image

پىلانىمىز قانداق بولىشى كېرەك؟

مۇسۇلمانلار ھازىر يولنىڭ بېشىدا، بۇ جەھەتتىن كۆپ تەييارلىق قىلىشى كېرەكلىكى ھەممىمىزگە مەلۇم.
سەپەرگە ئاتلانغاندا، قانداق مېڭىشى كېرەك؟ قانداق ماڭىدۇ؟ خەرىتىسى نېمە؟ كومپىسىچۇ؟
ھايات دېڭىزى ناھايىتى بوران – چاپقۇنلۇق. بۇ دېڭىزدا بوران چىققاندا، كېمىڭىزنى ساھلىغا سالامەت ئېلىپ بېرىش ئۇنداق ئاسان ئەمەس. چۈنكى ھايات دېڭىزى ھەردائىم سىزگە داۋالغۇشسىز بولمايدۇ. بۇ دېڭىزدا بوران چىققاندا، نىشانىڭىز قەيەر بولىدۇ؟ كاپىتان كىم بولىدۇ؟ خەرىتىڭىز ۋە كومپىسىڭىزنى سىزگە كىم بېرىدۇ؟
مانا بارلىق سۇئاللارنىڭ جاۋابىدۇر قۇرئان.
ۋەھىي بۇ سۇئاللارنىڭ جاۋابىدۇ.
ھۇدەللىل مۇتتەقىين – تەقۋادارلارغا يېتەكچىدۇر.
شۇڭا، بۇ بىر مەسئۇلىيەت خىزمىتىدۇر.
ھۇدەللىل مۇتتەقىين بولىشى ئۈچۈن، مۇتتەقىيلەرنىڭ يەنى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە كىشىلەرنىڭ بولىشى لازىم. مەسئۇلىيەتچانلىق ئېڭىغا ئىگە بولغان كىشىلەر ئۈچۈن، قۇرئان ھىدايەتكە باشلىغۇچى بولىدۇ. مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلارغا قۇرئان ھىدايەت قىلغۇچى بولمايدۇ.
بىراۋ قۇرئاننى پۈتۈنلەي يادا ئالىدۇ، مېڭىسىگە يەرلەشتۈرىدۇ، زېھىنىدە بولىدۇ. لېكىن قۇرئان ئۇنىڭغا يول كۆرسەتمەيدۇ.
سىزچە بۇ بىر غەلىتە ئەھۋال ئەمەسمۇ؟
بىراۋ قۇرئاننى « ئا » دىن « ز » گىچە ( تولۇق ) يادا ئالغان، فاتىھە سۈرىسىدىن ناس سۈرىسىگىچە يادا ئالغان تۇرۇقلۇق، قۇرئان ئۇنىڭغا يول كۆرسەتمەيدۇ.
مەسىلە كىمدە؟ چاتاق كىمدە؟ نېمە ئۈچۈن يول كۆرسەتمەيدۇ؟
بولمىسا قۇرئان يول كۆرسىتىش ئۈچۈن نازىل بولغانىدى. نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭغا يول كۆرسەتمەيدۇ؟
چۈنكى، ئۇ مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى بىلەن ھەرىكەت قىلمايدۇ، قۇرئاندىن يول سورىمايدۇ.
« ئەلف لام را. ( بۇ قۇرئان شۇنداق ) كىتابتۇركى، ( ئى مۇھەممەد! ) ئۇنى ساڭا كىشىلەرنى پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىزنى بىلەن قاراڭغۇلۇقتىن ( كۇفرىدىن ) يورۇقلۇققا ( يەنى ئىمانغا ) چىقىرىشىڭ ئۈچۈن، غالىب، ( ھەممە تىللاردا ) مەدھىيلەنگەن ئاللاھ نىڭ يولىغا ( باشلىشىڭ ئۈچۈن ) نازىل قىلدۇق » ( سۈرە ئىبراھىم، 1 – ئايەت ).
