مۇتەزىلە
ئەمەۋى ھاكىمىيىتى، « سەلتەنەتلىرى ئۈچۈن » خەۋپ تەشكىل قىلمىغان ئېقىملارغا كۆز يۇمۇش بىلەن مەشھۇر. ھاكىمىيەت ئەڭ كىچىك بولسىمۇ ئىسيان شەپىسىنى ئالغان جاينى، مەيلى بۇ يەر مەسجىدى ھەرەم بولسۇن، قاتتىق قوللۇق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، بىر كىشىنىمۇ ساق قويمىغۇدەك دەرىجىدە قىرىپ تاشلايتتى. يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىگە ۋە ئىجرائاتلىرىنى شەرىئەتكە ئۇيغۇن دەپ كۆرسىتىش ئۈچۈن يوچۇق ئىزدەيتتى. ئەسرى سائادەتتە ئىجرا قىلىنغان ئىسلام فىقھىنىڭ ( + ئەقىدە ) بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى مانا مۇشۇنداق باشلاندى.
ھاكىمىيەتتىكىلەرگە ياخشى كۆرۈنۈش ئۈچۈن، يالغان توقۇپ چىقىرىش زاۋۇتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىشقا سېلىۋاتقانلار، ئىسلام شەرىئەت ئاساسىنىڭ تەدبىقلىنىش مەنبەسى بولغان سۈننەتنىڭ سۈزۈك ئېقىنىنى بۇلغاشنى ئويلايتتى. تەبىئىي، بۇنىڭغا قارشى ئۆكتىچىلەرمۇ بوش تۇرمايتتى، ئۇلارمۇ ھاكىمىيەتكە قارشى ھەدىسلەرنى توقۇپ چىقىراتتى. نەتىجە ئىتىبارى بىلەن بولغۇلۇق يەنىلا شۇ پاك ئېقىنغا بولاتتى، ئېتىلغان لاي – چالمىلار ئۇ سۈزۈك « سۈننەت » بولىقىنى بۇلغىغان ئىدى.
بۇ دەۋردە مەشھۇر بولغان ئۈچ ئېقىمدىن بىرى بولغان مۇرجىئە ھاكىمىيەتتە ئىدى. ئىككىنجىسى بولغان شىئە ھەزرىتى ھۈسەيىننىڭ شاھادىتى بىلەن ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغان بولۇپ، خارىجىلەر خېلى بۇرۇن يېگەن ئېغىر زەربە تۈپەيلى قارشىلىقىنى قوراللىق كۆرەش ئارقىلىق ئەمەس، كالامى مۇنازىرە ئارقىلىق ئېلىپ بېرىۋاتاتتى.
گەرچە بۇنداق مۇنازىرىلەرنىڭ چىقىش سەۋەبى سىياسىي نوقتىدىن بولغان بولسىمۇ، ئىش بارغانسېرى ئەسلى ماھىيىتىدىن يىراقلاپ، باشقا ساھالەرگە ئېغىپ كەتكەنىدى. بۇنىڭدا تارىخچىلار قەيت قىلغاندەك، ئىسلامغا يېڭى كىرگەن ۋەياكى كىرگەندەك كۆرۈنۈپ دىننى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىشنى مەقسەت قىلغان كىشىلەرنىڭ رولىغىمۇ سەل قارىغىلى بولمايدۇ، ئەلۋەتتە. باشتا مۇنازىرىلارنىڭ مەركىزىنى « ئىمامەت » ۋە « چوڭ گۇناھ قىلغانلارنىڭ ئەھۋالى » تەشكىل قىلغان بولسا، كېيىن بۇلارغا مۇتەشابىھ ئايەتلەر، ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرى دېگەنگە ئوخشاش تېمىلار قوشۇلغانىدى. كۆرۈپ يەتكىنىمىزدەك باشتا سىياسى سوئاللار بىلەن باشلانغان تالاش – تارتىشلار، كېيىن مۇتەشابىھاتقا ئوخشاش سىياسى بولمىغان مەزمۇنلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىدى.
بۇ تالاش – تارتىشلار ئەڭ كۆپ ئېلىپ بېرىلىدىغان جاي، تەبىئىتى بىلەن ئۇ زاماننىڭ ئاممىۋى پىكىر پەيدا قىلىدىغان مەركىزى بولغان جامىلەر ئىدى. بەسىرە مەسجىدىمۇ ئۇشبۇ مەركەزلەردىن بىرسى بولۇپ، مەشھۇر زات ھەسەن ئەلبەسرى ئۇ دەۋرنىڭ ئۈنىۋېرسىتىسى ھېساپلانغان بىر دەرس ھالقىسىنىڭ مۇدەررىسى ئىدى. ئۆزى ئەمەۋى ھاكىمىيىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان، مۇئاۋىيەنى قىلغان ئىجرائاتلىرى تۈپەيلى ئەيىپلىگەن، تەكلىپ قىلىنغان ۋەزىپە ۋە مائاشنى قوبۇل قىلمىغان بولسىمۇ، قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش تەرەپتارى بولمىغان، ھەم قوزغىلاڭ كۆتۈرگەنلەرگىمۇ قارشى چىقمىغان.
ھەسەن ئەلبەسرى غەلىبە قىلىشى گۇمانلىق بولغان ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارماسلىقنى تەۋسىيە قىلغان. لېكىن قېرىندىشىدىن تارتىپ ئەمەۋىلەرگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۇنىڭ دەرس ھالقىسىدا يېتىشكەن كىشىلەر ئىدى.
بەسرىنىڭ ھالقىسىدا ئۇ كۈننىڭ مودا تېمىسى بولغان « چوڭ گۇناھلار » تالاش – تارتىش قىلىنغان ئىدى. ئوقۇغۇچىلىرىدىن ۋاسىل بىن ئاتا ئۇستازىغا بۇ ھەقتە مۇخالىپەت بولغان. ئەسلىدە م. ئەبۇ زەھرانىڭ ئېيتقىنىدەك، ۋاسىلنىڭ كۆز قارىشى بىلەن بەسرىنىڭ كۆز قارىشى ئارىسىدا ماھىيەت جەھەتتىن ئەمەس، ئىپادىلەش نوقتىسىدىن پەرق بار ئىدى. ھەسەن ئەلبەسرى گۇناھى كەبىر قىلغانلارنىڭ « مۇناپىق » بولىدىغانلىقىنى ئېيتسا، بەزى مەنبەلەردە مۇتەزىلەنىڭ قۇرغۇچىسى دەپ كۆرسىتىلگەن ۋاسىل بىن ئاتا « ئۇ كىشى فاسىقتۇر؛ ئورنى ئىمان بىلەن كۇپۇر ئارىسىدا بولىدۇ ( ئەلمەنزىلەتۇ بەينەل مەنزىلەتەين )، ئەگەر تەۋبە قىلماستىن ئۆلسە جەھەننەمگە كىرىدۇ » دەيدۇ. بۇ پەرق مۇھىم پەرقلەردىن ئەمەس ئىدى. شۇڭا ئۇستاز بىلەن شاگىرتى ئوتتۇرىسىدىكى بۇ چۈشەنچە پەرقى ئۇنداق ئۆزئارا زىت نەرسىلەردىن ئەمەس ئىدى.
