ئامېرىكا چوڭ ستىراتېگىيسى

ئامېرىكا چوڭ ستىراتېگىيسىگە قارىتا بەش جۇغراپىيۋى سىياسەت نىشانىغا ئىگە. بۇ نىشانلار چوڭلۇق، قېيىنلىق دەرىجىسىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك تىزىلدى.

1. ئامېرىكا ئارمىيسىنىڭ شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىدە مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولىشى

 ئامېرىكا ئاتلانتىك قىرغىقى بىلەن ئاللەفنىي تاغلىرى ئارىسىغا تىزىلغان ئوخشاشمىغان ۋىلايەتلەردىن شەكىللەنگەن بىر مىللەت سۈپىتىدە تۇرۇپ قالغان بولسا، مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ قېلىشى مۇمكىن بولمايتتى. بىرلىككە كېلىشنىڭ سىرتىدا ئاللەفنىي تاغلىرى بىلەن روكىي تاغلىرى ئارىسىدىكى كەڭ تۇپراقلارغا كېڭىيىشكە مەجبۇر ئىدى. بۇ ئامېرىكىغا ستىراتېگىيلىك كۈچ بېرىپلا قالماي، يەنە دۇنيانىڭ ئەڭ باي تۇپراقلىرىدىن بەزىلىرىگە ئىگە بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. ئەڭ مۇھىم بولغىنى، بۇ يەر ئامېرىكىنىڭ ئىشىنچا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى دۇنيا بازارلىرىغا سېلىشتا قاتنىشى قولاي دەريالارغا ئىگە بولۇپ، تارىختا مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان دېھقان كاپىتالىست سىنىپىنى ۋۇجۇتقا چىقارغانىدى.

1803 – يىلى لوئۇئسىيانانىڭ ئېلىنىشى بىلەن ئا ق ش بۇ يەرگە ئىسمىنى قويدى. ئەمما، ئاندرەۋ قېكسوننىڭ ئىنگىلىزلارنى مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتقان 1814 – يىلىدىكى نېۋ ئورلېنس ئۇرۇشىدىن كېيىن، بۇ رايوننىڭ ھاكىمىيىتى ھەققىي تۈردە ئا ق ش غا ئۆتتى. نېۋ ئورلېنس پۈتۈن دەريالارنى توسىدىغان بىردىن بىر نوقتا ئىدى. يورك توۋن مىللەتنى شەكىللەندۈرگەن بولسا، نېۋ ئورلېنس ئۇرۇشى ئىقتىسادنى بەرپا قىلدى. ئىقتىسادنى سان جاكىنتو ئۇرۇشى ساقلاپ قالغانىدى. بۇ يەر نېۋ ئورلېنستىن بىر قانچە يۈز كېلومېتىر يىراقلىقتا بولۇپ، بۇ جايدا مېكسىكا ئارمىيسى تېكساسلىقلار تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغانىدى ۋە شۇنىڭدىن تارتىپ مىسسىسىپى دېلتىسى ئۈچۈن بىر خەۋپ بولمىدى. مېكسىكا ئارمىيسىنىڭ مەغلۇپ بولىشى مۇقەررە ئىدى. مېكسىكا كۆپ تەرەپتىن تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ئا ق ش دىن كۈچلۈك دۆلەت ئىدى. ئۇنىڭ بۇ مەغلۇبىيىتى ئا ق ش ئارمىيسىنى شىمالىي ئامېرىكىدا مۇتلەق ئۈستۈن ئورۇنغا ئىگە قىلدى. ئا ق ش شۇنىڭدىن باشلاپ ھېچكىم قارشى تۇرالمايدىغان كەڭ ۋە باي بىر دۆلەت بولدى.

