مۇتەففىفىن سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى
سۈرە 1 – ئايەتتىكى « قاقتى – سوقتى قىلغانلار » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « مۇتەففىفىن » كەلىمىسى بىلەن ئاتالغان:
« قاقتى – سوقتى قىلغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! » ( 1 ).
كەلىمە تۈرلىنىپ چىققان تەتفىف، زىت مەنلىك سۆز بولۇپ، ھەم ماددى ھەم مەنىۋى جەھەتتىن ئۆلچەش ۋە باھالاشتا « ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىش » مەنتىقىسىنى ئىپادىلەيدۇ.
مۇتلەق كۆپ ساندىكى تەپسىر ۋە مۇسھابتا بۇ ئىسىم بىلەن ئاتالغان. ھەدىس كىتاپلىرىدا ۋە بەزى تەپسىرلەردە بىرىنچى ئايەت بىلەن « ۋەيلۇن لىل مۇتەففىفىن » ئىبارىسى بىلەن ئاتالغان.
دەسلەپكى مەزگىلدىكى نوپۇزلۇق ئالىملار سۈرىنىڭ قىسمەن ياكى پۈتۈنلەي مەككە ۋەياكى مەدىنىدە نازىل بولغانلىقى ھەققىدە ئىختىلاپلىشىپ قالغان. بۇلارنى مەككىدە، مەدىنىدە ۋە مەككە بىلەن مەدىنە ئارىسىدا نازىل بولغان دېگۈچىلەر دەپ ئۈچ نوقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.
- ئىبن مەسئۇد ۋە ئۇنىڭ ئىزىدىن ماڭغۇچىلار سۈرىنى مەككىدە نازىل بولغان دېگۈچىلەرنىڭ ئەڭ ئالدىدا كېلىدۇ. ئەگەر ئىبن مەسئۇدقا نىسبەت بېرىلگەن رىۋايەت ئىشەنچلىك بولسا، ئىبن مەسئۇد ئۆز شەخسەن شاھىت بولغان ۋەقە ھەققىدە سۆز قىلىدۇ. يېشى، ياشاش شەكلى، بىلىمى ۋە تەجرىبىسى بۇنىڭغا مۇۋاپىق.
- ئىبن ئابباس ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكۈچىلەر سۈرىنى پۈتۈنلەي ياكى دەسلەپكى سەككىز ئايىتىدىن باشقا ئايەتلىرى مەدىنىدە نازىل بولغان سۈرە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئىبن ئابباسنىڭ بۇ خىل ھۆكۈملىرى، ئىبن مەسئۇدقا ئوخشاش ئۆزى شەخسەن بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ياكى شاھىت بولغان مەلۇماتلار بولماستىن، شاھىت بولغان ياكى ئاڭلىغانلار ئارقىلىق ئىگە بولغان مەلۇماتلاردۇر. چۈنكى ئىبن ئابباس ياش جەھەتتىن ھىجرەت كۈنلىرىدە يۈز بەرگەنلەرگە شەخسەن ۋاقىپ بولغىدەك ئەمەس ئىدى.
- جابىر ئارقىلىق ئۆز ئالدىغان بىر نازىل بولۇش تەرتىۋى رىۋايەت قىلىنغان جابىر بىن زەيد، سۈرىنى مەككە – مەدىنە ئارىسىدا نازىل بولغان دەيدۇ. كەلبىمۇ بۇ قاراشنى توغرا دەپ قارايدۇ ( ئىبن ئاشۇر ).
بۇ ئىختىلاپلارنىڭ مەيدانغا كېلىشىدە، نازىل بولۇش سەۋەبى ھەققىدىكى رىۋايەتلەر چوڭ رول ئوينىغان. سۈرىنىڭ باشلىنىشىدىكى « قاقتى – سوقتى قىلغانلار » ئىپادىسى مەككىلىكلەرگە ۋە مەدىنىلىكلەرگە نىسبەت قىلىنغان. چۈنكى بۇ ئىككى شەھەر ئاھالىسىنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقى تۇججار ئىدى. مۇنازىرىگە سەۋەپ بولغان نازىل بولۇش سەۋەبى ھەققىدىكى رىۋايەتلەرنى بىر تەرەپكە قويۇپ تۇرۇپ، سۈرىنىڭ مەزمۇنى، ئۇسلۇبى ۋە بالاغىتى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى نەزەردە تۇتقان ۋاقتىمىزدا، سۈرىنىڭ مەككىدە نازىل بولغان سۈرىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرەلەيمىز. دەسلەپكى مەزگىلدىكى تەرتىپلەرنىڭ ھەممىسىدە ئەنكەبۇت سۈرىسىنىڭ ئارقىسىغا تىزىلغان. مۇتەففىفىندىن كېيىن بىر يول سۈرىسى بولغان ھەج سۈرىسى نازىل بولغان. بۇ ئەھۋالدا مۇتەففىفىننى مەككىدە نازىل بولغان سۈرە سۈپىتىدە پەيغەمبەرلىكنىڭ 13 – يىلىغا تىزىشقا بولىدۇ.
سۈرىنىڭ ئانا تېمىسى « قاقتى – سوقتى قىلىش »نى رەت قىلىش ۋە « ئادالەت » بەرپا قىلىشقا چاقىرىق بولۇپ، سۈرە تۆۋەندىكىدەك بالاغەت ئۆرنىكى بىلەن باشلانغان:
وَيْلٌ لِلْمُطَفِّفِينَ (1) الَّذِينَ إِذَا اكْتَالُوا عَلَى النَّاسِ يَسْتَوْفُونَ (2) وَإِذَا كَالُوهُمْ أَوْ وَزَنُوهُمْ يُخْسِرُونَ (3) أَلَا يَظُنُّ أُولَئِكَ أَنَّهُمْ مَبْعُوثُونَ (4) لِيَوْمٍ عَظِيمٍ (5) يَوْمَ يَقُومُ النَّاسُ لِرَبِّ الْعَالَمِينَ (6)
« قاقتى – سوقتى قىلغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇلار كىشىلەردىن ئۆلچەپ ئالغان چاغدا، تولۇق ئالىدۇ. كىشىلەرگە ئۆلچەپ ياكى تارتىپ بەرگەن چاغدا، كەم بېرىدۇ، كىشىنىڭ ھەققىنى يەيدۇ. ئۇلار بۈيۈك بىر كۈندە تىرىلىدىغانلىقىغا ئىشەنمەمدۇ؟ ئۇ كۈندە ئىنسانلار ئالەملەرنىڭ رەببىنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىدۇ » ( 1 – 6 ).
ئاندىن ئىنساننىڭ ھاياتى خاتىرىلەنگەن ئەمەل دەپتىرى ئېچىلىپ، ھېسابى سورىلىدىغان كۈن ھەققىدىكى بايانلار بېرىلىگەن. بۇ ئارقىلىق قۇرئان، ئىنساننىڭ دۇنيادىكى قىلمىشى بىلەن، ئاخىرەتتە دۇچار بولىدىغان ئاقىۋىتى ئوتتۇرىسىدا سەۋەپ – نەتىجە مۇناسىۋىتىنىڭ بارلىقىغا كىشىنى نەزرىنى ئاغدۇرىدۇ. مۇكاپات ياكى جازانىڭ، پەزىلەت ياكى رەسۋالىقنىڭ، مەسئۇلىيەت ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىكنىڭ، ساداقەت ۋە خىيانەتنىڭ ئاخىرەتتە چوقۇم بىر نەتىجىسى بولىدۇ ( 7 – 28 ).
سۈرىنىڭ كىشىنىڭ دىققىتىنى ئەڭ تارتىدىغان ئايىتىدە، مەسئۇلىيەتسىزلىكنىڭ تەكتىدە قارىيىپ كەتكەن بىر قەلبنىڭ بارلىقى تۆۋەندىكىدەك بايان قىلىنغان:
كَلَّا بَلْ رَانَ عَلَى قُلُوبِهِمْ مَا كَانُوا يَكْسِبُونَ
« ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن دىللىرى قارىيىپ كەتكەن » ( 14 ).
سۈرە، گۇناھ پاتقىقىغا پېتىپ قالغان تەك دۇنيالىق ئىنكارچىلارنىڭ، قوش دۇنيالىق مۇئمىنلەرگە بولغان چۈشەنچىسىدىكى قىڭغىرلىقنى بايان قىلغان تۆۋەندىكى بۆلەك بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. ئۆزىنى كۈتۈپ تۇرغان ئاقىۋەتنى مەسخىرە قىلىپ كۆزگە ئىلمىغانلارنىڭ، ئاخىرەتتە قانداق خار ۋە كۈلكىلىك ھالغا چۈشۈپ قالىدىغانلىقىنى جانلىق بىر تەسۋىر بىلەن مۇنداق بايان قىلىنغان:
إِنَّ الَّذِينَ أَجْرَمُوا كَانُوا مِنَ الَّذِينَ آَمَنُوا يَضْحَكُونَ (29) وَإِذَا مَرُّوا بِهِمْ يَتَغَامَزُونَ (30) وَإِذَا انْقَلَبُوا إِلَى أَهْلِهِمُ انْقَلَبُوا فَكِهِينَ (31) وَإِذَا رَأَوْهُمْ قَالُوا إِنَّ هَؤُلَاءِ لَضَالُّونَ (32) وَمَا أُرْسِلُوا عَلَيْهِمْ حَافِظِينَ (33) فَالْيَوْمَ الَّذِينَ آَمَنُوا مِنَ الْكُفَّارِ يَضْحَكُونَ (34) عَلَى الْأَرَائِكِ يَنْظُرُونَ (35) هَلْ ثُوِّبَ الْكُفَّارُ مَا كَانُوا يَفْعَلُونَ (36)
گۇناھ پاتقىقىغا پېتىپ قالغانلار، بىر چاغلاردا ھەقىقەتەن مۇئمىنلەرنى مەسخىرە قىلىپ كۈلەتتى، مۇئمىنلەر قاچان ئۇلارنىڭ ئالدىدىن ئۆتسە، ئۇلار ئۆزئارا كۆز قىسىشاتتى، ئۆيلىرىگە قايتقاندا ئەھلىگە بۇلارنى زوق بىلەن ئېيتىپ بېرەتتى. مۇئمىنلەرنى كۆرگەندە: « بۇلار شەكسىز ئاداشقانلار » دېيىشەتتى. ئۇلار مۇئمىنلەرنىڭ ئېتىقادىنى كۈزىتىشكە ئەۋەتىلگىنى يوق. بۈگۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) مۇئمىنلەر كۇپۇرنى ھايات ئادىتى قىلىۋالغانلار ئۈستىدىن كۈلىدۇ، ئەبەدىي ھوزۇر ۋە سائادەت ماقامىدا ئولتۇرۇپ ( رەببىگە ) قارايدۇ. كۇپۇرنى ھايات ئادىتى قىلىۋالغانلار، قىلمىشلىرىنىڭ « ساۋابى »غا نائىل بولۇپتىمۇ؟ ( 29 – 36 ).