مۇتەزىلەنىڭ پەيدا بولىشىغا سەۋەپ قىلىپ كۆرسىتىلگەن بۇ ھادىسە، مانا مۇشۇنداق ئەسلا مۇناسىۋەتلىك بولمىغان بىر كۆز قاراش پەرقى بىلەن، بىر ئېقىمنىڭ چىقىشىنى پۈتۈنلەي ئىزاھلاپ بېرەلمەيدۇ. دېمىسىمۇ مۇتەزىلە ھەسەن ئەلبەسرىنى ئۆزلىرىدىن ھېساپلاپ بۇ قاراشلارنى رەت قىلىشىدۇ. مۇخالىپلىرىنىڭ پەيدا بولىشىغا پىرقىلار ئۆزى سەۋەپ بولغانىدى. مۇتەزىلەنىڭ ئىمامى، جۇمھۇرنى تەمسىل قىلغان ھەسەن ئەلبەسرىنىڭ دەرس ھالقىسىدىن چىققان بولسا، ئەھلى سۈننەت ئىمامى ئەلئەشئەرىنىڭ مۇتەزىلە ھالقىسىدىن چىقىشى بۇنىڭ ئەڭ تىپىك ئۆرنىكىدۇر.
مۇتەزىلەنىڭ چىقىشىغا بۇنىڭدىنمۇ مۇھىمراق سەۋەپلەرنى كۆرسەتكىلى بولىدۇ. بۇلاردىن بىرى، دىندا ھەددىدىن زىيادە خوش كۆرۈشكە ئېغىۋالغان مۇرجىئە بىلەن بەك قاتتىق تۇرۇۋالغان خارىجىلەر ئارىسىدا، ئوتتۇراھال بىر يولنى تۇتۇش تىرىشچانلىقىدۇر. لېكىن مۇشۇنداق بىر قالايمىقانچىلىقتا ئوتتۇراھال بىر يولنى تېپىپ چىقىش قانچىلىك مۇمكىن بولاتتى دەيسىز؟ ئەلۋەتتە، مۇتەزىلەنىڭ ئاقىۋىتى بۇ سوئالىمزغا جاۋاپ بولۇشقا يېتەرلىك.
ئۇلار نە خارىجىلاردەك « چوڭ گۇناھ قىلغانلار كاپىردۇر »، نە مۇرجىئەدەك « گۇناھ ئىنسانغا زىيانلىق ئەمەس » دېمىدى. بۇ ئىككى ئېتىقادنىڭ ئوتتۇرىسىدىن « ئەلمەنزىلەتۇ بەينەل مەنزىلەين » ( ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بىر يەر ) نى بەلگىلىدى.
مۇتەزىلەنىڭ چىقىشىنى ھەزرىتى ھەسەننىڭ خەلىپىلىكتىن ۋازكېچىشىگىچە ئېلىپ بارىدىغانلارمۇ بار.
قايسى تەرەپتىن قارىساق قارايلى، بىر رىئاكسىيىچانلىق نەتىجىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان بۇ گۇرۇپپا، ئاستا – ئاستا تەشكىللىنىشكە باشلىغان « ھەدىسچىلەر »نى ئۆزىنىڭ قارشى قۇتۇپىدا كۆرىدۇ. تەبىئىي ھالدا نەقىلگە قارشى ئەقىلنى ئەۋزەل دەپ بىلگەن مۇتەزىلە، تالاش – تارتىش سورۇنلىرىدا خەلق تۆت كۆز بىلەن ئىزدەيدىغان كىشىلەرىگە ئايلانغان ئىدى.
بۇ پىرقىنى « ئاقىلچىلار ( دانالار ) » پىرقىسى بولۇشتىن يىراقلاشتۇرۇپ، ئەقىلچىلەر (ئەقىلنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغۇچىلار ) پىرقىسى قىلىپ قويغان پەرقلىق سەۋەپلەر بار. بۇلارنىڭ بېشىدا ئىسلام كۈلتۈرىنىڭ باشقا كۈلتۈرلەر بىلەن ( پارىس، يۇنان، ھىندى ) توقۇنۇشى سەۋەبىدىن ئوتتۇرىغا چىققان سوئاللار ۋە ئېتىرازلارغا جاۋاپ بېرىش، ئەمەۋىلەرنىڭ دۆلەت سىياسىتىگە ئايلانغان ئەرەپ ئىرىقچىلىقىغا رەددىيە بېرىش ۋە كۆپ سانلىقنى ئەجەملەرنىڭ تەشكىل قىلىشى، خارىجى دوگماتىزمىنى رەت قىلىش ئۈچۈن ئەقىلنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش قاتارلىق سەۋەپلەر بۇلاردىن بىر قانچىسىدۇر.
