2.4. ھەسەن ئەلبەسرىنىڭ سىياسىي مۇخالىپەت ئۇسلۇبى

 قەدەر رىسالىسى مۇئەللىپىنىڭ ھاكىمىيەت زۇلۇمىغا قارىتا تۇتقان مۇخالىپەت ( ئۆكتىچىلىك ) چۈشەنچىسىنى، كۈنىمىز تەبىرى بىلەن ئېيتقاندا « ئاممىۋى ئىتائەتسىزلىك » ياكى « پاسسىپ قارشىلىق كۆرسىتىش » دېگەن ئۇقۇملار ناھايىتى ياخشى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. ئەلبەسرى قورققانلىقىنى يوشۇرمايدىغان دەرىجىدە دۇرۇست، قورقۇسىغا ئەسىر بولمايدىغان دەرىجىدە پىرىنسىپچان كىشى ئىدى.

ئۇ قورققانلىقىنى يوشۇرمايتتى. بۇنىڭغا ئۆرنەك سۈپىتىدە ئىبنى ھاجەر ئەلھەيتەمەنىڭ « فەتەۋا » ناملىق ئەسىرىدە، ھەدىسچى ئەلمىززىدىن نەقىل قىلغان شۇ تىپىك مىسالنى بايان قىلىشقا بولىدۇ. ئەلبەسرىدىن : « سەن رەسۇلۇللاھنى كۆرمىگەن تۇرۇپ، نېمە ئۈچۈن شۇ ھەدىسنى نەبىدىن ئىشىتتىم دېيەلەيسەن؟ نەبىدىن ئاڭلىدىم دېيىشىڭ ئۈچۈن سەن ئۇنى كۆرگەن بولىشىڭ لازىم » دەپ سورالغان. ھەسەن ئەلبەسرى بۇ سوئالغا : « مەن شۇنداق دېگەن بارلىق رىۋايەتلەردە، ئەلى ئىبنى ئەبى تالىپنى نەزەردە تۇتۇپ تۇرۇپ ئېيتتىم. مەن، ئەلىنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىشنىڭ ئۆزىلا، ھاياتى خەۋىپ ئېلىپ كېلىش ئىھتىماللىقى بار بولغان شۇنداق بىر زاماندا ياشىۋاتىمەن » دەپ جاۋاپ بەرگەن.

ئىبن ساد ۋە تابارنىڭ نەقىل كەلتۈرۈشىچە، ھەدىسچى تالىپلىرىدىن ئەييۇب ئەسساخىتيانى مۇنداق دەيدۇ : « ھەسەننىڭ يېنىغا كەلدىم، ئۇنىڭ بىلەن قەدەر توغرىسىدا مۇنازىرلەشتۇق. ئاخىرىدا ئۇنىڭغا ھاكىميەت بىلەن تەھدىت قىلدىم ( ھاددەستۇھۇ بىس سۇلتان ). شۇنىڭ بىلەن ئۇ، بۇنىڭدىن كېيىن بۇ ھەقتە ھەرگىز ئېغىز ئاچمايمەن ( لا ئەئۇدۇ فىھى بادەل يەۋم ) » دېدى.

ئەگەر بۇ ۋەقە توغرا بولسا قورققان بىر قېتىم، قورقۇتقان كىشى ئىككى قېتىم ئەيىبلەشكە ئۇچرىغان بولىدۇ.

ھەسەن ئەلبەسرىنى قورقۇتقان ئامىل، گۇۋاھ بولغان ھايات تەجرىبىسى ئىدى. ئۇستازلىرىدىن، دوسىت – يارەنلىرىدىن، ھەتتا تالىپلىرىدىن نۇرغۇنلىرى ھاكىميەت تەرىپىدىن قەتلى قىلىنغان، قېيىن – قىستاقلارغا دۇچ كەلگەن، خورلانغان، پالانغان، ئائىلىسى خانىي ۋەيران قىلىنغان ئىدى. گۇۋاھ بولغان بۇ ھايات تەجرىبىلىرى، كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرى ئۇنىڭ ھاكىميەتنىڭ زۇلۇمىغا قارشى تەدبىر ئېلىشىغا تۈرۈتكە بولغان. ئۇنىڭ ئالغان تەدبىرلىرىدىن بىرسى « ئىھتىيات قىلىش » مەنىسىدىكى تەقىييە ئىدى.

