ھەج سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى
سۈرىنىڭ 25 – ئايىتى ۋە ئۇنىڭ داۋامىدا تىلغا ئېلىنغان ھەجگە مۇناسىۋەتلىك بۆلەككە ئاساسەن سۈرە « ھەج » سۈرىسى دەپ ئاتالغان. لېكىن ھەج ئىبادىتى بۇ سۈرىدىن كېيىن نازىل بولغان بەقەرە ۋە ئالئىمران سۈرىلىرى بىلەن پەرز بولغان. سۈرە رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋرىدىلا بۇ ئىسىم بىلەن ئاتالغان ( ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزى ).
ھەج سۈرىسى نازىل بولغان ۋاقىت ھەققىدە ئۈچ خىل قاراش مەۋجۇت:
- مەككىدە نازىل بولغان.
- مەدىنىدە نازىل بولغان.
- بىر قىسمى مەككىدە، يەنە بىر قىسمى مەدىنىدە نازىل بولغان.
ئىبن ئابباس، مۇجاھىد ۋە ئاتا 19 – 22 – ئايەتلىرىدىن باشقا ئايەتلىرىنىڭ مەككىدە نازىل بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئىبن ئابباسقا نىسبەت قىلىنغان نازىل بولۇش تەرتىۋىدە، سۈرە زەلزەلە – ھەدىد سۈرىسى ئارىسىغا تىزىلغان. بۇ مەككىدە نازىل بولغان سۈرىلەرنىڭ ئورنىدۇر.
يەنە ئىبن ئابباسقا نىسبەت بېرىلگەن، جابىر بىن زەيد تەرتىۋىدە خېلى كېيىنكى بىر مەزگىلدە نازىل بولغان نۇر – مۇنافىقۇن سۈرىسى ئارىسىغا تىزىلغان. بۇ مەدىنىدە نازىل بولغان سۈرىلەرنىڭ ئورنىدۇر. يەنە ئىبن ئابباسقا، داھھاق ۋە قاتادەگە نىسبەت بېرىلگەن باشقا بىر رىۋايەتتە، سۈرىنىڭ 52 – 55 – ئايىتىدىن باشقا ئايەتلەر مەدىنىدە نازىل بولغان دېيىلگەن.
يۇقىرىدىكى بىر – بىرىگە زىت بولغان ئىككى تەرتىپ ئىبن ئابباسقا نىسبەت قىلىنغان. بۇ توغرا ئەمەس. بۇ ئەھۋال ھەر ئىككى تەرتىپنى شۈبھىلىك ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ.
مۇپەسسىرلەرنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى سۈرىنىڭ مەككە ۋە مەدىنىدە بۆلىنىپ نازىل بولغانلىقىنى، لېكىن بۇنى بەلگىلەشنىڭ قېيىن ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان. بۇ قاراشنىڭ توغرا بولۇش ئېھتىمالى يۇقىرى. چۈنكى مەككىدە نازىل بولغان ئەڭ ئاخىرقى سۈرە مۇتەففىفىن سۈرىسىدۇر. بۇنىڭدا شۈبھە يوق. ھەج سۈرىسىنىڭ ئورنى مۇتەففىفىن سۈرىسىنىڭ ئارقىسى بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ ھىجرەت سۈرىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. سۈرە ھىجرەتتىن بۇرۇن نازىل بولۇشقا باشلاپ، داۋامى مەدىنىدە نازىل بولغان بولسا كېرەك.
ئۇنداقتا، سۈرىنىڭ قايسى ئايەتلىرى مەككىدە، قايسى ئايەتلىرى مەدىنىدە نازىل بولغان؟
سۈرىنىڭ باشلىنىشى، يەنى دەسلەپكى 24 ئايىتى ھەم ئۇسلۇب ھەم تېما نوقتىسىدىن مەككىدە نازىل بولغان سۈرىلەرگە ئوخشايدۇ. مۇقاتىل، زەماھشەرى ۋە رازى قاتارلىق مۇپەسسىرلەر بۇنىڭغا ئاساسەن سۈرىنى مەككىدە نازىل بولغان دەيدۇ. لېكىن 25 – 41 – ئايىتى ( 58 – ۋە ئۇنىڭ داۋامىدىكى ئايەتلەرمۇ ) مەدىنىدە نازىل بولغان بولسا كېرەك. تېمىنى نەزەردە تۇتساق، سۈرىنىڭ مەككىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى بىلەن مەدىنە دەۋرىنىڭ بېشىدا نازىل بولغانلىقىنى ئېيتالايمىز. بەزەرگان « سەيرى تاھاۋۋلى قۇرئان » ناملىق ئەسىرىدە، بۇنىڭغا يېقىن بىر قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان. بىزنىڭچە بۇ قاراش توغرا.
سۈرىنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق يېرى مۇتەففىفىن – مۇھەممەد سۈرىسىنىڭ ئارىسىدۇر.
سۈرىنىڭ باشلىنىشى كىشىدە ھەقىقەتەن بىر زىلزىلە تەسىرى قالدۇرىدۇ. چۈنكى قۇرئاندىكى قىيامەت سەھنىلىرى ئىچىدە، شۈبھىسىزكى، تەسىرى ئەڭ چوڭ بولغان قىيامەت تەسۋىرلەردىن بىرسى بۇ سۈرىدە يەر ئالماقتا:
يَا أَيُّهَا النَّاسُ اتَّقُوا رَبَّكُمْ إِنَّ زَلْزَلَةَ السَّاعَةِ شَيْءٌ عَظِيمٌ (1) يَوْمَ تَرَوْنَهَا تَذْهَلُ كُلُّ مُرْضِعَةٍ عَمَّا أَرْضَعَتْ وَتَضَعُ كُلُّ ذَاتِ حَمْلٍ حَمْلَهَا وَتَرَى النَّاسَ سُكَارَى وَمَا هُمْ بِسُكَارَى وَلَكِنَّ عَذَابَ اللَّهِ شَدِيدٌ (2)
« ئى ئىنسانلار! رەببىڭلار ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىڭلارنى ئېسىڭلاردىن چىقارماڭلار، قىيامەتنىڭ زىلزىلىسى ھەقىقەتەن دەھشەتلىك بولىدۇ. ئۇ كۈندە ھەر بىر سۈت ئېمىتىۋاتقان ئانا ( قاتتىق قورقۇنچتىن تېڭىرقاپ قېلىش بىلەن ) ئېمىۋاتقان بوۋىقىنى ئۇنتۇيدۇ، ھەر بىر ھامىلىدارنىڭ بويىدىن ئاجراپ كېتىدۇ، ئىنسانلارنى مەست كۆرۈسەن، ھالبۇكى، ئۇلار ( ھەقىقەتتە ) مەست ئەمەس، لېكىن اﷲ نىڭ ئازابى تېخىمۇ قاتتىقتۇر » ( 1 – 2 ).
سۈرىنىڭ مەككىدە نازىل بولغان بۆلىكىدە ئەڭ يۇقىرى پەللىدىن خىتاپ قىلىنغان. سۈرە، « ئى ئىنسانلار! » دەپ باشلىنىدۇ ۋە بۇ خىتاپ ئىككىنجى بۆلەكتە تەكرارلىنىدۇ. بۇ بۆلەكتە ئىنساننىڭ ئېلېمېنېتلىق يارىتىلىش جەريانى ھەققىدە بايانلار بېرىلگەن. ئاندىن بىئولوگىيلىك يارىتىلىش جەريانىغا ئۆتكەن ( 5 ). بۇ باسقۇچلار ھەققىدە توختىلىشىنىڭ سەۋەبى، ئاللاھ نىڭ ئىنسان ئۈستىدىكى ئەجرىنى ئەسلىتىشتۇر. ئىلاھى مېھنەتكە نائىل بولغان بىر مەخلۇقنى ئاللاھ ئۆز مەيلىگە قويىۋېتەرمۇ؟ بۇنچە ئەجىر سىڭدۈرۈپ، ئۇنى مەنا ۋە مەقسەتسىز يارىتامدۇ؟
ئىنساننىڭ يارىتىلىش مەقسىتى بار. ئىنسانغا بېرىلگەن ھايات ۋە بارلىق ئىمكانلارنى يارىتىلىش مەقسىتىگە ئۇيغۇن شەكىلدە ئىشلىتىپ – ئىشلەتمىگەنلىكىدىن چوقۇم بىر كۈنى ھېساب ئېلىنىدۇ. سۈرە دەسلەپكى 24 ئايىتىدە، ئىنساننىڭ ئەبەدىي ئىستىقبالىغا مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە، ئىنساننى يارىتىلىش مەقسىتىگە مۇۋاپىق بىر ھايات بەرپا قىلىشقا چاقىرماقتا.