بولۇپمۇ ئسلامنى ئىچىدىن يېمىرىپ تاشلاش ئۈچۈن مۇسۇلمان بولغاندەك كۆرۈنۈپ، ئەمىلىيەتتە ئىسلامغا بولغان دۈشمەنلىكىنى ھەر خىل سوئاللارنى ئوتتۇرىغا تاشلاش ۋە بۇ ئارقىلىق ئىسلامغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش نىيىتىنى ئوچۇق – ئاشكارە نامايەن قىلغان زىندىقلارنىڭ، ئۆزلىرىگە قارشى سەپتە تۇرغانلىقىنى كۆرگەن مۇتەزىلە، بۇ ۋەزىپىنى پەخىرلەنگەن ھالدا ئۈستىگە ئالدى. بۇ جەرياندا ئۇلار ئەقىدىلىرىنىڭ ئاساسلىرىنىمۇ بېكىتتى. بۇلار بەش ئاساستۇر: قانداق بىر « ئاللاھ » سوئالىنىڭ جاۋابى بولغان تەۋھىد؛ سادىر قىلىنغان يامانلىقلارنى خوش كۆرسىتىش ئۈچۈن، بەندىنى قىلغانلىرىدىن جاۋاپكارلىققا تارتىلمايدۇ دەپ قارايدىغان جەبرىيەنى رەت قىلىش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ئادل؛ جازا ۋە مۇكاپات ھەققىدە مۇرجىئەنى رەد قىلىش ئۈچۈن بىكىتىلگەن ۋەد ۋە ۋائىد؛ بۈيۈك گۇناھ قىلغانلارنىڭ ئاخىرەتتىكى يېرى ھەققىدىكى ئەلمەنزىلەتۇ بەينەل مەنزىلەين ۋە ئىسلامنىڭ بۇزغۇنچىلىق قىلىنىشىنى توسۇش ۋە خارىجىلەر بىلەن مۇرجىئەلەرنى رەد قىلىش ئۈچۈن ئەمرى بىلمەئرۇف نەھىي ئەنىلمۇنكەر.
مۇتەزىلەنىڭ قارىشىچە، ئىمام / يېتەكچى مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن سايلىنىشى، ھەتتا كۆپچلىكنى ئاساس قىلىپ ئەمەس، ئىتتىپاق بىلەن سايلىنىشى كېرەك. ئىختىلاپ زامانلىرىدا ئىمام سايلاش جائىز ئەمەس. ئىمامەت شەرئەن پەرىزدۇر. ئىمامنىڭ بەلگىلىك بىر ئۇرۇغدىن / نەسەپتىن بولۇش شەرتى يوقتۇر. ئۇنىڭ قۇرەيش ياكى ئەجەم بولىشى مۇھىم ئەمەس، ئادىل ۋە شۇ ئىشنىڭ ئەھلى بولسا يېتەرلىك.
مۇتەزىلە، پاسىق ئىمامنىڭ ئارقىسىدا ناماز قىلىشنى جائىز كۆرمەيدۇ. « ئەمرى بىلمەئرۇف نەھىي ئەنلمۇنكەر » ئاساستۇر. ئادالەتتىن ئايرىلغان ھاكىمىيەتكە قارشى چىقىش پەرزدۇر. ئەمما بۇ، شارائىت ۋە بىخەتەرلىكنىڭ ئورنىتىلىشىغا باغلىقتۇر، دەيدۇ. خارىجىلەر، مۇرجىئەلەر ۋە مۇتەزىلەر تالاش – تارتىش قىلغان ئەڭ چوڭ تېما « گۇناھكار مۇسۇلماننىڭ ئەھۋالى » مەسىلىسىدۇر.
مۇتەزىلەنىڭ ساھابىلەر ئارىسىدىكى ئىختىلاپلارغا قارىتا پوزىتسىيىسى مۇجمەل. بۇ ھىزىپكە باغلىق بولغان بەزى گۇرۇپپىلار رەسۇلۇللاھنىڭ ھەقىقى ساھابىلىرىغا تىل تەككۈزۈشتىن تەپ تارتمىغانىدى. ئىسلام تارىخىدىكى ۋەقەلەرگە تۇتقان مۇئامىلىسىدىكى رىئاكسىيىچانلىق ۋە قىڭغىرلىق ئۇلارنى ھەدىس ۋە ئىجمانى رەت قىلىشقا ئېلىپ بارغان.
بىر تەرەپتىن ھەدىس ئىسمى قويۇلۇپ ھىمايە قىلىنغان قانۇن – نىزاملار ( توقۇلمىلار )، يەنە بىر تەرەپتە ئىچىدە توقۇلما بار دەپ مەشھۇر ۋە سەھىھلىرى بىلەن قوشۇپ تەرك قىلىنىپ قۇتۇلۇشقا ئېنتىلگەن قانۇن / شەرىئەت مەنبەسىگە قارىتا، ئىفرات ۋە تەفرىت، يەنى ئاشقۇنلۇق ۋە بىپەرۋالىق مەۋجۇت ئىدى. يەنى بىر گۇرۇپپا داستىكى بالىغا، داسنىڭ ئىچىدىكى پاسكىنا سۇ بىلەن قوشۇپ ئىگە چىققان بولسا، يەنە بىر گۇرۇپپا بالىنى داستىكى پاسكىنا سۇغا قۇشۇپ بىراقلا تۆكىۋېتەتتى. يەنە بىر گۇرۇپپا ( مۇرجىئە )، ھەتتا ئەسرى سائادەتنىڭ مەشھۇر مۇناپىقلىرىنىمۇ « ساھابە » كاتىگورىيىسىگە كىرگۈزۈپ، ئۇلارنىڭ باتىل سۆز ۋە ھەرىكەتلىرىنىمۇ ئەزىزلەشكە تىرىشقان بولسا، باشقا بىر گۇرۇپپا ھەتتا رەسۇلۇللاھنىڭ ھەقىقى ساھابىلىرىنىمۇ ئۇلار ( مۇناپىقلار ) بىلەن بىر كاتىگورىيىگە كىرگۈزۈپ، ئۇلارغا قوشۇپ ئەيىپلەيتتى ۋە ئۇلارنىڭ ئورتاق كۆز قاراش ( ئىجما )لىرىنى دەلىل ھېساپلىمايدىغان چۈشەنچە مەۋجۇت ئىدى.
بىر تەرەپتە رەسۇلۇللاھقا قىلىنغان تۆھمەت ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ، ئالدى بىلەن توقۇپ چىقىلىپ، ئاندىن « دىن دېگەن مۇشۇ » دەپ ئېسىلىۋالىدىغان نەقىل خۇراپاتلىرى؛ يەنە بىر تەرەپتە سەلىم بىر قەلبنىڭ ( ئەقىلنىڭ ) مېۋىسى بولمىغان ۋە بىر – بىرىنى ئىناۋەتسىز قىلغان ئەقلى خۇراپىلەر بار ئىدى.
يەنە بىر تەرەپتىن تەقلىدنىڭ پاتقىقىغا پېتىپ، ھەتتا تەپەككۇر قىلىشنىمۇ گۇناھ ھېساپلايدىغان رادىكال نەقىلچى چۈشەنچە؛ يەنە بىر تەرەپتە ھۆر تەپەككۇر نامىدا قەتىل قىلىنغان ۋە قارىلانغان مول تەجرىبە ۋە رادىكال ئەقىلچى مەنتىق ھۆكۈم سۈرمەكتە ئىدى.