رەھمان سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

بۇ سۈرە قۇرئاندا ئاللاھ نىڭ ئىسمى بىلەن باشلىغان يىگانە سۈرە بولۇپ، بىرىنچى ئايەتتە تىلغان ئېلىنغان ئاللاھ نىڭ « مەرھەمەتنىڭ چەكسىز مەنبەسى » ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان « رەھمان » ئىسمى بىلەن ئاتالغان.

سۈرە رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋرىدىمۇ « رەھمان » ئىسمى بىلەن ئاتالغان.

رەھمان سۈرىسى، ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ فۇرقان سۈرىسى 60 – ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان « رەھمان دېگەن نېمە؟ » سۇئالغان جاۋاپ بولۇپ نازىل بولغان بولسا كېرەك. سۈرىنىڭ ئۇسلۇبى ۋە مەزمۇنى باشتىن ئاخىرى ۋاستىلىق ھالدا مۇشۇنداق بىر جاۋاپ خاراكتېرىگە ئىگە. بۇنىڭدىن باشقا ئىككى سۈرە ئارىسىدىكى يەنە بىر مۇناسىۋەت، بۇ سۈرىنىڭ 19 – 20 – ئايەتلىرى بىلەن فۇرقان سۈرىسىنىڭ 53 – ئايىتى ئارىسىدىكى مەزمۇن ئوخشاشلىقى. ھەزرىتى ئەسمادىن كەلگەن ۋە ھىجر سۈرىسىنىڭ 94 – ئايىتى ئىما قىلىنغان ئەھمەت ب. ھەنبەل رىۋايىتىگە ئاساسلانغاندا، بۇ سۈرە ھىجر سۈرىسىدىن بۇرۇن نازىل بولغان.

ئىبن ئابباسنىڭ قۇرئان نازىل بولۇش تەرتىۋىدە شەرھ – ئەسىر سۈرىسى ئارىسىغا، يەنى 13 – ئورۇنغا تىزىلغان. ھەزرىتى ئوسمان تەرتىۋىدە رەئىد – ئىنسان سۈرىسى ئارىسىغا، يەنى 97 – ئورۇنغا تىزىلغان. بىرىنچىسى بەك بالدۇر، ئىككىنجىسىدە بەك كەچ بولۇپ قالغان. جابىر تەرتىۋىدە فۇرقان سۈرىسىدىن كېيىن كېلىدۇ، ئەڭ توغرىسى بۇ.

ئىبن ھىشامنىڭ نەقىل قىلىشىچە، ئىبن مەسئۇد سۈرىنى كەبىدە ئوچۇق – ئاشكارە ئوقۇغان ۋە مۇشرىكلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بولۇپ، ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: « ئاللاھ دۈشمەنلىرىنى بۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇنچە ئاجىز، بىچارە ھالەتتە كۆرمىگەنىدىم » ( ئەس – سىرەتۇن نەبەۋىييە ).

نەجم سۈرىسى شېرىكنى ئەيىپلەش دەۋرىنى ئاچقانىدى. رەھمان سۈرىسى ئوقۇلغاندا مۇشرىكلارنىڭ غالجىرلىق بىلەن ھۇجۇم قىلىشىنى، بۇ باسقۇچتا تېخىمۇ گۈللەنگەن قۇرئان دەۋىتكە قارىتا مۇشرىكلارنىڭ ھەيۋە قىلىشى دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ.

بۇ مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، مەزكۇر سۈرە رىسالەتنىڭ 5 – ياكى 6 – يىلىدا نازىل بولغان بولسا كېرەك.

بالاغەت جەھەتتىن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بۇ سۈرە، شاۋقۇنسىز ئاققان دەرياغا ئوخشاش ئۆزگىچە بىر ئۇسلۇب بىلەن كىشىنىڭ روھى دۇنياسىغا خىتاپ قىلىدۇ. سۈرە ئاللاھ نىڭ ئىنسانغا بولغان رەھمىتى، مېھرى – شەپقىتىنى بايان قىلىدۇ. بۇ رەھمەتنى بايان قىلغاندا، بىرىنچى ئورۇنغا ۋەھىي نېمىتىنى قويغان. بۇ ئارقىلىق « ھىدايەتنىڭ، ئاللاھ نىڭ ئىنسانغا بەرگەن نېمەتلىرى ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى » تەكىتلىمەكتە.

