تەرەپۋازلىق
ھەزرىتى ئەلى ( رەزىيەللاھۇئەنھۇ ) ئەسھابى / دوستلىرى ۋە ئۇلارنىڭ شىئەگە ئايلىنىشى
ھەزرىتى ئەلى ئىسلامنىڭ تارقىلىشىدە ئاۋانگارتلىق رولىنى ئوينىغانلاردىن بىرى ئىدى. بەزى مەنبەلەردە ئۇنى ئەڭ باشتا مۇسۇلمان بولغان بەش، ھەتتا ئۈچ كىشىدىن بىرى دەپ كۆرسىتىدۇ. ئىسلامنىڭ يېيىلىشىغا ماس ھالدا ھەزرىتى ئەلىمۇ كۆزگە كۆرۈنۈشكە باشلىغان. جەڭ مەيدانلىرىدا كۆرسەتكەن قەھرىمانلىقلىرى ۋە جاسارىتى؛ رەسۇلۇللاھ بىلەن بولغان تۇققاندارچىلىقى، ئىلمى، تەقۋاسى؛ رەسۇلۇللاھ ھىجرەتكە ئاتلانغاندا ئۇنى ئۆزىنىڭ كارۋېتىدا يېتىشقا بۇيرىشى ۋە مەدىنىگە كەلگەندە مۇسۇلمانلارنى ئۆز ئارا قېرىنداش بولۇشقا بۇيرۇپ، ئۇنى ئۆزىگە قېرىنداش قىلىشى؛ ھەتتا ھاياتىدىكى بىردىنبىر پەرزەنتى بولغان قىزى پاتىمەنى ئۇنىڭغا ياتلىق قىلىپ، ئۇنى ئۆزىگە كۈيئوغۇل قىلىشى، ھەزرىتى ئەلىنىڭ رەسۇلۇللاھنىڭ ئەسھابى / دوستلىرى ئارىسىدىكى ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرگەنىدى.
ئۇنىڭدىن باشقا، ھەزرىتى ئەلىنىڭ قۇرەيىشنىڭ مەشھۇر قەبىلىلىرىدىن بىرى بولغان بەنى ھاشىمدىن ئىبارەت چوڭ ۋە قۇرەيىشكە يېتەكچىلىك قىلىدىغان بىر قەبىلىدىن بولىشى، كېيىنكى مەزگىلدە يۈز بەرگەن ۋەقە ۋە تەرەپۋازلىقلارنى ئىزاھلاشتا نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىغان ئامىللاردىن بىرىدۇر.
مانا بۇ ئارتۇقچىلىقلىرى بىلەن ھەزرىتى ئەلى ساھابە ئارىسىدا ھۆرمەت كۆرگەن، سۆزى ئىتىبار قىلىنغان ۋە ياخشى كۆرۈلگەن بىر شەخس ئىدى. بۇ مۇھەببەت ۋە ھۆرمەت پەۋقۇلئاددە دوستلۇقلارنىڭ شەكىللىنىشىگە ۋەسىلە بولغانىدى. مەككىدىكى ئەڭ ئېغىر كۈنلەرنى بىرلىكتە بېشىدىن ئۆتكۈزگەن، مۇشرىكلارنىڭ چىدىغۇسىز زۇلۇملىرىغا بىرلىكتە بەرداشلىق بېرىپ، مۈرىنى – مۈرىگە تىرەپ ھەر قېيىنچىلىقنى يەڭگەن، بىر سەپتە كۆرەش قىلغان، قەھەتچىلىك كۈنلىرىدە بار – يوقنى تەڭ كۆرگەن، ھىجرەت، بەدىر، ئۇھۇد، تەبۇك، خەيبەر، ھۇنەيىن ۋە فەتىھنى بىرلىكتە بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كىشىلەرنىڭ، بۇنچە ئورتاق ئەسلىمىلەرگە قارىتا ئىنكاسسىز قېلىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس، ئەلۋەتتە. بۇ سەۋەپتىن ئەبۇ زەر غىفارى، سەلمان پارىسى، ئاممار بىن ياسىر، مىقدات بىن ئەسۋەد، زۇبەير بىن ئاۋۋام… قاتارلىق قۇرئان خوشخەۋەر بەرگەن بەدىر ئەھلى بولغان تاللانغان كىشىلەر بىلەن ھەزرىتى ئەلى ئارىسىدا چوڭقۇر دوستلۇق رىشتى بار بولۇپ، بۇ دوستلۇق ھالقىسى كۈندىن – كۈنگە كېڭەيگەنىدى.
