رۇم سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

رىم – پارس ئىمپېرىيىسى ئوتتۇرىسىدا يۈز بېرىۋاتقان نوپۇز دائىرىسى تالىشىش ئۇرۇشىنىڭ ئاقىۋىتىگە مۇناسىۋەتلىك مۆجىزىۋى بىر خەۋەر بايان قىلىنغان بىرىنچى ئايەتكە ئاساسەن، سۈرىگە « رۇم » ئىسمى بېرىلگەن.

ئىبن ئابباستىن نەقىل قىلىنغان بىر رىۋايەتكە ئاساسلانغاندا، سۈرە رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋرىدىلا « رۇم » ئىسمى بىلەن ئاتالغان ( تىرمىزى، تەپسىر، 3190 ).

سۈرە مەككىدە نازىل بولغان بولۇپ، بۇنى تېمىسى ۋە ئۇسلۇبى تەستىقلايدۇ.

دەسلەپكى مەزگىلدىكى بارلىق تەرتىپلەردە ئىنشىقاق سۈرىسىنىڭ ئارقىسىغا تىزىلغان. بەزەرگان 1 – 26 ئارىسىدىكى ئايەتلەرنى پەيغەمبەرلىكنىڭ 6 – يىلىدا نازىل بولغان دەپ قارىغان. سۈرىنىڭ 17 – 18 – ئايىتى بۇ قاراشنى كۈچلەندۈرىدۇ. يەنە ھەزرىتى ئەبۇ بەكىرنىڭ مەككىلىك مۇشرىكلار بىلەن شەرقى رىمنىڭ كىسرا دۆلىتىنى ھامان مەغلۇپ قىلىدىغانلىقى ھەققىدە دو تىككەنلىكى ھەققىدىكى رىۋايەتلەرمۇ بۇ قاراشنى كۈچلەندۈرىدۇ ( تىرمىزى، تەپسىر، 3190 ).

بۇ يىپ ئۇچلىرىغا ئاساسەن سۈرىنى پەيغەمبەرلىكنىڭ 8 – يىلىغا تىزىشقا بولىدۇ. چۈنكى رۇم سۈرىسى دەسلەپكى تەرتىپلەردە ئىنشىقاق سۈرىسىنىڭ ئارقىسىغا تىزىلغان. سۈرىنىڭ نازىل بولۇش يىلىنى سۈرىدىكى بىۋاستە ياكى ۋاستىلىق ئىمالار، سۈرىنىڭ مەزمۇنى، خوشنا سۈرىلەر، سىيەر رىۋايەتلىرى ۋە دەسلەپكى مەزگىلدىكى تەرتىپلەردىكى ئورنى قاتارلىقلارغا ئاساسەن پەرەزگە قىلىغىلى بولىدۇ. بۇ يىپ ئۇچلىرىغا ئاساسلانغاندا، سۈرىنىڭ ئورنى پەيغەمبەرلىكنىڭ 8 – يىلىدا نازىل بولغان ئىنشىقاق سۈرىسىنىڭ ئارقىسىغا توغرا كەلمەكتە.

لېكىن، بۇ پەرەزلەرنى ئەنكەبۇت سۈرىسى رەت قىلماقتا. ئەنكەبۇت سۈرىسى، دەسلەپكى تەرتىپلەرنىڭ ھەممىسىدە بۇ سۈرىنىڭ ئارقىسىغا تىزىلغان. ئەنكەبۇت سۈرىسى مەككىدە نازىل بولغان سۈرىلەر ئىچىدە ئارقىدىن سانىغاندا ئىككىنچى سۈرە. يەنى پەيغەمبەرلىكنىڭ 13 – يىلىغا ئائىت سۈرىدۇر. ئەگەر رۇم سۈرىسىنى ئۆزىدىن ئىلگىرىكى سۈرىگە نىسبەت بەرسەك، پەيغەمبەرلىكنىڭ 8 – يىلىغا؛ ئۆزىدىن كېيىنكى سۈرىگە نىسبەت بەرسەك، 13 – يىلىغا تىزىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، تۇنجى تەرتىپلەردە بىر مەسىلە بار. ئاللاھۇئالەم، بۇ مەسىلە رۇم سۈرىسىنىڭ ئارقىسىغا ئەنكەبۇت سۈرىسىنىڭ تىزىلىشىدۇر. چۈنكى ئەنكەبۇت سۈرىسىنىڭ ئۇ يەرگە تىزىلىشى توغرا ئەمەس، بۇ ئېنىق. دەسلەپكى تەرتىپلەردە بېرىلگەن يۇقىرىقى يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، سېلىشتۇرما يولى بىلەن تىزىلغا تەرتىۋىمىزدە بۇ سۈرىدىن كېيىن ئەنكەبۇت ئەمەس، نەمل سۈرىسى كەلمەكتە. بۇنى ھەر ئىككى سۈرىنىڭ مەزمۇن تەستىقلىماقتا. بۇ سەۋەپتىن سۈرىنى خوشنا سۈرىلىرى بولغان ئىنشىقاق ۋە نەمل سۈرىلىرى بىلەن بىرگە پەيغەمبەرلىكنىڭ 8 – يىلىغا تىزىشقا بولىدۇ.

سۈرە غەيبتىن / كېلەچەكتىن بىر خەۋەر بېرىش بىلەن باشلىنىدۇ. بۇ خەۋەر ئۆز دەۋرىدىكى ئىككى دۇنياۋى چوڭ كۈچنىڭ كۈچ سىنىشىش كۆرىشىنىڭ قانداق نەتىجە بىلەن ئاخىرلىشىدىغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئىدى.

بۇ كۈچلەر ھىراقلىس ھۆكۈمدارلىقىدىكى رىم ۋە 1- ھۇسرەۋ ھۆكۈمدارلىقىدىكى پارس دۆلىتى ئىدى. بىر ئەسىردىن بۇيان بىر – بىرىنىڭ نوپۇز دائىرىسىگە كۆز تىكىپ كەلگەن بۇ ئىككى كۈچ، كەسكىن بىر نەتىجىگە ئېرىشەلمەي كەلگەنىدى. دەل بۇ مەزگىلدە پارسلار رىملىقلار ئىچىدىكى ئىچكى نىزالاردىن پايدىلىنىپ ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ ۋە ئالدىغا چىققان ھەممە نەرسىنى يەر يەكسان قىلىۋېتىدۇ. پارس قوشۇنى مىلادى 613 – يىلى سۈرىيە ( شام )نى رىملىقلاردىن تارتىۋالىدۇ. 614 – يىلى پەلەستىن ( قۇددۇس )نى، 615 – 616 – يىلىدا رىمغا قارام بولغان مىسىر دۆلىتىنى رىم ئىمپېرىيىسىدىن تارتىۋالىدۇ. بۇ پارس ئېقىنىدا ئانادولۇمۇ باشتىن ئاياغ پارسلارنىڭ قولىغا ئۆتىدۇ. ھەتتا رىمنىڭ پايتەختى كونستانتىنپولىس ( ئىستانبۇل ) پارسلار تەرىپىدىن مۇھاسىرىگە ئېلىنىپ، پارسلار رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ مەركىزىگىچە قىستاپ كەلگەنىدى.

رىم ئىمپېرىيىسى يىقىلىپ قالغۇدەك ھالغا كېلىپ قالغان بولۇپ، ئىمپېراتور ھىراقلىس كونستانتىنپولىستىن قارتاجاغا قاچماقچى بولىدۇ. مۇشۇنداق ئېغىر ئەھۋالدا قالغان رىم، پارسلار بىلەن خورلۇققا تولغان بىر قاتار سۈلھىلەرنى قىلىدۇ. بۇ سۈلىھ شەرتلىرى ئىچىدە خورلىغۇچى شەرتلەر قەستەن قوشۇلغان بولۇپ، پارس ھۆكۈمدارى 1- ھۇسرەۋ، رىم ھۆكۈمدارىنى خارلاش ئۈچۈن، ئۇنى ئوتقا چوقۇنۇشقا بۇيرىيدۇ.

بۇ خەۋەرلەر مەككىگە يېتىپ كەلگەندە مۇشرىكلار خوشال بولغان، مۇئمىنلەرنىڭ كۆڭلى غەش بولغانىدى. چۈنكى مۇشرىكلار ئۆزلىرىنى مەجۇسى كىسراغا يېقىن دەپ بىلەتتى. مۇئمىنلەر بىر كىتاپ ئەھلى بولغان خىرىستىيان ئېتىقادىغا ئىگە ھىراقلىسنىڭ تەرىپىنى تۇتقانىدى.

مەككە مۇشرىكلارنىڭ پارسلار تەرىپىدە تۇرۇشىنىڭ ئارقا كۆرۈنىشىدە، مەككىدىكى سىياسىي نوپۇز تالىشىش كۆرىشى ياتماقتا ئىدى. مەككىدىكى قەبىلىلەر مۇتاييىبىن ۋە ھەلىف دەپ بىر – بىرىگە رەقىپ ئىككى تەرەپكە ئايرىلغانىدى. ئۇمەييە ئوغۇللىرى ۋە مەھزۇم ئوغۇللىرىدىن ئىبارەت جەبەرۇت ( قەبىھ، ۋەھشى ) قەبىلىلەردىن تەركىپ تاپقان مۇتەييىبىن گۇرۇپپىسى پارسلار بىلەن ئىتتىپاقداش بولۇپ، بەنى ھاشىم ۋە بەنى ئادىي قاتارلىق نىسبەتەن ئاجىز قەبىلىلەردىن تەشكىللەنگەن ھەلىف گۇرۇپپىسى رىم ۋە ئۇنىڭ رايوندىكى ئىتتىپاقدىشى بولغان ھەبەش خانلىقى تەرەپتە تۇرغانىدى.

سۈرىنىڭ باشلىنىشىدا ئىما قىلىنغان تارىخى ئارقا كۆرۈنۈش يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتۈلگەنىدەك ئىدى.

رۇم سۈرىسى، مەدەنىيەتلەرنىڭ قىيامىتىگە ئىما قىلغان ھالدا باشلىنىدۇ ۋە كائىنات قىيامىتى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

مۇقاتتائا ھەرىپلىرىدىن كېيىن كەلگەن ئايەت، كېلەچەك بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇ خەۋەرنى بايان قىلىدۇ:

غُلِبَتِ الرُّومُ (2) فِي أَدْنَى الْأَرْضِ وَهُمْ مِنْ بَعْدِ غَلَبِهِمْ سَيَغْلِبُونَ (3) فِي بِضْعِ سِنِينَ لِلَّهِ الْأَمْرُ مِنْ قَبْلُ وَمِنْ بَعْدُ وَيَوْمَئِذٍ يَفْرَحُ الْمُؤْمِنُونَ (4) بِنَصْرِ اللَّهِ يَنْصُرُ مَنْ يَشَاءُ وَهُوَ الْعَزِيزُ الرَّحِيمُ (5)

« رۇملۇقلار يېقىن بىر جايدا يېڭىلدى، ئۇلار يېڭىلگەندىن كېيىن بىر قانچە يىل ئىچىدە يېڭىدۇ، ئىلگىرى ۋە كېيىن ھەممە ئىش اﷲ نىڭ باشقۇرۇشىدىدۇر، بۇ كۈندە مۇئمىنلەر اﷲ نىڭ بەرگەن ياردىمى بىلەن خۇشال بولىدۇ، اﷲ خالىغان كىشىگە ياردەم بېرىدۇ، اﷲ غالىبتۇر، (مۇئمىنلەرگە) ناھايىتى مېھرىباندۇر » ( 2ـ5 ).

