ئىنكاسلار
خارىجىلەر (خارۇرىيە )
تارىخى مەنبەلەر ئۆزلىرىنى « قۇررا » دەپ ئاتىغان بىر تۈركۈم كىشىلەر ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. كېيىنكى مەزگىلدە بۇ گۇرۇپپىغا يېتەكچى بولىدىغان ئابدۇللاھ بىن زىلھۇۋەيسىرا ئەتتەمىمى، رەسۇلۇللاھقا قىلغان ھۆرمەتسىزلىكى سەۋەبىدىن رەسۇلۇللاھ ئەيىبلىگەن ۋە بۇ تۈپەيلى ئۇنىڭ ھەققىدە تەۋبە سۈرىسى 58 – ئايەت نازىل بولغان ئىدى. بۇ زات ھەققىدە بىزگىچە يېتىپ كەلگەن مەلۇماتلار پەقەت بۇلارلا ئەمەس. ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىدىن كەلگەن بىر خەۋەر مۇنداق:
« ئەبۇ بەكىر رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا كېلىپ مۇنداق دېدى:
– ئى رەسۇلۇللاھ، مەن شۇ ۋادىدىن كەلگىنىمدە گۈزەل يۈزلۈك بىر ئادەمنىڭ خۇشۇ ئىچىدە يالغۇز ناماز ئوقۇۋاتقانلىقىنى كۆردۈم ». رەسۇلۇللاھ:
« بېرىپ ئۇنى ئۆلتۈر! » دېدى.
ئەبۇ بەكىر كەتتى. ئۇنى ناماز قىلىۋاتقان ھالدا كۆردى، ئۆلتۈرۈشنى مۇۋاپىق كۆرمەي قايتىپ كەلدى. نەبى ئەلەيھىسسالام ئۆمەرگە:
« بارغىن، ئۇنى ئۆلتۈر! » دېدى.
باردى. ئۇنى بۇرۇنقىدەك ھالەتتە كۆرۈپ قايتتى. رەسۇلۇللاھ ئەلىگە:
« بارغىن، ئۇنى ئۆلتۈر! » دېدى.
ئەلى باردى، ئەمما ئۇنى تاپالمىدى. بۇنىڭ بىلەن نەبى ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى:
« بۇ ۋە بۇنىڭ ئادەملىرى قۇرئان ئوقۇيدۇ، بوغازلىرىنىڭ ئاستىغا بارمايدۇ. ئوقنىڭ يايدىن چىقىپ كەتكىنىدەك دىندىن چىقىپ كېتىپ، دىنغا قايتىپ كېلەلمەيدۇ. ئۇلارنى ئۆلتۈرۈڭلار. ئۇلار مەخلۇقلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ شەرلىرىدۇر»[1].
ئەگەر سەھىھ بولسا، بۇ پەيغەمبىرىمنىڭ ئالدىن بىشارىتىدۇر. بۇ زات ئۇندىن كېيىن مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىغا بالا بولىدۇ، بۇ بالانى يوقۇتۇش يەنە ھەزرىتى ئەلىگە قالغانىدى.
ئۇلار ئەسلى ئىراقلىق بولۇپ، ھەزرىتى ئوسماننىڭ تۇققانلىرىدىن بولغان بەزى ۋالىيلارنىڭ ئىجرائاتلىرى تۈپەيلى ئۇنىڭدىن نارازى بولغان، ئۇنى ئەيىپلىگەنىدى. ئۇلار ئاخىرى ئوسمان ( رەزىيەللاھۇئەنھۇ )غا دۈشمەن بولدى. ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرنى تەكفىر قىلدى. ھەزرىتى ئوسمانغا بولغان دۈشمەنلىكى، ئۇلارنى ھەزرىتى ئەلىنىڭ سېپىدە ئۇرۇش قىلىشقا يۈزلەندۈرگەنىدى.
جەمەل ئۇرۇشىغا قاتناشقانلارنى تەكفىر قىلاتتى. بۇ ئۇرۇشقا قاتناشقان ۋاقتىدا كاپىرلار بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتىمىز دەپ ئۇرۇشقانىدى.
شام ۋالىيسى، خەلىپىگە قارشى توپىلاڭ كۆتۈرگەندە خارىجىلەرگە خەۋەر ئەۋەتتى. ئۇلارغا ھەزرىتى ئوسماننىڭ ناھەق ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، قىساسنىڭ ۋاجىپ بولغانلىقى، ئۆزىگە بۇ مەسىلىدە ياردەم قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.
سىففىندە شام قوشۇنى بۇزغۇنچۇلۇققا ئۇچرىغان بولۇپ، ئۇرۇش نەچچە ئاي سۈرۈپ كەتتى. قوشۇننىڭ ئازلىيىپ قالغانلىقىنى كۆرگەن مۇئاۋىيەنى بىر تەشۋىش بىئارام قىلىۋاتقان ئىدى. ئامر بىن ئاس ئۇنىڭ دەردىگە دەرمان بولدى. ئالىئىمران سۈرىسى 23 – ئايىتىنى دەلىل كۆرسىتىپ بىر جەڭ ھىلىسىنى تاپتى. ھەقىقى سەۋەبىنى خېلى بۇرۇن تەپسىلى چۈشەندۈرگەن ھاكەم ۋەقەسىنى ئەلى ( رەزىيەللاھۇئەنھۇ ) قوبۇل قىلدى ۋە بىر مەكتۇپ يوللىدى. مەكتۇپ « بۇ مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى ئەلىدىن مۇئاۋىيەگە » دەپ باشلانغان ئىدى. شام ۋالىيسى بۇ مەكتۇپتىكى « مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى » ئىبارىسىنى رەت قىلىپ، دادىسىنىڭ ۋە ئۆز ئىسمىنىڭ يېزىلىشىنى تەلەپ قىلدى. ھەزرىتى ئەلى بۇنى قوبۇل قىلدى؛ لېكىن « قارىلەر » ( قۇررا، كەلىمىسىنىڭ مەنىسى « ئوقۇغانلار » بولۇپ، ھىجرى 1 – ئەسىردە بۇ كەلىمە يۇقىرىدىكى مەنىنى ئىپادىلىمىگەن. كەلىمىنىڭ يىلتىز مەنىسىنى تەكشۈرگەندە، دەسلەپكى مەزگىلدە قۇررا كەلىمىسى ئۇقۇم سۈپىتىدە ناھايىتى « مۇتتەقى ئالىم » مەنىسىنى بىلدۈرگەن. ئىبنى ھاجەر بۇ مەنىدە ئىشلەتكەن ) بۇنىڭغا قاتتىق قارشى چىقتى. خەلىپىنىڭ قوشۇنى بىلەن توپىلاڭ كۆتۈرگەن شام ئەسكەرلىرىنىڭ ئارىسىدا بىر توختام تۈزۈلدى. ئىراق بىلەن شام ئوتتۇرىسدا ھاكەملەر / قازىلار تەيىن قىلىنىدىغان بىر زامان ۋە ماكاندا بىر يەرگە كېلىش تەكىتلەنگەن ئىدى. خارىجىلەر مانا مۇشۇ سىففىن ئۇرۇشىدىن قايىتقاندا ئەلى ( رەزىيەللاھۇئەنھۇ )دىن ئايرىلىدى. باھانىلىرى « ھۆكۈم پەقەت ئاللاھنىڭدۇر » ئىدى. ھالبۇكى ھەزرىتى ئەلىنى « بىز قۇرئانغا قارشى ئۇرۇش قىلالمايمىز، قۇرئانغا قارشى ئۇرۇش قىلغانلار بىلەن ئۇرۇش قىلىمىز » دېيىش ئارقىلىق ھاكەم تەكلىپىنى قوبۇل قىلىشقا زورلىغانمۇ ئۆزلىرى ئىدى. ھەزرىتى ئەلى « ئۇلار قۇرئاننىڭ ھۆكۈملىرىگە ئىسيان قىلىش ئۈچۈن ۋاراقلىرىنى قوللىنىۋاتىدۇ. قۇرئان مەندە. ئۇنى مەن تەتبىق قىلىۋاتىمەن » دېسىمۇ سۆزگە قۇلاق سالمىغانىدى. يەنە بۇلار، ئىبىن ئابباسنىڭ ھاكەملىكىگە ئېتىراز بىلدۈرگەن ئىدى. زەپەرگە ئاز قالغاندا، ئۆزلىرى تۈپەيلى بۇزغۇنچۇلۇققا ئۇچرىغان سىففىندىن قايتىشتا ھەزرىتى ئەلىدىن ئايرىلىپ چىقتى. ئۇلارنىڭ سانى تەخمىنەن 8000 ئەتراپىدا ئىدى. ھارۇرا دېگەن يەرگە يىغىلغانلىقتىن « ھارۇرىيە » دەپ ئاتالدى.
