ئەنكەبۇت سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

سۈرە، 41 – ئايەتتىكى « چىشى ئۆمۈك تورى » مىسالى ۋەسىلىسى بىلەن « ئەنكەبۇت » سۈرىسى دەپ ئاتالغان. ئىكرىمەنىڭ بايان قىلىشىچە، ھىجر 95 – ئايەت، مۇشرىكلارنىڭ بۇ سۈرىنىڭ ئىسمىنى مەسخىرە قىلىشى سەۋەبىدىن نازىل بولغان.

سۈرىنىڭ مەككە ياكى مەدىنىدە نازىل بولغانلىقى ھەققىدە پەرقلىق قاراشلار مەۋجۇت. بۇلارنى مۇنداق تۆت نوقتىغا يېغىنچاقلاشقا بولىدۇ:

  1. مۇتلەق كۆپ سانلىق مەككىدە نازىل بولغان دەپ قارايدۇ.
  2. ئىبن ئابباسنىڭ ئىككى قارىشىدىن بىرسى ۋە قاتادەگە كۆرە، سۈرە پۈتۈنلەي مەدىنىدە نازىل بولغان.
  3. شابى، 2 – ۋە 3 – ئايەتلەر مەدىنىدە، « مۇسۇلمان بولدۇق » دەپ ھىجرەتكە ياناشمىغانلار ھەققىدە نازىل بولغان ( تابارى ۋە ۋاھىدى ). باشتىكى 11 ئايەت مەدىنىدە، قالغان ئايەتلەر مەككىدە نازىل بولغان ۋەياكى بۇنىڭ دەل ئەكسىچە بولغان دەپ قارايدىغانلارمۇ بار.
  4. ھەزرىتى ئەلىگە كۆرە، مەككە – مەدىنە ئارىسىدا نازىل بولغان يول سۈرىسىدۇر.

سۈرىنىڭ مەزمۇنى نەزەردە تۇتۇلغاندا، مەككە دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ياكى ھىجرەت ۋە ئۇنىڭدىن ئۇزۇن ئۆتمىگەن بىر مەزگىل ئىچىدە نازىل بولغانلىقىنى ئېيتىشقا بولىدۇ. سۈرىنىڭ نازىل بولىشىنى ھەبەشىستان ھىجرىتىگىچە بولغان دەۋرگىچە ئىلگىرى سۈرگەنلەرمۇ بولغان. لېكىن 8 – ئايىتى ئىسرا 23 – 25 – ئايىتىنى ئىما قىلىنغانلىقى ئۈچۈن بۇ قاراش توغرا ئەمەس. دەسلەپكى تەرتىپلەردە رۇم ۋە مۇتەففىفىن سۈرىسى ئارىسىغا يەرلەشتۈرۈلگەن. ئەنكەبۇت، مەككىدە نازىل بولغان ئاخىرقى سۈرە مۇتەففىفىن سۈرىسى بىلەن بىر ۋاقىتتا ياكى ئارقىدىنلا نازىل بولغان. نۇھ قىسسىسىنىڭ بۇ سۈرىدىكى شەكلى، مەككىدە زۇلۇم كۆرگەن مۇسۇلمانلارغا تەسەللىي بەرمەكتە.

سۈرىنىڭ بىرىنچى ۋە ئاخىرقى ئايەتلىرى مۇھىم ئايەتلەر بولۇپ، بەلكى قۇرئان سۈرىلىرى ئىچىدە ئەڭ تەسىرلىك بىرىنچى ۋە ئاخىرقى ئايەتلەر بۇ سۈرىدە ئورۇن ئالغان دېيىشكە بولىدۇ. سۈرە مۇقاتتائا ھەرىپلىرىدىن كېيىن تۆۋەندىكى ئايەت بىلەن باشلانغان:

أَحَسِبَ النَّاسُ أَنْ يُتْرَكُوا أَنْ يَقُولُوا آَمَنَّا وَهُمْ لَا يُفْتَنُونَ

ئىنسانلار « ئىمان ئېيتتۇق » دەپ قويۇش بىلەنلا سىنالماي تەرك ئېتىلىمىز، دەپ ئويلامدۇ؟ ( 2 ).

