بۇ قوزغىلاڭلار يۈزبەرگەن مەزگىللەردە ئىمام ئەزەمنىڭ شۆھرىتى ھەر تەرەپكە تارقالغانىدى. ئۇنىڭ بۇ ئىككى قوزغىلاڭنى ئىككىلەنمەستىن قوللىغانلىقىنى جاسساس، مەككى، قەردەرى ۋە زەھەبى قاتارلىق مەنبەلەردىن بىلەلەيمىز.

قوزغىلاڭلار سەۋەبىدىن، ھاكىمىيەتنىڭ زۇلۇمىغا ھەممىدىن بەك ئۇچرىغان شەھەرلەردىن بىرسى كۇفە ئىدى. بۇ شەھەرلەردە ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ باھانە بىلەن شەرىئەتنىڭ پايخان قىلىنىشىغا يول ئېچىلغان، شەھەرلەردە دۆلەت تېرورى ئېلىپ بېرىلىغانىدى. ئەبۇ ھەنىفە بۇ شەرت – شارائىتقا قارىماستىن، ئىمام مۇھەممەدنىڭ قوزغىلىڭىنى قوللىغانىدى. بۇ شۇ دەرىجىگە يەتكەن بولۇپ، بۇ تەرەپتارلىق ئۇنىڭ ۋە تالىپلىرىنىڭ ھاياتىنى خېيىم – خەتەرگە ئاتىدىغان نوقتىغا بېرىپ قالغان ئىدى. ئۇ خەلقنى قوزغىلاڭغا قاتنىشىپ ئىمام ئىبراھىمغا بەيئەت قىلىشقا چاقىراتتى. تالىپلىرىمۇ ئۇستازىغا ئوخشاش تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولۇپ، ئىمامنىڭ دەرس ھالقىسى قوزغىلاڭنىڭ ئارقا سەپ ئورگىنىغا ئوخشاپ قالغانىدى.

ئىمامنىڭ بەزى تالىپلىرى خەلقنى قوزغىلاڭغا تەرغىپ قىلىش ئۈچۈن مۇنداق پەتىۋا بېرەتتى:

« ئىبراھىم بىلەن بىرلىكتە قوزغىلاڭغا قاتناشقانلارغا يەتمىش نەپلە ھەجنىڭ ساۋابى بار ».

جاسساس نەقىل قىلغان بىر مەلۇماتتا، ئىمام ۋە بەزى تالىپلىرىنىڭ زالىملارغا قارشى كۆتۈرۈلگەن بۇ قوزغىلاڭلارنى، كاپىرلار بىلەن قىلىنغان جىھادتىن ئەۋزەل دەپ قارىغانلىقىنى بىلەلەيمىز:

ئەبۇ ئىسھاق، ئەل فەزارىگە مۇنداق دېگەن:

« ئىبراھىمنىڭ قوزغىلىڭىغا قاتناشقان قېرىندىشىم ئېرىشكەن ئەجىر، سېنىڭ كاپىرلارغا قارشى قىلغان جىھادىڭنىڭ ئەجرىدىن تېخىمۇ خەيىرلىكتۇر ».

بۇ ئىجتىھادتىن مەلۇم بولىدۇكى، ئىمام ئەزەم ۋە تالىپلىرى ئۈممەتنىڭ ئىچكى سىياسىتىنى زۇلۇمدىن خالىي قىلىشنى، تاشقىرىدىكى كاپىرلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشتىن ئۈستۈن كۆرگەن بولۇپ، بۇ يولدا خىزمەت قىلغۇچىنىڭ باشقىلارغا قارىغاندا كۆپ ئەجىر ئالىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.

قەردەرى، ئىبراھىم بىن سۇۋەيد ئىسىملىك بىرسىدىن مۇنداق بىر مەلۇماتنى نەقىل قىلغان:

« ئىبراھىم بىن ئابدۇللاھ قوزغىلاڭ كۆتۈرگەندە ئەبۇ ھەنىفەدىن سوردۇم:

  • پەرز ھەجنى ئادا قىلغاندىن كېيىن، سېنىڭچە ئىبراھىمغا قوشۇلۇپ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە قوزغىلاڭ قىلىش ياكى ھەجگە بېرىشتىن قايسىسى ئەۋزەل؟
  • ئۇنىڭ قوزغىلىڭىغا قاتنىشىش ئەللىك ھەجدىن ئەۋزەلدۇر، – دېدى ».

« مەناقىبۇ ئىمام ئەزەم »نىڭ ئاپتۇرى قەردەرىنىڭ رىۋايەت زەنجىرى بىلەن بىزگە يەتكۈزگەن ئۆرنەكلىرىدىن بىرسى تۆۋەندىكىچە:

« ئىبراھىم قوزغىلىڭىدا بىر ئايال ئەبۇ ھەنىفىنىڭ يېنىغا كېلىپ:

  • ئوغلۇم ئىبراھىم بىن ئابدۇللاھ بىلەن بىرلىكتە ھاكىمىيەتكە قارشى ئۇرۇش قىلماقچى، مەن بۇنىڭغا قوشۇلمىدىم. بۇنىڭغا قانداق قارايسەن؟
  • ئۇنىڭ يولىنى توسما ».

ھەسەن بىن ئابدۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: « نەفسۇز زەكىييە ئابباسىلار تەرىپىدىن مەدىنىدە شېھىت قىلىنغاندا ئىمام ئەزەمنى كۆردۈم، يىغلاپ كۆزى قىزىپ كەتكەنىدى ».

ئىمام ئەبۇ ھەنىفىنىڭ  قوزغىلاڭچىلارغا بەرگەن ئىقتىسادىي ۋە مەنىۋىي ياردىمى بۇلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىغان بولۇپ، گەرچە قوزغىلاڭغا قاتناشمىغان بولسىمۇ، قاتنىشىپ كۆرسىتىدىغان پايدىدىن نەچچە ھەسسە پايدىلىق بولغان خىزمەتنى قىلغان ئىدى. ئۇ، خىلاپەت قوشۇنى باش سەركەردىسى ھەسەن بىن كاھتابانى ئىمام ئىبراھىمغا ھۇجۇم قىلىشتىن توسقانىدى. ھەسەننىڭ دادىسى كاھتابا، ئەبۇ مۇسلىم بىلەن بىرلىكتە ئابباسىي ھاكىمىيىتىنى تىكلىگەن ئىككىنچى كىشى ئىدى. ھاكىمىيەت ئالماشقاندىن كېيىن، كۆرسەتكەن خىزمىتى ئۈچۈن باش سەركەردە قىلىپ تەيىنلەنگەن، ئۆلگەندىن كېيىن ئوغلى بۇ ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن ئىدى. جەسۇرلىقى بىلەن داڭ چىقارغان ھەسەن بىن كاھتابا، ئىچكى ئىسيانلارنى باستۇرۇشتىكى ئۇتۇقى سەۋەبىدىن خەلىپە ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان سەركەردە ئىدى. كۇفەگە كەلگەندە، ئىمام ئەزەمنىڭ ئىجتىھادىغا رىئايە قىلىپ، ئۇنىڭ مەجلىسىگە قوشۇلغان. بىر كۈنى ئىمام ئەزەمدىن:

  • مېنىڭ قانداق ۋەزىپەم بارلىقىنى ۋە بۇ سەۋەپتىن قانداق ئىشلارنى قىلغانلىقىمنى بىلسەن. مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق مەن ئۈچۈن تەۋبە پۇرسىتى بارمۇ؟ دەپ سورايدۇ.
  • شۇنداق، بار.
  • بۇ قانداق بولىدۇ؟
  • ئاللاھ، سېنىڭ نىيىتىڭدە سادىق ۋە تەۋبەڭدە سەمىمىي ئىكەنلىكىڭنى بىلىدۇ. ساڭا شۇلارنى قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. يەنى، بۇنىڭدىن كېيىن ئۆلتۈرۈلىدىغان بولساڭمۇ، بىر مۇسۇلماننىڭ جېنىغا زامىن بولۇشتىن ۋازكەچسەڭ، ئۆتمۈشتە قىلغانلىرىڭنى قايتا سادىر قىلماسلىققا ۋەدە بېرىپ، بۇ ۋەدەڭدە چىڭ تۇرساڭ، مانا بۇ ۋاقىتتا تەۋبە قىلغان بولىسەن.
  • قىلچە شۈبھەڭ بولمىسۇنكى، ئېيتقانلىرىڭنىڭ ھەممىسىنى قىلىشنى قوبۇل قىلدىم. بىر مۇسۇلماننىڭ خۇنىنى تۆكمەسلىكتىن تارتىپ بارلىق ئەمەللىرىمدە ئاللاھ قا بەرگەن بۇ سۆزۈمدىن يانمايمەن.

ئىمام ئىبراھىم قوزغىلاڭ كۆتۈرگەندە، خەلىپە بۇ قوزغىلاڭنى باستۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۇنىڭغا تاپشۇردى. ئۇ ئۇدۇل ئۇستازى ئەبۇ ھەنىفىنىڭ يېنىغا كېلىپ:

  • بۇ كىشى ماڭا شەررنى ئەمىر قىلىۋاتىدۇ، دېدى. ئىمام ئۇنىڭغا:
  • قېنى ئەمدى ئاللاھ قا بەرگەن ۋەدەڭگە ئەمەل قىلىدىغان ۋاقىت كەلدى. ئەستە تۇتقىنىڭدەك ئاللاھ قا ۋەدە بەرگەن ئىدىڭ. ئەگەر بۇ ۋەدەڭدە چىڭ تۇرساڭ، ئاللاھ تەۋبەڭنى قوبۇل قىلىدۇ. ئەگەر تەۋبەڭدىن يانساڭ، تەۋبەڭنى ھۆكمى قالمايدۇ ۋە ئۆتمۈشتە قىلغان زۇلۇمغا قايتىپ، ئۇلارنىڭمۇ جازاسىنى تارتىسەن، دەپ جاۋاپ بەردى.

ھەسەن: « ئاللاھ شاھىدىم بولسۇنكى، بۇ ئۇرۇشقا قاتناشمايمەن » دەپ مەنسۇرنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇنىڭغا مۇنداق دەپ ئۆزۈر بايان قىلدى:

« ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! بۈگۈنگىچە سېنىڭ خىزمىتىڭنى قىلدىم ۋە ئەمىر – پەرمانىڭنى ئادا قىلدىم. ئەگەر بۇ قىلغانلىرىم ئاللاھ قا ئىبادەت بولىدىغان بولسا، بۇ ماڭا كۇپايە. ياق، ئەگەر بۇلار ئاللاھ قا ئىسيان قىلغانلىق بولسا، بۇنىڭدىن كېيىن بۇ گۇناھنى سادىر قىلىشنى خالىمايمەن. مېنى بۇ ئىشتا ئۆزۈرلىك كۆرگىن ».

سەركەردىنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ غەزەپلەنگەن مەنسۇر، ئۇنى تۇتقۇن قىلىشقا بۇيرىدى. ھەسەننىڭ قېرىندىشى ھامىد، مەنسۇرغا مۇنداق دېدى:

  • ھەسەن يىل بېشىدىن بۇيان غەلىتە بولۇپ قالدى. ھەسەنگە بىر ئىشلار بولغان ئوخشايدۇ، مېڭىسىدە مەسىلە بارمىكىن دەپ ئەنسىرەيمەن. ئۇنى قويۇپ بەرگىن، بۇ ئىشنى مەن بىر تەرەپ قىلاي.