بۇ ئايەت نازىل بولغان ۋاقىتتا، پارس قوشۇنى پۈتۈن رىم دۆلىتىنى باشتىن ئاياغ تالان قىلغان ۋە ئۇنىڭ پايتەختىگە يېقىنلاپ كەلگەنىدى. بۇنداق بىر ئەھۋالدا رىملىقلارنىڭ غالىپ كېلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ھېچقانداق مەنتىقلىق بىر ئىزاھاتى يوق بولۇپ، بەشەرى چۈشەنچە ۋە رىئاللىق، رىملىقلارنىڭ ئورنىدىن قايتا تۇرالمايدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە ئىدى. لېكىن ۋەھىي بۇ چوڭ خەۋەرنى بەرگەن ۋە سۈرىدە فى بىدى شىنىن ( ئۈچ – توققۇز يىل ئارىسىدا ) دېگەنىدى. دەرۋەقە، قۇرئاننىڭ بىشارىتى ئىنسان تەخمىنلىرىنى پۈتۈنلەي ئاستىن – ئۈستىن قىلغان ھالدا رىئاللىققا ئايلانغانىدى. رىم قوشۇنى مىلادى 624 – يىلى پارس دىنى تۇغۇلغان شەھەردە ( ئەزەربەيجاندا )، پارس قوشۇنىنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراتتى ۋە مەجۇسى ئىبادەتخانلىرىنى يەريەكسان قىلدى. شۇنىڭدىن باشلاپ رىم ئارقىمۇ – ئارقا غەلبە قىلىشقا باشلىدى. بەدىر غازىتى بىلەن ئوخشاش بىر تارىخقا توغرا كەلگەن ( 627 ) نىنوۋا ( باغدات ئەتراپى ) ئۇرۇشىدا، رىم قوشۇنى پارسلارغا ئەجەللىك بىر زەربە بەردى. 628 – يىلى پارس ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى قولدىن كەتتى. 1 – ھۇسرەۋ تەخت تالىشىش كۆرىشى نەتىجىسىدە تەختتىن چۈشۈرۈلدى ۋە 18 ئوغلى قەتلى قىلىنىپ، ئۆزى زىنداندا ئۆلدى. قۇرئان كېلەچەكتىن ئالدىن بەرگەن خەۋەر مانا مۇشۇنداق رىئاللىققا ئايلاندى. بۇ ئاللاھ نىڭ ۋەدىسى ئىدى:

وَعْدَ اللَّهِ لَا يُخْلِفُ اللَّهُ وَعْدَهُ وَلَكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يَعْلَمُونَ (6) يَعْلَمُونَ ظَاهِرًا مِنَ الْحَيَاةِ الدُّنْيَا وَهُمْ عَنِ الْآَخِرَةِ هُمْ غَافِلُونَ (7)

« اﷲ (ئۇلارنى غالىب قىلىدىغانلىقىنى) ۋەدە قىلدى. اﷲ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ، لېكىن كىشىلەرنىڭ تولىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ. ئۇلار پەقەت ھاياتىي دۇنيانىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىنىلا بىلىدۇ، ئۇلار كۆرۈنمەس باقى ئالەمدىكى ھاياتتىن غاپىلدۇر » ( 6 – 7 ).

سۈرە بۇ نوقتىدىن باشلاپ مۇھاتابنىڭ، ئەڭ خار قىلغۇچى ۋە ئەڭ يېقىن بولغان ئۆتكۈنچى دۇنيا ھاياتىنىڭ كىشىنى ئالدايدىغان تاشقى كۆرۈنۈشىگە مەركەزلىشىپ قالغان دىققىتىنى، ئەبەدىي بولغان تەرەپكە ئاغدۇرىدۇ ( 8 ).

سۈرىدە مۇھاتابلىرىنى تارىختىن ئىبرەت ئېلىشقا چاقىرىدۇ:

« ئۇلار يەر يۈزىدە كېزىپ ئۆزلىرىدىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزەتمىدىمۇ؟ » ( 9 ).

ئاخىرەت دۇنيا ھاياتىنىڭ روھىدۇر. شۇڭا سۆز قايسى زامان ياكى قايسى ماكاندىن باشلىنىشتىن قەتئىينەزەر، ئايلىنىپ كېلىپ ئاخىرەتتە توختايدۇ. چۈنكى ئاخىرەت ئاداققى نىشاندۇر، دۇنيا ئۆتەڭدۇر. بۇ سۈرىدىمۇ بۇ قانۇنىيەت ئۆزگەرمەيدۇ، ئاخىرقى سائەت تىلغا ئېلىنغان ئايەتلەر، ئىنسانغا دۇنيادىكى ھاياتنىڭ ئۆتكۈنچى ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىدۇ ( 11 – 16 ).

سۈرىنىڭ ئانا تېمىسى، يارىتىلغانلار ئالەمى مەنسۇپ بولغان « بارلىققا كېلىش ۋە يوقۇلۇش » قانۇنىدۇر:

يُخْرِجُ الْحَيَّ مِنَ الْمَيِّتِ وَيُخْرِجُ الْمَيِّتَ مِنَ الْحَيِّ وَيُحْيِي الْأَرْضَ بَعْدَ مَوْتِهَا وَكَذَلِكَ تُخْرَجُونَ

« اﷲ جانسىز نەرسىلەردىن جانلىق نەرسىلەرنى چىقىرىدۇ، جانلىق نەرسىلەردىن جانسىز نەرسىلەرنى چىقىرىدۇ، ئۆلگەن زېمىننى تىرىلدۈرىدۇ (يەنى قۇرغاق زېمىننى ئۆسۈملۈكلەر بىلەن كۆكەرتىدۇ)، سىلەرمۇ مۇشۇنداق تىرىلدۈرۈلىسىلەر » ( 19 ).

يىگانىلىق، يالغۇزلۇق ياراتقۇچى ئاللاھ قا، جۇپ بولۇش يارىتىلغان مەخلۇققا خاستۇر. ئىنسان يارىتىلغان بولغاچقا، ئۇنىڭ بىر جۇپ بولىشى تەبىئىيتىنىڭ تەقەززاسىدۇر. ئەر ۋە ئايال، بىر – بىرى ئۈچۈن پالاكەت ئەمەس، ئەكسىچە سۈكۈنەتتۇر. رەسۇلۇللاھنىڭ ئىپادىسى بىلەن « ئائىلە ئىنساننىڭ دۇنيادىكى جەننىتىدۇر ». ئەر – ئايال بىرلىكىنىڭ سۈكۈنەت بولالىشى ئۈچۈن، ئىككى نەرسە شەرت، يەنى سۆيگۈ ۋە مېھرى – مۇھەببەت. ئەگەر بۇ ئىككىسى مەۋجۇد بولسا، ئۇ ئائىلىدە ھوزۇر ۋە سائادەت بار دېگەنلىكتۇر. تۆۋەندىكى ئايەت بۇ ھەقىقەتنى بايان قىلماقتا:

وَمِنْ آَيَاتِهِ أَنْ خَلَقَ لَكُمْ مِنْ أَنْفُسِكُمْ أَزْوَاجًا لِتَسْكُنُوا إِلَيْهَا وَجَعَلَ بَيْنَكُمْ مَوَدَّةً وَرَحْمَةً إِنَّ فِي ذَلِكَ لَآَيَاتٍ لِقَوْمٍ يَتَفَكَّرُونَ

« يەنە سىلەر ئۈچۈن ھوزۇر ۋە ئۇنسى – ئۈلپەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن ( اﷲ نىڭ ) ئۆز تىپىڭلاردىن ھەمراھلار ياراتقانلىقى، ئاراڭلاردا ( يەنى ئەر – خوتۇن ئارىسىدا ) مېھر ـ مۇھەببەت ئورناتقانلىقى اﷲ نىڭ ( كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان ) ئالامەتلىرىدىندۇر، پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەۋم ئۈچۈن، شەك ـ شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار » ( 21 ).

ئىنسانلارنىڭ نەسەبى، قەبىلىسى، رەڭگى، تىلى قاتارلىق ئوخشاشماسلىقلار بىر « تەپرىقە » مەسىلىسى سۈپىتىدە قارالماسلىقى كېرەك. ئاللاھ نىڭ بۇ پەرقلەرنى يارىتىشى، ئۇنىڭ ئايەتلىرىدىندۇر. ئىنسانلارنىڭ بۇ پەرقلەر بىلەن ئۆزىنى باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇتۇشىقا ئۇرۇنغانلىقى، ئاللاھ نىڭ ئايەتلىرىنى سۈيئىستىمال قىلغانلىق بولىدۇ. بۇ ئوخشاشماسلىقلارنى بالايى – ئاپەت ئەمەس، بىر نېمەت سۈپىتىدە تونۇشتۇرغان تۆۋەندىكى ئايەتكە قاراپ باقايلى:

وَمِنْ آَيَاتِهِ خَلْقُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَاخْتِلَافُ أَلْسِنَتِكُمْ وَأَلْوَانِكُمْ إِنَّ فِي ذَلِكَ لَآَيَاتٍ لِلْعَالِمِينَ

« اﷲ نىڭ ئاسمانلارنى، زېمىننى ياراتقانلىقى، تىللىرىڭلارنىڭ، رەڭگىلىرىڭلارنىڭ خىلمۇخىل بولۇشى اﷲ نىڭ (كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر، بۇنىڭدا بىلىملىك كىشىلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئالامەتلەر بار » ( 22 ).

پەقەت رەڭلەر ۋە تىللارنىڭ پەرقلىق بولىشىلا ئايەت بولۇپ قالماستىن، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭمۇ ئاللاھ بەلگىلىگەن قانۇن بىلەن مەۋجۇت بولىشى، ئاللاھ نىڭ ئايىتىدۇر ( 25 ).

ئۆسۈم بىلەن مۇناسىۋەتلىك تۇنجى ئايەت بۇ سۈرىدە تىلغا ئېلىنغان:

وَمَا آَتَيْتُمْ مِنْ رِبًا لِيَرْبُوَ فِي أَمْوَالِ النَّاسِ فَلَا يَرْبُو عِنْدَ اللَّهِ وَمَا آَتَيْتُمْ مِنْ زَكَاةٍ تُرِيدُونَ وَجْهَ اللَّهِ فَأُولَئِكَ هُمُ الْمُضْعِفُونَ

« شۇنى ( ئوبدان بىلىپ قېلىڭلاركى ) كىشىلەرنىڭ پۇل ـ مېلى ئىچىدە كۆپەيسۇن دەپ ئۆسۈم بىلەن بەرگەن پۇل ـ مېلىڭلار، اﷲ نىڭ دەرگاھىدا سىلەر ئۈچۈن بىر پايدا ئېلىپ كەلمەيدۇ. اﷲ نىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ بەرگەن ئىقتسادىي مەجبۇرىيىتىڭلار بار. مانا بۇ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلغانلار، ئاللاھ نىڭ دەرگاھىدا ئالىدىغان مۇكاپاتلىرىنى قاتمۇ – قات كۆپەيتكەنلەردۇر » ( 39 ).

ئىنسانلار بەرپا قىلغان مەدەنىيەتلەرمۇ خۇددى تەبىئەتكە ئوخشاش بۇ قانۇن دائىرىسى ئىچىدە پەيدا بولىدۇ ۋە يوقۇلىدۇ ( 40 – 50 ).

