قەدەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك رىۋايەتلەرنى قۇرئان تەستىقىغا سېلىپ بېقىلىش نوقتىسىدىن بىر مىسال

ئەمەۋىلەر قوللاپ – قۇۋەتلىگەن قەدەرچى / جەبىرچىلىك ئىدىيىسىنى ئوخشىمىغان گۇرۇھلار، خىلمۇ – خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن قوبۇل قىلغان. بۇلارنى تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە تۈرگە ئايرىش مۇمكىن:

  1. ھۆكۈمران سىنىپ ۋە ھاكىمىيەتكە يان باسىدىغانلار. قەدەرچىلىك چۈشەنچىسىدىن ئەڭ كۆپ مەنپەئەتلىنىدىغان تائىپىلەردىن بىرسى مانا بۇلار ئىدى. چۈنكى ھاكىمىيەتلىرىنى « ئاللاھ نىڭ قازايى قەدەرى » دەپ ئىزاھلاپ، ھاكىميەتكە قارشى چىقىشنى « قەدەرگە قارشى چىققانلىق » دەپ بۇرمىلاپ چۈشەندۈرۈش ھەر دائىم ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇراتتى. بۇ ئارقىلىق، ئېلىپ بارغان ھەر گۇناھ ۋە ئەسكىلىكلىرىگە قارىتا يۈز بېرىش ئېھتىماللىغى بولغان ئىسيانلارنى بىخ ھالىتىدىلا توسۇپ قالالايتتى.
  2. ئىزىلگۈچى ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىغانلار. قەدەرچى / جەبىرچى ئەقىدە، بۇ سىنىپنىڭ كۆڭلىگە تەسەللىي بېرىدىغان مەلھەم بولۇپ، بىر چىقىش يولى بولۇپ كۆرۈنگەن. ئىزىلگۈچى ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىغانلار ئالدىدا ئىككى يول بار. يەنى، يا جېنى كەتسىمۇ زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش ياكى چۈشۈپ قالغان خار – زەبۇن ھالىنىڭ ئىسمى « تەقدىرى ئىلاھى » قويۇپ، تارتقان ئازاپلىرىغا باھانە تېپىپ، ۋىجدانىغا تەسەللىي بېرىش ۋە ۋىجدانىنىڭ چۇقانلىرىنى باستۇرۇش. چارىسىز ۋە ئىزىلگەن بېراۋ ئۆزىنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالىنى قەدەر بىلەن چېتىپ چۈشەنگەن ۋاقىتتا، تارتىۋاتقان ئازابىغا مۇقەددەسلىك تونى كەيگۈزۈلگەن بولىدۇ. بۇ، ئۇنىڭ ئەلىمىنى يەڭگىللىتىدۇ. بۇ سەۋەپتىن جەبىرچى / قەدەرچىلىك ئىزىلگەن ئامما ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىر مەغلۇبىيەت ئىدىئولوگىيسى، تەسلىمىيەتچىلىك چۈشەنچىسىدۇر. بۇ ئىدىئولوگىينى ئەزگۈچى سىنىپ – ھاكىمىيەتمۇ قوللاپ – قۇۋەتلەپ كەلگەن.

قوشۇمچە: قەدەرچىلىكنىڭ مەغلۇبىيەت ئىدىئولوگىيسى بولىشىنىڭ ئەڭ يارقىن مىسالى، ئوسمانلىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى شەيخۇلئىسلامى مۇستاپا سابرى ئەپەندى (1865-1954) نىڭ ئەھۋالىدۇر. 20 – ئەسىرنىڭ بىرىنچى چارىكىدە ئوسمانلى ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى جايلاردا چىققان سىياسى بوران – چاپقۇنلار، ئارقا – ئارقىدىن مەيدانغا كەلگەن ھەربىي مەغلۇبىيەت ۋە ئايرىلىپ چىقىشلار ئۇنىڭغا سەلبىي جەھەتتىن چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى. دۈچ كەلگەن ئېغىر ۋەزىيەتتىن پۈتۈنلەي جەبىرچى/ قەدەرچىلىككە سېغىنىش بىلەن قۇتۇلۇپ قالالايدىغانلىقىنى توغرا بىر چارە دەپ ئويلىغان مۇستاپا سابرى ئەپەندى، ماتۇرىدىلىقنى تاشلاپ ئەشئەرىلىككە ئۆتكەن. ئۇ بۇنىڭ بىلەنلا توختاپ قالماي، « مەۋقىفۇلبەشەر تەھتە سۇلتانۇلقەدەر ( قەدەرنىڭ يېمىرىلمەس قۇدرىتى ئاستىدا ئىنساننىڭ ئەھۋالى ) » سەرلەۋھىلىك نەشتەردەك بىر كىتاپ يازغان. سابرى ئەپەندى بۇ يەردە « ماتۇرىدى مەزھىپى بۇزغۇنچىلىقتا مۇتەزىلەردىن قېلىشمايدۇ » دېيەلىگۈدەك دەرىجىدە خۇدىنى يۇقاتقان ئىدى. شەيخۇلئىسلام ئۆزىنى چوڭقۇر مەيۈسلۈك ۋە چۈشكۈنلۈككە چۈشۈرۈپ قويغان زەنجىرسىمان مەغلۇبىيەتلەرنىڭ ھەقىقى سەۋەپلىرى ئۈستىدە باش قاتۇرۇپ، ئۇھۇت مەغلۇبىيتىدىن كېيىن « بۇ مەغلۇبىيەت بېشىمىزغا نېمە سەۋەپتىن كەلدى؟ » دەپ سورىغان ساھابىلارغا، « بۇ سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلاردىن كەلدى » (ئالئىمران، 165) دەپ جاۋاپ بەرگەن قۇرئاننىڭ رەھبەرلىكىگە بويسۇنۇشنىڭ ئورنىغا، پۈتۈنلەي جەبىرچى / قەدەرچىلىككە ئېسىلىشنى تاللىغان ئىدى.

قەدەرچىلىك ھەر ۋاقىت مەغلۇبىيەتچىلەرنىڭ يۆلەنچۈگى بولغان بولۇپ، مەغلۇبىيەت ئىدىئولوگىيسگە ئايلانغان. بۇ ھەم مەغلۇبىيەتچىلەرنىڭ ھەم غالىپلارنىڭمۇ پايدىلنىش ۋاستىسىغا ئايلانغان.

  1. ئوتتۇرا يولنى تۇتقان تۇنجى كالامچىلار. ئۇلار، ئىسلام فەتىھلىرى نەتىجىسىدە يۇلۇققان گنوستىك ئېقىملارنىڭ سەنەۋى( دۇئالىست – ئىككى مەنبەچىلىك ) تەڭرى چۈشەنچىلىرىگە قارشى، قەدەرچى/جەبىرچى ئەقىدىنى پاناھلىنىدىغان بىر قەلئە دەپ قارىغان. بۇ ئۇلارغا ھاكىمىيەت ئالدىدا دالدا بولاتتى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۆزلىرى زالىم ھاكىمىيەتلەر بىلەن ئوخشاش بىر مەۋقەدە تۇرۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن ۋىجدانى بىئارام بولاتتى. ئاخىرىدا ئۆزلىرىگە تەسەللى بېرىدىغان بىر باھانە تاپتى. يەنى دەھرى زىندىقلار ( گنوستىك ئېقىملار )غا قارشى دىننى مۇداپىئە قىلىش ۋەزىپىسى ئۇلارنى ۋىجدانى جەھەتتىن راھەتلەندۈرەتتى.
  2. مۇتلەق كۆپچىلىكى بىلىمسىز بولغان ئامما. جاھىلىيەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۈزل – كېسىل كېسىپ تاشلىيالمىغان ئاۋام، بىلىپ – بىلمەي جاھىلىيەتنىڭ قالدۇق ئەقىدىلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، ئۇلار قەدەرچى/جەبىر ئىدىئولوگىيىنى بىر ئەقىدە سۈپىتىدە ئۆزلەشتۈرۈشتە قىينالمىدى. ئەنئەنىۋى چۈشەنچە بۇنىڭغا شارائىت تۇغدۇرۇپ بەردى. جاھىلىيەت قەدەر چۈشەنچىسىنىڭ ئالدىغا ۋەھىي ئارقىلىق سوقۇلغان سېپىل، رىۋايەت ئەدەبىياتى ئارقىلىق ھالقىپ ئۆتۈلگەندە، ئوتتۇرىدا ھېچكىمنىڭ مۇسۇلمانلىقىغا تاقىشىپ قالىدىغان بىر مەسىلە قالمايتتى. ئۇشبۇ سەۋەپ بىلەن قەدەرچىلىك، بىر – بىرى بىلەن قارمۇ -قارشى گۇرۇھلارنى بىرلەشتۈرىدىغان ئورتاق بىر نوقتىغا ئايلاندى. قەدەرچىلىك، دەسلەپكى چاغلاردا سىياسىئۇنلار تەرىپىدىن سۈيئىستمال قىلىنغان يوللۇقلاشتۇرغۇچى بىر ھاسا تاياق رولىنى ئوينىغان بولسا، كېيىنچە تۇنجى كالامچىلار تەرىپىدىن زىندىقلارغا قارشى ئىشلىتىلگەن بىر قورال بولدى. ئەڭ ئاخىرى ئويدۇرۇلغان رىۋايەتلەر ئارقىلىق ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ بىر « پارچىسى » غا ئايلاندى.

قەدەرنىڭ ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ بىر پارچىسى بولالىشى ئۈچۈن، ئاۋۋال سەھىھ رىۋايەتلەرگە ئىلاۋىلەر ئۇسلۇبى ئىشلىتىلدى. ئەڭ سەھىھ كىتاپلاردىكى رىۋايەتلەرمۇ بۇنىڭدىن نېسىۋىسىنى ئالدى. ئۇنىڭدىن كېيىن، بۇ مەقسەتتە ئىشقا يارىغۇدەك رىۋايەتلەر ماسلاستۇرۇش ئۆتكىلىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، قۇرئاننىڭ سىرتىدا، ئەمما ئۇنىڭغا پاراللىل بىر « قەدەر ئېتىقادى »غا يۆلەنچۈك پەيدا قىلىندى. بۇ ساھەدىكى سەنەدى زەئىپ ۋە ئۇيدۇرۇلما ھەدىسلەرنى بىر ياققا قويۇپ تۇرساقمۇ، ئەڭ سەھىھ ھەدىس كۇللىياتلىرىغا قەدەر سىڭىپ كىرەلىگەن سەنەدى سەھىھ، لېكىن تېكىستىنى قۇرئانغا سالغاندا مەسىلە بارلىغى ئوتتۇرىغا ئېنىق چىقىپ تۇرىدىغان تۆۋەندىكى بىر مىسالنىڭ ئۆزىلا، مەسىلىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ:

عن أبي هريرة أن رسول الله صلى الله عليه وسلم قال: « تحاج آدم وموسى،

فحج آدم موسى ، فقال له : أنت الذي أغويت الناس وأخرجتهم من الجنة؟

فقال آدم : أنت موسى الذي أعطاك الله علم كل شيء ، واصطفاك على الناس

برسالاته ؟ قال : نعم قال : فلم تلومني على أمر قدر علي قبل أن أخلق؟ »

تەرجىمىسى، ئەبۇ ھۇرەيرەدىن نەقىل قىلىنىشىچە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن ئىدى: « ئادەم بىلەن مۇسا مۇنازىرلەشتى. مۇسا ئۇنىڭغا ئېيتتىكى: » سەن ئىنسانلارنى قايمۇقتۇرۇپ ئۇلارنى جەننەتتىن چىقارغان كىشىمۇ؟ «. ئادەم ئۇنىڭغا ئېيتتىكى: » سەن، ئاللاھ ھەر شەيئىنىڭ ئىلمىنى (علم كل شيء) بەرگەن ۋە پۈتۈن ئىنسانلاردىن ئۈستۈن قىلىپ تاللىغان مۇسامۇ؟ «. ئۇ: » ھەئە » دېدى. ئادەم ئېيتتىكى: » سەن ماڭا مەن يارىتىلىشتىن بۇرۇن تەقدىر قىلىنغان بىر ئىش تۈپەيلى مالامەت قىلامسەن؟ » » ( مۇسلىم، قەدەر،2؛ مۇۋاتتا، قەدەر،1).

ئىسرائىليات پۇرىقى چىقىپ تۇرىدىغان بۇ رىۋايەتنىڭ سەنەدى ئىمام مۇسلىمغا كۆرە سەھىھ. بىراق تېكىستى قۇرئانغا ئاساسەن باتىلدۇر، بۇ رىۋايەتنى قۇرئانغا سېلىپ باقايلى:

  1. قۇرئان « ھەر شەيئىنى بىلىدىغان زات »نىڭ پەقەتلا « ئاللاھ » ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. يەنى، « ئاللاھ ھەر شەيئىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر » ( ئەنفال، 75 ).
  2. قۇرئان ئادەم ئەلەيھىسسالامنى ئالداپ ئازدۇرغۇچىنىڭ شەيتان ئىكەنلىكىنى قەيىت قىلغان. يەنى، « ئى ئادەم باللىرى! شەيتان سىلەرنىڭ ئاتا – ئاناڭلارنى ( ئازدۇرۇپ ) جەننەتتىن چىقىرۋەتكەندەك، سىلەرنىمۇ ئازدۇرمىسۇن، شەيتان ئۇلارنىڭ ئەۋرەتلىرىنى ئۆزلىرىگە كۆرسۈتۈش ئۈچۈن كىيىملىرىنى سالدۇرۋەتكەن ئىدى (يەنى ئۇلارنىڭ يالىڭاچ بۇلۇپ قېلىشىغا سەۋەپچى بولغان ئىدى)، شەيتان ۋە ئۇلارنىڭ قول ئاستىدىكىلىرى سىلەرنى كۆرەلەيدۇ، سىلەر ئۇلارنى كۆرەلمەيسىلەر، شۈبھىسىزكى؛ بىز شەيتانلارنى ئىمان ئېيتمايدىغانلارنىڭ دوستى قىلدۇق » (ئەئراف، 27). ئەمما بۇ رىۋايەت ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىنسانلارنى قايمۇقتۇرۇپ ئازدۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
  3. قۇرئان « ئادەم نەپسىنىڭ كەينىگە كىرىپ رەببىگە ئاسى بولدى » ( تاھا،121 ) دېيىش ئارقىلىق، ئادەم ئەلەيھىسسالامنى تەنقىت قىلغان. بۇ رىۋايەت ئادەم ئەلەيھىسسالامنى بۇ قىلمىشى سەۋەپلىك مالامەت قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
  4. قۇرئاندا ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋە رەپىقىسى « بىز ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز زۇلۇم قىلدۇق » دېيىش ئارقىلىق نەپسىنى ئەيىبلەيدۇ ۋە « ھاۋايى – ھەۋەسنىڭ قۇربانى » بولۇپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. يەنى، « ئۇلار: پەرۋەردىگارىمىز! بىز ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز زۇلۇم قىلدۇق، ئەگەر سەن بىزنى مەغپىرەت قىلمساڭ، بىزگە رەھىم قىلمىساڭ، بىز چوقۇم زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىمىز، دېدى » ( ئەراف، 23 ). بۇ رىۋايەت، ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ « قەدەر قۇربانى » ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
  5. قۇرئان، ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ گۇناھىدىن مەسئۇل ئىكەنلىكى ۋە تۆۋبە قىلغانلىقىنى قەيىت قىلىدۇ: « ئادەم رەببىدىن بىر قانچە كەلىمە تەلىم ئالدى ( يەنى گۇناھىنىڭ كەچۈرلىشى ئۈچۈن ئوقۇيدىغان دۇئا ئۇنىڭغا ئىلھام ئارقىلىق بىلدۈرۈلدى)، ئاللاھ ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى، ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىدۇر ( بەندىلىرىگە ناھايىتى مىھرىباندۇر ) » ( بەقەرە، 37 ). بۇ رىۋايەت، ئادەمنىڭ گۇناھىدىن مەسئۇل ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭغا مەجبۇر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
  6. قۇرئاندىكى ئادەم، قىلمىشىنىڭ ئەخلاقى مەسئۇليىتىنى قوبۇل قىلىدۇ: « رەببىمىز! بىز ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز زۇلۇم قىلدۇق، ئەگەر سەن مەغپىرەت قىلمىساڭ بىز چوقۇم زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىمىز » ( ئەئراف، 23 ). بۇ رىۋايەتتىكى ئادەم، « مېنى ئازدۇرغانلىقىڭ ئۈچۈن » دېيىش ئارقىلىق مەسئۇليەتنى ئاللاھ قا ئارتىپ قويغان شەيتاننى ئەسلىتىدۇ.
  7. قۇرئانغا ئاساسەن ئاللاھ، ئىلگىرى ئادەمدىن ۋەدە ئالغان، بىراق ئۇنى قەتئىي ئىرادىلىك ھالدا كۆرمىگەن ئىدى: « بىز ئىلگىرى ئادەمگە ( دەرەخنىڭ مىۋىسىنى يىمەسلىكنى ) تەۋسىيە قىلدۇق، ئۇ ( تەۋسىيەنى ) يادىدىن چىقاردى، ئۇنىڭدا ھېچقانداق چىڭ ئىرادە كۆرمىدۇق » ( تاھا، 115 ). بۇ رىۋايەتكە ئاساسەن ، ئادەمنىڭ « يېقىنلاشمىغىن »دىن ئىبارەت ئىلاھى تەلىماتقا قۇلاق سالماي چەكلەنگەن دەرەختىن يىيىشىمۇ قازايى – قەدەردۇر. بۇنداق دېگەنلىك مۇنداق مەنىنى ئىپادىلەيدۇ، « ئاللاھ ئادەم ئۈچۈن ئاللىقاچان بىر شەيئىنى قازايى – قەدەر قىلىپ بىكىتكەن، ئاندىن بىكىتكەننى قىلما دېگەن »( تەۋبە يا رەببى، سەن بۇنىڭدىن پاك سەن ). بۇ ھەم ئاللاھ قا، ھەم بۇ رىۋايەت ئاغزىغا سېلىپ قويۇلغان ئاللاھ نىڭ رەسۇلىغا قارا چاپلىغانلىقتۇر.
  8. قۇرئان « ھەر ئىنسان قىلمىشلىرىنىڭ مەھبۇسىدۇر » دەيدۇ ( مۇددەسسىر، 38 ). بىراق رىۋايەت دەل بۇنىڭ ئەكسىچە مەنانى ئىلگىرى سۈرىدۇ: « ئادەم يارىتىلىشتىن بۇرۇن ئاللىقاچان پىشانىسىگە قەدەر سۈپىتىدە يېزىلىپ – پۈتۈلۈپ كەتكەن شۇ ئىشنى قىلغان، بۇ سەۋەپتىن ئەيىبلەنمەسلىكى ۋە مالامەت قىلىنماسلىقى كېرەك ». بۇنداق بولغاندا، شەيتان، قابىل، نەمرۇت، پىرئەۋن، ئەبۇ لەھەب، ئەبۇ جەھىل، مۇئاۋىينىڭ بەدىردە رەسۇلۇللاھقا قارشى جەڭ قىلىپ ئۆلتۈرۈلگەن تاغىلىرى ۋە ئاكىسى قاتارلىقلارمۇ ئەيىبلەنمەسلىكى ۋە مالامەت قىلىنماسلىقى كېرەك. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغانلارنىڭ ھەممىسى يارىتىلىشتىن بۇرۇن پىشانىسىگە پۈتۈلۈپ بولغان قازايى – قەدەرىنى روياپقا چىقارغانلىقى ئۈچۈن، مالامەت قىلىنماسلىقى ۋە ئەيىپلەنمەسلىكى كېرەك.

