سەلتەنەتنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرنىشى
1. نۇبۇۋەت ۋە سەلتەنەت
« ئى فازىلنىڭ دادىسى، جىيەنىڭنىڭ سەلتەنىتى نەقەدەر چوڭىيىپ كەتكەن ھە! »
« ۋاي سېنىڭ ھالىڭغا! ئۇ سەلتەنەت ئەمەس، نۇبۇۋەتتۇر… » ( ئىبن ھىشام، تاباقات، 2 ، 135؛ ئىبن ھىشام، ئەس – سىرەتۇل نەبەۋىييە، 4، 12 ).
بۇ دىئالوگ، نەچچە مىڭ كىشىلىك ئىسلام قوشۇنىنىڭ مەككە چېگرىسىدىن شەھەرگە كىرىشىنى كۆزىتىۋاتقان ئىككى كىشى ئوتتۇرىسىدا بولغان ئىدى. بۇ ئاددى بىر دىئالوگ ئەمەس ئىدى. ئوخشاش بىر ۋاقىتتا پەرقلىق ئىككى دۇنيا قاراشنىڭ، ئوخشاش بىر ۋەقەگە
ئوخشاش بىر ۋاقىتتا بەرگەن باھاسىنىڭ بىر مىسالى ئىدى. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئىگە بولغان كۈچ بىلەن، يىگىرمە نەچچە يىللىق كۆرەشنىڭ نەتىجىسىدە مەككىدىن ئىبارەت تۇنجى ۋە ئەڭ ئاخىرقى قەلئەسىنى قولىدىن بېرىپ قويغان كۈچ ئارىسىدىكى سىياسەت پەلسەپىسىنىڭ ئوخشاشماسلىقىنىڭ دەلىلى ئىدى. گەرچە بۇ ئىككى شەخس ئوخشاش بىر ھادىسىنى كۆزەتكەن بولسىمۇ، ئەمما كۆرگەنلىرىنى بىر بىرىگە تامامەن زىت بولغان پەرقلىق كۆز قاراشلار بىلەن ئىپادىلەۋاتاتتى. يەنى:
نۇبۇۋەت ۋە سەلتەنەت.
مەككىنى تەمسىل قىلغان قاراش، ۋەقەلىكنى دۇنياۋى كۈچ نوقتىسىدىن باھالىغانىدى. نۇرغۇنلىرى بىر – بىرىگە جان دۈشمەن بولغان، ئۆزىگە خاس قىممەت قاراشقا ئىگە بولغان بۇنچە قەبىلىلەرنى بىر ئېتىقاد ( تەۋھىد )، بىر لىدېر ( رەسۇل )، بىر شۇئار ( ئاللاھۇ ئەكبەر ) ئەتراپىدا بىرلەشتۈرگەن نەرسە، پەقەت زوراۋانلىق ۋە دۇنياۋى كۈچكە تايانغان « سەلتەنەت » بولسا كېرەك دەپ قاراشقانىدى.
مەدىنەنى تەمسىل قىلغان مەنتىق، مۇشۇنداق بىر ۋەيران قىلغۇچى كۈچ – قۇۋۋەت بىلەن، يىللارچە ئۆزىگە ۋە دىنىغا قارشى قارىغۇلارچە جاھىللىق بىلەن قارشى چىققان ئىنسانلارنىڭ ئىلكىدىكى ئەڭ چوڭ قارارگاھىنى فەتىھ قىلغان بىر قوشۇن قوماندانىنىڭ، سۇلتانلار ۋە پادىشاھلارغا لايىق تەنتەنە ۋە ئىپتىخار بىلەن ئەمەس، بەلكى ھەمدۇسانا ۋە شۈكۈر قىلىش مەجبۇرىيىتى بولغان رەببىنىڭ ئالدىدا، بېشى تۆگىسىنىڭ لوكىسىغا تېگىپ قالغۇدەك دەرىجىدە كەمتەرلىك ۋە تۇپراق كەبى كىچىك پېئىللىق بىلەن، رەببىنىڭ نېمىتى ئالدىدا ئىگىلگەن ھالدا كىشىلەرنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ، بۇنىڭ « سەلتەنەت ئەمەس، نۇبۇۋۋەتتى! » ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلىۋاتقانىدى.
