ياۋروپا

 15 – ئەسىرگىچە كىشىلەر ئىشكلىرىنى ئېتىۋېلىپ، بىر – بىرىدىن ئايرىلىپ ياشاشقانىدى. ئىنسانلار ھۇجەيرىلەردىن تەشكىل قىلىنغانلىقىنى بىلىشمەيتتى. جوڭگولۇقلار ئازتەكلەرنى بىلىشمەيتتى، مالايلار زۇلۇلارنىڭ بارلىقىدىن بىخەۋەر ئىدى. ياۋروپالىقلار بەلىكم ياپۇنلۇقلار ھەققىدە بىر نەرسىلەرنىڭ ئاڭلىغان، ئەمما ئۇلارنى ھەقىقىي رەۋىشتە بىلىشمەيتتى ۋە بىر بىرلىرىگە تەسىر كۆرسىتەلمەيتتى. بابىل مۇنارى ئىنسانلارنىڭ بىر بىرى بىلەن پاراڭلىشىشىنى توسۇش ئۈچۈن ياسالغانىدى.  بۇ مەدەنىيەتلەرنى بىر بىرىدىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز ھالغا كەلتۈرگەنىدى.

ياۋروپالىقلار ئاتلانتىك ئوكياننىڭ شەرقى قىرغاقلىرىدا بىر بىر توساقلار بىلەن ئايرىلغان رايونلاردا ئايرىم – ئايرىم ھالدا ياشايتتى. كېيىنكى مەزگىللەردە بۇ رايونلاردا ھەر تەرەپ ئۆز ئارا بىر بىرىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇشقا باشلىدى. ئاۋسترالىيلىك ئابورژىنلەر ئىنگىلىزلار تەرىپىدىن تونۇلۇشقا باشلىغانىدى. ئىنگىلىز ئۇرۇش جىنايەتچىلىرى دېڭىزنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى بۇ جايدا پالىنىشقا باشلاندى. ئىنكا خانلىرى ئىسپانىيە ۋە پورتىگالىيە بىلەن مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا باشلىغانىدى.  ئاتلانتىك ياۋروپا ئىمپېرىيىلىرى تەك بىر دۇنيا ياراتقانىدى.

ئاتلانتىك ياۋروپاسى خەلقئارا سىستېمىنىڭ مەركىزى بولغانىدى . ياۋروپادا بولغان نەرسە باشقا تەرەپتە پەرقلىق ئىدى. باشقا جايدىكى خەلق ۋە دىنلار ھەر نەرسىنى بىر كۆزىدە ياۋروپاغا قارىغان ھالدا قىلىشقانىدى. 16 – ئەسىردىن 20 – ئەسىرگىچە بولغان دەۋردە دۇنيانىڭ ھەرقانداق بىر پارچىسى ياۋروپانىڭ تەسىرى ۋە كۈچىدىن ئۆزىنى چەتكە ئالالمىغانىدى. ياخشى ياكى يامان ھەر قانداق ئىش ياكى نەرسە ئۇنى چۆرىدىگەن ھالدا بولغانىدى. ياۋروپانىڭ ئاساسىي نوقتىسى شىمالىي ئاتلانتىك بولغانىدى. بۇ سۇ ئېقىمىنى كونتىرول قىلالىغان، دۇنياغا ئېچىلغان يولنىمۇ كونتىرول قىلغان بولاتتى.

ياۋروپا ئانچە بەك تەرەققىي قىلمىغان بولۇپ، دۇنيانىڭ ئەڭ تەرەققىي قىلغان رايونىمۇ ئەمەس ئىدى. ئۇنداقتا ،  ئۇنى  مەركەزگە ئايلاندۇرغان نەرسە نېمە ئىدى؟  بەشىنچى ئەسىردە،  ياۋروپا تېخنىكا ۋە بىلىم جەھەتتىن جوڭگو ۋە  ئىسلام دۇنياسىدىن ھەقىقەتەن ئارقىدا  قالغانىدى. ئەمسە، بۇ كىچىك دۆلەتلەر قانداق بولۇپ دۇنيانىڭ مەركىزىنى شەكىللەندۈرەلىدى؟

