كافىرۇن سۈرىسى

 

سۈرە بىرىنچى ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان « كاپىرلار » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « كافىرۇن » كەلىمىسى بىلەن ئاتالغان:

« ئېيتقىنكى: ئەي كاپىرلار! » ( 1 ).

« كافىرۇن » كەلىمىسى ئىسمى فائىل ( ئىگە ) شەكلىدە كەلگەن بولۇپ، بۇ ئىسىم خىتاپ قىلىنغۇچىنىڭ، شۇ كەلىمىدە ئىپادىلەنگەن ئىش – ھەرىكەتنى ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ئادىتى قىلىۋالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن بىرىنچى ئايەتنىڭ مەنىسى مۇنداق بولىدۇ:

« ئەي كۇپۇر ۋە تۇز كورلۇقنى ئۆزىگە ئادەت قىلىۋالغانلار تەبىقىسى / گۇرۇھى! ».

كۇپۇرنىڭ ئەقىدىۋىي ئىپادىسى ئىنكار قىلىش بولۇپ، ئەخلاقىي ئىپادىسى تۇز كورلۇق قىلىش. « كەفەرە » پېئىلى « يېپىپ قويدى، ئۈستىنى يېپىپ قويدى » مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. ھەقىقەتنىڭ ئۈستىنى يېپىپ قويۇش كۇپۇرلۇقتۇر. ۋىجداننىڭ ئۈستىنى باستۇرۇپ، ئۇنىڭ نىداسىغا قۇلاق سالماسلىق كۇپۇردۇر. نېمەتنىڭ ئۈستىنى يېپىپ، ئۇنى كۆرمەسكە سېلىش ۋە ئۇنىڭغا تۇز كورلۇق قىلىشمۇ كۇپۇردۇر. قەدىمى مۇسھاب ۋە تەپسىرلەردە بۇ ئىسىم بىلەن ئاتالغان. بۇخارىدا بىرىنچى ئايىتى بىلەن ئاتالغان.

سۈرە مەككىدە نازىل بولغان بولۇپ، ھەزرىتى ئوسمان ۋە جابىر بىن زەيدنىڭ نۇزۇل تەرتىۋىدە مائۇن – فىل سۈرىسى ئارىسىغا، يەنى 18 –  ئورۇنغا تىزىلغان. ئىبن ئابباس فىل – ئىخلاس سۈرىسى ئارىسىغا تىزغان. ئالدىنىقىسىنىڭ ئورنى كېيىنكىسىگە قارىغاندا مۇۋاپىق. بىزنىڭچە مائۇن – تەببەتيەدا سۈرىسى ئارىسىغا تىزىلسا توغرا بولىشى مۇمكىن. سۈرە رىسالەتنىڭ 2 – يىلى نازىل بولغان بولسا كېرەك.

سۈرىنىڭ ئانا تېمىسى – ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ ئۇلى بولغان تەۋھىد بولۇپ، بۇ سۈرە ئىخلاس سۈرىسى بىلەن بىرلىكتە كەلىمەئى تەۋھىدنىڭ تەپسىرىگە ئوخشاپ قالىدۇ. يەنى « لا ئىلاھە » قىسمىغا كافىرۇن سۈرىسى، « ئىللەللاھ » قىسمىغا ئىخلاس سۈرىسى ۋەكىللىك قىلىدۇ دېيىشكە بولىدۇ.

مەركىزى ئىدىيىسى – ئىماندا بازارلىق قىلىشقا بولمايدۇ ياكى بازارلىق قىلىدىغان يەردە ئىمان بولمايدۇ. سۈرە بىر مەنىدە ئىماندا قەتئىي ۋە مۇستەھكەم تۇرۇشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. مەزكۇر سۈرە، مۇھاتابىدا مۇستەھكەم ئىماننى شەكىللەندۈرۈشنى مەقسەت قىلماقتا. بۇ مەيلى دۇنيانىڭ قەيىرىدە بولىشىدىن قەتىئىينەزەر، مۇستەھكەم ئىمانغا ئىگە بولغان كىشىلەرنىڭ، دۇنيادىكى بارلىق كاپىرلارغا سۇنغان ئولتىماتۇمىغا ئوخشايدۇ. يەنى:

قُلْ يَا أَيُّهَا الْكَافِرُونَ (1) لَا أَعْبُدُ مَا تَعْبُدُونَ (2) وَلَا أَنْتُمْ عَابِدُونَ مَا أَعْبُدُ (3) وَلَا أَنَا عَابِدٌ مَا عَبَدْتُمْ (4) وَلَا أَنْتُمْ عَابِدُونَ مَا أَعْبُدُ (5) لَكُمْ دِينُكُمْ وَلِيَ دِينِ (6)