ئىمام ئەلبەسرىنىڭ مۇخالىپەت ئۇسلۇبى تەقىييە، « ئىھتىيات قىلىپ ئۆزىنى دالدىغا ئېلىش »نى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. ئۇ قۇرئاندىكى « تەقىييە » رۇخسىتىنى ئىزاھلىغاندا، « تەقىييە قىيامەتكە قەدەر باقىيدۇر » دەيتتى. ئۇ، « پەۋقۇلاددە ئەھۋاللاردا ۋە خەۋپ ئاستىدا، ھەقىقىي ئېتىقادىنى يوشۇرۇپ، ئۆزىنى دالدىغا ئېلىش » مەنىسىنى ئىپادىلەيدىغان تەققىيەگە بىر نەچچە قېتىم مۇراجەت قىلغان ئىدى. ئۇنىڭ بىلەن زامانداش نۇرغۇنلىغان ئالىملار دۇچار بولغان ئەمەۋى زۇلمىدىن، ئۆزىنى تەقىييە ۋەسىلىسى بىلەن ساقلاپ قالالىغان ئىدى.

ئۇ دەۋىر تاغ – تاشلارمۇ قورقۇنۇچتىن نېسىۋىسىنى ئالغان بىر زامان ئىدى. ئۆز ۋاقتىدىكى ئالىملاردىن ئەبۇ ۋائىلە ئىياس بىننى مۇساۋىدىن بىر كىشى : « سەن ھەقنى بىلىپ تۇرۇپ نېمىشقا قەدەر توغرىسىدىكى چۈشەنچەڭنى يوشۇرىسەن؟ » دەپ سورىغاندا، « مەن جەيلان بىلەن كۆرۈشكەن ۋە ھەقنى، ئادالەتنى كۆرگەنىدىم. بىراق، ئۇنىڭغا ئوخشاش كىرىسقا مىخلىنىشنى خالىمايمەن » دەپ جاۋاب بەرگەن.

يەنە يۇقىرىدىكى نەقىل بايان قىلىنغان مەنبەدە مۇنداق بىر ۋەقەلىك نەقىل قىلىنىدۇ. ئۆز ۋاقتىدا ئالىملاردىن ئامر بىننى دىنار، بىر ئالىمنىڭ پۇت – قولى يەرگە تەككۈزۈلمەي ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى كۆرۈپ، جىنايىتىنىڭ قەدەر توغرىسىدا دۆلەت ئىدىئولوگىيسىگە قارشى گەپ قىلغانلىقى ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپىدۇ. ئامر بىننى دىنار : « ياخشىلىقنىڭ ئاللاھ تىن، يامانلىقنىڭ ئىنساندىن ئىكەنلىكىنى ئېيتماپتىمۇ؟ » دەپ سورايدۇ. سوئالىغا « شۇنداق، ئېيتىپتۇ » دېگەن جاۋاپنى ئالغاندا، « ئۇ ھەققە سىلەردىن بەكراق يېقىن » دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەتراپىدىكىلەر : « ئۇنداق بولسا بۇ چۈشەنچەڭنى نېمىشقا ئوچۇق – ئاشكارا ئىپادىلىمەيسەن؟ » دەپ سورىغاندا، ئامرنىڭ جاۋابىمۇ يۇقىرىدىكى بىلەن ئوخشاش بولغان. يەنى : « ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەرنىڭ مېنىڭمۇ بېشىمغا كېلىشىدىن ئەنسىرەيمەن» ( فەدلۇل ئىتىزال، 327 – 333 ).

ئەلبەسرى شۇنچە ئېھتىياتچان بولۇشىغا قارىماي، ۋاقتى كەلگەندە ھەقنى سۆزلەشتىن باش تارتمىغان. ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىش، ئۆلۈمگە كۆكرەك كىرىش بولۇپ قالغان بىر زامانلاردا، ئۇ دادىللىق بىلەن « ئۇ ( ھەزرىتى ئەلى ) بۇ ئۈممەتنىڭ رەببانىسىدۇر » دېگەن. ھەزرىتى ئەلى شېھىد قىلىنغاندا، ئۇ تېخى 20 ياش چامىسىدا ئىدى. بىراق ئىبنۇل جەۋزى نەقىل قىلغان بۇ سۆزلىرى، ئۇنىڭ يېشىغا قارىغاندا ئىلىمدە يۇقىرى سەۋىيىسىگە يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ : « قەسەم قىلىپ ئېيتىمەنكى، ئاللاھ نىڭ ئوقلىرىدىن بىر ئوقنى يۇقۇتۇپ قويدۇڭلار. ئۇ ھەرگىزمۇ ئاللاھ نىڭ ئەمرىگە قارشى ئىش قىلمىدى. ئەكسىچە مەيلى ئۆزىنىڭ زىيىنىغا بولسۇن، مەيلى ئۆزىگە پايدىلىق بولسۇن، دائىم قۇرئاننىڭ بارلىق ھۆكۈملىرىگە بىرمۇ – بىر ئەمەل قىلدى ».

