مائۇن سۈرىسى

 

سۈرە ئاخىرقى ئايىتىدە تىلغا ئېلىنغان « قىزغىنىش، ئاياش » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان، قۇرئاندا پەقەت مەزكۇر سۈرىدىلا تىلغا ئېلىنغان « مائۇن » كەلىمىسى بىلەن ئاتالغان:

« ئەڭ كىچىك ياردەمنىمۇ ئايايدۇ » ( 7 – ئايەت ).

مائۇن، مەئۇنەت پېئىلىدىن تۈرلەنگەن بولۇپ، قۇرتۇبى ئېيتقاندەك مائۇن كەلىمىسى « ئازلىق » مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. كۆپ نەرسىنىڭ ئاز بىر قىسىمىغا ۋەكىللىك قىلغانلىقى ئۈچۈن زاكات ۋە سەدىقىمۇ « مائۇن » دەپ ئاتالغان. ئابدۇللاھ ب. مەسئۇد، مائۇننى « بىر ئۆلچەم، بىر چىلەك »كە ئوخشاش مەھسۇلاتلار ئۆلچەنگەن ئۆلچىگۈچلەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەم بىرلىكى دەپ ئىزاھلىغان. بىز تاللىغان مەنامۇ يۇقىرىقى ئىزاھاتنى ئاساس قىلماقتا. مۇجاھىد بۇ كەلىمىنى « ئۆتنە بېرىش » دەپ ئالغان. بۇنىڭغا ئاساسەن بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى « ئۆتنە بېرىشكىمۇ توسالغۇ بولىدۇ » دېگەنلىك بولىدۇ. مائۇن، ھاۋا، قوياش، شامال، يامغۇر، سۇ، ئوت – ياش، ئوتقا ئوخشاش ھېچكىمنىڭ بېراۋدىن ئاياش ھەققى بولمىغان ئورتاق ئىشلىتىشىگە بېرىلگەن نەرسىلەرنى كۆرسىتىدۇ دېگەنلەرمۇ بولغان. بىزنىڭچە بۇ مائۇننىڭ ئەڭ ياخشى ئىزاھاتلىرىدىن بىرسى بولسا كېرەك. بۇنىڭغا ئاساسەن سۈرىگە ئىسمى بېرىلگەن ئايەتنىڭ مەنىسى مۇنداق: « ئەمما ( قوياش، ھاۋا، سۇ. شامال ۋە يامغۇرغا ) ئوخشاش ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان نەرسىلەرنىمۇ ئايايدۇ، قىزغىنىدۇ ».

بەزى تەپسىرلەر ۋە بۇخارى مەزكۇر سۈرىنى تۇنجى كەلمىسى بولغان « ئەرائەيتە » ئىسمى بىلەن ئاتىغان.

سۈرە مەككىدە نازىل بولغان بولۇپ، ھەزرىتى ئوسماننىڭ نۇزۇل تەرتىۋىدە تەكاسۇر بىلەن كافىرۇن سۈرىسى ئارىسىغا، يەنى 17 – ئورۇنغا تىزىلغان. ئىبن ئابباس تەرتىۋىدە تەكاسۇر – فىل سۈرىسى ئارىسىغا تىزىلغان بولۇپ، بىزنىڭچە ھەزرىتى ئوسمان تەرتىۋى توغرا. سۈرىنىڭ مەزمۇنى بۇنى توغرىلىماقتا.

بەزىلەر مائۇن سۈرىسىنىڭ يېرىمىنى مەككىدە، قالغان يېرىمىنى مەدىنىدە نازىل بولغان دېگەن. سۈرىنى ئىككىگە بۆلۈپ 1 – 3 – ئايەتلىرىنىڭ مەككىدە، 4 – 7 – ئايەتلىرىنىڭ مەدىنىدە نازىل بولغانلىقى ھەققىدىكى قاراشلار « مۇسەللىن » كەلىمىسىگە « ناماز قىلغۇچىلار » مەنىسىنى بېرىشتە چىڭ تۇرۇشتىن كېلىپ چىققان. لېكىن بۇنىڭ ئاساسى يوق. سۈرە مەزمۇن جەھەتتىن ھېچقانداق شەكىلدە پارچىلىغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە بىر پۈتۈنلىككە ئىگە. سۈرە ئاخىرقى ئايىتىدە كىرىشتە تىلغا ئېلىنغان مەسىلىگە قايتىپ، ئۇنى ھەر تۈرلۈك پارچىلاش قارارلىرىنى بىكار قىلىدۇ. سۈرىدە بىر – بىرىگە « فا » بېغى بىلەن ئايرىلماس شەكىلدە باغلانغان ئىككى مەزمۇننى بىر – بىرىدىن ئايرىش، سۈرىنىڭ ئۆزى رەت قىلغان بىر قاراشتۇر.

