قۇرئان سۈرىلىرىنىڭ كىملىكى

فۇرقان سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

سۈرە، « ياخشىنى ياماندىن ئايرىغان »، « ياخشى بىلەن ياماننى ئايرىپ بەرگەن » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « فۇرقان » كەلىمىسى بىلەن ئاتالغان. فۇرقان قۇرئاندا بارلىق ۋەھىيلەرنىڭ ھەم ساغلام ئەقىلنىڭ سۈپىتى قىلىپ ئىشلىتىلگەن. چۈنكى، ئىشەنچلىك نەقىلمۇ، ساغلام ئەقىلمۇ ئىگىسىگە ياخشىنى ياماندىن، چىرايلىقنى سەتتىن، ھەقنى باتىلدىن، توغرىنى ئەگرىدىن ئايرىشقا ياردەم قىلىدۇ. بۇ سۈرە ساھابىلەردىن تارتىپ « فۇرقان » ئىسىمى بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن.

سۈرە مەككىدە نازىل بولغان. سۈرىنىڭ ئۇسلۇبى ۋە تېمىسى بۇنىڭغا دەلىل بولالايدۇ. ئىبن ئابباستىن رىۋايەت قىلىنغان 68 – 70 – ئايەتلەرنىڭ مەدىنىدە نازىل بولغانلىقى ھەققىدىكى قاراشنى، يەنە ئىبن ئابباستىن نەقىل قىلىنغان، قاسم ب. ئەبى بەرزە رىۋايىتى رەت قىلماقتا ( بۇخارى ). چۈنكى، بۇ قاراشنى ئەنئام سۈرىسىدە تىلغا ئالدىغان ئۆلچەملەرمۇ رەت قىلماقتا.

مەزكۇر سۈرە دەسلەپكى مەزگىلدە تىزىلغان قۇرئان نازىل بولۇش تەرتىۋلىرىدە ياسىن – فاتىر سۈرىسى ئارىسىغا تىزىلغان. سۈرىنىڭ ئىسمى ھەم ئىمان ۋە كۇپۇر ئارىسىدىكى جەڭنى چۆرىدىگەن مەزمۇنى نەزەردە تۇتۇلغاندا، بۇ سۈرىنىڭ پەيغەمبەرلىكنىڭ 5 – ياكى 6 – يىلىدا نازىل بولغانلىقىنى تەخمىن قىلغىلى بولىدۇ. بۇ مەزگىلدە، ئىنكار قىلغۇچىلار سېپىدە دۈشمەنلىك پوزىتسىيىسى تېخىمۇ گەۋدىلىنىشكە باشلىغان بولۇپ، ئۇلار ۋەھىينىڭ نازىل بولۇش ئۇسلۇبىغا ئىتىراز  قىلىشقانىدى ( 31 – 32 ).

سۈرىنىڭ ئانا تېمىسى ئىلاھىي تىرىلدۈرۈش لاھىيەسى بولغان ۋەھىي بولۇپ، سۈرىدە ۋەھىينىڭ ماھىيىتى، نازىل بولۇش سەۋەبى، ھېكمىتى، مەقسىتى ۋە ئەھمىيىتى قاتتىق تەكىتلەنگەن. بۇ نوقتىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا، سۈرە مەزمۇن جەھەتتىن بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە.

فۇرقان سۈرىسى « ياخشىنى ياماندىن، ھەقنى باتىلدىن، توغرىنى خاتادىن » ئايرىغۇچى ۋەھىينى تىلغا ئېلىش بىلەن باشلانغان. فۇرقان پەقەت ۋەھىينىڭ سۈپىتى بولۇپلا  قالماستىن، ۋەھىي بىلەن شەكىللەنگەن ئەقىلنىڭمۇ سۈپىتىدۇر. چۈنكى، ۋەھىي ئەقىلنى بۇ سۈپەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن نازىل بولغان.

