بىر سىياسەت ئىمامى
تەكرار تەكىتلەشكە توغرا كەلسە، ئەبۇ ھەنىفەنى ئەھىلداشلىرىدىن ئايرىپ تۇرغان ئەڭ تىپىك ئالاھىدىلىك، ئۇنىڭ سىياسىي مەيدانى بولۇپ، ئۇ پەقەت ئەقىدە ۋە فىقىھتىلا ئەمەس، سىياسەتتىمۇ ئىمام ئىدى. ئۇنى ئىسلام تارىخىدا ئۆزگىچە ئورۇنغا ئىگە قىلغان ئامىل، ھاياتى بەدىلىگە كۆرەشنى بىر ئۆمۈر بويى داۋاملاشتۇرۇشى ۋە بۇ ساھەدە « جىھاد » ۋە « ئىجتىھاد »نى بىرلەشتۈرۈشى ئىدى. ئۈممەت سىياسىي بىر ئىرتىداد ( مۇرتەدلىك )قا دۇچ كەلگەن بۈگۈنكى دەۋرىمىزدە، ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ سىياسىي تەرىپى تېخىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولماقتا.
ئۇنداقتا، « ئىمام ئەزەم فىقىھى »نىڭ ۋە زاھىدلىقى جەلىپ قىلغان قىزغىنلىق، نېمە ئۈچۈن « ئىمام ئەزەمنىڭ سىياسىتى »دە كۆرۈلمىگەن؟ نېمە ئۈچۈن ئىمام ئەزەم، مەلۇم بولغان تەرەپلىرى بىلەن تىلغا ئېلىنىدۇ، لېكىن ئۆمرى بويى قىلغان تارىخى كۆرىشى نەزەردىن ساقىت قىلىنىدۇ ۋە بۇ تەرەپكە ئەھمىيەت بېرىلمەيدۇ؟
تۆۋەندە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىر قانچە سەۋەپنى تىلغا ئېلىپ ئۆتەيلى:
- ھەنەفىلىكنىڭ، ئىمام ئەزەم بىر ئۆمۈر كۆرەش قىلغان زالىم ئەمىر، سۇلتان، خەلىپىلەرنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدا تارقىلىشىدەك غەلىتە ۋە زىتلىق ئىچىگە تولغان قەدەرگە ئىگە بولغانلىقىدۇر.
بۇ ئەھۋالدا، ھەنەفى مەزھىبىدىن ئىكەنلىكىنى داۋا قىلغان زالىم ھۆكۈمدارلار، ئۆزىنىڭ زىيىنىغا بولىدىغان بىر پوزىتسىيىنىڭ ئاۋامغا تونۇشتۇرۇلۇشىنى ئەلۋەتتە خالىمايدۇ. ئىمام ئەزەمنىڭ سىياسىتى مۇخالىپەت سىياسەت بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ فىقىھىدىكى مۇخالىپ ئامىللارنى ئۇستىلىق بىلەن يوشۇرغان ياكى يوشۇرۇشقا ۋە يەتكۈزمەسلىككە تىرىشقان.
2. ئىمام ئەزەمنىڭ بىلىملىرىنىڭ ۋارىسى بولغان تالىپلىرى، مەۋجۇت سىياسىي مۇھىت سەۋەبىدىن، ئىمامنىڭ سىياسىي مىراسىنى ئۈستىگە ئالالمىغان، ۋارىسلىق قىلالمىغان، ھەتتا بۇ مىراسنى كېيىنكى نەسىلگە يەتكۈزۈشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمىغا نىسبەت قىلىنغان ئەسەرلىرىگە ئۇستازىنىڭ سىياسىتىنى، فىقىھىنىڭ سىياسىي تەرىپىنى ۋە سىياسىي كۆرىشىنى كىرگۈزمىگەن. بۇ سەۋەپتىن ئىمام ئەزەم سىياسىتى ئىمام ئەزەم فىقىھىنىڭ ئىمكانلىرىدىن مەھرۇم قالغان، ھەتتا ئىمامنىڭ « مۇخالىپ فىقىھى »، مەۋجۇت ھاكىمىيەتلەرنىڭ مەنىۋى بېسىمى ۋە كېيىنكىلەرنىڭ تۆھپىسى بىلەن « مۇۋاپىق فىقىھ » ۋە « ھاكىمىيەت فىقىھى » ھالىتىگە كەلتۈرۈلمەكچى بولغان.
3. ئىمام ئەزەمنىڭ فىقىھتا ئۆزىنى خېلى ئېشىپ كەتكۈدەك ۋارىسلىرى بولغان، لېكىن ئىمامنىڭ سىياسىي كۆرىشىگە ۋارىسلىق قىلالمىغان. يەنى، ئىمام ئەزەمنىڭ فىقىھىغا ۋە ئىلىمىگە تالىپ تالىپلىرى بولغان، ئەمما ئۇنىڭ سىياسىتىگە ۋە مۇخالىپەتچى ھاياتىغا تالىپ بولىدىغان تالىپى چىقمىغان. ئەبۇ ھەنىفەنىڭ ۋارىسلىرى پەقەت فىقىھتا ۋارىس بولغان، ئۇستازىنىڭ سىياسىي مەيدانىغا ۋارىس بولمىغان. ئۇنىڭ سىياسىي ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىشنى بەك خالاپ كەتمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئىمام ئەزەم فىقىھىنىڭ قولغا كەلتۈرگەن ئىمكانلىرىدىن، ئىمام ئەزەم سىياسىتى مەھرۇم قالغان.
بۇ سۆزلىرىمىزدىن ئىمامى ئەزەمنىڭ ئاتاقلىق تالىپلىرىغا قېيدىغاندەك بىر خۇلاسە چىقارماسلىق كېرەك. ئۇلارنىڭ ئەھىلداشلىرى ئارىسىدا ئىلىمدە ھەقىقەتەن كۆزگە كۆرۈنگەن ئىدى. مەيلى ئىمامنىڭ فىقىھ مىراسىنىڭ كۈنىمىزگە يېتىپ كېلىشىدە ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان تۆھپىلىرى بولسۇن، مەيلى ئۆزلىرى ئىسلام فىقىھىغا قوشقان تۆھپىلىرى بولسۇن ھەقىقەتەن ماختاشقا لايىق بولۇپ، ئىسلام ئىلىم تارىخىدا تۇتقان ئورنىغا لايىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان ئىدى.
ئەبۇ ھەنىفەنىڭ ئوتتۇز يىللىق ئۇستازلىقىنىڭ مەھسۇلى بولغان 800 تالىپى ئىچىدە، ئەللىك تالىپى مەنبەلەرگە تايىنىپ تۇرۇپ پەتىۋا بېرەلەيدىغان سەۋىيەدە ئىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە « مۇجتەھىد » ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان مەشھۇر زاتلاردىن ئەبۇ يۈسۈپ، مۇھەممەد ۋە زۇفەر بار ئىدى. بۇ تالىپلىرى ئىچىدە، ئۇ ھايات ۋاقتىدا قوللىغان قىياملارغا قارىتا، ئىمامنىڭ مەيدانىغا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ، ئۇنى قوبۇل قىلغانلارمۇ كۆپ سانلىقتا ئىدى. ھەتتا بۇلار ئۆز دەۋرىنىڭ خەلىپىسىگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن نەفسۇز زەكىييە مۇھەممەدكە قوشۇلغانلارغا 70 ھەج ساۋابى بېرىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، كۇفە خەلقىنى سەلتەنەتكە قارشى قوزغىلاڭغا تەشۋىق قىلاتتى.