25 – ئايەتتىن باشلاپ ھەج تېمىسى باشلىنىدۇ ۋە مۇھاتابلىرىنى دىنى سىمۋوللار ۋەكىللىك قىلغان ھەقىقەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەسلى مەقسىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىدۇ. بۇ بۆلەك مۇئمىنلەرنى مەسجىدى ھەرەمدىن مەھرۇم قىلغان مەككە مۇشرىكلىرىغا قارىتا ئاگاھلاندۇرۇش بىلەن باشلىنىدۇ. كەبىنى قايتىدىن بىنا قىلغان ھەزرىتى ئىبراھىمنىڭ شېرىكتىن يىراق ئىكەنلىكى تەكىتلىنىدۇ ( 28 ). ئۇنىڭغا ئىنسانلارنى ھەجگە چاقىرىش ئەمىر قىلىنىدۇ ( 27 ). ھەجدە، ئىبراھىمى بىر ئەنئەنە بولغان قۇربانلىق قىلىش ئەمرى تىلغا ئېلىنىدۇ ( 28 ). بۇلار ھەجنىڭ سىمۋوللىرى بولۇپ، سىمۋوللار قىممىتىنى ۋەكىللىك قىلغان ھەقىقەتتىن ئالىدۇ. سىمۋوللار خۇددى ئاينى كۆرسەتكەن بارماققا ئوخشايدۇ. نەزەر تاشلىنىشى كېرەك بولغان نوقتا بارماق ئەمەس، بارماق كۆرسەتكەن ئايدۇر. ھەج ئىبادىتىدە بارماق كۆرسەتكەن ئاي ئىبادەتنىڭ مەقسىتى بولۇپ، ھەجگە مۇناسىۋەتلىك سىمۋوللار، ھەقىقى مەنىسىنى ئىمان ئېيتقانلارنىڭ قەلبىدە تاپىدۇ:
ذَلِكَ وَمَنْ يُعَظِّمْ شَعَائِرَ اللَّهِ فَإِنَّهَا مِنْ تَقْوَى الْقُلُوبِ
« ئىش مانا شۇنداق، ئاللاھ بەلگىلىگەن سىمۋوللارغا چىڭ يېپىشىپ ئۇلارنى ئۇلۇغلايدىغان ھەر كىم شۇنى ياخشى بىلسۇنكى، بۇ ( سىمۋوللار ھەقىقى مەنىسىنى ) دىللاردا يىلتىز تارتقان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىدىن ئالىدۇ » ( 32 ).
سۈرىدە، قۇربانلىق سىمۋولى ۋەكىللىك قىلغان ھەقىقەت ئۈستىدە ئالاھىدە توختىلىدۇ:
لَنْ يَنَالَ اللَّهَ لُحُومُهَا وَلَا دِمَاؤُهَا وَلَكِنْ يَنَالُهُ التَّقْوَى مِنْكُمْ
« اﷲ قا ئۇلارنىڭ گۆشلىرى ۋە قانلىرى يېتىپ بارمايدۇ، اﷲ قا يېتىدىغىنى پەقەت سىلەرنىڭ ئاللاھ قا نامايەن قىلغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇلىرىڭلاردۇر » ( 37 ).
ئىنساننىڭ يارىتىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك بۆلۈم بىلەن ھەج ھەققىدە توختالغان بۆلۈم ئارىسىدا يېپىق ھالدا زىچ مۇناسىۋەت بار. ھەج، ئەسلىگە قايتىش بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئاتا يۇرتى، ئانا قۇچىقىغا بېرىش، ئىنساننى يەر يۈزىدە كۈتىۋالغان تۇنجى ماكانغا بولغان ۋاپا بۇرچىنى ئادا قىلىشتۇر.
بۇ سۈرە، 78 – ئايىتىدە جىھاد زامان ۋە ماكان چەكلىمىسى بولماستىن « بۇيرۇلغان » سۈرە ( فۇرقان، 52 ) بولۇپ، 39 – ئايىتىدە ئۇرۇشقا پەقەت « رۇخسەت قىلىنغانلىقىنى » بىلدۈرىدۇ.
جىھاد ئەمىر قىلىنىپ، ئۇرۇشقا رۇخسەت قىلىنىشى نېمە دېگەنلىك بولىدۇ؟ بۇ مۇنداق دېگەنلىك بولىدۇ:
جىھاد، ئىنساننىڭ ئاللاھ يولىدا پۈتۈن كۈچىنى سەرىپ قىلىشنى بىلدۈرىدۇ. جەھدۇ غەيرەت، ئەمەلىي ھەرىكەت بىلەن ئېلىپ بېرىلغان جىھاد؛ ئىجتىھاد، ئىلىم بىلەن ئېلىپ بېرىلغان جىھاد؛ مۇجاھەدە، نەپسى – خاھىشىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان جىھادتۇر. سۈرىدە، پەقەت ئۇرۇشقا رۇخسەت قىلىنغان. يەنى، جىھاد ھاياتنىڭ ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇشنى تەقەززا قىلىدۇ. جىھاد ھاياتنىڭ غايىسى بولۇپ، ئۇرۇش مەجبۇر بولمىغىچە مۇراجەت قىلىنمايدىغان بىر چارە. شۇڭا جىھادقا بۇيرۇلۇپ، ئۇرۇش قىلىشقا رۇخسەت قىلىنغان.
ئاللاھ قارىغىن دېگەن يەردىن نەزەر تاشلىغان كىشى، كور ھەققىدىكى مۇنداق بىر ئېنىقلىمىنى كۆرىدۇ:
لَا تَعْمَى الْأَبْصَارُ وَلَكِنْ تَعْمَى الْقُلُوبُ الَّتِي فِي الصُّدُورِ
« ھەقىقەتەن كۆزلەرلا كور بولمايدۇ، لېكىن ھەقىقىي كور بولغان كۆكرەكلەردىكى قەلبلەردۇر » ( 46 ).
سۈرىدىكى 49 – 57 – ئايەتلەر ئارىسىدا ئىنكارچىلارنىڭ پەيغەمبەرلىك مۇئەسسەسىگە قارىتا تۇتقان پوزىتسىيىسى ئەيىبلەنگەن بولۇپ، بۇ نوقتىدا « ئاللاھ نېمە ئۈچۈن شەيتاننىڭ ئىنساننى ئازدۇرىشىغا رۇخسەت قىلغان؟ » دېگەن سوئالغا مۇنداق جاۋاپ بېرىلگەن:
لِيَجْعَلَ مَا يُلْقِي الشَّيْطَانُ فِتْنَةً لِلَّذِينَ فِي قُلُوبِهِمْ مَرَضٌ وَالْقَاسِيَةِ قُلُوبُهُمْ وَإِنَّ الظَّالِمِينَ لَفِي شِقَاقٍ بَعِيدٍ
« (اﷲ تائالانىڭ ) شەيتاننىڭ بۇنداق قىلىشىغا يول قويىشى، پەقەت دىللىرىدا كېسەل بارلارنى، دىللىرى قەساۋەتلىشىپ كەتكەنلەرنى سىناش ئۈچۈندۇر. مانا بۇ خىل زالىملار، ھەقىقەتەن چوڭقۇر گۇمراھلىق ئىچىدىدۇر » ( 53 ).
قۇرئان، شېھىت كەلىمىسىنى رىۋايەتلەردە ئىشلەتكەن مەنىدە ئىشلەتمەيدۇ. قۇرئاندا شېھىت ھاياتىنى ئىمانىغا شاھىت قىلغان كىشىدۇر. قۇرئان « ئۇرۇشتا ئۆلتۈرۈلگەنلەر »نى شېھىت دەپ ئاتىمايدۇ. خۇددى 58 – ئايەتتە ئېيتىلغاندەك « ئۇرۇشتا ئۆلتۈرۈلگەن » دەپ ئاتايدۇ.
سۈرىدە 58 – 66 – ئايەتلەر، ئىنساننىڭ ئۆتكۈنچى ھاياتتا ئېلىپ بارغان كۆرىشى بىلەن ئەبەدىي ھايات ئارىسىدا زىچ مۇناسىۋەت قۇرىدۇ.
67 – ئايەتتە، ھەقىقەتكە يەتكۈزىدىغان يوللار ھەققىدە تەك بىر يولغا يېپىشىۋالغان رادىكال چۈشەنچىنى رەت قىلىدۇ. ھەر ئۈممەت ئۈچۈن بەلگىلەنگەن يوللار ھەققىدە توختالغان ئايەتتە مۇنداق دېيىلگەن:
لِكُلِّ أُمَّةٍ جَعَلْنَا مَنْسَكًا هُمْ نَاسِكُوهُ فَلَا يُنَازِعُنَّكَ فِي الْأَمْرِ وَادْعُ إِلَى رَبِّكَ إِنَّكَ لَعَلَى هُدًى مُسْتَقِيمٍ
« ھەر ئۈممەت ئۈچۈن ئاللاھ قا قەلبى تەرەپتىن يېقىنلاشسۇن دەپ بىر ئىبادەت ئۇسلۇبى بەلگىلىدۇق. بۇنداق بولغان ئىكەن ( ئى بۇ خىتاپنىڭ مۇھاتابى )، ھەر قانداق كىشى سېنى بۇ ھەقتە مۇنازىرىگە سۆرىمىسۇن ۋە سەن پەقەتلا كىشىلەرنى رەببىڭە دەۋەت قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن شەكسىز توغرا يولدىدۇرسەن » ( 67 ).