بۇ پەيدا بولۇش ۋە يوقۇلۇش ئالىمىدە، ئىنساننىڭ ئۆزگىچە بىر ئورنى بار. بۇ ئاللاھ تەرىپىدىن ئىنساننىڭ ئۆزلىكىگە كەشتىلەنگەن « فىترەت » سايىسىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ بۇزۇلماي مۇھاپىزە قىلىنىشى، ۋەھىي بىلەن بەرپا قىلىنىدىغان بىر ئۈست قۇرۇلما بىلەن مۇناسىۋەتلىك. قۇرئاندا پەقەت بۇ سۈرىدىلا تىلغا ئېلىنغان ۋە فىترەت ئايىتى دەپ بىلىنىدىغان ئايەت تۆۋەندىكىچە:

فَأَقِمْ وَجْهَكَ لِلدِّينِ حَنِيفًا فِطْرَةَ اللَّهِ الَّتِي فَطَرَ النَّاسَ عَلَيْهَا لَا تَبْدِيلَ لِخَلْقِ اللَّهِ ذَلِكَ الدِّينُ الْقَيِّمُ وَلَكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يَعْلَمُونَ

« بارلىقىڭنى ھەر خىل ئازغۇنلۇقلاردىن يىراقلاشتۇرغان ھالدا، پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭ بىلەن توغرا ۋە ئەسلى دىنغا، ئاللاھ نىڭ ئىنسانىيەتنىڭ ئۆز كىملىكىگە يارىتىلىشتىلا نەقىش قىلىپ ئويىۋەتكەن فىترەتكە يۈزلەندۈرگىنكى، ئاللاھ نىڭ ياراتقىنىدا سەلبىي بىر ئۆزگۈرۈش مەيدانغا كەلمىسۇن. مانا بۇ توغرا دىننىڭ مەقسىتىدۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ » ( 30 ).

سۈرە ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ كۈشكۈرتىشلىرىنىڭ ئۆرنەكلىرىنى بايان قىلىدۇ ( 58 )  ۋە تۇنجى مۇھاتابىنىڭ بۇ قىلتاققا چۈشۈپ، ھەر قانداق شەكىلدە كۈچ ئىشلىتىپ ئىنكاس قايتۇرۇشتىن توسىدۇ. بۇ ئىلاھى تەۋسىيە بولۇپمۇ رەسۇلۇللاھقا قارىتىلغانىدى. چۈنكى ئۇزۇن داۋام قىلغان مۇخالىپەتلىك يىللارنىڭ ئاخىرىغا كەلگەن، ھاكىمىيەت ئۇپۇقتا كۆرۈنگەنىدى. مەدىنە يولدا، مەدىنىنىڭ ئەڭ مۆتىۋەر شەخسى مەدىنە يولىغا راۋان بولۇش ئالدىدا ئىدى. ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ھەرىكەت قىلماسلىق، تەمكىنلىك بىلەن ھەرىكەت قىلىش كېرەك ئىدى. چۈنكى كۈچكە ئىگە بولغاندا ئۇنىڭغا سەبىر قىلىش، مۇخالىپەت بولۇپ سەبىر قىلىشتىن تېخىمۇ قېيىن. كۈچ / ھاكىمىيەت بىلەن ئېمتىھان، كۈچ ۋە مال – مۈلۈك بىلەن ئېمتىھاندۇر. كۈچ ۋە بىساتقا سەبىر قىلىش ھەر قانداق كىشى قىلالايدىغان ئىش ئەمەس:

فَاصْبِرْ إِنَّ وَعْدَ اللَّهِ حَقٌّ وَلَا يَسْتَخِفَّنَّكَ الَّذِينَ لَا يُوقِنُونَ

« سەۋر قىلغىن، اﷲ نىڭ ۋەدىسى ھەقىقەتەن رىئاللىققا ئايلىنىدۇ. ( ئۆز دېگەن سۆزلىرىگە ) چىن دىلىدىن ئىشەنمەيدىغانلارنىڭ ئېغۋاگەرچىلىكى سېنى باشباشتاقلىققا ۋە خۇدىڭنى بىلمەستىن بىر ئىنكاس قايتۇرۇشقا ئېلىپ بارمىسۇن » ( 60 ).