ھەسەن ئەلبەسرىنىڭ مۇخالىپەت چۈشەنچىسى، كۈچ ئىشلىتىشنى رەت قىلغان بىر ئۇسلۇب ئىدى. ئۇ ئۆزگۈرۈشنىڭ قورال ئارقىلىق ئەمەس، ئىسلاھى – ھال( توپلۇمنىڭ ئۆزگۈرۈشى ) بىلەن ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. شۇڭا توپلۇمنىڭ ئۆزگۈرۈش سۈننىتىنى ئىپادىلىگەن تۆۋەندىكى ئايەتنى كۆپ ئوقۇيتتى:

« مۇھەققەقكى، ھەر قانداق بىر قەۋم ئەزالىرى ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە، ئاللاھ ئۇ قەۋمنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ » ( سۇرە رەئىد سۈرىسى، 11 – ئايەت ).

ئۇ ئۆز دەۋرىدىكى ئاۋامنىڭ، ئۆز ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىش ھەققىدىكى ئىرادىسىنى كۈچلۈك ئەمەس دەپ قارايتتى. ھەتتا، زالىم ھۆكۈمرانلارنى، ئاللاھ ئۇ قەۋمگە قارىتا بىر جازا ۋە بالايى – مۇسىبەت سۈپىتىدە مۇسەللەت قىلغان دەپ قارايتتى. ئۇنىڭ بۇ چۈشەنچىسىنى ئىبنۇل جەۋزى نەقىل قىلغان تۆۋەندىكى ۋەقەدىن بىلەلەيمىز:

« ھەسەن، زالىم ھەججاجقا بەددۇئا قىلىۋاتقان بىر ئادەمنى كۆردى ۋە مۇنداق دېدى: ئۇنى ھۆكۈمران قىلغان سىلەر ئۆزەڭلا ئەمەسمۇ؟ ھەججاج بىر كۈنى ئۆلسە ياكى ئەمىلىدىن ئېلىپ تاشلانسا، ئۇنىڭدىنمۇ بەتەر مايمۇن ياكى توڭگۇز مىجەز بىرسىنىڭ ئۇنىڭ ئورنىغا چىقىشىدىن ئەنسىرەيمەن. رەسۇلۇللاھنىڭ » ئەمەللىرىڭلار قانداق بولسا، سىلەرنى باشقۇرىدىغانلارمۇ شۇنداق بولىدۇ. سىلەر نېمىگە لايىق بولساڭلار، شۇنداق باشقۇرۇلىسىلەر » » دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ ».

ئەلبەسرى، مالىمانچىلىق ۋە بىر ھاكىمىيەتتىن مەھرۇم بولۇپ قېلىشنى، ئەڭ زالىم ھاكىمىيەتتىنمۇ خەتەرلىك دەپ قارايتتى. ئۇ ئېيتىدۇكى : « ھۆكۈمدارلار بولمىسا خەلق بىر – بىرىنى يەيدۇ ». ئۇ ياشىغان دەۋردە كۈچلۈك بىر ھاكىمىيەتنىڭ بولماسلىقىدىن كېلىپ چىققان سەلبىي ئەھۋاللار، ئۇنى بۇ چۈشەنچىگە كەلتۈرۈپ قويغان ئىدى. دۆلەتنىڭ زۇلمىدىن قاخشىغان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ، ھاكىمىيەت نوقتىسىدىن ئاجىزلىق كۆرۈلگەن ھامان، ئۆزلىرى شىكايەت قىلىۋاتقان زۇلۇمدىن بەتەررەك زۇلۇملارنى سادىر قىلغانلىقىغا شاھىت بولغان بولسا كېرەك.

بۇنىڭغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئەھۋاللارنى، ئۇنىڭ دەۋردىكى بەزى ئىسيانلاردا كۆرىمىز. زالىم ھاكىميەتكە قارشى قوزغالغانلار، ئۆزلىرىنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى جايلاردا ئۆزى قارشى چىققان زۇلۇمنى سادىر قىلىشقا باشلىغانىدى. ئۇنى ئىبنى ئەشئاس باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭغا قاتنىشىشتىن توسقان سەۋەپ بەلكىم بۇ بولسا كېرەك. رەقىپلىرى تەرىپىدىن قارا چاپلىنىشىنى بىلسىمۇ، ئۇ بۇ قوزغىلاڭغا قاتناشمىغان ئىدى.

ئىبنى سادنىڭ « تاباقات » ناملىق ئەسىردە بايان قىلىنىشچە ۋەقە مۇنداق يۈز بەرگەن:

ھىجرى 81 – يىلى ئەمەۋىلەرنىڭ سابىق سەركەردىسى ۋە ۋالىلىرىدىن ئابدۇراھمان ئىبنى ئەشئاس، ئابدۇلمەلىك ۋە ھەججاجنىڭ زۇلمىغا قارشى قوزغالغانلارنىڭ ئەمىرى بولدى. بۇ قوزغىلاڭغا ھەسەن ئەلبەسرىنىڭ قېرىندىشى سەئىد قاتارلىق نۇرغۇن ئالىملارمۇ ئىشتىراك قىلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە مابەد ئەلجۇھەنى، سائىد بىنى جۇبەيىر، شەئبى، ئەبۇل بەھتەرى، ئىبنى ئەبى لەيلا، ئاتا بىننى يەسار قاتارلىق مۇجتەھىدلەر بار ئىدى. قوزغىلاڭغا قاتناشقان يېتەكچىلەر قوزغىلاڭچىلار ئەمىرى ئابدۇراھماندىن ھەسەن ئەلبەسرىنىمۇ قوزغىلاڭغا قوشۇلۇشقا قايىل قىلىشنى، ئۆزلىكىدىن كەلمىسە قاتتىق قوللۇق قىلىشنى تەلەپ قىلدى. ئۆزىنى ئېلىپ كېتىش ئۈچۈن كەلگەن قوزغۇلاڭچىلاردىن قاچقان ھەسەن ئەلبەسرى، دەرياغا سەكرەپ ئۇلارنىڭ قولىدىن قېچىپ قۇتۇلدى.

ئۇنىڭ قوزغىلاڭ فىقىھىسى ئەبۇ ھەنىفەنىڭ قوزغىلاڭ فىقىھىسىگە ئوخشاپ قالىدۇ. ئۇ بىر قوزغىلاڭنىڭ جائىز بولۇشى ئۈچۈن « نەتىجىگە ئېرىشىش ( تەمەككۇن ) » شەرتىنى مۇھىم ئامىل دەپ قارايتتى. ئىبنى ئەشئاس قوزغىلىڭىدا بۇ شەرىتنىڭ ئەمەلىيلەشمىگەنلىكىنى كۆرگەنىدى. دەرۋەقە، مۆلچەرلىگىنىدەك بولدى. مابەد ئەلجۇھەنى، سائىد بىننى جۇبەيىر، ئىبنى ئەبى لەيلا قاتارلىق ئۆز دەۋرىنىڭ مۇجتەھىدلىرى قوزغىلاڭنىڭ بەدىلىنى جانلىرى بىلەن ئۆتىدى، شەئبى ئەپۇ قىلىشىنى تىلىگەنلىكى ئۈچۈن ھايات قالدى.

شۇنى ئۇنتۇماسلىق كېرككى، ئىبنى ئەشئاس قوزغىلىڭىدىن ئۆزىنى دالدىغا ئالغان ئىمام ئەلبەسرى، قانخورلىقى بىلەن داڭقى چىققان مەشھۇر ھەججاجنىڭ يۈزىگە قاراپ تۇرۇپ: « زېمىن ئەھلى سەندىن نەپرەتلىنىدۇ، ئاسمان ئەھلى ساڭا لەنەت ئوقۇيدۇ » دېيەلىگەن بىر زات ئىدى. ئۇ يەنە، ھاكىميىتىنى داۋاملاشتۇرۇش يولىدا ھەر قانداق يامانلىقتىن تەپتارتمايدىغان مىجەزى بولغان ئابدۇلمەلىك بىننى مەرۋانغا، ھەر تۈرلۈك خەۋىپكە قارىماي « قەدەر رىسالىسى » دىن ئىبارەت بىر ئەسەرنى يېزىپ ئەۋەتكەن زاتتۇر.

قەدەر رىسالىسى، ھەسەن ئەلبەسرىنىڭ قىيامى ( ئىسيانى ) ئىدى. ئۇ قىيامنى پىكرى ۋە قەلىمى بىلەن قىلغانىدى. بىز ئىشىنىمىزكى، كۆرەشنىڭ بۇ تۈردىكىسى تېخىمۇ كۆپ تەسىر كۈچكە ئىگە ۋە قەرەلسىزدۇر. دېمىسىمۇ، ئەمەۋى ھاكىميىتى گۇمران بولدى، لېكىن ئۇنىڭ قەدەر رىسالىسى يېزىلىپ ئارىدىن 13 ئەسىر ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە، سۇلاشقان ھېسلارنى تىرىلدۈرۈشكە، تەقلىت، ھورۇنلۇق، بىخۇدىلىق، تەپرىقىچىلىك، مۇتەسسىپلىك ۋە جاھالەت پاتقىقىغا پېتىپ كەتكەن زېھىنلارنى يورۇتۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا.