روسسىيە دېنامىكلىرى

روسسىيىنىڭ پوزىتسىيىسىنى ۋە نىيىتىنى چۈشەنمەكچى بولساق، روسسىيىنىڭ ئاساسى ئاجىزلىقى بولغان چېگرالىرى، بولۇپمۇ غەربىي شىمالدىكى چېگرالىرى بىلەن سۆزنى باشلىساق بولىدۇ. ئۇكرائىنانىڭ روسسىيىنىڭ باشقۇرىشى ئاستىدا، بىلروسسىيە ۋە مولداۋىيىنىڭ روسسىيىنىڭ بىر پارچىسى بولغان مەزگىللەردىمۇ شىمالىي چېگرىسى تەبىئىي ئەمەس ئىدى. روسسىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمى ۋە جەنۇبىي چېگرىلىرى شىمالدا سېلوۋاكىيە – پولشا چېگرىسىغىچە كارپات تاغلىرى بىلەن تۇتشىدۇ ۋە ئۇنىڭ شەرقىدە ئۆتكىلى بولمايدىغان پرىپەت سازلىقى بار. لېكىن، شىمال ۋە جەنۇبىدا ( كارپاتلارنىڭ شەرقىدە ) روسسىيىنى ياكى خوشنىلىرىنى قوغدايدىغان مۇستەھكەم تەبىئىي توساقلار يوق.

شىمالىي ياۋروپا تۈزلەڭلىكلىرىدە روسسىيە چېگرىلىرى ھۇجۇمغا ئوچۇق بولۇپ، بۇ رايوندا تەبىئىي توساقلار يوق دېيەرلىك. روسسىيە چېگرالىرىنى 1945 – يىلدىكىدەك گىرمانىيەنىڭ ئىچكى قىسمىغىچە كېڭەيتسىمۇ، بۇ چېگرالارنى مۇداپىئە قىلىش قېيىن. روسسىيىنىڭ بىردىنبىر ئارتۇقچىلىقى زېمىنىنىڭ ئىچكىر بولىشى بولۇپ، روسسىيە چېگرالىرىنى غەربكە قاراپ قانچىلىك سۈرسە، ئىستىلاچىلار موسكىۋادىن شۇنچە يىراقلىشىدۇ. بۇ سەۋەپتىن روسسىيە شىمالىي ياۋروپادا غەربكە قاراپ ئېچىلماقچى بولسا، ياۋروپادا شەرققە قاراپ كېڭەيمەكچى بولىدۇ.

لېكىن روسسىيىنىڭ باشقا چېگرىلىرىدا ئەھۋال باشقىچە بولۇپ، بۇ سەۋەپتىن 19 – ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن تارتىپ سوۋېت ئىتتىپاقى چېگرالىرىغا قاراپ چىقىش كېرەك. جەنۇبتا تەبىئىي بىر بىخەتەرلىك چەمبىرى بار. قارا دېڭىزمۇ كاپكازلاردەك روسسىيەنى تۈركىيە ۋە ئىراندىن ئايرىپ تۇرىدۇ. ئىران ھازار دېڭىزى ۋە جەنۇبى تۈركمەنىستاندا قاراقۇم چۆلى بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ، بۇ چېگرا ئافغانىستان چىگرىسىغا تۇتىشىدۇ ۋە ھىمالايادا ئاخىرلىشىدۇ. روسلار ئىران – ئافغان رايونىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ ۋە بۇرۇنقىدەك بۇ رايونغا قاراپ كېڭىيىشكە ئۇرنىشى مۇمكىن. لېكىن، ئۇلار ( روسلار ) بۇ چېگرالاردىن ئىستىلاغا ئۇچرىمايدۇ. جوڭگو چېگرىسى ئۇزۇن ۋە ئاجىز بولۇپ، بۇ پەقەت خەرىتە ئۈستىدە قالىدۇ. سېبىرىيىنى ئىشغال قىلىش ئەقىلىي بىر چارە ئەمەس. چۈنكى، بۇ رايون چىكى يوق، بوش ۋە ياشاش قېيىن بولغان  يەر. بۇ سەۋەبتىن روسسىيە زېمىنى شىمالىي ياۋروپادىن باشقا تەرەپلەردە بىخەتەر. ئەمما، بۇ رايوندا يەنى شىمالىي ياۋروپادا روسسىيىگە قارشى سەپتە تۇرىدىغان كۈچلۈك ياۋروپا دۆلەتلىرى بار.

روسسىيىدە كوممۇنىزم يېقىلغاندىن كېيىن، روسسىيە ناھايىتى ئاجىزلاشتى. چوڭ ۋە كۆركەملىك سان پېتېرسبورگ شەھىرى 1989 – يىلى ناتو كۈچىنىڭ تەھدىتىدىن تەخمىنەن مىڭ مىل يىراقلىقتا ئىدى، ئەمما ھازىر بۇ مۇساپە يۈز مىلدىنمۇ ئاز. 1989 – يىلى موسكۋا روس ھەربىي كۈچىنىڭ تەخمىنەن 1200 مىل ئىچىدە بولۇپ، ھازىر ئاران 200 مىل ئىچىدە ( ئالدىنقى سەپتىن 200 مىل يىراقلىقتا ). جەنۇبىي ئۇكرائىنانىڭ مۇستەقىللىقى بىلەن روسسىيىنىڭ قارا دېڭىزدىكى تەسىر كۈچىمۇ ئاجىزلىدى ۋە بۇ كۈچ كافكازىيىنىڭ شىمالىغا مەركەزلىشىشكە مەجبۇر بولدى. ئا ق ش نىڭ ئافغانىستانغا كىرىشى بىلەن روسسىيە ھىمالايادىكى تەسىر كۈچىنىمۇ يوقاتتى. روسسىيە ھازىر ناھايىتى ئاجىز بىر ۋەزىيەتتە.

روسسىيىنىڭ زېمىنى كەڭ، لېكىن قاتناش مەسىلىسى ھەل قىلىنمىغان بولۇپ ترانسپورت ئىشلىرى قولايسىز بولغاچقا، بۇ ستىراتېگىيلىك بىر مەسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. روس زېمىنغا بىر تەرەپتىن ھۇجۇم باشلانسا، روس ئارمىيسىنى ئۇرۇش رايونىغا يۆتكەشتە روسسىيە قېيىنچىلىققا دۇچ كېلىدۇ. ئەسكەرلەرنىڭ باشقا سەپلەرگە يېتىپ بېرىشى قېيىن بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، روسسىيە ھەر ئالدىنقى سەپتە ئەسكەر تۇرغۇزۇشقا مەجبۇر. ئارمىينىڭ بۇ ۋەزىيىتى روسسىيىگە ئېغىر بىر ئىقتىسادىي يۈك بولۇپ مېنىدۇ. مانا بۇ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلىدىمۇ كۆرۈلگەن مەسلىلەر ئىدى.

بۈگۈنكى كۈنىمىزدە روسلارنىڭ بىردىنبىر مەسىلىسى چېگرالىرىنى مۇداپىئە قىلىشلا ئەمەس، ئەلۋەتتە. روسلار ئېغىر دەرىجىدە نوپۇس بوھرانغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلىدۇ. ھازىر روسسىيە نوپۇسى 145 مىليون بولۇپ، 2050 – يىللىرى بۇ رەقەم 90 – 125 مىليون ئارىسىدا بولىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا. ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن نوپۇسى ئازىيىدۇ ۋە ستىراتېگىيلىك ئىھتىياجى ئۈچۈن كۈچلۈك بىر ئارمىيىگە ئىگە بولۇشتا قېيىنچىلىققا دۇچ كېلىدۇ. باشقا مىللەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا روس نوپۇسى ئازىيىۋاتىدۇ ۋە ھازىرقى جۇغراپىيىسىدە مەسلىلەر كۆرۈلىشى مۇمكىن. بۇ مەسىلىدە ئالدىنئالا تەدبىر ئېلىش زۆرۈر بولسا، بۇنىڭ ئۈچۈن يىگىرمە يىل ساقلاشقا توغرا كېلىدىغان بولۇپ، بەك كېچكىشى مۇمكىن. بۇنى روس رەھبەرلىرىمۇ بىلىدۇ. روسسىيىنىڭ زېمىنىنى كېڭەيتىشكە ھېچ كېرەك يوق. لېكىن، ئوتتۇرا رايون، بولۇپمۇ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى چېگرىلىرىنىڭ ساقلاپ قېلىنىشى كېرەك.

