تەكاسۇر سۈرىسى

 

سۈرە بىرىنچى ئايىتىدە تىلغا ئېلىنغان « خىرس بىلەن كۆپەيتىش » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « تەكاسۇر » كەلىمىسى بىلەن ئاتالغان:

« سىلەرگە تا ئۆلۈم يېتىپ قەبىرگە كىرگىچە كۆپەيتىش خىرسى سىلەرنى غەپلەتتە قالدۇردى » ( 1 – 2 ).

تەكاسۇر ئىسمى بىلەن ئاتالغان بىر سۈرىنىڭ قۇرئاندا يەر ئېلىشى، ئۆتمۈش، بۈگۈن ۋە كېلەچەكتىكى ئىنسانلار ئۈچۈن بىر مۆجىزىۋى تېما بولۇپ، ئۈزلۈكسىز مال – مۈلكىنى كۆپەيتىش خىرسى، مۇتلەق كۆپ سانلىق ئىنسانلار گرىپتار بولغان خەتەرلىك ئىللەتلەردىن بىرى. بۈگۈنكى دەۋرىمىزدىمۇ ئىنسانلاردىكى ئەڭ چوڭ ئىللەتلەردىن بىرى توختىماي كۆپەيتىش خىرسى بولۇپ، قانائەت قىلماستىن كۆپەيتىش، تېخىمۇ كۆپلەپ يىغىش ۋە تېخىمۇ كۆپكە ئىگە بولۇش خىرسى نەتىجىسىدە خۇدىنى يوقۇتۇپ قويغان ئىنسان، بۇ يولدا ئۆزىنى يوقۇتۇپ، ھەددىنى بىلەلمەي چەكتىن ئاشماقتا.

مۇتلەق كۆپ ساندىكى مۇسھاب ۋە تەپسىرلەردە سۈرە بۇ ئىسىم بىلەن ئاتالغان. رەسۇلۇللاھنىڭ ئەسھابىنىڭ سۈرىنى « مەقبۇرا » دەپ ئاتىغانلىقى ھەققىدە رىۋايەتلەر بار ( ئالۇسى ). سۈرە بۇخارىدا « ئەلھاكۇم » ئىسمى بىلەن ئاتالغان.

سۈرىنىڭ مەككىدە نازىل بولغانلىقى ھەققىدە ئىختىلاپ يوق. سۈرە رىسالەتنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە نازىل بولغان بولۇپ، قەدىم نۇزۇل تەرتىپلىرىدە كەۋسەر ۋە مائۇن سۈرىسى ئارىسىدا، 16 – ئورۇندا يەر ئالغان. بۇ تەخمىنەن رىسالەتنىڭ ئىككىنجى يىلىغا توغرا كېلىدۇ.

گەرچە بۇ سۈرىنىڭ مەككىدىكى ئىككى چوڭ رەقىپ قەبىلە ئارىسىدىكى كۈچ –  قۇۋۋەت بەسلىشىشى سەۋەبلىك نازىل بولغانلىقى رىۋايەت قىلىنسىمۇ، ئەمما سۈرە ئىما قىلىۋاتقان مەنا زامان ۋە ماكانلارنى ھالقىغان بولۇپ، ھەر دەۋردىكى « مال – دۇنيا يىغىش، بىرىكتۈرۈش خىرسى »غا گىرىپتار بولغان ئىنسانلارغا خىتاپ قىلىپ، بۇ ئىللەتتىن ھەزەر ئەيلەش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەرمەكتە.

سۈرىنىڭ ئانا تېمىسى، ھەر دەۋر ئىنسانلىرى ئىچىدە كۆرۈلىدىغان ھەر جەھەتتە بىرىنچى بولۇش ھەۋىسىگە ئەسىر بولغان ئىنسان بولۇپ، بۇ خىرسقا قۇل بولۇش سەۋەبىدىن ئىنسان ئۈزلۈكسىز يىمەي – ئىچمەي يىغىدۇ ۋە باشقىلارغىمۇ يىگۈزمەي بىرىكتۈرىدۇ. نەتىجىدە بۇ يىغقانلىرى ئاستىدا مىجىلىپ خۇدىنى يوقۇتۇپ قويىدۇ ۋە يارىتىلىش مەقسىتىنى ئۇنتۇيدۇ. مانا بۇ سۈرە، ئىنساننى دۇنياۋىيلىشىپ كېتىش بالاسىغا دۇچار بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈن، كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ « قارۇنلاشماسلىق »نى ئىما قىلغان ھالدا سۆزنى باشلايدۇ:

أَلْهَاكُمُ التَّكَاثُرُ (1) حَتَّى زُرْتُمُ الْمَقَابِرَ (2)

« سىلەرگە تا ئۆلۈم يېتىپ قەبىرگە كىرگىچە كۆپەيتىش خىرسى سىلەرنى غەپلەتتە قالدۇردى » ( 1 – 2 ).

