سىياسىي رەھبەرلىكنىڭ دىنى رەھبەرلىككە يېتەكچىلىك قىلىشى
دىندىن ئۇزاقلاشتۇرۇلغان سىياسىي رەھبەرلىك، ئاقىۋەتتە تەبىئىيتىنىڭ تەقەززاسى بىلەن سەلتەنەتكە ئايلىنىپ كېتەتتى، دەرۋەقە شۇنداق بولدى. دەسلەپكى مەزگىلدىكىلەر دىنىي رەھبەرلىكنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر ئىدى. ئەمما، كېيىنكى مەزگىللەردە ئۆز ئورنىنى مۇستەھكەملىۋالغانلىقتىن دىنىي يېتەكچىلىككە قارىتا ھەر خىل ئۇسلۇبتا جەڭ ئېلان قىلدى. ئۇنى بېسىقتۇرۋېتىش ئۈچۈن ھەر خىل چارىلەرنى تېپىپ چىقتى. يىغىنچاقلىغاندا بۇلار مۇنداق ئۈچ تۈرلۈك ئىدى:
- ھاكىمىيەت ئۆزى ياخشى پايدىلىنالمىغان ياكى جېنى قالمىغان ئورگانلىرىنىڭ بىر قىسمىنى بۇ رەھبەرلىككە بېرىش ئىدى. ئۇلار دىننى مانا بۇ تەدبىر بىلەن ھاكىمىيىتى ئاستىغا ئالالايتتى. بۇ تەدبىر بىلەن ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەيتتى ۋە بىر تاش بىلەن بىر قانچە قۇشنى سوقاتتى. بۇ سەۋەپتىن دىنغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئۆلىمالارنى كېلىشىش ئۈچۈن تەكلىپ قىلىشتى.
- سېتىۋېلىش ئۇسلۇبى ئىدى. دىنغا ۋەكىللىك قىلغۇچىلارنى مەنسەپ ۋە ئۇنۋان بېرىش ۋەدىسى بىلەن سېتىۋالماقچى بولدى. ئۆلىمالارنى دۇنيالىق نەرسىلەر بىلەن كۆزىنى قارىغۇ قىلشقا تىرىشتى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر خىل شەرئىي دەلىللەرنىمۇ تاپتى.بەزىلەر قوبۇل قىلدى، بەزىلەر رەت قىلدى.
« دىنىنى ئازغىنە پۇلغا ساتمىغانلار » خارلاندى، ئۆلتۈرۈلدى. بەزىلەر قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلاندى. بۇلارنىڭ ئىچىدە خەيىرلىك خىزمەت قىلغانلارمۇ بولغاندەك، ئىلمىنى سېتىپ، جېنىنى باققانلارمۇ چىقتى.
- دېكتاتۇر كۈچىنى ئىشلىتىش ئىدى. ئۇلار بويۇن ئەگمىگەن ئۆلىمالارغا زۇلۇم قىلدى، ئۇلارنى قېيىن – قىستاققا ئالدى. ھەر خىل بېسىملار ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئاغزىنى توۋاقلاشقا، ياكى كۆزدىن يوقۇتۇشقا تىرىشتى. بۇ ئۇسلۇب بىلەن غەلىبە قىلدى. بەزى دىنى يېتەكچىلەرنىڭ بېشى ئېزىلگەنلىكتىن، سەھنىدە سەلتەنەتكە تايانغان سىياسىي يېتەكچىلىكتىن باشقا نەرسە قالمىغانىدى.
ئايرىلىپ چىققان سىياسىي رەھبەرلىك ۋە سىموۋۇللاشقان « خەلىپىلىك »
بۇ سىياسىي رەھبەرلىكمۇ مۇشۇنداق شەكىلدە داۋاملاشمىدى. ئابباسىلار كۈچىنى يوقۇتۇپ قويىشى بىلەن تەڭ، ئۇنىڭ دىنىي رەھبەرلىككە قىلغان – ئەتكەنلىرىنى، ئەمدى سۇلتانلار ۋە ئەمىرلىرىمۇ ئۇنىڭغا قىلىشقا باشلاپ، سىياسىي رەھبەرلىك كۈچىنىمۇ قولىدىن تارتىۋالدى. « خەلىپىلىك » دەپ ئاتىۋالغان قۇرۇلمىنىڭ قاناتلىرىدىكى ئەڭ ئاخىرقى پەيلىرىنىمۇ يولۇپ، ئۇنى غەلىتە بىر قۇشقا ئايلاندۇرۇپ قويۇشتى. شۇنداق قىلىپ « خەلىپىلىك » مۇئەسسەسەسىنىڭ خۇتبىلەردە ئىسمىنى تىلغا ئېلىپ قويۇش، تون كېيىش ۋە پۇللارنىڭ يۈزىگە ئىسىمىنى يېزىپ قويۇشتىن باشقا بىر قىممىتى قالمىغانىدى. سەلتەنەت بىلەن ئىلمانىلارنىڭ نەچچە ئەسىرلىك ھەمكارلىقى، نەبەۋى ھاكىمىيەتنى ئاقىۋەتتە شەرىقى رىم تۈزۈمىگە ئايلاندۇرۇپ قويغان ئىدى. ئەمدى دىن دۇنياغا ئەمەس، دۇنيا دىنغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتاتتى.