ھە راست، ئەسرى سائادەتتىكى كۆرەش ( گەرچە بىرسى باتىل بولغان بولسىمۇ ) ئىككى پەرقلىق ئېتىقاد ئوتتۇرىسىدىكى كۆرەشمىتى؟ مۇئمىنلەر بىلەن مۇشرىكلار ئارىسىدىكى تارىخىي كۆرەشنى بىر ئېتىقاد كۆرىشى دەپ قارىيالامدۇق؟
بۇ سۇئاللارغا توغرا جاۋاپ تېپىشىمىز ئۈچۈن بىر قانچە ۋەقەلەرنى قايتىدىن ئەسلەپ ئۆتۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ:
ئەبۇ لەھەب رەسۇلۇللاھتىن سورىدى:
– مەن ئىمان ئېيتسام، ماڭا نېمە بار؟
– بارلىق مۇئمىنلەرگە نېمە بولسا، ساڭىمۇ شۇ بار، دەپ جاۋاپ بەردى رەسۇلۇللاھ. ئەبۇ لەھەب:
– مېنى باشقىلار بىلەن ئوخشاش كۆرگەن دىن دىن بولماي كەتسۇن، دېدى ( قۇرتۇبى، تەپەسىر، 25 / XX ).
مۇشرىك مەككە توپلىمىنىڭ كاتتىلىرى بولغان ئەبۇ لەھەبنىڭ قايغۇسى، يۇقىرىدا كۆرۈلگەندەك « شېرىك » ئەقىدىسىنى قوغداش ئەمەس ئىدى. ئادىل ئىسلام قانۇنى ئالدىدا ئىمتىيازغا ئىگە بولىۋېلىش ئۈچۈن كۈپكۈندۈزدە ئېلىم – سېتىم قىلغاندەك بازارلىق قىلىۋاتاتتى. ئۇلۇھىيەت ۋە رۇبۇبىيەتكە كۈچىنىڭ بېرىچە قارشى چىقىشلىرىنىڭمۇ ئاساسلىق سەۋەپلىرى بۇ ئىدى. بىلىدىكى، « رەب » بىر، « ئىلاھ » بىر بولسا بارلىق ئىمتىيازلىرىدىن قورۇق قالاتتى. ئۇلارنىڭ بۇنچە تىرىكىشىپ كېتىشىمۇ بۇ سەۋەپتىن ئىدى. ھەممىنى بىلگۈچى ئاللاھ تۇر، ئەمما بۇ ئىمتياز قوبۇل قىلىنغان بولسا، رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋىتىگە قارشى تۇرۇۋاتقانلارنىڭ نۇرغۇنلىرى دەۋەتنى قوبۇل قىلىشى مۇمكىن ئىدى. مۇشرىكلەرنىڭ كاتىۋىشى ئەبۇ جەھىلمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاپراق كېتىدىغان بىر چۈشەنچىگە ئىگە ئىدى. بىر كۈنى ھەزرىتى ئەلى بىلەن ئۇچرىشىپ قالغاندا، « تاغاڭنىڭ ئوغلى راست گەپ قىلىۋاتىدۇ » دېگەن ۋە ئىككى قەبىلە ئارىسىدىكى رىقابەتنى ئۇزۇن – ئۇزۇن تىلغا ئالغاندىن كېيىن، « مانا ئەمدى ھاشىم ئوغۇللىرى بىر پەيغەمبەر چىقىرىپتۇ؛ بىز ئەمدى قەيەردىن تاپارمىز پەيغەمبەرنى؟ » دېگەن ئىدى. ئەبۇ لەھەبنىڭ دەردى ئىمتىياز، ئەبۇ جەھىلنىڭ دەردى بولسا ئەسەبىلىك / قەبىلە ئۈستۈنلىكى ئىدى. يۇقىرىدىكى باياندىن مەلۇم بولغاندەك ئۇلارنىڭ يەنىلا « دىن »نى ھىمايە قىلىش دەردى يوق ئىدى.
مۇشرىكلارنىڭ بىر « ئېتىقادنى قوغداش » مەقسىتى بىلەن ھەرىكەت قىلمىغانلىقى مەلۇم. پەقەتلا جەمىئىيەتتىكى ئىجتىمائى ئورۇنىدا ئۆزگۈرۈش بولۇپ بۇرۇنقى ئىمتىيازلىرىدىن قۇرۇق قالىدىغانلىقىدىن، ئېكسپلاتاتسىيە ئىمكانىيىتىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن، سەلتەنەتلىرىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىدىن، ئەسەبىيەت ( قەبىلە، جەمەت ئۈستۈنلىك) لىرىگە دەز كېتىشىدىن قورقۇشاتتى. بۇنى ماددىلارغا ئايرىساق، تۆۋەندىكىدەك ئۈچ ماددىغا ئايرىلىدۇ:
- سەلتەنەت. بۇنىڭغا بارلىق مەنپەئەتلىرى ۋە ئىمتىيازلىرى كىرىپ كېتىدۇ.