تەۋھىد تېمىسى ھەر سۈرىدە تىلغا ئېلىنغان ئانا تېما. بۇ تېما بەزىدە جۇش ئۇرۇپ ئاققان دەريادەك بىر قاراشتا ئېنىق مەلۇم بولىدۇ. بەزىدە يەر ئاستىدا ئاققان كارىز سۈيىدەك ساداسىز، كۆرۈنمەس ھالدا تىلغا ئېلىنىدۇ. بۇ سۈرىنىڭ بىرىنچى ئابزىسىدا تەۋھىد ۋە ئاخىرەتكە ئىمان چاقىرىقى ئېنىق ھالدا بايان قىلىنغان ( 2 – 19 ). ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلار بىر كۈنى بۇ ھەقىقەت بىلەن يۈزلىشىدۇ. ئۇ كۈندە ئۇلارغا دېيىلىدىغان سۆزلەر بۇ سۈرىدە بايان قىلىنغان بولۇپ، تۆۋەندىكى ئايەتلەر ئوقۇغانلارنىڭ يۈرىكىنى تىترىتىدۇ:

« ( ئۇلارغا ) بۈگۈن سىلەر بىر ئۆلۈمنى ئەمەس، تالاي ئۆلۈملەرنى تىلەڭلار ( دېيىلىدۇ ) » ( 14 ).

يەنە، ئىنسان پەيغەمبەرگە قارىتىلغان ئىتىراز ۋە ۋەھىينىڭ بۇ خىل ئىتىرازلارغا باشقا سۈرىدىكىلەرگە ئوخشاش بەرگەن، ئەمما ئۆزگىچە بولغان جاۋابى بۇ سۈرىدە يەر ئالغان:

« بىز سەندىن ئىلگىرى ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسىلا ئەلۋەتتە تاماق يەيتتى، بازارلاردا مېڭىپ يۈرەتتى » ( 20 ).

مەككىلىك مۇشرىكلەرنىڭ كۆزى، پىل چىشىدىن ياسالغان تەختتە ئولتۇرغان، ئىنسانلارغا « مەن سىلەردىن پەرقلىق بىرى » دەپ مەغرۇرلانغان، مۇئامىلىسى، ھالى ۋە تەرزى بىلەن « مېنى ئۆزەڭلارغا ئوخشاش دەپ ئويلاپ قالماڭلار » دېگەندەك مۇئامىلىدە بولىدىغان بىرسىنى ئىزدەۋاتقانىدى.  لېكىن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدا ئۇلار ئىزدەۋاتقان بۇ ئۆزگىچىلىك يوق ئىدى. ئۇ ئالدىدا قورقۇپ تىترەپ تۇرغان كىشىگە، « نېمىگە بۇنچە تىترەيسەن؟ مەنمۇ ساڭا ئوخشاش قۇرتىلغان گۆش يېگەن بىر ئايالنىڭ ئوغلى » دېگەن « بەندە » ۋە « ئىنسان » ئىدى. ئۇنداقتا « بىزگە بىر ئىنساننىڭ ئورنىغا بىر پەرىشتە ئەۋەتىلگەن بولسىچۇ » دېگۈچىلەرنىڭ مەقسىتى نېمە؟ ( 21 ). ئۇلارنىڭ مەقسىتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى جانابى ئاللاھ بۇ ئايەتنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق بايان قىلغان: « شۈبھىسىزكى، ئۇلار ئىچكى دۇنياسىدا ئۆزلىرىنى چوڭ تۇتتى ۋە تولىمۇ ھەددىدىن ئاشتى » ( 21 ).

ئى ئاللاھ! ساڭا قۇربان بولماي كىمگە قۇربان بولىمىز؟

ئاللاھ رەسۇلىنىڭ « بەندە »لىكى ۋە « ئادىمىي » لىكىگە تايانغان ئەخلاقىنى تاشلاپ، ئۆزىگە پىرئەۋنلەرنىڭ ۋە نەمرۇتلارنىڭ تەرزىنى ياقتۇرغانلار بىر كۈنى « ئىسىت! پەيغەمبەر بىلەن ( نىجاتلىق ) يولىنى تۇتسامچۇ. ئىسىت! پالانىنى دوست تۇتمىغان بولسامچۇ؟ قۇرئان ماڭا يەتكەندىن كېيىن، ئۇ ( يەنى پالانچى ) مېنى قۇرئاندى، شەك – شۈبھىسىزكى، ئازدۇردى » دەيدۇ ( 27 – 28 ). ئايەتنىڭ ئاخىرىدا پۇشايمان قىلماسلىقنىڭ بىردىنبىر يولى، ۋەھىيگە چىڭ يېپىشىش ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. ھەممىمىزنىڭ يىلىكلىرىمىزنى قوشۇپ تىترىتىدىغان ئۇ مۆجىزىۋىي ئايەت بۇ يەردە تىلغا ئېلىنىدۇ. ئىنساننىڭ ھەقىقەت ئىزدەش يولىدا ۋەھىينىڭ مۇنازىرە تەلەپ قىلمىغۇدەك ئورنى تەكىتلەنگەن بۇ ئايەت، ھېساپ كۈنىدە رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ شىكايىتىنى بايان قىلماقتا:

« يا رەببى! شۈبھىسىزكى، مېنىڭ قەۋمىم بۇ قۇرئاننى تاشلاندۇق قىلىپ قويدى » ( 30 ).

ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان « مەھجۇر » كەلىمىسى، مەترۇق مەنىسىنى بىلدۈرمەيدۇ. مەترۇق، « تەرك قىلىنغان »، « ئۆزىدىن يىراقلاشقان »، « قولدىن چىقىرىۋەتكەن » نەرسە ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. لېكىن، « مەھجۇر » كەلىمىسى، قولىدا بولسىمۇ « رولى قالمىغان »، « كېرەككە كەلمەيدىغان »، « قولىدا بولسىمۇ خۇددى يوقتەك مۇئامىلە قىلىنغان » مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. مانا بۇ قۇرئاننىڭ مەھجۇر قىلىنىشى بولۇپ، رەسۇلۇللاھ دەرگاھى ئىلاھىيدە بۇ ئەھۋال ئۈستىدىن شىكايەت قىلىدۇ.

رەسۇلۇللاھ، ئۈممىتى تەرىپىدىن ۋەھىي مەھجۇر قىلىنغان بىردىنبىر پەيغەمبەر ئەمەس. بۇ ئايەتنىڭ ئارقىسىدا ھەزرىتى مۇسا ۋە ھارۇن بىلەن پىرئەۋن ۋە قەۋمىگە ئەۋەتىلگەن، شۇنداقلا ھەزرىتى نۇھ بىلەن قەۋمىگە، ئاد ۋە سەمۇدقا، رەس ئاھالىسىگە ئەۋەتىلگەن ۋەھىيلەر تىلغا ئېلىنىپ بۇ رىئاللىق بايان قىلىنغان ( 35 – 39 ).

ۋەھىينى يەتكۈزگەن ئەلچى ئارقىلىق بۇ ۋەھىيگە قارشى چىققۇچىلارنىڭ « نەپسى خاھىشىنى ئىلاھلاشتۇرىۋالغانلىقىنى » ئېيتىپ ( 43 )، بۇلارنىڭ « ئەقلىنى ئىشلەتمەيدىغان كىشىلەر » ئىكەنلىكى، شۇڭا « چاھار پايلارغا ئوخشاپ قالغانلىقى » ( 44 ) تەكىتلەنگەن.

سۈرىدە رەھمان ياخشى كۆرىدىغان بەندىلىرىنىڭ ئۇنىڭغا قانداق دۇئا قىلىدىغانلىقىنى كۆرىمىز. پەقەت قانداق دۇئا قىلىدىغانلىقىنىلا ئەمەس، يەنە ئۇلارنىڭ سۈپەتلىرىدىنمۇ خەۋەردار بولىمىز:

« مەرھەمەتلىك ئاللاھ نىڭ ( ياخشى كۆرىدىغان ) بەندىلىرى زېمىندا ئۆزلىرىنى تۆۋەن تۇتۇپ تەمكىنلىك بىلەن ماڭىدۇ، نادانلار ئۇلارغا ( ياقتۇرمايدىغان ) سۆز قىلسا، ئۇلار: « سىلەرگە ئامانلىق تىلەيمىز » دەيدۇ ( يەنى گۇناھ بولمايدىغان سۆزلەرنى قىلىدۇ ). ئۇلار كېچىلەرنى پەرۋەردىگارىغا سەجدە قىلىش ۋە قىيامدا تۇرۇش بىلەن ئۆتكۈزىدۇ. ئۇلار: « رەببىمىز! بىزدىن جەھەننەم ئازابىنى دەپئى قىلغىن، جەھەننەمنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن ناھايىتى قاتتىق، شىددەتلىكتۇر. ئۇ ھەقىقەتەن يامان قارارگاھتۇر، يامان جايدۇر » دەيدۇ.  ئۇلار ئىنفاق قىلغاندا، ئىسراپچىلىقمۇ قىلمايدۇ، بېخىللىقمۇ قىلمايدۇ، ئوتتۇراھال بولىدۇ. ئۇلار ئاللاھ قا ئىككىنچى بىر مەبۇدنى شېرىك قىلمايدۇ، ئاللاھ ھارام قىلغان ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈش ئىشىنى قىلمايدۇ، زىنا قىلمايدۇ. كىمكى بۇ ( گۇناھلار )نى قىلىدىكەن، گۇناھقا چۈمگەن بولىدۇ، ئاخىرەتتە جازاغا لايىق بولىدۇ. قىيامەت كۈنى ئۇنىڭغا ھەسسىلەپ ئازاپ قىلىنىدۇ، ئۇ مەڭگۈ ئازاپ ئىچىدە خارلانغان ھالدا قالىدۇ. پەقەت ( ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ) ( بۇ دۇنيادىكى ۋاقتىدا ) تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارلا بۇ ھالدا قالمايدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى ياخشىلىققا ئالماشتۇرىدۇ، ئاللاھ تولىمۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ۋە مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر. كىمكى ( گۇناھلىرىغا ) تەۋبە قىلىدىكەن ۋە ئەمەلىنى تۈزەيدىكەن ( مەسئۇلىيەتچان بولسا )، ئۇ ئاللاھ قا يۈزلەنگەن بولىدۇ ( يەنى ئاللاھ ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭدىن رازى بولىدۇ ). ئۇلار يالغان گۇۋاھلىق بەرمەيدۇ، يامان سۆزلەرنى ئاڭلاپ قالغان چاغدا ئالىيجاناپلىق بىلەن ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئۇلارغا رەببىنىڭ ئايەتلىرى ئەسلىتىلگەن، ئۇنىڭ بىلەن ۋەز – نەسىھەت قىلىنغاندا، گاس، كورلاردەك ئاڭلاپ، چۈشەنمەستىن يۈرمەيدۇ. ئۇلار: « ئى رەببىمىز! بىزگە ئاياللىرىمىز ۋە ئەۋلادلىرىمىز ئارقىلىق شادلىق بېغىشلىشىڭنى ( يەنى بىزگە ساڭا ئىتائەتمەن ئايال ۋە پەرزەنت ئاتا قىلىشىڭنى ) تىلەيمىز، بىزنى تەقۋادارلارنىڭ پېشىۋاسى ( يەنى تەقۋادارلارنىڭ نەمۇنىسى، ياخشىلىققا دەۋەت قىلغۇچى ) قىلغىن » دەيدۇ. ئەنە شۇلار قېيىنچىلىقلارغا سەبىر قىلغانلىقى ئۈچۈن جەننەت بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ، ئۇلار جەننەتتە تىل بىلەن ئىپادىلەشكە ئاجىز كېلىدىغان شادلىق ۋە سالام بىلەن قارشى ئېلىنىدۇ. ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ، جەننەت نېمە دېگەن گۈزەل قارارگاھ! نېمە دېگەن گۈزەل جاي! » ( 63 – 76 ).

سۈرە ئىمان ئېيتقان ۋە ئىمان ئېيتمىغان كىشىلەرگە ئورتاق خىتاپ قىلغان ھالدا ئاخىرلىشىدۇ:

«  ئەگەر سىلەرنىڭ دۇئايىڭلار بولمىسا، رەببىم سىلەرگە پەرۋا قىلمايدۇ » ( 77 ).

بەندە ئۆزىدىن بىر نەرسىنىڭ سورىلىشىنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيدۇ. لېكىن، ئاللاھ ئۆزىدىن بىر نەرسە تەلەپ قىلىنىشىدىن خۇرسەن بولىدۇ.

« قۇرئان سۈرىلىرىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى » ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى