2- باب  قەدەر رىسالىسى توغرىسىدا

 1.قەدەر رىسالىسىنىڭ نۇسخىلىرى

 1.1 رىسالىنىڭ سەزگۈرەشتىسى

  رىسالىنىڭ بېشىدىن نۇرغۇنلىغان بوران – چاپقۇنلار ئۆتكەنلىكىنى مۆلچەرلەش قىيىن بولمىسا كېرەك. راستىنى ئېيتقاندا، رىسالىنىڭ گۈل – گۈلىستانلىق بىر مۇھىتتا بىزگە قەدەر يېتىپ كېلەلىشى ئىككى سەۋەپتىن بىزنى ھەيران قالدۇردى.

بىرىنجى سەۋەپ، رىسالە زالىم بىر ھاكىمىيەتنىڭ رەسمىي ئىدىئولوگىيسىگە قارشى بىر پاكىت ئىدى. ئاپتۇر ھەسەن ئەلبەسرىنىڭ، ھەر خىل ئېقىملار تەرىپىدىن بۆلۈشۈلەلمىگەن بىر نوپۇزلۇق شەخس بولۇشى رىسالىنىڭ تەسىرىنى تېخىمۇ ئاشۇرماقتا. بۇ ھەممە بالايى – ئاپەتلەرنى رىسالىنىڭ ئۈستىگە تارتىۋاتقان قوشۇمچە بىر سەۋەپ ئىدى. ئىمام ئەلبەسرىنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئەسەرلىرىنى كۆيدۈرىۋەتكەنلىكى ھەققىدە رىۋايەت بار. بۇ رىۋايەتنىڭ توغرا ياكى خاتا ئىكەنلىگىنى نامەلۇم بولغاندەك، توغرا بولغان تەقدىردىمۇ بۇ ئەسەرلەرنىڭ كۆيدۈرۋېتىلشىتىن بۇرۇن باشقىلار تەرىپىدىن كۆپەيتىلىپ – كۆپەيتىلمىگەنلىكنىمۇ بىلەلمەيمىز. مەسىلەن، ئەسەرلىرىنى كۆيدۈرۋەتكەن ئەبۇ ھاييان ئەتتەۋھىدنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ كۆپ قىسمى بىزگە قەدەر يېتىپ كەلگەن. بۇنىڭ باشقا مىساللىرىمۇ بار. دېمەككى، ئاپتۇرنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆيدۈرۋېتىش تەشەببۇسى، ئۇلارنى پۈتۈنلەي يوق قىلىۋېتىشكە يېتەرلىك بولمىغانىدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇنىڭ ئەمەۋى خەلىپىسى ئابدۇلمەلىك بىن مەرۋانغا يازغان رىسالىسىنىڭ بىر نۇسخسىنى ئېلىپ قالغان – قالمىغانلىقىنىمۇ بىلمەيمىز. ئەگەر ئېلىپ قالغان بولسا، بۇ نۇسخىسىنى باشقىلارمۇ كۆپەيتىۋالغان بولۇش ئېھتىماللىقىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ. لېكىن بىزگىچە يېتىپ كەلگەن ھۆججەتلەردىن ۋە بۇ ھۆججەتلەرنى كۆرگەن شاھىتلارنىڭ گۇۋاھلىقىدىن، شۇنى جەزىملەشتۈرەلەيمىزكى، قەدەر رىسالىسىنىڭ بۈگۈن سۇلايمانىيە كۆپرۈلۈ كۇللىياتىدا ساقلانغان مۇئەللىپ نۇسخسىنىڭ بىر كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى ۋە ئۇ نۇسخىسىدىن ئەمەۋى مەمۇرلىرى يىغىنچاقلاپ ئابدۇلمەلىككە ئەۋەتكەن نۇسخسى، ئاياسوفيا كۈتۈپخانىسىدا ساقلانغان قىسقارتىلغان نۇسخىسى قولىمىزدا تۇرۇپتۇ.

ئىككىنجى سەۋەپ، رىسالىنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغاندىمۇ ئېغىرراق بولغان بىر بەخىتسىزلىكى، ھىجرى 2 – ئەسىردە، رىسالە ئوتتۇرىغا قويغان قۇرئانى تەقدىر چۈشەنچىسىنىڭ « قەدەرىيە » ( تەقدىرپەرەستلىك ) مەپكۇرىسى بىلەن چەكلىنىشى ئىدى. چۈنكى قۇرئانغا ئاساسلانغان تەقدىر چۈشەنچىسى، رىۋايەت كۈلتۈرى ئارقىلىق توقۇپ  چىقىرىلغان تەقدىر چۈشەنچىسى بىلەن تۈپتىن قارمۇ – قارشى ئىدى. رىسالىنىڭ ئىزىنى نېمە ئۈچۈن مەلۇم مەزگىل يوقۇتۇپ قويدۇق؟ بۇ سوئالنىڭ جاۋابى ئۈستىدە ئىزدىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. بەزىلەر تەرىپىدىن « خەتەرلىك » دەپ قارا سۈركىلىپ، « قەدەرىيە » ئىسمى بىلەن يامان كۆرسىتىلگەن بىر چۈشەنچىنى ئوتتۇرغا قويغان « رىسالە »نىڭ،  بېشىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ مەيدانلاردا غالىبانە مېڭىشىنى خىيال قىلىش بىر ساددىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. دېمىسىمۇ شۇنداق بولدى ۋە رىسالە ئەمەۋى ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ھەر تۈرلۈك بېسىملىرى سەۋەبىدىن ئۆزىنى دالدىغا ئالدى. ئاساسەن ھاكىمىيەتكە يېقىن كالامچى ئېقىمنىڭ، ئۆزلىرىنىڭ چۈشەنچىسىگە زىت بولغان ئەسەرلەرنى يوق قىلىشتىكى ماھارىتى « قەدەر رىسالىسى » بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىغانىدى. مەسىلەن، ئىبن نەدىم « ئەلفىھرىست » ناملىق ئەسىرىدە مەشھۇر مۇخالىپ ۋە مۇتەزىلى ئىمام غەيلان بىن مۇسلىمغا ئائىت 2000 بەتلىك ئەسەرنىڭ بارلىقىدىن خەۋەر بېرىدۇ. ئەپسۇسكى ئۇلاردىن بىزگە بىرەر بەتمۇ يېتىپ كەلمىگەن. ھەيران قالارلىقى شۇكى، ئەسەرلىرى يوق قىلىۋېتىلگەن كىشىلەرنىڭ پىكىرلىرىگە قارىتا، ھەرخىل تەنقەدلەر فىراق ۋە مىلەل – نىھال ( دىنلار ۋە مەزھەبلەر ) كىتاپلىرىدا كۆپلىگەن ئورۇندا تېپىلماقتا.

رىسالىنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ ئىككى مۇسىبەتكە قارىماي، ھىجرى 3 – ئەسىردە ئىمالىق رەۋىشتە بولسىمۇ ئۇنىڭ بەزى ئىزلىرىنى ئۇچرىتىمىز. رىسالىنى ئىما يولى شىپى كەلتۈرگەن شەخس، « فادلۇلئاراپ ئەلەلئەجەم ( ئەرەپنىڭ غەيرى ئەرەپتىن ئۈستۈنلىكى ) » ناملىق ئەسەرى بولغان ئەرەپچە يازغۇچىمىز ئىبنى قۇتەيبە ئەد دىنەۋەرىدۇر ( 213 – 276 ). « ئەل مائارىپ » ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتۇر ئىبنى قۇتەيبە، ھەسەن ئەلبەسرى ھەققىدە « تەقدىر توغرىسىدا بىر نەرسە دېگەن ئىدى ( وكان تكلم في شيء من القدر ) » دېگەن ۋە ئارقىدىن « كېيىن ئۇ پىكرىدىن ۋاز كەچكەن » دەپ قوشۇپ قويغان. ئىبنى جەرىر ئەتتابەرى ( ت. 310 ) تارىخ ھەققىدىكى ئەسىرىدە « ھەسەن ئەلبەسرى قەدەرىيە چۈشەنچىسىنى قوللايتتى ( كان يقول بقول القدرية ) » دەيدۇ. بۇ دارىتمىلارنى، ھىجرى 3 – ئەسىردىكى يازغۇچىلارنىڭ رىسالىگە قارشى ئېلىپ بارغان ئۈستى يېپىق دارىتمىلىرى دەپ قارىساق بولىدۇ.

بۇ ئۈستى يېپىق دارىتمىلار بىلەن رىسالىنىڭ مۇناسىۋىتىنى كۆرمەسكە سالساقمۇ، كۆپ ئەگرى – توقاي يوللارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن رىسالىنىڭ، مەزكۇر دەۋرلەردىكى كىتاپلاردا قەيت قىلىنغانلىقتىن ئىبارەت پاكىتى كۈنىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن. رىسالىنى تۇنجى قېتىم ھىجرى 3 – ئەسىرنىڭ 2 – يېرىمىدا ۋە 4 – ئەسىرنىڭ بېشىدا ياشىغان ئەبۇلقاسىم ئەلبەلخىي ئەلكائىبى (ۋاپات. 319 )نىڭ « ماقالەتۇن ئىسلامىييىن » ناملىق ئەسىرىدە ئۇچرىتىمىز. بۇ ئەسەر قازى ئابدۇلجاببار ( ۋاپات. 415 )نىڭ « فادلۇل – ئىتىزال » ناملىق  ئەسرىنىڭ پايدىلىنىش  مەنبەلىرىدىن بىرى ئىدى.

ھىجرى 4 – ئەسىر مۇئەللىپلىرىدىن ئىبن نەدىم ( 385 / 995 ) مەشھۇر مونوگراپىسى « ئەلفىھرىست » تە رىسالىنىڭ ئسمى ۋە جىسمى ھەققىدە توختالغان. لېكىن باشقا نۇرغۇنلىغان كىتاپلارنى تىلغا ئالغاندا، مەزكۇر ئەسەرلەرنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە تولغان بولسىمۇ، لېكىن « قەدەر رىسالىسى »نىڭ مەزمۇنى ھەققىدە توختالمىغان. رىسالە ھىجرى 4 – ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا قازى ئابدۇلجاببار نىڭ« فادلۇل- ئىتىزال » ناملىق ئەسىرىدە قىسقىچە ئىزاھلىنىپ ئۆتۈلگەن ( فۇئاد سەيىد تەرىپىدىن « فادلۇل – ئىتىزال ۋە تەباقاتۇل مۇتەزىلە » ( تۇنىس،  1974) ئىسمى بىلەن 3 ئەسەر بىرلىكتە نەشىر قىلىنغان. بۇلار،1- ئەبۇلقاسىم ئەلبەلخينىڭ « ماقالاتۇن ئىسلامىييىن / زىكرۇلمۇتەزىلە ». 2 – ئەلقازى ئابدۇلجاببار، « فادلۇل-ئىتىزال / تەباقاتۇل مۇتەزىلە ». 3 – ئەلھاكىم – ئەلجۇشەمنىڭ 11 – تاباقاتىدىن كېيىنكى بىر زەيلى. زەيىل – بىر يازغۇچىنىڭ باشقا بىرىنىڭ ئەسىرى ھەققىدە يازغان ئەسىرى ). ئادالەت ۋە تەۋھىد ئەھلى ( مۇتەزىلە )نىڭ ئاخىرقى ئاتاقلىق ئالىملىرىدىن بىرى بولغان قازى ئابدۇلجاببار رىسالىنىڭ ئەلبەسرىگە ئائىت ئىكەنلىگىدىن ھېچ ئىككىلەنمەيدۇ. ئۇ ئەسىرىدە رىسالە ئۈچۈن 4 ۋاراقلىق ئورۇن بەرگەن. دەسلەپكى قاراشتا ئۇزۇن بىر نەقىلدەك كۆرۈنىدىغان بۇ تىكىىستنى ئىچكىرلەپ ئوقۇغاندا، ئۇنىڭ  رىسالىنىڭ شەرھىسى ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. چۈنكى ئەسلى تېكىستتە دەلىل سۈپىتىدە ئىشلىتىلمىگەن نۇرغۇن ئايەت بۇ تېكىستتە تىلغا ئېلىنغان. نەقىلنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پاراگرافىدا، رىسالىدە دېدىكى  دەپ سۆز باشلىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ  پاراگراف رىسالىنىڭ ئانا ۋە قىسقارتىلغان نۇسخىللىرىدا ئورۇن ئالمىغان. رىسالىنىڭ كۈنىمىزدىن 1000يىل ئاۋۋال قولدىن – قولغا ئۆتۈپ تۇرغانلىقى، بۇ ئارقىلىق بىلەن مۇقەررەرلەشكەن بولدى.

ئەلھاكىم مۇھسىن بىننى كارامە ئەلبەيھەقى ئەلجۇشەمى ( 431 – 494 ) « شەرھۇل – ئۇيۇن » ناملىق ئەسىرىدە رىسالىنىڭ بىر قىسقارتىلغان مەزمۇنىنى بايان قىلغان. ئېھتىمال جۇشەمى پايدىلانغان ئەسەرمۇ، قازى ئابدۇلجاببارنىڭ ئەسىرى ئىدى.

« ئەلمىلەل ۋەن نىھال» نىڭ ئاپتۇرى شەھرىستانى ( ۋاپات، 548/1076 ) « ۋە رائەيتۇ رىسالەتەن » دەپ رىسالىنى كۆرگەنلىكىنى ئېيتىدۇ. بىراق « كۆردۈم » دېگەن رىسالىنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە ئېغىزغا ئالغۇدەك بىر نەرسە تىلغا ئالمىغان. ئۇ رىسالىنىڭ مەۋجۇتلىقى ۋە ياشىغان دەۋرىگە مەنسۇپ ئىكەنلىگىنى قوبۇل قىلغان. يىگانە ئېتىرازى رىسالىنىڭ ھەسەن ئەلبەسرىگە ئائىت ئەمەس، بەلكى « ۋاسىل بىن ئاتاغا ئائىت بولسا كېرەك ( ۋەلا ئاللەھا لى ۋاسىل بىن ئاتا ) » دەيدۇ، لېكىن بۇ ئېتىرازىغا مۇۋاپىق بىر پاكىت ئوتتۇرىغا قويمىغان. سەۋەپ سۈپتىدە پەقەت شەھرىستانىمىزنىڭ « مەزھەپچىلىكتىن » باشقا بىر دەلىلى يوق. رىسالىنىڭ ئىشەنچىلىكلىكى ھەققىدىكى بۆلۈمدە بۇ تېما توغرىسىدا قايتا توختىلىمىز.

يەمەنلىك ئالىم ئىبنۇل مۇرتەزا ( ۋاپات. 840/1437 )نىڭ « ئەلمۇنىيە ۋەلئەمەل » ناملىق ئەسىرىدە، رىسالىنىڭ تېكىستى ھەققىدە بىر قەدەر كەڭ دائىرىدە توختالغان ( ئەھمەد بىننى يەھيا ئەلمۇتەزانىڭ كىتابۇلمۇنىيە ۋەلئەمەل فىشەرھى كىتابىل مىلەل ۋەننىھەل ئىسىملىك ئەسىرى، توماس ئارنۇلد تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان، دائىرەتۇلمەئارىفىن نىزامىيە. ھايدارئابات / دەككان 1316/1903 ). بىراق بۇ تېكىست ھازىر سۇلايمانىيە كۆپرۈلۈ كۇتۇپخانىسىدا ساقلىنىۋاتقىنى ھەسەن ئەلبەسرىگە مەنسۇپ ئەسەر ئەمەس، بەلكى ئاياسوفيادا ساقلىنىۋاتقان ئەمەۋى خادىمىنىڭ يازغان مەكتۇپىدا قىسقارتىلغان تېكىستىدۇر. « ئەلمۇنىيە »نىڭ ئاپتۇرى رىسالىنى يىغىنچاقلىغان ئەمەۋى خادىمىنىڭ ھەججاج ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىغان بولسا كېرەك، كىتابنىڭ بېشىدا رىسالىنى تۇنۇشتۇرۇپلا مۇنداق دەيدۇ : « ھەججاج ھەسەنگە مۇنداق دەپ يازدى: تەرىپىڭدىن بىزگە تەقدىر ھەققىدە بىر نەرسىلەر يېتىپ كەلدى، بىزگە بۇ ھەقتىكى چۈشەنچىلىرىڭنى يازغىن! ». بۇنىڭغا بىنائەن ھەسەن ئۇنىڭغا ئۇزۇن بىر مەكتۇپ يازدى ». بىز بۇ يەردە ئۇ مەكتۇپ توغرىسىدا تەپسىلى توختىلىمىز ( ئەلمۇنىيە. 112 ). « ئەلمۇنىيە »نىڭ 1903 – يىلى نەشىر قىلىنغان نۇسخسى ئارقىلىق قىسمەن كەمچىل بولغان نۇسخىسىغا ئېرىشتۇق. بىراق ھازىر سۇلايمانىيە كۆپرۈلۈ كۇتۇپخانىسىدا يورۇقلۇققا چىقىشنى كۈتۈپ تۇرغان ئاپتۇر ( ھەسەن ئەلبەسرى ) نىڭ قوليازما ئەسىرى بىلەن يۈز كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئارىدىن يەنە 30 يىل ئۆتۈشكە توغرا كېلەتتى.

رىسالىنى ئىستانبۇل كۇتۇپخانلىرىنىڭ توپا باسقان تەكچىلىرىدىن تېپىپ يورۇقلۇققا چىقىرىش شەرىپىنىڭ، بۇ مەملىكەتتە يېتىشىپ چىققان بىر ئالىمغا نېسىپ بولىشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتۇق. ئەپسۇسكى ئۇنداق بولمىدى. بۇ شەرەپ نېمىس شەرقشۇناس ھەلمۇت رىتتەرگە مەنسۇپ بولدى. رىتتەر رىسالە نۇسخىلىرىنى سېلىشتۇرۇپ ئوقۇپ چىققان ۋە 1933- يىلى گىرمانىيىدە « دەر ئىسلام » ژورنىلىدا رىسالىنى نەشىر قىلغان. رىتتەر يورۇقلۇققا چىقارغان ھەسەن ئەلبەسرىنىڭ قەدەر رىسالىسى، لۇتفى دوغان ۋە ياشار قۇتلۇئاي تەرىپىدىن تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنىپ ئەنقەرە ئۈنىۋېرسىتېتى ئىلاھىيەت پاكۇلتېتى ژورنىلىدا نەشىر قىلىنغان ( ئەنقەرە،  1954 ).

رىتتەرنىڭ بۇ چوڭ ئەمگىكىنى تەقدىرلىمەسلىك مېھنەت ۋە ئەمگەككە ھۆرمەتسىزلىك بولىدۇ. لېكىن بىز تېخىمۇ مۇكەممەلرەك بىر تېكىست روياپقا چىقىسۇن دەپ، شەرھ قىلىشتا بىۋاستە كۆپرۈلۈ كۇتۇپخانىسىدىكى نۇسخىنى ئاساس قىلدۇق. بۇنىڭ سەۋەبى، رىتتەر ئېلان قىلغان نەشرى بەزى قۇسۇرلاردىن خالى بولالمىغان. رىتتەر كونىراپ كەتكەن، كونا ھەمدە بەزى ئورۇنلىرى تىل جەھەتتىن خاتا بولغان قوليازما نۇسخىسىدا ئوتتۇرىغا چىققان مەسلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، كۆپ تەر ئاققۇزۇپ ئەجىر سىڭدۈرگەن ۋە كۆپىنچە مەسىلىنى ھەل قىلغان. بىراق رىتتەرنىڭ تېكىستتىن كېلىپ چىققان بەزى مەسلىلەرنى ھەل قىلالمىغان ياكى خاتا كېتىپ قالغان تەرەپلىرىنىڭ بولۇشى نورمال بىر ئەھۋال. دېمىسىمۇ رىتتەردىن تېكىستىكى بارلىق  مەسىللەرنى ھەل قىلىشىنى كۈتۈش ئەخمەقلىق بولىدۇ. مەن ئۈچۈنمۇ شۇنداق. رىتتەر نەشرىدە ساقلانغان مەسلىلەرنى تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە نوقتىغا يىغىنچاقلاش مۇمكىن:

  1. ئوقۇش نوقتىسىدىن قوليازمىدىن كېلىپ چىققان مەسلىلەر. مەسىلەن، بىزنىڭچە ئېھتىمالەن كۆچۈرۈپ يازغان كىشىنىڭ سەۋەنلىكى تۈپەيلى كېلىپ چىققان خاتا ئىملالار شۇ پېتى ئېلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا مۇئەللىپ ياكى كۆچۈرۈپ يازغۇچىنىڭ سەۋەنلىكىدىن سادىر بولغان سۆزلەرنىڭ ۋە قوشۇمچىلارنىڭ چۈشۈپ قېلىش ئەھۋاللىرى تۈزىتىلمىگەن. بۇنىڭدا نەشىر قىلىنغاندا تېكىسىت مەزمۇنىدىن زىيادە، ئەسەرنى يورۇقلۇققا چىقىرىش ۋە نەشىر قىلىشقا بەكرەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكى مۇھىم رول ئوينىغان بولسا كېرەك.
  2. نەشىر قىلغۇچىنىڭ ئۆزىدىن كېلىپ چىققان ئوقۇش خاتالىقلىرى. قىسمەن ئورۇنلاردا خاتا ئوقۇپ قېلىش، ئالقشلاش كېرەك بولغان يەرلەردە ئالقىشلىماسلىقتەك مەسلىلەر كۆرۈلمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تېكىست ئۆز ۋاقتىدا قىزىل رەڭ بىلەن يېزىلغانلىقى ئۈچۈن، زاماننىڭ ئۆتىشى بىلەن ئۆچۈپ كەتكەن سۆزلەردىن بەزىلىرىنى كۆزدىن قاچۇرۇپ قويغان ۋە يوق دەپ ھېسابلانغان.
  3.  بىر – بىرىدىن ئايرىم بولغان ئىككى مەكتۇپنى بىر – بىرىنىڭ پەرىلىق نۇسخسى دەپ قارىغان. رىتتەر ئايا سوفىيا نۇسخسىنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئوخشاش مەنبەدىن ئېلىنغان ئىبنۇل مۇرتەزانىڭ « ئەلمۇنىيە » سەرلەۋھىلىك ئەسىرىنى، كۆپرۈلۈ نۇسخسىنىڭ بىر خىل قىسقارتىلمىسى دەپ چۈشۈنۈپ قالغان، ھەمدە ئىككى تېكىسىت ئوتتۇرىسىدىكى دەرىجە مۇناسىۋەتنى پەرىقلەندۈرەلمىگەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ نۇسىخىلارنى سېلىشتۇرۇپ ئوقۇغان. ھالبۇكى، بۇلار بىر كىتاپنىڭ ئىككى خىل نەشىرى ئەمەس. كۆپرۈلۈ نۇسخىسى بولسا ھەسەن ئەلبەسرىنىڭ « قەدەر رىسالىسى »، ئايا سوفىيا نۇسخىسى ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان « ئەلمۇنىيە »نىڭ قىسقىچە ئىزاھاتى بولسا، ھەججاج تەرىپىدىن قەلەمگە ئېلىنغان ۋە ئەلبەسرىنىڭ رىسالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رىسالىدۇر. ھەججاجنىڭ مەكتۇبىدا ئەلبەسرىنىڭ رىسالىسىدىن 6 پاراگراف نەقىل قىلىنغان بولۇپ، بۇ تەخمىنەن رىسالىنىڭ تۆتتىن بىرىگە تەڭ كېلىدۇ.

بۇ سەۋەپتىن بىز شەرھىنى يېزىشتا، رىتتەر نەشىر قىلغان نۇسخىسىنى ئەمەس، قول يازما نۇسخىسىنى ئاساس قىلدۇق. شۇنداقتىمۇ رىتتەرنىڭ بۇ ئەمگىكنىڭ بىزگە كۆپ پايدىسى بولدى. ئۇنىڭ خاتا ئوقۇغان جايلىرى بىزگە توغرا يولنى كۆرسەتتى. مەن بۇنى ئېتىراپ قىلىشنى ئەخلاقى ۋەزىپە دەپ بىلىمەن. يەنە بىر ئەخلاقى مەسئۇلىيىتىمىز بولسا، بىز تېكىستنى يەشكەندە بىلمەستىن خاتا كېتىپ قېلىش ئېھتىماللىقىمىزنىڭ بولۇپ قېلىشىنى باشتىلا ئېتىراپ قىلىش. ئەڭ چوڭ تەسەللىمىز، ئەھلى ھامىيەت ئىلىم ئىگىللىرىنىڭمۇ بىزدىن سادىر بولغۇسى مۇھتەمەلەن قۇسۇرلىرىمىزنى تۈزىتىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىمىز.

يۇقىرىدىكى ئىزاھاتلار ئاساسىدا، تېكىست تەرجىمىسىنىڭ خېلى كۆپ جايلاردا ئوخشىماسلىققا ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئالدىنئالا ئەسكەرتىپ قويۇشنى زۆرۈر دەپ قارايمىز. قولىمىزدىكى دوغان – قۇتلۇئاي تەرجىمىسىدە كۆرۈلگەن مەسلىلەر تېكىستتىن ئەمەس، تەرجىمە قىلىشتا سادىر بولغان مەسلىلەر بولۇپ، تەرجىمىدە نۇرغۇن خاتالىقلار ساقلانغان.

