كەۋسەر سۈرىسى

 

سۈرە بىرىنچى ئايىتىدە تىلغا ئېلىنغان « ناھايىتى خەيىرلىك، مول ئىكرام، نېمەت يامغۇرى » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « كەۋسەر » كەلىمىسى بىلەن ئاتالغان:

« بىز ساڭا ھەقىقەتەن نۇرغۇن ياخشىلىقلارنى ئاتا قىلدۇق » ( 1 ).

ئەل كەۋسەر – جامىد ئىسىم ( مەلۇم بىر ئىسىم ياكى پېئىلدىن تۈرلىنىپ چىقمىغان، مۇستەقىل ئىسىم ) بولۇپ، گرامماتىكىلىق قائىدىگە ئاساسەن قارىتىلغان ئوبىيكتتىن باشقا بىر مەنىگە دالالەت قىلمايدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن بۇ ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان « كەۋسەر » رەسۇلۇللاھقا بېرىلگەن « نۇرغۇن نېمەتلەرنىڭ » ئومۇمىي ئىسىمى بولۇپ، بۇ نېمەتلەردىن كۆزگە كۆرۈنگەنلىرى قۇرئان ۋەھىي، نەبىيلىك ۋە ھېكمەت. ھەزرىتى ئەنەستىن كەلگەن ۋە ئاۋام ئارىسىدا كەڭ تارقالغان « كەۋسەر كۆلى » ئىزاھاتى، كەۋسەر ئىسمى دالالەت قىلغان نەرسە ئەمەس، ئۇ پەقەت كىشىلەرنىڭ مەزكۇر كەلىمە ھەققىدىكى چۈشەنچىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. كەۋسەرنى « جەننەتتە رەسۇلۇللاھقا خاس قىلىنغان بىر كۆل » دەپ شەرھىيلىگەنلەردىن باشقا يەنە، « رەسۇلۇللاھنىڭ نەسلى، ساھابىلىرى، ئۈممىتى، ئۈممىتىنىڭ ئالىملىرى، جەننەتتىكى بىر ئۆستەڭ، تەۋھىد ئەقىدىسى، ئىسلام، پەزىلەت، ماختاشقا سازاۋەر ماقام، مۇھەممەدى شەرىئەتنىڭ يەڭگىللىكى، قۇرئان، قۇرئاننىڭ ئاسان چۈشەنگىلى بولىدىغانلىقى، رەسۇلۇللاھقا خاس بىر نۇر… » دېگەندەك شەكىلدە ئىزاھلىغانلارمۇ بولغان.

بارلىق مۇسھاب ۋە تەپسىرلەردە سۈرە بۇ ئىسىم بىلەن ئاتالغان. بۇ كەلىمە قۇرئاندا پەقەت مۇشۇ سۈرىدىلا تىلغا ئېلىنغان.

مەزكۇر سۈرە مەزمۇن ۋە ئۇسلۇبى نوقتىسىدىن قارىغاندا مەككىدە نازىل بولغان. ھەزرىتى ئوسمان ب. ئاففان، جابىر ب. زەيد ۋە باشقىلار بۇ سۈرىنى ئادىيات – تەكاسۇر سۈرىلىرى ئارسىغا تىزغان. ئىبن ئابباس ئەسر – تەكاسۇر سۈرىسى ئارىسىغا يەرلەشتۈرگەن.

سۈرە رىسالەتنىڭ 2 – يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا نازىل بولغان. سۈرىنىڭ 3 – ئايىتى رەسۇلۇللاھقا قاتتىق دۈشمەنلىك قىلىۋاتقان بىر گۇرۇھنىڭ بارلىقىدىن خەۋەر بەرگەن بولۇپ، بۇنىڭدىن دەۋەتنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە رەسۇلۇللاھقا ئىچ – ئىچىدىن دۈشمەنلىك قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ بارلىقى مەلۇم بولماقتا.

سۈرە قۇرئاننىڭ ئەڭ قىسقا سۈرىسى بولغان بولسىمۇ، مەزمۇنى ناھايىتى چوڭقۇر سۈرىلەردىن بىرى. سۈرە مەزمۇن جەھەتتىن نېمەتكە شۈكۈر قىلىش ئەخلاقىنى يېتىلدۈرۈشنى ۋە ئۇسلۇبىنى كۆرسىتىپ بېرىشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، مۇھاتابىنى سالىھ ئەمەل قىلىشقا تەشۋىق قىلىدۇ.

سۈرە رەسۇلۇللاھنىڭ ئۈمىدىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، مەنىۋىي كۈچىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ. ئالەملەرگە رەھمەت بولغۇچىغا، ۋەھىي ۋە نۇبۇۋۋەتنىڭ پەقەت « بىر ئېغىر مەسئۇلىيەت » بولۇپلا قالماستىن، يەنە « ناھايىتى چوڭ خەيىرلىك ئىش » ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىدۇ:

إِنَّا أَعْطَيْنَاكَ الْكَوْثَرَ

« بىز ساڭا ھەقىقەتەن نۇرغۇن ياخشىلىقلارنى ئاتا قىلدۇق » ( 1 ).

ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھ نىڭ بۇ خەيىرلىك نېئمىتى سايىسىدە ئابدۇلمۇتەللىپنىڭ يېتىمى، « ئالەملەرگە رەھمەت » بولغانىدى. بۇ شەرەپلىك نېمەت ئالەملەرنىڭ رەببىگە شۈكۈر قىلىشنى تەقەززا قىلىدۇ. شۈكۈرنىڭ ئەڭ چوڭى، تەبىئىيكى ئىبادەتنى ئالەملەرنىڭ رەببىگلا خاس قىلىشتۇر:

فَصَلِّ لِرَبِّكَ وَانْحَرْ

« نامىزىڭنى، قۇربانلىقىڭنى ئالەملەرنىڭ رەببىگە خاس قىلغىن! » ( 2 ).

كەۋسەر – ئەبەتەر كەلىمىسى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت سۈرىنىڭ ئاچقۇچىدۇر. رەسۇلۇللاھقا دۈشمەنلىك قىلىدىغانلار بولىدۇ. يەنى، ئاللاھ نىڭ نۇرغۇن ياخشىلىقى ۋە كەرىمىگە نائىل بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا نەپرەت قىلىش مەۋجۇدلىقى پۈتۈنلەي خەيىر بولغان بىرسىدىن مەھرۇم بولغانلىقتۇر. ئۇ ئەل – ئەبەتەر بولۇپ، يەنى ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرىگەن ۋە ئۇنىڭغا دۈشمەن بولغان بىرسى، ئەمەلىيەتتە ئەل – كەۋسەردىن يۈز ئۆرۈپ ئۇنىڭغا دۈشمەن بولغان ۋە ياخشلىق بۇلىقىدىن مەھرۇم قالغان كىشىدۇر:

إِنَّ شَانِئَكَ هُوَ الْأَبْتَرُ

« ھەقىقەتەن سېنىڭ دۈشمىنىڭنىڭ نام – نىشانى قالمايدۇ ( ھەقىقەت شۇكى، ساڭا دۈشمەنلىك قىلغۇچى ياخشىلىقتىن پۈتۈنلەي مەھرۇم قالغان كىشىدۇر ) » ( 3 – ئايەت ).

رەببىم بىزنى رەھمەت، ياخشىلىق بۇلىقىدىن مەھرۇم بولغۇچىلار قاتارىدىن قىلمىغىن!