خىلاپەت ۋە سەلتەنەت
« ئاللاھ قا قەسەم قىلىمەنكى، مەن خەلىپىمۇ ياكى سۇلتانمۇ ھېچ بىلەلمىدىم. ئەگەر سۇلتان بولسام، ۋاي ھالىمغا!…»
– ئۆمەر ئىبنى خەتتاب
رەسۇلۇللاھ، ئەگەر تولۇق ئەمەل قىلىپ ئىجرا قىلسا، سەلتەنەتنىڭ ھېچقانداق بىر تۈرىگە ئۆتۈپ كېتىشكە يول قويمايدىغان بىر ئۆرنەك ھاكىمىيەت شەكلىنى مىراس قالدۇرغانىدى. بۇ ئۈلگلىك ھاكىمىيەت شەكلىنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكلىرىنى رەسۇلۇللاھنىڭ ئىجرائاتلىرىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
نەبەۋى خىلافەت سالىھ / ياخشى ئەمەللەر ئۈستىدە يۈكسەلگەن ئىدى. راشىد ۋە مۇرشىد خەلىپىلەر دەۋرىدە، ھېچكىم رەسۇلۇللاھ قويۇپ قويغان بۇ سىستېمىغا دەخلى قىلىشقا، سىستېمىنىڭ ئۇلىنى لىڭشىتىشقا ۋە سەلتەنەتىنى تىكلەشكە جۈرئەت قىلالمىدى. مۇرشىد خەلىپىلەر بۇنداق بىرەر ئەھۋالنى سەزگەن ھامان قارشى تۇراتتى ۋەياكى جازالايتتى.
ئەبۇ بەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بەنى سەئىد ساقىفەسىدە ساھابىلارنىڭ بەيئىتى بىلەن خەلىپىلىككە سايلانغاندىن كېيىن، ھېچكىم ئۇنىڭ قولىدىن خەلىپىلىكنى زورلۇق بىلەن ئېلىۋېلىشقا پېتىنالمىدى. گەرچە سائاد بىن ئۇبا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئوخشاش بەيئەت قىلمىغانلار چىققان بولسىمۇ، لېكىن ئەبۇ بەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ خەلىپىلىكىگە قارشى ھەرىكەتكە تەشەببۇس قىلمىغان ئىدى. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بارلىق كۈشكۈرتۈشلەرگە قارشى ئۈممەتنىڭ تاللىشىغا ۋە قوبۇل قىلىشىغا ھۆرمەت قىلىشتا چىڭ تۇردى.
ھەزرىتى ئەبۇ بەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ سايلىمى ناھايىتى خەتەرلىك بىر مەزگىلدە ئېلىپ بېرىلدى ۋە كەسكىن بىر سايلام بولغان ئىدى. بۇ سايلامنىڭ بىر ئۇسلۇب تەرىقىسىدە كېيىنكىلەرنى باغلىمايدىغانلىقىنى بۇخارى نەقىل قىلغان ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ تۆۋەندىكى سۆزلىرىدىن بىلەلەيمىز:
« ئەگەر ئۇ ۋاقىتتا بۇنداق قىلىپ كەسكىنلىك بىلەن خىلاپەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىۋەتمىگەن بولسام، مەجلىسىنىڭ سۆزىنى ئۇزارتىپ، كېڭەش بىلەنلام ۋاقىتنى بوشقا ئۆتكۈزۈۋېتىش ئېھتىمالىمۇ بار ئىدى. بۇ ئەھۋالدىمۇ نەتىجىگە رازى بولۇش بىزگە بەكمۇ تەس كەلگەن بولاتتى ۋە ئىزىغا چۈشۈرۈش مۇمكىن بولمايدىغان ھادىسىلەرگە دۇچ كەلگەن بولاتتۇق.
ھەزرىتى ئەبۇ بەكىرنىڭ خەلىپىلىكىنىڭ بىر قېتىمدىلا ھەل قىلىنىشى، بۇنىڭ كەلگۈسىدە ئومۇمىيۈزلۈك بىر قائىدىگە ئايلىنىپ قېلىشىنى تەقەززا قىلمايدۇ. ھازىر، سىز ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان زاتنى قەيەردىن تېپىپ سايلايسىز؟ مۇسۇلمانلارنىڭ كېڭىشى بولماستىن، بىرسى چىقىپ باشقا بىر شەخىسكە بەيئەت قىلماقچى بولسا، بۇنداق ئەھۋالدا بەيئەت قىلغۇچى ھەم ئۆزىنى، ھەم بەيئەت ئالغان كىشىنىڭ گورىنى تەييار قىلغان بولىدۇ » ( ئىبن قۇتەيبە، « ئەل ئىمامە ۋەس سىياسە »، I / 41. ئىبن ھاجەر، « فەتھۇل بارى »، ھ. نۇمۇرى 6830. XII/148,149 ).
بۇنىڭدىن بىلىشكە بولىدۇكى، ھەزرىتى ئۆمەر ئىسلامى سىياسەت پىرىنسىپلىرىنىڭ زېدىلىنىشىدىن ئەنسىرىگەن ۋە بۇنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن شۇرا / كېڭەشكە تايانغان بىر باشقۇرۇش سىستېمىسىنى مۇۋاپىق كۆرگەن ئىدى. ھەتتا شۇرا تۈزۈمىنى زېدەلەيدىغان قىلمىشلارنى ئەڭ قاتتىق شەكىلدە جازالاندۇرۇشىنى تەۋسىيە قىلىپ، ۋارىسلىققا تايانغان سەلتەنەت يولىنى ئېتىپ تاشلىغان ئىدى. ئۆز ئوغۇللىرىنىڭ خەلىپىلىككە نامزات بولىشىنى مەنئى قىلىشى، ۋارسلىق تۈزۈمىگە تايانغان سەلتەنەت سىستېمىسىغا قارشى قايتۇرغان ئىنكاسىنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالى ئىدى.
ھەزرىتى ئۆمەر شېھىت قىلىنغاندىن كېيىن، ئۆزىنى « خەلىپە » قىلىپ تىكلىمەكچى بولغانلارغا ھەزرىتى ئەلى: « بۇ ئىش بۇنداق بولمايدۇ، سىلەرنىڭ بۇنداق قىلىش ھوقۇقىڭلار يوق. خەلىپەنىڭ سايلىنىشى شۇرا ئەھلى ۋە بەدر ئەھلىگە تەئەللۇقتۇر. ئۇلار كىمنى خەلىپە قىلىشنى خالىسا، شۇ خەلىپە بولىدۇ » دېگەن ئىدى.
بۇ ئىبىن قۇتەيبەنىڭ رىۋايىتى ئىدى. تابەرى ھۈسەيىن بىن ئەلىدىن ئوخشاش بىر ۋەقەنى مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ:
ئوسمان ئۆلتۈرۈلگەندە دادام بىلەن بىرلىكتە ئۆيىگە كەلدۇق. رەسۇلۇللاھنىڭ دوستلىرى ئۇنىڭغا كېلىپ مۇنداق دېدى: بۇ ئادەم ( ھەزرىتى ئوسمان ) ئۆلتۈرۈلدى. شۈبھىسىز ئىنسانلارغا بىر ئىمام ( يېتەكچى ) لازىم. باشقۇرۇش ئىشىدا سەندىمۇ ياخشىراق ۋە رەسۇلۇللاھقا تۇققانچىلىقتا سېنىڭدىنمۇ يېقىنراق بىرىنى تاپالمايمىز.
– بۇنداق دېمەڭلار. مېنىڭ ۋەزىرلىكىم، ئەمىرلىكىمدىن تېخىمۇ ياخشىراق.
– ياق. ئۇنداق ئەمەس. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز ساڭا بەيئەت قىلىمىز.
– بەيئەت مەسجىدتە، خەلىقنىڭ ھوزۇرىدا، مۇسۇلمانلارنىڭ رازىلىقى بىلەن بولىدۇ؛ ھەرگىزمۇ خۇپىيانە بولمايدۇ » ( تابارى، تارىخ، IV/427 ).
بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ھەزرىتى ئەلى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇنىڭ خەلىپە بولىشىنى خالايدىغانلىقىنى بىلگەن بولسىمۇ، شۇرانى زوراۋانلىققا ئايلاندىرۇۋېتىدىغان كىچىك بىر ئېھتىماللىققىمۇ پۇرسەت بەرمىگەن. ئۆزىدىن كېيىن، ئوغلى ھەسەنگە بەيئەت قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىغا كەلگەنلەرگىمۇ، بۇنىڭ ئۈممەتنىڭ كېڭىشى بىلەن ھەل قىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ۋە باشتىكى پوزىتسىيىسىدىن ۋازكەچمىگەن.
ئوغۇللىرىغا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ۋەسىيەت قىلغاندا، بىر زاتنىڭ:
- ئەي ئەمىرۇل مۇئمىنىن، نېمىشقا ۋەلىئەھىد ( تەخت ۋارىسى ) تەيىن قىلمايسىز؟ – دېگەن سوئالغا، مۇنداق جاۋاپ بەرگەن ئىدى:
- مەنمۇ مۇسۇلمانلارنى رەسۇلۇللاھ قويۇپ قويغاندەك قويۇپ قويىمەن ( ئىبنى كەسىر، ئەل بىدايە ۋەن نىھايە، VIII / 14) .
« ئەلبىدايە » مۇئەللىپى نەقىل قىلغان بۇ رىۋايەتتىن ۋە باشقا خۇلافەئىي راشىدىنلارنىڭ ئىجرائاتلىرىدىن بىلىۋېلىشقا بولىدىكى، خەلىپە سايلاش ئىشى « شۇرا » ئارقىلىق، مۇسۇلمانلارنىڭ رازىلىقى بىلەن بولىدۇ. دادىدىن ئوغلىغا ۋارىسلىق يولى بىلەن قالمايدۇ. يەنە كېلىپ خەلىپىلىكنى زورلۇق بىلەن ئىگەللىۋېلىش، كۈچ ئىشلىتىپ بۇ ماقامغا ئولتۇرۇۋېلىش مۇسۇلمانلارنىڭ ئەقلىگىمۇ كېلىپ قالىدىغان ئىش ئەمەس ئىدى.
سەلتەنەت بىلەن خىلاپەت ئوتتۇرىسىدىكى پەرىقنى ساھابىلەر ناھايىتى ياخشى بىلەتتى. ئەبۇ مۇسا ئەلئەشئەرى، مەسرۇق بىن ئەجدا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا:
« ئىمامەت ( يېتەكچىلىك ) كېڭەش ئارقىلىق ھەل قىلىنىدۇ، پادىشاھلىق قىلىچنىڭ كۈچى ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈلىدۇ » دەپ تەرىپلىگەن ئىدى.
يەنە ساھابىلارنىڭ خىلاپەت ۋە سەلتەنەت چۈشەنچىسىنى ئىسپاتلايدىغان بۇ سۆزلىرىنى ئىبىن سائادنىڭ « تاباقات » ناملىق كىتابىدىن نەقىل ئالايلى:
ھەزرىتى ئۆمەر بىلەن سالمان فارىسى ئارىسىدا مۇنداق بىر سۆھبەت بولۇپ ئۆتكەن:
– مەن خەلىپىمۇ ياكى سۇلتانمۇ؟
– ئەگەر سەن مۇسۇلمانلارنىڭ مېلىدىن بىر دەرھەم چاغلىق نەرسىنى قانۇنسىز ( ھەققىڭ بولمىغان تۇرۇقلۇق ) ئېلىۋالساڭ ۋە بۇنىمۇ كەيپىڭ ئۈچۈن خەجلىسەڭ ئۇ چاغدا سۇلتانسەن. بۇنىڭ ئەكسىچە بولسا خەلىپىسەن.
بۇ سۆزلەر ئۆمەرنى يىغلاتتى. بىر كۈنى ئۆمەر دېدىكى:
- ئاللاھقا قەسەم قىلىمەنكى مەن خەلىپىمۇ، سۇلتانمۇ بىلەلمىدىم. ئەگەر سۇلتان بولسام ۋاي ھالىمغا.