قۇرئاندىن يول سورىمىغان كىشىگە قۇرئان يول كۆرسەتمەيدۇ.
قۇرئاندىن يول سوراڭكى، ئۇ سىزگە يول كۆرسەتسۇن.
قۇرئاندىن سۇئال سورىمىغان كىشىگە، قۇرئان جاۋاپ بېرەمدۇ؟
نېمىشقا جاۋاپ بېرىدۇ؟
سۇئال سورىغۇچىغا جاۋاپ بېرىدۇ ئۇ پەقەت.
دۇچ كەلگەن مەسىلىسىنى قۇرئانغا تەڭلىمىگەن كىشىگە، قۇرئان ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىپ بېرەمدۇ؟
نېمىشقا كۆرسىتىپ بېرىدۇ؟
قۇرئان مۇشۇنداق بىر كىتاپتۇر.
ئوقۇ! ياراتقان رەببىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇ! ( سۈرە ئەلەق، 1 – ئايەت ).
بۇ سەۋەپتىن بىز، ئى پەرۋەردىگارىم، دەپ جامائەت ھالىتىدە دۇئا قىلىمىز.
– ئى پەرۋەردىگارىم، كۆرۈپ تۇرغىنىڭدەك ساڭا قەلبىمىز بىلەن سېغىنىدۇق.
بۇ يەردە جامائەت ھالىتىدە دۇئا قىلىمىز. دۇئا قىلغاندا، ئۇ دۇئا شەكلى بىلەن ساڭا دۇئا قىلمايمىز پەرۋەردىگارىم. 
بىز سەن ياخشى كۆرىدىغان دۇئانى قىلىمىز پەرۋەردىگارىم. ئەمەلىي دۇئالارنى قىلىمىز، پەيغەمبەرلەر قىلغان دۇئانى قىلىمىز. بۇ ئەمەلىي بىر دۇئادۇر رەببىم.
يەنى بىراۋ سەندىن تىلەش ئۈچۈن پەقەت قولى ۋە ئېغىزىنى ئاچىدۇ؛ بىز سەندىن تىلەش ئۈچۈن ھاياتىمىزنى ئاچتۇق پەرۋەردىگارىم. ھاياتلىرىمىزنى قولىمىز بىلەن ئاچتۇق. ئاشقىمىز بولۇپ، ھاياتلىرىمىزنى قوبۇل قىلغان پەرۋەردىگارىم.
پەرۋەردىگارىم، سىزنى، بىزنى، ھەممىمىزنى ئۇ مۇبارەك قۇرئاننىڭ قەلبىدە قايتا تىرىلدۈرگەي، ئىنشائاللاھ. بۇنىڭدىنمۇ ياخشى بىر دۇئا بىلمەيمەن. بىلىدىغانلار بولسا، ئامىن دېيىشكە تەييارمەن.
ئاللاھ خالىسا، قۇرئان يېتىشتۈرگەن قىزلىرى، ئوغۇللىرى بولايلى. كېلەچەكتە ھەر كىشى بىر شاپائەتچى ئىزدىگەندە، بىز:
– ئى پەرۋەردىگارىم، قۇرئاندىن سورىغىن دەيلى. قۇرئان ئۈچۈن كۆپ كۈنلىرىم، ھەپتىلەر ئۆتتى. قۇرئان ئۈچۈن كۆپ كۆز يېشى تۆكتىم. ئۇنىڭغا بىلەن كۆپ ۋاقتىمنى ئۆتكۈزدۈم، ئۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ چاپتىم رەببىم، كۆپ مۇشەققەت تارتتىم رەببىم، قۇرئاندىن سورىغىن، ئۇ بىلىدۇ، دىيەلەيدىغان بولايلى. ئاق يول بولسۇن!
يولىمىزنىڭ ئاخىرى جەننەت بولسۇن ئىنشائاللاھ! 

مۇستاپا ئىسلامئوغلى