بۇ، قۇرئان نازىل بولۇش جەريانىدا مۇناپىقلار تىلغا ئېلىنغان تۇنجى سۈرىدۇر ( 3، 10 – 13 ). سۈرە بىۋاستە مۇھاتابنىڭ يۈرىكىگە خىتاپ قىلىدىغان بولۇپ، بۇ سۈرىمۇ باشقا سۈرىلەرگە ئوخشاش بىۋاستە ھالدا مۇھاتابىغا تەسىر كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلماقتا. بۇ نوقتىدا « تەسىر كۆرسىتىپ نېمە قىلماقچى؟ » دېگەن سوئال ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. « ئەگەر تەسىرىگە ئۇچرىسا » شۇنىڭغا ماس ھالدا بەشەرنى ئىنسانغا ئايلاندۇرىدۇ. تەسىر كۆرسەتكەن دەرىجىدە ئىنساننى ئۆزىگە قايتۇرىدۇ. تەسىر كۆرسەتكەن دەرىجىدە ئىنسانغا شادلىق بېغىشلايدۇ. ھەممىدىن مۇھىم، ئۇچرىغان تەسىرىگە ماس ھالدا، يارىتىلىش مەقىسىتىگە يېقىنلىشىدۇ:

وَمَنْ جَاهَدَ فَإِنَّمَا يُجَاهِدُ لِنَفْسِهِ إِنَّ اللَّهَ لَغَنِيٌّ عَنِ الْعَالَمِينَ

« كىمكى ( يارىتىلىش مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ) پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسەتسە، ئۆزىنىڭ پايدىسى ئۈچۈن تىرىشقان بولىدۇ. اﷲ ھەقىقەتەن تامامى ئەھلى جاھاندىن بىھاجەتتۇر » ( 6 ).

ئاتا – ئانا بىلەن مۇناسىۋەتلىك تېمىنى تەشكىل قىلغان ئىسرا سۈرىسىدىكى بايانلاردىن كېيىن، لوقمان سۈرىسى 14 – 15 – ئايەتلەر ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ سۈرىنىڭ 8 – ئايىتى كەلمەكتە. بۇ ئايەتتە، ئىسرا سۈرىسىدىكى « » ئۇف » چاغلىق بىر سۆزنىمۇ قىلما! » ئايىتىنى سۈيئىستىمال قىلماقچى بولغان ئىنكارچى ئاتا – ئانىغا، قانداق مۇئامىلە قىلىش ھەققىدە يوليورۇق كۆرسىتىلگەن: « ئەگەر ئاتا ـ ئاناڭ سېنى سەن بىلمەيدىغان نەرسىنى ماڭا شېرىك كەلتۈرۈشكە زورلىسا، ئۇلارغا ئىتائەت قىلمىغىن » ( 8 ).

سۈرىدە ھەزرىتى نۇھنىڭ، قەۋمىگە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىلگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان ( 14 – 15 ). « 50 يىل كەم 1000 يىل ( ئەلفە سەنەتىن ئىللا خامسىنە ئامەن ) » مەجاز ئۇسلۇبى بۇ سۈرىدە يەر ئالىدۇ. بۇ ئارقىلىق بىر تەرەپتىن رەسۇلۇللاھقا تەسەللى بېرىشنى، يەنە بىر تەرەپتىن ئىنكارچىلارنى ئاگاھلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلماقتا.

ئاندىن ھەزرىتى ئىبراھىمنىڭ ئۆز قەۋمىگە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىلىشى بايان قىلىنىدۇ ( 16 – 27 ). بۇ بۆلەكتە ئىلاھى تەۋسىيەنىڭ يەر ئېلىشى كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ: « زېمىندا سەير قىلىڭلار، اﷲ نىڭ مەخلۇقاتىنى قانداق قىلىپ (يوقتىن) بار قىلغانلىقىغا قاراڭلار » دېگىن ( 20 ). بەزى بەشەرى بىلىملەرگە قارىتا بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق تەرغىپ بولامدۇ؟

سۈرىدە ھەزرىتى لۇتنىڭ قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەنلىكىمۇ تىلغا ئېلىنغان ( 28 – 35 ) بولۇپ، باشقا ئىنكارچىلارنىڭمۇ مەديەن، ئاد ۋە سەمۇد دۇچار بولغان ئاقىۋەتكە قالغانلىقى قەيىت قىلىنغان.

سۈرىدە، قەسەس سۈرىسىدە بايان قىلىنغان قارۇن – پىرئەۋن – ھاماندىن ئىبارەت ئۈچ ئوبراز تىلغا ئېلىنغان قىسسە تەكرار بايان قىلىنغان. ئەمما بۇ سۈرىدە مەزكۇر ئۈچ ئوبراز بىر يەردە تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، زۇلۇمنىڭ ئۈچ خىل ھالىتى بۇ ئۈچ ئوبراز ئارقىلىق تەسۋىرلەنگەن. قىسسەدە، ئاللاھ نىڭ ئىمانىنىڭ بەدىلىنى ئۆتىگەن ئەلچىلەرگە قىلغان ياردىمى گەۋدىلەندۈرۈلگەن. بۇ ئارقىلىق رىسالەت مىراسىنى زىممىسىگە ئالغۇچىلارنى ئىددىيە جەھەتتىن تەييارلاشنى مەقسەت قىلغان.

نامازنىڭ مەقسىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردىن بىرسى بۇ سۈرىدە يەر ئالغان:

اتْلُ مَا أُوحِيَ إِلَيْكَ مِنَ الْكِتَابِ وَأَقِمِ الصَّلَاةَ إِنَّ الصَّلَاةَ تَنْهَى عَنِ الْفَحْشَاءِ وَالْمُنْكَرِ وَلَذِكْرُ اللَّهِ أَكْبَرُ وَاللَّهُ يَعْلَمُ مَا تَصْنَعُونَ

« ( ئى بۇ خىتاپنىڭ مۇھاتابى! ) ساڭا ۋەھىي قىلىنغان كىتابقا ئەگەشكىن ۋە ( باشقىلارغا ) يەتكۈزگىن، نامازنى ( تەئدىل ئەركان بىلەن ) ئوقۇغىن، ( لايىقىدا ئادا قىلىنغان ) ناماز ھەقىقەتەن ( ئىنساننى ) قەبىھ ئىشلاردىن ۋە گۇناھلاردىن توسىدۇ، اﷲ نى ياد ئېتىش، ئاللاھنىڭمۇ سىلەرنى ياد ئېتىشى ھەقىقەتەن ھەممىدىن ئۇلۇغدۇر، اﷲ قىلىۋاتقان ( ھەممە ) ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ » ( 45 ).

بۇ سۈرىدە باشقا دىن ۋە چۈشەنچىدە بولغانلار بىلەن مۇنازىرە قىلغاندا، رىئايە قىلىش زۆرۈر بولغان ئۇسلۇب ۋە مېتودقا مۇناسىۋەتلىك تەلىماتلار بايان قىلىنغان:

وَلَا تُجَادِلُوا أَهْلَ الْكِتَابِ إِلَّا بِالَّتِي هِيَ أَحْسَنُ إِلَّا الَّذِينَ ظَلَمُوا مِنْهُمْ وَقُولُوا آَمَنَّا بِالَّذِي أُنْزِلَ إِلَيْنَا وَأُنْزِلَ إِلَيْكُمْ وَإِلَهُنَا وَإِلَهُكُمْ وَاحِدٌ وَنَحْنُ لَهُ مُسْلِمُونَ

ئەھلى كىتاب بىلەن پەقەت ئەڭ چىرايلىق رەۋىشتە مۇنازىرىلىشىڭلار، زۇلۇم قىلمىغىچە ئۇلارغا ياخشى ئۇسلۇب ۋە مېتودلار بىلەن مۇئامىلە قىلىڭلار ۋە ئېيتىڭلاركى، « بىز بىزگە نازىل قىلىنغان كىتابقا ۋە سىلەرگە نازىل قىلىنغان كىتابقا ئىمان ئېيتتۇق، سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار ۋە بىزنىڭ ئىلاھىمىز بىردۇر، بىز پەقەت اﷲ قا بويسۇنغۇچىلارمىز » ( 46 ).