سۈرە قۇرئاندا ئەسمائى – ھۇسنادىن بىرسى بىلەن باشلىغان تەك سۈرە بولۇپ، بۇ ئىسىم، ئىلاھىي كىملىك سۈپىتىدە ئىشلىتىدىغان « بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم » كەلىمىسىدە تىلغا ئېلىنغان ئىككى ئىسىمدىن بىرسى بولغان « ئەر رەھمان»دۇر.  بىر مەنىدە مۇشرىكلارنىڭ « رەھمان دېگەن نېمە؟ » دېگەن سۇئالىغا جاۋاپتۇر. بۇ جاۋاپنى ياخشى چۈشۈنۈش ئۈچۈن، مۇشرىكلارنىڭ ئۆز ۋاقتىدىكى روھى ھالىتىنى ۋە ۋەھىيگە تۇتقان مۇئامىلىسىنى بىلىشىمىز زۆرۈر. مۇشرىكلار باشتىن تارتىپ « رەھمان » ئىسمىغا سوغۇق نەزەردە قارىغان بولۇپ، بۇ كەلىمىنى ئىشلىتىشتىن ئۆزىنى تارتقان، ھەتتا بۇ ئىسىمدىن نەپرەتلەنگەن. بۇ پوزىتسىيىسىنى ئاخىرقى نەپىسىگە داۋاملاشتۇرغان.

ھىجرەتنىڭ 6 – يىلىدىكى ھۇدەيبىيە سۈلھىسىدە بۇ مۇئامىلىنى ئېنىق كۆرەلەيمىز. مەككە ھەيئىتىنىڭ رەئىسى سۇھەيل ب. ئامىر، رەسۇلۇللاھنىڭ سۈلھى كاتىبى بولغان ھەزرىتى ئەلىگە يازدۇرغان « بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم » كەلىمىسىگە قارشى چىققان ۋە:

« رەھمان دېگەن نېمە؟ بىسمىكەللاھۇممە » دەپ ياز!، دېگەن.

رەھمان سۈرىسىنىڭ تۇنجى ئايەتلىرى، جاھلىيەت ئىنسانلىرىنىڭ « رەھمان »نى ئىنكار قىلىشىغا بېرىلگەن بىر جاۋاپ خاراكتېرىغا ئىگە. ئۇلارغا قوياش بىلەن ئاينىڭ، يەر بىلەن ئاسماننىڭ، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ، دەريا بىلەن دېڭىزلارنىڭ ۋە تاغلارنىڭ ئىنساننىڭ ئەمرىگە بېرىلگەنلىكى بايان قىلىنغان.

ئەگەر ئىنسان ئۆزىنى ئوراپ تۇرغان تەبىئەت دۇنياسىغا رەھمەت نەزىرى بىلەن قارىسا، رەھماننىڭ رەھمىتىنى كۆرىدۇ. تۆۋەندە رەھماننىڭ رەھمىتىنىڭ تەجەللىرىنى، رەھماننىڭ كالامىدىن بىرلىكتە ئوقۇيلى:

« رەھمان. قۇرئاننى ئۆگەتتى، ئىنساننى ئۇ ياراتتى. ئۇنىڭغا مەقسىتىنى ئۇقتۇرۇشنى ئۆگەتتى. كۈن بىلەن ئاينى ( ئۆز بۇرجلىرىدا ) مۇئەييەن ھېساب بويىچە سەير قىلدۇرغان ئۇدۇر. ئوت – چۆپلەر، دەل – دەرەخلەر ئۇنىڭغا سەجدە قىلىدۇ ( يەنى رەھماننىڭ ئەمرىگە بويسۇنىدۇ ) » ( 1 – 6 ).

ئەر – رەھمان، « رەھمەت قىلغۇچى، مۇتلەق رەھمەتنىڭ مەنبەسى » مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ كەلىمە « رەھم » سۆز تومۇرىدىن تۈرلىنىپ چىققان بولۇپ، خۇددى « ئاللاھ » ئىسمىغا ئوخشاش خاس سۈپەتتۇر. ئەسمائى ھۇسنا ئىچىدە بۇ سۈپەت پەقەت ئاللاھ ئۈچۈنلا ئىشلىتىلىدۇ. خۇددى « ئاللاھ » ئىسمى بىرلىك ۋە كۆپلۈك شەكلىدە ئىشلىتىلمىگەندەك، خاس سۈپەت بولغان « رەھمان » كەلىمىسىمۇ بىرلىك ۋە كۆپلۈك شەكىلدە ئىشلىتىلمەيدۇ. « رەھىم » سۈپىتى خاس سۈپەت بولمىغانلىقى ئۈچۈن، قۇرئاندا رەسۇلۇللاھ ۋە مۇئمىنلەر ئۈچۈنمۇ ئىشلىتىلگەن. « ئاللاھ پالانچىغا رەھمەت قىلسۇن » دېگەنلىك، « ئاللاھ پالانچىغا رەھمان ۋە رەھىم ئىسىملىرى بىلەن تەجەللى قىلسۇن » دېگەنلىك بولىدۇ. رەھمان ئىسمىنىڭ سۈپەتلەر ئىچىدە خاس سۈپەت بولىشى سەۋەبىدىن،  باشقا سۈپەتلەر ئىچىدە ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ. بۇ ئايەت رەھمان سۈپىتىنىڭ سۈپەتلەر ئىچىدە ئۆزگىچە ئورنىنىڭ بارلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى:

« ئاللاھ دەپ ئاتىساڭلارمۇ بولىدۇ، رەھمان دەپ ئاتىساڭلارمۇ بولىدۇ، قايسىنى ئاتىساڭلار ( ھەممىسى ياخشىدۇر ). شۇنى ئۇنتۇماڭلاركى، ئەڭ ياخشى سۈپەتلەر ۋە بارلىق مۇكەممەللىكلەر ئۇنىڭغا خاستۇر » ( 17:110 ).

رەھمان سۈرىسى مەككىدە نازىل بولغان بولۇپ، ئىلاھىي رەھمەتنىڭ تەجەللىلىرىنى بايان قىلغان. مەزكۇر سۈرىدە « رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ » ئايىتى 31 قېتىم تەكرارلانغان بولۇپ، ھەر قېتىم تەكرارلانغاندا، ئالدىدىكى ئايەتنى تەكىتلەش رولىنى ئوينايدۇ.  چۈنكى، بۇ ئايەتتە تەكرارلانغان « نېمەت »، مەزكۇر ئايەتتىن ئىلگىرىكى ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان بىر – بىرىدىن پەرقلىق نېمەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. مەزكۇر ئايەتتىكى « كۇما » ئالمىشى ئىنسان ۋە جىنلارنى كۆرسىتىدۇ دەپ قارالغان. بەلكىم، بۇ ئالماش ئارقىلىق ئىنساننىڭ كۆرۈندىغان ۋە كۆرۈنمەيدىغان تەرىپى ياكى دۇنيا بىلەن ئاخىرىتى نەزەردە تۇتۇلغان بولىشى مۇمكىن.

رەھمان ئىسمى بىلەن باشلانغان بۇ سۈرىدە 31 قېتىم « رەببىڭنىڭ نېمىتى » ئىبارىسىنىڭ ئىشلىتىلىشى، رەبنىڭ رۇبۇبىييىتىنى رەھمانىييىتىدىن ئايرىپ چۈشۈنۈشكە بولمايدىغانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى.

سۈرىدە رەھمان ئىسمىدىن كېيىن كەلگەن « قۇرئاننى ئۇ ئۆگەتتى » ئايىتى، ۋەھىينىڭ رەھماننىڭ ئىنسانىيەتكە بەخش ئەتكەن ئەڭ چوڭ رەھمىتى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئايەتتە ئىككى نەرسە تىلغا ئېلىنغان: قۇرئان ۋە ئۆگىنىش. قۇرئان ئۆز ئالدىغا بىر رەھمەت، ئۆگىنىش قابىلىيىتىمۇ ئۆز ئالدىغا بىر رەھمەتتۇر. رەھماننىڭ ئۆگىتىشى ئۆزگىچە بىر رەھمەتتۇر. بۇ رەھمەتلەر ئىنساننىڭ يارىتىلىشىدىنمۇ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇنداق، ئىنساننىڭ يارىتىلىشى چوڭ بىر رەھمەتتۇر. لېكىن، ۋەھىي ۋە ئۆگىنىش قابىلىيىتى بولمىغان بولسا، ئىنسان « بەشەر »لىكتىن « ئىنسان »لىق دەرىجىسىگە يۈكسىلەلمىگەن بولاتتى.

سۈرىدە ئىنساننىڭ روھى دۇنياسىغا خىتاپ قىلىدىغان جەننەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ناھايىتى يارقىن تەسۋىرلەر بېرىلگەن بولۇپ، ئىمان كۆزى بىلەن قارىغان بىر مۇئمىن ئۆزىنى خۇددى جەننەتتە كۆرگەندەك بولىدۇ.

سۈرە باشتىن ئاياغ مەۋجۇدىيەتنىڭ قوشماق قانۇنىيىتىنى خىتاپ قىلىنغۇچىنىڭ ئېڭىغا سىڭدۈرىدۇ. ئاللاھ نىڭ ھاياتقا ھەر ۋاقىت مۇداخىلە قىلىپ تۇرىدىغانلىقى ھەقىقىتىنىڭ ئەڭ جانلىق ئىپادىسى بۇ سۈرىدە بايان قىلىنغان:

« ئۇ ( رەھمان ) ھەر ۋاقىت ھاياتقا ۋە مەۋجۇدىيەتكە مۇناسىۋەتلىك ھەر ئىشقا مۇداخىلە قىلىپ تۇرىدۇ » ( 29 ).

رەھمان ئىسمى بىلەن باشلىغان سۈرە، ئەسمائى ھۇسنا ئىچىدە ئۆزگىچە ئورنى بولغان « زۇلجەلالى ۋەلئىكرام ( ئەزىمەتلىك ۋە كەرەملىك )» ئىسمى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.