روسلار جۇغراپىيۋى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە نوپۇس مەسلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن چوڭ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشىقا مەجبۇر. روسلار بىر ئەسىردىن بۇيان ياۋروپاغا يېتىشىۋېلىش ئۈچۈن سانائەتلىشىش يولى بىلەن مەملىكىتىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا ئىنتىلدى، لېكىن مۇۋەپپەقەيەت قازىنالمىدى. روسسىيە 2000 – يىللاردا ستىراتېگىيسىنى ئۆزگەرتتى. روسلار ئۆتمۈشتە سىناپ باققان سانائەتلىشىش چۈشەنچىسىدىن ۋازكېچىپ، تەبىئىي بايلىقلار بولۇپمۇ ئېنىرگىيە، مېنىراللار، يېزا ئىگىلىك مەسھۇلاتلىرى، ياغاچ ۋە قىممەتلىك مېتاللارنى ئىكسپورت قىلىشقا يۈزلەندى.

شۇنداق قىلىپ روسلار تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر دۇنياسىدا كۆپ ئۇچرايدىغان خام ئەشيا ئىكسپورت يولى بىلەن ئۆزلىرىگە ئۆزگىچە بىر يول تاللىدى. ئېنىرگىيە ۋە تىجارى تاۋارلاردا پەيدا بولغان باھانىڭ تۇيۇقسىز ئۆرلەپ كېتىشى نەتىجىسىدە روسسىيە ئىقتىسادىي خەتەردىن قۇتۇلۇپ قالدى ۋە يېڭىدىن سانائەتلىشىش پۇرسىتى شەكىللىنىشكە باشلىدى. تەبىئىي بايلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىشتا ئىھتىياجلىق بولغان ئىنسان كۈچى سانائەتتىكىدىن ئاز بولغاچقا، روسسىيىگە نوپۇس ئازىيىشىنىڭ زىيىنى ئانچە بىلىنىپ كەتمىدى.

ياۋروپانىڭ ئېنىرگىيە ئىھتىياجى كۆپ بولغاچقا، روسسىيە خەلقئارا سىستېمىدا ئۆزىنى قوللىغۇچىلارغا ئىگە بولدى. ئېنىرگىيىنىڭ يەتكۈزۈلىشى ئۈچۈن تۇربا يوللىرىنى ياساپ ياۋروپانىڭ تەبىئىي گاز ئىھتىياجىنى تەمىنلەش بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي مەسلىلىرىنى ھەل قىلىشقا باشلىدى ۋە ياۋروپانى ئۆزىگە بېقىندۇردى. ئېنىرگىيگە مۇھتاج بولغان دۇنياغا روسسىيە ئىكسپورت قىلغان ئېنىرگىيە دەرمان بولدى. روسسىيە بۇ سايىدە خوشنا ئەللەرگە ئۆز خاھىشلىرىنى قوبۇل قىلدۇرۇشقا باشلىدى. ياۋروپانىڭ مەركىزىدىكى ۋە شەرقىي ياۋروپادىكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى نوپۇزىدىكى ئەللەر روس تەبىئىي گېزىغا ئىھتىياجلىق ئىدى.  روسسىيىنىڭ قولىدا باشقا بايلىقلارمۇ بولغانلىقى ئۈچۈن روسلار ياۋروپاغا خېلىلا بېسىم قىلالايتتى. لېكىن، بېقىندىلىق ئىككى تەرىپى ئۆتكۈر خەنجەرگە ئوخشايدۇ. ئارمىيسى ئاجىز بىر روسسىيە خوشنىلىرىغا كۆپ بېسىم قىلالمايدۇ. چۈنكى، خوشنىلىرى بىرلىشىپ ئۇنىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنى تارتىۋېلىشى مۇمكىن. شۇڭا روسسىيە ئارمىيسىنى قايتىدىن كۈچلەندۈرۈشكە مەجبۇر. روسسىيە مول تەبىئىي بايلىقلارنىڭ ئىگىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇلارنى ياۋروپاغا سېتىش بىلەن بىرگە، بۇ بايلىقلارنى قوغداش ئۈچۈن كۈچلۈك بولۇشقا ۋە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان خەلقئارا مۇھىتنى ئۆزىگە پايدىلىق ھالدا شەكىللەندۈرۈشكە تىرىشىدۇ.

روسسىيە كەلگۈسى ئون يىلدا بۇرۇنقىغا قارىغاندا خېلىلا باي بولىدۇ. روسسىيە  زېمىنىنى قوغداش ئۈچۈن كۈچلۈك بولىشى كېرەك. شۇڭا تاپقان پۇلىنىڭ بىر قىسمىنى قوراللىق كۈچلىرىنى كۈچەيتىش ۋە ئارا رايونلارغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن سەرپ قىلىدۇ. روسسىيە ھازىر شىمالىي ياۋروپا تۈزلەڭلىكىدە ئارا رايون شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن خوشنىلىرىنى بۆلۈپ نوپۇزى ئاستىغا ئېلىش ۋە ياۋروپادا يېڭى بىر رايون خاراكتېرلىق كۈچ تەڭپۇڭى قۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ. روسسىيە ئارا رايون بولمىغان ۋە مۇداپىئەسى قېيىن بولغان چېگرىسى بولۇشىنى خالاپ كەتمەيدۇ. خوشنىلىرىمۇ ئۇنىڭ بۇ تىرىشچانلىقىغا قارشى ئىتتىپاقلىشىۋاتىدۇ. بۇ سەۋەپتىن روسسىيە كەلگۈسىدە ھۇجۇم قىلىدىغاندەك كۆرۈنىدۇ، لېكىن مۇداپىئەدە تۇرىدۇ.

روسسىيە ئۈچ باسقۇچلۇق بىر ھەرىكەت پىلانى تۈزىشى مۇمكىن. روسلار ئالدى بىلەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىكىدەك نوپۇز دائىرىسىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋە باشقۇرۇش ئاستىغا ئېلىش؛ بۇنىڭ ئۈچۈن ئارا رايون سىستېمىسىنى يېڭىدىن بەرپا قىلىشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن كېيىن، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى چېگرىسى سىرتىدا، ئىككىنجى بىر ئارا دۆلەتلەر بەلبېغى شەكىللەندۈرۈشكە ئۇرۇنىشى مۇمكىن. لېكىن بۇنى ۋۇجۇتقا چىقىرىۋاتقاندا، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدىكىدەك قاتتىق بىر قارشى ئىتتىپاق شەكىللەندۈرمەسلىككە تىرىشىدۇ. ئاخىرقى باسقۇچتا، باشتىن تارتىپ روسسىيىگە قارشى بىر ئىتتىپاقنىڭ شەكىللىنىشنى توسۇشقا تىرىشىدۇ.

بۇ يەردە بىر ئاز توختاپ ئارقىمىزغا قاراپ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىگىرمىنچى ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا پارچىلانماي تۇرالىغانلىقىنى تەتقىق قىلالايمىز. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىر پۈتۈن ھالدا تۇرىشىنىڭ سەۋەبى، پەقەت ئۆزىنىڭ كۈچىلا بولۇپ قالماي، يەنە سابىق روس ئىمپېرىيىسىنى قوللاپ قۇۋەتلىگەن ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر سىستېمىسىنىڭ ياردىمى ئىدى. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ياۋرو – ئاسيانىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر قانچە دۆلەت بىلەن بىرگە، ئوخشاش بىر جۇغراپىيدە مەۋجۇد بولۇپ تۇردى. روسسىيىنىڭ قاتناش تورى ئاجىز بولغانلىقى ئۈچۈن، قاتناش ۋە ترانسپورت مەسلىسىدە، سۇ يوللىرىدىن پايدىلاندى. لېكىن، بۇ قاتناش تورى تاش يول تورىدەك قولايلىق ئەمەس بولۇپ، ئىشلىتىش خېلىلا تەس ئىدى. بۇ سەۋەبتىن ئاشلىق ۋە باشقا مەھسۇلاتلارنى توشۇشتا قىيىنچىلىق كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ.

سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى غەربتە تىنچ ئوكيانغا، جوڭگونىڭ شىمالىغا، ھىمالايانىڭ غەربىي شىمالىغا، ھازار دېڭىزىغا ۋە كافكازلارغىچە سوزۇلغان كەڭ ياۋرو – ئاسيا جۇغراپىيسىدە مەۋجۇد بولۇپ تۇردى. قارا دېڭىز ۋە كاراپات تاغلىرى بىلەن چېگرالىناتتى. شىمالدا پەقەت قۇتۇپ رايونى بار ئىدى. بۇ پايانسىز جۇغراپىيىدە ئىقتىسادىي ئاجىز جۇمھۇرىيەتلەر بار ئىدى.

سوۋېت ئىتتىپاقىنى جۇغراپىيلىك ئورنى جەھەتتىن دۇنيادىن ئايرىلغان بېكىنمە ھالدىكى ئىقتىسادىي ئاجىز دۆلەتلەرنىڭ بىرلەشمە گەۋدىسى دەپ قارىساق، ئۇنى بىر پۈتۈن ھالدا تۇتۇپ تۇرىۋاتقان ئامىلنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى كۆرەلەيمىز. بۇ گەۋدىنى تەشكىل قىلغان ئەللەر مەجبۇرىي ھالدا بىرلەشتى. دۇنياۋى رىقابەت سەۋەبىدىن، ئىقتىسادىي جەھەتتىن باشقا دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى نورمال ھالدا داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن بىر – بىرىنى تولۇقلاش، قوللاشقا مەجبۇر ئىدى. بۇ تەبىئىي بىر قۇتۇپلاشما بولۇپ، بۇ قۇتۇپ روسلارنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدا ئىدى، ئەلۋەتتە. كارپاتلارنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى ( روسسىيە 2. دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئىشغال قىلىپ مۇستەملىكە قىلغان ) ئەللەر بۇ تەبىئىي قۇتۇپلاشمىنىڭ سىرتىدا ئىدى. روس ھەربىي كۈچى بولمىغان بولسا، ئۇلار روسسىيەگە ئەمەس، ياۋروپاغا يۈزلىنەتتى.

سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا تەۋە بولغان ئەللەر ئەسلىدە يۈزلىنىدىغان باشقا يەرلىرى بولمىغان دۆلەتلەر ئىدى. رايوندىكى كونا ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر ھازىرمۇ داۋام قىلىۋاتىدۇ ۋە ھازىر ئېنىرگىيە ئىكسپورت قىلغان روسسىيە بۇ ئەللەرنى ئۆزىگە تېخىمۇ بېقىندى ھالغا كەلتۈردى. ياۋروپاغا يۈزلەنگەن ئۇكرائىنا يەنىلا روسسىيە بىلەن ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنى داۋاملاشتۇرشقا مەجبۇر بولۇپ، روسسىيىنىڭ ئېنىرگىيسىگە ئىھتىياجلىق ۋە روس ئارمىيسىنىڭ بېسىمىنى ھىس قىلماقتا.

روسسىيە نوپۇزىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بۇ دېنامىكلىرىدىن پايدىلىنىۋاتىدۇ. بۇرۇنقىدەك موسكۋا مەركەزلىك بىر سىياسىي قۇرۇلما بەرپا قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، لېكىن بۇ يەنىلا مۇمكىن بولىدۇ. روسسىيىنىڭ رايوندىكى تەسىرىنى ئالدىمىزدىكى بەش – ئون يىل ئىچىدە ئاشۇرىدىغانلىقى شۈبھىسىز. بۇ رايوننى كافكازلار، ئوتتۇرا ئاسيا ۋە بالتېق دېڭىزى ئەللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياۋروپا رايونى دەپ ئۈچكە ئايرىشقا بولىدۇ.