1

 

  1. غەربىي يېرىم شاردا ئا ق ش غا خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغان ھەرقانداق كۈچنى يوقۇتۇش

شىمالىي ئامېرىكىنىڭ قولغا كىرىشى بىلەن بىرگە ئا ق ش غا خەۋپ لاتىن ئامېرىكىدىن كەلگەنىدى.  ئەمەلىيەتتە، شىمالىي ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا ئاراللىرى بىر – بىرى بىلەن تۇتاش ئەمەس ئىدى. پاناما ۋە ئوتتۇرا ئامېرىكا چوڭ ئارمىيلارغا يول بەرمەيۋاتماقتا. جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ بىرلىككە كېلىشىنىڭ، بىر ۋۇجۇد سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشى ناھايىتى قېيىن. جەنۇبىي ئامېرىكا خەرىتىسىگە قارىسىڭىز، تەبىئىي توسالغۇ بولۇپ تۇرىۋاتقان يەر شەكلىدىن باشقا، قىتئەدە دەرىجىدىن تاشقىرى ھېچقانداق بىر كۈچنىڭ ۋۇجۇتقا  كەلمەيدىغانلىقىنى كۆرىسىز. قىتئە ئىككىگە ئايرىلغان بولۇپ، بۇ سەۋەپتىن جەنۇبىي ئامېرىكدىكى ھەرقانداق بىر دۆلەت ئا ق ش ئۈچۈن خەۋپ تەشكىل قىلالمايدۇ.

مېكسىكىدىكى قۇرۇقلۇق كۈچلەر بىلەن ياۋروپادىكى كۈچلەردىن كېلەتتى. بۇ سەۋەپتىن مونىرو پىلانى بۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئا ق ش ياۋروپالىقلارنىڭ بۇ يەردە ھەربىي بازا قۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىشتىن خېلى بۇرۇنمۇ، ياۋروپالىقلارنىڭ ستىراتېگىيلىك ئېغۋاگەرچىلىكىنى توسۇپ كەلگەنىدى. ئا ق ش لاتىن ئامېرىكىدا باشقا دۆلەت بازىسى قۇرۇلسا، بۇ يەردىن ئەندىشە قىلىدۇ.

2

  1. ھەر قانداق تاجاۋۇز ئىھتىمالىنى توساش ئۈچۈن دېڭىزلاردا مۇتلەق ئۈستۈنلىكنى ساقلاش

1812 – يىلى ئەنگىلىيە دېڭىز ئارمىيسى چىساپېكىدە قۇرۇقلۇققا چىقتى ۋە ۋاشىنگىتوننى ۋەيران قىلدى. 19 – ئەسىر بويىچە ئا ق ش، ئەنگىلىيىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىكتىكى ئۈستۈنلىكىدىن پايدىلىنىپ ئامېرىكىنىڭ ئوكيانلارغا چىقىش يولىنى قامال قىلىشىدىن ۋە ئا ق ش نى يوقۇتۇشىدىن ئەنسىرەپ كەلدى. بۇ ئادەتتىكى بىر ئەندىشە ئەمەس ئىدى. چۈنكى، ئەنگىلىيە بۇ ئىشقا قاتتىق ئەھمىيەت بېرىۋاتاتتى. ئاساسىي مەسىلە ئامېرىكا – ئىسپانىيە ئۇرۇشىدىن سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىغىچە ساقلانغان كۇبا مەسىلىسى ئىدى.

19 – ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، يەر شارىنىڭ يېرىمىغا ھاكىم بولغان ئا ق ش نىڭ باشقا دۆلەت دېڭىز ئارمىيلىرىنى چېگرالىرىدىن تازىلاش ئۈچۈن دېڭىز يوللىرىنى قولىغا كەلتۈرۈشكە يۈزلەنگەنىدى. ئا ق ش ئالدى بىلەن تىنچ ئوكياندىكى ئۈستۈنلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى. ئىچكى ئۇرۇشتا ئالىياسكىنى قولغا كىرگۈزدى. 1898 – يىلى ھاۋائىي تاقىم ئاراللىرىنى ئۆزىگە قېتىۋالدى. بۇ ئىككى ھەرىكەت بىر دېڭىز ئارمىيە ياردىمىنى توسۇپ، غەربتىن قىتئەگە كىرىش خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئالدى. ئا ق ش ئەنگىلىيىنىڭ ئاجىزلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئاتلانتىك ئوكياندىكى ئۈستۈنلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى ۋە ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرىدا ئەنگىلىيىنىڭ ئا ق ش نىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ، ئاتلانتىك ئوكياندا ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان چوڭ بىر دېڭىز ئارمىيسى قۇردى. بۇ ئارقىلىق ئا ق ش نىڭ  ھەر خىل تاجاۋۇزغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدى ئېلىندى.

 

( ھايات كىتابى، ئەنفال 60 – ئايەتنى ئوقۇپ كۆرۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن )