ھۇجۇرات سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

 

« خانىلەر، ھۇجرىلار » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان ھۇجرات ئىسمى، 4 – ئايەتكە ئاساسەن قويۇلغان. سۈرە تۇنجى نەسىلدىن تارتىپ مەزكۇر ئىسىم بىلەن ئاتالغان. مەيلى سىيەر ۋەياكى ھەدىس مەنبەلىرىدە بولسۇن، بۇنىڭدىن باشقا بىر ئىسىم بىلەن ئاتالغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات يوق.

مەدىنە ئىسلام جامائىتىنى تەشكىل قىلغۇچى شەخس ياكى ئائىلىلەر، بىر بەدەننىڭ ھۈجەيرىلىرىگە ئوخشاش ئىدى. بۇ ھۈجەيرىلەر ئارىسىدىكى توقۇلما ماسلىشىشىنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن، پەقەت قانۇنلار ۋە بەلگىلىمىلەر كۇپايە قىلمايدۇ. ئىجتىمائىي ئالاقىگە مۇناسىۋەتلىك ئەدەب قائىدىلىرىمۇ كېرەك. گەرچە سۈرىنىڭ كۆرۈنۈشتىكى ئىسمى ھۇجۇرات بولسىمۇ، كۆرۈنمىگەن ئىسمى ئەسلىدە ئىجتىمائىي ئالاقىگە مۇناسىۋەتلىك ئەدەب قائىدىلىرىدۇر.

سۈرە مەدىنىدە نازىل بولغان.

4 – ئايەتتە تەمىم جەمەتى ھەيئىتىنىڭ زىيارىتى ئىما قىلىنغان. بۇ ۋەقە « ئەلچىلەر يىلى » دەپ ئاتالغان ھىجرى 9 – يىلىدا بولغانىدى.  6 – ئايەتنىڭ نازىل بولىشىغا سەۋەپ بولغان ۋەقەنىڭ باش قەھرىمانى، فەتىھتىن كېيىن مۇسۇلمان بولغان بىر كىشىدۇر. بۇ مەلۇماتلار سۈرىنىڭ ئەڭ بالدۇر بولغاندا ھىجرى 8 – يىلىدا نازىل بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

سۈرە ئارقىدىن سانىغاندا 3 – قېتىمدا نازىل بولغان سۈرىدۇر.

سۈرىنىڭ ئانا تېمىسى، ئىسلام جامائىتىنىڭ ئادىمگەرچىلىكى ۋە بۇ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەردە رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك پرىنسىپلاردۇر. « ئى ئىمان ئېيتقانلار! » خىتابى بەش قېتىم تىلغا ئېلىنغان بۇ سۈرە، باشتىن ئاياغ ئادىمگەرچىلىك مۇناسىۋەتلىرى ئاساسىدا شەكىللەنگەن ئەخلاقى ۋە ھېسسى قىممەت – قاراشلار ۋە ئەدەپ – ئەخلاق ھەققىدە توختىلىدۇ.

ۋەھىي، سۈرىدە ئەڭ باشتا ئاللاھ رەسۇلى بىلەن ساھابىلەر ئارىسىدىكى ئەدەپ – ئەخلاق ھەققىدە توختالغان:

« ئى مۇئمىنلەر! سىلەر ( ھېچقانداق بىر ئىش ۋە سۆزدە ) ﷲ ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسىنىڭ ئالدىغا ئۆتمەڭلار! » ( 1 ).

ۋەھىي بۇ ئەدەبنى تەقۋانىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە تىلغا ئالىدۇ. دېمەككى، ئەدەپ – ئەخلاق قائىدىلىرىمۇ تەقۋانىڭ بىر پارچىسى. يەنى، تەقۋانىڭ ئەدەپ – ئەخلاقتىن ئىبارەت يەنە بىر تەرىپىمۇ بار. ئايەتتىكى « ئالدىغا ئۆتمەڭلار » تەلىماتىنى پەقەت ئەدەپ – ئەخلاق ساھەسىگىلا خاسلاشتۇرىۋالغىلى بولمايدۇ. بۇ ئەمىرنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالغان دائىرىسى ناھايىتى كەڭ. ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈش ھەددىدىن ئاشقانلىقتۇر. بۇ نوقتىدىن ئايەت « ئى مۇئمىنلەر! ھەددىڭلارنى بىلىڭلار! » دېمەكتە.

