىپلىرىغا دەرس بېرەتتى.

ھاكىمىيەتتىكىلەرنىڭ زۇلمىدىن بىزار بولغان خەلقنىڭ ياردىمى بىلەن ئەمەۋى خانىدانلىقى يېقىتىلغاندىن كېيىن، ئابباس ئوغۇللىرى ھاكىمىيەتنى چاڭگىلىغا كىرگۈزىۋالدى. ھەر كىم زۇلۇمنى تۈگىدى، ھەممە ئىش ئۆزگەردى، خىلاپەت ئۇنىڭغا لايىق بولغانلارنىڭ قولىغا ئۆتتى دەپ ئويلاپ خۇشال بولغانىدى. بۇ ئەھۋالدىن مەمنۇن بولغانلارنىڭ بىرسى ئىمام ئەزەم ئىدى. ھېچبىر ۋاقىت ئېتىراپ قىلمىغان، دائىم قارشى تۇرۇپ كەلگەن ئەمەۋى ھاكىمىيىتىنىڭ زاۋال تېپىشىدىن ئىمامنىڭ خۇرسەن بولىشى ئەلۋەتتە نۇرمال ئەھۋال ئىدى.

ئەبۇل ئابباس، مەككە ۋالىيسى ئارقىلىق ئۆلمالاردىن بەيئەت تەلەپ قىلغاندا، ئەبۇ ھەنىفە خەلققە مۇنداق خىتاپ قىلغانىدى:

« بۇ ئىش ( ھاكىمىيەت ) پەيغەمبەرنىڭ يېقىنلىرىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ ھەق جايىنى تاپتى. بۇ ئاللاھنىڭ لۇتپى ۋە كەرەمىدۇر. ئەي ئالىملار، بۇلارغا ياردەم قىلىشقا ئەڭ لايىق بولغانلار سىلەر! سىلەرگە خالىغىنىڭلارچە ئېكرام ۋە ئېھسان بار. خەلىپەڭلارغا بەيئەت قىلىڭلار. بەيئەت ئاخىرەتتە ئەمىنلىككە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن بىر ۋەسىلىدۇر. ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا بەيئەتسىز ۋە ئىمامسىز، ھۆججەتسىز ۋە دەلىلسىز چىقىپ قالماڭلار ».

مالىمانچىلىق تىنجىغاندىن كېيىن كۇفەگە قايتىپ كەلگەن ئىمام، باشقا ئالىملار بىلەن بىرلىكتە خەلىپىنى زىيارەت قىلىپ مۇنۇ سۆزنى قىلدى:

« ئاللاھقا ھەمدىلەر بولسۇنكى، ھەقنى نەبىنىڭ يېقنلىرىغا بەردى ۋە ئۈستىمىزدىكى خار قىلغۇچى زۇلۇمنى ئېلىۋەتتى. ۋە يەنە ھەمىد ئېيتىمىزكى، تىلىمىزغا ھەقنى سۆزلەتتى. ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن ساڭا بەيئەت قىلدۇق. ئىشىڭغا ۋاپا قىلساڭ قىيامەتكىچە ۋاپادار بىز. ئاللاھ بۇ ئىشنى نەبىگە يېقىنلىقىڭ تۈپەيلى بىكار قىلىۋەتمەس »[1]. بۇ سۆزلەر، ئىمام ئەزەم سىياسىتىنىڭمۇ ئاساسى ئۇلىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى نوقتىسىدىن تولىمۇ مەنىدار ئىدى.

ئالىملارغا قىلغان سۆزلىرىدىن شۇنى بىلەلەيمىزكى، ئۇنىڭ، خەلىپىلىكنى قۇرەيىشنىڭ ھەقىقى دەپ قارىشىنىڭ ئاستىدا ياتقان ھېسسى ھەقىقەت، بۇ ماقامنىڭ ۋارىسلىرىنىڭ رەسۇلۇللاھنىڭ يېقىنلىرىدىن بولىشى كېرەك دەپ قارىغانلىقى ئىدى. يەكۈنلەپ چىققان باشقا بىر خۇلاسە بولسا، ئىمامنىڭ « بەيئەت » مەسىلىىسىگە ئەھمىيەت بەرگەنلىكى ئىدى. ئۇ بەيئەتنى ئاخىرەتتە خاتىرجەملىك ۋەسىلىسى، بەيئەتسىز يۈرۈشنى ھۆججەتسىزلىك ۋە دەلىلسىزلىك دەپ قاراپ، مۇرجىئەگە ئوخشاش ئادىل – زالىم، گۇناھكار ۋە پاسىق دېمەستىن ھەر قانداق ھۆكۈمدارغا بەيئەت قىلىش پىكرىنى ھاياتى بويىنچە رەت قىلىپ كەلگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن خارىجىلاردەك بەيئەتسىزلىك ۋە باشباشتاقلىقنى قوبۇل قىلماي، بۇ ھەقتىكى ئادىل ۋە مۆتىدىل بولغان قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.

خەلىپىنىڭ ئالدىدا قىلغان ئىككىنجى نۇتقىدىمۇ بەيئەت قىلىش بىلەن بىرلىكتە، بۇ بەيئەتنىڭ شەرتلىك بەيئەت ئىكەنلىكىنى ( ئادالەت ) ئىما قىلغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرغان ئۆكتىچىلىكىنىڭ، سەلتەنەت بىلەن ئىچ قويۇن – تاش قويۇن بولۇپ كەتكەن ئاتالمىش ھەسەتچى ئالىملار ئېيتقاندەك ئۈزلۈكسىز جاھىللىق ياكى بولمىسا « پىتنە » ۋە « ھۆكۈمەتسىزلىك » نى ياخشى كۆرگەنلىكىدىن ئەمەسلىكلىنى ئىسپاتلىغان ئىدى. ئۇنىڭ پەقەت يىگانە غېمى، سۈكۈت ئارقىلىق زالىمنىڭ زۇلمىغا شېرىك بولۇپ قالماسلىق ئىدى. زالىمغا قارشى جىم تۇرۇۋالغاندىن مەزلۇم بولۇشنى تاللاپ، جىسمىغا ۋە جېنىغا سۈيقەست قىلىنغان ۋاقىتتىمۇ، زۇلۇمغا يول ئېچىپ بېرىدىغان مۇئامىلىلەردىن يىراق تۇرۇش ئىدى…

ئىمام يۇقىرىدىكى ئۆرنەكتە كۆرسىتىلگەندەك، قوبۇل قىلغانلىرىنىڭ ( ئىشەنگەنلىرىنىڭ ) ئاستىغا ئىككىلەنمەستىن قول قوياتتى. قوبۇل قىلمىغانلىرىنى بولسا ھېچقانداق نەرسىدىن قورقماستىن ئوچۇق شەكىلدە رەت قىلاتتى ۋە ئەيىپلەيتتى. سۇنىڭ ئېقىشىغا قاراپ ئىش تۇتۇشنى ياقتۇرمايتتى. بەش تىيىنلىق نەرسىلەر ئۇياقتا تۇرسۇن، جان ۋە تەن قايغۇسىمۇ ئۇنىڭغا ئىماننىڭ ئىززەت ۋە ھۆرمىتىنى پايخان قىلغۇزمىغانىدى.

پىرىنسىپلىرىدا چىڭ تۇراتتى. ئۇنىڭ پىرىنسىپلىرى نەبىينىڭ پىرىنسىپلىرى ئىدى. ئۇ مۇجتەھىد بولغان تۇرۇپمۇ، پىرىنسىپلىرىنى زامانغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇش ( سۇنىڭ ئېقىشىغا قاراپ ئىش تۇتۇش ) شۇئارى ئاستىدا ئۆزىگە پايدىلىق شەكىلدە قوللىنىشتىن ساقلاندى ۋە سىياسەتتىمۇ ئىمام ئىكەنلىكىنى « سىياسى ئەزىمەت »نى تاللاپ ئىسپاتلىدى.

كۆپ قان تۆككەنلىكى ئۈچۈن تارىختا « سەففاھ » ( قانخور ) دەپ ئاتالغان تۇنجى ئابباسى خەلىپىسى ئەبۇل ئابباس، خەلىپىلىككە ماقامىغا ئولتۇرۇپ بەرگەن ۋەدىلىرىنى ئۇنتۇپ، ئەمەۋىلەردىن ئەھلى بەيتنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىش باھانىسى بىلەن زۇلۇم قىلىشقا باشلىغاندا ئىمام سۈكۈتتە تۇردى. لېكىن سەففاھ ئۆلگىچە بەيئىتىنى بۇزغانلىقى توغرۇلۇق ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىدى. بۇ دەۋىردىكى پوزىتسىيىسىدىنمۇ شۇنى بىلىشكە بولىدىكى، ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان تاپالمىغانلىقتىن پۇشايمىنى ۋە ھەسرىتى ئىچىدە قالغان ئىدى.

خەلق شۇنچە پىداكارلىقتىن كېيىنمۇ سەلتەنەتنىڭ زومىگەر مۇشتىدىن يەنىلا قۇتۇلالمىغان ئىدى. پەقەت سەھنىدىكى ئارتىس ئالماشقان، ئوبراز ئۆزگەرمىگەنىدى. ئابباسى خانىدانلىقىنىڭ، سەلتەنەتنى نەبەۋى ئاساس ئۈستىگە بىنا قىلىشتىن ئىبارەت بىر نىيىتىنىڭ يوق ئىكەنلىكى ئۇزۇن ئۆتمەيلا ھەممىگە ئايان بولدى.

تارىختىن بېرى ئۆرنەكلىرى كۆرۈلگەندەك سەلتەنەتكە ساھىپ بولغۇچىنىڭ كۆزىنى قان قاپلىۋالاتتى. سەلتەنەتتىن ئايرىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن پايخان قىلمايدىغان قىممەت، ۋەيران قىلمايدىغان قۇرۇلما، تاجاۋۇز قىلمايدىغان چېگرالار يوق ئىدى.

ئەمەۋىلەرنىڭ زاۋال تېپىشىغا خەلق ئىچىدىن ھېچكىمنىڭ كۆڭلى يېرىم بولمىغان ئىدى. خەلىپىگە نامزات بولغان يېڭى كۈچنىڭ شۇئارى « بىز، قۇرئان ۋە سۈننەت يېتەكچىلىكىدە ئەلنى ئىدارە قىلىمىز. ئىجرائاتلىرىمىز ئاللاھ قويغان چەك – چېگرالاردىن ئاشمايدۇ » شەكلىدە ئىدى. ھىجرى 132- يىلى بەيئەت ئالغان قانخور ئەبۇل ئابباس خەلىققە مۇنداق ۋەدە قىلغان ئىدى: « ئۈمىت قىلىمەنكى، ھازىر ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان ئائىلىدىن زۇلۇم، زومىگەرلىك ۋە ناھەق مۇئامىلىگە ئۇچرىمايسىلەر، سىلەرگە ياقمايدىغان پوزىتسىيەگە دۇچ كەلمەيسىلەر ».

ئۇزۇن ئۆتمەيلا بۇ ۋەدىلىرىنىڭ نېمە مەنىنى ئىپادىلەيدىغانلىقى مەلۇم بولاتتى. ئابباسى قوشۇنى شامغا كىرگەندىن كېيىن ئەللىك مىڭ ئىنساننى قەتلى قىلىپ، ئۇمەييە جامىسىنى 70 كۈن ئېغىل قىلىپ ئىشلىتىدۇ. مۇئاۋىيەدىن تارتىپ بارلىق ئەمەۋى جەمەتىنىڭ قەبرىلىرى ئېچىپ، ئۆلۈكلەرنىڭ سۆڭەكلىرى يىغىپ، ھىشام بىن ئابدۇلمەلىكنىڭ تېخى چۈرۈپ كەتمىگەن جەسىتى قامچىلىنىدۇ. جەسەتلەر خەلققە سازايى قىلىنغاندىن كېيىن ئۆزىنى تۇتۇۋالالمىغان ھۆكۈمدارلار تەرىپىدىن كۆيدۈرۈپ تاشلىنىپ، كۈلى كۆككە سورىلىدۇ. ئەمەۋىلەرنىڭ ئۆكتىچىلەرگە قىلغانلىرىنى بۇ قېتىم ئابباسىلار ئۇلارغا قايتۇرغان، ھەتتا بۇ جەمەتكە مەنسۇپ بوۋاقلارمۇ « سىياسى قەتلىئام »غا ئۇچرىغانىدى. ئائىلە ئەزالىرىدىن بەزىلىرىنىڭ جەسەتلىرى سازايى قىلىنغاندىن كېيىن ئىتلارغا يەم قىلىنىدۇ.

تارىخى مەنبەلەرنىڭ نەقىل قىلغانلىرى بۇنىڭ بىلەن چەكلىك ئەمەس. بۇ جىنايەتلەردىن تېخىمۇ ۋەھشىراق بولغانلىرى باشقا رايۇنلاردا سادىر بولىدۇ. مەسىلەن مۇسۇلدىكى ئىسياننى باستۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن خەلىپىنىڭ قېرىندىشى يەھيا، « ئامانلىق » بەرگەن ئون مىڭ كىشىنى مەسجىدكە سولاپ كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ. يەھيانىڭ خىللانغان لۈكچەك لەشكەرلىرى مۇسۇلنىڭ مۇسۇلمان خانىملىرىغا بىر قانچە كۈن باسقۇنچىلىق قىلغانىدى.

ئىمام ئەبۇ ھەنىفىنىڭ جېنىغا قەست قىلغان ئەمەۋى ۋالىيسى ئىبىن خۇبەيرە ( ۋالىيلىقى: 127 – 132 ھىجرىيە ) خەلىپىنىڭ ئۆز قولى بىلەن يېزىپ بەرگەن ئاماننامىسىگىمۇ پىسەنت قىلىنماستىن، ۋەدىگە خىلاپ ھالدا ئۆلتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇمۇ ئەمەۋىلەرگە ئوخشاش قىلغان زۇلمىنىڭ جازاسىنى باشقا بىر زالىمنىڭ قولىدىن تارتقانىدى.

ئابباسى ئوغۇللىرى ھاكىميىتىنى پۇختىلىغاندىن كېيىن، ئىلگىرىكى ھاكىمىيەت بىلەن ئوخشاش ئۇسلۇپتا ئىش تۇتۇپ، زۇلۇمغا قارشى چىققان ئۆلىمالارنى ئۆلتۈرۈشكە باشلايدۇ. بۇلاردىن تۇنجى قۇربان مەشھۇر فىقىھ ئالىم ئىبراھىم ئىبنى مەيمۇن ئەسسائىغ ئىدى. ئىمام ئەزەمنىڭ دوستى بولغان بۇ زات، ئابباس ئوغۇللىرىنىڭ ۋەدىلىرىگە ئىشىنىپ، ئۇلارغا ھەر تۈرلۈك ياردەم قىلغان ئىدى. شۇنداق بولىشىغا قارىماي، ئۇلار ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىنلا، ئەبۇ مۇسلىمنىڭ قولى ئارقىلىق بۇ زاتنى خۇراساندا قەتلى قىلغان.

ئەبۇ جافەر مەنسۇر ھاكىمىيەتنى قولىغا ئالغان ۋاقىتتا، ئابباسىلارنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى ئوتتۇرىغا چىقتى. ھاكىمىيەتنى چاڭگىلىغا كىرگۈزىۋالغىچە ئەھلى بەيىتنىڭ پايخال قىلىنغان ھەقلىرىنى قوغداشنى داۋا قىلغانلار، سەلتەنەت تەختىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن ئەھلى بەيتنى ئەمەۋىلەردىنمۇ بەتتەر ئەزگەن ئىدى. خەلق ھەددىدىن زىيادە ھۆرمەت قىلىدىغان مۇھەممەد نەفسۇز زەكىييە ۋە قېرىندىشى ئىبراھىم، مەنسۇر تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغاندىن كېيىن يۇشۇرنۇپ يۈرىۋاتقان ئىدى. خەلىپە ئۇلارنىڭ تۇرىۋاتقان جايىنى بىلىش باھانىسى بىلەن، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە قىلمىغان ئەسكىلىكى قالمايدۇ. ئۇلارنى ياش – قېرى دەپ ئايرىماستىن زەنجىر بىلەن كىشەنلەپ، مەدىنىدىن ئىراققا كەلتۈرگەن ئىدى. ئىسيان كۆتۈرگەن ئىمام ئىبراھىمنىڭ ئوغلى مۇھەممەدنى تىرىك پېتىلا بىر تامنىڭ ئىچىگە تاشلاپ قەتىل قىلدى. يەنە ئىبراھىمنىڭ قېيىن ئاتىسىنى يالىڭاچلاپ 150 قامچا ئۇرغاندىن كېيىن، كاللىسىنى ئېلىپ خۇراساندا سازاي قىلغانىدى[2]. كېيىنچە نەفسۇز زەكىييەمۇ قەتلى قىلىنىپ، جەسىدى مەدىنىدە سەل تېغى ئەتراپىدىكى يەھۇدى مازارلىقىغا تاشلىۋېتىلگەنىدى. مانا بۇ نەفسۇز زەكىييە ۋە قېرىندىشى ئىبراھىم ئىمام ئەزەمنىڭ ئۇستازلىرىدىن ھەزرىتى ھەسەننىڭ نەۋرىسى ئابدۇللاھ بىن ھەسەننىڭ ئىككى ئوغلى ئىدى.

