قەدەر ۋە تەقدىرنى چۈشۈنۈشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە
ئاللاھ كۇللى ئىرادە، ئىنسان جۇزئى ئىرادە ئىگىسىدۇر. ئىنسانغا جۇزئى ئىرادىنى ئاللاھ ئاتا قىلغان، ئالەمدىكى ھەر شەيئى ئاللاھ نىڭ تەقدىرى بىلەن بولىدۇ. ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھ ئىرادىسىز مەۋجۇداتلارغا « سىتاتىك قەدەر ( ئۆزگەرمەس قەدەر ) »نى، ئىرادىلىك – تاللاش ئىختىيارلىق بېرىلگەن مەۋجۇداتلارغا « دىنامىك قەدەر ( ئۆزگۈرۈشچان قەدەر ) »نى تەقدىر قىلغان.
ئىنسانغا ئىرادىنىڭ بېرىلىشىمۇ ھەم ئاللاھ نىڭ تەقدىرىدۇر. ئىنسان ئىرادىسىنى ئىشلەتكەن ۋاقىتتا ئاللاھ نىڭ تەقدىرىگە ئاساسەن ھەرىكەت قىلغان بولىدۇ. دەل بۇ سەۋەپتىن ئىرادىسىنىڭ دائىرىسىگە كىرگەن ھەر قانداق بىر ئىشتا ئىنساننىڭ قەدەرى تاللاشتۇر. ئاللاھ نىڭ ئىنسانغا تاللاش قابىليىتى مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان ئىرادە – تاللاش ئەركىنلىكنى بەرگەنلىكىنى قوبۇل قىلىپ، ئارقىدىنلا يەنە ئىنساننىڭ ئىرادە – تاللاش ئەركىنلىكىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئاللاھ نىڭ تاللىغانلىقىنى ئېيتىش بىمەنىلىكتۇر. مانا بۇ ئاللاھ نىڭ تەقدىرىنى ئىنكار قىلغانلىقتۇر.
ئاللاھ نىڭ ئىرادىسى چەكسىز ۋە شەرتسىزدۇر، ئىنساننىڭ ئىرادىسى چەكلىك ۋە شەرتلىكتۇر. ئنساننىڭ چەكلىك ۋە شەرتلىك ئىرادىسى، ھەرگىزمۇ ئاللاھ نىڭ چەكسىز ۋە شەرتسىز ئىرادىسىنىڭ سىرتىدا ياكى ئۇنىڭغا پاراللىل ھالدا ۋە ياكى ئۇنىڭدىن مۇستەقىل بولغان بىر ئىرادە ئەمەس. ئىنساننىڭ چەكلىك ئىرادىسى، ئاللاھ نىڭ چەكسىز ئىرادىسىنىڭ ئىچىدىن ئورۇن ئالغان. بۇ سەۋەپتىن « ئەگەر ئاللاھ خالىمىغان بولسا ئىنسان خالىيالمىغان بولاتتى ».
بىراق ئاللاھ ئىنساننىڭ خالىشىنى خالىغان. ئىنسان ئۆز ئىرادىسى بىلەن قىلغان قىلمىشلىرىدىن جاۋاپكارلىققا تارتىلىدۇ. ئىنساننىڭ قىلمىشلىرىنىڭ ئىگىسى ئىكەنلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ، ئۆزىدىن بۇرۇن باشقا بىر ئىرادە تەرىپىدىن بەلگىلەنگەننى مەجبۇرەن ئىجرا قىلغۇچى بىر ماشىنا ئادەم سۈپىتىدە قوبۇل قىلىدىغان چۈشەنچىنىڭ ئىسمى « قەدەرگە ئىمان » ئەمەس، بەلكى « تەقدىرنى ئىنكار قىلغانلىق » بولىدۇ. ئەسلىدە بۇنداق بىر چۈشەنچە ئىنساننىڭ ئەخلاقى مەسئۇليىتىنى يوق قىلىۋېتىدۇ. ئەخلاقى مەسئۇلىيەت، ئەخلاقى مۇئامىلىنىڭ ئاساسىدۇر. ئۇ ئاساس غۇلاپ چۇشسە، ئىنساننىڭ ئاقىۋەتنى ئويلاپ بىر ئىش قىلىدىغان ئالاھىدىلىكىدىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس. بۇنداق بولغاندا مۇكاپات ۋە جازانىڭ، جەننەت ۋە جەھەننەمنىڭ ئەھمىيتى قالمايدۇ. بۇلارنىڭ ئەھمىيتى بولمىسا « ئاخىرەتكە ئىمان »نىڭمۇ ئاساسى قالمايدۇ.
ئىنسان تاللىشىنى ئۆز ئىرادىسى ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ. بىراق ئىرادىنى تاللاپ – تاللىماسلىق ئەركىنلىكى ئىنساننىڭ ئىختىيارىغا بېرىلمىگەن. ياراتقۇچى ئاللاھ، ئىنساننىڭ ئىرادىگە ئىگە بىر مەخلۇق بولۇشىنى خالىغان، ئىنسان « ئىنسان » ئىسمىنى ئىرادىنى تاللاشقا مەجبۇر ۋە چارىسىز بولغانلىقى ئۈچۈن ئالغان.
ئىلاھى ئىرادە، ئىنساننىڭ ئىرادىگە ئىگە بىر مەۋجۇدىيەت بولۇشىنى خالىغان. ئىنسان ئىككى خىل نەرسىدىن بىرسىنى تاللايدۇ. بىراق ئىرادىگە – تاللاش ئەركىنلىكىگە ئىگە بولۇش – بولماسلىق ھەققىدىكى ئىختىيارلىق ئىنسانغا بېرىلمىگەن. بۇ توغرۇلۇق ئىختىيار ۋە تاللاش ھوقۇقى ئاللاھ نىڭ ئىلكىدىدۇر. بۇ نوقتىدا ئاللاھ تاللاش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈپ ئىنسانغا « ئىرادە – تاللاش ئىختىيارلىقى »نى بەخىش ئەتكەن. بۇ سەۋەپتىن تاللاش ئەركىنلىكى دائىرىسىدىكى مەسلىلەردە ئىنساننىڭ قازايى – قەدرى « تاللاش »تۇر. يەنى ئىرادە ئىنساننىڭ قازايى – قەدەر بولۇپ، كىشى قازايى –قەدەرى بولغان تاللاش ئەركىنلىكىدىن قاچالمايدۇ. تاللاش ئىنساننىڭ قازايى قەدەرىدۇر ۋە ئىنسان تاللاشقا مەجبۇر. بۇنداق بولغان ئىكەن، ئىنساننىڭ تاللاش قابىليىتىنى يوق ھېساپلايدىغان ھەر خىل پىكىرلەر، ئىنساننىڭ ئىرادىسىنى يوققا چىقارغان بولىدۇ. ئىرادىنىڭ يوقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ھەر قانداق كۆز قاراش، ئىنسان ئۈچۈن ئاللاھ تەرىپىدىن بېكىتىلگەن ئىلاھى تەقدىر ۋە تاللاشنى يوق ھېساپلىغان بولىدۇ. بۇ ماھىيەت جەھەتتە « قازايى – قەدەرنى ئىنكار » قىلغانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
كالام كىتاپلىرى قازايى – قەدەر ۋە ئۇنىڭ ئۇلىنى تەشكىل قىلىدىغان ئاللاھ نىڭ سۈپەتلىرى ھەققىدە سۆزلەشكە باشلىسىلا مەسىلە تېخىمۇ چىگىشلىشىپ كېتىدۇ. مەسىلىنى يورۇتۇپ بېرىش ئۇياقتا تۇرسۇن، تېخىمۇ غۇۋالاشتۇرۋېتىدۇ. چۈنكى بەندە ئىگىسى ئاللاھ توغرىسىدا سۆزلەشكە باشلىسا ئاخىرىغا ئېلىپ چىقالمايدۇ. « ئاللاھ ئۇنداق، ئاللاھ مۇنداق » ياكى « ياق، ئۇنداق ئەمەس مۇنداق » ۋەياكى « ياق! ھېچبىرى توغرا ئەمەس، ئەسلىدە مۇنداق » دېگەندەك تالاش -تارتىشلار باشلانغان ۋاقىتتا، ئىنسان « ئاللاھ نى تونۇش »نىڭ ئورنىغا، « ئۇنىڭ ھەققىدە ئېنىقلىما بېرىشكە » تەمشەلگەن بولىدۇ. ئەمىليەتتە بۇ « تونۇغان » ۋەياكى « تونۇشتۇرغان »لىقمۇ ئەمەس. بۇنداق قىلغاندا، ئاللاھ نى ئۆز مەزھىپىنىڭ، مەشرىپىنىڭ، زېھنىدىكى بىر تەرەپلىمە تار چۈشەنچىسىنىڭ قېلىپلىرىغا ماسلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىق بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ھېچنىمىنى ھەل قىلالمايدۇ، مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرالمايدۇ، ئەكسىچە تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۋېتىدۇ. چۈنكى ئاللاھ « ئەكبەر ( ئەڭ ئۇلۇغ ) » دۇر. ئاللاھ كالامنىڭ / ئىلاھىيەتنىڭ / دىنشۇناسلىقنىڭ ئىچىگە سىغمايدىغان دەرىجىدە ئەكبەردۇر. ئۇنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن قىلىنغان ھەر بىر تەشەببۇس، ئىنساننىڭ تاقىتىدىن ئاشىدىغان بىر ئىشتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ توغرىسىدا ئەڭ ئورۇنلۇق ئىزاھات سۈكۈت قىلىش ۋە ئىككى نەرسىگە قۇلاق سېلىشتۇر: يەنى، ۋىجدان ۋە قۇرئانغا قۇلاق سېلىش كېرەك.
ئۇ ۋىجداندا مەۋجۇتتۇر. ئىنسان ئۇنى ھېس قىلىدۇ، بىراق تىل ئۇنى ئىپادىلەپ بېرىشكە ئاجىزلىق قىلىدۇ. ئاللاھ ھەر خىل كالامنىڭ ئوبىيكتى بولۇشتىن خالىيدۇر.
ئەگەر ئۇنى تونۇشتۇرىدىغان بىرى بار دېيىلگەن تەقدىردە، ئۇ يەنىلا ئاللاھ نىڭ ئۆزىدۇر. بۇسەۋەپتىن ئاللاھ ھەققىدە ئەڭ توغرا ئىزاھاتنى يەنىلا ئاللاھ بېرىدۇ. ۋەھىي بۇ ھەقتە نېمە دېگەن بولسا شۇنى دېيىش، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتمەسلىك مۇئمىنلىك ئەخلاقىدۇر. چۈنكى ئىنساننىڭ خاراكتېرى ئۇنىڭ زاتىنى تېگى – تەكتىگە يېتىپ چۈشۈنۈشكە، تىلنىڭ تەبىئىتى ئۇنى ئۆز ھالىتى بىلەن تونۇتۇشقا ئاجىز كېلىدۇ. ئۇنداق بولغان ئىكەن، ئاللاھ، ئاللاھ نىڭ سۈپەتلىرى، ئاللاھ نىڭ كىملىكى، ئاللاھ نىڭ ئىلمى، خالىشى، بارلىققا كەلتۈرۈشى، سۆز قىلىشى، تەقدىرى قاتارلىق تېمىلاردا، ئىنساننىڭ قىلىدىغان ۋەزىپىسى قۇرئاننىڭ ئەدەپ – ئەخلاقى بىلەن ئەخلاقلىنىش ۋە ئېغىزىنى يىغىشتۇر.
سۈكۈت قىل! ئاللاھ ھەققىدە، ئاللاھ دېمىگەننى دېيىشتىن ئاللاھ قا سىغىنىپ پاناھ تىلىگىن. سۈكۈت قىل ۋە قۇلاق سالغىن. « نېمىگە قۇلاق سالىمەن؟» دەپمۇ سورىما. ئۇنۇتمىغىنكى ھەتتا جىمجىتلىقمۇ ئۇنىڭ سۆزلىگەنلىكىدۇر، ئەگەر قانداق قۇلاق سېلىشنى بىلسەڭ، ئەقلىڭنى ئىشلەتكەن قەلبىڭگە جىمجىتلىق ئىچىدىن ئاۋازلىق ئىنكاس قايتۇرىدۇ، كۈزۈڭنى يۇم، ئۆزەڭنى ئاچ، خىتاپ قىلسا، جاۋاپ بەر:
لەببەيكە، ئاللاھۇممە لەببەيىك!