ھەددىنى بىلگۈچىلەر ئۆزىنى بىلگەنلەردۇر. ئۇنداقتا بۇ ئەمىرنى يەر يۈزىنىڭ ئەڭ قەدىمكى يېزىق شەكلىدىكى ھېكمىتى بولغان « ئۆزەڭنى بىل! » شەكلىدە چۈشۈنۈش كېرەك.

سۈرە رەسۇلۇللاھ ئۈستىدىن ھاياتنىڭ پەرقلىق ساھەلىرىدە ئۇنىڭ مىراسىغا ۋارىسلىق قىلغانلارغا قارىتا ھۆرمەت كۆرسىتىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ ( 1 – 5 ).

ئۇنىڭدىن كېيىن ئىسلام جامائىتىنى شەكىللەندۈرگۈچى شەخسىلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ھەققىدە توختىلىدۇ. يالغان خەۋەر پەيدا قىلغان ۋە يەتكۈزگەنلەرنى، ئىسلام جامائىتىنىڭ بىر – بىرىگە بولغان ئىشەنچ ئۈستىگە قۇرۇلغان ئاساسىغا زىيان يەتكۈزگۈچى ئۇنسۇر سۈپىتىدە كۆرسىتىدۇ. بۇ نوقتىدا مەلۇمات / خەۋەر ھەققىدە ئەڭ ياخشى پرىنسىپىنى ئەسلىتىپ ئۆتىدۇ:

يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا إِنْ جَاءَكُمْ فَاسِقٌ بِنَبَأٍ فَتَبَيَّنُوا أَنْ تُصِيبُوا قَوْمًا بِجَهَالَةٍ فَتُصْبِحُوا عَلَى مَا فَعَلْتُمْ نَادِمِينَ

« ئى مۇئمىنلەر! ئەگەر سىلەرگە بىر پاسىق / مەسئۇلىيەتسىز ئادەم بىرەر خەۋەر ئېلىپ كەلسە، (ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى) بىلمەستىن بىرەر قەۋمنى رەنجىتىپ قويۇپ، قىلمىشىڭلارغا پۇشايمان قىلىپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈن، (ئۇ خەۋەرنى) ئېنىقلاپ كۆرۈڭلار » ( 6 ).

بۇ خىل مەسلىلەر قارىتا ئېلىنىدىغان ئەڭ ياخشى تەدبىر ئىمان قېرىنداشلىقىدۇر. مۇئمىنلەرنىڭ ئۆزئارا ئىختىلاپى بىر ياقتا تۇرسۇن، توقۇنۇشۇپ قېلىشىمۇ ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەس ( 9 ). بۇ ۋەھىينىڭ ھاياتنىڭ رىئاللىقنى نەزەردىن ساقىت قىلمىغانلىقى ۋە پرىنسىپلارنى بۇ رىئاللىق ئاساسىدا شەكىللەندۈرۈگەنلىكىدۇر. مانا مۇشۇنداق ئەھۋالدا قانداق قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدە يوليورۇق بېرىدۇ. ئەمما ھەممىدىن مۇھىم بولغان بىر نوقتىنى تەكىتلەيدۇ:

إِنَّمَا الْمُؤْمِنُونَ إِخْوَةٌ

« مۇئمىنلەر ھەقىقەتەن (دىندا) قېرىنداشلاردۇر » ( 10 ).

ئايەت بۇ ئاددى پرىنسىپنى شۇنداق كۈچلۈك خىتاپ بىلەن ئېيتىدۇكى، كىشىگە خۇددى قېرىنداش بولغان ۋاقتىڭلاردا ئاندىن مۇئمىن بولغان بولىسىلەر دېگەندەك تۇيغۇ بېرىدۇ.