بۇ ئەسنادا قېرىپ قالغىنىغا قارىماستىن ئابدۇللاھ بىن ھەسەنمۇ زىندانغا تاشلانغان بولۇپ، قېيىن – قىستاقلارغا بەرداشلىق بېرەلمەي ئۇ يەردە ۋاپات بولىدۇ.

مەزكۇر قوزغىلاڭ ھىجرى 145- يىلدا ( مىلادى 762 – 763 ) مەيدانغا كەلگەنىدى. ئىمام مۇھەممەد نەفسۇز زەكىييە ۋە قېرىندىشى ئىبراھىم تەييارلىقىنى تا ئەمەۋى دەۋرىدە باشلىغان ئىدى. ھەتتا تابارى، خەلىپە مەنسۇرنىڭ نەفسۇز زەكىييەگە بەيئەت قىلغانلىقىنى يازىدۇ، توغرىسى بۇ ئىدى. ئۇ، خۇراسان، رەي، تابەرىستان، ئەل جەزىرە، يەمەن قاتارلىق ئەللەرگە دەۋەتچىلەر ئەۋەتىپ، ئۇ يەردىكى خەلقلەرنى بەيئەتكە چاقىرغانىدى. مەنسۇر بۇرۇندىن تارتىپ بۇ ھەرىكەتلەردىن خەۋەردار بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن قورقاتتى. نەفسۇز زەكىييە ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ ھەرىكىتى ئابباسىلار باشلىغان ھەرىكەت بىلەن ئۇچقاندەك كېڭەيگەن ئىدى. ئابباس ئوغۇللىرى ھاكىمىيەتنى قولىغا ئالغاندىن كېيىنلا، ئەمەۋىلەرنىڭ گۇمران بولىشىدا ئۆزلىرىدىن بەكرەك رولى بولغان ھەرىكەتلەرنى يوقۇتۇشنىڭ چارىسىنى ئىزدىگەن بولۇپ، باستۇرۇش ۋە زورلۇق – زۇمبۇلۇق قىلىشقا باشلىغانىدى.

بۇ بېسىملارغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن ئىمام مۇھەممەد مەدىنىدە، قېرىندىشى ئىبراھىم ئىراقتا ھىجرى 145 – يىلى قوزغىلاڭ كۆتۈردى. ئۇ ئەسنادا باغداتنى بىنا قىلدۇرىۋاتقان مەنسۇر ھاپىلا – شاپىلا كۇفەگە كېلىدۇ. قاتتىق چۆچۈپ كېتىپ، پۇتى كۆيگەن تۇخۇدەك تۇرالماي قالىدۇ. ئۇنىڭغا ئارقىمۇ ئارقا شەھەرلەرنىڭ قولىدىن چىقىپ كەتكەنلىك خەۋىرى يېتىپ كېلىۋاتقانىدى. مۇنداق كېتىۋەرسە سەلتەنەت قۇياشى پاتاتتى. دەرت – ئەلەمدىن كېچىسى ئۇيقۇسى قېچىپ، ھەر ۋاقىت قېچىپ كېتىش ئۈچۈن ئاتلىرىنى ئىگەرلىك تۇتاتتى. ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلى غەلىبىگە ئېرىشەلمىگەن قوزغىلاڭ، ئىمام مۇھەممەد بىلەن بىرلىكتە يۈزلىگەن كىشىنىڭ شاھادىتى بىلەن نەتىجىلىنىپ، قېرىندىشى ئىبراھىم ئىراقتا قوزغىلاڭنى داۋام قىلغان بولسىمۇ، ئاخىرىدا ئۇمۇ قەتلى قىلىنىدۇ[3].

[1]  م. ئەبۇ زەھرا، « تارىخۇل مەزاھىبىل ئىسلامىييە »، 350- بەت

[2]  تابارى، تارىخ، VII / 537 – 546

[3]  تابارى، تارىخ، VII/ 552 – 608