بابى ھۇمايىندىن ئۆتۈپ مەجلىستە غايىپ بولغان خىلاپەت
خىلاپەت، ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ سايىسىدا يوقۇتۇپ قويغان دۇنياۋى نوپۇزىغا قايتىدىن ئىگە بولغانىدى. لېكىن، ئەسرى سائادەتتىكى دىنى كۈچىگە، يەنى ھەقىقىي ماھىيىتىگە لايىق نوپۇزىغا ئىگە بولالمىغانىدى. ئوسمانلى، خىلاپەتنى ئەمەۋىلەر ۋە ئابباسىلارنىڭ دەسلەپكى يېرىم ئەسىردىكى ھالىتىگە قايتۇرغانىدى.
بۇ ئەھۋالنى خىلاپەت نوقتىسىدىن بىر يېڭىلىق دەپ قاراشقا بولاتتى. خىلاپەت مۇئەسسەسەسى كۈچى يوق « ۋاتىكان » بولۇشتەك بىر ۋەزىيەتتىن قۇتۇلۇپ، دۇنياۋى نوپۇزىغا ئىگە بولغان بولۇپ، ھىجرى 10 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا يوقۇتۇپ قويغان كۈچىگە قايتىدىن ئېرىشكەندەك قىلاتتى. ئەسەبىيەتچىلىك ( قەۋمىيەت ئۈستۈنلىك چۈشەنچىسى )نى بىر تەرەپكە قايرىپ قويۇپ مۇلاھىزە قىلغان ۋاقتىمىزدا ھەقىقەتەن شۇنداق بولغانمىدى؟ ئوسمانلى دۆلىتى بىلەن خىلاپەت كۈچلەندىمۇ ياكى كۈچ ئۆزىگە يېڭى بىر يۆلەنچۈك تاپتىمۇ؟
ئوسمانلىنىڭ خىلاپەتلىكنى ئىلكىگە ئۆتكۈزىۋېلىشى بىلەن كىمنىڭ پايدا ئالغانلىقى سورالسا، بۇنىڭدىن خىلاپەت مۇئەسسەسەسى پايدا ئالدى دېيىش مۇمكىن. ئوسمانلى پۇقراسى بولغان مۇسۇلمانلارنىڭ بۇنىڭدىن قانداق پايدا ئالغانلىقى مۇلاھىزە قىلىنىشى كېرەك. يەنى، خىلاپەت مۇئەسسەسەسى قايسى قانۇنى، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي يارىغا مەلھەم بولدى؟ ئوسمانلىنىڭ مۇسۇلمان پۇقرالىرى بۇ مۇئەسسەسە ئارقىلىق قايسى ھەق – ھوقوقلارغا ئىگە بولغان؟
ئەسلى تېمىمىزغا قايتىپ بۇ سۇئاللىرىمىزغا جاۋاپ ئىزدىسەك، خىلاپەتلىك ئوسمان بەگ ۋە ئورھان بەگنىڭ سەلتەنەتتىن يىراقتا جىھاد ۋە ئادالەت بەرپا قىلىپ ئىدارە قىلغان ئوسمانلى دۆلىتىگە مەنپەئەت ئېلىپ كەلمىدى.
ھېچكىم ئوسمانلى ئىلىكىگە ئۆتكۈزىۋالغان خىلاپەتلىكنى رەسۇلۇللاھ ۋە رەشىد خەلىپىلەردىن مىراس قالغان نەبەۋى خىلاپەت دەپ داۋا قىلالمايدۇ. چۈنكى، ئۈممەتنىڭ ئۆز ھەق – ھوقوقىغا ۋەكىللىك قىلىش ھوقوقىنى، ئۆز ئىرادىسى بىلەن ( شۇرا ) تاپشۇرۇشىدەك ئەھۋال مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. ئۇنداقتا، ئۇ نېمە ئىدى؟ ئەلۋەتتە، نەبەۋىي ئەمەس، « سۇلتانى خىلاپەت » ئىدى. يەنى، ناقىس بىر خىلاپەت ئىدى. ئوسمانلى ئىلكىگە ئالغان خىلاپەتنىڭ تىلغا ئالغۇدەك تەرىپى يوقمۇ؟ ئەلۋەتتە، بار ئىدى. مۇقەددەس ئامانەتلەر. ئوسمانلى ئۈممەتكە بىر ياخشىلىق قىلدى. نەچچە ئەسىردىن بۇيان ئۈممەتنىڭ قان – تەرىدىن پارازىت قۇرۇتتەك پاراغەت ئىچىدە ياشىغان بىر ئائىلىدىن ئۈممەتنىڭ يەلكىسىدىن ئېلىۋەتكەنىدى. لېكىن، ئۇلارمۇ خىلاپەتنىڭ نەچچە ئەسىرلىك ھەشەمىتى ۋە سەلتەنەتىگە ۋارىسلىق قىلدى. شۇنداقتىمۇ، ئەمەۋى ۋە ئابباسىلار سارايلىرى بىلەن ئوسمانلى سارايلىرى يەنىلا بىر – بىرىدىن پەرقلىنەتتى. ئوسمانلىنىڭ خىلاپەت تارىخى ئالدىنقىلارغا قارىغاندا بىر قەدەر ئىنسانى ۋە ئىسلامى بولۇپ، زۇلۇم ۋە كەيپ – ساپا نوقتىسىدىن بولسىمۇ پەرقلىنىپ تۇراتتى.