ھەزرىتى ئەلى ئۇلارغا ئىبىن ئابباسنى ئەۋەتتى. كۆپىنچىسى كۆز قاراشلىرىدىن ۋاز كەچتى ۋە كۇفەدە خىلاپەت قوشۇنىغا سىڭىپ كەتتى. ۋاز كەچمەستىن كۆز قارىشىدا چىڭ تۇرۇۋالغانلار بىلەن نەھرەۋاندا جەڭ قىلدى. « ئەلى ھاكەم كۆز قارىشىدىن ۋاز كەچتى » ئۆسەك سۆزى چىقى. شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇنلىرى يەنە قايتىۋالدى. ھەزرىتى ئەلى خۇتبىدە بۇنىڭ ئەسلى يوق بىر ئۆسەك سۆز ئىكەنلىكىنى ئېيتقاندىن كېيىن، مەسجىددىن « ھۆكۈم پەقەتلا ئاللاھنىڭ » دېگەن سۆزلەر يۈكسىلىشكە باشلىدى.
شۇنىڭ بىلەن خەلىپە مۇنۇ مەشھۇر سۆزىنى قىلدى: « ئۆزىدە باتىل مەقسەت قىلىنىپ ئېيتىلغان ھەق سۆز ( كەلىمەتۇ ھەققۇن، يۇرادۇ بىھا باتىلۇن ). سىلەرنىڭ بىزنىڭ ئۈستىمىزدە ئۈچ ھەققىڭلار بار:
- سىلەرنى مەسجىدلەردىن توسماسلىق
- فەي دىن پېيىڭلارغا چۈشكەننى بېرىش
- سىلەر ئۇرۇش ئېلان قىلمىغۇچە سىلەر بىلەن جەڭ قىلماسلىق
بۇلار گۇرۇپپىلار ھالىتىدە ئايرىلدى. ھەزرىتى ئەلى ئۇلارنى قايتىپ كېلىشكە چاقىرى. ئۇلار ئالدى بىلەن تەھكىمنى قوبۇل قىلغانلىقى ئۈچۈن دىندىن چىققانلىقىنى ئېيتىپ، ئاندىن تەۋبە قىلىشىنى شەرت قىلدى ۋە خەلىپىنىڭ ئەلچىسىنى ئۆلتۈرۈشكە تەمشەلدى.
بۇ دەۋردە سىياسى بىر ھەرىكەت بولۇپ ئوتتۇرىغا چىققان بۇ بىر توپ كىشىلەر، ئۆزلىرىگە خاس بەزى ئەقىدە ئاساسلىرىنى تۇرغۇزۇپ بىر مەزھەپكە ئايلاندى. كىمىكى ئۆزىگە ئوخشاش ئېتىقاد قىلمىسا، ئۇنىڭ قېنى، مېلى، ئار – نومۇسى ئۇلارغا ھالال ئىدى. شۇنداق قىلىپ پىكىر بىرلىكىگە كەلدى. ئالدىغا ئۇچرىغان كىشىنى سوراققا تارتىپ، ئۆزلىرىگە ئوخشاش شەكىلدە ئېتىقاد قىلمىسا ئۆلتۈرەتتى. مۆتىۋەر ساھابىلەردىن خەبباب بىن ئەرەتنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھ خانىمى بىلەن بىرلىكتە ئۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، ئۇلارنى سوراق قىلىپ شېھىت قىلدى. ھامىلە بولغان خانىمنىڭ قارنىنى ياردى. بۇ خەۋەر ھەزرىتى ئەلىگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، شام ئۈچۈن ھازىرلىغان قوشۇنى بىلەن نەھرەۋانغا ھۇجۇم قىلدى. ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشى قېچىپ جېنىنى قۇتقۇزالىغان ئىدى. بۇلار كېيىنچە يانتاياق تېپىپ كۆپىيىشكە باشلىدى. ھەزرىتى ئەلىنى قەتلى قىلغانغا قەدەر يۇشۇرنۇپ يۈردى. چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭدىن قاتتىق قورقاتتى.
ھەزرىتى ھەسەننىڭ تېنچلىق كېلىشىمىدىن كېيىن شامغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈردى. قوزغىلاڭ رەھىمسىزلىك بىلەن باستۇرۇلدى. مۇئاۋىيە ۋە يەزىد دەۋرىدە ھېچ زۇۋانىنى چىقارمىدى. ئابدۇللاھ بىن زۇبەير شامدىن باشقا بارلىق زېمىنلارنىڭ بەيئىتىنى ئېلىپ خەلىپە بولغاندا، مەرۋان ئۇنىڭغا قارشى ئىسيان قىلىپ خەلىپىلىك داۋاسى قىلدى. شامدىن مىسىرغىچە بولغان رايۇنلارنى ئىستىلا قىلدى. خارىجىلەر ئىراقتا ۋە يەمامەدە ئايرىم – ئايرىم ھالدا قوزغىلاڭ كۆتۈردى. يەمامە ئېقىمى خارىجى ئەقىدىسىگە يەنە بىر ماددا قوشتى: ئۆزلىرىگە ئوخشاش شەكىلدە ئېتىقاد قىلغان تەقدىردىمۇ، ئۆزلىرىگە ئوخشاش ئېتىقاد قىلمىغانلار بىلەن جەڭ قىلمىسا كاپىر بولاتتى.
خارىجىلىك ئەقىدىسىنى شەكىللەندۈرگەندىن كېيىن فىقھىنىمۇ شەكىللەندۈرگەن ئىدى. بۇ فىقىھتا:
- ئۆيلەنگەن كىشىنىڭ زىناسىدىن چالما كېسەك بىلەن ئۆلتۈرۈشنى چىقرىۋېتىش.
- ئوغرىنىڭ قۇلىنىڭ دۇلدىن كېسىش
- ھەيىزدار ئايالغا ھەيىز مەزگىلىدە نامازنىڭ پەرز قىلىنغانلىقى
- ئەمرى بىلمەئرۇف ئەننەھىي ئەنلمۇنكەر، يەنى ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇشنىڭ پەرىزىنى ( ئۆزۈرلۈك بولسىمۇ ) تەرك قىلسا، كاپىر بولىدىغانلىقى
- چوڭ گۇناھ قىلغاننىڭ كاپىر بولىدىغانلىقى
- ئەھلى زىممەت ۋە ئۇلارنىڭ ماللىرىغا قول تەككۈزۈشنىڭ ھارام بولىدىغانلىقىغا ھۆكۈم چىقاردى.
ئۇنىڭدىن كېيىن ئەمەۋى قۇماندانى مىھلەب ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنى ئۆلتۈردى. ئابباسىلار دەۋرىدە ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ماراكەشكە كەتكەنىدى. ئىبن خازم، خارىجىلەرنىڭ بەزى تارماقلىرىنىڭ ئېتىقادتا چەكتىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى، قۇرئانغا ھەر خىل كۆز قاراشتا بولغانلىقى تۈپەيلى، كۈندە ئىككى ۋاقىت نامازنىڭ پەرىز بولغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلارنىڭمۇ بارلىقىنى نەقل قىلىدۇ. يەنە بۇ مەنبە، بۇ « ئاشقۇن » خارىجىلەرنىڭ ( غۇلات ) جىيەنلەرنىڭ نەۋرىلەر بىلەن ئۆيلىنىشنى جائىز كۆرىدىغانلىقى، خارىجىلەردىن كىچىك بىر گۇرۇپپنىڭمۇ سۈرە يۈسۈپنى ئىنكار قىلغانلىقىنى رىۋايەت قىلىدۇ[2].
شۇنداق، قىسقىچە ھىكايىسى مۇشۇنداق بولغان خارىجىلەر ئىسلام تارىخىدا ئوتتۇرىغا چىققان باندىت توپ ئىدى. ئازغۇنلۇق ۋە قارىغۇلارچە ئەگىشىشنىڭ بۇنداق ئۆرنىكى تارىختا ناھايىتى ئاز كۆرۈلگەن ئىدى. بۇ مەنتىقنى « ھەقىقەتنى ھەقىقەت نامىدا قەتىل قىلىش » دېسەكمۇ بولىدۇ. بۇ گۇرۇپ، پرۇدخون ۋە باكۇنىننىڭ ئېنىقلىمىسى بىلەن تۇنجى ئىسلام ئانارخىستلىرى ( ئادىل ھاكىمىيەتنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلار ) ئىدى. خارىجىلىك ئىسمى، ئانارخىزىمنىڭ سىستېمىلاشقان شەكلىدۇر. ھەر ئىنكاس خاراكتېرلىق ھەرىكەتتە كۆرۈلگەندەك، بۇ ھەرىكەتنىڭ چىقىشىدىكى ئاشقۇنلۇقتىمۇ قايتۇرۇلغان ئىنكاسنىڭ نىسبىتى ھەددىدىن زىيادە ئىدى. ئىماننى باتىني ( يۇشۇرۇن )لىققا مەھكۇم قىلىپ قويغان ۋە ئەمەلنى دىققەتكە ئالمايدىغان مۇرجىئە ۋە جەبرىئەگە ئىنكاس سۈپتىدە ئوتتۇرىغا چىققان بۇ ھەرىكەت، ئەمەلنى ۋە تاشقى كۆرۈنۈشنى كۆككە كۆتۈرۈپ، بۇتلاشتۇرغان ئىدى.
تەدبىقلىغۇچىسىز ھالدا ناسقا ئېسىلىۋېلىشنىڭ خەتىرىگە تارىخى بىر ئۆرنەك تەشكىل قىلغان خارىجىلەرنىڭ ئەڭ چوڭ كەمچىلىكى « كىتاپسىزلىق » ئەمەس، « نەبىسىزلىك » ئىدى. قۇرئاننىڭ پەقەت زاھىرىغا قاراپ سۈننەتنى شەرئىي مەنبە ھېساپلىمايدىغان خارىجىلەر، قۇرئاندا تاپالمىغان ھاراملارنى مۇباھ دەپ قارىغان، رەسۇلۇللاھنىڭ ئىجرائاتلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ، ئايەتلەرنى ئۆز ئالدىغا ئىزاھلاشقا ئۇرۇنغانىدى.