ئىسلامنىڭ جاپالىق ئېغىر كۈنلىرى ئاخىرلىشىپ، نېمەت كۈنلىرىنىڭ باشلىنىشى، زەپەرلەرنىڭ ئارقىمۇ – ئارقا قولغا كەلتۈرۈلۈپ، قارشىلىق كۆرسەتكەنلەرنىڭ تەسلىم بولىشى، ھەر جەھەتتىن ئوتتۇرىغا چىققان كېڭىيىش ۋە چوڭىيىش، بۇ ئېغىر كۈن دوستلىرىنىڭ دوستلۇقلىرىغا تېخىمۇ قىممەت قوشقانىدى. بولۇپمۇ مەككىنىڭ فەتىھ قىلىنىشى، شېرىكنىڭ بىرىنچى ۋە ئەڭ چوڭ قەلئەسى بولغان مەككىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ قولىغا ئۆتىشى بىلەن تەڭ، يېڭى بىر ئەھۋال ئوتتۇرىغا چىقتى. كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئىسلامغا قارشى تۇرغان كىشىلەر، تەسلىم بولۇشتىن باشقا چارە قالمىغانلىقتىن قارشىلىق كۆرسىتىشنى توختۇتۇپ، ئىسلامغا تەسلىم بولدى. بۇلار ھەممىگە مەلۇم بولغاندەك « تۇلەقا » دەپ ئاتالغانىدى[1].
كېيىنكى مەزگىلدە باش كۆتۈرگەن ئىختىلاپلارنى تېخىمۇ ياخشى چۈشۈنۈش ئۈچۈن، بىر نوقتىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقىمىز كېرەك. فەتىھتە ئىسلامغا تەسلىم بولغان « تۇلەقا »لارنىڭ خېلى كۆپ قىسمىنىڭ ئۇرۇق – تۇققانلىرىدىن بىر ياكى بىر قانچىسى، بەدىر ئەسھابىدىن بىرسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنىدى. بولۇپمۇ ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئۇرۇشلاردا، خۇسۇسەن بەدىردە كۆرسەتكەن قەھرىمانلىقى ۋە جاسارىتى سىيەر ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ئۇرۇشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەردە ئايرىم بىر تېما ئاستىدا بايان قىلىنىدۇ. ھەزرىتى ئەلى بەدىردە ئەڭ كۆپ مۇشرىك ئۆلتۈرگەن ساھابىلەردىن بىرى ئىدى.
گەرچە بۇ كىشىلەر مۇسۇلمان بولغان بولسىمۇ، بۇلار ( تۇلەقالار )نىڭ پەرىشتە ئەمەسلىكى ھەممىمىزگە مەلۇم. مۇشرىك ھالىتىدە ئۆلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئۆلگەنلەر ئۇلارنىڭ ئاتىسى، تاغىسى، قېرىنداشلىرى بولۇپ، ئۇلارنى شۇنداقلا ئۇنتۇپ كېتىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش توغرا ئەمەس. بەزىلەر بۇنى ئىچىدە ساقلاپ كەلگەنىدى. كېيىنكى مەزگىلدىكى ئەمەۋى خەلىپىلىرىدىن بىرىگە نىسبەت قىلىنغان، ھەزرىتى ھۈسەيىننىڭ كاللىسى ئالدىغا قويۇلغاندا، شائىر فەرازداقنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇپ « ئابدۇلمۇتەللىپ ئوغۇللىرىدىن بەدىرنىڭ ئىنتىقامىنى ئالدىم » دېگەن سۆزلىرى، ئەگەر ئىشەنچىلىك بىر رىۋايەت بولسا، بۇنىڭ تەكتىدە ياتقان سەۋەپ يۇقىرىدا ئىزاھلاشقا تىرىشقان مەسىلىنىڭ دەل ئۆزىدۇر.
بۇ ئەھۋال ھەزرىتى ئەلى ۋە دوستلىرىنى بىر – بىرىگە تېخىمۇ چىڭ باغلىغانىدى. بۇ ئارىلىقتا ئىسلام تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ تۆھمەتلەردىن بىرسى، يەنى ئىفك ۋەقەسى يۈز بەرگەنىدى. مۇئمىنلەرنىڭ پاك ئانىسى ھەزرىتى ئائىشە لىھېكمەتىن ( بىر سەۋەبىكە تايانغان ھېكمەت ) بىر تۆھمەتكە ئۇچرىغان ئىدى. ئەسھابلاردىن بەزىلىرى بۇ تۆھمەتنى ئاڭلار – ئاڭلىماس رەت قىلغان، بەزىلىرى سۈكۈت قىلىپ كۈتۈپ تۇرۇشنى مۇۋاپىق كۆرگەن، بىر قانچىسى بۇ تۆھمەتنى تارقاتقان ۋە بۇ سەۋەپتىن جازالاندۇرۇلغانىدى.