سەلتەنەت ھاكىم، دىن مەھكۇم بولغان ئىدى. بۇ دەۋەردە نەبەۋى ھاكىمىيەتنىڭ داۋامى بولغان « خەلىپىلىك » ئىسمى، ھەر خىل شەرمەندىچىلىك پاتقىقىغا پاتۇرۇلۇپ بۇلغاندى. ھەرخىل زۇلۇم، كەيپ – ساپا، ئەخلاقسىزلىقلار بۇ ئىسىمنىڭ ئاستىدا ئىجرا قىلىنىدىغان بولدى. ھۆكۈمرانلىق ھەقلىرى سۇلتانلار تەرىپىدىن تارتىۋېلىنغان خەلىپىلەر ئىشنى كەيپ – ساپاغا ئايلاندۇرۇۋەتكەن بولۇپ، خەلىپىنىڭ سارايلىرىدا مىڭ بىر كېچىلەر ئۆتكۈزۈلىۋاتاتتى.
قانات – قۇيرۇقى يۇلىۋېتىلگەن خەلىپىلىك مۇئەسسەسەسى 9 – ئەسىردىن كېيىن تەسىرى كۈچىنى يوقۇتۇپ، پۈتۈنلەي سىموۋۇلغا ئايلىنىپ قالدى. مەۋجۇدلىقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بىر يۆلەنچۈككە مۇھتاج ھالغا چۈشۈپ قالغان بولۇپ، بۇ مەنسەپ كۈنىمىزدىكى ئىنگىلىز ئايال پادىشاھىدىنمۇ بەتتەر ئىقتىدارسىز خەلىپىلەرنىڭ قوللىرىغا تاشلاپ قويۇلغان ئىدى. خەلىپە كىم بەكرەك زوراۋان، كىم بەكرەك زالىم بولسا، كىمنىڭ كۈچى چوڭ بولسا شۇ تەرەپكە ئۆتۈپ، ئۇنىڭ سەلتەنەتى ئۈچۈن پەشتاق بولاتتى. مۇنداق بىر خەلىپىلىكنىڭ مەۋجۇت بولىشى، يوق بولىشىدىن تېخىمۇ زىيانلىق بىر ھالەتكە كەلگەن؛ مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلامنىڭ « نەبەۋى خەلىپىلىك » مۇئەسسەسىگە بولغان ئىشەنچىگە دەز كەتكەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن يېڭى ۋەزىيەتكە ئۇيغۇن سىياسىي نەزەرىيلەر ئوتتۇرىغا قويۇلىۋاتقان بولۇپ، بىر تۈركۈم ئىلىم مۇخالىپلىرىمۇ خەلىپىلىكنى ئەسلىدىكى نەبەۋى ھالىتىگە قايتۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىشنىڭ ئورنىغا، مەۋجۇت چۈشەنچىلەرگە ماس قالپاق تېپىشنىڭ ھەلەكچىلىكىگە كىرىشكەنىدى.
ئۆلىمالارنىڭ بىر قىسمى مەۋجۇت ۋەزىيەتكە يېشىل چىراق يېقىپ بەرمىگەن تەقدىردىمۇ، بۇ ۋەزىيەتكە ۋاقىئە ھالىتىدە قارايتتى، نوپۇزىنى سۈيئىستىمال قىلىپ مەۋجۇت ھاكىمىيەتتىن ئىسلام نامىدا بىر نەرسىلەر يۇلۇپ ئېلىش تەمەسىدە بولاتتى. ھۆكۈمرانلارنىڭ غەيرى ئىسلامى، ئەخلاقسىز، ھەتتا ئىنسانىي بولمىغان مۇئامىلىلىرىگە، ئىسلام نامىدىن كېلىدىغان مەنپەئەت ئۈچۈن، كۆزلىرىنى يۇماتتى. شۇنداقتىمۇ، ھەر ۋاقىتتىكىگە ئوخشاش رەسۇلۇللاھنىڭ ۋارىسلىرىمۇ جېنىنى ئالقىنىغا ئېلىپ بۇلارغا قارشى كۆرەش قىلاتتى ۋە بەدىلىنى قېيىن – قستاققا ئېلىنىش، زىندان ۋە ئۆلۈم بىلەن ئۆتەيتتى.