ئاندىن سۆز ۋەھىينىڭ ئىلاھىي مەنبەسىگە كەلتۈرۈلىدۇ ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ بۇرۇندىن تارتىپ ساۋادىنىڭ يوق ئىكەنلىكى تەكىتلىنىدۇ ( 48 – 51 ).

ئىنكارچى قەۋمنىڭ مۆجىزە تەلەپ قىلىشى بۇ سۈرىدە تەكرار بايان قىلىنغان. « رەببى تەرىپىدىن ئۇنىڭغا بىر مۆجىزە بېرىلىشى كېرەك ئەمەسمۇ؟ » دېگەن ئىنكارچى قەۋم، كۆز ئالدىدىكى ئەڭ چوڭ مۆجىزە بولغان قۇرئاننى كۆرەلمىگەن ياكى مۆجىزە دەپ قاراشنى خالىمىغانىدى. ئۇلارغا بېرىلگەن جاۋاپ، شۇ زېھنىيەتنىڭ كۈنىمىزدىكى سارقىنتىلىرىغىمۇ بېرىلگەن جاۋاپتۇر:

أَوَلَمْ يَكْفِهِمْ أَنَّا أَنْزَلْنَا عَلَيْكَ الْكِتَابَ يُتْلَى عَلَيْهِمْ

« بىزنىڭ ساڭا تىلاۋەت قىلىنىپ تۇرىدىغان كىتابنى نازىل قىلغانلىقىمىز ئۇلارغا ( مۆجىزە بولۇشقا ) كۇپايە قىلمىدىمۇ؟ » ( 51 ).

شۇنداق، كۇپايە قىلمىدىمۇ؟ ئى مۇھاتاب! ئاللاھ كالامى ۋاستىسى بىلەن سەندىن سوراۋاتىدۇ. بۇ سوئالنى ماڭا دەۋاتىدۇ دەپ بىل، ئۆزەڭگە ئال، بۇ سوئالنى ئارقاڭغا چۆرىۋەتمە! ۋە چىن دىلىڭدىن بۇ سوئالغا جاۋاپ بەر:

بۇ قۇرئان مۆجىزە سۈپىتىدە ساڭا يېتەرلىكمۇ – يېتەرلىك ئەمەسمۇ؟ يېتەرلىك بولمىغان بولسا، نېمە ئۈچۈن يېتەرلىك ئەمەس؟ ئەگەر قۇرئان بىر مۇئمىنگە يېتەرلىك بولمايدىغان بولسا، ئالەملەرنىڭ رەببى بۇ سوئالنى قوياتتىمۇ؟ دېمەك، قۇرئان بىر مۇئمىنگە مۆجىزە سۈپىتىدە كۇپايە قىلىشى كېرەك، ھەتتا يېتەرلىكتۇر. ئەگەر ساڭا يېتەرلىك بولمىغان بولسا، ئاللاھ تىن يەنە قانداق مۆجىزە تەلەپ قىلىسەن؟ سەن مۆجىزە تەلەپ قىلدىڭ، ئاللاھ ساڭا بۇ جاۋابىنى بەردى. بۇ جاۋاپقا قانائەتلەنمىگەن كىشىگە نېمە كۇپايە قىلىدۇ؟

« ساڭا ئىبادەت قىلماقچى ئىدىم، لېكىن يېرىڭ تار كەلدى » دېگۈچىلەرگە سۈرىدە مۇنداق جاۋاپ بېرىلگەن:

يَا عِبَادِيَ الَّذِينَ آَمَنُوا إِنَّ أَرْضِي وَاسِعَةٌ فَإِيَّايَ فَاعْبُدُونِ

« ئى ئىمان ئېيىتقان بەندىلىرىم! مېنىڭ زېمىنىم ھەقىقەتەن كەڭدۇر، ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار » ( 56 ).

