بوۋىدىن نەۋرىگە

كۇفەدە توغۇلغان ئىمام ئەزەمنىڭ ئەسلى ئەرەپ ئەمەسلىكىدە پۈتۈن مەنبەلەر ھەمپىكىر. « قەيەرلىك؟ » دېگەن سوئالنىڭ جاۋابىنى مەنبەلەردىن ئىزدەيلى:

ئۇنىڭ ھەققىدە يېزىلغان ۋە توپلانغان تۇنجى مەنبەلەردىن بولغان مەككى ( ۋاپاتى: 568 / 1172 ) نىڭ « مەناقىبۇ ئەبى ھەنىفە » ناملىق ئەسىرىدە بوۋىسىنىڭ « زوتا » ئىسىملىك بىر كىشى ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان. ئىمامغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ھەجىملىك بىر ئەسەر يازغان قەردەرى ( ۋاپاتى: 827 / 1423 ) مۇ ئۇشبۇ مەلۇماتنى تەستىقلايدۇ.

ھەر ئىككى مەنبەدە ئىمامنىڭ نەسەبى ھەققىدە، ھەقىقى نەسەبنىڭ « تەقۋا » ئىكەنلىكىنى تەكىتلىنىپ، بۇ ھەقتىكى ئايەت ۋە ھەدىسلەرنى شىپى كەلتۈرۈش كېرەك دەپ قارىغان. بۇ بىر ئاز مەزكۇر دەۋر كىشىلىرىنىڭ ئاممىۋى پىسخىلوگىيىسى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان.

ئىمامنىڭ بوۋىسى زوتا ئەسلىدە كابۇللۇق بىر پارىس. ئۇ كىشى ئاتەشپەرەس بولۇپ، بىر جەڭدە ئەسىرگە چۈشۈپ كۇفەگە ئېلىپ كېلىنگەن، مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن ئۇ يەرگە يەرلىشىپ قالغان. زوتانىڭ كۇفەگە ئېلىپ كېلىنىشى ھەققىدە، مەلۇم يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىشى مۇمكىن دېگەن مەقسەتتە، « فۇتۇھۇل بۇلدان » ناملىق ئەسەردە ئۇچرىغان تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى سىلەرگە يەتكۈزەيلى:

قادىسىيەدە مەشھۇر ئىرانلىق قۇماندان رۇستەمنىڭ تۆت مىڭ خىللانغان ئەسكىرى بار ئىدى. بۇلارغا « جۇندى شاھىنشاھ » دېيىلەتتى. كىسرانىڭ قۇشۇنى تارمار بولغاندىن كېيىن، بۇ سەرخىل ئەسكەرلەر خالىغان تەرەپ بىلەن كېلىشىپ، خالىغان يەردە قارارگاھ قۇرۇش ۋە ئۆزلىرىگە ئىقتىساد بېرىلىش شەرتى بىلەن تەسلىم بولدى. تەلەپ قىلىنغانلىرى بېرىلدى. ئۇلارمۇ تەمىم ئوغۇللىرىدىن زۇھرە بىن سائاد بىلەن سۈلھى قىلىشتى. زۇھرە ئۇلارغا مىڭ دىناردىن پۇل ئاجرىتىپ بەردى. بۇلارغا « فۇرس » دەيتتى. كېيىنچە ئىبن زىياد ( ۋالىي ) ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى شام ۋە بەسىرەگە يەرلەشتۈردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇ يەردىكى ئەسىرلەرگە قوشۇلۇپ كەتتى. قەزۋىندە ياشىغان ئەسىرلەر، بەسىرەدىكى ئەسىرلەرنىڭ بىر قانچە تۈرلۈك شەرتلەر بىلەن مۇسۇلمان بولغانلىقىدىن خەۋەردار تېپىپ، ئۇلارمۇ ئوخشاش شەرتلەر بىلەن مۇسۇلمان بولدى ۋە كۇفەگە كېلىپ يەرلەشتى »[1].

كۇفەگە يەرلەشكەن بۇ ئەسىرلەر ئىچىدە زوتانىڭمۇ بولۇش ئېھتىمالى ناھايىتى يۇقىرى. زوتا ھەزرىتى ئەلىگە تولىمۇ سادىق ئىدى. ھەتتا ئۇ دەۋىرلەردە خەلىپىگە پەقەت باي كىشىلەرلا يېيەلەيدىغان بىر خىل تاتلىق تۈرۈم ئېكرام قىلغان ئىدى.

زوتانىڭ ئوغلى سابىتمۇ ھەزرىتى ئەلىنىڭ دۇئاسىنى ئالغان بولۇپ، خەلىپە ئۇنىڭ نەسلى ئۈچۈن ئاللاھتىن ياخشىلىق ۋە بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلغان ئىدى.

ئۇرۇش ۋە باشقا سەۋەپلەر تۈپەيلى مۇسۇلمان بولغان ئەجەملەر، ئەرەپ ئىرىقچىلىقىنى دۆلەت سىياسىتى ھالىتىگە كەلتۈرۈلگەن ئەمەۋى ئىجرائاتلىرىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئەمەۋى مۇخالىپەتچىسى بولغان ئەھلى بەيتكە ئۆزىنى تېخىمۇ يېقىن كۆرىدۇ. بۇ خىل يېقىنلىق كېيىنچە ئەھلى بەيت مەنسۇپلىرىنىڭ ئەشەددى زۇلۇملارغا ئۇچرىشى بىلەن، دوستلۇققا ۋە ئەمەلىي ياردەملەرگە ئايلىنىدۇ.

ئىمامنىڭ توغۇلىشىدىن بۇرۇنقى يېرىم ئەسىر بىر قوزغىلاڭ / قىياملار دەۋرى ئىدى. ئاتىسى ۋە بوۋىسىنىڭ بۇ قوزغىلاڭلارنى كۆرۈپ، ئاڭلاپ ياشىغانلىقى نەزەردە تۇتۇلغاندا، ئەبۇ ھەنىفە ئۆسۈپ يېتىلگەن ئائىلىنىڭ ئىجتىمائى ۋە سىياسى مەيدانىنى پەرەز قىلغىلى بولىدۇ.

ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى نۇمان، تەخەللۇسى ئەبۇ ھەنىفە، لەقىمى ئىمام ئەزەم ( بۈيۈك ئىمام ) بولۇپ، دادىسىنىڭ ئىسمى سابىت، توغۇلغان يېرى كۇفە ئىدى. توغۇلغان ۋاقتى ھىجرى 80 – يىل ( مىلادى 699  ).

ئۆز دەۋرىنىڭ خەلىپىسى مەرۋاننىڭ ئوغلى ئابدۇلمەلىك بولۇپ، كۇفەدە تۇرۇشلۇق ئىراقنىڭ باش ۋالىيسى، تۆككەن قانلىرى ۋە سادىر قىلغان جىنايەتلىرى سەۋەبىدىن تارىخقا ئىسمىنى « زالىم » دەپ يازدۇرغان ھەججاج بىن يۈسۈپ ئىدى.

ئىمام ئۆمرىنىڭ 52 يىلىدا ئەمەۋىلەر، 18 يىلىدا ئابباسىلار دەۋرىدە ياشىغانىدى. ھەججاج تۆككەن قانلىرىغا بوغۇلغان ۋاقتىدا، ئۇ 15 ياشتا بولۇپ، ئۆمەر بىن ئابدۇلئەزىزنىڭ بەختىيار دەۋرىنىمۇ كۆرگەن.

ئۇ، كېيىنچە ئىراق ۋالىيلىرىدىن يەزىد ئىبن مۇھەللەب ۋە ناسىر ئىبن سەييارنىڭ ئىراقتا ئېلىپ بارغان دۆلەت تېرورىغا شاھىت بولدى. ئەمەۋى زۇلمىنىڭ ئىراقتىكى ئەڭ ئاخىرقى ۋەكىلى بولغان ئىبن خۇبەيرەنىڭ ۋاستىسى بىلەن سەلتەنەت غەزىپىنى قوزغىدى. ئىمامەت ۋە سەلتەنەتنىڭ بىر – بىرىگە دۈشمەن مەنسۇپلىرى، ئىمامنىڭ كىشىلىكىدە، تارىخنىڭ بۇ تىلىمىدە يەنە بىر قېتىم بىر – بىرىگە روبرو كەلگەنىدى.

بارلىق ھەشەمەت ۋە دەھشەتلىك باستۇرۇشلىرىغا قارىماستىن، ئۆزىنىڭ پىشقەدەملىرىگە ئوخشاش قىقاس – چوقانلار ئىچىدە يېقىلغان ئەمەۋى سۇلتانلىقى ۋە كونا زالىملارغا مۇسەللەت بولغان يېڭى زالىملار… بارلىق بۇ قۇيۇنلارنىڭ كويىقېپى بولغان كۇفە شەھرى.

بىر – بىرىگە قارشى كۆرەشلەر، قالايمىقانچىلىق، خىيانەتلەر، زۇلۇملار ۋە قىياملار شەھرى كۇفە. ئابباسىيلارغا بىر مەزگىل پايتەخىت بولغان بۇ شەھەر بارلىق سەلبى تەرەپلىرىگە قارىماستىن، يەنىلا قۇربانلىق بېرىش ئادىتىنى بۇزمىغان ئىدى. ھىجر بىن ئادىي ۋە سەئىد بىن جۇبەير بىلەن باشلىغان قۇربان ئىماملار ھالقىسىغا، بۇ قېتىم چوڭ بىر ھالقىمۇ قوشۇلغان ئىدى، يەنى ئىمام ئەزەم. ئەبۇ ھەنىفە، ئابباسىي خەلىپىسى ئەبۇ جافەر مەنسۇر زامانىدا ھەر تۈرلۈك ئازاپ ئوقۇبەت ۋە قېيىن – قىستاقلار بىلەن، ھىجرى 150 – يىلىدا ( مىلادى 767 ) شېھىت قىلىندى.

[1]  بەلازۇرى، « فۇتۇھۇل بۇلدان »، 387- بەت