« ئېيتقىنكى، ئى كاپىرلار! سىلەر چوقۇنىۋاتقان نەرسىلەرگە مەن ھەرگىزمۇ چوقۇنمايمەن. سىلەرمۇ مەن ئىبادەت قىلىۋاتقان ئاللاھ قا ئىبادەت قىلمايسىلەر! مەنمۇ ئەزەلدىن سىلەر چوقۇنىۋاتقان نەرسىلەرگە چوقۇنغىنىم يوق. سىلەرنىڭمۇ مەن ئىبادەت قىلىۋاتقان ئاللاھ قا ئىبادەت قىلغىنىڭلار يوق. سىلەرنىڭ دىنىڭلار ئۆزەڭلار ئۈچۈن، مېنىڭ دىنىممۇ ئۆزەم ئۈچۈن! » ( 1 – 6 ).

بۇ سۈرە دۇنيانىڭ ئەڭ جىمغۇر ئىنسانىنى، « ئى تاغا! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى! ئوڭ قولۇمغا كۈننى، سول قولۇمغا ئاينى بەرسىمۇ، ئاللاھ تىن ئەمىر كەلمىگۈچە مەن بۇ داۋادىن ھەرگىزمۇ ۋاز كەچمەيمەن! » ( ئىبن ھىشام، ئەس – سىرا، 2 ، 101 )  دەيدىغان تىللارغا داستان قەتئىي ئىرادە نوقتىسىغا ئېلىپ كەلگەن باسقۇچنىڭ بىشارەتلىرىدىن بىرى ئىدى.

ۋاھىدى ۋە ئىبن ئىسھاق نەقىل قىلغان نازىل بولۇش سەۋەبىگە مۇناسىۋەتلىك بۇ رىۋايەتنى بىلمەي تۇرۇپ بۇ سۈرىنى تولۇق چۈشەنگىلى بولمايدۇ:

« بىر كۈنى  رەسۇلۇللاھ كەبىنى تاۋاپ قىلىۋاتقانىدى. قەۋمىنىڭ ئاقساقاللىرىدىن ئەسۋەد بىن مۇتتەللىپ، ۋەلىد بىن مۇغىرە، ئۇمەييە بىن خەلەف، ئاس بىن ۋائىل ئۇنىڭ ئالدىنى توسۇپ مۇنداق بىر تەكلىپ بەردى:

  • ئى مۇھەممەد! بىز ( بىر يىل ) سېنىڭ رەببىڭگە ئىبادەت قىلايلى، سەنمۇ ( بىر يىل ) بىزنىڭ ئىلاھلىرىمىزغا ئىبادەت قىل. بۇ سايىدە بىز شېرىك بولايلى. ئەگەر سەن ئىبادەت قىلىۋاتقان ئىلاھ بىزنىڭكىدىن خەيىرلىك بولسا، بىز ئۇ خەيىردىن ئۆزىمىزگە تېگىشلىك نېسىۋىنى ئالىمىز. ئەگەر، بىزنىڭ ئىلاھلىرىمىز سېنىڭ ئىلاھىڭدىن خەيىرلىك بولسا، سەن ئۇنىڭدىن مەھرۇم قالمىغان بولسەن.

شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ بۇ سۈرىنى نازىل قىلدى. رەسۇلۇللاھ ئەتىسى سەھەردە كەبىدە ئۇلارغا بۇ سۈرىنى ئوقۇدى. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇلار رەسۇلۇللاھتىن ئۈمىدىنى ئۈزدى ».

ئىبن ئابباس مۇنداق دەيدۇ: « شۇنىڭ بىلەن ئۇلار رەسۇلۇللاھتىن ئۈمىدىنى ئۈزدى ۋە ئۇنىڭغا، ساھابىلىرىگە مانا شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ئەزىيەت قىلىشقا باشلىدى ».

بۇ ئىپادىلەر مەزكۇر سۈرىنىڭ خۇددى نەجم سۈرىسىگە ئوخشاش مەككە مەزگىلىنىڭ بۇرۇلۇش نوقتىسىدىن بىرسى بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن مۇشرىكلارنىڭ مۇسۇلمانلارغا قاراتقان سۈكۈت قىلىش، مەسخىرەت قىلىشتەك مۇئامىلىسى رەسمىي ئەزىيەت يەتكۈزۈش، زۇلۇم قىلىش، بېسىم قىلىشقا ئايلانغانىدى.