خىلاپەتنىڭ ئوسمانلى ئىسلام دۆلىتىگە ئېلىپ كەلگەن پايدىسى ۋە زىيىنىنى تەمكىنلىك بىلەن مۇلاھىزە قىلىش كېرەك. بۇ مەسىلىگە نەبەۋى ھاكىمىيەت نوقتىسىدىن نەزەر سالماي، « ئېسىل مىللەت »، « شانلىق تارىخ » قاتارلىق بىر تەرەپلىمە چۈشەنچە بىلەن نەزەر تاشلىغاندا، ئەلۋەتتە دېگۈدەك گەپ قالمايدۇ. بۇنداق بولغاندا، رەسۇلۇللاھتىن ئەسىرگىگەن مەدھىيەلىرىنى ئەرەپ ئىرقىنى يۇقىرى كۆتۈرگەنلىكى ئۈچۈن، ئەمەۋىلەرگە سېخىيلىق بىلەن ياغدۇرغان « ئەرەپ مۇسۇلمان » سەپسەتىچلىرى قىلغان سەلتەنەت داۋاسىنىنىڭ ئوخشىشىنى بىزمۇ قىلالايمىز.
« خەلىپە » ئۈنۋانى زۆرۈرىيەت سەۋەبىدىن ئەسىرىمىزگىچە ئىشلىتىلىپ كېلىندى. ئەمما، ئاخىرقى « خىلاپەت دۆلىتى » يىقىلغاندىن كېيىن، يەر يۈزىدە شەكىلدە بولسىمۇ ئىسلامغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر كۈچ قالمىدى. ئوسمانلىدىن كېيىن شەكىللەنگەن ئۇست قۇرۇلمىدا، « سۇلتانى خىلاپەت »نىڭ سەلتەنەت قىسمى « خىلاپەت »تىن ئايرىپ تاشلىنىپ ھاكىم كۈچلەر تەرىپىدىن بۆلۈشىلدى. دېمىسىمۇ، سەلتەنەتكە خېلى بۇرۇنلار مەشرۇرىيەت بىلەن ( 1908 ) بىرلىكتە بىر شېرىك، يەنى مەجلىس قوشۇلغانىدى. سەلتەنەت ھوقوقلىرىنىڭ بىر قىسمىنى مەجلىسكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن « خىلاپەت »، يېڭى شىېرىك بىلەن بىرلىكتە قولىدا قالغان قىسمىدىنمۇ ئايرىلىپ قالغانىدى. چۈنكى، سەلتەنەتنىڭ يېڭى ئىگىلىرى ئۆزىگە باشقىلارنىڭ شېرىك بولىشىنى خالىمايتتى. سەلتەنەت پۈتۈنلەي « مەجلىس » كە ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، « خەلىپە سۇلتارىم سۇلتانلىقىدىن ئايرىلىپ، پەقەت خەلىپىلىكى » قالغانىدى. يەنى، خەلىپىلىك ئوسمانلىدىن بۇرۇنقى ھالىتىگە قايتىۋاتقانىدى. بۇ ۋەزىيەتنىڭ تەبىئىي نەتىجىسىدە خىلاپەت تارىخ بەتلىرىگە كۆمۈلدى. ھىندىستاندا ئىقبال، مىسىردا تاھا ھۇسەيىنگە ئوخشاش بەزى زاتلار سەلتەنەتكە ئوخشاش خىلاپەتنىڭمۇ مەجلىسكە ئۆتكەنلىكىنى ياقىلىغانىدى. كېيىنكى مەزگىلدە، ئىقبال بۇ قارىشىدا خاتالاشقانلىقىنى ئەلەم بىلەن ئىتىراپ قىلغانىدى. ئەگەر دەسلەپكى مەجلىس مەنسۇپلىرىدىن سەييت بەينىڭ ئېيتقانلىرى توغرا بولغان بولسا، ئەمدى سۇلتان – خەلىپە بىر كىشى ئەمەس، بىر قانچە يۈز كىشى ئىدى.
