بەقەرە سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

 

سۈرىگە 67 – 73 – ئايەتلىرىدە بايان قىلىنغان قىسسەگە ئاساسەن « كالا » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « بەقەرە » ئىسمى قويۇلغان.

بۇ قىسسە بەنى ئىسرائىل قەۋمى ئىچىدە يۈز بەرگەن جىنايەتچىسى نامەلۇم جىنايەتنى ئېنىقلاش ئۈچۈن قۇربان قىلىنغان كالىنىڭ قىسسىسىدۇر. ئەسلىدە بۇ كالا، بەنى ئىسرائىل قەۋمىنىڭ زېھنىگە ئورۇنلىشىپ كەتكەن مىسىر ئىلاھلىرىنى تەمسىل قىلىدۇ. چۈنكى ئاپىس كالىسى ۋە « خوتور » دەپ ئاتالغان بۇ « يەر ئىلاھى »نى تەمسىل قىلغان « كالا » ۋە ئۇنىڭ « موزىيى » بەنى ئىسرائىل قەۋمىنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالغان مىسىر ئىلاھلىرىدىن بەزىلىرى ئىدى. بەنى ئىسرائىل قەۋمىدىن قۇربان قىلىش تەلەپ قىلىنغان نەرسە، ئەسلىدە زېھنىدە، دىلىدا مۇھەببەت باغلىغان دۈشمەنلىرىنىڭ بۇ ساختا ئىلاھلىرى ئىدى.

بۇ سۈرە بىر ھەدىستە « بەقەرە سۈرىسى » دەپ ئاتالغان ( مۇسلىم، مۇسافىرىن، 212 ). ھەدىسلەرنىڭ لەبزەن ئەمەس، مەنا جەھەتتىن نەقىل قىلىنغانلىقى نەزەردىن ساقىت قىلىنماستىن، بۇ سۈرىگە مەزكۇر ئىسىمنى رەسۇلۇللاھنىڭ قويغانلىق ئېھتىمالى يۇقىرى.

يەنە بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ بۇ سۈرىنى « قۇرئاننىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى ( سەنامۇل قۇرئان ) » دەپ ئاتىغان ( مۇستەدرەك ). بۇ ھەدىستە « ھەر نەرسىنىڭ بىر چوققىسى بولىدۇ، بەقەرە سۈرىسى قۇرئاننىڭ ئەڭ يۈكسەك چوققىسى » دېگەن.

سۈرە، ھەجىم جەھەتتىن چوڭ ۋە ئۇزۇنلىقى، كۆز قاماشتۇرىدىغان تۈزۈلۈشى، تېما جەھەتتىن رەڭدارلىقى سەۋەبىدىن « فۇستەتۇل قۇرئان »، يەنى « قۇرئان ئۆيى » ياكى « قۇرئان ئۆيى سېلىنغان ماكان » دەپ ئاتالغان.

گەرچە بەقەرە سۈرىسىنىڭ ئايەتلىرى ئۇزۇن بولسىمۇ، ئىچكى رېتىم جەھەتتىن مەككىدە نازىل بولغان سۈرىلەردىن قېلىشمايدۇ. بۇ جەھەتتىن سۈرىنىڭ لىرىكىلىق تۈسى بالاغىتىدىن قېلىشمىغىدەك دەرىجىدە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. سۈرىنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكىنى، ئىبن ئابدىلبەررنىڭ « ئەل ئىستىئاب » ناملىق ئەسىرىدە بايان قىلغان تۆۋەندىكى ۋەقە ناھايىتى جانلىق ھالدا ئىپادىلەپ بېرىدۇ:

ئۆمەر بىن خەتتاب بىر كۈنى لەبىد بىن رەبىئادىن يېڭى يازغان شېئىرلىرىنى ئوقۇپ بېرىشىنى سورايدۇ. لەبىد بىن رەبىئا جاھىلىيەت شائىرلىرىنىڭ ئەڭ مەشھۇرلىرىدىن بىرى بولۇپ، شېئىرى كەبىنىڭ تېمىغا ئېسىلغان ئەڭ چوڭ يەتتە شائىردىن بىرى ئىدى. لەبىد، ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ بۇ تەلىپىگە بەقەرە سۈرىسىنى ئوقۇش ئارقىلىق جاۋاپ بېرىدۇ. ئۇ بۇ ئارقىلىق ھەسسان بىن سابىتتىن « نېمە ئۈچۈن ياخشى شېئىر ئوقۇيالماس بولۇپ قالدىڭ » دەپ سورالغاندا، « قۇرئاننى كۆرگەندىن كېيىن تىلىم تۇتۇلدى » دەپ جاۋاپ بەرگىنىدەك بىر جاۋاپ بەرگەنىدى. بىزگە يېتىپ كەلگەن مەلۇماتلاردىن، لەبىد ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن شېئىر يازمىغانلىقى، ئۇنىڭغا نىسبەت بېرىلگەن بىر بېيىتنىڭمۇ ئۇنىڭغا ئائىت ئەمەسلىكى مەلۇم بولماقتا.

سۈرىنىڭ 255 – ئايىتى « ئايەتەل كۇرسى » دېگەن ئىسىم بىلەن مەشھۇردۇر. بۇ ئايەت مەزكۇر سۈرىدە بولغانلىقى ئۈچۈن « سۈرەتۇل كۇرسى » دەپمۇ ئاتالغان.

بەقەرە سۈرىسى بىلەن ئالئىمران سۈرىسى بىر ھەدىستە « ئەز زەھرەۋەين ( ئىككى گۇل ياكى ئېچىلىش ئالدىدىكى ئىككى ئۆسۈملۈك )» دەپ ئاتالغان. بۇ ئارقىلىق قۇرئان ئاتلىق سۆز جەننىتىدە ئۈنۈپ چىققان ۋە دائىم ئېچىلىپ تۇرغان ئىككى مۇبارەك گۇل ئىكەنلىكى ئىما قىلىنغان بولسا كېرەك.

بەقەرە سۈرىسى قۇرئاننىڭ ئەڭ ئۇزۇن سۈرىسى بولۇپ، ھەم ئايەت سانى، ھەم مۇسھاپتا ئىگلىگەن بەت سانى جەھەتتىن ئېغىر سالماقنى تۇتىدۇ. سۈرە 286 ئايەتتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۆلچەملىك بېسىلغان مۇسھابلاردە 50 بەتنى ئىگىلەيدۇ. بۇ تەخمىنەن قۇرئاننىڭ ئون ئىككىدەن بىرىگە توغرا كېلىدۇ. قۇرئاندا بەقەرە، ئالئىمران، نىسا، مائىدە، ئەنئام، ئەئراف، ئەنفالۋە تەۋبە سۈرىسىدىن ئىبارەت يەتتە ئۇزۇن سۈرە بار. سائىد بىن جۇبەير ئەنفال سۈرىسىنىڭ ئورنىغا يۇنۇس سۈرىسىنى قويىدۇ. بەقەرە سۈرىسى ھەجىم جەھەتتىنلا قۇرئاندىكى ئەڭ ئۇزۇن سۈرە بولۇپلا قالماستىن، نازىل بولۇش ۋاقتى جەھەتتىنمۇ ئەڭ ئۇزۇن ۋاقىتتا نازىل بولغان سۈرىدۇر. تولۇق نازىل بولغان مۇددىتى ھەققىدە ھەر خىل قاراشلار مەۋجۇت بولۇپ، شۇنداقتىمۇ بەش – ئون يىلغا يېيلغان ۋاقىت ئىچىدە تاماملانغان. ئەگەر قۇرئاندا ئەڭ ئاخىرىدا نازىل بولغان ئايەتنىڭ، بۇ سۈرىنىڭ 281 – ئايىتى ئىكەنلىكىنى ۋەياكى ئۆسۈم بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان 275 – 280 – ئايەتلەر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگۈچىلەرنىڭ قارىشى توغرا بولسا، سۈرىنىڭ نازىل بولۇش مۇددىتى مەدىنىدىكى 10 يىللىق دەۋرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

سۈرە ھەجىم جەھەتتىن چوڭ بولۇش بىلەن بىرگە، قۇرئاندىكى سۈرىلەر ئىچىدە، ئۆز ئىچىگە ئالغان تېما رەڭدارلىقى جەھەتتىنمۇ بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

بەقەرە سۈرىسى ھىجرەتنىڭ بىرىنچى يىلى نازىل بولۇشقا باشلىغان. روزا تۇتۇشنى پەرز قىلغان ئايەت بۇ سۈرىدە يەر ئالماقتا. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، روزا پەرز قىلىنىشتىن بۇرۇن نازىل بولغانلىقى مەلۇم بولماقتا. ھەزرىتى ئائىشە، بۇ سۈرە نازىل بولغان مەزگىلدە رەسۇلۇللاھنىڭ ئۆيىدە ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. مەككىدىكى ۋاقتىدا ھەزرىتى ئائىشەنىڭ رەسۇلۇللاھ بىلەن چاي ئىچكۈزۈلگەنلىكى، ھىجرەتنىڭ بىرىنچى يىلى شەۋۋال ئېيىدىن باشلاپ رەسۇلۇللاھ بىلەن مەدىنىدە توققۇز يىل بىرگە ياشىغانلىقى ھەمىمىزگە مەلۇم. ھەزرىتى ئائىشەنىڭ بۇ گۇۋاھلىقىمۇ، مەزكۇر سۈرىنىڭ ھىجرەتنىڭ بىرىنچى يىلىدا نازىل بولۇشقا باشلىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

بەقەرە سۈرىسىنى مەدىنىدە نازىل بولغان تۇنجى سۈرە دەپ قارايدىغانلار مۇتلەق كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدۇ. سۈرىنىڭ نازىل بولۇش مۇددىتى ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ بەش يىل داۋاملاشقان. بۇ مۇددەتنى ئالتە، ھەتتا ھەجگە مۇناسىۋەتلىك ئايەتلىرىگە ئاساسەن سەككىز يىلغا چىقىرىشمۇ مۇمكىن. ئىبن ئابباستىن نەقىل قىلىنغان ئىككى رىۋايەتتىن بىرسىدە، سۈرىنىڭ 281 – ئايىتى قۇرئاننىڭ ئەڭ ئاخىرىدا نازىل بولغان ئايىتى بولۇپ، ۋىدا ھەججىدە قۇربان ھېيىتنىڭ بىرىنچى كۈنى نازىل بولغان.

ھەزرىتى ئوسمان تەرتىۋىدە87 – ئورۇندا، مۇتەففىفىن – ئەنفال سۈرىسى ئارىسىغا تىزىلغان. ئىبن ئابباس تەرتىۋىدىمۇ مۇتەففىفىن – ئەنفال سۈرىسى ئارىسىغا تىزىلغان بولۇپ، 84 – ئورۇنغا يەرلەشتۈرۈلگەن. ئىمام جافەر تەرتىۋىدە يۇقىرىدىكى سۈرىلەر ئارىسىدا 86 – ئورۇنغا تىزىلغان. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، دەسلەپكى مەزگىلدىكى تەرتىپلەرنىڭ ھەممىسىدە مۇتەففىفىن – ئەنفال سۈرىسى ئارىسىغا تىزىلغان. بۇ يەر ئالدىنقى سۈرە نەزەردە تۇتۇلغاندا توغرا ئەمەستەك تۇرىدۇ. تەغابۇن – ئەنفال ئارىسى ھازىرچە بۇ سۈرە ئۈچۈن مۇۋاپىق بولسا كېرەك.

سۈرىنىڭ ئانا تېمىسىنى تۆۋەندىكى بەش نوقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ:

  1. ئېتىقاد
  2. سەمىمىيەت
  3. ئىبادەت
  4. نۇبۇۋۋەت
  5. يەھۇدىيلىشىش

ئى ھىدايەت تەلەپ قىلغۇچى – مانا بۇ كىتاپ سەن تىلىگەن ھىدايەتتۇر!

بۇ سۈرىنىڭ ئالدىنقى ئايىتى خۇددى فاتىھەدىكى « بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن » دېگەن دۇئانىڭ جاۋابىغا ئوخشايدۇ. يەنى بەندىنىڭ ئاللاھ قا قىلغان ھىدايەت تىلىكىگە، ئاللاھ بۇ سۈرىنىڭ باشلىنىشىدا مۇنداق جاۋاپ بەرمەكتە:

ذَلِكَ الْكِتَابُ لَا رَيْبَ فِيهِ هُدًى لِلْمُتَّقِينَ

« ئۆزىدە ھېچقانداق شۈبھە بولمىغان بۇ كىتابتا (يەنى قۇرئان)، تەقۋادارلارغا يېتەكچىدۇر » ( 2 ).

بۇ ئارقىلىق خۇددى، ئى بەندەم سەن ھىدايەت تىلەۋاتامسەن؟ مانا بۇ قۇرئان سېنىڭ دۇئايىڭغا بېرىلگەن جاۋاپتۇر، ھىدايەتنىڭ دەل ئۆزىدۇر. ئىلاھى بىر يېتەكچىدۇر. بۇ يېتەكچى ھەمراھلىقىدا ھايات سەپىرىڭنى داۋاملاشتۇر. ئەگەر مۇشۇنداق قىلساڭ، يولنىڭ ئاخىرىدا جەننەت ئىشىكىگە يېتىپ بارىسەن. ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭ، زىيان تارتىسەن، زالالەتكە چۈشىسەن. يولنى ئاداشتۇرۇپ قويغانلار جەننەتكە بارالمايدۇ. جەننەتكە يېتىپ بارالماسلىق، جەھەننەمگە كىرىش دېگەنلىكتۇر. دېمىسىمۇ بىر ئۇچى جەننەتكە تۇتاشمىغان بىر يولمۇ ۋە سەپەرمۇ جەھەننەمنىڭ بىر قىسمىدۇر، دېمەكتە.

قولىدا قۇرئاندىن ئىبارەت بىر ھىدايەت يېتەكچىسى تۇرۇپ، باشقا يەرلەردىن ھىدايەت ئىزدىگۈچى، ياكى قولىدا تۇتقان قۇرئاننىڭ ھىدايەت تىلىكىگە ئىجاۋەت قىلىنغان جاۋاپ ئىكەنلىكىنى كۆرمىگەن ۋە يەنە ئاللاھ تىن ھىدايەت تىلەۋاتقانلارنىڭ ھالى، خۇددى سۈپسۈزۈك بۇلاقنىڭ بويىدا تۇرۇپ ئۇسسۇزلىقتىن چاڭقاپ كەتكەن كىشىنىڭ ھالىغا ئوخشايدۇ. بۇنداق قىلغۇچى ياكى ھىدايەت تەلەپ قىلغاندەك قىلىپ چىن دىلىدىن ھىدايەت تىلىمەيۋاتقان ۋەياكى نېمە تىلەۋاتقانلىقىنى بىلمەي تىلەۋاتقان، ياكى تىلەكتە سەمىمىي بولمىغان ۋەياكى تىلەۋاتقان نەرسىسىنىڭ ماھىيىتىدىن بىخەۋەر بولسا كېرەك. بۇ ئېھتىماللارنىڭ ھەر بىرى، بىر – بىرىدىن خەتەرلىك.

فاتىھە بىلەن بەقەرە سۈرىسى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت، ھىدايەت تەلىپى ۋە بۇ تەلەپنىڭ ئىجاۋىتى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. ئىككى سۈرە ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت نوقتىلىرىدىن يەنە بىرسى، فاتىھە سۈرىسىنىڭ ئاخىرىدىكى « غەزەپىڭگە ئۇچرىغانلارنىڭ يولى »نىڭ قايسى يول ئىكەنلىكى بەقەرە سۈرىسىدە كۆرسىتىپ بېرىلگەن. غەزەپكە ئۇچرىغانلارنىڭ يولىدىن ماڭماسلىق ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ يولىنى بىلىش لازىم. قۇرئان مانا بۇ مەلۇماتنى بەقەرە سۈرىسىدە بايان قىلىدۇ. ۋەھىينى يەتكۈزۈش ئامانىتى تاپشۇرۇلغان بەنى ئىسرائىلنىڭ يەھۇدىيلىشىشى، غەزەپكە ئۇچرىغانلارنىڭ يولىغا مۇناسىۋەتلىك بىر ئىبرەت ھېكايىسىدۇر.

قۇرئاننىڭ ئەڭ ئۇزۇن سۈرىلىرىدىن بىرسى بەقەرە سۈرىسى بولۇپ، قۇرئاننىڭ كىچىك كۆزنىكىگە ئوخشايدۇ. مۇسھابتا نېمە ئۈچۈن فاتىھەدىن كېيىن بۇ سۈرىنىڭ تىزىلغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق. بەزىلەر مۇسھابتىكى تەرتىپنىڭ ئۇزۇندىن قىسقىغا قاراپ تىزىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن بۇنى ھەر سۈرە تەستىقلىمايدۇ. بىزنىڭچە، فاتىھە سۈرىسىدىن كېيىنلا بەقەرە سۈرىسىنىڭ تىزىلىشى، ئۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇن سەۋەبىدىن بولسا كېرەك. 286 ئايەتلىك بۇ سۈرىنىڭ 116 ئايىتى بەنى ئىسرائىلنىڭ يەھۇدىيلىشىش جەريانىغا ئايرىلغان بولۇپ، بۇ ئۈممەتنى كۈتۈپ تۇرغان ئەڭ چوڭ خەتەرنىڭ بۇ ئىكەنلىكىگە كىشىنىڭ دىققەت نەزرىنى ئاغدۇرىدۇ. 6 ۋە 7 – ئايىتىدىن ھېسابقا ئالمىغاندا، پۈتۈنلەي ئىمان ئېيتقان ياكى ئىمان ئېيتقاندەك كۆرۈنگەنلەرگە خىتاپ قىلىدۇ.

مۇئمىنلەرگە مۇناسىۋەتلىك 5، كاپىرلارغا مۇناسىۋەتلىك 2، مۇناپىقلارغا مۇناسىۋەتلىك 22 ئايەت بۇ سۈرىدە يەر ئالغان. بۇ تەقسىمات ھەقىقەتەن چوڭقۇر مەنىگە. سۈرىنىڭ باشلىنىشىدا يەر ئالغان مۇئمىنلەرگە مۇناسىۋەتلىك بەش ئايەتلىك بۆلەك، ھىدايەت يېتەكچىسى سۈپىتىدە قۇرئاننى ئىشارەت قىلىپ سۆز باشلايدۇ. بۇ بۆلەكتە ئىمان ۋە ئەمەل بىرلىكتە تىلغا ئېلىنىدۇ. غەيبكە ۋە ئاخىرەتكە ئىمان بىلەن ناماز ۋە ئىنفاق يانمۇ – يان قويۇلغان ھالدا تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇلار ھىدايەت ئۈستىدە بولۇشنىڭ شەرتىدۇر. نىجادلىققا ئېرىشىش ھىدايەتكە ئېرىشكۈچىلەرنىڭ ھەققىدۇر.

دەسلەپكى بەش ئايەتتىن كېيىن كاپىرلار ھەققىدە ئىككى ئايەت كېلىدۇ. بۇ ئايەتلەر ئىشارەت قىلغان كاپىرلار، ئىمان دەۋىتىگە قەتئىيلىك بىلەن رەت جاۋابى بەرگەن كاپىرلاردۇر. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇلارنىڭ قەلبى مۆھۈرلەنگەن. چۈنكى ئۇلار ئىنكار قىلىشنى ئادىتىگە ئايلاندۇرىۋالغانىدى. ئەگەر قىيامەتكىچە ئۆمرى بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارنىڭ قىيامەتكىچە ئىنكار قىلىشتا چىڭ تۇرىدىغانلىقى ئېنىق. بۇ سەۋەپتىن ئۇلارنىڭ قەلبلىرى، جىنايىتىنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە ئېچىلىدىغان قىيامەتكىچە مۆھۈرلەنگەن.

ئۇنىڭدىن كېيىن مۇناپىقلارغا مۇناسىۋەتلىك 22 ئايەتلىك بىر بۆلەك بايان قىلىنغان. كاپىرلار ھەققىدە ئىككى ئايەت، ئەمما مۇناپىقلار ھەققىدە 22 ئايەتنىڭ كېلىىشى ھەقىقەتەن كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. بۇ ئايەتلەردە مۇناپىقلارنىڭ خاراكتېرى بايان قىلىنغان. ئاساسەن دەسلەپكى مەزگىلدىكى ۋەھىي مۇھاتابلىرى ئارىسىدىكى مۇناپىقلار ئارقىلىق، بارلىق دەۋرلەردىكى مۇناپىقلار تەسۋىرلەنگەن.