ئادىيات سۈرىسى

 

سۈرە بىرىنچى ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان « ھۇجۇم قىلغانلار » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « ئادىيات » كەلىمىسى بىلەن ئاتالغان بولۇپ، مەزكۇر ئايەتتە ۋەھىي دۈشمەنلىرىنىڭ ۋەھىيگە بولغان ئۆچمەس دۈشمەنلىكى ئىما قىلىنغان:

« غالجىرلاشقان ھالدا ھۇجۇم قىلغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! ».

بۇ ئايەتتە خىتاپ قىلىنغۇچىنىڭ ئەقلىگە ئەڭ باشتا « نېمىگە ھۇجۇم قىلغانلارغا؟ » دېگەن سۇئال كېلىدۇ. بۇ ئېنىقلىغۇچىسى نامەلۇم بولغان سۆزلەر بىلەن باشلىغان سۈرىلەردىن بىرى. « ھۇجۇم قىلغانلار » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « ئادىيات » كەلىمىسىنى « بەدىر ئۇرۇشىدىكى مۇئمىن مۇجاھىدلارنىڭ ئاتلىرىنى كۆرسىتىدۇ » دېگەنلەرمۇ بولغان. ھەزرىتى ئەلى بۇ چۈشەندۈرۈشنى رەت قىلىپ، « بەدىردە مىقتات ۋە زۇبەيردىن باشقىلارنىڭ ئېتى يوق ئىدى » دەيدۇ.

بەزى مۇپەسسىرلەر « ئادىيات » كەلىمىسى بىلەن « ھاجىلارنىڭ تۆگىسى » كۆزدە تۇتۇلغان دەيدۇ. بۇ سۈرە نازىل بولغان مەزگىلدە ھەج تېخى پەرز بولمىغانىدى. « ئادىيات » بىلەن نېمىنىڭ نەزەردە تۇتۇلغانلىقى ھەققىدە بۇنىڭغا ئوخشايدىغان قاراشلارنى كەلىمىنىڭ مەنىسى رەت قىلماقتا. چۈنكى، كەلىمە « دۈشمەن، دۈشمەنلىك » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « ئادۋ، ئادۇۋ » سۆز تومۇرىدىن تۈرلىنىپ چىققان. بۇ يەردىن « ھۇجۇم قىلغۇچىلارنىڭ » ۋەھىي دۈشمەنلىرى ئىكەنلىكى ئېنىق ھالدا مەلۇم بولماقتا.

قەدىم مۇسھابلاردا سۈرە بۇ ئىسىم بىلەن ئاتالغان. بەزى مۇپەسسىرلەر بېشىدىكى « ۋاۋ » ھەرىپى بىلەن بىرلىكتە ئاتىغان.

سۈرە مەككىدە دەسلەپكى مەزگىللەردە نازىل بولغان سۈرىلەردىن بىرى. ھەزرىتى ئوسمان تەرتىۋىدە ئەسىر ۋە كەۋسەر سۈرىسىنىڭ ئارىسىغا تىزىلغان. بۇ شەخسلەرنى نىشان قىلغان ھالدا ئېلىپ بېرىلغان دەۋەت مەزگىلىگە، يەنى رىسالەتنىڭ 2 – يىلىغا توغرا كېلىدۇ.

سۈرىنىڭ ئانا تېمىسى ئاللاھ ۋە ئىنسان ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت بولۇپ، سۈرە خىتاپ قىلىنغۇچىنى سەگىتىش مەقسىتىدە « ھەيرانلىق ھېس قىلدۇرۇش » تۈس مەنىسىگە ئىگە بولغان قەسەم ۋاۋى ( و ) بىلەن باشلانغان. خىتاپ قىلىنغۇچىنىڭ بۇ خىتاپلارنى پۈتۈن دىققىتى بىلەن ئاڭلىشى؛ ئىنسان ۋىجدانىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش ۋە ئاكتىپ ۋىجدان ئىگىلىرىدىن قىلىپ يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلغان. سۈرىنىڭ ھەر بىر كەلىمىسى، ھەتتا ھەر ھەرىپى خىتاپ قىلىنغۇچىنىڭ قەلبىگە ھېساپ كۈنىنى ئۇستىلىق بىلەن نەقىش قىلىپ ئويىدۇ. سۈرىدە بەندىنىڭ بۇ رىئاللىقنى ھەر ۋاقىت ھېس قىلىپ يېتىشى مەقسەت قىلىنغان بولۇپ، ئۇنى كۆرۈپ تۇرغاندەك ئىمان ئېيتىش ئىما قىلىنىدۇ. چۈنكى، ۋىجدان پەقەت بۇ ئارقىلىق ئۆز مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ قالىدۇ. ئىنسان مانا بۇ سەۋەپتىن ئىنسانلىقىنى ساقلاپ قالالايدۇ:

وَالْعَادِيَاتِ ضَبْحًا (1) فَالْمُورِيَاتِ قَدْحًا (2) فَالْمُغِيرَاتِ صُبْحًا (3) فَأَثَرْنَ بِهِ نَقْعًا (4) فَوَسَطْنَ بِهِ جَمْعًا (5)

« ئاللاھ شاھىتكى، ( ۋەھىيگە ) غالجىرلىق بىلەن ھۇجۇم قىلغۇچىلارغا ۋە ( ئىچىدىكى ) غەزەپ ئوتىنى ئەتراپىدىكىلەرگە تۇتاشتۇرغانلارغا، سەھەرگىچە ھەسەت ئوتىدا پۇچلانغانلارغا ۋە چاڭ – توزان ( قۇرۇق گەپ، تۆھمەت )لىرى بىلەن پىتنە چىقارغانلارغا، بۇ دۈشمەنلىك بىلەن كىشىلەر توپى ئارىسىغا بۆسۈپ كىرگۈچىلەرگە… » ( 1 –  5 ).

سۈرىنىڭ رىسالەتنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا نازىل بولغانلىقى نەزەردە تۇتۇلغاندا، سۈرىنىڭ ئېنىقلىغۇچىسى يوق ھالدا باشلانغان ئالدىنقى بەش ئايىتىنى ئۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك دەپ شەرھىيلىگىلى بولمايدۇ. بۇ ئايەتلەردە كېلەچەكنى ئىشارەت قىلىدىغان بىرەر لەبزى دەلىلمۇ يوق. بىزنىڭچە بۇ ئايەتلەر ۋەھىينى ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ۋەھىيگە قارىتا تۇتقان غەلىتە مۇئامىىسىنى ئىپادىلىمەكتە. بۇنىڭ دەلىلى ئارقىدا بايان قىلىنغان شۇ ئايەتلەردۇر:

إِنَّ الْإِنْسَانَ لِرَبِّهِ لَكَنُودٌ (6) وَإِنَّهُ عَلَى ذَلِكَ لَشَهِيدٌ (7) وَإِنَّهُ لِحُبِّ الْخَيْرِ لَشَدِيدٌ (8)

« ئىنسان ھەقىقەتەن رەببىنىڭ نېمەتلىرىنى شەكسىز ئىنكار قىلىدۇ. ئىنسان ھەقىقەتەن رەببىڭنىڭ بۇ نېمەتلىرىگە ئەلۋەتتە ئۆزى گۇۋاھتۇر. ئىنسان پۇل – مالغا ئىنتايىن ھېرىستۇر » ( 6 – 8 ).

دېمەككى، دەسلەپكى بەش ئايەتتە، تىلغا ئېلىنغان « تۇز كورلۇق » نىڭ خاراكتېرى / سۈپىتىنى بۇ ئايەتلەر بايان قىلغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئاللاھ نىڭ بەندىلىرى ئۈستىدىكى ھەققىنى ئەسلەتمەكتە ۋە ھېساپ كۈنى ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرماقتا.

خۇلاسىلىگەندە، ئىنسان ئاللاھ نى ھەرگىزمۇ ئالدىيالمايدۇ. كۆرۈنۈشتە قانچىلىك سەۋەپنى ئوتتۇرىغا قويۇشىدىن قەتئىينەزەر، ۋىجدانى ئۆزى ئوتتۇرىغا قويغان بارلىق ئۆزىرلەرنى رەت قىلىپ، ھەقنى جاكارلايدۇ: « دىللاردىكى سىرلارنىڭ ئاشكارا قىلىنىشى » ( 10 – ئايەت )، ۋىجداننىڭ زۇۋان كىلىپ ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا قويۇشىدۇر.

سۈرە، ئاخىرىدا ئاللاھ نىڭ خەبىر ئىسمىنى تىلغا ئېلىش ئارقىلىق، مۇھاتابىغا ئاللاھ تىن يوشۇرۇن ئىش قىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن.

إِنَّ رَبَّهُمْ بِهِمْ يَوْمَئِذٍ لَخَبِيرٌ

« ئۇلارنىڭ ھەممە ئەھۋالىدىن رەببىنىڭ ھەقىقەتەن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى ( بۇ نادان ئىنسان ) بىلمەمدۇ؟ » ( 11 ).