بۇ قاراشنى توغرا دەپ قارىساق، « خىلاپىتىمىز »نىڭ ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتقانلىقىغا ئىشەنسەك بولىدۇ. بەزىلەرنىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنى « باشلامچى » قىلىپ كۆرسىتىشىنىڭ پەقەت بىر ئارزۇ ئەمەس، بەلكى بىر « رىئاللىق »نى ئەكس ئەتتۈرىۋاتقانلىقىنى ئۆگىنىۋالالايمىز.
سەلتەنەتكە كەلسەك، ئۇ ئەسرى سائادەت ۋە خۇلافائى – راشى – دىن دەۋرىدىن باشقا بەزى دەۋرلەر نەزەرگە ئېلىنمىغاندا، ھېچ ئۆزگەرمىگەن بىر مۇئەسسەسەدۇر. ئۇ تارىخ بويىنچە قولدىن قولغا ئۆتۈپ كەلدى. سەلتەنەت بۈگۈن كلاسىك ئۇسلۇبنىڭ ئورنىغا زامانىۋى ئۇسلۇپتا داۋاملىشىۋاتىدۇ. ئەسلىدە، ئىسلامدىن باشقا ھەر قانداق بىر ئىدارىي تۈزۈم سەلتەنەتلەرگە خاتىمە بەرگۈدەك كۈچكە ئىگە ئەمەس. سەلتەنەتنى « قانۇن كۈنلۈكى ئاستىدىكى بىر ئىمتىياز » دەپ قارىغان ۋاقتىمىزدا، بۈگۈن سەلتەنەت بولمىغان ھېچقانداق بىر ھاكىمىيەت يوق. بۈگۈنكى « ئۆزگۈرۈش ياسىغان » ماركىسىزمدا سىنىپ سەلتەنەتى، مىللتارىزمدا ئەسكەر سەلتەنەتى، دېموكراتىيىدە مەجلىس ۋە « يوشۇرۇن » شېرىكلەر سەلتەنەتى، كاپىتالىزمدا پۇل سەلتەنەتى ھۆكۈم سۈرمەكتە. چۈنكى، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان تۈزۈملەرنىڭ ھەممىسىدە قانۇننىڭ مۇتلەق ئۈستۈنلىكى دەيدىغان بىر نەرسە يوق. بۇ قانۇنلارنى بەلگىلىك كىشىلەر تۈزۈپ چىقىدۇ ۋە بۇ تۈزۈملەردە بەلگىلىك كىشىلەر قانۇندىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. ئېھتىياج چۈشكەندە ھالۋىدىن ياسىغان ئىلاھلىرىنى يېگەن جاھىلىيەت مۇشرىكلىرىغا ئوخشاش، ئۇلارمۇ ئاچ قالغاندا، ئارتۇقچىلىقى پەقەت مەزلۇملارنىڭ ھەققى بولغان قانۇنلىرىنى دەپسەندە قىلىدۇ ۋە قايتىدىن يېڭى قانۇن تۈزۈپ چىقىدۇ.
دەۋرلەر ھالقىغان قانۇنشۇناس بولغان ئەبۇ ھەنىفەنىڭ ھاياتىنى تونۇشتۇرغاندا، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ پوزىتسىيىسىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشۈنۈپ يېتىشىمىزگە ياردىمى بولىدىغان، نۇبۇۋەتتىن سەلتەنەتكە ئۆتۈش جەريانىنى پىششىق بىلىشىمىز كېرەك. ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ بارلىق كۆرەشلىرىنىڭ ئۇلىدا « قانۇننىڭ ئۈستۈنلىكىنى بەرپا قىلىش » غايىسىنىڭ ياتقانلىقى ناھايىتى ئېنىق. سەلتەنەت تارىخىنى ياخشى بىلمەي تۇرۇپ، ئۆتمۈش ۋە بۈگۈن ھەققىدە توغرا ۋە ساغلام باھا بەرگىلى بولمايدۇ.