ھەزرىتى ئەلى ئىككىلىنىپ قالغانلار قاتارىدا بولۇپ، ھەزرىتى ئائىشەدىن كەلگەن بىر رىۋايەتتە، رەسۇلۇللاھ خۇتبىدىن كېيىن ئەسھابى بىلەن كېڭەش ئېلىپ بارغان بولۇپ، سۆز نۆۋىتى ھەزرىتى ئەلىگە كەلگەندە، ئۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى قەيت قىلىنغان: « يا رەسۇلۇللاھ، ئايالدىن كۆپ نېمە بار! سەن ئۇنى ئالماشتۇرۇشقا قادىر »[2]. بۇ سۆز ھەزرىتى ئائىشەگە ناھايىتى ئېغىر كەلگەن بولۇپ، ئۇنى بىر ئۆمۈر ئۇنتالمىغانىدى. جەمەل ۋەقەسى ۋە باشقا ۋەقەلەرنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى بۇ ۋەقەلەرنى بىلمەستىن توغرا يەكۈن چىقىرىش قېيىن[3].
مانا بۇ ۋەقەلەر سەپلەرنى تېخىمۇ ئېنىق شەكىلدە ئايرىغانىدى. ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئەتراپىدىكى دوست ھالقىسىنى تەشكىل قىلغان بۇ كىشىلەر، چوقۇم « شىئە ( تەرەپتار ) » ئۇقۇمىنى ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە، ئۇنىڭ تۇنجى شىئەسى دېسەك خاتالاشمايمىز. بۇ كەلىمە ئاتالغۇ سۈپىتىدە قۇرئانى كەرىمدە سەلبىي تۈس مەنىسىدە شىيەئان ( تەرەپتارلار ) شەكلىدە تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئىجابىي تۈس مەنىسىنى بەرمىگەن تەقدىردىمۇ تەرەپسىز بىر ئاتالغۇدۇر. بەزى زەئىپ رىۋايەتلەردە، رەسۇلۇللاھ ھەزرىتى ئەلى ۋە ھەمراھلىرىنى ماختىغاندا « ئۇ ۋە شىئەسى » شەكلىدە سۆز قىلغانلىقى زىكىر قىلىنىدۇ. ئەمما بۇ ھەققىدە قولىمىزدا ئېنىق مەلۇمات يوق.
نېمىلا بولمىسۇن ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئەتراپىدا، ئۇنى رەسۇلۇللاھتىن كېيىن سىياسىي ۋارىس دەپ قارىغان بەنى ھاشىمدىن باشقا، مۆتىۋەر ساھابىلەرنىڭمۇ بارلىقى ھەقىقەت. بۇ گۇرۇپپىنى « ھەزرىتى ئەلىنىڭ شىئەسى ( تەرەپتارلىرى ) » دەپ ئاتاشقا مۇمكىن بولسىمۇ، بۇ گۇرۇپپىنىڭ ھەقىقىي بىر مەنىدە سىياسىي ھىزىپقا ئايلىنىشى تەھكىم ۋەقەسىدىن كېيىن روياپقا چىققانىدى.
رەسۇلۇللاھنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، ھەممىگە مەلۇم بولغان ئۇسلۇب بىلەن ھەزرىتى ئەبۇ بەكىر ئۈممەتنىڭ خەلىپىلىكىنى ئۈستىگە ئالغانىدى. مانا بۇ ۋاقىتتا تۇنجى سىياسىي بۆھرانمۇ باش كۆتۈرگەن. بۇ كىرىزنىڭ تەرەپلىرىدىن بىرسى تەخمىن قىلىنغاندەك ھەزرىتى ئەلى ۋە ئەسھابى بولۇپ، تېخى ھەزرىتى ئەبۇ بەكىرگە بەيئەت قىلمىغانىدى. ئالتە ئايدىن كېيىن ھەزرىتى پاتىمە ۋاپات بولدى، ھەزرىتى ئەلى ھەزرىتى ئەبۇ بەكىرگە بەيئەت قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئۇ كۈنگىچە بەيئەت قىلمىغان بەنى ھاشىم جەمەتىدىكىلەر ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بەيئەت قىلدى. ھەزرىتى ئەلى، كۆز يېشى ئىچىدە ئالدىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ سۆزلىرىنى ئاڭلاۋاتقان ھەزرىتى ئەبۇ بەكىرگە، بۇ پوزىتسىيىسىنىڭ سەۋەبىنى مۇنداق بايان قىلغان:
« بىزنى ساڭا بەيئەت قىلىشتىن توسقان نەرسە، نە سېنىڭ پەزىلىتىڭنى ئىنكار قىلغانلىقىمىز، نە ئاللاھ ساڭا ئېھسان قىلغان خەيىرنى قىزغانغانلىقىمىزدۇر. پەقەت بۇ ئىشتا بىزنىڭمۇ قارىشىمىزنى ئوتتۇرىغا قويۇش ھەققىمىز بار دەپ ئويلايتتۇق. بۇ ئىشنى بىزگە مەسلىھەت سالماستىنلا قىلدىڭلار »[4].
كېيىنكى مەزگىلدە ئوتتۇرىغا چىققان شىئە ئەقىدىسىنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلغان « ۋەسىيەت » ۋە « ئىمامەت » مەسىلىسى، ئىلگىرى سۈرۈلگەننىڭ ئەكسىچە، نە ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئۆزى، نە ئەنسار ۋە مۇھاجىرلار ئىچىدىن ئۇنىڭ تەرەپتارى بولغانلار تەرىپىدىن تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ھېچكىم خەلىپىلىكنىڭ ئۇنىڭغا ئاللاھ ۋە رەسۇلۇللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەن بىر ھەق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمىگەن. شۇنىسى ئېنىقكى، ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلار خەلىپىلىككە ئۇنىڭ تېخىمۇ لايىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. شۇنداقتىمۇ، بۇ قاراشنى سىياسىي بىر جىدەل سەۋىيىسىگە كۆتۈرمىگەن بولۇپ، ھەزرىتى ئەلىنىڭ بەيئەت قىلىشى بىلەن، ھەممىسى ھەزرىتى ئەبۇ بەكىرگە بەيئەت قىلغان. بۇمۇ ئۇ دەۋردىكى مۇسۇلمانلار ئىچىدە خىلاپەتكە رەقىپ بولغۇدەك ئىككىنجى بىر تەرەپنىڭ يوقلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بەلكىم ساد بىن ئۇبادەنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىش مۇمكىن. لېكىن ئۇ ئەنسارلارنىڭ ئۆزىنى قوللىمىغانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەلىنىڭ يېنىغا كېلىپ: « ئادەملىرىنىڭ يىغقىن » دېگەندە، ھەزرىتى ئەلىدىن قاتتىق رەددىيە[5] ئالغاندىن كېيىن، شامغا كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ.
ئەلۋەتتە، ھەزرىتى ئەبۇ بەكىرنىڭ خەلىپە بولىشىغا قارشى ئېتىراز قىلغانلار پەقەت ساد بىن ئۇبادە بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىغان. جاھىلىيەت دەۋرىدە قۇرەيىشنىڭ مۆتىۋەرلىرىدىن ۋە رەئىسلىرىدىن بىرى بولغان ئەبۇ سۇفيانمۇ ئېتىراز قىلغانىدى. لېكىن ھەزرىتى ئەلى جاھىلىيەت ئىزناسى بولغان بىر قىسىم تەرەپۋازلىق ھېسلىرىنى كۈشكۈرتۈپ، ئۆزىنى سۈيئىستىمال قىلماقچى بولغانلارغا قاتتىق رەددىيە بەرگەن، ئازارلىغان ۋە يول قويمىغانىدى. قېنى ساكىفە ( ھەزرىتى ئەبۇ بەكىرنىڭ خەلىپە سايلانغان جاي ) كۈنىگە ئائىت تۆۋەندىكى پارچىغا قاراپ باقايلى:
« كىشىلەر ئەبۇ بەكىرگە بەيئەت قىلىش ئۈچۈن يىغىلغان ۋاقىتتا، ئەبۇ سۇفيان ئوتتۇرىغا چىقىپ مۇنداق دېدى:
- ۋاللاھى، مەن چوڭ بىر قالايمىقانچىلىق چىقىدىغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپتىمەن. ئەگەر بۇ قالايمىقانچىلىق چىقىپ قالسا، بۇنى پەقەت قان بىلەن ھەل قىلغىلى بولىدۇ. ئى ئابدۇلمەناف ئوغۇللىرى! سىلەرنىڭ ئىشىڭلارغا نېمە ئۈچۈن ئەبۇ بەكىر ئارلىشىدۇ؟ سىلەر نەزەردىن ساقىت قىلىۋاتقان ئىككى كىشى قەيەردە؟ ئەلى ۋە ئابباس قەيەردە؟ ( ھەزرىتى ئەلىنى كۆردى ۋە ئۇنىڭغا قاراپ ) مۇنداق دېدى:
- ھەسەننىڭ ئاتىسى، قولۇڭنى بەر ساڭا بەيئەت قىلاي!
ئەلى مۇتەلەممىسنىڭ بىر شېئىرىنى ئوقۇغاندىن كېيىن ئۇنى مۇنداق ئازارلىدى:
- ۋاللاھى، سەن بۇنداق قىلىش ئارقىلىق پىتنە چىقارماقچى بولىۋاتىسەن. سەن گەپ قىلغانسىرى ئىسلامغا زىيىنىڭ يېتىدۇ. سېنىڭ نەسىھەتىڭگە ئېھتىياجىمىز يوق »[6].
بىرىنچى ۋە ئىككىنجى خەلىپىلەر ھەزرىتى ساد بىن ئۇبادە ئېيتقاندەك ئاجىز ۋە كۈچى يوق قەبىلىلەردىن ئىدى. ھەزرىتى ئەلى مەنسۇپ بولغان بەنى ھاشىمنىڭ ئوندەنبىرىچىلىكمۇ كۈچى يوق ئىدى. شۇڭا ئۇلارنىڭ دەۋرىدە « قەبىلە » مەسىلىسى يۈز بەرمىگەن بولۇپ، ئۇلار قۇرەيىشنىڭ كۈچى ئاجىز ئىككى ئايمىقىدىن ئىدى.