مەسىلەن رىىسالىنىڭ باشلىنىشىدىلا يەر ئالغان « فە ئىننى ئەھمەدۇ ئىلەيكەللاھۇ » ئىبارىسى، « زاتىدىن باشقا ئىلاھ بولمىغان تەڭرىگە ھەمدۇ – سانا ئېيتىمەن » دەپ تەرجىمە قىلىنغان. ھالبۇكى بۇ جۈملە ئەرەپچىدە قېلىپلاشقان بىر ئىپادە بولۇپ، ئەسلى مەنىسى « ساڭا ئاتا قىلغان لۇتفى ( ئىنئامى ) ئۈچۈن ئاللاھ قا ھەمدۇ – سانا ئېيتىمەن » دېگەنلىكتۇر. يەنە مەسىلەن، تۆۋەندىكى پارچىگە قاراپ باقايلى:

لان ذلك بزعمهم ليس منهم ولا اليهم ولكنه شيء عمل بهم

ولكان الله قال فيما ذكر من جزائهم جزاءً بما ]لم يعمل[ بهم وجزاء بما

كتبت لهم ، ولما كان قال :»جزاءبما كانوا يعملون»

بۇ تېكىست مۇنداق تەرجىمە قىلىنغان : « ئۇلار سادىر قىلغان بىر ئىش بولغانلىقتىن، ئاللاھ بۇ ھەقتە گەپ قىلغان ۋە جازالىرىنىڭ، قىلغانلىرىنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە ئۇلارغا پۈتۈلگەنلىگىنى مۇنداق ئىپادىلىگەن، » بۇلار قىلغانلىرىنىڭ جازاسىدۇر » (سۈرە ۋاقىئە 24-ئايەت). بۇ تەرجىمىنىڭ تېكىست بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى ئىپادىلەش ھاجەتسىز.

تەرجىمىدە مۇشۇنىڭغا ئوخشايدىغان باشقا تەرجىمە خاتالىقلىرىمۇ بار. بۇلارنى كۆپتۈرۈش توغرا بولمىغاندەك، كۆرمەسكە سېلىشمۇ ئىلمىي ئىش ئەمەس. ئىككى تەرجىمىنى بىر – بىرى بىلەن سېلىشتۇرالايدىغان ئۇستىلار، بۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پەرىقنى بايقىيالايدۇ.

تەرجىمانلار كۈچىنىڭ يەتكىنىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى ئەيپلىگىلى بولمايدۇ. 57 يىللىق بۇ تەرجىمىدىن كېيىن، يەنە باشقا بىر تەرجىمىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقمىغانلىقى، ئەسلىدە ئەيىپلىنىشكە تېگىشلىك بولغان بىر ئىش. بۇنى قويۇپ تۇرايلى! بۇ ئەمگەك ئۈچۈن، دۇنيادا پەقەتلا بىزنىڭلا قولىمىزدا ساقلىنىۋاتقان قول يازما نۇسخىسىدىن يېڭى بىر تەرجىمە روياپقا چىقمىدى. ھېچ بولمىسا، رىتتەرنىڭ نەشىر قىلدۇرغان نۇسخىسىدىن تەرجىمە قىلىنغان بولسىمۇ بولاتتىغۇ؟ ئۇمۇ ۋۇجۇتقا چىقمىغانلىقتىن يېرىم ئەسىردىن كۆپراق  ۋاقىتتىن بۇيان، دوغان – قۇتلۇئاي تەرجىمىسى ئۇيەر – بۇيەردە « چىكىتىمۇ ئۆزگەرتىلمەستىن » نەقىل قىلىنىۋاتىدۇ. ئەڭ ئاددىسى ئايەتلەرنىڭ نۇمۇرىدا كۆرۈلگەن خاتالىقلارنى بولسىمۇ تۈزۈتۈپ قويۇش ئەقلىگە كەلمەيۋاتىدۇ.

كۆپرۈلۈ نۇسخىسىنىڭ يېڭى بىر نەشىرى ئۈچۈن تا  بۈگۈنگىچە، بىرەر خىزمەتنىڭ ئېلىپ بېرىلمىغانلىقىنىڭ ئىزاھاتى يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە  رىتتەر نەشىرىگە ئاساسلىنىپ ئىشلەنگەن دوغان – قۇتلۇئاي تەرجىمىسىنىڭ چىكىت – پەشلىرىگىمۇ تەگمەي نۇرغۇن قېتىم نەشىر قىلىنىشىنى تېخىمۇ ئىزاھلىغىلى بولمايدۇ.