ھەسەن ئەلبەسرىنىڭ ئابدۇلمەلىككە يازغان مەكتۇبىنىڭ 18 – ئابزىسى

elbesri 18

جانابى ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: « قايتىڭلار، ( بۇ ) سىلەرگە پايدىلىقتۇر » ( نىسا، 171 ). ئۇ نادانلار بۇ ئايەتنىڭ مەنىسىنى: « مەن سىلەرگە قازايى – قەدەر قىلغان نەرسىدىن قايتىڭلار، بۇ سىلەر ئۈچۈن پايدىلىقتۇر »  دەپ گۇمان قىلىشىدۇ.

ھالبۇكى ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: « ئاللاھ قا ئۆزەڭلار توقۇپ چىققان يالغاننى چاپلىماڭلار » ( تاھا، 61 ).

« يېتىمنىڭ مېلىغا تاكى ئۇ بالاغەتكە يەتكەنگە قەدەر يوللۇق ئۇسۇلدىن باشقا رەۋىشتە يېقىنلاشماڭلار » ( ئەنئام، 152؛ ئىسرا، 34 ).

ئاللاھ يەنە مۇنداق دەيدۇ: « زىناغا يېقىنلاشماڭلار » ( ئىسرا، 32 )؛ « ناھەق ئادەم ئۆلتۈرمەڭلار » ( ئىسرا، 33 )؛ « ئايەتلىرىمىزنى ئەرزان باھادا سېتىۋەتمەڭلار » ( بەقەرە، 41 ).

ئۇلار يۇقىرىدىكى چۈشەنچە بىلەن يەنە مۇنداق دېمەكتە: « ئاللاھ، رەسۇلىغا ھالالنى ھارام قىلىشنى قازايى – قەدەر قىلدى، ئاندىن كېيىن قازايى – قەدەر قىلغان ئىشنى قىلغانلىقى سەۋەپلىك ئۇنىڭغا بۇ ئايەت ئارقىلىق مالامەت قىلدى: « ئى نەبى! نېمە ئۈچۈن ئاللاھ ساڭا ھالال قىلغان نەرسىنى ئاياللىرىڭنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ھارام قىلىسەن؟ » (تەھرىم، 1 ). ئۇلار يەنە بۇ چۈشەنچە بىلەن مۇنداق دېيىشىدۇ: « ئاللاھ دەسلەپتە رەسۇلىغا [ رۇخسەت قىلىش ]نى قازايى – قەدەر قىلىپ بېكىتىپ، ئاندىن كېيىن ئۇنىڭغا رۇخسەت قىلغان، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنى بۇ ئايەت بىلەن مالامەت قىلغان: « ( ئى نەبى! ) ئاللاھ سېنى كەچۈردى، (ئۆزىرىسىدە ) راستچىللار بىلەن يالغانچىلار ( ساڭا ئېنىق بولمىغىچە نېمىشقا ئۇلارغا چىقماسلىققا ) رۇخسەت بەردىڭ؟ » (تەۋبە، 43 ).

نەبىلەردىن خاتالىق ئۆتكۈزگەنلەر خاتاسىنى مۇتلەق ھالدا ئۆزىگە نىسبەت قىلىدۇ ۋە ھەرگىزمۇ رەببىگە نىسبەت قىلمايدۇ. ئاللاھ سۆزلەتكەن ھۆپۈپ ( سۇلايمانغا بېلقس ھەققىدە مۇنداق ) دېگەنىدى:

« ئۇنىڭ ۋە قەۋمىنىڭ ئاللاھ نى قويۇپ قوياشقا چوقۇنىدىغانلىقىنى بايقىدىم. شەيتان ئۇلارغا قىلمىشلىرىنى چىرايلىق كۆرسەتتى، ئۇلار توغرا يولدىن ئاداشتى » ( نەمل، 24 ).

قۇرئاندا بۇنىڭغا ئوخشاش ئايەتلەر كۆپتۇر.

بۇ سەن مەندىن سورىغان مەسىلىنىڭ جاۋابىدۇر. ئۇلارنى ئىزاھلاپ بايان قىلدىم. ئەمدى سەنمۇ ئوبدانراق ئويلاپ باققىن ۋە بۇ ھەقتىكى چۈشەنچەڭنى ئۆزگەرتكىن. چۈنكى ئۇ قەلىپكە شىپادۇر.

رىسالە بۇ يەردە ئاخىرلاشتى.