ھەر قېتىم خەلىپە ئالماشقاندا ھەزرىتى ئەلى بىر نامزات سۈپىتىدە كىشىلەرنىڭ كۈنتەرتىپىدە ئىدى. ھەزرىتى ئۆمەردىن كېيىنمۇ شۇنداق بولغان. ھەزرىتى ئوسماننىڭ خەلىپىلىككە سايلىنىشى بىلەن تۇنجى قېتىم ھاشىم ئوغۇللىرىغا رەقىپ كۈچ ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، ئۇلار ئۇمەييە ئوغۇللىرى ئىدى…
بۇنىڭدىن ھېچكىم ۋەقەلەرنى « قەبىلەۋازلىق » بىلەن ئىزاھلاۋاتقىنىمىزدەك خاتا ھۆكۈم چىقارماسلىقى كېرەك. بۇ توغرا ئەمەس، ھەم بىزنىڭ مەقسىتىمىزمۇ بۇ ئەمەس. ئەكسىچە بۇ ۋەقەلەر تىلغا ئېلىنغاندا، كۆپىنچە نەزەردىن ساقىت قىلىنغان مۇھىم بىر « مەسىلە »نى ئەسلىتىش بىلەن بىرگە، چەكتىن ئاشۇرۋېتىش ياكى نەزەردىن ساقىت قىلىشتىن ساقلىنىش ئەسلى مۇددىئامىزدۇر. بۇ، ئۆز دەۋرىنىڭ ئىجتىمائى – پىسخولوگىيلىك قۇرۇلمىسىنى تەتقىق قىلغاندا، نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىغان، ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان بىر رىئاللىقتۇر. ۋەقەلەرنى بايان قىلغان ۋاقتىمىزدا، بۇ رىئاللىقنى نەزەردە تۇتۇشىمىزنىڭ ئېھتىيات قىلغۇدەك نېمىسى بار؟
ھەزرىتى ئوسماننىڭ ياخشى نىيىتىدىن پايدىلانغان ئۇمەييە ئوغۇللىرى بىلەن تەڭ، ئىسلام سىياسەت لوغىتىگە بىر كەلىمە قوشۇلغانىدى:
« …چى / جى ». تارىخىي مەنبەلەر بۇ مەنىدە بىر تەرەپۋازلىقنىڭ تۇنجى بولۇپ، ھەزرىتى ئوسماننىڭ شېھىت قىلىنىشى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى زىكىر قىلىدۇ.
ھەزرىتى ئوسماننىڭ تاۋۇتىنى كۆتۈرۈپ ماڭغانلاردىن بىرسىدىن ئىسمى سورالغاندا، « ئوسمانىييۇن ( ئوسمانجىلار ) » مېنى بىلىدۇ[7]، دەپ جاۋاپ بەرگەن.
ھەزرىتى ئەلىنىڭ خەلىپىلىكى مەزگىلىدە مەيدانغا كەلگەن ۋەقەلەر « شىئە ( تەرەپۋازلىق ) »نى ئاستا – ئاستا بىر سىياسىي كۈچ بولۇپ شەكىللىنىشكە ئىتتىرىۋاتقانىدى. جەمەل ۋە سېففىن بۇنىڭ تۇنجى ئۇرۇقلىرىنى چاچقان بولۇپ، « ھەزرىتى ئەلىگە ئۇۋال قىلىندى » چۈشەنچىسى پەقەت ئەلىنىڭ تەرەپتارلىرى ئىچىدىلا ئەمەس، شەرئى خىلاپەتنى ئېتىراپ قىلغان بارلىق كىشىلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغانىدى. ئەمىر مۇئاۋىيە شەرئى ھالدا سايلانغان ھاكىمىيەتكە قارشى ئىسيان كۆتۈرۈشى تەرەپۋازلىقنى ئۇلغايتقان بولۇپ، بۇ « تەھكىم / ھاكەم » ۋەقەسى بىلەن ناھايىتى روشەن ھالدا ئوتتۇرىغا چىققانىدى. شىئەنىڭ ئەقىدىۋى نوقتىدىن شەكىللىنىشىنىڭ كېيىنكى مەزگىللەردە بولۇشىنى، ھەزرىتى ئەلىنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى مۇئامىلىسى بىلەن ئىزاھلىغىلى بولىدۇ. رەسۇلۇللاھنىڭ كۆز ئالدىدا تەربىيلىنىپ چىققان بۇ زات، ئۆزى ئۈچۈن پايدىلىق بولغان تەقدىردىمۇ ھەر قانداق ئاشقۇنلۇققا يول قويمىغان بولۇپ، ھەممىدىن بەك يېقىنلىرى ۋە شىئەسىگە بۇ نوقتىدا قاتتىق ئەستايىدىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلغان.
ھىجرى 41 – يىلى ھەزرىتى ئەلىنىڭ بىر خارىجى تەرىپىدىن شېھىت قىلىنىشى نەتىجىسىدە، سىياسىي جەھەتتىن ئاللىقاچان ھىزىپلىشىپ بولغان شىئەنىڭ ئەقىدىۋى جەھەتتىنمۇ ھىزىپلىشىشىنىڭ ئۇلى سېلىندى. ئەمدى داۋا، پەقەت ئۇۋالچىلىققا قالغۇچىنى ھىمايە قىلىش ئەمەس، ئۈممەتنىڭ قولىدىن قىلىچ كۈچى بىلەن تارتىۋېلىنغان بىر ھەقنى قايتۇرۇۋېلىش ئىدى. ھەزرىتى ھۈسەيىننىڭ شېھىت قىلىنىشىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان ئەنئەنىۋى « مىراس » ۋە « ئىمامەت » ئەقىدىسىنىڭ شەخس ئالامەتلىرى ھەزرىتى ھۈسەيىنگە يېتىپ كەلگەندە، ئۇ بۇ ئەقىدىنى رەت قىلغان. مەلۇم بولغاندەك، ئىلگىرى ھەزرىتى ئەلىدىن سەكراتتىكى ۋاقتىدا ئورنىغا ھەزرىتى ھەسەننى ۋارىس قىلىش تەلەپ قىلىنغاندا، ئۇ بۇ تەكلىپنى رەت قىلىپ، ئۈممەتنىڭ ئىشىنى ئۈممەتكە تاپشۇرغانلىقىنى ئېيتقانىدى. يەنى شىئەنى بىزگە مەلۇم بولغان مەنىدىكى شىئە قىلغان ئاساسلار، شەخسى نوقتىدىن ئىجتىمائىي نوقتىغا ئۆتمىگەنىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئىمام ئەلىنىڭ شېھىت قىلىنىشى بىلەن تەڭ « غەيب ئىمام » ۋە « رىجئات[8] » پىكرى ھەزرىتى ھەسەن قاتارلىق مۆتىۋەرلەر تەرىپىدىن رەت قىلىنىشىغا قارىماي، ئاۋام ئارىسىدا مۇنازىرە قىلىنىشقا باشلانغانىدى. ھەزرىتى ئەلى ھايات ۋاقتىدا مۇنازىرە قىلىنغان پەقەت بىرلا مەسىلە بار بولۇپ، ئۇ « ئەفدالىييەت ( پەزىلەت ) » مەسىلىسى ئىدى.
ئەمەۋىلەرنىڭ ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىش شەكلى، ئىجرائاتلىرى ۋە ھەججاج، مۇسلىم بىن ئۇقبە، بۇسر بىن ئەرتاد، ئىبن زىياقا ئوخشاش شەخسلەر ۋاستىسى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان قەتلىئاملار، زۇلۇمغا ئۇچرىغانلارنى مەزلۇملارنىڭ ھەققىنى ھىمايە قىلىشنى ئۆزىنىڭ بۇرچى دەپ قارىغان شىئە ئىماملىرىنىڭ سېپىغا قوشۇلۇشقا مەجبۇرلىغانىدى.
ھەزرىتى ھۈسەيىننىڭ شېھىت قىلىنىشى بۇ زۇلۇمنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى بولۇپ، كەربالادىكى بۇ قىرغىنچىلىق كىشىلەرگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىپ، زېھنىدە ئۆچمەس ئىز قالدۇرغانىدى. ھەزرىتى ھۈسەيىن شېھىت قىلىنىش بىلەنلا قالماي، كىيىملىرى سالدۇرۇلغان، بېشى ۋۇجۇدىدىن ئايرىلغان، ماللىرى تالان قىلىنغان ۋە خوتۇن – قىزلىرىغا قوپاللىق قىلىنغانىدى. بۇ ئىسلام ئۇرۇش ئەخلاقىغا خىلاپ ئىشلار بولۇپ، ھەتتا بۆشۈكتىكى بوۋاقلارمۇ قەتلى قىلىنغانىدى.
بۇ مەنزىرىگە شاھىت بولغان، بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ۋە بىلىدىغان كىشىلەرنىڭ قانداق بىر روھىي كەيپىياتتا بولىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلىش قېيىن ئەمەس.
ھەزرىتى ھۈسەيىندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەلىنىڭ پاتىمە ( رەزىيەللاھۇ ئەنھا )دىن بولمىغان ئوغلى مۇھەممەد بىن ھەنەفىييەگە ( ھىجرى 81 ) بەيئەت قىلغان تەرەپتارلار سايىسىدە « شىئە » ئەنئەنىۋى ئاساسلارغا ئىگە بولغان. شىئەنىڭ بىزگە مەلۇم بولغان بىر مەزھەبكە ئايلىنىشى، ۋەقەلەرنىڭ تەسىرى بىلەن قەدەممۇ – قەدەم ھالدا بولغانىدى.
