مەزھەبنىڭ رولى
مەزھەب، كىشىلەردىكى « ئەقىل يۈرگۈزۈش » ۋە « تەپەككۇر قىلىش » قابىلىيىتىنى پاسسىپ ھالغا چۈشۈرۈپ قويغان بىر مۇئەسسەسە ئەمەس، ئەكسىچە جەمىئىيەتتىكى يۈزلىنىشنى شەرئى دائىرە ئىچىدە ياشنىتىپ، بەندىلىك ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشتا ئۆزىگە بېرىلگەن ھەرىكەت دائىرىسى ئىچىدە، كىشىلىكى ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق بولغان قاراشنى ئەركىن ھالدا تاللاش ھەققىنىڭ بېرىلىشىدۇر. ئۇنى ئىرسى بىر نەرسىگە ئوخشاش تەۋەرۈك سۈپىتىدە ئەۋلادتىن – ئەۋلادقا ئۆتكەن، مىراسقا ئوخشاش ئاتىدىن بالىغا قالغان بىر مۇئەسسەسە دەپ قاراش، مەزھەبنى پاسسىپ ھالغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقتۇر. كۇلۇب تەرەپتارى بولۇش بىلەن مەزھەبكە مەنسۇپ بولۇش ئارىسىدا پەق بولىشى كېرەك. پۇتبولنىڭ پۇتبولپەرۋەرلەر ۋە مەستانىلەرگە ئېھتىياجى بولىشى مۇمكىن، لېكىن مەزھەبنىڭ « مەزھەپپەرۋەرلەرگە » ئېھتىياجى يوق. مەزھەب، بەندىلىك رىقابىتىدە تۇتۇپ ماڭىدىغان بىر مېڭىش ئۇسلۇبىدۇر. ئۇنىڭ جەمىئىيەتتىكى رولى تەرەپۋازلىقتىنمۇ ئۈستۈندۇر.
مەزھەپچىلىك قىلىپ يانچۇقىنى توملايدىغان كىشىلەر، ئەگەر بۇ نىيەتلىرىدە راستچىل بولسا، ئۇنداقتا پۈتۈنلەي بىر ئۇنۋان ھالىغا كەلتۈرۈلۈپ، پاسسىپ ھالغا چۈشۈرۈلۈپ قويۇلغان مەزھەبنى، قايتىدىن تۇغۇلغان يىللىرىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىگە ئىگە قىلسۇن. كۆرۈنۈشتە مەزھەبى بار نادان كىشىلەرنى بۇ مەسىلىدە چۈشەنچىگە ئىگە قىلىشقا تىرىشسۇن. مەنسۇپ بولغان مەزھەبنى خەجلەپ ماختىنىشنىڭ ئورنىغا، ئۇنىڭغا قىممەت قوشۇش ئارقىلىق يۈزىنى ئاق قىلسۇن.
بۇلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىلىش لازىم. كىشى ئۆزى ياخشى بىلمىگەن بىرسىنىڭ نېمىسىنى تەقلىد قىلىدۇ؟
بۈگۈن، بۈيۈك ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنى تەقىلد قىلغانلارنىڭ، ئۇنى لايىقىدا بىلمەسلىكىنى قانداق ئىزاھلاش مۇمكىن؟ ئىسلام فىقىھىدا مۇھىم ئورۇنغا ئىگە بولغان بىر ئىمامنىڭ تونۇشتۇرۇلىشى، ئۇنىڭ فىقىھىغا قوشۇپ، ھاياتىنى ئاتىغان سىياسىي ئەقىدە ۋە چۈشەنچىلىرىنى تەتقىق قىلىش، مۇنازىرە قىلىش، ھەممىدىن بەكرەك « مەن ھەنەفى مەزھىبىدىن » دېگەن بىرسى ئۈچۈن ۋاپا بۇرچىدۇر.
ئىمامنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى بىر ۋاپا بۇرچى مەسىلىسىدىن ئىبارەت دەپلا قارالماسلىق كېرەك. ئىسلام فىقىھىدىكى مۇنازىرىسىز ئورنى، مۇتلەپ كۆپ سانلىق مەزھەبىنىڭ ئىمامى بولىشى، ئەھىلداشلىرى ئىچىدە ئۆزىگە لايىق بولغان « بۈيۈك ئىمام » سۈپىتى، دۇنيا قانۇنچىلىقىغا قوشقان تۆھپىسى، مۇجاھەدە ۋە مۇجادىلىسى، زالىم ھۆكۈمدارلار ئالدىدا ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرۇشى… بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەبۇ ھەنىفەنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىدىن پەقەت بىر قانچىسى. ئۇنى پەرقلىق نوقتىلاردا مۇھىم دەپ قارىغانلار، ئۆزلىرى ئۈچۈن مۇھىم دەپ قارىغان تەرەپلىرىنىلا ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ تونۇشتۇرغانىدى.
مەسىلەن، ئۇ بىر فاقىھ، بىر مۇجتەھىد، بىر زاھىد، بىر ئابىد سۈپىتىدە تونۇشتۇرۇلغان ۋە بۇ تەرەپلىرى قايتا – قايتا تىلغا ئېلىنغان. ئىمامنىڭ بۇ ئارتۇقچىلىقى ھەققىدە تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلغان ۋە ئاۋامغا بۇ تەرەپلىرى تونوشتۇرۇلغان. لېكىن ئەبۇ ھەنىفەنى « ئىمام ئەزەم » قىلغان ئامىل، ئەھىلداشلىرىدا ئۇنىڭدىكىدەك ئېنىق كۆرۈلمىگەن سىياسىي كۆرىشى ۋە « مۇجاھىد ئالىم » كىملىكىدۇر. ئۇنداق بولمىسا، مەيلى فىقىھتىكى ئۈستۈنلىكى بولسۇن ياكى زۇھد ۋە تەقۋادىكى ئۈستۈنلىكى بولسۇن، ئەھىلداشلىرى تەرىپىدىن بېسىپ چۈشكىلى ۋە يەتكىلى بولمايدىغان ئۈستۈنلۈكلەر ئەمەس ئىدى. دېمىسىمۇ فىقىھ ئېقىملىرىغا بۇنداق بىر نوقتىدا تۇرۇپ قاراشمۇ توغرا ئەمەس. ئۇسۇلچىلارمۇ ئېتىراپ قىلغاندەك ھەر فىقىھ ئېقىمىنىڭ ئۆزىگە چۈشلۇق كۈچلۈك ۋە ئاجىز تەرەپلىرى مەۋجۇت. بۇ نوقتىدىن بىر ئۆلچەم بىلەن شۇ مەزھەپ مۇنداق، بۇ مەزھەپ ئۇنداق دېگەندەك قەتئىي ۋە ئومۇمىي ھۆكۈم بېرىش ئىلمىي بىر پوزىتسىيە ئەمەس.