ياۋروپا كۈچىنى ئىككى نەرسىدىن ئالاتتى، يەنى پۇل ۋە جۇغراپىيە. ياۋروپا ئاسىيا بىلەن، بولۇپمۇ ھىندىستان بىلەن قىلغان تىجارەتتىن بېيىغانىدى. مەسىلەن: دورا – دەرمەك پەقەت تاماقلارغا سېلىنىدىغان تۈر بولۇپلا قالماي، گۆشلەرنى ساقلايدىغان ماددا ئىدى. ئۇنىڭ ئىمپورت قىلىنىشى ياۋروپا ئىقتىسادى ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى. ئاسيا، ياۋروپا ئىھتىياج بولغان ئالىي تاۋارلار بىلەن تولۇپ تاشقان ۋە بۇلارنى سېتىۋالالىغۇدەك پۇل پەقەت ياۋروپادا بار ئىدى. بۇ تىجارەت مەشھۇر يىپەك يولى ۋە ئاق دېڭىزغا ئۇلاشقىچە باشقا يوللار بىلەن ئېلىپ بېرىلغانىدى. بۇ تىجارەت يوللىرىنىڭ تۈرك تۇپراقلىرى( زېمىنى)نى كېسىپ ئۆتىشى سەۋەبىدىن تارىختا تۈرك تۇپراقلىرى قىممەتلىك بولۇپ كەلگەن. 21 – ئەسىردە تۈركىيەنىڭ تېخىمۇ كۆپ تىلغا ئېلىنىشىدىكى سەۋەبمۇ، ئۇنىڭ بۇ يوللار ۋە بۇ جۇغراپىيگە جايلاشقانلىقىدىن.

ياۋروپالىق سودىگەرلەر تۈركلەرنىڭ ئەتراپىدىن ئەگىلىپ ئۆتىدىغان بىر يول تېپىشتا بەك ئۈمىدسىز ئىدى. ئىسپانىيلىك ۋە پورتىگالىيلىك – ئىبەريالىقلار ھەربىي مەقسەتتە بولمىغان بىر يول تاللىغانىدى. يەنى ئۇلار ھىندىستانغا بېرىش ئۈچۈن باشقا بىر يول ئىزدەشمەكتە ئىدى. ئىبەريالىقلار تۈرك تۇپراقلىرىدىن باشقا بىر يول بىلەن ھىندىستانغا بارىدىغان بىردىن بىر يولنىڭ ئافرىقا قىرغاقلىرىنى بويلاپ مېڭىپ ھىندى ئوكيانغا چىقىش ئىكەنلىكىنى بىلىشەتتى. ئۇلار يەر شارىنىڭ يۇملاق ئىكەنلىكىنى بىلىپ، غەربكە قاراپ مېڭىش ئارقىلىق ھىندىستانغا بارغىلى بولىدىغانلىقىنى ئويلاشقا باشلىدى.

بۇ ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بۇرۇلۇش نوقتىسى بولغانىدى. ئەگەر بۇ يول بولمىغان بولسا، ئاتلانتىك ياۋروپاسى يوقسۇللۇق پاتقىقىغا پېتىپ قالاتتى. ئىقتىسادىي يوقسۇللۇق ئۆزىنى ھىس قىلدۇرۇشقا باشلىغاندا، تۈركلەرنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلگەنلىكلىرى ئۈچۈن بۇ يولنى تېىپش توغرىسىدا تېخىمۇ ئېغىر بېسىم پەيدا بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ بىر رۇھى باسقۇچ بولغانىدى. مۇسۇلمانلارنى ئىسپانىيەدىن قوغلاپ چىقارغان ئىسپانىيەلىكلەر ئۆزلىرىنىڭ ياۋايى كىبىرلىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىدە ئىدى. يىغىنچاقلىغاندا، ئۇلار ھىندىستانغا تۈركلەرگە يۇلۇقماي بېرىشقا مەجبۇر ئىدى.