دەسلەپتە ھۆرمەت ۋە مۇھەببەتكە تايانغان « ئالاھىدە بىر دوستلۇق گۇرۇپپىسى » بولغان ئەلى شىئەسى، تەھكىم ۋەقەسى بىلەن بىر سىياسىي پىرقىگە، ھەزرىتى ھۈسەيىن شېھىت قىلىنغاندىن كېيىن كالامى ۋە فىقىھ بىر مەزھەبكە ئايلانغانىدى. بۇ جەرياننىڭ تاماملىنىپ بۈگۈنكى ھالغا كېلىشى ئۇزۇن زامان ئىچىدە بولغان.
دەسلەپتە مۇنازىرە قىلىنغان مەسىلە « ئەفدالىييەت » بولۇپ، ھەزرىتى ئەلىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن « رىجئات »، ھەزرىتى ھۈسەيىننىڭ شاھادىتىدىن كېيىن « ۋەسىيەت » ۋە « ئىمامەت » ئاساسلىرى ( نەزىرىيىلىرى ) ئاستا – ئاستا يەرلەشكەنىدى. « بەدا ( ئوتتۇرىغا چىقىش ) » ۋە « غەيب ئىمام » چۈشەنچىسى بۇلاردىن كېيىن قوشۇلغان.
مۇھەممەد بىن ھەنەفىييە ھەزرىتى ھۈسەيىننىڭ قىيامىنى داۋاملاشتۇرۇش لايىقىتىگە ئىگە بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئىماملىق بىلەن قوماندانلىق بىر – بىرىدىن ئايرىلغان. تارىختا، خەلقتىكى مەۋجۇت ئەمەۋى نارازىلىقىنى تەشكىللىك بىر ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشنى خالىغان كىشىلەرنىڭ، ئەمەۋى ھاكىمىيىتىگە قارشى ئېلىپ بارغان بارلىق قىياملىرى، مۇناسىۋەتلىك بولسۇن – بولمىسۇن بىۋاستە « شىئە »لەرگە نىسبەت قىلىنىپ يېزىلاتتى. بۇ قىيامچىلارنىڭ مەنپەئەتىگە مۇۋاپىق بولغانلىقتىن، ئۇلارمۇ بۇنى رەت قىلمايتتى، ئۇنىڭ ئەكسىچە ئۆزىنى ئەھلى بەيتكە نىسبەت قىلاتتى. كۇفەدە قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن ئەل مۇختەر بىن ئەبى ئۇبەيدە ئەس ساقافى ( ۋاپات، 67 )مۇ بۇلاردىن بىرسى ئىدى. بۇ زات شىئەنىڭ ئەقىدىسىنى سىستېمىلىق شەكىلدە ۋەز قىلىش ئارقىلىق، كېيىنكى كىلاسىك شىئە ئېقىمىغا ئۈلگە بولدى.
مۇھەممەد بىن ھەنەفىييەدىن كېيىن ئۇنىڭ ئورنىغا ھەزرىتى ھۈسەيىننىڭ ساق قالغان بىردىنبىر ئوغلى ئەلى ( ۋاپات، 95 ) ئۆتتى. ئۇ ناھايىتى كۆپ ئىبادەت قىلغانلىقى ئۈچۈن زەينۇل ئابىدىن ( ئىبادەت قىلغۇچىلارنىڭ كۆرىكى ) دەپ ئاتالغانىدى. ئەمەۋىلەردىن ئىجازەت ئېلىپ يەرلەشكەن مەدىنىدە سىياسىي ۋەقەلەرگە ئارلاشمىغان بولۇپ، مەۋجۇت ھاكىمىيەتنىمۇ ئەيىبلىمىگەنىدى.
ھەزرىتى ھۈسەيىندىن كېيىن ئەمەۋىلەرگە قارشى ئەھلى بەيت نامىدىن قوزغىلاڭ كۆتۈرگۈچى، ھەزرىتى ھۈسەيىننىڭ نەۋرىسى، ئىمام ئەزەمنىڭ ئۇستازى زەيد بىن ئەلى ئىدى ( شېىھت، 122 ). زەيد بىن ئەلى شېھىت قىلىنغاندىن كېيىن، ئوغلى يەھيا خۇراساندا قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن ۋە قوزغىلاڭلار بۇ شەكىلدە داۋام قىلغان ئىدى.
مانا بۇ قىياملار نەزەردە تۇتۇلغاندا، شىئە ئەقىدىسىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆكتىچى ئەقىدىسى ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشەنگىلى بولىدۇ. بۇ ئارلىقتا كىشىنىڭ دىققەت نەزىرىنى تارتىدىغان بىر نوقتا، ھەزرىتى ھۈسەيىننىڭ شاھادىتىدىن كېيىن بىردىنلا شىئە ئېقىملىرىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى ۋە ھەر بىرنىڭ ئۆزىگە خاس ئەقىدە ئاساسلىرىنى شەكىللەندۈرۈشىدۇر. بۇلاردىن بەزىلىرىگە قارشى ئۈزلۈكسىز كۆرەش قىلغان ئانا شىئە گۇرۇپپىلىرى، بۇ كۆرەشتە ئۇتۇق قازىنالمىغان بولۇپ، ئاشقۇنلار ( غۇلات ) ئانا ئېقىمنىڭ قاتتىق مۇئامىلىسىگە قارىماستىن، ئۇنداق ياكى بۇنداق شەكىلدە مەۋجۇدلىقىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن.
شىئە ئىچىدە غۇلاتىنى تەشكىل قىلغان بۇ چوڭ – كىچىك پىرقىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى مۇنداق بولىشى مۇمكىن:
ئانا ئېقىمنىڭ چەكلەش كۈچى يوق بولۇپ، ھەر تۈرلۈك ئېزىپ كېتىش ۋە ئايرىلىشلارغا قارىتا ئىشقا سالىدىغان دۆلەت كۈچى بولمىغانلىقتىن، بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئامالسىز قالغان. بۇ ئامىل ئازغۇنلىققا مايىل كىشىلەرنىڭ بۇ خل ھېس – تۇيغۇلىرىنى كۈشكۈرتكەنىدى. شىئەنىڭ مۇخالىپەتكە ۋەكىللىك قىلىشى سەۋەبىدىن، بۇ خىل ئازغۇنلۇقلار، ئېغىپ كېتىشلەرمۇ ھاكىمىيەتنىڭ مەنپەئەتىگە ماس كەلگەنلىكى ئۈچۈن، غۇلاتقا كۆز يۇمۇش بىلەن بىرگە، تەشۋىق قىلىش ئېھتىمالىمۇ يۇقىرى. بۇ ۋە بۇنىڭغا ئوخشايدىغان باشقا سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن تارىخ بويىنچە شىئەنىڭ ئانا ئېقىمىدا ئايرىلىش ۋە ئېغىپ كېتىشلەرنىڭ، سۈننى ئانا ئېقىمدىكى ئېغىپ كېتىش ۋە ئايرىلىشقا قارىغاندا ئېغىر ۋە كۆپ ئىكەنلىكى ھەممىگە مەلۇم.
*************************************
[1] ئەسرى سائادەتتە « تۇلەقا » ئىسمى مۇنداق ئوتتۇرىغا چىققانىدى: مەككە فەتىھ قىلىنغاندىن كېيىن، رەسۇلۇللاھ كەبىنىڭ ئىشكى ئالدىدا تۇرۇپ، بەينىڭ ئەتراپىغا يىغىلغان، ئاقىۋىتى ھەققىدىكى قارارنى ئەندىشە ئىچىدە كۈتۈپ تۇرغان مەككە مۇشرىكلىرىدىن: « ئى مەككىلىكلەر! سىلەرگە نېمە قىلىشىمنى ئويلاۋاتىسىلەر؟ » دەپ سورىدى. ئۇلار: « سەن ياخشى بىر قېرىنداش ۋە ياخشى بىر قېرىنداشنىڭ ئوغلى. سەندىن ياخشىلىقتىن كۈتىمىز » دەپ جاۋاپ بەردى. رەسۇلۇللاھ: « ئىزھەبۇ فە ئەنتۇم تۇلەقا ( بېرىڭلار، سىلەر قويۇپ بېرىلدىڭلار )! » دېدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ كىشىلەر « تۇلەقا ( قويۇپ بېرىلگەنلەر ) » دەپ ئاتالدى. زەمەھشەرى، كەششاپ، IV/239
[2] تابارى، تارىخ، II/615
[3] ئەلى ئەبى تالىبنىڭ شېھىت قىلىنغانلىق خەۋرى ھەزرىتى ئائىشەگە يەتكۈزۈلگەندە، ئۇنىڭ تۆۋەندىكى شېئىرنى ئوقۇغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ: شامال ھاسىسىنى ئۇچۇرۇپ كەتتى، ھاسىسى جايىنى تاپتى،
يۇرتىغا بارغان يولۇچىنىڭ كۆزلىرى ئايدىڭ بولدى
ئىبنى ساد، تاباقات، III/40
[4] تابارى، تارىخ، III/208
[5] ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ئۈچۈن تابار، تارىخ III/218-223 قاراڭ.
[6] تابارى، تارىخ، III/209
[7] ئىبنى ساد، تاباقات، III/79; IV/341; VII/126, 261
[8] شىئە ئەقىدىسىدىكى ئۆلۈمدىن كېيىن ۋە ئاخىرەتكە كېتىشتىن بۇرۇن بۇ دۇنياغا قايتىپ كېلىش چۈشەنچىسى