مەنسۇر ئىشنىڭ تەكتىگە يېتىپ، بۇ ئىشنىڭ مەنبەسىنى بىلمەكچى بولدى:

  • ھەسەن قايسى فاقىھنىڭ يېنىغا بېرىپ – كېلىۋاتىدۇ؟
  • ئەبۇ ھەنىفىنىڭ مەجلىسىگە قاتنىشىۋاتقانىدى.

ئىمام ئەزەمنى سىياسەتتە « ئىمام / يېتەكچى » قىلغان بۇ مۇرەسسەسىز مەيدانى، ئۇنىڭ ئىجتىھادلىرى ھۆكمىدەدۇر. تارىختا ئاز كۆرۈلىدىغان بۇ ئۈلگىلىك پوزىتسىيە نەزەردە تۇتۇلماي تۇرۇپ، ئىمام ئەزەمنىڭ فىقىھ ۋە قۇرغۇچىسى بولغان « ئەھلى سۈننەت ئەقىدە »سىنى تولۇق مەنىسى بىلەن چۈشەنگىلى بولمايدۇ.

ئىمام بۇ مۇرەسسەسىز مەيدانىدا شۇنداق چىڭ تۇرغان بولۇپ، تالىپلىرىدىن زۇفەر بىن ھۇزەيل ئۇنىڭدىن نەقىل قىلغان شۇ سۆزلىرى، ئىمامنىڭ زۇلۇم تۈزۈملىرى ئالدىدىكى مۇئامىلىسىنى روشەن كۆرسىتىپ بېرىدۇ:

« ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بوينىمىزغا ئارقان سېلىپ سۆرەپ ماڭغان تەقدىردىمۇ ۋەدىمىزنى بۇزمايمىز ». بۇنىڭدىن ئەبۇ ھەنىفىنىڭ ئىمام زەيدكە بەيئەت قىلغاندەك، ئىمام ئىبراھىمغىمۇ بەيئەت قىلغانلىقىنى بىلىۋالالايمىز.

ئۆزىنى ئۇنىڭ مەزھىبىگە نىسبەت قىلغانلاردىن بەزىلىرى، ئىسلامنىڭ ئىززىتىگە لايىق بولمىغان پوزىتسىيىسىنى يوللۇق قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن ھەقىقەتنى يېپىشقا ۋە تەۋىل ( ئىزاھلاشقا ) قىلىشقا تىرىشسىمۇ، ئەبۇ ھەنىفىنىڭ بۇ سىياسىي پوزىتسىيىسى ھەنەفى فىقىھىدىمۇ ئۆزىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. بۇ فىقىھ ئېقىمىنىڭ ئىككى مەشھۇر ئىمامى سەرھاسى ۋە ئەبۇ بەكىر ئەل جاسساس قايتا – قايتا تەكىتلىگەن بۇ پوزىتسىيىنىڭ فىقىھ ھۆكۈملىرى ھەققىدە كېيىنكى بابلاردا توختىلىپ ئۆتىمىز.

خەلىپە بۇ مۇئامىلىدىن شۇنداق بىئارام بولغان بولسىمۇ، ئىمامنىڭ خەلق ئارىسىدىكى نوپۇزى سەۋەپلىك بىر باھانە تېپىپ ئۇنىڭدىن ئىنتىقام ئالالمىغانىدى. شۇڭا ئالدى بىلەن ئىمامنى يېنىغا تارتماقچى بولۇپ، بۇنى پۇل ئارقىلىق سىناپ، بۈگۈنمۇ رولىنى ئاكتىپ جارى قىلدۇرىۋاتقان ۋە خېرىدارى ئاز بولمىغان بۇ « سېتىۋېلىش » تاكتىكىسىنى ئىشقا سالغانىدى.

ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ئۆزىگە پات – پات ھەدىيەلەر ئەۋەتىپ تۇرغان خەلىپە مەنسۇرنىڭ بۇ ھەدىيەلىرىنى، مۇۋاپىق شەكىلدە چىرايلىقچە رەت قىلاتتى. شۇنىڭ بىلەن خەلىپىنىڭ ئىمامغا بولغان نەپرىتى ئاشقانىدى.

خەلقنىڭ مال – مۈلكى بولغان دۆلەت غەزىنىسىنى خالىغانچە ئىشلەتكەن ھۆكۈمدارلارغا تەقدىم قىلىنغان ھەدىيەلەرنىمۇ جائىز دەپ قارىمىغان ئىمام، ھېچقانداق بىر دەۋردە سەلتەنەت ھۆكۈمدارلىرى ئەۋەتكەن ھەدىيەلەرنى قوبۇل قىلمىغانىدى. ئۇ ئەۋەتىلگەن ھەدىيەلەرنىڭ خەلقنىڭ ھەققى بولغان دۆلەت غەزىنىسىدىن ئەمەس، شەخسنىڭ ئۆزىگە ئائىت بىساتى ئىچىدىن بولغاندا، ئاندىن شەرىئەتكە مۇۋاپىق بولىدىغانلىقىنى ئېيتاتتى. ئەۋەتىلگەن ھەدىيەلەرنىڭ قوبۇل قىلىنمىغانلىقى خەلىپە مەنسۇرغا ھار كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن ئىمام ئارىسىدىكى تۆۋەندىكى دىئالوگ بۇنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ:

  • ھەدىيەلەرنى نېمە ئۈچۈن قوبۇل قىلمىدىڭ؟
  • شەخسىي مۈلكىڭدىن بىر ھەدىيە كەلگەن بولسا قوبۇل قىلاتتىم. سەن ماڭا ئۈممەتنىڭ غەزىنىسىدىن ئالغان نەرسىنى ھەدىيە قىلىپ ئەۋەتتىڭ. ھالبۇكى، ئۈممەتنىڭ مېلىدا مېنىڭ ھەققىم يوق. مەن لەشكەر ئەمەس، ھەم بۇنداق بىرسىنىڭ پەرزەنتىمۇ ئەمەس. يوقسۇل بىرىمۇ ئەمەسمەن، شۇڭا غەزىنىدىن ئايرىپ بېرىلگەن ھەدىيەگە ھاجىتىم يوق. بۇ سەۋەپتىن ئەۋەتكەن نەرسىلىرىڭنى ئالالمايمەن.

ئۇنىڭدىن كېيىن مەنسۇر، ئىمامغا باش قازىلىق مەنسىپىنى تەكلىپ قىلدى، ئىمام بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلمىغاندا 30 قامچا ئۇرغۇزدى. خەلىپىنىڭ تاغىسى ئابدۇس سەمەد ئىمامنىڭ قان ئىچىدە قالغانلىقىنى كۆرۈپ، جىيەنىنى مۇنداق ئاگاھلاندۇردى:

« سەن نېمە قىلىۋاتىسەن؟ بۇ پەقەت ئىراقنىڭ ئەمەس، پۈتۈن شەرقنىڭ فاقىھىدۇر. بۇنداق قىلىش بىلەن ئۆزەڭگە قارشى يۈز مىڭ قىلىچ پەيدا قىلدىڭ ».

پۇشايمان قىلىپ، كەچۈرۈم سورىغان مەنسۇر، ھەر قامچا ئۈچۈن مىڭ دەرھەمدىن ئوتتۇز مىڭ دەرھەم تۆلەم بېرىشكە بۇيرىدى. لېكىن ئىمام ئەبۇ ھەنىفە بۇنى رەت قىلىپ:

« بۇلارنى ئېلىپ خەيىرلىك ئىشلارغا سەرپ قىلىڭلار » دەپ جاۋاپ بەردى. ئاندىن: « مەنسۇردا خەيرى – ھەسەناتقا ئىشلەتكىدەك ھالال پۇل نېمە ئىش قىلسۇن؟ » دەپ قوشۇپ قويدى.

يەنە بىر قېتىم، مەنسۇر بىلەن ئارىسىدىكى كېلىشەلمەسلىك ھەققىدە ھۆكۈم بېرىپ، بۇ ئىشىنى ھەل قىلىپ بەرگەن ئىمام ئەبۇ ھەنىفىگە، خەلىپىنىڭ رەپىقىسى، تون، جارىيە ۋە بىر خېچىر ھەدىيە ئەۋەتكەن. لېكىن ئىمام: « مەن بۇ ئىشنى پۇل ئۈچۈن قىلمىدىم » دەپ قايتۇرىۋەتكەن.

شۇنداق بولسىمۇ، يەنە قىلماقچى بولغان ئىشلىرى ھەققىدە پات – پات ئىمام ئەبۇ ھەنىفەدىن پەتىۋا سوراپ تۇرغان مەنسۇر، مۇسۇل خەلقى ئىسيان كۆتۈرگەندە ئالىملارنىڭ بۇ ھەقتىكى پىكرىنى ئالماقچى بولدى. مۇسۇللۇقلار ھىجرى 138 – ( مىلادى 765 ) يىلى مەنسۇرغا قارشى ئىسيان كۆتۈرگەن بولۇپ، خەلىپە ئىسياننى باستۇرغاندىن كېيىن يەنە مۇشۇنداق قىلسا شەھەرنى ۋەيران قىلىپ، قېنى ۋە مېلىنى ھالال دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. شۇنداقتىمۇ خەلق يەنە ئىسيان كۆتۈرگەن ئىدى. خەلىپە ئۇلارنى پۈتۈنلەي قىرىپ تاشلاشنى نىيىتىگە پۈككەن بولۇپ، بۇنىڭغا قارىتا كېلىدىغان ئىنكاسلارغا ئۈچۈن ئالدىنئالا جاۋاپ تەييارلاش مەقسىتىدە ئالىملاردىن پەتىۋا ئېلىشنى مۇۋاپىق كۆرگەنىدى. ئۇ مۇنداق سەۋەپ كۆرسەتتى:

« رەسۇلۇللاھ، مۇئمىنلەر بەرگەن ۋەدىسىگە سادىق بولغۇچىلار دېمىگەنمىدى؟ مۇسۇل خەلقى ماڭا قارشى ئىسيان قىلمايدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بېرىپ تۇرۇپ، يەنە ئىسيان كۆتۈردى. ھەمدە مېنىڭ باج يىغقۇچى ئەمەلدارىمغا قارشى چىقتى. بۇلارنىڭ قېنى ماڭا ھالال ».

سورۇندىكى ئالىملار خەلىپىنىڭ مەقسىدىنىڭ پەتىۋا سوراش ئەمەس، بەرگەن قارارىنى تەستىقلىتىش ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتكەندىن كېيىن، ئۇنى تەستىقلىغان تەرىزدە سۆز قىلىشتى:

« سەن نېمىنى خالىساڭ شۇنى قىلالايسەن. ئۇلارنى ئەپۇ قىلساڭمۇ بولىدۇ. بۇ سېنىڭ ئالىيجاناپلىقىڭنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما ئۇلارنى جازالاندۇرساڭمۇ بولىدۇ. بۇ ئەھۋالدا ئۇلار جازاغا لايىق بولاپتۇ. بۇ ئىككى يولدىن بىرنى تۇتۇش، خەلىپىنىڭ ئىختىياردىكى ئىش ».

مەنسۇر ھېچ گەپ قىلماي، گەپكە قۇلاق سېلىپ ئولتۇرغان ئەبۇ ھەنىفىگە قاراپ:

– ئۇستاز، بۇ ئىشتا سېنىڭ قارىشىڭ نېمە؟ ياكى بىز نەبەۋى بىر خىلاپەت ئۈستىدە ئەمەسمۇ؟

ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ناھايىتى ياخشى بىلىدىغان مەنسۇرنىڭ، جاۋابى ئىچىدە بولغان بۇ كىنايىلىك سوئالىغا ئىمام تۆۋەندىكى تارىخى جاۋاپنى بېرىدۇ:

  • ئۇلار ساڭا ئۆزلىرىگىمۇ ھالال بولمايدىغان بىر نەرسىنى، قانلىرىنى شەرت قوشۇپتۇ. ھالبۇكى ئىسلام شەرىئىتىدە بۇ نە ساڭا، نە ئۇلارغا بېرىلگەن ھەقتۇر. مەسىلەن، بىر ئايال ئۆزىنى ئۆز رىزاسى بىلەن باشقا بىر ئەر كىشىگە تاپشۇرسا، ئۇ ئايالنىڭ ئىپپىتى ئۇ ئەر كىشىگە ھالال بولامدۇ؟ يەنە بۇنىڭغا ئوخشاش، بىرسى باشقا بىر كىشىگە « كەل، مېنى ئۆلتۈر » دېسە ۋە ھېلىقى كىشى ئۇنى ئۆلتۈرسە، بۇ ھالال ۋە جائىز بولامدۇ؟ فىدىيە بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. مۇسۇلماننىڭ قېنى ئۈچ شەكىلدە ھالال بولىدۇ ( جانغا جان، ئىماندىن كېيىن كۇپۇر، توي قىلغاندىن كېيىن زىنا ). بۇلاردىن ھېچبىرسى بۇ ئىشتا بولمىغانلىقىغا قارىغاندا، مۇسۇل خەلقىنى قويۇپ بەر. ئۇلارنىڭ قېنىنى تۆكسەڭ، زۇلۇم قىلغان بولىسەن. ئاللاھ نىڭ شەرتى، بەندىنىڭ شەرتىگە قارىغاندا ھەممىدىن بەك ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىكتۇر.

مەنسۇر قالغان فاقىھلەرنى يولغا سېلىۋەتكەندىن كېيىن، ئىمام ئەزەمگە مۇنداق دېدى:

  • سۆزلىرىڭگە ئوخشاش ئىجتىھادلىرىڭمۇ توغرا. لېكىن بۇ قىلغىنىڭ ئەيىپ. ئۆيۈڭگە قايتىپ كەت، كىشىلەرنى ماڭا قارشى چىقىشقا ئىلھاملاندۇرىدىغان ھۆكۈملەر بەرمە. قولۇم خارىجىلەرنىڭ ياقىسىدا بولىدۇ ».

ئىمام ئەزەم زالىم ھاكىمىيەتلەرگە قارشى ئېلىپ بارغان چارەك ئەسىرلىك كۆرىشىدە بوشىشىپ قالمىغانىدى. بىر تەرەپتىن ھاكىمىيەتنىڭ زۇلۇمىغا قارشى تۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئاشقۇن پىرقىلەرنىڭ تەھدىدىگە دۇچ كەلگەنىدى. ھاكىمىيەت ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش قارارىغا كەلگەن بولسىمۇ، بۇ ئىشنى ئىلگىرىكىدەك ئۆزىگە زىيان كېلىدىغان شەكىلدە قىلىشتىن تەپ تارتاتتى. ئىمامنىڭ خەلق ئارىسىدىكى ئورنىنى بىلگەن مەنسۇر، قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇنى باش قازىلىق ماقامىغا تەكلىپ قىلغانىدى. بۇ ئارقىلىق ئۆزىگە قاتتىق تەھدىت بولۇۋاتقان ۋە ئىسلامىي پىرىنسىپلاردا ھېچقانداق شەكىلدە مۇرەسسە قىلمىغان ئىمامنى جىمىقتۇرۇشنى مەقسەت قىلغانىدى. ئاخىرقى نەپىسىگىچە ھاكىمىيەتنى قېيناپ كەلگەن ئىمام ئەبۇ ھەنىفە، شاھادىتى بىلەن ئىسلام سىياسەت تارىخىدا  بىر داستان يازغانىدى.