بۇ سۆزدىن كېيىن، ئۇ يەردىكى بىرى بىلەن ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ ئارىسىدا مۇنداق بىر دىيالوگ بولۇپ ئۆتتى:
- ئەي مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! خەلىپىلىك بىلەن سەلتەنەتنىڭ ئارىسىدا بەك چوڭ پەرىق بار، – دېدى. ئۆمەر سورىدى:
- قانداق پەرىق بار؟
– خەلىپە، ھەققى بولماي تۇرۇپ قانۇنسىز ھالدا ھېچقانداق بىر نەرسىنى ئالالمايدۇ، خەجلىيەلمەيدۇ. ھەققىگە مۇۋاپىق شەكىلدە خىراجەت قىلىدۇ. ئاللاھ قا ھەمدۇسانالار ئېيتىمىزكى، سەنمۇ مۇشۇنداق قىلىۋاتىسەن. پادىشاھ خەلققە زۇلۇم قىلىدۇ، دۆلەتنىڭ مېلىنى خالىغانچە ئىشلىتىدۇ، باشقىلارغا بېرىۋېتىدۇ، ھېچكىممۇ ئۇنىڭغا بىر نېمە دېيەلمەيدۇ.
راشىد ۋە مۇرشىد خەلىپىلەر، بەيتۇلمالنى ئۈممەتنىڭ ھەققى دەپ قوبۇل قىلغان ۋە بۇ خۇسۇستا ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلغان ئىدى. ھەتتا ھەزرىتى ئوسمانمۇ خەلىپە بولغاندىن كېيىن بەزى ئىجرائاتلاردا بۇرۇنقىلارنىڭ قىلغانلىرىنى ئۆرنەك كۆرسىتىپ تۇرۇپ سورىغانلارغا، ئۇلارنىڭ زىيادە ئەستايىدىل بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.
ھەزرىتى ئەبۇ بەكىرگە شۇرانىڭ چىڭ تۇرۇشى بىلەن يىللىق 4000 دەرھەمگە يېتىدىغان مائاش بېكىتىلگەن ئىدى. ئەمما ۋاپات بولغاندا، مىراسىدىن 8000 دەرھەمنىڭ بەيتۇلمالغا قايتۇرۇلىشى كېرەكلىكى ھەققىدىكى ۋەسىيىتى ئارقىلىق بۇ جەھەتتىكى ئىھتىياتچان مۇئامىلىسىنى ئىپادىلىگەن ئىدى. يەنى ئالغانلىرىنى ھەسسىلەپ قايتۇرغان ئىدى.
ھەزرىتى ئەلى، مۇئاۋىيەگە ئوخشاش خەلققە پۇل ۋە ھەدىيە تارقىتىش ئارقىلىق ئۆزىگە تەرەپتار يىغىشنى تەۋسىيە قىلغان تەكلىپلەرنى شىددەت بىلەن رەت قىلىپ مۇنداق دېگەن ئىدى:
- سىلەر بۇ شەكىلدە قانۇنغا ( شەرىئەتكە ) ئۇيغۇن بولمىغان ۋە قاملاشمىغان ئۇسۇللار بىلەن ئىشىمنى ھەل قىلىشىمنى ئارزۇ قىلىۋاتىسىلەر، شۇنداقمۇ؟
يەنە ھەزرىتى ئەلىنىڭ قېرىندىشى ئاقىل بەيتۇلمالدىن پۇل سورىغان ۋاقىتتا: « بۇ نېمە قانداق گەپ! سېنىڭ قېرىندىشىڭ، مۇسۇلمانلارنىڭ مېلىنى ساڭا بېرىپ، ئۆزى جەھەننەمنىڭ يولىنى تۇتسۇن، شۇنداقمۇ؟ » دەپ رەت قىلغانىدى. شۇنىڭ بىلەن قېرىندىشى خەلىپىگە قارشى ئىسيان قىلغان شام قوشۇنى تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەن.
راشىد خەلىپىلەرنىڭ دۆلەت غەزىنىسى ھەققىدىكى ئىھتىياتچان مۇئامىلىسىگە مىسال سۈپىتىدە يەنە نۇرغۇن ئۆرنەكلەرنى بەرگىلى بولىدۇ.
داۋامى بار…