بۇ پىرقىنىڭ چىقىشى ئىسلامى سىياسەتنىڭ ئەڭ ئېغىر ئېمتىھانى بولغان ۋە ئىسلامى سىياسەت، بۇ ئېمتىھاننى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بېرىپ، ھاكىمىيەتنى ئۆز قولىدا تۇتۇپ تۇرغانلارغا، جانلىرىغا قەست قىلغان مۇخالىپلىرىگە قارىتا قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەكلىكىنى ئۈگەتكەن ئىدى. ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئۆزىنى « كاپىر » دېگەن بۇ ھىزىپنى مۇسۇلمان قاتارىدا كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ ھەققىنى ئېتىراپ قىلىشى ۋە ھەققىنى بېرىشى، قاتىلى ئىبىن مۇلجەمگە ياخشى مۇئامىلە قىلشنى ئېيتىشى، تارىختا ئاز ئۇچرايدىغان ئۆرنەكلەردىن بىرىدۇر. بۇ ئېمتىھانغا خىرىستىيانلىقمۇ كىرگەن، لېكىن سىناقتىن ئۆتەلمىگەن ئىدى. ياۋرۇپانىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدە، « يوقسۇل ئەيسا » شۇئارى بىلەن « تاغدىكى ۋەز » نىڭ ناسلىرىنى، چېركاۋغا قارشى دەلىل قىلىپ قوللىنىپ تاغلارغا چىقىپ كەتكەن فرا دولسىنو ۋە ئادەملىرىگە چېركاۋنىڭ قايتۇرغان جاۋابى ناھايىتى قورقۇنۇچلۇق بولغان بولۇپ، مىڭلىغان كىشىنى كېچە – كۈندۈز يېقىلغان گۇلخانغا تاشلىغان ئىدى. خىرىستىيانلىق تارىخىدا تەشكىللىنىپ، رەسمىي دىنغا قارشى خارىجىلەردىن تېخىمۇ ئالىيجاناپ تۇيغۇلار بىلەن قوزغالغان بۇ ئىنسانلار، ھەققىنى تونۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا ئىنسان قاتارىدىمۇ سانالمىغان ئىدى.
خۇلاسىلايدىغان بولساق:
- خارىجىلەر، ئىسلامى سىياسەتتە ئادالەتنى، ئېتىقاتتا ئەمەلنى شەرت ھېساپلىمىغان مۇرجىئەنىڭ ئەكسىچە، ئادالەتنى ۋە ئەمەلنى بىردىنبىر بېكىتكۈچى ئۇنسۇر ھېساپلاپ تەفرىتكە / بىپەرۋالىق قىلىشقا يۈزلەنگەن؛ ئەمرى بىلمەئرۇف ۋە نەھىي ئەنلمۇنكەر پەرىزىنى خاتا چۈشۈنۈپ، دېتىغا ياقمايدىغان ھەر قانداق ئەھۋالدا قۇراللىق ئىسيان قىلىش شەكلىدە شەرھىيلىگەن.
- تەكفىر كېسىلىنى ئىسلامغا ئېلىپ كىرىپ، بۈگۈنكى كۈندە ھەتتا خارىجىلەنى ياقتۇرمىغان مەزھەپلەرنىڭمۇ ئىزىدىن ماڭغان بىر چېغىر يول ئاچقان.
- بۇلار ئېزىشنىڭ ۋە تەلۋىلىكنىڭ، جىنايەتنىڭ يەنە بىر ئىسمى ئىكەنلىكىنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالى بولغان بولۇپ، بارلىق تەلۋىلىك ۋە رەت قىلىنغان قارىغۇلارچە ئەگىشىشنىڭ، پۇرسەت تاپسىلا ئىگىسىگە نېمىلەرنى قىلغۇزىدىغانلىقىنىڭ ئىبرەتلىك بىر ئۆرنىكى بولغان ئىدى.
- قۇرئان رىسالىسىنى پارچىلاشنىڭ، ھەقىقەتنى پارچىلاش بولىدىغانلىقىنى، پارچىلانغان ھەقىقەتنىڭ ھەقىقەت بولۇشتىن چىقىپ، بىر باتىلغا قانداق يول ئاچقانلىقىنىڭ نامايەندىسى بولغان خارىجىلىك، پارچىنى پۈتۈننىڭ ئورنىغا قويغان چۈشەنچە ئۇلاشقان ئەڭ قورقۇنچلىق نوقتىدۇر. **************************************************
[1] ئىبنى ھاجەر، فەتھۇلبارى، كىتابۇ ئىستىتابەتۇل مۇرتەددىن، XII/ 312
[2] ئىبنى ھاجەر، فەتھۇلبارى، كىتابۇ ئىستىتابەتۇل مۇرتەددىن، XII/315-325