قوشۇمچە: يەھۇدىلارنىڭ « تەۋراتى قەدىم » نەزىرىيىسىگە ئوخشۇتۇش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويۇلغان « كالامى قەدىم » نەزىرىيىسى، زالىم ۋە ياۋۇز ھۆكۈمرانلارنىڭ دىتىگە ياققان ئىدى. بۇ نەزىرىيە پەقەتلا ئۇلارنىڭ ئۆز قىلمىشلىرىنىلا ئەمەس، ھەتتا ئاللاھ نىڭ ئەلچىسى بىلەن بىر ئۆمۈر ئۇرۇشقان مۇشرىك ئاتا – بوۋىلىرىنىڭ شېرىك، كۇفرى قىلمىشلىرىنىمۇ يوللۇق قىلماقتا ئىدى. مەسىلەن، قۇرئان قەدىمدۇر، « ئەبۇ لەھەبنىڭ ئىككى قولى قۇرۇپ كەتسۇن! ( ئەمەلدە ) قۇرۇپ كەتتى » ( مەسەد، 1 ) دېگەن بۇ ئايەت قەدىمى بولسا، ئەبۇ لەھەبنىڭ گۇناھى نېمە؟ ئەبۇ لەھەب خالىغان تەقدىردىمۇ ئىمان ئېيتالمايتتى. چۈنكى ئۇنىڭ ھەققىدە يېزىلغان قەدىمى بىر كالام بار ئىدى، ئۇنىڭ قىلمىشلىرى پەقەت ئەزەلدە يېزىۋېتىلگەن بولۇپ، ئۇ بۇ كالامغا مۇناسىپ ھالدا ئۆز رولىنى ئوينىغان ئىدى. ئاللاھ رەسۇلىغا قارشى ئۇرۇش قىلغان ۋە ئۆلتۈرۈلگەن ئەمەۋى جەمەتىنىڭ چوڭ دادىلىرى ئۇمەييە بىننى خەلەپ، ئۇبەي بىننى خەلەپ ۋە باشقا ئۇرۇق – تۇققانلىرى ئۆزىگە ئەزەلدىن بەلگىلەنگەن رولنى ئوينىغان ئىدى.

ئەمەۋىلەر جەبىرچى/ قەدەرچىىلىكىنى دەل بۇ سەۋەپتىن بەك ياقتۇرغان ئىدى. قۇرئانى كەرىم بۇنىڭ شەيتان ( ئەئراف، 16 ) ۋە مۇشرىكلارنىڭ چۈشەنچىسى ( نەھل، 35 ) ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. قۇرئان بارلىق مۇھاتاپلىرىغا، قىلمىشىنىڭ ۋە ئىش – ھەرىكەتلىرىنىڭ مەسئۇليىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا چاقىرىدۇ: « ئاللاھ ۋەدە قىلغان ساۋاپ سىلەرنىڭ قۇرۇق ئارزۇيۇڭلار ۋە ئەھلى كىتاپنىڭ قۇرۇق ئارزۇسى بىلەن قولغا كەلمەيدۇ، كىمكى بىر يامانلىق قىلىدىكەن بۇنىڭ ئۈچۈن جازالىنىدۇ » ( نىسا، 123 ).

ئاللاھ تائالا، ئونلارچە يەردە « لەئەللەكۇم تەھتەدۇن (ھىدايەتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن…) » دېيىش ئارقىلىق، ھىدايەتكە ئېرىشىش مەسئۇليىتىنى بىز بەندىلەرنىڭ ئۈستىگە يۈكلەيدۇ. قۇرئاندا « ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن… » ئىبارىسنى ئىشلىتىش بىلەن بىرلىكتە، شۇنىڭغا ئوخشاش « نىجاتلىققا ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن… »، « نەسىھەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن… » ئىپادىلىرى ئىشلىتىلىدۇ. ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ نىجادلىققا ئېرىشىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. بۇ سەۋەپتىن پەيغەمبەرلەر ۋە كىتاپلارنى ئەۋەتكەن. چۈنكى ئاللاھ ئىنسانغا ئەڭ ئاۋۋال ئەقىل، ئىرادە ۋە ۋىجدان ئاتا قىلىش ئارقىلىق ئۇنى تاللاش قابىليىتى بىلەن جابدۇغان. ئۇنىڭدىن بۇ قابىلىيەتلەرنى ئىشقا سېلىپ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلشىنى كۈتمەكتە. بۇنى بەجا كەلتۈرگەنلەرگە جەننىتى بىلەن خۇشخەۋەر بېرىپ، مەسئۇليىتىنى ئادا قىلمىغانلارنى ئازاپ بىلەن ئاگاھلاندۇرىدۇ.