مۇسۇلمان قېرىنداش بولالىغىنىچىلىك مۇئمىن بولىدۇ…

مۇئمىنلەرنىڭ ئىمانلىرى قېرىنداش بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزلىرى خالاپ – خالىماي قېرىنداش بولۇشقا مەجبۇردۇر…

ئىماننىڭ ئىمان بىلەن قېرىنداش بولىشى، مۇئمىنلەرنى قېرىنداش قىلىدۇ…

ئۇنىڭدىن كېيىن قېرىنداشنىڭ قېرىنداش ئۈستىدىكى مەسئۇلىيىتى تىلغا ئېلىنىدۇ: قېرىنداشلىرىنىڭ ئارىسىنى تۈزەپ قويۇش، بۇ مەسئۇلىيەتتىن بىرسى. مۇئمىننىڭ مۇئمىننى مەسخىرە قىلىپ، خور كۆرمەسلىكى قېرىنداشلىق مەسئۇلىيىتىنىڭ بىر پارچىسىدۇر ( 11 ). مۇئمىننىڭ مۇئمىن ھەققىدە يامان گۇمان ( سۇئىزان )دىن يىراق تۇرىشى، ئەيىپلىرىنى ئىزدىمەسلىكى ۋە غەيۋەت قىلماسلىقى، قېرىنداشلىق بۇرچىنىڭ بىر پارچىسىدۇر ( 12 ). بۇ ئايەت غەيۋەتنى مەنىۋىي ياۋايىلىق ( يىرىتقۇچى ) سۈپىتىدە قوبۇل قىلىدۇ. بۇ يەردە ھەقىقي مەنىدە، غەيۋەت قىلغۇچىنىڭ غەيۋىتىنى قىلغۇچىدىن بىر پارچە گۆشنى يېيىشى نەزەردە تۇتۇلمىغان. ئەسلىدە غەيۋەتتە ھەقىقىي زىيان تارتقۇچى غەيۋىتى قىلىنغۇچى ئەمەس، بەلكى غەيۋەت قىلغۇچىدۇر. غەيۋەت قىلىنغاندا، گەرچە غەيۋىتى قىلىنغۇچى نەخ مەيداندا بولمىسىمۇ، ئۇ سورۇندا ئاللاھ باردۇر. لېكىن غەيۋەت قىلغۇچى ئاللاھ نىڭ ھازىر ۋە نازىر ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى نەزەردىن ساقىت قىلىش گۇناھىنى سادىر قىلىپ، غەيۋەتتىنمۇ چوڭ بولغان گۇناھنى ئۆتكۈزگەن بولىدۇ.

« ئىمان قېرىنداشلىقى » پىرىنسىپى چىقىش نوقتىسى قىلىنىپ، سۆز تېخىمۇ كەڭ دائىرىدىكى « ئىنسان قېرىنداشلىقى »غا كېلىپ توختايدۇ. مانا بۇ پرىنسىپ تۆۋەندىكى ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان:

« ھەقىقەتەن ئەڭ مەسئۇلىيەتچان بولغانلىرىڭلار ﷲ نىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر ( يەنى كىشىلەرنىڭ بىر ـ بىرىدىن ئارتۇق بولۇشى نەسەب بىلەن ئەمەس، ﷲ ئالدىدىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى  بىلەن بولىدۇ ) » ( 13 ).

تەقۋا، بىردىنبىر ئۈستۈنلىك ئۆلچىمىدۇر. تەقۋا / مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىدىن باشقا ھېچقانداق ئۈستۈنلىك ئۆلچىمى يوقتۇر. تەقۋادىن باشقا ھەر قانداق بىر ئۈستۈنلىك ئۆلچىمى قويۇش، ئەسەبىيەتتۇر. رەسۇلۇللاھ « كىمكى ئەسەبىيەتكە تەرغىپ قىلسا، ئۇ بىزدىن ئەمەس » دېگەن. تەقۋانىڭ ئۈستۈنلىك ئۆلچىمى بولىشى، تەقۋادار كىشىنىڭ ئۆزىنى باشقىلاردىن ئۈستۈن دەپ قارىشىنى بىلدۈرمەيدۇ. دېمىسىمۇ، تەقۋا ئۆزىگە باشقىلاردىن ئۈستۈنلىك بەرمەسلىكتۇر. كەمتەرلىك، تەقۋانىڭ يەنە بىر تەرىپىدۇر. كىچىك پېئىل بولۇش تەقۋانىڭ بىر ئامىلىدۇر. كىبىر ۋە ھاكاۋۇرلۇق تەقۋانىڭ ئۆلۈمىدۇر.

سۈرىدە، ئېغىزدىكى ئىمان بىلەن، ئىسپاتلانغان ئىمان ئارىسىدىكى پەرق تارىخىي بىر ئۆرنەك بىلەن كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن. يەنى، ئىمانى بوغىزىدىن تۆۋەنگە ئۆتمىگەن بەدەۋىيلەر مىسال قىلىنغان ( 14 ). بۇنىڭدىن ئىماننىڭ ئىچكى دۇنيادىكى ئىسلام، ئىسلامنىڭ تاشقى دۇنيادىكى ئىمان ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. ئىمان قەلبنىڭ ئەمەلىدۇر، ئەمەل ئورگانلارنىڭ ئىمانىدۇر. بۇ نوقتىدا ھەقىقىي مۇئمىنلەرنىڭ ئېنىقلىمىسى تىلغا ئېلىنىپ مۇنداق دېيىلگەن:

إِنَّمَا الْمُؤْمِنُونَ الَّذِينَ آَمَنُوا بِاللَّهِ وَرَسُولِهِ ثُمَّ لَمْ يَرْتَابُوا وَجَاهَدُوا بِأَمْوَالِهِمْ وَأَنْفُسِهِمْ فِي سَبِيلِ اللَّهِ أُولَئِكَ هُمُ الصَّادِقُونَ

« شۈبھىسىزكى، (ھەقىقي) مۇئمىنلەر اﷲ قا ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىغا ئىمان كەلتۈرگەن، ئاندىن  شەك كەلتۈرمىگەن، ماللىرى بىلەن، جانلىرى بىلەن ﷲ نىڭ يولىدا جىھاد قىلغانلاردۇر، ئەنە شۇلار (ئىمان دەۋاسىدا) راستچىللاردۇر » ( 15 ).

ئاللاھ قا دىن ئۈگەتمەكچى بولۇش، ھەر جەھەتتىن بىر بەندە سادىر قىلىدىغان ئەڭ چوڭ تەربىيەسىزلىكتىن بىرسىدۇر:

« ئېيتقىنكى:

سىلەر ئاللاھ قا دىنىڭلارنى ئۆگەتمەكچىمۇ؟ »  ( 16 ).

قۇرئانغا ئاساسلانغاندا، ئىمان ۋە تەسلىمىيەت، كىشىنىڭ ئاللاھ قا ئەمەس، ئۆزىگە قىلغان ئەڭ چوڭ ياخشىلىقىدۇر. مۇسۇلمان بولىشىمىزنى خۇددى ئاللاھ قا قىلىنغان ئىلتىپاتتەك قاراش، مۇسۇلمان بولمىغانلىقىمىزنىڭ ئىپادىسىدۇر. چۈنكى مۇسۇلمان بولۇش، ئاللاھ قا شەرتسىز تەسلىم بولۇشتۇر. مۇسۇلمان بولۇشنى ئاللاھ قا قىلىنغان بىر ئىلتىپاتتەك كۆرگۈچى، ئۆزىنى ۋازكەچكىلى بولمايدىغان دەپ قارىغان بولىدۇ. ھالبۇكى، ئاللاھ ئۈچۈن ۋازكەچكىلى بولمايدىغان نەرسە يوقتۇر، ئەمما بەندە ھەرگىزمۇ ئاللاھ تىن ۋازكېچەلمەيدۇ. قۇرئان بۇ ھەقىقەتنى ئۆز ئاغزى بىلەن بايان قىلسۇن:

يَمُنُّونَ عَلَيْكَ أَنْ أَسْلَمُوا قُلْ لَا تَمُنُّوا عَلَيَّ إِسْلَامَكُمْ بَلِ اللَّهُ يَمُنُّ عَلَيْكُمْ أَنْ هَدَاكُمْ لِلْإِيمَانِ إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ

ئۇلار ساڭا مۇسۇلمان بولغانلىقىنى مىننەت قىلىدۇ. (ئۇلارغا):

« سىلەر ماڭا مۇسۇلمان بولغانلىقىڭلارنى مىننەت قىلماڭلار، ئەگەر سىلەر راست (مۇئمىن) بولساڭلار، ﷲ سىلەرنى ئىمانغا ھىدايەت قىلىپ سىلەرگە ئىلتىپات قىلىدى » دېگىن ( 17 ).