مائۇن سۈرىسى، رىسالەتنىڭ ئىككىنجى يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا نازىل بولغان بولىشى مۇمكىن. مەزمۇن ئىتىبارى بىلەن ئۆزىدىن ئىلگىرىكى تەكاسۇر سۈرىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتكە ئىگە.

سۈرىنىڭ ئانا تېمىسى، شەخسى ئىبادەت ( مەسئۇلىيەت ) بىلەن ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت ئارىسىدىكى زىچ مۇناسىۋەتنى تەكىتىلەش ۋە كۆرسىتىپ بېرىش بولۇپ، خىتاپ قىلىنغۇچىغا سالات ( ئىبادەت )  ئۈستىدىن، ھەسەنات ( شەخسى ئىبادەت )نى قانداق قىلىپ سالىھات ( سالىھ ئەمەل، ياخشى ئىشلار )قا ئايلاندۇرىدىغانلىقىنى ئۆگەتمەكتە. خىتاپ قىلىنغۇچىغا بەندىنىڭ ئاللاھ ۋە ئىجتىمائىي جەمىئىيەت ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىنىڭ بىر – بىرىدىن ئايرىلماس بىر پۈتۈن گەۋدە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە ۋە بۇ ئارقىلىق « يېتىمنى ھىمايە قىلىش، ئۇنىڭغا ئاتىدارچىلىق قىلىش بىلەن ئىبادەتنى ئايرىم دەپ قاراش، ئاللاھ ئالىدىدىكى مەسئۇلىيەت ئىڭى مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان » دىن «نى ئىنكار قىلىش بىلەن ئوخشاش » دېمەكتە:

أَرَأَيْتَ الَّذِي يُكَذِّبُ بِالدِّينِ (1) فَذَلِكَ الَّذِي يَدُعُّ الْيَتِيمَ (2) وَلَا يَحُضُّ عَلَى طَعَامِ الْمِسْكِينِ (3) فَوَيْلٌ لِلْمُصَلِّينَ (4) الَّذِينَ هُمْ عَنْ صَلَاتِهِمْ سَاهُونَ (5) الَّذِينَ هُمْ يُرَاءُونَ (6) وَيَمْنَعُونَ الْمَاعُونَ (7)

« ئاللاھ ئالدىدىكى بارلىق مەسئۇلىيىتى ( دىن )نى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلغان كىشىنى كۆردۈڭمۇ؟ ئۇ شۇنداق كىشىكى، يېتىمنى دۆشكەلەيدۇ، مىسكىنگە تاماق بېرىشنى تەرغىپ قىلمايدۇ. مانا بۇ سەۋەپتىن، بۇنداق ئىبادەت قىلغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! مانا بۇلار ئىبادەتنىڭ ھەقىقى مەقسىتىدىن غاپىل قالغانلاردۇر. بۇلار شۇنداق كىشىلەردۇركى، ( ئىبادەتنى ) رىياغا ئايلاندۇرىدۇ. ئۇلار ئەڭ كىچىك ياردەمنىمۇ ئايايدۇ » ( 1 – 7 ).

مەزكۇر سۈرىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ ئايىتى كىشىنىڭ باشقا كىشىلەر بىلەن، قالغان ئۈچ ئايىتى كىشىنىڭ ئاللاھ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە دائىر بولۇپ، بۇ ئارقىلىق تەۋھىد ۋە ئادالەت دىننىڭ ئىككى قانىتى دېمەكتە. بۇلاردىن بىرسى سۇنسا، يەنە بىر قانات ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالمايدۇ. بۇ سۈرە، كىشىلەر ئالدىدىكى مەسئۇلىيەتنى، ئاللاھ ئالدىدىكى مەسئۇلىيەتتىن ئايرىپ چۈشۈنۈشكە بولمايدىغانلىقىنى ئىما قىلماقتا. ئەگەر كىشى ئىنسانلار ( ئىجتىمائىي جەمىئىيەت ) ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىسا، ئىبادىتى بىر شەكىلگە ئايلىنىپ قالىدۇ ( 4 ).

يىغىنچاقلىغاندا، ئىبادەتلەر گەرچە ئاللاھ بىلەن بەندە ئارىسىدا بولسىمۇ، ئىبادەتلەرنىڭ غايىسى بەندىنىڭ باشقا بەندىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە ئۆزىنى ئەكس ئەتتۈرىشى كېرەك. چۈنكى، ئىبادەتنىڭ پايدىسى ئاللاھ قا ئەمەس، ئىنسانغا يېتىدۇ. مانا بۇ ئىبادەتنىڭ ھەقىقىي مېۋىسى.