قايسى ئىسلام دۆلىتى؟
ئىمام ( ئەبۇ ھەنىفە )نىڭ ھاياتىدىن، ئىسلامى يېتەكچىلىككە ئائىت بەزى سۇئاللىرىمىزغا ۋە دۇچ كەلگەن مەسىلىلىرىمىزگە جاۋاپ تاپالايمىز دەپ ئويلايمەن. بۈگۈن ئىسلامى ھەرىكەتلەردە كۆرۈلىۋاتقان ئاساسلىق مەسلىلەردىن بىرى يېتەكچىلىك مەسىلىسى. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش چارىسى ئۈچۈن ئالدى بىلەن بىلىم ۋە تەجرىبە جۇغلانمىسىغا ھاجتىمىز چۈشىدۇ. ئىسلامى يېتەكچىلىكنىڭ ئۆزىگە خاس پەلسەپىسى ئوتتۇرىغا قويۇلماي تۇرۇپ، مۇلاھىزە ۋە مۇزاكىرە قىلىنماستىن، ئەلۋەتتە ساغلام بىر نەتىجىگە ئېرىشىش مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى، يېتەكچىلىك مەسىلىسى دۆلەت مەسىلىسىدىن ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. مۇسۇلمانلار بىر بۆھرانغا دۇچ كەلگەن ئېغىر كۈنلىرىدە، ئالدىدا يېتەكچىلىك قىلىپ ماڭغانلاردىن بەزىلەرنىڭ ئۆزلىرىگە ئىسلام تارىخىنىڭ ئەڭ مۇسىبەتلىك دەۋىرلىرىدىن ئۆرنەك تاللاپ ئېلىشى، بۇ ساھەدە ئەتراپلىق بىلىم ئىگىلىرىنىڭ كەمچىل ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.
ئىمام ئەزەم، ئەسرى سائادەت ۋە خۇلافەئىي راشىدىنلارنى « بەك غايىۋى» ھېساپلاپ، ئۆزلىرىگە « شانلىق تارىخ »نىڭ سەلتەنەت شەجەرىسىدىن رەھبەر ۋە ئۆرنەكلەر تاللاۋاتقانلار ئۈچۈن ياخشى يول كۆرسەتكۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى بولىشى مۇمكىن. ئىمامنىڭ ھاياتى بەدىلىگە قارشى چىققان مودېلنىڭ ئەڭ تۇتۇق نۇسخىلىرىنى « ئىسلام » دەپ، « تارىخ » دەپ، « دۆلەت » دەپ ئېسىلىۋېلىشنىڭ ۋە ئولتۇرسا – قوپسا ئۇنىڭ خىيالىنى قىلىشنى « دۆلەت ئېڭىغا ئىگە بولغانلىق » دەپ بىلىپ، بۇنى بىر ئۆزگىچىلىك دەپ نامايەن قىلىشنىڭ نەقەدەر خاتا ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىدىغان ۋاقتىمىز كەلدى.
دەرۋەقە، بۈگۈن « ئىسلام دۆلىتى » ئۇقۇمىنىڭ نۇرغۇنلىغان مۇسۇلمانلار زېھنىدە تىكلەنگەن ئوبرازى، ئەسلىدە ئىسلام بىلەن پۈتۈنلەي زىت بولغان « سەلتەنەت دۆلىتى »نىڭ ئوبرازىدۇر. ئەسرى سائادەت ۋە راشىد خەلىپىلەرنىڭ دەۋرىدىكى قانۇننىڭ ئۈستۈنلىكىنى ئاساس قىلغان، ئادالەت ۋە كېڭەشكە ( شۇراغا ) تايانغان نەبەۋى ھاكىمىيەت يېتەكچىلىكىنىڭ ئورنىغا، كەيپ – ساپا ۋە ئىستىبداتقا تايانغان سەلتەنەتلەردىن ئىسلامى شەكىلدە ئىدارە قىلىش نىشانغا يېتىش ئۈچۈن يېتەكچىلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلىش، بۈگۈنمۇ خۇددى « قىرىق قىچىرمۇ، قىرىق قۇرمۇ؟ » تېپىشمىقىدا بوغۇلۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇ ئەھۋالدا، « نەبەۋى خىلاپەت » ۋە « سۇلتانى خىلاپەت » تارىخىنى بىلىش تولىمۇ زۆرۈر.