ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ ھاياتى
كۇفە
زامان ۋە ماكان، كىشى تەسىرىگە ئۇچراشتىن خالىي بولالمايدىغان ئىككى مۇھىم تاشقىي ئامىلدۇر. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ياشىغان « دەۋر »نى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتۇق. بۇ دەۋر، يېرىم ئەسىرگىمۇ يەتمەيدىغان بىر مۇددەت ئىچىدە نۇرنىڭ قانداق بولۇپ زۇلمەتكە ئايلانغانلىقىنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالى ئىدى. ئەمدى كىشىگە ئەڭ چوڭ تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم تاشقى ئامىللاردىن بىرى بولغان ماكان، يەنى « كۇفە » بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى.
رايۇندا ئىسلامى قوشۇنىنىڭ بارگاھ قۇرۇپ يەرلىشەلەيدىغان بىردىنبىر مەركىزى يەر بولغان ئەنبار سازلىق بىر جاي بولغانلىقتىن، پاشىلار ئەسكەرلەرنى بىئارام قىلاتتى. سائاد بىن ئەبى ۋاققاس بۇ ئەھۋالنى ھەزرىتى ئۆمەرگە يەتكۈزگەندىن كېيىن، خەلىپىدىن مەدىنە بىلەن ئارىسىدا دېڭىز بولمىغان بىر يەردە يېڭى تۇرالغۇ مەركىزى قۇرۇپ چىقىش ئەمرىنى ئالدى. شۇنداق قىلىپ ھىجرى 17 – يىلى كۇفە بىنا قىلىندى.
بەلازۇرى، ھەربىي مەقسەتتە قۇرۇلغان بۇ شەھەرگە تۇنجى يەرلەشتۈرۈلگەنلەرنىڭ يەمەنلىكلەر ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. كۇفە دەپ ئاتالغان بۇ ماكاننىڭ ھەم قۇرغۇچىسى ھەمدە تۇنجى ۋالىيسى سائاد بىن ئەبى ۋاققاس ئىدى. شۇنداقتىمۇ يېڭى شەھەرنىڭ ئاھالىسى ئۇنى دائىما خەلىپىگە شىكايەت قىلاتتى. خەلىپە بۇ شىكايەتلەر تۈپەيلى مۇپەتتىش ئەۋەتىپ، ھەزرىتى سائاد سالغۇزغان قۇمۇش كەپىگە ئوت قويغۇزۇۋېتىدۇ. لېكىن شىكايەتلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ. ھەزرىتى سائاد ئۇلار ئۈچۈن مۇنداق بەددۇئا قىلىدۇ:
« ئاللاھىم! ھېچبىر ھاكىمنى ئۇلاردىن، ئۇلارنىمۇ ھېچبىر ھاكىمدىن مەمنۇن قىلما! ».
ۋالىي ئالماشتۇرۇلۇپ، ئورنىغا ئاممار بىن ياسىر تەيىنلىنىدۇ. بۇ قېتىم ئاھالىدىن « ياخشى باشقۇرالمايدىكەن » دېگەن باھانە بىلەن شىكايەت قىلغۇچىلار چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەزرىتى ئۆمەر مۇنداق دەيدۇ:
« كۇفە خەلقىنى كىم ماڭا بىگۇناھ قىلىپ كۆرسىتىدۇ؟ ئۇلارغا كۈچلۈك بىرىنى تەيىن قىلسام ئۇنى ئازغىن ۋە فاجىر دەيدۇ، سەل بوشراق بىرىنى ئەۋەتسەم، كۆزگە ئىلمايدۇ ».
بۇ ۋەقەلەردىن مەلۇم بولغاندەك، كۇفەنىڭ تۇنجى يەرلىكلىرى بولغان بەدەۋى ئەرەپلەر تولىمۇ ئۇرۇشقاق ۋە ۋاپاسىز ئىدى. ھەقىقەت شۇكى، كۇفە ئۇنىڭدىن كېيىنكى مەزگىللەردىمۇ ھەزرىتى ئەلى، مۇسلىم بىن ئاقىل، ھەزرىتى ھۈسەيىن ۋە ئىمام زەيدكە يار بولماي، يېرىم يولدا تاشلاپ قويغانىدى. ھەزرىتى سائاد دېگەندەك، ھېچكىم ئۇلاردىن ۋە ئۇلارمۇ ھېچكىمدىن مەمنۇن بولمايتتى.