- ئەسەبىيەت. بۇ، نەپەردىن باشلاپ ئىرىقچىلىققا سوزۇلغان بىر زەنجىر ئىچىدە، كېرەكسىز ئۇرۇش ۋە تۆكۈلگەن قانلار بەدىلىگە داۋام قىلغۇزۇلاتتى.
- ئەجدادلار ئىزىدىن مېڭىش ( ئەجدادلار يولىنى چىڭ تۇتۇش ). بۇ ئەسەبىيەتلىرىنىڭ بىر پارچىسى بولۇپ دىنلىشىپ كەتكەن بىر تارىخ ئىدى. ئۇلار شېرىك ئەقىدىنى تاللىمىدى. بىراق، ئەجداتلىرى ماڭغان يولغا ئەگەشتى.
ئۇلارغا » ئاللاھ نازىل قىلغان ( دىن )غا ئەگىشىڭلار! » دېيىلسە، « ياق، بىز ئاتىلىرىمىز ماڭغان يولدىن ماڭىمىز! » دېيىشىدۇ. ئۇنداقتا، ئاتىلىرى بىر نەرسە چۈشەنمەستىن، توغرا يولنى تاپالمىغانلار بولسىمۇ ( ئاتىلىرىنىڭ يولىغا ئەگىشەمدۇ؟ ) » ( بەقەرە، 170 ).
« ئاتىلىرىمىز تۇتقان يول بىزگە يېتىدۇ » دېيىشىدۇ ( مائىدە، 104 ).
ئۇلار بىرەر يامان ئىشنى قىلغان چاغلىرىدا: « ئاتا – بوۋىمىزنىڭ مۇشۇنداق قىلغانلىقىنى كۆرگەن ئىدۇق، ئاللاھ بىزنىمۇ شۇنداق قىلىشقا بۇيرىغان » دەيدۇ. « ئاللاھ يامانلىقنى بۇيرىمايدۇ » دېگىن. ئۆزەڭلار بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى ئاللاھ قا نىسبەت بېرىپ يالغان ئېيتامسىلەر؟ » ( ئەئراف، 28 ).
ئەگەر ئاتا – بوۋىلىرى باشقا بىر يولدا بولغان بولسا ئىدى، ئۇ يولدا ماڭغان بولاتتى. يەنى يۇقىرىدا مەلۇم بولغاندەك « دىن » بۇ قاتاردىن ئورۇن ئالمىغان.
« بىر يىل بىز سېنىڭ ئىلاھىڭغا ( ساڭا ئوخشاش ) ئىبادەت قىلايلى. بىر يىل سەن بىزنىڭ ئىلاھلىرىمىزغا ( بىزگە ئوخشاش ) ئىبادەت قىل ». مەيلى ھەق ياكى باتىل بولسۇن، ئېتىقادىدا مۇستەھكەم تۇرىدىغان ۋە سەمىمىي بولغانلار مۇشۇنداق تەلەپ قويارمۇ سىزچە؟
ئۇ زامانلاردا ھازىرقىدەك، ياشاش بىلەن ئىشىنىش ئارىسىدا ھاڭ پەيدا بولمىغان بولۇپ، ئۇ ۋاقىتتا چوقۇنۇش ئىشىنىش ۋە ياشاشنى بىرلىكتە ئىپادە قىلاتتى. بۇ ئېتىقادىدا مۇستەھكەم تۇرىدىغانلار بېرىدىغان تەكلىپ ئەمەس ئىدى. بۇ تەكلىپكە جاۋابنى رەسۇلۇللاھ ئەمەس، كافىرۇن سۈرىسى بىلەن: « سىلەرنىڭ دىنىڭلار ئۆزەڭلار ئۈچۈن، مېنىڭ دىنىممۇ ئۆزەم ئۈچۈن دېگىن » دەپ ئاللاھ بەرگەنىدى.
جاھىلىيەت ئاقسۆڭەكلىرى ئېتىقادىغا قارىتا ئۇ قەدەر پەرۋاسىزلىق بىلەن مۇئامىلە قىلاتتىكى، بۇ باتىل تەكلىپكە بازارلىق قىلىپ ئۆز ئارزۇلىرىغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، ئىلاھلىرىغا ئىبادەت قىلىش مۇددىتىنى ئۆز ئالدىغا ناھايىتى ئاز بىر مۇددەت ( يىلدا بىر ئاي بولسىمۇ ئىبادەت قىلىش ) كە چۈشۈرگەنىدى. بۇ تەكلىپ ئېتىقاد قىلىدىغانلىقىنى داۋا قىلغان بىر كىشى ئۈچۈن نۇمۇس ئىدى.