بۇ ئايەتتىن كېيىن « ھەر بىر جاندار ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر، ئاندىن بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتۇرۇلىسىلەر » ( 57 ) دېگەن ئايەت بىلەن ھەممىمىزگە ئاقىۋىتىمىزنى ئەسلىتىلگەن. ئۆلۈمنى ئەسلەش، دۇنياغا بېرىلىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن شەرت. دۇنياغا بېرىلىپ كېتىش، تەك دۇنيا چۈشەنچىسى بىلەن ياشاشتۇر. تەك دۇنيالىق بولغانلار ئۈچۈن، بۇ دۇنيا ئۇلار ئويناپ يۈرگەن بالىلار باغچىسىدۇر:

وَمَا هَذِهِ الْحَيَاةُ الدُّنْيَا إِلَّا لَهْوٌ وَلَعِبٌ وَإِنَّ الدَّارَ الْآَخِرَةَ لَهِيَ الْحَيَوَانُ لَوْ كَانُوا يَعْلَمُونَ

« ئەگەر ( ئەقلىنى ئىشلەتسە ) دۇنيا تىرىكچىلىكىنىڭ پەقەت ئۆتكۈنچى ئويۇن ـ كۈلكە ۋە غەپلەتتىن باشقا نەرسە ئەمەس ( ئىكەنلىكىنى بىلەتتى )، شۈبھىسىزكى، ھاياتنىڭ يەنە بىر تەرىپى بار بولۇپ، مانا بۇ ھەقىقى ھاياتتۇر، كاشكى ئۇلار بۇنى بىلىپ يەتكەن بولسا » ( 64 ).

ئۇلار ئەقىل جەھەتتىن دائىما بالا ھالىتىدە قالىدۇ، چوڭ بولمايدۇ. بىئولوگىيلىك جەھەتتىن چوڭ بولۇپ، ئەقىل جەھەتتىن بالىغ بولماسلىق، مەسئۇلىيەتتىن قاچقانلىقتۇر.

ئۇنىڭدىن كېيىن، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىمان يولىدا تۆلىگەن بەدەللىرى ئەسلىتىپ ئۆتۈلگەن بولۇپ، سۈرە بۇ بەدەلنى تۆلەشكە رازى بولغانلارغا بىر خوشخەۋەر بەرگەن ھالدا ئاخىرلىشىدۇ: « بىزنىڭ يولىمىزدا پۈتۈن كۈچى بىلەن كۈرەش قىلغانلارنى، ئەلۋەتتە يولىمىزغا يېتەكلەيمىز » ( 69 ). بۇ ئىككى ئايەت كىشىگە خۇددى مەككىنى مەدىنىگە باغلىغان باسقۇچنى ئىپادىلەۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. مۇئمىن بىلەن كاپىرنىڭ ھاياتنى قايسى نوقتىدىن كۆزەتكەنلىكىنى بايان قىلغان بۇ ئايەتلەردىن كېيىن، سۈرە ئاللاھ قا يەتكۈزىدىغان « يوللار » ھەققىدە توختالغان ئايەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. تۆۋەندىكى ئايەتنى، بىر « ئەسلى » مەنبەدىن چىققان بىردىن ئارتۇق « ئۇسۇل » شەكلىدە ئوقۇشقا بولىدۇ:

وَالَّذِينَ جَاهَدُوا فِينَا لَنَهْدِيَنَّهُمْ سُبُلَنَا وَإِنَّ اللَّهَ لَمَعَ الْمُحْسِنِينَ

« بىز ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن كۈرەش قىلغانلارنى، ئەلۋەتتە يولىمىزغا يېتەكلەيمىز، اﷲ ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر » ( 69 ).