مەزھەپلىكمۇ؟ مەزھەپچىمۇ؟
بۇ سۈپۈرۈپ تاشلاش مەسىلىسىدە، مەزھەپ ئىماملىرىنىڭ ۋە مەزھەپلەرنىڭ رەت قىلىنىش سەۋەبى بار: مەزھەبلەر ئۈممەتنى پارچىلايدۇ، بۆلىدۇ، ئايرىيدۇ. ئۈممەتنىڭ بىرلىكىگە توسالغۇ بولىدۇ…
راست شۇنداقمۇ؟ ئۈممەتنى بىر – بىرىدىن ئايرىۋەتكەن، بۆلۈپ تاشلىغان ئامىل مەزھەپلەرمۇ؟ مەزھەپ ئىماملىرىنىڭ ھاياتى، قاراشلىرى، ئىجتىھادلىرى ۋە قىلغان كۆرەشلىرى نەزەردە تۇتۇلغاندا بۇنداق قاراشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىمۇ؟
بەلكىم بۇنىڭغا مۇنداق ئېتىراز قىلىنىشى مۇمكىن. ئۇنداقتا تارىختا ۋە كۈنىمىزدە مەزھەپ نامىدىن يۈز بەرگەن نۇرغۇن كۆڭۈلسىزلىك بار، بۇنى قانداق قىلىمىز؟ قەيەرگە قويىمىز؟ ئىسلام تارىخىنىڭ بۇنچە مالىمانچىلىق بىلەن تولغان تارىخىنى كۆرمەسكە سالىمىزمۇ؟
ئەلۋەتتە، ئۇنداق ئەمەس. مەزھەپ كۈشكۈرتكۈچىلىرى ۋە مەزھەپنى سەلتەنەتلىرى ئۈچۈن بىر پىشاڭ سۈپىتىدە ئىشلەتكەن زالىم ھۆكۈمدارلارنىڭ، خەلقنىڭ نادانلىقىدىن ۋە ئالىملارنىڭ قارىغۇلارچە ئەگىشىپ مېڭىشىدىن پايدىلىنىپ ئۇلغايتقان مەزھەپ تالاش – تارتىشلىرى، توقۇنۇشلىرىنى ئەلۋەتتە كۆرمەسكە سالغىلى بولمايدۇ. ھەتتا ئىبرەت ئېلىش ئۈچۈن بۇنىڭغا ئوخشاش ۋەقەلەرنى ئايرىم مۇستەقىل تېما سۈپىتىدە تەتقىق قىلىش ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشىگە سۇنۇشمۇ قىلىشقا تېگىشلىك خەيىرلىك ئىشلار جۈملىسىدىن.
مەزھەبى بار بولۇش بىلەن مەزھەپچى بولۇشنى بىر – بىرىگە ئارلاشتۇرىۋەتمەسلىك كېرەك. ئۈممەتنى بۆلىۋاتقان ئامىل مەزھەپلەر ۋە مەزھەبى بارلار ئەمەس، ئەكسىچە مەزھەب چۈشەنچىسىنى دىن چۈشەنچىسى بىلەن ئوخشاش دەپ قارىغان ۋەياكى ئۇنىڭدىن ئۈستۈن كۆرىدىغان مەزھەپچىلەردۇر. بۇلارنىڭ سەۋەبىدىن مەزھەبنىڭ ھاياتىمىزدىكى ئورنىنى كىچىك كۆرۈش ياكى بىراقلا سۈپۈرۈپ تاشلاپ ئۇنى ئىنكار قىلىش ئەڭ چوڭ ھاماقەتلىكتۇر. مەزھەپچى ياكى مەزھەبسىز ئەمەس، مەزھەبى بار بولۇش مۆتىدىل بىر پوزىتسىيەدۇر. مەزھەبى بار بولۇش – فىقىھى بار بولۇش، فىقىھقا تايىنىش، شەرىئەتسىز ئىش قىلماسلىق دېگەنلىكتۇر. شەرىئەتلىك بولۇش قورقۇشقا تېگىشلىك ئىش ئەمەس، ئەكسىچە ھاۋايى – ھەۋەسكە ئەگىشىش ئەسلى قورقۇشقا تېگىشلىك ئىشتۇر.
مەزھەپ چۈشەنچىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان بۇ مۆتىدىل بولمىغان پوزىتسىيىنىڭ كېلىپ چىقىشىدا، كىشىلەرنىڭ ئۆزى مەنسۇپ بولغان مەزھەبنى ياخشى بىلمەسلىكى ئېغىر سالماقنى ئىگىلەيدۇ. بىر مەزھەبنىڭ ياخشى بىلىنىشى ئۈچۈن ئەلۋەتتە شۇ مەزھەب نىسبەت قىلىنغان شەخسنىڭ ھاياتى ھەر تەرەپتىن ياخشى بىلىنىشى كېرەك.
تەقلىدچىلىك، ھېچقاچان بۈگۈنكى كۈندىكىدەك قىڭغىر ۋە پۈچەك چۈشەنچىنىڭ ئىسمى بولۇپ باقمىغانىدى. مۇجتەھىد بولۇشنىڭ بەدىلىنى تۆلەشكە رازى بولالمىغانلارغا تەقلىدچى بولۇشتىن باشقا بىر يول يوق. بىراق تەقلىدچى بولۇش، بىر مەزھەبكە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ئېيتىش، ھازىر بىز بىلگەندەك شۇنداق ئاددىي ۋە كۈلپەتسىز بىر ئىشمۇ؟ تەقلىد قىلىشنىڭ بىر بەدىلى يوقمۇ؟ كىشىلەر مەن ھەنەفى مەزھىبىدىن، مەن شافى مەزھىبىدىن… دېيىش بىلەنلا ھەقىقەتەن ئەبۇ ھەنىفەنى ياكى مۇھەممەد بىن ئىدرىس ئەش شافىنى تەقلىد قىلغان بولامدۇ؟ بىر مەزھەبكە مەنسۇپ بولۇش ئۈچۈن پەقەت تىل بىلەن « مەن پالانى مەزھەبتىن » دېيىش كۇپايە قىلىدىغان بولسا، بۇ، كىشىنىڭ ئۆز مەزھەبىنى، ئومۇمىي جەھەتتىن مەزھەب مەسىلىسىنى ئاددىي چاغلاپ قالغانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى ئەمەسمۇ؟