سۈرىنىڭ ئاخىرىدا سۆز ئاللاھ نىڭ چەكسىز قۇدرىتى ۋە ئىنساننىڭ ئاجىزلىقىغا كېلىپ توختىغان بولۇپ، بۇ ھەقىقەت مۇنداق بايان قىلىنغان:
يَا أَيُّهَا النَّاسُ ضُرِبَ مَثَلٌ فَاسْتَمِعُوا لَهُ إِنَّ الَّذِينَ تَدْعُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ لَنْ يَخْلُقُوا ذُبَابًا وَلَوِ اجْتَمَعُوا لَهُ وَإِنْ يَسْلُبْهُمُ الذُّبَابُ شَيْئًا لَا يَسْتَنْقِذُوهُ مِنْهُ ضَعُفَ الطَّالِبُ وَالْمَطْلُوبُ
« ئى ئىنسانلار! بىر مىسال كەلتۈرۈلىدۇ، ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىڭلار، شۈبھىسىزكى، سىلەر اﷲ نى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلىرىڭلارنىڭ ھەممىسى يىغىلغان تەقدىردىمۇ بىر چىۋىننى يارىتالمايدۇ. چىۋىن ئۇلارنىڭ بەدىنىدىن بىر نەرسىنى ئېلىپ قاچسا، ئۇنى چىۋىندىن تارتىپ ئالالمايدۇ، ئالماقچى بولغانمۇ، قايتۇرىۋالماقچى بولغانمۇ ئاجىزدۇر » ( 73 ).
ئاللاھ نى لايىقىدا ئۇلۇغلاش! بۇ قانداق بولىدۇ؟ بۇ ھەقتە ئايەت مۇنداق دەيدۇ: « ئۇلار ئاللاھ نى ئۇنىڭغا لايىق شەكىلدە ئۇلۇغلاشمىدى! » ( 74 ). ئىنسان ئاللاھ نى ئۇنىڭغا لايىق شەكىلدە ئۇلۇغلىيالمىسا، ئاللاھ نىڭ نېمىسى كېمىيىپ كېتىدۇ؟ ھېچنىمىسى كېمىيىپ قالمايدۇ. « نەتىجە ئىتىبارى بىلەن ھەممە ئىش ئاللاھ قا قايتۇرۇلىدۇ » ( 76 ).
سۈرىنىڭ ئاخىرقى ئايىتى، ھەر مۇئمىن ئېسىدە چىڭ تۇتىشى كېرەك بولغان بىر جۈملىنى بايان قىلماقتا:
« ئۇ سىلەرنى مۇسۇلمان دەپ ئاتىدى » ( 78 ).
ئاللاھ بەرگەن مۇسۇلمان ئىسمىنى يېتەرلىك دەپ قارىمىغانلار، ئۇنىڭ ئورنىغا مەزھەبىنى، مەشرەبىنى، جامائىتىنى، ھىزبىنى، تەرىقىتىنى قويىدۇ. لېكىن شۇنى ئۇنتۇماسلىق لازىمكى، ئاللاھ مۇئمىنلەر ئۈچۈن تاللىغان ۋە ياقتۇرغان ئىسم « مۇسۇلمان » ئىسمىدۇر. بۇنىڭدىن باشقا ئىسىملار ئاللاھ قويۇپ بەرگەن ئىسىمنىڭ ئورنىغا ئۆتىدىغان بولسا، ئۇ يەردە ئاللاھ نىڭ بۇ تاللىشىغا نارازىلىق بار دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشتىن ئاللاھ قا سېغىنغان ھالدا، سۈرىنىڭ ئاخىرقى جۈملىلىرىگە قۇلاق سېلىش ھەممىدىن ئەلادۇر:
« ئاللاھ قا چىڭ يېپىشىڭلار! ئۇ سىلەرنىڭ ئىگەڭلاردۇر، ئاللا نېمە دېگەن ياخشى ئىگە! نېمە دېگەن ياخشى مەدەتكار! » ( 78 ).