ئىبەريالىقلار چوڭقۇر سۇلاردا ماڭالايدىغان كېمىلەرنى ياسىيالايتتى. سەپەر بويىچە كېرەلىك بولغان نەرسىلەرگە ئىگە ئىدى. كومپاستىن ئۇستۇرلاپ( ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئېگىزلىكىنى ئۆلچەيدىغان ئەسۋاپ ) قاتارلىق دېڭىز سەپىرىدە لازىم بولىدىغان نۇرغۇن ئەسۋابلىرى بار ئىدى. پۈتۈن بۇلارنى باشقىلاردىن ئالغانىدى. ئۇلار بۇلارنى پائال بىر شەكىلدە تىجارى ۋە ھەربىي ئىشلاردا مۇۋەپپەقەيەتلىك ھالدا ئىشلىتەلىگەنىدى.  ئۇلار يىراقلارغا كېمە بىلەن بارالايتتى. بارغان يېرىدە ئۇرۇش قىلالىغۇدەك جابدۇقلارغا ئىگە ئىدى ۋە زەپەر قازانغانىدى. زەمبىرەك ئاۋازىنى ئاڭلىغان ۋە ئارقىدىنلا بىر بىنانىڭ يەر يەكسان بولغانلىقىنى كۆرگەن كىشىلەر مۇداپىئەگە ئۆتۈشكە مەجبۇر بولۇشقانىدى. ئىبەريالىقلار بارماقچى بولغان نوقتىغا يېتىپ بارغاندا، يەرلىكلەرنى تالان – تاراژ قىلىشقا باشلىدى. كېيىنكى بىر قانچە ئەسىر بويىچە، ياۋروپا كېمىلىرى، قوراللىرى ۋە پۇللىرى دۇنيانى ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا  ئالدى ۋە تۇنجى خەلقئارا سىستېمنى – ياۋروپا دەۋرىنى ياراتتى.

بۇ يەردە بىر كۈلكىلىك مەسىلە بار. يەنى ياۋروپا دۇنيانى ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا ئالدى، لېكىن ئۆزىگە ھۆكۈمرانلىق قىلالمىدى. بەش ئەسىر بويى ئىچكى ئۇرۇشلار بىلەن ئۆزىنى پارچىلىدى، نەتىجىدە بىر ياۋروپا ئىمپېرىيىسى قۇرۇپ چىقالمىدى. ئۇنىڭ ئورنىغا بىر ئەنگىلىيە ئىمپېرىيىسى، بىر ئىسپانىيە ئىمپېرىيىسى، بىر فىرانسىيە ئىمپېرىيىسى، بىر پورتىگالىيە ئىمپېرىيىسى ۋە باشقا ئىمپېرىيىلەر مەيدانغا چىقتى. ياۋروپالىقلار ئۆز ئارا ئېلىپ بارغان تۈگىمەس ئۇرۇش نەتىجىسىدە بىر – بىرىنى ئۇپراتتى، ئاجىزلاتتى. لېكىن، ئۇلار ئۆزئارا ئۇرۇشىۋېتىپمۇ، دۇنيانى تەڭ بۆلۈشەلىدى.

ياۋروپالىقلار بىر پۈتۈن گەۋدە بولۇپ بىرلىكـتە ھەرىكەت قىلالماسلىقىنىڭ سەۋبى كۆپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرسى جۇغراپىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىك، يەنى مانش دېڭىزى ئىدى.  باشتا ئىسپانىيلىكلەر، كېيىن فىرانسىيەلىكلەر، ئەڭ ئاخىرىدا گىرمانىيىلىكلەر ياۋروپا قىتئەسىنى ئۆز ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا ئېلىشقا ئۇرۇندى، لېكىن ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى مانش دېڭىزىدىن ھالقىپ ئۆتەلمىدى. ھېچكىم ئەنگىلىيەنى مەغلۇپ قىلالمىغانلىقى ئۈچۈن، ئارقا – ئارقىدىن قىلىنغان ئىستىلالار ياۋروپانى بىر پۈتۈن ھالدا قولدا تۇتۇپ تۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولالمىدى. تىچلىق ھۆكۈم سۈرگەن زامانلاردا ئۇرۇش ۋاقىتلىق توختىغانىدى.  ياۋروپادا بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتىلىغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە ئون مىليوندىن ئارتۇق كىشى بۇ ئۇرۇشلاردا ئۆلدى.  ياۋروپا ئىقتىسادى پارچىلىنىپ، دۆلەتلەرنىڭ بىر بىرىگە ئىشەنچى قالمىغانىدى.   ياۋروپا  ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى نوپۇس، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت كۆلەڭگىسى سۈپتىدە  ئوتتۇرىغا چىقتى. شۇنىڭدىن باشلاپ ھەممە ئىش يامانلىشىشقا قاراپ مېڭىشقا باشلىدى.