ئىمام ئەزەمنىڭ ئىمام زەيد قوزغىلىڭىغا بولغان پوزىتسىيىسى ۋە قارىشىنى خۇلاسىلىسەك:

  • زالىم ھاكىمىيەتنىڭ زۇلۇمىغا قارشى چىقىشنى، رەسۇلۇللاھنىڭ « بەدىر ئۇرۇشى »دەك زۆرۈر ۋە تەقدىرلەشكە ئەرزىيدىغان بىر پوزىتسىيە دەپ قارىغان بولۇپ، زۇلۇم ۋە زالىملارنى، بۇ ئوخشىتىش ئارقىلىق ھېچقانداق ئىزاھاتقا يوچۇق قويمىغان ئاساستا رەت قىلغانىدى.
  • زالىم سۇلتانغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان قوزغىلاڭنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكىنى تەستىقلاپ، مۇنداق ھۆكۈم بەرگەنىدى: « چۈنكى ھەقىقى ئىمام / يېتەكچى ئۇدۇر ». ئىمام ئەزەمنىڭ بۇ يەردە ئىككىدىن بىرنى تاللىشىنىڭ ئۆلچىمى، « مەۋجۇت بولغان » بىلەن، « بولىشى كېرەك بولغان » ئارىسىدىكى « شەرىئەتكە مۇۋاپىق بولۇش » ئىدى. ئۇ، « مەۋجۇت بولغان »نى ئەمەس، « بولىشى كېرەك بولغان »نى تاللىغانىدى. بۇ پوزىتسىيىسى ئارقىلىق، ماۋەردى ۋە ئىبن خالدۇن قاتارلىق زاتلار كېيىن ئوتتۇرىغا قويۇپ سىستېمىلاشتۇرغان، بەزىلەر قەستەن ئەھلى سۈننەتنىڭ پوزىتسىيىسى دەپ تېڭىشقا ئۇرۇنغان « دۆلەتچى » سىياسەت نەزىرىيىسىنى يىلىتىزدىن رەت قىلغانىدى.
  • ئۆزرە خاھلىق مەسىلىسىدە، ئىمام شەرئى بىر ئۆزرە كۆرسىتىش كېرەكلىكىنى ھېس قىلغان، ئۆزرىسىنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن « ئىبن ئەبى لەيلاغا بەرمەكچى بولدۇم، قوبۇل قىلمىدى » دېگەندەك بىر ئىزاھاتنى زۆرۈر دەپ قارىغان. ئىمامنىڭ ئالىيجاناپ خاراكتېرى ۋە جاسارىتىنى بىلىدىغانلار، ئۇنىڭ ئۆزرە ئېيتقاندىمۇ ئەستايىل بولغانلىقىغا ئىشىنىشى كېرەك. باھانە توقۇپ چىققانلىقىغا ئىشنىش ئۇنىڭغا ھاقارەت قىلغانلىقتۇر. « … ( قوزغىلاڭنىڭ غەلبىلىك بولىدىغانلىقىغا ) ئىشەنگەن بولسا ئۇنىڭغا قوشۇلغان ۋە ئۇنىڭ ئارقىسىدا جىھاد قىلاتتىم » دېگەنلىكى، ئۆزرىسىنىڭ يوللۇق ۋە مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش بىلەن بىرگە، قوزغىلاڭنى چىن دىلىدىن قوللىغانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى ئىدى. ئۇ مۇشۇنداق بىر قوزغىلاڭغا ئۆزرىسىز قوشۇلماسلىقنى جائىز دەپ قارىمىغان، ئۆزىمۇ مەۋجۇت خەلىپىگە قارىماستىن، « ھەق ئىمام » دەپ ئېتىراپ قىلغان ئىمام زەيدتىن ئۆزرىسىنى قوبۇل قىلىشنى ئۆتۈنگەن.
  • يوللۇق دەپ قارىغان بىر قوزغىلاڭنى ئۆزرىسى سەۋەپلىك جېنى بىلەن قوللىيالمىغان ۋە قوزغىلاڭ يېتەكچىسىدىن بۇ ھەقتە ئۆزرىسى بار دەپ قارىشىنى ئۆتۈنگەن ئىمام ئەزەم، قوزغىلاڭنى مېلى بىلەن قوللىغان. ئۇ دەۋردە خېلى كۆپ دەپ قارىلىدىغان مىقداردىكى پۇلنى ئىمام زەيدنىڭ ئەلچىسىگە بېرىپ، ئۆزرىسىنىڭ كاپارىتىنى ئىقتىسادىي ياردەم بىلەن ئۆتىمەكچى بولغان.

« ئەگەر مەن ۋە ئوغلۇم يالغۇز قالغان تەقدىردىمۇ يەنىلا سەلتەنەتكە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرەتتۇق. ئىمام / يېتەكچى، ئۇچىسىغا تون كېيىشنى جايلاپ قىلالىغان كىشى ئەمەس، ئەكسىچە قىلىچ ئوينىتىشنى بىلگەن كىشىدۇر ».

تارىخچىلار گەرچە ئىمام زەيدنىڭ بۇ ئېسىل جۈملىسىنى نەقىل قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئاقىۋىتى پاجىئەگە ئايلانغان بۇ قوزغىلاڭدىن ئىبرەت ئېلىشقا تېگىشلىك بەزى نوقتىلار بار:

ھىجرى 120 ( مىلادى 738 ) دە يۈزبەرگەن ئىمام زەيد قوزغىلىڭى ھەقىقەتەن ئالدىراپ كۆتۈرۈلگەنىدى. بىر شاھىت بولۇش مەسىلىسى باھانىسى بىلەن مەدىنىدىن كۇفەگە ئېلىپ كېلىنگەن ئىمام زەيد، كۇفەلىك شىئەلەر تەرىپىدىن قايىل قىلىنىدۇ. ئىچ – ئىچىدىن قايناۋاتقان ئىجتىمائىي نارازىلىق، ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۆزىنى نامايەن قىلغانىدى. ئىمام زەيد كۇفەگە كېلىشى بىلەن خەلق ئۇنى كۈتۈلمىگەن بىر قىزغىنلىق ۋە ھۆرمەت بىلەن كۈتىۋالغان بولۇپ، ئالدىنقى قېتىملىق خىيانەت ( كەربالا )نىڭ ئىزتىراپىنى يۈرىكىدە پەيدا بولغان بىر ئۆسمىدەك چوڭ قىلغانلار، خىيانىتىنىڭ بەدىلىنى ئۆتەپ ۋىجدانىنى بۇ يۈكتىن خالىي قىلىش مەقسىتىدە ئىمام زەيدنى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە تەشۋىق قىلغان. ئىماممۇ بېرىلگەن ۋەدە ۋە ئۆزىگە كۆرسىتىلگەن قىزغىن مۇئامىلىگە قاراپ، قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە رازى بولغانىدى. لېكىن ئالتە ئاي ئىچىدە پۈتتۈرۈش پىلانلانغان تەييارلىقلار، تەشكىللىنەلمەسلىك ۋە ھەممىدىن مۇھىمى كۇفە خەلقىنىڭ ھەممىگە مەلۇم بولغان خىيانىتى، بۇ ھەرىكەتنىڭ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپلەر ئىدى.

ئىمام ئەزەم بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىر كۇفەلىك بولۇش سۈپىتى بىلەن بىلەتتى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئىمام ئەزەم ئۇ كۈنلەردە ئۇستازى ھاممادنىڭ ئورنىغا ئولتۇرمىغان، ئۆزىمۇ تېخى « شەرقنىڭ فاقىھى » دەپ ئاتالمىغان بولۇپ، قوزغىلاڭغا قاتناشقان تەقدىردىمۇ بىر ئەزا سۈپىتىدە قالاتتى. كېيىنكى مەزگىللەردە ئىمام ئەزەمنىڭ شۆھرىتى ئېشىشقا باشلىغان بولۇپ، بۇ سەۋەپتىن ئۇ، ھاكىمىيەت ئۈچۈن خەۋپ تەشكىل قىلغان ئىدى.

ئەسلىدە ئىمام، سەلتەنەتكە قارشى تۇرغان ئالىملارنىڭ نە تۇنجىسى، نە ئاخىرقىسى ئىدى. ئۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ ئىلىمىنىڭ ئىززىتىنى ساقلىغان بىر ئىماملار زەنجىرى بار ئىدى. ھەزرىتى ھۈسەيىن ئۆرنىكى ھەممىگە مەلۇم بولغانلىقتىن ئۇنى قايتا تەكرارلىمايمەن.

ئۇ دەۋردە ھاكىمىيەت بىلەن ياخشى ئۆتكەن ئالىم، خەلق نەزرىدە ئۆزىنىڭ گورىنى كولىغان بىلەن ئوخشاش ئىدى. ئۇ دەۋردە « سۈكۈتتىكى كۆپ سانلىق » دېيىلگەن خەلقتە شۇنداق بىر ئىجتىمائىي ئەخلاق مەۋجۇد بولۇپ، ئەگەر بىر فاقىھنى سۇلتان سارىيىنىڭ ئىشكى ئالدىدا كۆرۈپ قالسا، ئۇ فاقىھ خەلقنىڭ نەزرىدىن چۈشۈپ كېتەتتى، ھېچكىم ھۆرمەت قىلمايتتى. ھېچكىم ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ مەسلىھەت سورىمايتتى ۋە خەلق ئىچىدىكى ئىناۋىتىمۇ قالمايدىغان بولۇپ، « سۇلتان ئالىمى » دەپ ئاتىلاتتى. مانا بۇ ئەھۋال بەزى ئالىملارنى ھۆكۈمەت بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇشتىن توسقانىدى. لېكىن ئالىملارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى ھەقسىزلىققە ۋە زۇلۇمغا شېرىك بولۇپ قالماسلىقتىن ئىبارەت سەمىمىي ۋە ئالىيجاناپ ھېس – تۇيغۇلار بىلەن ھاكىمىيەتتىن يىراق تۇرغانىدى. مەسىلەن، سەئىد بىن جۇبەير، ئەش شابى، ئىبن ئەبى لەيلا، ئەبۇل بەھتەرى قاتارلىق ئالدىنقى قاتاردىكى فاقىھلەر، ئەمەۋىلەرگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن ئابدۇرراھمان ئىبن ئەل ئەشئاسنى قوللىغانىدى.

سەئىد بىن جۇبەير ئىبن ئەشئاسنىڭ قوزغىلىڭىنى قوللاپ مۇنداق دېگەن:

« ئۇلارغا قارشى پۈتۈن ئىخلاسىڭلار بىلەن ئۇرۇش قىلىڭلار. چۈنكى ئۇلار زۇلۇم بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتىدۇ. ئىسلامنىڭ ئەمىر – پەرمانىغا قۇلاق سالمايۋاتىدۇ. ئاجىزلارنى بوزەك قىلىپ، نامازنى تاشلاۋاتىدۇ ».

ئىمام ئەزەمنىڭ ئۇستازلىرىدىن شابىنىڭ ئەمەۋىلەر ھەققىدىكى پەتىۋاسى مۇنداق:

« ئى مۇسۇلمانلار! ئۇلار بىلەن جەڭ قىلىڭلار. ئۇلار بىلەن جەڭ قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن جاۋاپكارلىققا تارتىلمايسىلەر. ئاللاھ قا قەسەمكى، بۈگۈن يەر يۈزىدە ھۆكۈم قىلىشتا ئۇلاردىن بەكرەك زالىم ۋە گۇناھكار بىر قەۋمنى بىلمەيمەن ».

مەشھۇر فاقىھ ئىبن ئەبى لەيلا بۇ ۋەقەلەر ھەققىدە مۇنداق دېگەن:

« ئى مۇئمىنلەر! ھەقنى بىلمەيدىغان، بىدىئەتلەرنى ھالال قىلغان بۇ نادانلار گۇرۇھىغا قارشى جەڭ قىلىڭلار ».

ھىجرى 130 – يىللارغا كەلگەندە، ئەمەۋى سەلتەنەتى ھەر تەرەپتىن چاك كەتتى. ئاغدۇرۇلۇپ كېتىشىگە ئاز قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتكەن ھۆكۈمدارلار، بۇنى ئارقىغا تارتىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان بارلىق تەدبىرلەرنى ئىشقا سالدى.

ئەمەۋىلەرنىڭ ئىراقتىكى ئاخىرقى ۋالىيسى ئۆمەر ئىبنى خۇبەيرە بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بەزى تەدبىرلەرنى ئىشقا سالدى. بۇلاردىن بىرسى فاقىھلەرنىڭ ئىتىبارىدىن پايدىلىنىش ئىدى. بۇ ئارقىلىق ھەم فاقىھلەرنىڭ ئۆزلىرىگە قارشى چىقىشىدىن خاتىرجەم بولاتتى، ھەم خەلقنىڭ نەزرىدىن چۈشۈپ كەتكەن ئەمەۋىلەرنىڭ ئوبرازىنى قايتىدىن تىكلەيتتى. ئىبن ئەبى لەيلا، داۋۇد بىن ھىند، ئىبن شۇبرۇمە ۋە باشقا مەشھۇر فاقىھلەرنى سارىيىغا چاقىردى ۋە ئۇلارغا بىردىن مەنسەپ بەردى. نۆۋەت ئەبۇ ھەنىفىگە كەلگەنىدى. ئۇنىڭغا مۇنداق تەكلىپ سۇندى:

« سەن قول قويمىغان ھەر قانداق قانۇن يۈرگۈزۈلمەيدۇ، سەن تەستىقلىماي تۇرۇپ دۆلەت غەزىنىسىدىن بىر يارماقمۇ چىقمايدۇ ».

بۇ ئەڭ ئالىي سوت ۋە ئىجرا ھوقۇقىنى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇش دېگەنلىك ئىدى. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە بۇ تەلىپنى قەتئىيلىك بىلەن رەت قىلدى. ۋالىي ئىمام ئەزەمنى زىندانغا تاشلاپ، قېيىن – قىستاققا ئېلىشقا باشلىدى. ئۇنى ھەر كۈنى قامچىلتاتتى. باشقا فاقىھلەر « ئۆزەڭگە ئۇۋال قىلما. بىزمۇ خالىمىغان ھالدا قوبۇل قىلدۇق، سەنمۇ شۇنداق قىل » دېگەن بولسىمۇ، ئىمام مەيدانىغا يات بولغان بۇ تەكلىپنى رەت قىلىپ مۇنداق دەيتتى:

« ئەگەر ۋالىي مەندىن ۋاسىت مەسجىدىنىڭ ئىشكىنى ساناشتىن ئىبارەت ئادەتتىكى بىر ئىشنى تەلەپ قىلسىمۇ، ئۇنى يەنىلا قوبۇل قىلمايمەن. ئۇ، بىر كىشىگە زۇلۇم قىلىپ قەتلى قىلىنىشىغا ھۆكۈم قىلىدۇ، مەن ئۇنىڭغا مۆھۈرۈمنى باسامدىمەن؟ ئاللاھ قا قەسەم قىلىمەنكى، بۇ مۇمكىن ئەمەس! ».

بۇ ئارلىقتا ئىبن خۇبەيرە ئىمامنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش ئۈچۈن ناھايىتى مۇلايىملىق بىلەن مۇئامىلە قىلدى، ئۇنىڭغا ھۆرمەت كۆرسىتىپ، ئىلتىپات قىلدى. شۇنداقتىمۇ ئىمامنى ئىرادىسىدىن ياندۇرالمىدى.

ھېچقانداق تەكلىپنى قوبۇل قىلمىغان ئىمامغا ئەڭ ئاخىرىدا كۇفەنىڭ باش قازىلىقى تەكلىپ قىلىندى. ئۇ بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلمىغاندىن كېيىن، ۋالىي ئىمامغا بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلغۇزىدىغانلىقى ھەققىدە قەسەم ئىچىپ، ئىمام ئەزەمنى قايتىدىن قېيناشقا باشلىدى. ئىمام بۇ ئەھۋالغا مۇنداق جاۋاپ بەرگەنىدى:

« بۇ دۇنيادا قامچا يېيىش ئاخىرەتتە جازاغا دۇچار بولۇشتىن ئەۋزەلدۇر. ۋالىينىڭ مېنى ئۆلتۈرۈشكە كۈچى يېتىدۇ، لېكىن تەكلىپىنى قوبۇل قىلدۇرۇشقا ھەرگىزمۇ كۈچى يەتمەيدۇ! ».

بىر قانچە كۈن داۋاملاشقان بۇ قېيىن – قىستاق شۇ دەرىجىگە يەتكەن بولۇپ، گۇندىپاي ئىمامنىڭ تاياق سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، ئەھۋالنى ۋالىي مەلۇم قىلدى. ئەمەۋىلەرگە تېخىمۇ كۆپ دۈشمەن پەيدا قىلىشنى خالىمىغان ۋالىي ئىبنى خۇبەيرە ئۇنى ئۆلتۈرۈشتىن قورقاتتى. بۇ سەۋەپتىن:

« ئۇنى قايىل قىلالايدىغان بىر كىشى يوقمۇ؟ پەقەت بولمىغاندا مەندىن ۋاقىت بېرىشنى تىلىسۇن ۋە بۇ مۇددەت ئىچىدە مېنى قايىل قىلىدىغان بىر چارە تېپىپ قەسىمىمدىن قۇتقۇزسۇن » دېدى.

شۇنىڭ بىلەن ئىمام ۋالىيغا: « مېنى قويۇپ بەر، بۇ مەسىلىنى دوستلىرىم بىلەن مەسلىھەتلىشىپ باقاي » دەپ خەۋەر ئەۋەتتى.

ئىمام قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن مۇساپىرلىقنى خارلىقتىن ئەۋزەل بىلىپ، ئۇلۇغىغا مېنىپ ھەممىدىن بەك ياخشى كۆرىدىغان بەيتۇللاھقا قاراپ يولغا چىقتى. ئىمام ئەزەم ھىجرى 130 – يىلى كۇفەدىن مەككىگە ھىجرەت قىلدى.

ئىبنى خۇبەيرە ئىمام ئەزەمغا قىلغان بۇ تەكلىپلەر، بىر قاراشتا كىشىنىڭ ھەۋسىنى كەلتۈرىدىغان تۈردىن ئىدى. دەۋرىمىز نوقتىسىدىغان قارايدىغان بولساق، كەمتۈك بولسىمۇ بىر ئىسلام دۆلىتى بولغان تۈزۈمدە ھەر قانداق كىشى بۇ تەكلىپنى رەت قىلالمايتتى. بۇنىڭغا پارلاق سەۋەپلەر تاپقىلى بولاتتى. بولۇپمۇ بۇنداق بىر تەكلىپنى قامچا ۋە ئۆلۈمگە قارىماي رەت قىلىشنىڭ كىشى قوبۇل قىلغۇدەك تەرىپى يوق ئىدى. ئىمام ئەزەمگە ئوخشاش تەقۋا، سېخي بىرسى ئالدىغا كەلگەن بۇ « خىزمەت »نى نېمىشقا رەت قىلسۇن؟ ھەم، ئۇنىڭغا ئوخشاش بىر « داۋا ئادىمى »نىڭ، مۇشۇنداق بىر ماقامنى « داۋاسى »نىڭ پايدىسى ئۈچۈن ئىشلەتمەسمىدى؟

شۇنداق، بارلىق بۇ سەۋەپلەرگە قارىماستىن، ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدىغان بىر رىئاللىق بار ئىدى. يەنى، ئىمام ئەزەم ئۆزىگە تەكلىپ قىلىنغان بۇ پارلاق تەكلىپنى قامچا ۋە ئۆلۈم خەۋپىگە قارىماستىن قوبۇل قىلمىغان، ھەتتا بۇنىڭ بىلەنلا قالماستىن، ئەمەۋى ۋالىيسىنىڭ « ۋاسىت مەسجىدىنىڭ ئىشىكلىرىنى ساناش »تىن ئىبارەت ئادەتتىكى بىر پەرمانىغىمۇ ئىتائەت قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.

ئىمام ئەزەمنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنداق قىلغانلىقىنى چۈشۈنۈپ يېتىش ئۈچۈن، ھاكىمىيەتنىڭ بۇنى نېمە مەقسەتتە تەكلىپ قىلغانلىقىنى ئوبدان بىلىش كېرەك:

  1. ئىمامنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلاش. مىڭلىغان كىشىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن بىر ئالىمنىڭ ئاغزىنى ئەمىر – پەرمان بىلەن يۇمدۇرغىلى بولمايدىغانلىقى ھەممىگە مەلۇم. بىراق ئىمامنىڭ قەلبىدىكى ھالىتىدىن ھالقىپ، سۆز ۋە ھەرىكىتىدە ئۆزىنى نامايەن قىلىشقا باشلىغان نارازىلىقى ۋە ھاكىمىيەتكە بولغان ئۆكتىچىلىكىنىڭ تەسىرىنى يوقۇتۇپ، ئۇنى ئۆكتىچىلىك قىلىشتىن توسۇش كېرەك ئىدى. پەقەت بولمىغاندا بۇ ئۆكتىچىلىكنى سۆز ۋە ھەرىكەت ھالىتىدىن قەلبى ھالغا كەلتۈرۈش مەقسەت قىلىنغانىدى. دېمىسىمۇ قەلبتىكى ئۆكتىچىلىككە ھېچكىم بىر نەرسە دېمىگەنىدى.
  2. يۈرگۈرزىۋاتقان تۈزۈمنى يوللۇق قىلىپ كۆرسىتىش. ئىمامنىڭ دۆلەت ئاپپاراتىدىن بىر ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغانلىقىنى دەلىل قىلىپ كۆرسىتىپ، ھاكىمىيەتنى يوللۇق / شەرىئەتكە مۇۋاپىق قىلىپ كۆرسىتىش مەقسەت قىلىنغان ئىدى. شۇنداق ئەمەسمۇ، ئىچىدە ئەبۇ ھەنىفىگە ئوخشاش چوڭ بىر فاقىھ ئورۇن ھالغان ھاكىمىيەت شەرىئەتكە مۇۋاپىق بولمىسا، قايسى ھاكىمىيەت مۇۋاپىق بولىدۇ؟ ھاكىمىيەت، ئۆكتىچىلىرىنى يوقۇتۇش ئۈچۈن كۆتۈرگەن قىلىچىنىڭ ئۇچىغا ئەبۇ ھەنىفەنىڭ ئىسمىنى ئۆتكۈزمەكچى بولغانىدى.
  3. ئۆكتىچىلەرنى پارچىلاش. ئەھلى بەيتنىڭ ئىسلام جۇغراپىيىسىدىكى ئەڭ مەشھۇر ۋە كۈچلۈك قوللىغۇچىسىنى تەسىر كۈچىدىن ئايرىپ تاشلاپ، ئۆكتىچىلەرنىڭ جان تومۇرىدىن بىرىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، باشقا ئۆكتىچى ئۆلىمالارغا بۇ ئارقىلىق بىشارەت بېرىپ، ئۇلارنى ئۈمىدسىزلىككە مۇپتىلا قىلىش مەقسەت قىلىنغانىدى.
  4. ھاكىمىيەت ماشىنىسىنىڭ چاقىنى ياغلاش. تۈزۈمنىڭ پاسسىپ ھالغا چۈشۈپ قالغان ئورگانلىرىنى، بۇ ئىشنىڭ ئەھلى بولغان دۇرۇست كىشىلەرگە تاپشۇرۇش ئارقىلىق، بۇ ئاپپاراتلارنى ئاكتىپ ھالغا كەلتۈرۈش مەقسەت قىلىنغان.

سۈيئىستىمال قىلىشقا لايىق بارلىق ماقام – مەنسەپلەرنى، بولۇپمۇ غەزىنىنىڭ ئاچقۇچىنى تۇتقۇزۇش ئۈچۈن، ئەڭ پاسىق ۋە پاجىر ھاكىمىيەتلەرمۇ ھەر دائىم دىنى پۈتۈن، دۇرۇست، خىيانەت قىلمايدىغان « پاك » كىشىلەرنى ئىزدىگەن. ئىبن خۇبەيرەمۇ، ئىمامنى ئەھلى بولغان بىر ئىشنىڭ بېشىغا ئۆتكۈزۈپ، ئۇ ئارقىلىق سەلتەنەتنى كۈچلەندۈرمەكچى ياكى ئۆكتىچىلەرنى سەلتەنەت نوقتىسىدىن قوللىغۇچىلىرىدىن تېخمۇ پايدىلىق ھالغا كەلتۈرۈمەكچى بولغان ئىدى.

  1. قىلتاققا چۈشۈرۈش. داڭقى ئالەمگە تارالغان ئەبۇ ھەنىفىنىڭ، ئۆزىگە لايىق بولغان بۇ شۆھرىتى ۋە نوپۇزىنىڭ كۈچىنى يوقۇتۇش مەقسەت قىلىنغان ئىدى. ئۇنى سۈيئىستىمال قىلىش ئادەتتىكى ئىشقا ئايلىنىپ قالغان شۈبھىلىك بىر ماقامغا ئولتۇرغۇزۇپ، ھۆرمەت – ئىتىبارىنى يوقۇتۇپ، ھەر خىل گۇمانلار بىلەن ئەتراپىدىكىلەردىن ئايرىپ تاشلاپ يېتىم قالدۇرغاندىن كېيىن، ئويۇنچۇقنى چۆرۈپ تاشلىغاندەك تاشلىۋەتمەكچى بولغان.

ئىمام ھىجازغا كەتكەندىن كېيىن، ئەمەۋى ھاكىمىيىتى ئۇزۇن ئۆتمەي ھىجرى 132 – يىلى غۇلاپ چۈشتى.