شۇ بىر ھەقىقەتكى، ئىمامنىڭ داڭلىق تالىپلىرى ئىمامنىڭ ئېنىق ۋە مۇرەسسەسىز سىياسەت مەيدانىنى ۋەزىيەتكە مۇۋاپىق دەپ قارىمىغان بولسا كېرەك، ئىمامنىڭ شاھادىتىدىن كېيىن بۇ پوزىتسىيىسىگە ۋارىسلىق قىلىشتىن ئۆزىنى تارتقان. ھەتتا تالىپلىرىدىن زۇفەر بىن ھۇزەيل ( ۋاپات، ھ. 158 ) تەكلىپ قىلىنغان ۋەزىپىنى رەت قىلغان بولسىمۇ، مەشھۇر تالىپى ئەبۇ يۈسۈپ، ئىمام رەت قىلغان بۇ ۋەزىپىنى قوبۇل قىلغان. ئەلۋەتتە، ھېچكىم ئەبۇ يۈسۈپنى « ساراي موللىسى » دەپ ئەيىبلىيەلمەيدۇ. ئۇنىڭ « كىتابۇل – ھەرەج » ناملىق ئەسىرىگە بىر قاراپ چىقىش بۇنىڭ ئۈچۈن يېتەرلىك. ئەبۇ يۈسۈپنىڭ ھاكىمىيەتكە قارىتا تۇتقان مۇئامىلىسىنىڭ ئاستىدا « پايدىلىق بىر ئىش قىلىش » ياتاتتى. ئۇ سەلتەنەت ھۆكۈمدارىنىڭ يۈزى كۈلسۇن دەپ سەلتەنەت ئۈچۈن مەدھىيەلەر يازمىدى. ئەكسىچە، كىتابىدا نەبى ۋە راشىد خەلىپىلەر دەۋرىدىن ئۆرنەكلەر بەرگەنىدى. كىتابىدا نە ئەمەۋىلەرنى، نە ئابباسىيلارنى تىلغا ئالماسلىقى، ئۇلارنىڭ ئىسمىنىمۇ تىلغا ئېلىپمۇ قويماسلىقى سەۋەپسىز ئەمەس. ھەتتا، باش قازى بولغان مەزگىلىدە، خەلىپە ۋە خەلىپىنىڭ رەپىقىسىنىڭ زىيىنىغا ھۆكۈم بەرگەن داۋالارمۇ بولغانىدى. مەيلى ۋەزىپە تەقەززاسى بىلەن سورىغان داۋالار بولسۇن، مەيلى فىقىھ كىتابى بولغان « كىتابۇل – ھەرەج »دە بولسۇن، خوشامەتچىلىك ۋە تەخسىكەشچىلىككە ئائىت ھېچقانداق بىشارەتنىڭ يوقلۇقنى ئەسكەرتىش كېرەك.
شۇنداقتىمۇ ھۆكۈم جۈملىمىز بۇ كۆزگە كۆرۈنەرلىك كىشى ئۈچۈنمۇ ئوخشاش بولۇپ، ئەبۇ يۈسۈپ قاتارلىق تالىپلىرىدىن ھېچقايسىسى ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ سىياسىي مىراسىغا ۋارىسلىق قىلىپ ياشنىتالمىغان.
يۇقىرىدا ئىجابىي تەرەپلىرى تىلغا ئېلىنغان ئەبۇ يۈسۈپنىڭ، ھاراقكەشلىك بىلەن داڭقى بار ئابباسى سۇلتانى جافەر مەنسۇرنىڭ قازىسى بولۇشتىن باشقا، بىر قانۇن ۋە سىياسەت كىتابى بولغان « كىتابۇل ھەرەج » ناملىق ئەسىرىدە، ئىسلام سىياسىتىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق مەسىلىلىرى ھەققىدە ھېچ توختالمىغانلىقى كۆزىمىزدىن قاچمايدۇ.
ئىسلامى ھاكىمىيەتنىڭ شۇرانى ئاساس قىلىدىغانلىقى ھەقىقىتى، زالىم ۋە زومىگەر بىر ھۆكۈمدارنىڭ شەرىئى ئەھۋالى، كۈچ ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۈممەتنىڭ بېشىغا مۇسەللەت بولغان بىر زومىگەرنىڭ ئىمامىتىنىڭ / يېتەكچىلىكىنىڭ جائىز بولۇپ – بولمىغانلىقىغا ئوخشاش مەسلىلەر ھەققىدە بىر جۈملە سۆزنىمۇ ئۇچراتقىلى بولمايدۇ. زالىم ھۆكۈمدارغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشنىڭ ھۆكمى، زومىگەر سۇلتاننىڭ ئورنىغا ئادىل بىر ئىمامنى كەلتۈرۈشنىڭ زۆرۈرلىكىگە ئوخشاش تېمىلارغا « كىتابۇل ھەرەج »دىن جاۋاپ تاپقىلى بولمايدۇ.
خۇلاسەكالام، ئەگەر سورالمىغان بولسا، باشقا تالىپلارغا ئوخشاش ئىمامنىڭ بۇ مەشھۇر تالىپىمۇ يازغانلىرىدىن ئەمەس، يازمىغانلىرىدىن جاۋاپكارلىققا تارتىلىدۇ.