بۇ ئەھۋالدا مۇشرىكلارنىڭ مۇسۇلمانلارغا قارشى قىلغان ئۇرۇشلىرىنى يۈرەكلىك ھالدا، باتىل بولغان تەقدىردىمۇ ئېتىقادىنى قوغداش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇشى دېيەلمەيمىز. تارىخ بويىنچە مۇشرىكلار ئەڭ كۆپ ئەقىدە قىلغان نەرسە مەنپەئەتلىرى ۋە سەلتەنەتلىرى ئىدى. سەلتەنەتلىرىگە بىرەر زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن ھەر قانداق بىر ھەقىقەتنى ( مەيلى ئۇ ئىلاھى ياكى بەشەرى مەنبەدىن كەلگەن بولسۇن )، يەر بىلەن يەكسان قىلىشقا تىرىشقانىدى. بۇنداق ئەھۋاللاردا ئەڭ رەھىمسىزلىك بىلەن زۇلۇم قىلىشتىن يانمىغانىدى.
رەسۇلۇللاھ ( سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ) ئادەتتىكى بىر ئىنساندەك يەپ – ئىچىپ، جەمىئيىتىدىكى كىشىلەردەك ياشاش بىلەن پەخىرلىنەتتى. ئالدىدا تىترەپ تۇرغان بىر بەدەۋىگە « نېمىگە بۇنچە تىترەيسەن؟ » دېيىش ئارقىلىق قەيسەر ياكى كىسراغا ئوخشاش سەلتەنەت ئىگىسى ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭغا ئوخشاش بىر ئادەتتىكى كىشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى.
ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن ئىجرا قىلغان « قانۇن ( شەرىئەت )نىڭ ئۈستۈنلىكى » پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلغانىدى. « مەن كىمنى ناھەق ئۇرغان بولسام، مانا ئالدىڭلاردا تۇرۇپتىمەن، كېلىپ ئۇرىۋالسۇن! » دەپ ھەققىنى تەلەپ قىلغان ئۇققاشە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: « قېنى، ھەققىڭنى ئېلىۋالغىن! » دېگۈدەك دەرىجىدە قانۇنغا رىئايەت قىلاتتى.
بۇخارى نەقىل قىلغان بىر رىۋايەتتە « ئەگەر ئوغۇرلۇق قىلغۇچى مۇھەممەدنىڭ قىزى پاتىمە بولغان تەقدىردىمۇ، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مۇھەممەد ئۇنىڭ قولىنى كەسكەن بولاتتى » دېگەنىدى ( ئىبن ھاجەر، فەتھۇل بارى، ق. ھۇدۇد، 12 – باب، ھەدىس نۇمۇرى: 6788، .(xıı / 89 راشىد ۋە مۇرشىد خەلىپىلەرمۇ بۇ قانۇننىڭ ئۈستۈنلىكى پرىنسىپىغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلگەن، بۇ نوقتىدا ھەرگىزمۇ يول قويمىغان، ئايرىمچىلىق قىلمىغانىدى.
بۇ ئۆرنەكلەرنىڭ ئوخشىشى تارىختا، ئىسلامدىن باشقا بىر تۈزۈمدە كۆرۈلۈپ باقمىدى ۋە بۇنىڭدىن ئېتىبارەنمۇ بولۇپ باقمايدىغان ئۆرنەكلەر ئىدى. ئىسمى ۋەياكى جىسمى نېمە بولىشىدىن قەتئىينەزەر بارچە ئىنسانىي سىستېمىلاردا ( مەيلى كۆپ سانلىقنىڭ ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بولسۇن ياكى باشقا بولسۇن ) قانۇن ئىمتىياز بەرگەن بىر سىنىپ مۇھەققەق مەۋجۇت بولۇپ كەلدى. كۈنىمىزدە كۆپ سانلىقنىڭ ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى داۋا قىلغان مەجلىسلەرنىڭ ۋە مەجلىسلەر تايانغان « كۈچ مەركەزلىرى» نىڭ ئەھۋالى بۇنىڭ ئەڭ روشەن ئۆرنىكىدۇر. دېموكراتىيدىكى « قانۇننىڭ ئۈستۈنلىكى » ئالدامچىلىقىنى ئەنگىلىيەدە ئومۇملاشقان شۇ ساتىرىك سۆزلەر ناھايىتى جانلىق ئىپادىلەپ بېرىدۇ:
« ھەممە كىشى باراۋەردۇر، خانىش تېخىمۇ شۇنداق ».
قايسى سستېمىنىڭ تارىخىدا، قانۇننىڭ ئۈستۈنلىكى نوقتىسىدا تارىخىمىزدىكى يۈزى يورۇق بەتلىرىگە ئوخشىغان بىرەر بەت بارمىدۇ؟