 

بۇ يەردە تىلغا ئېلىنىۋاتقان مەسىلە، ئۆتكۈنچى بىلەن ئەبەدىي، بىباھا بىلەن باھاسى بولغاننى ئايرىيالىغۇدەك بىلىمگە ئىگە بولۇش مەسىلىسى بولۇپ، بۇ بىلىم ئىماننىڭ ئەسەرى بولىدۇ. يەنى، بۇ بىلىم ئىنساننى ئاللاھ نى كۆرۈپ تۇرغاندەك تۇيغۇ بىلەن ئاللاھ قا ئىبادەت قىلىشقا يۈزلەندۈرىدىغان تىرىك ۋە تىرىلدۈرگۈچى بىر ئىماننىڭ شاھ ئەسەرى بولۇپ، بۇنداق بىر ئىمان، ئىنساننىڭ دىلىغا جەھەننەم خەۋپىدىن خەۋەر بېرىپ تۇرىدىغان بىر ھۇشيارلىق بەخش ئېتىدۇ. ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، ئىچىدىن يالقۇنلاپ چىققان يانغىن ۋىجدان پەردىسىنى كۆيدۈرۈپ تاشلاپ، پۈتۈن ھەقىقەت مانا مەن دەپ كۆز ئالدىدا پەيدا بولغان ئۇ كۈندە، ئىنسان ئۇ ھەقىقەتنى بىلىپ يېتىدۇ. لېكىن، بۇ ۋاقىتتا پۇرسەت قولدىن كەتكەن بولىدۇ:

كَلَّا سَوْفَ تَعْلَمُونَ (3) ثُمَّ كَلَّا سَوْفَ تَعْلَمُونَ (4) كَلَّا لَوْ تَعْلَمُونَ عِلْمَ الْيَقِينِ (5) لَتَرَوُنَّ الْجَحِيمَ (6) ثُمَّ لَتَرَوُنَّهَا عَيْنَ الْيَقِينِ (7)

« ياق، ۋاقتى كەلگەندە ھەقىقەتنى بىلىپ قالىسىلەر. ئاندىن ۋاقتى سائىتى كەلگەندە ھەقىقەتنى ( ئۇ جايدا ) بىلىپ قالىسىلەر. ئەگەر بۇ ( خىرسنىڭ قانداق مۇسىبەتلەر ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ) ئەتراپلىق تەپەككۇر قىلىپ يەتكەن بولساڭلار، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ( دۇنيانى ) جەھەننەمگە ( ئايلاندۇرغانلىقىنى ) كۆرۈپ يېتەتتىڭلار. ( بۇ يەردە – دۇنيادا كۆرۈپ يېتەلمىدىڭلار )، كۆپ ئۆتمەستىن ( ئاخىرەتتە ) ئۇنى ھەقىقەتەن ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرىسىلەر، … » ( 3 – 7).

بۇ ئايەتلەر نازىل بولغان دەۋردىكى ئىنسان « كۆپەيتىش، يىغىش خىرسىغا مۇپتىلا بولغان ئىنساننىڭ دۇنيانى جەھەننەمگە ئايلاندۇرغانلىقىنى بىز تېخى كۆرمىدۇق » دېگەن بولسا، مىڭ قېتىم ھەقسىزلىق قىلغان بولاتتى. لېكىن، كۈنىمىزدىكى ئىنسان بۇنى دېسە، مىليارد قېتىم ھەقسىزلىق قىلغان، رىئاللىققا كۆزىنى يۇمۇۋالغان بولىدۇ. چۈنكى، بۇنىڭغا تېخى يېقىنقى زاماندا بىر قانچە قېتىم شاھىت بولدى.

سۈرىنىڭ ئاخىرقى ئايىتى مال – مۈلۈكنىڭ بىز ئۆز ئىختىيارىمىزچە سەرپ قىلىدىغان بىر مۈلكىيەت ئەمەس، سورىقى بار بىر ئامانەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، ئىنساننى ئاگاھلاندۇرماقتا:

ثُمَّ لَتُسْأَلُنَّ يَوْمَئِذٍ عَنِ النَّعِيمِ

« ئەلۋەتتە ئۇ كۈندە ( دۇنيادا سىلەرگە بېرىلگەن ) بارلىق نېمەتلەردىن سوئال – سوراق قىلىنىسىلەر » (8 ).