مانا بۇ سەۋەپلەردىن ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ سىياسىي تەرىپى يا ئۇنتۇلدۇرۇلماقچى بولغان ياكى فىقىھىنىڭ ۋە زاھىدلىقىنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇپ قويۇلغان. ئۇنىڭ سىياسىي ھاياتىدىن خەۋەردار بولغانلاردىن بەزىلىرى ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، بۇنداق تېمىلار ئۈستىدە توختۇلۇشنى خالىمىغان. ئارىدىن بۇنىچە زامان ئۆتكەندىن كېيىن بىرسى چىقىپ، ئىمام ئەزەم سىياسىتىنى ھەر تەرەپتىن ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغاندا، بىر تامغا ئۈسسىگەنلىكىنى ھەيرانلىق ئىچىدە كۆرىدۇ.
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ۋارىسسىز قالغان ئىمامنىڭ سىياسىتىنى بىرىنچى ئېغىزدىن ئېلىش مۇمكىن ئەمەس. تالىپلىرى ئۇنىڭغا نىسبەت قىلىپ يازغان ئەسەرلەر، بىزگە بىر نەرسە يەتكۈزمەيدۇ. بۇ بىتەلەيلىك ئالدىدا، مىسكىن دىلىمىزغا، داستانلار ۋە ئىمام ھەققىدە يېزىلغان تارىخىي ئەسەرلەر مەلھەم بولماقتا. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەزھەپلەر تارىخچىسى بولغان مەشھۇر مەرھۇم م. ئەبۇ زەھرا، ئابدۇلھەلىم ئەل – جۇندى ۋە مەۋدۇدى قاتارلىقلارنى ۋە ئەسەرلىرىنى تەقدىرلەيمەن، ھۆرمەت بىلەن ياد ئېتىمەن ۋە رەھمەت ئېيتىمەن.
بۇ نوقتىدا بىر مۇئمىننىڭ ھاياتىنىڭ سىياسىي، ئەمەلى، ئىبادى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، ئېتىقادى دەپ بۆلۈنمەيدىغانلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى ئەسكەرتىشنىڭ پايدىسى بار دەپ قارايمەن. « سىياسىتى ئىبادەت، ئىبادىتى سىياسەت » بولغان ئىسلام، ھاياتنىڭ ھەر تەرىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇكەممەل نىزامى بىلەن، ئېتىقاد قىلغۇچىلىرىنىڭ ھاياتىدا بىر بوشلۇق قالدۇرمىغان. ئىسلامنىڭ قۇرۇلمىسىدىن كېلىپ چىققان بۇ ھەقىقەت، ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدىغان دەرىجىدە ئېنىق ۋە روشەندۇر.
ئىمام ئەزەمنى تونۇشتۇرغاندا ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولۇپ قالغان ئۇقۇملار ( سىياسىي ھاياتى ۋە فىقىھ ھاياتى )غا ئاساسەن، مۇشۇنداق بىر ئېقىم ۋە چۈشەنچىگە يېشىل چىراغ ياقتى دەپ قارالماسلىقى كېرەك. فىقىھتىن خالىي بىر سىياسەت، ھاياتتىن خالىي بىر ئىلىم، ئىبادەتتىن خالىي بىر سىياسىي كۆرەش مۇمكىن ئەمەس. بولۇپمۇ ئىمام ئەزەمگە ئوخشاش ئېتىقاد قىلغىنىدەك ياشاپ، ياشىغىنىدەك ئېتىقاد قىلغان بىرسىنىڭ ھاياتىدا بۇنداق ئىلمانىي ئامىللار نېمە ئىش قىلسۇن؟
ئىمام ئەزەم فىقىھىنىڭ ئىمام ئەزەم سىياسىتىدىن خالىي بولىشىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ، ئەلۋەتتە. « ئىمام ئەزەم فىقىھنىڭ سىياسىي تەرىپى » ياكى « ئىمامنىڭ سىياسىي ئىجتىھادى » تەتقىق قىلىشنى كۈتۈپ تۇرىۋاتقان، ئۈستىدە ئىزىدىنىشكە تېگىشلىك يېڭى تېمىلاردۇر. « ئىمام ئەزەم سىياسىتى »نى پەقەت بۇ ھەقتە ھەر تەرەپلىمە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئوتتۇرىغا چىقارغىلى بولىدۇ.
بىزنىڭ بۇ تەتقىقاتىمىز پەقەت، شاھادىتى بىلەن يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن ۋە زالىملار ئالدىدا ئاداققىچە ئىگىلمىگەن بۇ باش ۋە ھاياتىنى پىدا قىلغان « ئىمام ئەزەم سىياسىتى » ئۈچۈن بىر مۇقەددىمىدۇر، خالاس.